تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› يېڭى بىر كەسىپ ــــ مىكرو بىلوگ ئويناش
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يېڭى بىر كەسىپ ــــ مىكرو بىلوگ ئويناش



     

    يېڭى بىر كەسىپ ــــ مىكرو بىلوگ ئويناش

     

    «مىكرو بىلوگ ئويناش»مۇ يېڭى بىر كەسىپ بولۇپ قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، مىكرو بىلوگدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئايلىق كىرىمى تۆت مىڭ يۈەنگە يەتتى. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىگەن ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، يېڭى دولقۇن مىكرو بىلوگىدىكى بىر قەدەر جانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خېنەن كارخانىلىرىدىنلا 2000دىن ئارتۇقى بار ئىكەن، تىڭشۈن مىكرو بىلوگىدا بولسا 1800دىن ئارتۇقى بار ئىكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزىبىر كارخانىلار مىكرو بىلوگ تالانت ئىگىلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىدى. «مىكرو تالانتلىقلار» بولسا ئاللىبۇرۇنلا يېڭى بىر خىل ئىختىساسلىقلار ئېھتىياج يۆنىلىشىگە ئايلىنىپ قالدى.

    «مىكرو بىلوگ ئوينامسىز؟ قانچىلىك ئەگەشكۈچىڭىز بار؟ مىكرو بىلوگنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى چۈشىنەمسىز؟» يېقىندا،خېنەندىكى بىر چوڭ كۆلەمدىكى يۈرۈشلۈك ساماۋەر شورپىخانىسى يېڭى بىر كەسىپ ئورنىغا ئادەم قۇبۇل قىلغان: «مىكرو بىلوگ تىجارەت خادىمى». «مىكرو بىلوگ ئاللىبۇرۇنلا كارخانىلارنىڭ يېڭى بىر خىل ۋاكالەت شەكلى بولۇپ قالغاچقا، مەخسۇس خادىملارنىڭ ھىمايە قىلىشىغا مۇھتاج» مەزكۇر كارخانىنىڭ كادىرى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ھەرخىل يوللار ئارقىلىق خادىم قۇبۇللاش ئېلىپ بېرىپتۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھانلارنى ئېلىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ خادىملاردىن دېگەندەك رازى ئەمەس ئىكەن. «بەزىلىرى گەرچە كومپىيوتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىكرو بىلوگقا يەنىلا پىششىق ئەمەس، ياكى  بولمىسا تىجارەتنى چۈشەنمەيدۇ، بۇنى قىلىدىغانلارنىڭ يەنە تېخى يېمەك-ئىچمەكتىنمۇ خەۋىرى بولۇشى كېرەك.»

    مۇخبىر بەزىبىر داڭلىق ئىختىساسلىقلار تور بېكەتلىرىدىن «مىكرو بىلوگ كەسپى» دەپ ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا، مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرىنى قۇبۇللاشقا قاتناشقان خېنەن كارخانىلىرىدىن ئېنتىرنېت تورى، مېدىيا، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت شىركەتلىرى، تەربىيىلەش ئورگانلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كەسىپلەرگە تۇتاشقان. مۇئاش تەمىناتى جەھەتتە ئادەتتىكى مىكرو بىلوگ خادىملىرىنىڭ ئايلىق مۇئاشى 1500-2000 يۈەن ئەتراپىدا، نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بولسا 4000 يۈەنگە يەتكەن.

    «مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرى ـــ مىكرو بىلوگنىڭ تارقىتىش قانۇنىيەتلىرىگە پىششىق، مىكرو بىلوگدا تىجارەت قىلىشقا ماھىر تالانت ئىگىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىچىلار مىكرو بىلوگ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ماركا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتىكى خېنەن يەرلىك مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايلىق مۇئاشى تۆت مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەندىمۇ، يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك مۇۋاپىق ئادەم تېپىلمايۋاتقاچقا، ئاز بولمىغان كارخانىچىلارنىڭ دەل مۇشۇنىڭغا بېشى بەك قېتىپ كېتىپتۇ.

    «مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرى» ھەركۈنى زادى نېمە خىزمەت قىلىدۇ؟

    خېنەن ئېلىكتىرونلۇق كارخانىسىنىڭ ئۇچۇر بۆلىمىدىكى ۋاڭ فاڭ، ھەركۈنلۈك خىزمىتى مىكرو بىلوگنى يېڭىلاش بىلەن باشلىنىدۇ. قانداق ۋاقىتتا قايسى رەسىمنى ئەۋەتىش، قانداق ۋاقىتتا يازما يېزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنتايىن ئويلىشىپ قىلىدۇ. چۈنكى تور ئابونتلىرىنىڭ تورغا چىقىشتىكى يۇقىرى پەللە ۋاقتى، تۆۋەن پەللە ۋاقىتلىرىدا بىلوگ ئېلان قىلىشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. «جانلىق ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆلگەن ئەگەشكۈچىلەرنى ئەمەس، كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئەگەشكۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. بەزى مەزمۇنلار ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى ھەتتا تىللاپ-ھاقارەتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ، ئەمما يەنىلا ئۇلار بىلەن سەمىمىيەتلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشۇم كېرەك.»

    جېنجۇ شەھىرىنىڭ يېزى-ئىگىلىك يولىدىكى بىر تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ ئاممىۋىي مۇناسىۋەت دېرىكتورى خۇاڭ نا مىكرو بىلوگ ئارقىلىق، مېھمانخانىنىڭ ئاممىۋىي مۇناسىۋەت كىرزىسىنى ھەل قىلغان. بۇ  يىل 6-ئايدا، بۇ مېھمانخانىغا چۈشكەن بىر مېھمان ئۆزىنىڭ بىلوگىدا مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىدا تۇزلۇق سەي يوق ئىكەن، دەپ پاش قىلغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇاڭ نا بۇ ئىشلارنى چۈشەنگەندىن كېيىن رەسىم شەكلى ئارقىلىق تۇزلۇق سەينىڭ ئورنىنى مىكرو بىلوگقا چىقارغان، مېھمان بۇنىڭدىن ئېنتايىن سەمىمىيەتلىك ھېس قىلغان. تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلىش، ئەگەشكۈچىلىرىنى نىشانلىق خېرىدار قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم پائالىيەت لايىھەلەش كېرەك. خۇاڭ نا نىڭ لايىھىسى ئاستىدا، مېھمانخانا يەنە «سىز كىتاب ئىئانە قىلىڭ، مەن سوۋغا بېرەي!» ناملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئەگەشكۈچىلىرىنى يىراق چەت رايونلاردىكى تاغلىق مەكتەپلەرگە كىتاپ ئىئانە قىلىشقا چاقىرغان، شۇنىڭلىق بىلەن كارخانىنىڭ شۆھرىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

    نۆۋەتتە، خۇاڭ نانى جېنجۇ شەھەرلىك بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، «ئاساسلىقى مېھمانخانىنىڭ تور ۋە مىكرو بىلوگدىكى تىجارىتىگە مەسئۇل بولىمەن، بۇلارمۇ بەلكىم مەندىكى «مىكرو بىلوگ قابىلىيىتى»نى كۆرۈپ يەتكەن بولسا كېرەك» خۇاڭ نا كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ھازىرقى ئايلىق مۇئاشى ئەسلىدىكى 4000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئاشقان.

    قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك بولغان «مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرى» بولغىلى بولىدۇ؟

    «ھەربىر مىكرو بىلوگ كەينىدە ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي، چىن بولغان ئىنسان بار» جاڭ تىڭ جيا شۇنداق دېدى. مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرىنى قۇنۇل قىلىشتا مۇنداق بىر ئاددى ئامال بار: ئۇنىڭ شەخسىي مىكرو بىلوگىنى كۆرۈش. ئۆزى يازغان ياكى تارقاتقان مەزمۇنلارنى، ئۆزى ئەگەشكەنلەرنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى كۆزىتىش، مانا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ كىشىنىڭ بۇ كارخانا ئېھتىياجلىق بولغان خادىم ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ.»

    «بىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىمىز، ئۆزى ئىشلىمەكچى بولغان كەسىپنى چۈشىنىدىغان، مەلۇم دەرىجىدە يېزىقچىلىق ئالاھىدىلىكى بولغان، پىسخولوگىيە، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ئىلىملىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىمگە ئىگە بولغان بىرىكمە خاراكتېرلىك ئىختىساس كىشىلىرىدۇر.» مەزكۇر شىركەتنىڭ خادىم بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ۋۇ خانىم شۇنداق دېدى.

    «مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرىنىڭ قارشقا ئېلىنىپ كېتىشى، مىكرو بىلوگ تىجارىتى دەۋرىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشتۇر» بو سى ئىختىساسلىقلار تورىنىڭ مەسئۇل خادىمى، خېنەن ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنىڭ مۇتەخەسىسسىسى لى جىن باۋ مۇلاھىزە قىلىپ شۇنداق دېدى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە، نۇرغۇنلىغان كارخانىلاردا تورغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ بۆلۈملەر شىركەت تور بېكىتىنى باشقۇرۇش، مەسئۇل تەرەپ مىكرو بىلوگىنى ئاسراش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، خېنەن «مىكرو بىلوگ تالانتلىقلىرى»غا بولغان تەلىپىمۇ يېقىن كۈلگۈسىدە «ئېتىلىپ چىقىش» ھالىتى يۈز بېرىدىكەن.

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مىكرو بىلوگ , ئويناش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-23 19:02:14
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 681
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证