تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› قۇربان بارات ھەققىدە (قاسىمجان ئوسمان غازى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    qasimjan
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 243
    qasimjan@126.com

    يازما سانى : 23
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-6-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قۇربان بارات ھەققىدە (قاسىمجان ئوسمان غازى)

     



      

    قۇربان بارات ھەققىدە

     

    1. قۇربان باراتنىڭ يۇرتى ۋە مېھرلىك ئائىلىسى

     

    زامانىمىزنىڭ يېتۈك شائىرى، ئىجتىھادلىق تەرجىمان، قابىل نەشىرىياتچى قۇربان بارات جۇغراپىيىلىك-توپىنومىيىلىك كاتوگىرىيسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئەفراسىياپ زامانىدىن توققۇز ئۇيغۇرلارشەھرى بولۇپ تاكى 893-يىلى تالاس-چۇ ۋادىسىنى بېسىۋالغان سامانىيلاردىن 943-يىلى بۇ جايلارنى قايتۇرىۋالغان قۇدرەتلىك قاراخانىيلار، جۈملىدىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ شۆھرەتلىك نامى بىلەن پۈتكۈل خەلقئالەمگە مەشھۇر «ئارتۇچ»(ھازىرقى ئاتۇش) شەھرىنىڭ شىمالىدىكى ئىككى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان «ئارغۇ»دېگەن يۇرتتا ئاتا-بوۋىلىرى ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد دېھقانچىلىق، سودىگەرچىلىك بىلەن شوغۇنلىنىپ ئۆتكەن ئادەملەر ئائىلىسىدە 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. بوۋىلىرى ئاتۇش بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىكى تارباغاتاي، ئاتۇش بىلەن غۇلجا ئارىسىدا قاتناپ ياكى شۇ يەرلەردە ئىگىلىك ياراتقان كىشلەردۇر. ئۇنىڭ بالىلىقىدىن تارتىپ قەلبىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن مۇھىم سىمالارنىڭ بىرى ئانىسى نىياسخان بولۇپ، يۇرتتىكىلەر نىياسخان ئانىنى مۇسا تۈركنىڭ قىزى نىياسخان دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. مۇسا تۈركنىڭ بالا-چاقىلىرى ئومۇمەن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولۇپ نىياسخان ئانىنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى خەلق چۆچەكلىرى ۋە خەلق داستانلىرىنى كۆپ بىلىدىغان، كەچلىرى ساپ ھاۋالىق ئاغۇ بوستانلىقىدىكى يۇلتۇزلۇق ھويلىسىدا كېگىز سېلىنغان سۇپىدا ئولتۇرۇپ ئۆسمۈر قۇربان بارات ۋە ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرىگە قىسسەلەرنى سۆزلەپ بېرىشەتتى. چۆچەك، داستانلاردىكى خىيالىي دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە بىپايانلىققا ئېرىشكەن ئاشۇنداق قويۇق شېئىرىي مۇھىتتا تېخمۇ كېڭىيىپ، ئۇنىڭ نەسەبىنى پۈتكۈل ئۇيغۇرغا، ئوتتۇرا ئاسىيا، پارىس قولتۇقىغىچە تونۇلغان بىر شائىرنىڭ كەلمىشىگە ئۇلايدۇ.

       2. شائىرنىڭ شېئىرىيەتكە يۇغۇرۇلغان بالىلىق كەچمىشلىرى

     

    ئاتۇش ئەزەلدىن ئىلمۇ-ئېرپانغا كەڭ قوينىنى ئاچقان يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلاردىن باشلاپ يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى قوزغاپ 1935-يىللاردىكى گومىنداڭ ھاكىمىتيىتىنىڭ ئاق تېرورلۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدىمۇ يېتىشكەن كومپىزۇتۇر، شائىر، ئۇلۇغ مىللىي ئىنقىلابچى، يېڭىچە مائارىپنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا پۈتۈن ۋوجۇدى بىلەن كىرىشكەن مەشھۇر مائارىپ ئىنقىلابچىسى مەمتىلى (تەۋپىق)ئەپەندىدەك ئۇلۇغ كىشىلەر چىققان ماكاندۇر. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان قۇربان بارات ئۈچۈن شېئىرىيەت ئۇنىڭ ساۋادى چىققاندىن باشلاپلا تۇنجى ئۇچىراشقان ساھەلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1953-يىلى 7ياشقا ئەمدىلا تولغان قۇربان بارات باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئۇقۇۋېتىپلا شۇ چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىنىڭ پۈتكۈل باشلانغۇچ قىسمىنى ئوقۇپ بولغان ئىدى. بۇ ماتېرىياللاردا 19-ئەسىر روس كېلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن چىققان مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىدنن نەمۇنىلەر بار ئىدى. كىچىكلىكىگە باقماي نەدە كىتاب بولسا شۇ يەردە پەيدا بولىدىغان چېچەن قۇربان بارات داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشخانىلىرىنى ماراپ ئۇلاردا يېڭىچە، ئۆزى تېخى ئوقۇپ باقمىغان كىتابلار بارمىكىن دەپ يۈرگەن چاغلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ بۇ خىل روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيادا نام قازانغان ئاتاقلىق يازغۇچى ئايبېكنىڭ «قۇتلۇق قان» رومانى، روس شائىرى ئا. س. پۇشكىننىڭ «كاۋكاز ئەسىرى»ناملىق شېئىرىي پوۋېسىتى، «سىگانلار»، «پولتاۋا»ناملىق مەشھۇر داستانلىرىدىن تۈزۈلگەن «داستانلار»ناملىق كىتابى، يەنە روس يازغۇچىسى گېرتسېننىڭ «ئوغرى سېغىزخان»ناملىق داستانلىرىنى بېرىدۇ. بالىلىق قەلبى بىغۇبار، سۇ قۇيسىمۇ ئىزى قالىدىغان ئوچۇق زېھىنلىك كىچىك، ئەمدىلا يەتتىگە كىرگەن بۇ قىزغىن ئۇقۇرمەن يۇقارقى كىتابلارنى قايتا-قايتا ئۇقۇۋېرىپ شېئىرىيەتنىڭ مۇئەللەقتە ئاق بۇلۇتلاردەك لەيلەپ يۈرىدىغان خىيالىي قەسىرىگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى بالىلار ئۈگۈنىشكە تېگىشلىك ئاجايىپ بىر روھى بار. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا كۆچۈش ئالدىدىكى يازلىق ئارام ئېلىشتا روسلارنىڭ پۇشكىندىن كېيىنكى يەنە بىر نامايەندە شائىرى مىخائىل يورىيېۋىچ لېرمونتوفنىڭ شېئىر ۋە داستانلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالىدۇ. بىر بازار كۈنىدە ئۇ بۇ كىتابلارنى بىر سېتىقچىنىڭ يايمىسىدا مىلىچماللار قاتارىدا كۆك تېرە تاشلىق «داستانلار»ناملىق كىتابى بىلەن قاتتىق قەغەز مۇقاۋىلىق «ئاشىق غېرىپ»ناملىق كىتابى، روس يازغۇچىسى ئاركادى گايدارنىڭ «تېمور ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى » ناملىق بالىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئالغۇسى كېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن سېتىقچى ئۇنىڭدىن «پۇلۇڭ بارمۇ؟»دەپ سورايدۇ. مەرىپەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىدىغان ئاتۇش خەلقى تۇغما سودا ئېڭىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە مەرىپەتنى، بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنىمۇ ئەڭ چىڭ تۇتىدىغان پۇرسەتنىڭ بىرى دەپ بىلىدۇ-دە!كىچىك قۇربان بارات سېتىقچىنىڭ گېپى بويىچە 14دانە تۇخۇمغا بۇ كىتابلارنى ئايرىۋاشلاپ ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن كىتابلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە مەھەلىدىكى چوڭلارنىڭ ۋە گەپدان ھاممىلىرىنىڭ كەچلىرى ئېيتىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ چۆچەكلىرى بىلەن گۈزەل رىۋايەتلىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلايدۇ. رىۋايەتلەردىكى خىيالىي كۆرنۈشلەر ۋە پۇشكىننىڭ خەلقنىڭ جانلىق تىلى زېمىنىدا ياراتقان بەدىئى سېمالىرىنى، «كاۋكاز ئەسىرى»دىكى شېئىرلاشقان كاۋكاز تاغلىرى ۋە دەشىتلىرىدىكى تەبىئەتنى ئۆزىچە تۇغۇلغان يۇرتى ئاغۇنىڭ تاغلىق تەبىئىيىتى بىلەن، تاغلىق چىركەسلەرنىڭ ھاياتىنى ئاغۇلۇق تىك ياقىلىق پەشمەت بىلەن قارلىغاچ قانىتىدەك كىگىز قالپاقلارنى كېيىپ يۈرىدىغان ئېگىز بويلۇق، كەڭ يەلكىلىك، كۆكۈچ، چېقىر كۆزلۈك ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە ئادەتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالاتتى. كىتابتىكى كاۋكازلىقلار بىلەن رېئاللىقتىكى ئاغۇلۇقلار ئارىسىدا قاندۇقتۇر ئوخشاشلىقلار باردەك تۇيۇلاتتى.

    ئۇلارنىڭ ئوغلاق تارتىشلىرى بىلەن گۈپۈرلەپ ئات چاپتۇرۇشلىرى، دالىلاردىن پادا ھەيدەپ قايتىشلىرى بىلەن مەسچىت ئالدىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈشلىرى ئوخشايتتى. ئۇ كېچىلىرى كوچىدىن ئۆتكەن يولۇچىنىڭ ئېتىنىڭ دۈپۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ، ئاتلىق چىركەس تاغدىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتى. بۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ يېقىنلىرى قازا قىلسا بىر يىلغىچە مۇسىبەت ساقلايدىغان، ئۆلۈمگە يارىغۇچىنىڭ ئەركەك ئۇرۇق –تۇغقانلىرى قىش-ياز ئۇزۇن چاپان ۋە ئۆتۈك كېيىپ يۈرىدىغان ئادەت بار. قىز-ئاياللار بىريىلغىچە ھەر شەنبە كۈنى سەھەردە قەبرىستانلىقلارغا چىقىپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىنداشلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئۇزاقتىن-ئۇزاق يىغلاپ قايىتىشىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار قوشاق قېتىپ يىغلايدۇ. ئۇ قايغۇ قوشاقلىرىنى ۋە مۇڭلۇق ناخشىلارغا ئوخشايدىغان نالىلەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق يات ئادەمنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ كەچمىشلەرنى «كاۋكاز ئەسىرى»داستانىنىڭ شېئىرىي ۋەقەلىكىگە قويۇپ، داستاندا بولسا روس تۇتقۇنىنى چىركەس قىزى قاچۇرىۋەتكەن، ئارقىدىن ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالغان. ئۇنىڭ بالىلىق خىيالىچە بولسا ئۇ روس تۇتقۇنىنى چىركەسلەر ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان چىركەس قىزى بولسا ھەر شەنبە كۈنى سەھەردە ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ قوشاق قېتىپ يىغلايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى. بۇنداق ئارىلاشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ سەۋەبىنى، ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بىزچە، ئېھتىمال بۇ شېئىرىي خىيال بىلەن باغلىما تەسەۋۋۇرنىڭ شائىر ئېڭىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىجاد قىلىش باسقۇچىغا كىرىشنىڭ تۇنجى ئىنكاسى بولىشى مۈمكىن.

    مانا مۇشۇنداق رېئال شارائىت ۋە تۇيغۇدىكى خىيالىي بىلىشنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت مېتودىدا رومانتىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان، كىتابتىكى رومانتىزىم بىلەن فولكلور رومانتىزىمى قويۇق جىپىسلاشقان، ئەسەرلىرىدە رومانتىك كەيپىيات، خىيال ۋە فانتازىيە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان خاسلىققا ئىگە شائىر بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى-دېيىشىمىزگە ئاساس بولىشى مۈمكىن. شېئىرىي ئىجادىيەت ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تاللىشى بولۇپ قېلىشتا، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلىكتىن تارتىپ كىتابخۇمارلىق ۋە ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىكى ياخشى ئۇستازلار، ئائىلىسىنىڭ فولكلورغا باي مۇھىتى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل دېتاللار ئۇنىڭ 20نەچچە ياش چاغلىرىدا ئىجاد قىلغان، ئۇلۇغ ئەركىنلىك شائىرى ل. مۇتەللىپ(1) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىشلىغان«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»ناملىق داستانىدىمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ:

           يادلايتتىم ئوت يانغان مىسرالىرىڭنى،

    چاقنىغان مارجاندەك تىزىپ ئېسىمدە.

    ئوخلىسام، شاخلاردا قونغان بۇلبۇلدەك،

    شېئىرىڭمۇ قوناتتى مېنىڭ لېۋىمدە.

     

    ئۇ ئىدى چۆجىدەك غەمسىز چاغلىرىم،

    خىيالىم ئىدراكتىن تېخى كۆپ يىراق.

    بالىلىق چاغلارنىڭ روھى تۇمانى

    بولىدۇ چۆچەككە، چۈشكە يېقىنراق.

     

    3. شائىرنىڭ ھاياتى-پائالىيىتى

     

    (1)13ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى

      قۇربان بارات 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. 1951-يىلى 9-ئايدىن 1955-يىلى 9-ئايغىچە ئاغۇ مەرگىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدى. ئۇ چاغلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى 4يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدە ئىدى. 1955-يىلى 9-ئايدىن 1958-يىلى 9-ئايغىچە ئاتۇش شەھرىدە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقىدى. بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى تەسسىس قىلىنغان. ئەقىللىق قۇربان بارات شۇ يىلىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشپ، ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا –ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن قالدى. ئۇ، 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ 17يېشىدا شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگەمۇخبىر، مۇھەررلىك ۋەزىپىسى بىلەن خىزمەتكە چۈشتى.

    (2)ھەقىقەت ئادەم تونۇيدۇ.

    بوران–چاپقۇنلۇق مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، يەنى ئۇنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»ئىدارىسىدە ئىشلەپ ئەمدىلا قانات-قۇيرۇقى يېتىلىۋاتقان 1970-يىلىنىڭ ئەتىياز پەسلىدە ئۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگەچكە، سولچىل سىياسەت تۈپەيلى ھەربىي ئىدارە قىلىش كومتېتى نىڭ بېسىمى بىلەن كورلا شەھىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىغا «ھەيدىلىدۇ»، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 24ياشتا ئىدى. شۇ كەتكەنچە تاكى1980-يىلى 11-ئايغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رەجەپ توختى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى خەلپەت قاتارلىق كىشىلەر ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگۈچە بولغان 10يىلدا كورلىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىدا كوررىكتۇرلۇق  قىلدى. شىتاتتا دۆلەت كادىرى، ئەمەلىيەتتە ئەڭ جاپالىق مۇھىتتا ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن قۇربان بارات 35ياشنىڭ قارىسىنى ئالماي تۇرۇپ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۆزى يالغۇز كىرىشىپ كەتتى. 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن چاقىرىلىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچى مەزگىلىدە باشلانغان ئۇلۇغ ئىش- ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش ھەمدە  نەشىر قىلىش ئىشلىرى ئۇدا يەتتە يىل ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتى بوران-چاپقۇنسىز ئۆتتى. ئەمما، بۇ جەرياندىكى ئۇنىڭ جاپالىق باسقان ھەر بىر قەدىمى  مەنىلىك ئىزلارنى قالدۇردى. ، يەنە كېلىپ ئۆزى يالغۇز ھەريىلى بىر –ئىككى نۆۋەت جاي-جايلارغا بېرىپ، پۈتمەس بۇلاقتەك ئىللىق قەلبكە ئىگە خەلق ئاممىسى بىلەن ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىگە ئەسەر ئويۇشتۇردى، ھەر بىر ئەسەرنىڭ مەنبەلىرىنى قازدى، بۇ ساھەدىكى ئوقۇمۇشلۇق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن خەۋەردار ئالىم-مۇتەخسىسلەرنى ئىزدىدى، مانا مۇشۇنداق بىر قوشۇننىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە كۆلەم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن كىرىشتى، بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا تەۋە ئەسەرلىرىدىن 140خىلدىن ئارتۇق ئېلان قىلغان مەنبە ئاساسىدا ئۇندىن بۇرۇنقى تارىخىي شارائىتلار يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك تېخىچە چوڭ بىر بوشلۇق ھالىتىدە تۇرغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»دېگەن دەرىسلىك تۈزۈلۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە مەخسۇس پەن قىلىنىپ ئۆتۈلۈشىگە، ياش ئەۋلادلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىشىغا پۇختا ئاساس يارىتىلدى. مانا بۇ ئۇنىڭ ياش ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشال بولغان، تارتقان جاپاسىدىن ئۆكۈنمىگەن پەيتلىرى بولدى.

    (3) ئۇنىڭ قولىدا كۆكلىگەن «ئورمان»

         1986-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدا يەنە ئۆزگىرىش بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ مېھرىگە قىيمىغان ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىغا قاراشلىق «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى»غا خىزمەتكە چۈشتى. شائىر بۇ يەردە غەلىتە بىر ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەشىر بۆلۈمىدە بۇرۇن باسما زاۋۇتىدا ئىشلىگەن بىر كوررېكتور خادىم بولۇپ، ئۇ ھەم كوررېكتور، ھەم تېخنىك تەھرىر، ھەم نەشىرىيات بۆلۈمىنىڭ باسما زاۋۇتلىرى بىلەن ئالاقىلەشكۈچىسى ئىدى. نەشىرىياتنىڭ قالغان مۇھەررىرلىرى نامدا مۇھەررىر بولغىنى بىلەن كەسىپتىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئەسەر ئورگىنالىنى ئۇقۇپ چىقىپلا، ھېچنەرىگە چېقىلماستىن شۇ پېتى ھېلىقى تېخنىك خادىمغا تاپشۇرۇپ بەرسىلا ۋەزىپىسى تامام بولاتتى. دېمەك، بۇ نەشىرىياتتىكى 7-8مۇھەررىر ئۆزلىرى ئىشلەشكە تېگىشلىك بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ بىرلا ئادەمگە يۈكلەپ قويغان ئىدى. «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى دېگىنى مۇشۇ بىرلا كوررېكتور ئىكەن-دە!». بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغان شائىر «يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس»دەپ ئويلاپ ئەسلىدىنلا خارەكتىرىگە سېڭىشىپ كەتكەن كەسپىي قىزغىنلىقى بىلەن بۇ نەشىرىياتنى تۈزەشكە، ھەقىقى نەشىرىيات قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشىپ كەتتى. نەشىرىياتتا كەسپىي دەرس ئۆتۈشنى ئويۇشتۇرۇپ ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت سائەتتىن مۇھەررىرلىك بىلىملىرى، ئۆلچەملىرى، كوررېكتورلۇق تېخنىكىسى، تەلەپلىرى، ئۇيغۇر تىلى سىنتاكىسى ۋە ئىملا قائىدىلىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا يەنىلا ئەمەلىي يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بىر تەرەپتىن يىللىق نەشىر پىلانى تۈزسە، بىر تەرەپتىن تېما تاللاپ، ئەسەر ئويۇشتۇردى. 1986-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 1988-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىشلىگەن ۋاقتىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللىق چىقىدىغان كىتابنىڭ تۈرى 20-30خىلدىن كۆپىيىپ 120-140خىلغا يەتكۈزۈلدى. تىراژمۇ ھەسسىلەپ كۆپىيىپ نەشىرىياتنىڭ يىل ئاخىرىدا شىنخۇا كىتابخانىسىدىن قايتۇرىۋالىدىغان پۇلى ئىلگىرىكى 200مىڭ يۈئەندىن ئىككى يېرىم مىليۇن يۈئەنگە ئاشتى. ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق ئىشلىگەن كىتاب 51خىلدىن كۆپرەك بولۇپ، خەت سانى15مىليۇنغا يەتتى. نەشىرىياتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقا خىزمەت ئۈنىمى ھەسسىلەپ ئاشقان بىر دەۋرنى كۈتىۋېلىپ، خۇددى قۇرۇپ خارابىلىككە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان چۆللۈكتە بىر كېچىدىلا بۆك-باراقسان يېشىل ئورمانلىق پەيدا بولغاندەك ھەققىي ئەمگەك مېۋىسى بارلىققا كەلدى ھەمدە بۈگۈنكى ئىسمى جىسمىغا لايىق نەشىرىياتنىڭ تەۋرەنمەس ھۇلىنى سېلىپ بەردى.

         ھېچ ئىش قىلماي تۆھپە تالىشىدىغانلار ھامان نامەرتلىكى تۈپەيلىدىن، ئاخىرقى پەللىدە مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ماڭغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومتېتى رەھبەرلىرى 1988-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاپتونوم رايۇن دائىرىسدە 10نەپەر ياش مۇنەۋۋەر مۇتەخەسس تاللاپ چىقىشقا چۈشۈرگەن ساننى بىۋاستە قۇربان باراتقا تەستىقلايدۇ. بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئەينى چاغدىكى ئىدارە باشلىقى قانداق تەلەپ قىلىپ ئەكەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا يەنە شۇنداق يۆتكىلىپ كېتىشنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم يىلدا شائىر ئىشقا چىقمايدۇ، ئائىلىسىدە يېزىقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ يىلى يەنە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە يۇقارقى قىسمەتلىرىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا ئىجاد قىلغان «بۆرە»ناملىق شېئىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئوبرازىنى يارىتىدۇ.

        (4) ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى نەشىرىيات سودىگىرى

    ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن سىرتلارنى، دۇنيانى ئايلىنىشقا ھېرىس بولۇپ، بىرى تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسا، يەنە بىرى تۇرىۋاتقان يەردىن، كىشلەردىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەندە يۇرت ئاتلاپ چىقىپ كېتىشىدۇ. كۆڭلى جايىغا چۈشكەندە قايتىپ كېلىشىدۇ. بەلكىم شائىرمۇ شۇ كۈنلەردە، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىغان بولغىيتتى، بەلكىم ئىچى قاتتىق پۇشقان بولغىيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1988 -يىلى 12-ئايدا دۇنيانى كۆرۈشئىستىكىدە چەتئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پولشا، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىدۇ. قايتىپ كەلگەندە نۇرغۇن پىتنە –پاساتقا قالىدۇ، ھەقىقەت ھامان سۇنمايدۇ. «تۆمۈرنى كۈيە يېيەلمەس»دەپ بىكار ئېيىتمىغان كونىلار. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ

     1993-يىلى 3-ئايدا 30يىللىق خىزمەت سىتاژى بىلەن 17يېشىدا خىزمەتكە چۈشكەن قۇربان بارات 47يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. بۇ ياشتا پىنسىيىگە يەنى ئۆزى خالىغان ئىش-پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالايدىغان ئادەمگە ئايلىنىش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن كىشلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەلۋەتتە، 17ياشتا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزەلەيدىغانلار بولسا يەنىلا شۇنداق بولىشىمۇ مۈمكىن. يەنە شۇنى ئېيتىمىزكى، ئىجتىھاتچان كىشىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئۆزىنى پىنسىيىگە چۈشۈرمەيدۇ. ۋەتەن، مىللەت، خەلق ئۈچۈن ئۆز غايىسىنى تىكلىگەن ئادەملەر شۇ جۈملىدىندۇر.

    ئۇ 1995-يىلىغىچە ئىككى يىل ئائىلىسىدە بىر ياقتىن دەم ئالغاچ بىر ياقتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئارىلىقتا ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چىقىپ كۆز قارىشىنى يېڭىلىدى، كۈندىلىك ھاياتىدا شېئىر يېزىش بىلەنلا ئۆتۈش ئۇنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى، قۇشۇمچە بىرەر ئىش قىلىشنى، نەچچە ۋاقىتتىن ئىگەللىگەن بىلىمى ۋە ھايات تەجىربىسىنى، ھەقىقىي قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىشنى ئىستەيتتى. ئۇزۇن ئويلاش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىق بىلەن يەنى يازغۇچى ھەم نەشىرىيات سودىگىرى بولۇشنى قارار قىلدى. بۇنداق ئىش ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە خەنزۇ يازغۇچىلار ئىچىدە، ھەم چەتئەللەردە خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇد ئىش ئىدى. بىراق، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ ئىش تېخى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن يېڭىلىق ئىدى. 1995-يىلىغا كەلگەندىلا شائىر قۇربان بارات تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزى پىلانلىغان، تاللىغان كىتابلارنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسىغا تەستىقلىتىپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى ئارقىلىق نەشىر قىلدۇردى. ئۇ بۇ ئىشنى دەسلەپ ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئايرىلماس شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى يېتەكلىگەن روس كېلاسسىك شائىرى ئا. س پۇشكىننىڭ داستانلىرى، م. يۇ. لىرمونتوۋنىڭ داستانلىرىنى خەنزۇ تىلىدىكى نەشىرلىرىدن ئۆزى تەرجىمە قىلىپ، كىتاب قىلىپ چىقىرىشتىن باشلىدى. بارا-بارا كىتابلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن جالالىددىن بەھرامنىڭ داڭلىق رومانلىرى، «مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق داڭلىق كىتابلارنى ئارقا ئارقىدىن نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتابلار كىتابخۇمار ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلىرىدىن بولۇپ قالغاچقا، قايتا- قايتا بېسىپ تارقىتىلدى. پۇشكىن، لىرمونتوۋنىڭ داستانلىرى 2011-يىلى يەنە قايتا بېسىپ تارقىتىلدى.

    (داۋامى بار)

         

        

     

     

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قۇربان بارات , شائىر , شېئىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-7-5 19:08:50
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 321
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证