تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زوقلاننىڭ ۋەسىيەتنامىسى



     

    زوقلاننىڭ ۋەسىيەتنامىسى

    تۈنۈگۈن كەچ ھەدەم قىزىمنى يوقلىغىلى ئۆيۈمگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ 13 ياشلىق ئوغلىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىمۇ ئالغاچ كەپتۇ.

    شۇ كۈنى كەچقۇرۇن زىبا ئۆزى يالغۇز ئۆيگە كېلىپ، بىر نەرسىسىنى ئالماقچى بولۇپ، لېفىتقا سولۇنۇپ قاپتۇ، دەل 11-قەۋەت بىلەن 12-قەۋەت ئارىسىدا قىسىلىپ قاپتۇ. ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش كۇنۇپكىسى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قايتا-قايتا باسقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئادەم ياردەمگە كەلمەپتۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، لېفىتنىڭ چىرىقى ئىنتايىن غۇۋا ئىكەن. ئۇ لېفىتنىڭ ئىچىدە ھاۋا يېتىشمەي قېلىۋاتقاندەك، نەپەس يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. پىسخىكىلىق تەسىرمۇ يا راستلا شۇنداقمۇ، شۇ قىسقىغىنە 40 مىنۇت ئىچىدە ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆلۈمنى كۈتكەچ تۆۋەنكى ۋەسىيەتنامىنى يېزىپتۇ:

    ئەگەر ماڭا راستلا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، بۇ ۋەسىيەتنامىنى كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئاپام بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. ئادرىسى ..... تېلىفونى ....

    ئاپا، مەن لېفىتكە سولۇنۇپ قالدىم، چىقالماي ئۆلۈپ كەتتىم. مېنىڭ ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار:

    1.  يىغىپ قويغان پۇللۇرۇمنىڭ چېكى چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىدىكى تارتمامدا. سەن «ۋولموس» كىتابىمنىڭ ئاق بېتىنى ئاچساڭ، مەخپىي شىفىرىنى كۆرىسەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بەردىم.
    2. يېڭى ئېم پ 4ىم سومكامدا، يېپيېڭى. ئۇنىمۇ ساڭا بېرەي. كىچىك ھاممام بەرگەن ئاپپارات ۋە سىنئاپپاراتىمنىمۇ ساڭا بېرەي. ساتساڭمۇ جىق پۇلغا يارىمايدۇ.
    3. باشقىلارغا بېرىدىغان ھېچقانداق قەرزىم يوق.
    4. شارپا، كىتاب ۋە سىن تەخسىسى ئالغان تالونلىرىم مەكتەپنىڭ يېنىدىكى سېرىق چاچلىق ھەدەشنىڭ دۇكىنىدا، سەن پۇللىرىمنى تۆلەپ قويغىن. ئۇنىڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇ ئادەتتە ماڭا بەك ئامراق.
    5. ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن، ئالدىنقى قېتىملىق ئىمتىھاندا سېنىڭ يۈزۈڭنى بەك چۈشۈردۈم. ئەسلىدە مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ئۆزۈمنى قايتا ئوڭشاپ سېنى بىر خۇش قىلىۋېتەي دېگەنىدىم، ئەمما ئۈلگۈرەلمىدىم. ئالدىنقى قېتىملىق ئىپادە بىلدۈرۈش يىغىنىدا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چەتكە چىقىپ بىلىم ئېلىپ، كۆپ پۇل تېپىپ سېنى باقىمەن، دېگەنىدىم. سېنى قېرىغاندىمۇ باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ ئىشلەتمەيمەن، دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمدى سەن كىچىك ئۇكامغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلغىن، ئۈمىدنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدىلا قالدى. مەن ياغاچ قۇلاقتىن ئۇكامغا ھېچنىمە قالمىدى.
    6. ئاپا، ئەمدى سەن دورىنى....

    زوقلان مۇشۇ يەرگىچىلا يازغانىدى. ئۇ ئاخىرىدا چوقۇم ئاپىسىنى دوراڭنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىچ دېمەكچى ئىدى. مەن ھەدەمدىن ۋەسىيەتنامىنىڭ ئارقىسى قېنى، دەپ سورىدىم. ھەدەم، زوقلاننىڭ مۇشۇ يېرىگە كەلگەندە باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

    ھەدەم يەنە، زوقلاننىڭ شۇ كۈنى تاماق ۋاقتىدا ئاپىسىغا: «ئاپا، سەن خېلىلا مۇھىم ئىكەنسەن جۇمۇ، بايا لېفىتنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلغان چېغىمدا كاللامدا سەن بىلەن پۇلۇملا كەلدى. قارا سەن ماڭا نىسبەتەن پۇلغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنسەن....» دەپتۇ.

    ھەدەم بۇلارنى دېگەندە ئاغزىمدىكى گۈرۈچلەرنىمۇ پۈركۈۋەتتىم. مەن زادى زوقلاننىڭ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ بۇ كەچۈرمىشىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش مەقسىتىدە تېلىفون قىلدىم.

    زوقلان شۇنداق دېدى: «ۋاي شۇنداق بولدى، دېمەيسەن ھامما. ئۆزۈمنى مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم»

       «ۋۇ ۋاپاسىز، مەندەك ھامماڭنى ئەجەپ بىر ئاغزىڭغىمۇ ئېلىپ قويماپسىنا؟!» دېدىم مەنمۇ ئۇنى تېرىكتۈرۈش ئۈچۈن.

    «سېنى يازغۇچى  قۇتۇلدۇرۋالدى، ئەمەسمۇ؟! بولمىغان بولسا ساڭىمۇ دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى.» دېدى ئۇ.

    «ئاپاڭنى يازغىنىڭ تازا ياخشى بوپتۇ. بۇ دۇنيادا ھەممىدىن شۇ ئاپا ياخشى ئەمەسمۇ؟، ئاپاڭ چوقۇم بەك تەسىرلەندى-ھە؟» دەپ دېيىشىمگىلا زوقلاننىڭ ئاپىسى بولغان ھەدەم كەينىگە يېنىپلا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

    «ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلمەي شۇنداق يازدىم، ئاپامغا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى دەي دەپ، ئاپامنى خاتىرجەم قىلاي دەپ... ھى ھى ھى» دېدى زوقلان چوڭ ئادەملەردەك.

    يۇسران

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-17 18:29:29
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 302
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证