تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› ئەرلەر بۆرىمۇ ئەمەس، قويمۇ ئەمەس
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەرلەر بۆرىمۇ ئەمەس، قويمۇ ئەمەس



     

    ئەرلەر بۆرىمۇ ئەمەس، قويمۇ ئەمەس

    ھەرقانداق بىر ئەركىشى ئالغا مېڭىشنى مەڭگۈ ئالغا قاراپ باتۇرلارچە مېڭىشنى خالايدۇ. مۇبادا نىكاھ ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلگەندە، مۇبادا ئۇ ئەركىشى يالغۇز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قىز ئۇنىڭ قەلبىدىكى قىز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىشى ناتايىن.

    مۇنداق بىر ھېكايىنى دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانمەن. قىز، ئىتالىيەلىك، 22 ياش، ئالماشتۇرۇلغان ئوقۇغۇچى سالاھىيىتىدە بېيجىڭغا كېلىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. دەسلەپتە مەكتەپتىكى ئەڭ قاملاشقان يىگىتلەر ئۇنى قوغلاشقان ئىكەن. ئۇ قىز ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرماي دوستۇمغا ئېيتىپ بېرىدىكەن. بىر كۈنى دوستۇم ئۇ قىزنى ئۇچراتقانداق ئۇ قىز ئازابب ئىچىدە يىغلاپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى يىگىت ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ قىز بولسا ئۇ يىگىتنى بەكلا سۆيەتتىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ يىگىت قىزنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ قىز ئۆزىنىڭ يىگىتنى بەكلا سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇ بالىنى قوغلىشىش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى بولماپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇنى ئاڭلاپ مەن بەكلا تەسىرلەنگەن ئىدىم، بىر ئادەمنى سۆيگەن ئىكەن چوقۇم شۇ مۇھەببەتلا بولۇپ قالماي بەلكى شۇنداق جاسارەتمۇ كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇ يىگىت بىر ئەجنەبىي گۈزەل تەرىپىدىن شۇنچە ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشىپ، ھېچ بولمىغاندا شۆھرەتپەرەسلىكى بولسىمۇ قانغان بولغىيتتى؟ ھېلىقى ئىتالىيىلىك قىز بولسا، شۇ يىگىت بىلەن قايتا ئەپلىشىپ قالمىغۇچە جۇڭگودىن كەتمەيدىغانلىقىنى قەتئىيلىك بىلەن دوستۇمغا ئېيتىپتۇ.

    دوستۇمنىڭ يەنە بىرئامېرىكىلىق دوستى مۇخبىر ئىدى. ئۇ قىزنى قوغلىشىدىغان يىگىتلەرنىڭ جىقلىقىدا ئۇ قىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇخبىرلىق قىلىدىغان ئۆيلەنگەن بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ قىز ئۇ ئەرنىڭ ئاجرىشىنى تەلەپ قىپتۇ، ئەر ئۇنىماپتۇ، ئۇ قىزدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈپتۇ. ئۇ قىز ئۇ ئەرنىڭ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق يەرگە بېرىپ ئۇ ئەرنى ئىزدەپتۇ-دە، ئاخىرى بىر يىغىلىشتىن ئۇ ئەرنى تېپىپتۇ. ئۇ قىز ئەرگە، سىز ماڭا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مېنىڭ قورسىقىمدا سىزنىڭ بالىڭىز بار، دەپتۇ.

    -ئەمىسە بالىنى ئالدۇرۇۋېتىڭ!- ئەر قىلچە ئويلانماستىن شۇنداق دەپتۇ.

    -سىز بالىغا ئامراق ئىدىڭىزغۇ؟ نېمە دەپ بۇنداق دەيسىز؟-دەپ سوراپتۇ ئۇقىز.

    چۈنكى ئۇ قىزنىڭ ئېسىدە ئۇ ئەرنىڭ ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ پەرزەنتلىك بولمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن بەك ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئېسىدە ئىكەن. ئۇ قىز بالىنى ئۆزى يالغۇز باقىدىغانلىقىنى دەپ مۇنداق دەپ ئەسكەرتىش بېرىپتۇ:

    -چۈنكى مەن سىزنى سۆيىمەن!

    ئۇ قىز شۇنداق دەپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قاپتۇ.

    ئۇ قىز قاتتىق ئازاب ئىچىدە قالسىمۇ ئۇ ئەركىشىنى ئىزدىمەپتۇ. ھەركۈنى باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ بالىنى ئامان-ئېسەن يەڭگىۋېلىشنىلا ئويلاپتۇ. ۋاقىتمۇ ئۇچقاندەك ئۆتۈپ بالىمۇ تۇغۇلۇپتۇ. ئۇ قىز ھېلىقى ئەركىشىگە بىر ئېلىكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق بالىنىڭ رەسىمىنى يوللاپتۇ. ئەركىشى ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر بالىنى بېقىش راسخوتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىپتۇيۇ، ئەمما ئاخىرىغا مۇنداق بىر جۈملە قوشۇپ قويۇپتۇ!

    -مەن بىلەن توي قىلىمەن دېيىشىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!

    مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ ئېنىق كۆرۈشنى خالايدىغىنى يەنىلا ئاياللارنىڭ جىسمى. ئۇلار ئاياللارنىڭ روھىيىتىنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيدۇ ھەم كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئاياللار بىلەن، ھەتتا ئۆزلىرى سۆيگەن ئاياللار بىلەن بولسىمۇ، مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىدۇ، بىخەتەر ھېس قىلىدۇ.

    خۇددى مەشھۇر بىر پەيلاسوپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئەرلەرنىڭ بۇ خىل ئىپادىسى ئىنساننىڭ ئەسلى خاتىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرلەرنىڭ بەدەنگە بولغان ئېھتىياجى ئاياللارنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەن. مېنىڭ چېگرايىم ئەلۋەتتە مېنىڭ دۇنيارىمنىڭ چېگراسى، مۇبادا ئەرلەرگىمۇ شۇنداق بىر چەت-چېگرا بەلگىلەش توغرا كەلسە ئۇلار چوقۇم شۇ تەننى چېگرا قىلىدۇ. ئۇلار ھەرسائەت ھەرۋاقىت مۇشۇ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشنى خىيال قىلىدۇ.

    دوستۇمنىڭ ئىككىنچى ھېكايىسىدىكى ھېلىقى ئەركىشى ئاخىرىدا دوستۇمغا مۇنداق چۈشەندۈرۈش بېرىپتۇ:

    -ماڭا ھېچ بولمىغاندا ئاتتىن چۈشۈدىغان بىر سەۋەب باھانە بېرىشى كېرەك ئىدى. مەن ئاياللارنىڭ بېشىمغا چىقىۋېلىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن. ئاياللارنىڭ مېنىڭ بەختىمنى بەلگىلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلالمايمەن. مەيلى مەن بەختسىز بولۇپ قالساممۇ!

    يىغىپ ئېيتقاندا ئەرلەر مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالا. قەلبى بەكمۇ ئاجىز، ئەمما يۈزىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغدايدۇ. ئاغزىدا ھېچنەرسىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا بەكمۇ بىچارە! ئۇلار ئۆيىنى تاپالمايۋاتقان بىچارە ئاسلانچاقلار! ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەرلەر بۆرىمۇ ئەمەس، قويمۇ ئەمەس!

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەرلەر , بۆرە , قوي
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-20 18:15:37
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 683
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证