تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟(5)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    nida1974
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 127
    adil.a@163.com
    420614390
    يازما سانى : 6
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-6-23 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟(5)

     


    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار(5)

     

    ئۈچىنچىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش پارتلاپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ بولسا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئامېرىكىنىڭ ئىككى پارتىيە تۈزۈمى ۋە كېڭەش (پارلامېنت) تۈزۈمى ھەمدە جامائەت پىكىرى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىشىدە زور تەسىرگە ئىگە.
    گەرچە تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى چاۋشيەن مەسىلىسىدە پوزىتسىيىسى ئازراق قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا دېمۇكراتىكلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مۇقامى يىراق شەرقتىن قولىنى بوشىتىپ، ستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىنى ياۋروپاغا قويۇش ئىدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن قولىنى بوشىتىش سىياسىتىنى بەلگىلىگەندىن باشلاپ، بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقىدىن كېيىن، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ يىراق شەرق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھالدا نارازىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى «يوقۇتۇپ قويغان»لىقىدىكى مەسئۇلىيەتنى دېمۇكراتىكلار پارتىيىسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە دۆڭگەپ قويدى. مەك كارسي (لۇغەتلەردە «ماكارتيى» دەپ ئېلىنىپتۇ) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئىچىدە زور تۈركۈمدە كوممۇنىستلار بار دەپ ئەيىپلەپ، تېخىمۇ ئوتقۇيرۇقلۇق رولىنى ئوينىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تازىلاندى، ئەچېسۇن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئىنتايىن زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، ھەتتا مارشالمۇ چېتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىدى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئەچېسۇننىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىمۇ ھەربىي تەرەپنىڭ ئەيىپلىشى ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرىكى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە، ئەچېسۇن باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ھەرۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قاتتىق قوللۇق تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. رەئىس جۇمھۇر بولۇش سۈپىتىدە ترۇمېن دۆلەت ئىچىگە، بولۇپمۇ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ جامائەت پىكىرى مايىللىقىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەرقايسى كومىتېت رەئىسلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىگە تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلدى، چۈنكى ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇشى ۋە قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىدا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىق رول ئوينايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بارلىق كومپارتىيە دۆلەتلىرىگە قاتتىق قوللۇق مەيداندا تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دېمۇكراتىكلار پارتىيىسى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان كۈچلۈك ھۇجۇمى يەنە ترۇمېننى جامائەت پىكىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسلىق باياناتچىسى دالېسنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىگە كىرىشى مانا مۇشۇنداق مۇرەسسەنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەگەر دېمۇكراتىكلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى 1950-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، جامائەت پىكىرىگە باقىدىغان، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر پۇرسەتنى ئىزچىل ئىزدەپ كەلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا، چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى دەل مۇشۇنداق بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەتتە، چاۋشيەن مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلىتىش تەشەببۇسىنى دەل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ۋەكىلى دالېس ئاۋال ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
    چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندا، دالېس ئەمدىلا جەنۇبىي چاۋشيەننى زىيارەت قىلىپ بولۇپ توكيودا تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۇ ئۇرۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېخى ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماي تۇرۇپلا، دەرھال ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى ئالىسون قاتارلىقلار بىلەن ئەچېسۇنغا بېرىلگەن بىر پارچە تېلېگراممىنى تەييارلىدى. تېلېگراممىدا:« جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ بەلكىم ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرىش ۋە زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈشكە كۈچى يېتىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ئۇلارنىڭ كۈچى يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىشىمىز لازىم، ئەگەر بۇنداق قىلساق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىپ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى.» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.[22] بۇ دالېسنى ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشنى تۇنجى بولۇپ يازمىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئادەم قىلىپ قويدى. ئەچېسۇن دالېسنىڭ پىكىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ئۇ ئەستايىدىل ئوقۇغاندىن كېيىن، تېلېگراممىنى يالغۇز ترۇمېنغا سۇندى. بۇ تېلېگرامما، شەكسىزكى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى قاتتىق قوللۇق تەرەپدارلىرىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى، شۇنداقلا ترۇمېن ۋە ئەچېسۇننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بلايېر سارىيىدىكى يىغىندا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشنى قارار قىلىشىغا شەكسىز مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
    ترۇمېننىڭ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىشنى قارار قىلىشى دۆلەت مەجلىسى ۋە جامائەت پىكىرىدە پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسى، يەنە بىر نۇقتىدىن ترۇمېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تافت ترۇمېننىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپلا قارار چىقارغانلىقى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ دەپ ئاغرىنغاندىن باشقا، ترۇمېننىڭ قارارى دۆلەت مەجلىسىدە بىردەك ئالقىشقا ئېرىشتى. ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ يىراق شەرق سىياسىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق سۆككەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزاسى ۋېرى:« رەئىس جۇمھۇرنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ يولى مېڭىشقا بولىدىغان بىردىنبىر شەرەپلىك يول.» «رەئىس جۇمھۇر ئەڭ ئاخىرىدا بىز بىرنەچچەيلەننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ سەۋرچانلىقنىڭ چېكىنى بېكىتتى، تېنچ ئوكيان مەسىلىسىدە، ئارىسالدىلىقنى تاشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئارام تاپقۇزدى.» دېدى.[23] ترۇمېننىڭ قارارى يەنە جامائەت پىكىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ترۇمېننىڭ قارارى بولسا «بىر زور ۋە باتۇرانە ھەرىكەت» دېدى. « خرىستىئان ئىلمى رىسالىسى» ماقالە ئېلان قىلىپ:« ۋاشىڭتوندا بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قارارىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىردەك رازى بولغانلىقى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېدى. ھەتتا پاي چېكى نەرخىمۇ ئۆرلىدى.[24]
    قورال كۈچى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىش قارارى، ھەقىقەتەنمۇ، ترۇمېن ھۆكۈمىتىنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان شەكىللەنگەن سىياسىي قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى مەغلۇبىيىتى ترۇمېن ھۆكۈمىتىنى ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ زور سىياسىي كرىزىسكە پاتۇرۇپ قويدى.
    تۆتىنچىسى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشىنى قارار قىلىشى يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيىسى بىلەن ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش گەرچە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا پارتلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي رەقىبى موسكۋادا ئىدى. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئامېرىكىنىڭ قارارى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان ئىدى. شۇڭا، پۈتكۈل ئۇرۇش جەريانىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا ئۇچۇر يەتكۈزەتتى. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى تۈرلۈك قارارى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆنىلىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئىدى.
    ستالىن ئەسلىدە ئۇرۇش قوزغاشنى خالىمايتتى، ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە تىغ كۆتۈرۈشۈپ چىقىشنى تېخىمۇ خالىمايتتى، بۇمۇ دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ئىدى. بىراق، ئەگەر شىمالىي چاۋشيەن تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىسە ھەمدە كىم ئىلسۇڭ (بىزدە كىم ئېرسىن دەپ ئومۇملىشىپتىكەن، ئۇنىڭ ئوغلى دەل ھازىرقى چاۋشيەن رەئىسى كىم جۇڭئىل) دېگەندەك، ئامېرىكا تېخى ئەسكەر چىقارماي تۇرۇپلا چاۋشيەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، بۇنىڭ بولمايدىغان نېمىسى بار؟ قانداقلا بولمىسۇن، ستالىننىڭ قارىشىچە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي بازىسى بولغان لۈشۇن پورتىغا 150 مىل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پورت شەھىرى ۋلادىۋوستوكقا ئاران 25 مىل كېلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا بىلەن تېنچ ئوكيان ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ستالىنمۇ ئاكتىپلىق بىلەن شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ چاۋشيەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى قەتئىي خالىمىدى، ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەت پىكىرىگە ئەيىپلەيدىغانغا دەستەك ۋە ئىسپات قالدۇرۇشقا تېخىمۇ يول قويمىدى. شۇڭلاشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەممە يەردە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى، ھالبۇكى، بۇ نۇقتا دەل ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈدى.
    ئۇرۇش پارتلاپ ئىككىنچى كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېگرامما يوللاپ، باش ئەلچى ئەلىن كىركنى دەرھال سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىشىنىسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇم قوزغىغانلىق خەۋىرىنى رەسمىي يوسۇندا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تەسىر كۆرسىتىپ شىمالىي چاۋشيەننىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشنى ئېيتتى. ھالبۇكى، چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى مەسلىھەتچىسى ۋالۋورس باربېر جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايۋاتقانلىقىنى، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۇھىم ئەربابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەھەردە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.[25] بۇ كىشىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى خىلېن كوتتېر دوكلات قىلىپ:« سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي چاۋشيەنگە ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق ئالامەتلىرى ئىپادىلەنمىدى، يىراق شەرقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىدىمۇ ھېچقانداق شەپە يوق.» دېدى.[26] 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاۋاپ نوتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، جاۋاپ نوتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەندە يۈز بەرگەن ئىش چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەمدە چەتئەلنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. بۇ خىل روشەن ھالدا چەتتە تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيىسى، روشەنكى، قارار بەلگىلەۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەلكىسىدىن تاغدەك يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك بولدى. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئەچېسۇننىڭ قارىشى بولسا، بۇ نوتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى.[27] شۇنىڭ بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى، شەكسىزكى، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى دەرۋازىنى داغدام ئېچىۋەتتى.
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت غا تۇتقان پوزىتسىيىسى چاۋشيەن ئۇرۇشى تەتقىقاتىدىكى گۇمانىي تۈگۈنلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا تۇتقان پوزىتىسيىسىنى تەھلىل قىلىشتىكى ئاساسى.
    نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى:« سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىڭ 1950-يىلى 1-ئايدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بىر خاتالىق سادىر قىلغانلىق، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت دا رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىدە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى توسۇشقا ئامالسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،» دەپ قارايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ب د ت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى دائىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى، ھەتتا بەزىبىر پارچە-پۇرات ئىشلاردىمۇ مۇشۇنداق قىلدى. شۇڭا، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى يەنىلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بولغان بولسا، رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندە قوللانغان ھەرىكىتىنى ناھايىتى ئاسانلا توسۇپ قالالايتتى. ئۇندىن باشقا، ئەگەر نۇرغۇن ياۋروپا ئەللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەگىشىپ ب د ت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقمىغان بولسا، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ب د ت دا بۇنىڭدەك خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى يېرىم يىل ئاۋاللا چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا كۆرۈۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق يۈزەكى جەھەتتىكى ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتىسيىسىنى تۇتتى دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ مۇبالىغە قىلغانلىق بولىدۇ. بىراق، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت غا قايتىپ كېلىشتىكى سوغۇق پوزىتىسىيىسى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا خېلىلا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، مۇھىم مەسىلىلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنكاسىنىڭ بۇنداق سۇس بولۇشى، ئەينى چاغدىمۇ ئامېرىكا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئالاھىدە سازاۋەر بولدى.
    بۇنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس ئىدى. 1950-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى مارېك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىشتىن بۇرۇن، ب د ت چاۋشيەن مەسىلىسى ئۈستىدە جەمئىي ئۈچ تۈرلۈك قارار ماقۇللىغان ئىدى، يەنى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى(ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) ماقۇللىغان ئۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، شىمالىي چاۋشيەننىڭ دەرھال 38-پاراللېلنىڭ شىمالىغا چېكىنىشى توغرىسىدىكى قارارى؛ 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ماقۇللىغان ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەنگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ياردەمنى بېرىشنى بۇيرۇش ئارقىلىق، قوراللىق ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈش ۋە بۇ رايوندىكى خەلقئارالىق تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى؛ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ماقۇللانغان ب د ت قىسىملىرىنى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ھەققىدىكى قارارىدىن ئىبارەت.
    1-قارار بولسا تەرتىپ خاراكتېرلىق ئىدى، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت زىچ بولغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ب د ت غا قايتىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتقان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل تېنچلىققا مۇراجەت قىلىدىغان ئادەتتىكى قارارغا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى تەس ئىدى.[28]
    2-قارار بولسا ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ئىدى، چۈنكى ئۇ روشەن ھالدىكى ئاغمىچىلىق خاھىشىغا ئىگە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قانۇنىي ئاساس بولغان ئىدى. بىراق دەل مۇشۇ مۇھىم قارار ماقۇللىنىشتىن نەچچە سائەت ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىپ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان پايدىلىق پۇرسەتتىن ۋاز كەچتى. 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتە، لېي، مارېك ۋە گروس بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يەۋاتاتتى. تاتلىق تۈرۈملەر يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن، لېي مارېكقا ئۆزىنىڭ باشقا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بېرىپ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭدىن:« سىز بارامسىز؟ مېنىڭ قارىشىمچە، دۆلىتىڭىزلارنىڭ مەنپەئەتى سىزنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.» دەپ سورىدى. ئەينى چاغدا گروس ئارقىغا داجىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. چۈنكى بۇ قېتىمقى يىغىندا قارار قىلىنىدىغان قارار دەل ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىدىكى قانۇنلۇق نىقابى ئىدى، ئەگەر مارېك يىغىنغا قاتناشسا، شەك-شۈبھىسىزكى، تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلاتتى، بۇنداق بولغاندا ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان پىلانى ھەش-پەش دېگۈچە بىكار بولاتتى. ئۇ پۇتى بىلەن ئۈستەل ئاستىدىن لېينى تېپىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق سۆزلەۋەرمەسلىك ئىشارىسىنى بېرىشنى ئويلاپ تۇرۇشىغا، مارېك بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:« ياق، مەن بارمايمەن.» دېدى.[29] مارېك، روشەنكى، دۆلەت ئىچىنىڭ يوليورۇقىنى ئالغان ئىدى. گرومىكونىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ ستالىنغا تەكلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىىڭ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىشى لازىملىقىنى ھەمدە ئۇ يەردە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ب د ت نىڭ شىمالىي چاۋشيەننىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىز قارارنى چىقىرىشىغا قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما ستالىن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.[30]
    ھەرقانداق قىلغان بىلەنمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋاقتىدا قايتمىغانلىقى ئامېرىكىنى ب د ت دىن ئىبارەت بۇ بىر قورالنى خالىغانچە ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ قارارىغا مۇلازىمەت قىلدۇردى، يەنە كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىش پىلانىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەلگە ئاشۇرغۇزدى.
    3-قارارنىڭ ماقۇللىنىشىغا كەلسەك، ئۇىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولدى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىغىنغا قاتناشمىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ پىلانلىشى بويىچە بۇ قارار ئوڭۇشلۇق ھالدا ماقۇللانغانلىقى سەۋەپلىك، ئامېرىكىنى ب د ت قوشۇنى نامىدا ئۇرۇشقا ئارىلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ 38-پاراللېلدىن شىمالغا ھالقىپ كىرىشىنى باھانە بىلەن تەمىنلىدى: دەل مۇشۇ ب د ت قوشۇنىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ بايراق بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى سەۋەپ قىلىپ 38-پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتەلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋىتى بولسا ئۇرۇشنى يالۈجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغىچە كېڭەيتتى ھەمدە جۇڭگونى چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكا ئۇرۇش پاتقىقىغا بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ قالدى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا , چاۋشيەن ئۇرۇشى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-7 23:03:35
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 765
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证