تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقالىسى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقالىسى



     

    ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقالىسى

    بەزىدە مەن ئۆزۈمنى يىغلاڭغۇدەك ھېس قىلىپ قالىمەن، ياخشىراق بىر پارچە شېئىر ئوقۇساممۇ يىغلايمەن، كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك بىرەر يازما ئوقۇپ قالساممۇ مىشىلداپ كېتىمەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بىر كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك ناشتىدا، گېزىتتىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر پارچە ياپونىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ يەتتە ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسىدە زادى نېمە يېزىلغاندۇ؟

    ماقالىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە، كۆز ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇيۇۋەتكەن ئىدى.

    نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ باش بېتىدە يەنە مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچراتتىم: «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ماقالىسىدىن تەسىرلىنىش داۋاملاشماقتا» ئەسلىدە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان چوڭ كىشىلەرمۇ بۇ ماقالىدىن ماڭا ئوخشاش تەسىرلەنگەنىدى.

    تۆۋەندىكىسى ياپونىيە خىروسىما شەھىرىدىكى يەتتە ياشلىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كاتامايا يازغان ماقالە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ماقالىنىڭ نامى «مەن بىلەن دادامنىڭ تاماق قاچىسى» بولۇپ، «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ قېتىملىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «تەشەككۈر بىلدۈرۈش» ئىدى.

    تۆۋەندىكىسى  كاتامايانىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى:

    دادام كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولدۇم. گەرچە دادام مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى بىلىپ تۇرالايدىغان بولسىمۇ، مەنچە بەزى ئىشلارنى يەنىلا دادامغا دەپ قويۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلايمەن. مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتتىم. تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى ئويلىساملا يۈرۈگۈم ھېلىھەم قاتتىق سوقۇپ كېتىدۇ. مېنىڭ تاماق قاچامغا چوكا تەگكەندە بەكمۇ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ. تۈنۈگۈنكى تامىقىم بەكلا ئالاھىدە ئىدى. گەرچە سائەت ئەمدى 10 بولغان بولسىمۇ، مېنىڭ كاللام يەنىلا چۈشتە يەيدىغان شۇ تامىقىمدا ئىدى.

    تۈنۈگۈنكى تامىقىمنى ئالاھىدە دېيىشىمدىكى سەۋەب، چۈنكى مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. دادام ئۆلۈپ كەتكەن ياقى مەن بەكلا يالغۇز قالدىم، كۆڭلۈم بەك يېرىم ئىدى.

    دادام «تەمپۇراخانا»دا (بىر خىل يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكان) ئىشلەيتتى. دادام مايدا پىشۇرغان ئۇ «تەمپۇرا» (بىر خىل مايدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك) دۇنيا بويىچە ئەڭ مېزىلىك تەمپۇرا ئىدى. مەن ھەر قېتىم دادامنىڭ يېنىغا بارغىنىمدا، دادام ھەمىشە ماڭا ئوغۇرلۇقچە مېززىلىك تەمپۇرالارنى پىشۇرۇپ بېرەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزلۈگۈمدىن ئۆزۈمنى ئالاھىدە بىر ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالاتتىم، چۈنكى مەن ئۇنداق چاغدا بەكلا خۇش بولۇپ كېتەتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن تاماقنى كۆپ يېدىم. تېخى يەنە كاراتى گۇمپىسى (قۇرۇق قول گۇمپىسى)مۇ مەشىق قىلدىم، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ تاماق قاچىسى كىچىك كېلىدىغان بولۇپ قالدى.

    «چوڭراق تاماق قاچام بولسا ياخشىتى!» شۇنداق دېيىشىمگىلا ئاپام ئىشكاپتىن دادام ئىشلەتكەن تاماق قاچىسىنى ئېلىپ بەرگەچ: «ساڭا بەك چوڭلۇق قىلىپ قالارمۇ؟» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنە ئىشلىتىشىمگە قوشۇلدى.

    شۇنداق قىلىپ، ئەتىگەندىن باشلاپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى تەخىرسىزلەرچە كۈتۈشكە باشلىدىم. مەن چوقۇم تامىقىمنىڭ ھەممىنى يەۋېتىشىم كېرەك. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى چوقۇم دادامدەك قامەتلىك ھەم مۇلايىم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. دادامنى بەكمۇ سېغىندىم. مانا ھازىرمۇ مۇشۇنداق مېزىلىك تاماقنى دادامنىڭ قاچىسىدا يەيدىغانلىقىمنى ئويلىسام يۈرۈگۈم سوقۇپ كېتىپ بارىدۇ. مۇبادا ئەگەر تەڭرى تىلەك تىلە، دېگەن بولسا، مەن دادام، ئاپا، سىڭلىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر قېتىم تاماق يېيىشنى تىلەيتتىم. ئەمما دادام ھازىر ئاسماندا تۇرۇپ بىزنى قوغداۋاتىدۇ، ئۇ ئالدىراش. دادام يوق بەكمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلساممۇ، ئەمما مەن ئۆيدىكى بىردىنبىر ئوغۇل بالا، شۇڭا مەن دادامنىڭ ئورنىدا ئاپام بىلەن سىڭلىمنى قوغدىشىم كېرەك. مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىدا تاماقنى ياخشى يەپ، ئېگىز ھەم مۇلايىم بىر ئوغۇل بالىغا ئايلىنىمەن. دادا، سىزنىڭ تاماق قاچىڭىزغا رەھمەت!

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يۇسران , ماقالە , تەسىرلىنىش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-23 13:03:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 971
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证