كىشىلىك ھاياتنى قانداق دەڭسەش كېرەك
كىشىلىك تۇرمۇشنى سان-سېفىر بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا دوستىڭىز ئاز-كۆپلىكى، باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارىشى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش سىزنىڭ جەمەتىڭىزنىڭ شۆھرىتى، مال-دۇنيارىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشى، سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ قانداق ماركىلىق بولۇشى ۋە ياكى سىزنىڭ نەدە ئوقۇشىڭىز ۋە خىزمەت قىلىشىڭىز بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ سىزنىڭ چىراي-تۇرقىڭىز بىلەن، كىيىم-كېچىكىڭىز بىلەن، ھەمدە سىزنىڭ قانداق ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇشلىرىڭىز بىلەن كارى يوق.
ئۇنداقتا، كىشىلىك تۇرمۇش زادى نېمە ئارقىلىق دەڭسىلىدۇ؟ كىشىلىك تۇرمۇش سىزنىڭ كىمنى سۆيىشىڭىز ۋە كىمگە ئازار بېرىشىڭىز بىلەن دەڭسىلىدۇ؛ سىزنىڭ باشقىلارغا ئېلىپ كەلگەن بەختىڭىز ۋە ئازابىڭىز بىلەن ئۆلچىلىنىدۇ؛ كىشىلىك تۇرمۇش سىزنىڭ ئەمەل قىلغان ۋەدىڭىز ۋە ئاسىيلىق قىلغان ئىشەنچىلىكىڭىز بىلەن دەڭسىلىدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشنى دەڭسەيدىغىنى دوستلۇق، دوستلۇق ئىنتايىن مۇقەددىس نەرسە بولۇپلا قالماي، ئۇنى يەنە قۇرال قىلىپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ؛ كىشىلىك تۇرمۇشنى دەڭسەيدىغىنى سىزنىڭ بارلىق دېگەنلىرىڭىز، بارلىق قىلغانلىرىڭىز، بارلىق ئويلىغانلىرىڭىز شۇنداقلا سىزنىڭ قىلماقچى بولغانلىرىڭىز، دېمەكچى بولغانلىرىڭىزدۇر. مەيلى ئۇلار پايدىلىق ئىش ۋە ياكى زىيانلىق بولسۇن!
كىشىلىك تۇرمۇشنى ئۆلچەيدىغىنى سىزنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىڭىز، مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشتىكى سەۋەبىڭىز، كىم ئۈچۈن ياكى نېمە سەۋەبلىك مۇشۇنداق قارار چىقارغانلىقىڭىزدۇر؛ كىشىلىك تۇرمۇشنى دەڭسەيدىغىنى سىزنىڭ كىمگە قىلغان قەستەن بىپەرۋاسزلىقىڭىزدۇر؛ كىشىلىك ھاياتنى دەڭسەيدىغىنى يەنە سىزنىڭ ھەسەتخورلۇقىڭىزنىمۇ، قورقۇنچاقلىقىڭىزنىمۇ، ئەخمەق-دۆتلۈكىڭىزنىمۇ ۋە باشقىلاردىن ئالغان ئۆچلىرىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىشىلىك ھاياتنى ئۆلچەيدىغىنى يەنە سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ئۆچ –ئاداۋەتتۇر ھەمدە سىزنىڭ بۇ ھېسسىياتلارنى قانداق پەرۋىش قىلىپ ئاسرىغانلىقىڭىزدۇر، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىنى سۇغۇرغانلىقىڭىزدۇر.
پەقەت سىزلا باشقىلارغا تەسىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى تاللىيالايسىز، بۇ قارارلار تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرى بىلەن دوستلاشسىڭىز قەلبىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ، بىر دوستقا ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، باشقىلارنىڭ دوستىغا ئايلىنىش بولسا سىزنىڭ شانۇ-شۆھرىتىڭىز ۋە خېرىدارلىقىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر!
يۇسران