تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› مىسىر پرىزدېنتى مۇھەممەد مورسى(1951-)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    siddiq
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    siddiq@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مىسىر پرىزدېنتى مۇھەممەد مورسى(1951-)



       مۇھەممەد مورسى ، 1950-يىلى 8-ئاينىڭ20-كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىنىڭ شەرقىدىكى شەرقىيە ئۆلكىسىدە ، دېھقان دىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە قاھىرە ئۇنىۋېرستىدا بىناكارلىق ئىلمى بويىچە باكلاۋېرلىقنى ئالغاندىن كېيىن ئامېرىكا جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستىغا بېرىپ ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە كالىفورنىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتنىڭ نوسرىجدىكى(California State University, Northridge)  مەكتىپىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى ئانا يۇرتى شەرقىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كېلىپ زاگازىگ ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى، پروفېسسور بولغان.

       مۇھەممە مورسىى ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن  توي قىلغان بولۇپ ئەھمەد، ئۆمەر، ئوسامە، ئابدۇللاھ ئىسىملىك تۆت ئوغلى ۋە ئەلشايمە ئىسىملىك بىر قىزى بار، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى كالىفورنىيەدە تۇغۇلغان، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا پۇخراسى.

      مۇھەممەد مورسى قاھىرەدىكى ۋاقتىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىق تارىخى تۈپەيلى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان.

       مۇھەممەد مورسىنىڭ قىزى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى ئەسسام ئەل ئەرياننىڭ كېلىنى بولۇپ مۇھەممەد مورسى ئەرەب باھارى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا قانداق قىلىپ دۇنيا تەرىپىدىن سەزگۈر دەپ قارىلىدىغان بۇ تەشكىلاتنى مىسىر ھاكىمىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، تۈرمىگە سولىنىش تەھدىتىگە ئۇچرىغان. 

       مىسىرلىقلار مۇبارەككە قارشى نامايىشنى باشلىغاندىن كېيىن مۇھەممەد مورسى ئىزچىل تەھرىر مەيدانىدا خەلققە نۇتۇق سۆزلىگەن، مۇستەبىتلىكنى، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيىسى ۋە ئىقتىسادى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ خەلقنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. مىسىر ھەربى تەرەپنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يۇشۇرۇن قولغا ئالماقچى ئىكەنلىكىنى مىسىر ساقچىلىرى ئارىسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى پاش قىلغاندىن كېيىن بىر مەزىل بىخەتەرلىكى قوغدىلىدىغان جايغا يۇشۇرۇنغان. 

       مۇبارەك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر نەچچەيلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن سىياسى پارتىيە تەشكىللەش ۋە پارتىيەنى ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيىسى دەپ ئاتاش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسى پارتىيىسى بولغان  ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيىسى(Freedom and Justice Party) قۇرۇلغان ۋە سايلام تەييارلىقى ئۈچۈن قاتتىق مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللانغان كوللىكتىپ بىلەن بىللەن مىسىرنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە ئاۋاز يىغىش پائالىيىتىنى باشلىغان. 

       گەرھە مۇھەممەد مورسى ئامېرىكىدا ياشىغان بولسىمۇ ئەمما مۇخبىرلارنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى سوئالىغا يۇشۇرۇپمۇ ئولتۇرماستىن《فەلەستىن بىز بىلەن بىر مىللەت، ئۇلار بىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىمىز، بىز مىسىرنىڭ سابىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن تېنچلىق كېلىشىملىرىنى، چېگراسىنى ۋە بارلىق توختاملىرىنى ئېتىراپ قىلمايمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى قىيامەتتە مىسىرلىقلار فەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنى ساتقانلىق بەدىلىگە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئۈچۈن مىليۇن ھەسسە جازاغا ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ بۇنداق چوڭ زىياننى تارتقىمىز يوق 》 دەپ جاۋاپ بەردى. 

       مۇھەممەد مورسى مىسىر شۇنداقلا ئەرەب يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە ئېرىشكەن تۇنجى ئىسلامى پارتىيەنىڭ رەھبىرى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بېقىنىدىلا فەلەستىننىڭ غازادا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان فەلەستىن ئىسلام قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقنى قانداق بىر بۇرۇلۇشنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى پۈتكۈل دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا. 

       مۇھەممەد مورسى ئىككى پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان پەرق بىلەن ، تېخى ئەمدىلا مىسىر پرىزدېنتلىقىغا سايلاندى، ئۇ توغرىلىق ماتېرىياللارمۇ بەك ئاز، مەتبۇئاتلار ئەمدىدىن باشلاپ ئۇ توغرىلىق ماتېرىياللارنى ، ئۇنىڭ تارىخى ، سىياسى كەچۈرمىشى ۋە ئىددىيىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تولۇقلايدۇ، ھەربى ھاكىمىيەت مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى... 

       بىز مۇھەممەد مورسىنىڭ مىسىرنى قاياققا يېتەكلەيدىغانلىقىنى، يۈز يىلدىن بېرى ئەرەبلەر ۋە ئسىلام دىنىنىڭ نوپۇزىنى كۆتىرىش شۇئارى بىلەن ئىچكى تاشقى كۈچلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ نىمىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز ...

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مىسىر , مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى , مۇھەممەد مورسى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-6-25 1:43:08
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 3402
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证