تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    nida1974
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 127
    adil.a@163.com
    420614390
    يازما سانى : 6
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-6-23 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟

     



     

    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار(1)

    ئاپتورى: شېنجىخۇا

    تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم

     

       چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ــ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتى ھەتتا يىراق شەرق سىياسىتىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق ئۇرۇش سېپىنىڭ مۇھاپىزەت چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى بارلىق پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى چاۋشيەندىن قولىنى بوشىتىشنى ئاساسىي نۇقتا قىلغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان ئىدى. بۇ سىياسەتنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسى بولسا ترۇمېننىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى باياناتى، ئەچېسۇننىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى نۇتقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 68-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئىدى، بۇ سىياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان لايىھە بولسا 2-ئاينىڭ باشلىرىدا شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى توكيودا تۈزگەن«ئافرىقا زەيتۇن توپى» ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئىدى. [1]

     

        ھالبۇكى، ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېين ئامېرىكا پەقەت بەش كۈن ئىچىدىلا، ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار قارارلارنى چىقاردى ھەمدە قەدەممۇ-قەدەم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئارىلىشىپ قالدى. چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى، ۋاشىڭتونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ كۈتمىگەن يەردىن چىققان ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى ئەكسىچە بىنورمال تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسكىن بولدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇرۇش خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ھاڭ-تاڭ قېلىش ۋە ئالاقزادە بولۇشتىن، ئۇرۇشقا ئومۇمىيۈزلۈك ئارىلىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمىدى. بىز بىر ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈش جەريانىغا قارايدىغان بولساق، ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلىپ قەدەممۇ-قەدەم چاۋشيەن ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنىڭ جەريانىنى كۆرۈۋالالايمىز.

     

    24-ئىيۇن، شەنبە.
    كەچ سائەت توققۇزدىن ئازراق ئۆتكەن چاغ، ۋاشىڭتوندىكى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ باش شتابى چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ بەرگەن تۇنجى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا شىمالىي چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قوزغىغانلىقى، «كائېسوڭنىڭ قولدىن كەتكەن»لىكى يېزىلغان ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى (گوۋۇيۈەن) بۇ خەۋەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرھال سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈردى. ئالاھەزەل شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنى 21:26 دە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى باش ئەلچى مۇچىئو ئەۋەتكەن تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالدى:« چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ دوكلاتىغا ( بۇ دوكلات قىسمەن ھالدا چاۋشيەن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەت ئۆمىكىنىڭ جەڭ مەيدانى مەسلىھەتچىسىنىڭ دوكلاتى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن) ئاساسلانغاندا، شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى بۈگۈن سەھەردە كورىيە جۇمھۇرىيىتى زېمىندىكى بىرنەچچە تايانچ پونكىتلارغا ھۇجۇم قىلغان. ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان ۋاقتى تەخمىنەن سەھەر سائەت تۆت ئەتراپىدا. ئوڭجىن شىمالىي چاۋشيەن توپ-زەمبىرەكلىرىنىڭ بومباردىمانىغا ئۇچرىدى. سائەت ئالتە ئەتراپىدا، شىمالىي چاۋشيەننىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى ئوڭجىن، كائېسوڭ ۋە چونچېن قاتارلىق رايونلاردا 38-پاراللېلدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى گاڭ نېئۇڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. كائېسوڭ ئېيتىشلارغا قارىغاندا چۈشتىن بۇرۇن توققۇزدا قولدىن كەتكەن، شىمالىي چاۋشيەننىڭ تەخمىنەن ئوندەك تانكىسى بۇ قېتىمقى جەڭگە قاتناشقان. شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى تانكىنى ھۇجۇمچى قىلىپ، ئېيتىشلارغا قرىغاندا، چونچېنغا يېقىنلاپ كەلگەن. گاڭ نېئۇڭ رايونىنىڭ جەڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، بىراق شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى تاشيوللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۈزۈۋەتكەن. بىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن چاۋشيەن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىدىكى مەسلىھەتچىلەر ۋە چاۋشيەن ئەمەلدارلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز.
    ھۇجۇمنىڭ خاراكتېرى ۋە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قوزغاش شەكلىدىن قارىغاندا، بۇ كورىيە جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم.»[3]
    ئەينى چاغدا دەل ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دەم ئېلىۋاتاتتى ياكى سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. رەئىس جۇمھۇر ترۇمېن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مىسسۇرى شىتاتىدىكى ئىندېپېندېنس (مۇستەقىللىق) شەھىرىدە جەم بولغان ئىدى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئەچېسۇن، ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋورېن ئاستىنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەرىيلەند شتاتى ۋە ۋېرمونت شتاتىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يىراق شەرق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دالېسمۇ توكيودا بولۇپ تېخى دۆلىتىگە قايتمىغان ئىدى. تېلېفون ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىگە چاقىرىتىلىپ كېلىنگەنلەردىن ئاران ب د ت لاۋازىمەت ئىشلىرى ياردەمچىسى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون خىكسون، يىراق شەرق ئىشلىرى ياردەمچىسى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دىن راسك، ۋەزىپىگە قويۇلمىغان باش ئەلچى فىلىپ جېسۇپ، ب د ت سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باشقارمىسى ئورۇنباسار (مۇئاۋىن) باشلىقى ۋىنتېرخۇس ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى يىراق شەرق ئىشلىرى باشقارمىسى ئەمەلدارى بېيكەن قاتارلىقلارلا بار ئىدى. ھەربىي تەرەپ رەھبەرلىرىگە كەلسەك، ترۇمېن ۋە ئەچېسۇننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوھانسون ۋە شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى رەئىسى بىرەدلېي ئەينى چاغدا توكيودىن ۋاشىڭتونغا قايتىش سەپىرىدە ئىدى.[4] قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى فرەنك پېرستىن باشقا ھېچقايسى مىنىستىر ۋە شتاب باشلىقلىرى بىلەن دەماللىققا ئالاقىلاشقىلى بولمىغان ئىدى.


    سائەت 22 ئەتراپىدا، ئەچېسۇن تېلېفون ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلدى، تېلېفوندا خىكسون چاۋشيەن توقۇنۇشى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغاندىن كېيىن، 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ب د ت نىڭ بىر قېتىملىق خەۋپسىزلىك كېڭىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئەچېسۇن ماقۇللۇق بىلدۈردى ھەمدە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئورۇنباسار ئەلچى ئېرنېست گروسقا ب د ت باش كاتىپى ترىگۋا لېينى ئىزدەش ھوقۇقىنى بەردى. ئەچېسۇن يەنە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پېرس ئارقىلىق بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
    23تىن 20 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، ئەچېسۇن ترۇمېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئەچېسۇن مۇچىئونىڭ تېلېگرامما مەزمۇنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىش تەكلىپىنى رەئىس جۇمھۇرغا دوكلات قىلدى. ترۇمېن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم دەرھال ۋاشىڭتونغا قايتماقچى بولدى. كېچىدە ئۇچۇشنىڭ خەتىرى چوڭلۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنىمۇبىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى خەۋەر بولمىغانلىقتىن، ئەچېسۇن ترۇمېننى ئەتىسى يولغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى.


    23تىن 20 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، خىكسون لېيغا تېلېفون قىلدى. لېي ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئېچىشقا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى ئەمەلدارى پودپولكوۋنىك چېستىر كلىفتونمۇ تاراتقۇلارنىڭ سۈرۈشتۈرگەنلىكى سەۋەپلىك چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ھالبۇكى، ئارمىيە تەرەپ ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلىشىشىنى ساقلاشتىن باشقا، ھېچقانداق ئىش قىلالمىدى. ئەتىسى سەھەرگىچە، مۇچىئو ۋە سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ 1-تېلېگراممىسىدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغاچقا، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئورۇنباسار شتاب باشلىقى توماس تىمبېرمەن رىياسەتچىلىك قىلغان ۋاقىتلىق «قوماندانلىق شتاب» پەقەت دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىن كەلگەن ھەر خىل يوليورۇق ۋە ئاخباراتلارنى تېنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى مەك ئارسۇرنىڭ قوماندانلىق شتابىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكىلا كاپالەتلىك قىلدى، پۈتكۈل بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ قىلغىنى بولسا، پەقەت پودپولكوۋنىك كلىفتوننىڭ نامىدا تاراتقۇلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقىنى جاكارلاشتەك ئاددىي ھەم قىسقا بايانات ئېلان قىلىشلا بولدى.


    25-ئىيۇن، يەكشەنبە.
    يېرىم كېچە سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، خىكسون ئاخىرى گروسنى تاپتى ھەمدە ئۇنىڭغا ۋىنتېرخۇس بىلەن بېيكەن تۈزگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇدىغان تەكلىپ لايىھىسىنى ئېغىزچە بايان قىلدى، مەزمۇنى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تېلېگرامما ئارقىلىق جىددىي يىغىن چاقىرىش ھەققىدىكى ئىلتىماس ۋە ئامېرىكىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلىرىگە ئۇقتۇردى، ئاندىن ۋىنتېرخۇسنى ئۇچقۇ بىلەن تەكلىپ لايىھىسىنى نيۇيوركقا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.
    دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئەتىگەندە جەنۇبىي چاۋشيەندىن كەلگەن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلىگەن ھالدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى:« بىر تانكا كالوننىسىنى يادرو قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم سېئۇل ۋە كىمپۇ ئايروپورتىغا قاراپ كەلدى. جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ قورال-جابدۇقلىرى قارشىلىشىشقا يارىمايدۇ.» ئەمدىلا مەرىيلەند شتاتىدىن ماشىنا بىلەن ۋاشىڭتونغا قايتىپ كەلگەن ئەچېسۇن چاۋشيەندە ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى بېكىتتى، ۋەزىيەت خەۋپلىك ئىدى، شۇڭا ئۇ يەنە ترۇمېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ترۇمېن دەرھال ۋاشىڭتونغا قايتىشنى ھەم شۇ كۈنى كەچتە بلايېر سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن يىغىن ئېچىشنى قارار قىلدى. ترۇمېن يەنە ئەچېسۇندىن قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئۈچ ئارمىيە مىنىستىرلىرى ۋە شتاب باشلىقلىرى بىلەن دەرھال تەتقىق قىلىپ، ئۆزى قايتىپ بارغۇچە بىر لايىھە تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
    10دىن 35مىنۇت ئۆتكەن چاغ، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى ھەربىي ئىشلار ئاخبارات باشقارمىسى مەك ئارسۇرنىڭ قوماندانلىق شتابى ئەۋەتكەن بىر ئومۇمىي ئەھۋال بايانىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا ۋەزىيەت بىر قەدەر خۇشاللىنارلىق مۆلچەرلەنگەن ئىدى. دوكلاتتا:« شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇمچى قىسىملىرى ئاران ئۈچ دىۋىزىيە، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ مۇداپىئە قىسىملىرى بولسا تۆت دىۋىزىيە، ئۇندىن باشقا 5-دىۋىزىيە ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى.» دېيىلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، دوكلاتتا قولدىن كەتكەن بىر قىسىم زېمىنلارنىڭ ھەممىسى جىددىي مۇداپىئە پىلانىدا پەرەز قىلىنغىنىدەك بولدى، ئۇنى چوڭ ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. مەك ئارسۇر:« شىمالىي چاۋشيەننىڭ جەڭگە قاتناشتۇرغان ئەسكىرىي كۈچى ۋە ستراتېگىيىلىك مۇددىئاسىدىن قارىغاندا، گەرچە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى كۈچلۈك، تاكتىكىسى جەھەتتىمۇ تۇيۇقسىزلىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەرقانچە قىلغان بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئېنىق ئەمەس.» دەپ قارىدى. ھەر ئېھتىمالغا قارشى، مەك ئارسۇر جەنۇبىي چاۋشيەنگە ئوق-دورا يۆتكەشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە فىلىپپىنگە توپلاشقان 7-فلوتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى چاۋشيەنگە ئاتلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ھەربي تەرەپ ئەسلىدىنلا چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئاي ئىلگىرى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن بولغاچقا، بۇ چاغدا، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ خەۋپكە تۇتقان پوزىتسىيىسى پۈتۈنلەي بۇ جىددىي پىلاننى (ئۇرۇش پارتلىسا، ئامېرىكا تېز سۈرئەتتە بارلىق ھەربىي خادىم، دىپلوماتلار ۋە پۇقرالارنى چېكىندۈرۈش، لازىم بولغاندا ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەپ قوغداش) ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىشلا بولدى.
    11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، ئەچېسۇن ترۇمېننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەربىي تەرەپ خادىملىرى قاتناشقان يىغىن ئاچتى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدىن يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى باشلىقلار ئىدى، يەنى ئەچېسۇن، ۋېبېر ۋە راسكلار ئىدى، ئەمما بەش بۇرجەكلىك بىنا تەرەپتىن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پەقەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى لاۋتون كوللىنىس ۋە ئورۇنباسار شتاب باشلىقى توماس تىمبېرمەنلا ئىدى. روشەنكى، ھەربىي تەرەپ بۇ يىغىنغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىدى. يىغىن ھەرىكەت پىلانى تەكلىپىنى ماقۇللىدى:« ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى كۈچلىرى سېئۇل، كىمپۇ ئايروپورتى ۋە ئىنچون پورتى ئەتراپىدا مۇداپىئە چەمبىرىكى قۇرۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ مەك ئارسۇرنىڭ ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن جەنۇبىي چاۋشيەننى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشىگە ھوقۇق بېرىش، ئىلگىرىكى ھەربىي ياردەم پىلانىنىڭ چەكلىمىسى ئۇچرىماسلىق؛ پەقەت كورىيە قىسىملىرىنىڭ يەنىلا جەڭ قىلغۇدەك كۈچى بولسىلا، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرى چېكىنىشكە بولمايدۇ؛ مەك ئارسۇرنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم؛ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېلەت تاشلاپ چاۋشيەندە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشنى ماقۇللىسىلا، مەك ئارسۇرنىڭ 7-فلوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كۈچلەرنى يۆتكەپ، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئاھۋال ئاستىدا،38-پاراللېلنىڭ ئەسلىدىكى پاسىل سىزىقى بولۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ھوقۇق ۋە يوليورۇق بېرىش لازىم.» گەرچە بۇ تەكلىپلەر تېلېفوندا شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ كېيىنكى ھۆججەتلىرىدە يەنىلا بۇ ھەرىكەت پىلانى دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېيىلدى.
    چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولغان چاغ، ترۇمېننىڭ «مۇستەقىللىق» ناملىق مەخسۇس ئۇچقۇسى كەنساس ئايروپورتىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، ۋاقىت قىس بولغانلىقتىن، رەئىس جۇمھۇرنىڭ ئىككى ھەمراھى ئۇچقۇغا ئۈلگۈرەلمىدى. ترۇمېن ئۇچقۇدا تېلېگرامما ئارقىلىق ئەچېسۇنغا كەچ سائەت 7:30دا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى ئالاقىدار خادىملار بىلەن بىللە بلايېر سارىيىدا كەچلىك تاماق يېيىشنى ھەمدە جىددىي يىغىن ئېچىشنى ئۇقتۇردى. دەل ترۇمېننىڭ مەخسۇس ئۇچقۇسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا، نيۇ يوركتىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىمۇ باشلانغان ئىدى. لېي ب د ت نىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شىمالىي چاۋشيەننىڭ ب د ت نىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەدبىر قوللىنىپ، بۇ رايوندا تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى لازىم دەپ قارىدى. ئارقىدىنلا گروس ئامېرىكىنىڭ قارار لايىھىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن شىمالىي چاۋشيەننىڭ دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى توختىتىپ، قوشۇنىنى 38-پاراللېلغا چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەچېسۇننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەييارلىغان قارارىدا ئەسلىدە «شىمالىي چاۋشيەننىڭ كورىيە جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان ئاساسسىز قوراللىق ھۇجۇمى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېيىلگەن ئىدى. بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا باشقا بىر نەچچە دۆلەتلەر ھازىرقى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇ خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنى «تېنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىدى. ئامېرىكا بۇ پىكىر بويىچە قارار لايىھىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. شۇڭا چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن ئىلگىرى، يىغىننى قىسقىغىنە ۋاقىتلىق توختىتىپ ئويلانغاندىن كېيىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ قارار لايىھىسىنى قوبۇللاشقا ماقۇللۇق بىلدۈردى، پەقەت يۇگوسلاۋىيىلا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : چاۋشيەن ئۇرۇشى , ئامېرىكا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-6-23 16:52:30
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 972
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证