تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 349
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    غېرىب بالىنىڭ تەڭرىسى



     

    غېرىب بالىنىڭ تەڭرىسى 

    ئەنگىلىيە لوندۇن شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە، توققۇز ياشلىق تىنا كۆڭلىدىكى مەبۇدىسى بولغان داڭلىق چولپان كاپىتان جېكقا خەت يېزىۋاتاتتى. ئۇ خېتىدا، دادىسىنىڭ دائىم ھاراق ئىچىپ مەس يۈرۈيدىغانلىقى، ئاپىسىنىڭ بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىدە ئازراقمۇ ئىللىقلىقنىڭ يوقلىقىنى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدىغىنى بولسا، ئۇ دادىسى بىلەن ئاپىسى سەۋەبلىك، دائىم ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى ئەسكى بالا دەيدىغانلىقى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر ئىنتايىن يالغۇز، غېرىب ئىكەنلىكىنى يازدى. خېتىنىڭ ئاخىرىدا تىنا تەڭرىدىن، كاپىتان جېكنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

    بۇ خەت مۇشۇنداق چۆگلەپ يۈرۈپ، لوندوندا «كارىب دېڭىز قاراقچىسى 4»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان جوننى دېپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خەتنى كۆرگەن جېننى دېپنىڭ كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولدى. چۈنكى ئۇ بىر بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن قوينىغا ئېلىنماسلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، جوننى دېپ تىنانى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتىش قارارىغا كەلدى.

    بىر كۈنى، بىر كۈنى، تىنا ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان بىر تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالدى. تېلىفوننى جوننى دېپ ئۇرغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تىناغا بېرىدىغان تۇيۇقسىز خۇشاللىققا ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن جوننى دىپنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى.

    بىر ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كۈنى، تىنا ئىنتايىن ئازاب ئىچىدە مەكتەپكە كەلدى. بۇ كۈنى دەل ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى.تىنا شۇ ئازاب ئىچىدە سىنىپقا كىرىپ پارتىسىدا ئولتۇردى-دە، دەرس ئۆگۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما ئوقۇتقۇچى تۇيۇقسىزلا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ يىغىن زالىغا يىغىلىشقا بۇيرىدى. تىنامۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە زالغا يىغىلدى.

    تىنا يەنىلا شۇ ئازاب ئىچىدە ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى:

    -تۆۋەندە بىز كاپىتان جېكنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمىز!

    جوننى دېپ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە دېڭىز قاراقچىلارنىڭ ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. ۋاقىت قىسچىلىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئالدى-كەينى 15 مىنۇتلا نومۇر كۆرسەتتى.

    ئاخىرىدا كاپىتان جېك، تەڭرىنىڭ ئۇنى تىنانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، تەڭرىنىڭ تىنانىڭ خۇشال بولغان بىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تەڭرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنى ئاغدۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تىنادىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۆۋەندە گۈلداراس ئالقىشلار ۋە تىناغا بولغان تەبرىكلەر ياڭرىدى.

    تىنا ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاپىتان جېكقا يازغان خېتىنى كاپىتان جېكنىڭ تاپشۇرۋالغانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. كاپىتان جېكنىڭ راستلا ھەمراھلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقى، كاپىتان جېكنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاغدۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغانلىقى ئىدى.

    ئىنتايىن تېزلا، تىنانىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۆزىنىڭ تىناغا بەك كۆپ ئازار بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تىنانىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىناغا بەرگەن ئازارلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. تىنانىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشتى. ئوقۇتقۇچى-ساۋاقداشلىرىغا قاراپ، تىنا تۇنجى قېتىم بەخت تۇيغۇسىدا ئەللەيلەندى. ئۇ تەڭرى بىلەن كاپىتان جېكقا قايتا-قايتا رەھمەت بىلدۈردى.

    بۇ ئىش ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تارقىتىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جېننى دېپنىڭ نېمە ئۈچۈن كىچىك بىر قىزنى دەپ شۇنچىۋالا داغدۇغا قىلىۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىك ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشتى. «كارىب دېڭىز قاراقچىسى 4»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار جېننى دېپتىن بۇ سۇئالنى سورىدى.

    جوننى دېپ بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن: «كىچىك چاغلىرىمدا دادامنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك  بىز توختىماي ئۆي كۆچەتتۇق. تۆت يىل ئىچىدىلا بىر ئوتتۇز نەچچە قېتىم كۆچۈپ بولغانا ئىدۇق. شۇڭلاشقا ئۇ ۋاقىتلاردا ماڭا چىن دىلىدىن كۆيۈنىدىغان نە ساۋاقداشلىرىم، نە ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق ئىدى. ئۇ چاغدا مەن تەڭرىگە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئايىم دەل مېنى ياقتۇردىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەن بىلەن ئويناشنى خالايدىغان ساۋاقداشلارغا ئۇچراش ئىدى. شۇڭلاشقا مەن تىنانىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قەلبىم تىترىدى. ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تەڭرىنىڭ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرالايمەن دەپ ئويلىدىم. مەن ھەربىر غېرىب بالىغا تەڭرىنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشنى تولىمۇ خالايمەن!» دېدى.

      ھەربىر غېرىب بالىغا تەڭرىنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، بۇ بىر جۈملە سۆز كىشىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. كىشىلەر جوننى دېپنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان شەخسىيەتسىز مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئالقىشلىدى.

     

    يۇسران

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : غېرىب , بالا , جوننى دېپ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-23 14:00:52
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 495
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证