ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟(4)
تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟(4)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    nida1974
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 127
    adil.a@163.com
    420614390
    يازما سانى : 6
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-6-23 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟(4)



     

     

    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار(4)

     

    (1) چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئامېرىكا شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇم قوزغاشتىكى غەرىزىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىغان ئىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ كۆز قاراشتا بىرقەدەر بىردەكلىككە كەلگەندىن تاشقىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ نىشانى زادى پەقەت جەنۇبىي چاۋشيەننى ئىشغال قىلىشمۇ ياكى جەنۇبىي چاۋشيەننى تاختا كۆۋرۈك قىلىپ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشمۇ؟ پەقەت يىراق شەرق تەۋەسىدىلا چەكلىنەمدۇ؟ مەسىلەن: تەيۋەن، ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىقلار، ۋەياكى شەرقتىن شەپە بېرىپ غەرپكە ھۇجۇم قىلامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتە ئەسكىرىي كۈچ توپلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقى غەربىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلامدۇ؟ بۇ پەقەت شىمالىي چاۋشيەننىڭ مۇستەقىل ھەرىكىتىمۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلىنىۋاتقان يامان غەرەزلىك ئومۇمىي ستراتېگىيىنىڭ قاراۋۇللۇق قوغدىنىش جېڭىمۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەردە، ھەتتاكى ئىنچوندا قۇرۇقلۇققا چىققۇچە تېخى بىردەك كۆز قاراشقا كېلىنمىگەن ئىدى. بۇ خىل ئۇرۇش مۇددىئاسىغا بولغان گاڭگىراش مۇقەررەر ھالدا تەدبىر بەلگىلەشتىكى نىشانسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
    (2) ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدىن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلدى. گەرچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرى ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىك ئالامەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرىغا دوكلات قىلغان بولسىمۇ، بىراق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ھالىتىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ساقلانغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چاۋشيەن جەنۇپ-شىمال ھەربىي توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولغاچقا، مەيلى سىياسىي ساھەدىكىلەر بولسۇن ۋە مەيلى ھەربىي ساھەدىكىلەر بولسۇن بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغان ئىدى. ھەتتا ئۇرۇش باشلىنىپ بولغاندىمۇ شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى ۋە مەك ئارسۇر يەنىلا بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇ بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىق ئۇرۇش ئەمەس دەپ قارىدى.[9] ئۇرۇشقا نىسبەتەن پىسخىك تەييارلىق كەمچىل بولغانلىقتىن ياكى پەقەت ئۇرۇش پارتلاپ قالسا ياپونىيىگە چېكىنىش تەييارلىقىلا قىلىنغانلىقتىن، ئامېرىكا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ مۇھىتتا ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى، شۇڭلاشقا تەدبىر بەلگىلەشتە نۇقسان بولۇشتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن تەس بولدى.
    (3) گەرچە ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى ئويلىشىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ مەۋقەسى جەنۇبىي چاۋشيەن قوشۇنى ھەرقانداق ھۇجۇمنى تامامەن توسۇپ قالالايدۇ دېگەن بۇ بىر تەھلىل ئاساسىدا بولدى. ئۇرۇش ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چاۋشيەن مەسىلىسىگە بولغان تالاش-تارتىش پەقەت جەنۇبي چاۋشيەنگە يەنە ياردەم بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟ زادى قانچىلىك ياردەم بېرىش كېرەك؟ دېگەندەك مۇشۇ بىرلا مەسىلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ شەخسەن ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ئەزەلدىن ئويلىشىلمىغان ئىدى. ھەربىي تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھالدا پەقەت يەنە ئازراق قورال-ياراق بېرىلسە، جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى جەڭ سېپىنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ دەپ قارايتتى. ھۇجۇم باشلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، مەك ئارسۇر تېخى دالېس ھەمدە ئۇنىڭ ياردەمچىسىگە ھۆددە قىلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى تامامەن تاقابىل تۇرالايدۇ، دېگەن ئىدى.[10] دېمەكچىكى، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، 1-قارارى يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلغاندىن كېيىن، 2-قارارىمۇ ئاسانلا چىقىرىلغان ئىدى. پۈتكۈل ئۇرۇش جەرياندىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەدبىرلىرى ئازدۇر-كۆپتۇر بىر قىسىم ھەربىي ئىشلار تەرىپىدىن بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىلغان ئىدى.
    (4) ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسىدىن ئېيتقاندا، ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولغانلىقى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تەجرىبىسى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى زور تۈركۈمدە قوشۇن قىسقارتقان ھازىرقى ھالىتى سەۋەپلىك، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيە نەزەرىيىسى بىر تەرەپلىمە ھالدا، قۇرۇلۇپ بولغان ھاۋادىن يادرو قوراللىرىدا زەربە بېرىش كۈچى ئاساسىغا مەركەزلەشكەن ئىدى، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىگە ھەددىدىن زىيادە بېقىنىپ قالغان ئىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيىسى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ياكى غەربىي ياۋروپاغا تۇيۇقسىز قوزغايدىغان بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقىلا تەييارلىق قىلىش بولۇپ، بۇ خىل ھۇجۇم بولسا ستراتېگىيىلىك ھاۋا ئارمىيىسى كۈچىنىڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرايتتى. خۇددى رىجۋېي ئېيتقاندەك:« چاۋشيەن ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، بىزنىڭ بارلىق ھەربىي ئىشلار پىلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دۇنيانى قاپلىغان بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشنى پەرەز قىلىش ئىدى ھەمدە بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە، يىراق ھەم مۇداپىئە قىلىشقا ئامالسىز بىر يېرىم ئارالدا مۇداپىئەلىنىش بىر خىل ئەخمىقانە ھەرىكەت دەپ قارىغان ئىدۇق.» «چەكلىك ئۇرۇش، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخى بىرقەدەر ناتونۇش ئۇقۇم ئىدى.»[11] نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنى مىدىرلاتماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمى خاتا بولغانلىقتىن، تېنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى ئالقانچىلىك يەردە نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خەلققە زۇلۇم سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان سالىدىغان، بىر مەيدان ئاپەت خاراكتېرلىق ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قالدى.
    دەل مانا بۇ خىل تونۇشتىكى قارىغۇلۇق، ھۆكۈم قىلىشتىكى خاتالىق ھەمدە پىسخىك ۋە ھەربىي جەھەتتە تەييارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى تېخى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىشتەك بۇ مۇھىم قارارنى ئالدىراش-تېنەش ھالدا چىقاردى. بۇنىڭدا بەلگىلىك تاسادىپىيلىق يوق دېيىشكە بولمايدۇ. بىراق، بىز يەنە شۇنى چوقۇم كۆرۈۋېلىشىمىز لازىمكى، بۇ خىل تاسادىپىيلىقنىڭ كەينىدە، ھەر خىل تاسادىپىيلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، يەنىلا مەلۇم خىل مۇقەررەرلىك ساقلانغان، ئامېرىكىنىڭ جەڭگە ئارىلىشىشىدىكى تارىخىي ئاساس ساقلانغان ئىدى.
    بىرىنچىسى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۆزئارا قارىمۇ-قارشى ۋە دۈشمەنلىشىش نەزىرىدىكى ئىككى خىل ئىدىيىۋىي ھالەت ساقلىنىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئامېرىكا ئۆزىنى كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ داھىيسى دەپ قاراپ، پۈتكۈل كاپىتالىزم دۇنياسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ داھىيسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن تىكلىگەن ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىۋاتاتتى، بۇ خىل ئۈستۈنلۈك ـــ ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولغانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەھدىت خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ ئىزچىل تەشۋىق قىلىۋاتقان نىشانى ـــ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يالتا سىستېمىسى ئاللىقاچان ئومۇمىي جەھەتتىن ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ ياكى ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى، ترۇمېنىزمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى يەنە ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ كاپىتالىزم لاگېرىغا ئوچۇق ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى ئىدى. 1950-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ بىر قېتىملىق گاللۇپچە خەلق رايىنى سىناش خەلق رايىنى تەكشۈرۈشىدە، %75 ئادەم سوۋېتلىكلەر «پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى»نى قولغا كىرگۈزۈشنى كۆزلەۋاتىدۇ دەپ قارىغانلىقىنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ خىل پىسخىك ھالەتنىڭ ئىپادىسى ئىدى.[12]
    ترۇمېنىزمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئاللىقاچان مۇنداق بىر ئاساسىي مۇقامنى بېكىتكەن ئىدى: غەرپ دۇنياسىنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتىدە، ئامېرىكا چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىغان ھەرقانداق ھۇجۇم ياكى پەيدا قىلغان جىددىي ۋەزىيەتنى توسۇشى لازىم. گرېتسىيىدىن بېرلىنغىچە، ئىراندىن جۇڭگوغىچە، غەربىي ئاسىيادىن يىراق شەرققىچە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىرنەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپە مانا مۇشۇنداق بېسىلغان ئىدى. گەرچە ھەربىي ئىشلار ستراتېگىيىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى قوغدىنىش چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق سىياسىي ستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، جەنۇبىي چاۋشيەن قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە تەۋە ئىدى، قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكىنىڭ قوغدىنىشىغا ئېرىشكەن غەرپ دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى ئىدى. ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى بۇ خىل ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، «ئەركىن دۇنيانىڭ داھىيسى»دىن ئىبارەت بۇ يۈزىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، گەرچە ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىغا ئانچە مۇھىم بولمىغان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، يەنىلا ئامېرىكىنىڭ غەرپ دۇنياسىنىڭ «كوممۇنىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى»غا ئۇچرىماسلىقىنى قوغداشقا بەل باغلىشىدىكى سىمۋولىغا ئايلاندى. 1949-يىلى جۇڭگونى «يوقۇتۇپ قويغان»دىن كېيىن، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ يىراق شەرقتىكى بۇ سىمۋوللۇقى تېخىمۇ مۇھىملىققا ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە بولدى.
    ترۇمېن چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئەسلىگەندە دەل مانا مۇنداق دېگەن ئىدى:
    بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىمىز بولسا: ئەركىن بىر دۆلەتكە قىلىنغان بۇ خىل قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى چوقۇم قەتئىي توسۇش لازىم، بۇ تېنچلىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. بىز كۆپچىلىككە شۇنى جاكارلىدۇق، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، چاۋشيەن ۋەزىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن چوڭ، چۈنكى بۇ خىل ۋەزىيەتتىن غەرپنىڭ كۈچى ۋە ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەرنى توسۇشنى ئويلايدىكەنمىز، ئۇنداقتا، بىردىبىر چارە بولسا قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ قارىشىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىز ھەرىكەت قوللىنىپ بىزنىڭ قوللىشىمىز ئاستىدا قۇرۇلغان ھەمدە ب د ت ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنى قوغدىمىساق، ئۇنداقتا، ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا جايلاردىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن ناچار تەسىرگە ئۇچرايدۇ.[13]
    ئەچېسۇن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى:
    بۇ بىر قېتىملىق ئاشكارا ۋە ئوچۇقتىن-ئوچۇق بىزنىڭ خەلقئارادا ھەممە ئېتىراپ قىلغان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ قوغدىغۇچىسىلىقتىن ئىبارەت ئورنىمىزغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق. جەنۇبىي چاۋشيەن بولسا ئامېرىكا ئىشغالىيىتىدىكى ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم رايون. بىزنىڭ جەڭنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمىزغا كەلسەك، بۇ ئېلان قىلىنغان جەڭدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالساق، ئامېرىكىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىناۋىتىنى ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ئىناۋەتنىڭ مەنىسى بولسا ھوقۇقنىڭ سايىسىدۇر، ئۇ تەھدىت سېلىشتا غايەت زور مۇھىملىققا ئىگە. شۇڭلاشقا، بىز بىرمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قورچىقىنىڭ بىزنىڭ مۇداپىئە لېنىيىمىز ئوت كۈچى دائىرىسىدە بۇ مۇھىم رايوننى ئىشغال قىلىشىغا قاراپ تۇرساق خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەقەت بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەپلا قويۇپ، پوزىتسىيىمىزنى بىلدۈرۈپلا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ قايتۇرما زەربە بەرمىسەك بولمايتتى. قارىغاندا، بىز چوقۇم قورال كۈچى ئىشلىتىشكە بەل باغلىشىمىز لازىم ئىدى.[14]
    ئەلۋەتتە، ترۇمېن بىلەن ئەچېسۇننىڭ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشىدىكى ئاساسلىق تەدبىر بەلگىلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇنداق دېيىشىدە، ئامېرىكىنىڭ خاتا ھالدا بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشىغا قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر ئاقلاش غەزىرى بار ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا جامائەت پىكىرى ۋە خەلق رايى ئۇرۇش تېخى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇشقا بولغان قىزغىنلىقتىن بۇ تۈگىمەس ئۇرۇشتىن ئاغرىنىش ۋە نەپرەتلىنىشكە ئۆزگەردى. ئەمما، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ قارارىدا ئىدىيىۋىي ھالەت جەھەتتىكى ئىنتايىن زور ئامىل مەۋجۈت ئىدى. دۆلەت مەجلىسى ترۇمېننىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىش ھەققىدىكى قارارىنى ئوڭۇشلۇق ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئورېگۇن شتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزاسى مورز ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلدى:« رەئىس جۇمھۇرنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىق باياناتى دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرگە ىزنىڭ ھەرگىزمۇ كومپارتىيىنىڭ ئەركىن دۇنياغا تاجاۋۇز قىلىشىغا تاقەت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەردى.»[15]
    ئىككىنچىسى، ئامېرىكا بەلگىلىگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش پرىنسىپى بولسا توسۇش سىياسىتى، بۇ سىياسەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئامېرىكا چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەربىر قەدەم كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى توسۇشى لازىم ئىدى. شۇڭا چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى پىلانلىغان پۈتۈن لېنىيىلىك ھۇجۇمنىڭ تۇنجى قەدىمى ياكى سىناق خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم دەپ قارىدى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا چوقۇم بەكرەك توسۇشى لازىم ئىدى.
    ئۇرۇش پارتلىغان ئىككىنچى كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات تەھلىلچىلىرى خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدى: شىمالىي چاۋشيەن ئىشتىن ئاۋال موسكۋانىڭ يوليورۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرگىز بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنى قوزغىمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ ھەرىكەتنى چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى دەپ قاراش كېرەك، بۇ ئۆتكەن 18 ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەربىي كۈچنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ تەركىبىي قىسمى. بىراق، پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سوۋېت ئىتتىپاقى، روشەنكى، بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلاش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلدى.[16] ئەچېسۇنمۇ:« شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ھۇجۇمنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىغان، قوللىغان ۋە كۈشكۈرتكەن.» دەپ قارىدى.[17]
    ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەنگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستراتېگىيىلىك ھۇجۇمىنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ قارىغانلىقتىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئىنتايىن ئېغىر دەپ پەرەز قىلدى. 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى بلايېر سارىيى يىغىنىدىن كېيىن، ئەچېسۇن ترۇمېنغا دالېسنىڭ توكيودىن ئەۋەتكەن بىر پارچە تېلېگراممىسىنى تاپشۇردى. دالېسنىڭ تەھلىلى بولسا:« چاۋشيەننىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئەھۋال ئاستىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئىشغال قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇلسا، بىر قاتار ئاپەت خاراكتېرلىق ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن دۇنيا ئۇرۇشى پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.»[18] ئىككىنچى كۈنى، ترۇمېن مەك ئارسۇرنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ تارمار بولۇشقا ئاز قالغانلىق ھەققىدىكى تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىگە:« ئەگەر كومپارتىيە چاۋشيەندە غەلىبە قازانسا، ئۇنداقتا ياپونىيە قىزىل ئارمىيە ۋە ئۇچقۇلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدىغان ئارىلىق ئىچىدە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوكىناۋا ئارىلى ۋە فورموسامۇ ئالدى ئارقىسىدىن دۈشمەننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ.» «چاۋشيەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى، مېنىڭ قارىشىمچە، بېرلىن ۋەقەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى قايتا ئوينىلىشى. كوممۇنىستلار دائىم بىزنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئاجىز نۇقتىلىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ بىز دۇنيا ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم.» دېدى.[19] دەل مۇشۇنداق ئويلىشىش سەۋەبىدىن، ئامېرىكا دەرھال دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلىپلا قالماي، يەنە تەيۋەن بوغۇزىغا دېڭىز ئارمىيىسى فلوتىنى ئەۋەتتى، فىلىپپىن ۋە ھىندىچىنىغا ياردەم بەردى، ھەتتا ھاۋا ئارمىيىسىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى بارلىق ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش پىلانىنى تۈزۈشنى باشلاشقا بۇيرۇق بەردى ھەم بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى.
    ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئۆزى دېگەندىن كۆرە، بۇ ئۇرۇشنى ئاقىۋىتى دېيىش ياخشىراق ئىدى. نۇرغۇن غەرپ ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشىدىكى سەۋەپ، بۇ خىل ئارىلىشىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ قارارى چوقۇم ميۇنخېن (ئەسلىدە «مۇنچېن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن) ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇڭا 30-يىللاردىكى مەغلۇپ بولغان تېنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىشى لازىم دەپ قارايدۇ. بۇ خىل تەھلىل ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنتايىن تەبىئىي ئىدى. برەدلېي ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن:« ئاشۇ كۈنلەردە، بىز ئىنتايىن نوقۇل ھالدا دۇنيادىكى بارلىق كومپارتىيىلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىنى ستالىن موسكۋادا شەخسەن ئىدارە قىلىدۇ دەپ قارىغان ئىدۇق. ئاشۇ كۈنى كەچتە، بىز ستالىن ئۆزىنىڭ بېقىندى دۆلىتىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى پىلانىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچتى. چاۋشيەن بەلكىم پەقەت بۇ ھۇجۇمنىڭ تۇنجى قەدىمى، كېيىنكى قەدىمى بولسا تەيۋەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمى بولسا ھىندىچىنى، فىلىپپىنمۇ نىشانىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق.»[20]
    ھىتلېرنىڭ قانداق قىلىپ غەرپ تېنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، ياۋروپانى پىلە قۇرۇتىدەك بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن يۇتۇۋالغانلىق ئەھۋالى يەنىلا كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە چوڭقۇر تۇرماقتا، بۇ ناھايىتى ئاسانلا يىراق شەرق دومىنو قارتىسىنىڭ يەكۈنىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. بۇ خىل قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان ئەنسىرەش، شەكسىزكى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىشىنى قارار قىلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەسلىدە ۋاز كېچىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر يېرىم ئارالغا نېمىشقا زورمۇزور ئەسكەر چىقارغانلىقىنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. ترۇمېننىڭ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇ ئىشخانىسىدىكى بىر چوڭ گلوبۇسنىڭ ئالدىقا كېلىپ، چاۋشيەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:« بۇ يىراق شەرقتىكى گرېتسىيە. ئەگەر ئەگەر بىزنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيىمىز قاتتىق بولسا، ئۇنداقتا ھېچقانداق كېيىنكى قەدەمدىكى ئاۋارىچىلىقلار بولمايدۇ.» دېدى.[21]



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا , چاۋشيەن ئۇرۇشى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-6-24 13:10:09
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 801
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证