تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئامېرىكا 5-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جېمىس مونرو
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېرىكا 5-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جېمىس مونرو



     

    ئامېرىكا 5-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جېمىس مونرو

     

    تولۇق ئىسمى: جېمىس مونرو

    توغۇلغان ۋاقتى: 1758-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ~ 1817-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى

    ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1817-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ~ 1825-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

    كېلىپ چىقىشى: دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى

    ئوقۇش تارىخى: ئۇنۋېرسىتېتتا بىر يىل ئوقۇغان (ۋېليام-مارىي ئۇنۋېرسىتېتى)

    كەسپى: ئادوۋكات، مەمۇرىي خادىم

    پارتىيە-گۇرۇھى: دېموكراتلار پارتىيىسى

    دىنىي ئېتىقادى: ئىلاھ ئۇيۇشمىسى

    ۋەزىپىسى: ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى، دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى

    رەپىقىسى: ئېلزابىت كورترايت

    پەرزەنتى: بىر ئوغۇل، ئىككى قىز

    ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «مېنرو خىتابنامىسى»، «ھەرخىل چوڭ ئىشلارغا رىۋايەت ۋە تارىخىي نۇقتىئىينەزەردىن قاراش»، «ئامېرىكا فېدراتسىيىسى بىلەن گىرىتسىيە ۋە رىم جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى»؛

    ھېكمەتلىك سۆزى: يەرشارىغا ئىنسانلارنىڭ ئاتا قىلنىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈندۇر، ھېچقانداق بىر قەبىلە ۋە ئىرقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش پىلانى ۋە ئارام راھىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەرگە بولغان ئىگىدارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ھەرقانداق كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر نەرسىسىنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوق.

    يەرشارىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنىشى بولسا، تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، ھەرقانداق بىر قەبىلە ۋە ئىرقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش پىلانى ۋە راھەت ياشىشىغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يۈرگۈزۈشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ھېچقانداق بىر زۆرۈر نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوق.

     

    بىرىنچى: كىچىكىدىن باشلاپلا ئالاھىدە تىرىشچانلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈش

     

    1758-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋېستمورلەند ناھىيىسىنىڭ بىر كىچىك دېھقان ئائىلىسىدە بىر بوۋاق تۇغۇلدى، ئۇ دەل جېمىس مونرو ئىدى. مېنرونىڭ ئەجدادى ئېنگىلادلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئەندرو مېنرو، جېمىس مېنرولار ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ خانى ئېدۋارد ئۈچنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى. مېنرو جەمەتىنىڭ كۆچمەن ئەجدادىمۇ دەل مونرونىڭ مۇشۇ ئۇلۇغ بوۋىسى ئىدى. 1648-يىلى 8-ئايدىكى پىرىستون جېڭىدە، مونرونىڭ بوۋىسى ئەسلى ئەنگىلىيە خانى چارلىنىڭ قول ئاسىتىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن ۋېرگىنىيەگە كېلىپ قالغان ھەمدە مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. مونرونىڭ دادىسى سىپەنىس مونرو ياش ۋاقتىدا ياغاچچىلىقمۇ قىلغان ئىدى، كېيىن سەييارە سوتچى بولدى. مونرونىڭ دېيىشىچە، سىپەنىس مونرو «بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئېسىل پۇقرا بولۇپ، ئىنتايىن زور مال-مۈلۈككە ئىدى» ئۇ بىر مۇۋاپىق بولغان مۇۋەپپەققىيەتكە ئېرىشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى ئىدى. 1752-يىلى، سىپەنىس مونرو بىلەن ئېلزابېت جونىس توي قىلدى. 1766-يىلى، ئۇ جورجى ۋاشىنگتون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ۋېرگىنىيەلىكلەرنى ئەنگىلىيە تاۋارلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى چىقىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. مونرو 16 ياشقا كىرگەن مەزگىللەردە، ئۇنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى. مونرونىڭ ئاپىسى ئېلزابىت جونىس ۋېلشلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، ئۆزى مۇلايىم، ئىشچان ئايال ئىدى. ئونرو كېيىن ئاپىسى توغۇرلۇق توختالغاندا ئاپىسىنى «ئىنتايىن سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال، مېھرىبان ئايال كۆيۈمچان ئانا بولۇشتىكى ئەڭ ئېسىل خاراكتېرلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن» دەپ باھا بەرگەنىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مونرونىڭ ئاپىسى قۇبۇل قىلغان تەربىيە زامانداش ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.

    جمىس مونرونىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئۆتكەن بولۇپ، ئانا تۇپراقنىڭ مۇھىتى ئۇنى جاپاغا چىداملىق سەۋرچان قىلىپ تەربىيىلىدى. مېنرولارنىڭ ئائىلىسىدە بەش باشلا بولۇپ، پۈتۈن ئائىلىدىكى يەتتە جاننىڭ ھەممىسى ۋېستمورلەند ئورمانلىقىنىڭ يېنىدىكى چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر ئېكىنزارلىققا تايىنىپ جان كەچۈرەتتى. ئائىلە ئەھۋالى خېلى ھاللىق بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىدە ئىدى. مونرو ئائىلىدىكى ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ھەدىسى ـــ ئېلزابېت باكنا خانىم بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا مونرونىڭ ئۈچ ئىنىسى بولۇپ، چوڭ ئىنىسى سىپەنىس مونرو ياش ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئىككىنچى ئىنىسى ئەندرۇ مونرو، ئۈچىنچى كىچىك ئىنىسى يوسېف مونرو ئىلگىرى ۋېرگىنىيە شىتاتى نوس بولەند ناھىيىسىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە ئىش باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىدى، مونرو پىرىزدېنتلىقنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، مونرونىڭ شەخسى كاتىپى بولغان ئىدى. مونرو دادىسىنىڭ ئېكىنزارلىقىدا، ھەدە-ئىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزدى.

    11ياش ۋاقتىدا، مونرو ئۆيگە نەچچە ئېنگىلىز مىلى كېلىدىغان كامپبېلتون مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى، بۇ، ۋاشىنگتونلۇق پارسون ئارچىبالىد كامپبېل باشقۇرۇشىدىكى ئىنتايىن داڭلىق مەكتەپ ئىدى. مونرو بۇ يەردە ماتېماتىكا بىلەن لاتىن تىلى ئۆگەندى، ئۇنىڭ ئۆگنىشتىكى ئىلگىرلىشى ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەر ئارىسىدىكى بالىلاردىن خېلىلا ئىتتىك ئىدى. بۇ مەكتەپتە، مونرو ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى بولغان، كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ ئالىي سوتچىسى بولغان ـــ جون مارشال بىلەن تونۇشتى. كامپبېلتون مەكتىپى مونروغا قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىگە ۋە روھقا ئىگە خاراكتېر ئاتا قىلدى. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، مونرو بېلىق تۇتۇشنى، قۇشقاچ ئېتىشنى، يەلكەنلىك كېمە ھەيدەشنى ياخشى كۆرەتتى، بەزىدە يەنە ئوۋچى ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئېتىنى مىنگىنىچە تۈلكە، ياۋا توشقان ئوۋلىغىلى باراتتى، ئىشقىلىپ ئۇ ئىنتايىن ساغلام بولغان روھ ۋە تەننى ھازىرلىغانىدى.

    مونرو 16 ياشقا كىرگەندە، ۋېليام-مارىي ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردى، بۇ ۋاقىتتىكى مونرو تەلەپچان، ئېغىر-بېسىق، جاپاغا چىداپ ئىزدىنىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، 1774-يىلى ۋېليامىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىتى ئۆگىنىشكە ماس كەلمەي قالدى، ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب ئۇرۇشنىڭ بورانلىرى ۋېرگىنىيەگە يېقىنلاپ قالغان بولغاچقا، زېھىننى بىر يەرگە يېغىپ ئوقۇش ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. دەل بۇ ۋاقىتتا، مونرونىڭ دادىسى سىپەنىس مونرو ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مونرو ئۆزىنىڭ تاغىسى بولغان چوڭ سوت ئەمەلدارى يوسېف جونىس بىلەن بىللە تۇردى. جونىس مونرونىڭ دادىسىنىڭ مىراسىنى ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىگە  بىنائەن، مونرو دادىسىنىڭ بارلىق مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى. ھەمدە ئىنىلىرىنىڭ ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مونرونىڭ ئوقۇش چىقىمى، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى ئۇنىڭ ھامىيسى جونىس تەقسىملەپ بېرەتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مونرو ئوقۇشنى زورلاپ يۈرۈپ بىر يىل ئوقۇيالىدى. ئىنقىلابنىڭ ئىستىقبالى مونرونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمدى ئوقۇشنى تاماملىشى مۇمكىن ئەمەسلا ئىش بولۇپ قالغانىدى.

     

    ئىككىنچى: ياش قەلبتە ئۇلۇغۋار غايە

     

    1775-يىلى 6-ئايدا، لېكىسنتون ۋە كانكورد ئۇرۇشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى ئوق ئاۋازىنى ياڭراتقاندىن كېيىن، مونرو ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يېشى سەل چوڭراق بولغان 24 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ماشىنىسازلىق ئىسكىلاتىغا بۆسۈپ كىرىپ، 200 دانە سىلىق سىتىۋوللۇق مىلتىق ۋە 300 دانە خەنجەرنى ئېلىپ چىقىپ، ۋېليامىسبۇرگنى قوراللاندۇردى. 9-ئايدا، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى ئاستىدا، 18 ياشلىق مونرو قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمگە ئاتلاندى، ۋېليامىسبۇرگدا جورجى ۋاشىنگتوننىڭ بىر قېرىندىشى ۋېليام ۋاشىنگتون تەشكىللىگەن ۋېرگىنىيە ئۈچىنچى پولكىغا قاتناشتى. ھەمدە ۋېليامىسبۇرگدا ئاساسىي مەشىققە قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەنجى لېيتنانتلىققا ئۆستى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مونرو قولىغا قورال ئېلىپ، شىمالى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىر ياش ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ قالدى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشىگە ئاتلاندى.

    1776-يىلى 8-ئايدا، ۋېرگىنىيە ئۈچىنچى پولىكى بۇيرۇققا بىنائەن شىمالى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى بولغان نيۇيورك شەھىرىنىڭ چېتىدىكى ھاللام ئېگىزلىكىگە يىغىلدى، شۇنىڭ بىلەن مونرو ۋە باشقا 700دىن ئارتۇق ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر شىمالغا قاراپ ئاتلىنىپ، 1776-يىلى 9-ئايدا مانخاتتاندا گېنىرال جورجى ۋاشىنگتون بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا مونرو تۇرغان پولك ھاللام ئېگىزلىگى بىلەن ھۇۋايت تۈزلەڭلىكىدە ئەنگىلىيە مۇستەملىكە ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن ئېلىشتى. بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇنلا لېيتنانتلىققا ئۆستۈرۈلگەن مونرو ئۆزى ئالدىنقى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ھاللام ئېگىزلىكىدىكى جەڭدە  تۇنجى قېتىم يارىلاندى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مونرو چېكىنگەن قوشۇنلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى جىرسى شىتاتىدىن ئۆتۈپ، دېلاۋېر دەرياسىدىن ئۆتۈپ پېنسىلۋانىيەگە كىرىپ كەلدى. شۇ  يىلى روژدېستىۋا بايرىمىدا، مونرو ۋاشىنگتون بىلەن بىرلىكتە تېرىنتون ئۇرۇشىغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق جەڭدە سىتارشى لېيتنانت يارىلانغاندىن كېيىن، مونرو ئۆزى سىتارشى لېيتنانتلىق ئورنىدا بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. ئۇ ئەسكەرلەرنى باتۇرلارچە ئاتاكىغا ئۆتۈشكە چاقىرىپ، ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئوق ئېچىۋاتقان ئىككى چوڭ زەمبىرەكنى ئولجا ئالدى. ئۇرۇشتا ئۇنىڭ مۆرىسى ئېغىر يارىلىنىپ، قان كۆپ چىقىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى. بۇ توغرۇلۇق مونرو كېيىنچە مۇنداق دېگەن ئىدى: «قوماندانلىق قىلىشنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مەنمۇ بىر زەمبىرەك ئوقىنىڭ پارچىسى تەگدى.» مونرو يارىلانغاندىن كېيىن ئوپىراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۆرىسىدىكى بىر پارچە ئوق پارچىسىنى ئېلىپ چىقىرىشقا ئامال بولمىدى. ئامېرىكا پىرىزدېنتلىرى ئىچىدە، مونرو بىردىنبىر جەڭ مەيدانىدا يارىلىنىپ، شۇ يەردە قان ئاققۇزغان دۆلەت قۇرغۇچى مارشال ھېسابلىنىدۇ. مونرو جەڭدە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبلىك، باش قوماندان جورجى ۋاشىنگتوننىڭ تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولدى ھەمدە شىتارشى لېيتنانتلىققا ئۆستۈرۈلدى.

    (داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مونرو , پىرىزدېنت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-17 12:56:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 359
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证