تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى

     



     

    پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى

     

    پەلەستىن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمقى ئاتىلىشى كەنئان ئىدى. ئۇ ھازىرقى ئىسرائىلىيە، گازا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئىئوردانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. تارىختا، يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە تۇرغان ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 20-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە، سېمىت مىللىتىدىن بولغان كەنئانلىقلار پەلەستىننىڭ دېڭىز بوي رايونلىرى بىلەن تۈزلەڭلىكلىرىگە ئولتۇراقلىشىپ، پەلەستىننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى بولۇپ قالدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ھىبرىلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى پەلەستىنگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىدى ھەمدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھىبرى پادىشاھلىقى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. پادىشاھ داۋۇد ۋە سۇلايماننىڭ دەۋرلىرىدە يەھۇدى پادىشاھلىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەپ ياشنىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاسسىرىيىلىكلەر، بابىلونلار، پارسلار ۋە رىملىقلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى ھەمدە كونترول قىلىندى. مىلادى1-ئەسىردىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىدە خىرىستان دىنىنىڭ ئۇمۇملىشىغا ئەگىشىپ يەھۇدىلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرى ھىسابلىنىپ دەھشەتلىك ئېزىشكە ئۇچرىدى بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىلار پاناھلىق ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كېتىشكە باشلىدى.

       مىلادى 7-ئەسىردە، ئەرەبلەر رىم ئىمپىرىيىسىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، پەلەستىنگە ئۈزلۈكسىز كىرىپ كەلدى ھەمدە شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئاسىملاتسىيىلىشىپ، بارا-بارا ھازىرقى پەلەستىنلىك ئەرەبلەر شەكىللەندى.

        19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىلىك ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئېلىپ، ھەرجايلاردىكى يەھۇدىيلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ دەل پەلەستىنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا جان تىكىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغ بولغاچقا ئەنگىلىيىكلەر يەھۇدىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى ۋە  ئەرەبلەرنى پارچىلىماقچى بولدى.

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پەلەستىن ئەنگىلىيەنىڭ «مانداتلىق تېررىتورىيە»سىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەنگىلىيە بۇ زېمىننى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى: ئىئوردانىيە دەرياسىنى پاسىل قىلىپ تۇرۇپ پەلەستىننى شەرقىي ۋە غەربىي پەلەستىن دەپ ئىككىگە ئايرىدى. شەرقىي پەلەستىن تاشقى ئىئوردانىيە دەپ ئاتالدى (بۇ ھازىرقى ئىئوردانىيە پادىشاھلىقى شۇ)، غەربىي پەلەستىن بولسا يەنىلا پەلەستىن دەپ ئاتالدى،  (بۇ ھازىرقى ئىسرائىلىيە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرى ۋە گازا بەلباغلىرىنى كۆرسىتىدۇ). شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈزلۈكسىز ھالدا پەلەستىن زېمىنىغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى. يەھۇدىيلار ھەدەپ پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىش جەريانىدا، يەھۇدىيلار بىلەن يەرلىك پەلەستىنلىك ئەرەبلەر ئارىسىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى. 1947-يىلى 11-ئايدا، ب د ت 181-نومۇرلۇق قارارى ــــ پەلەستىننى بۆلۈپ تىزگىنلەش قارارىنى ماقۇللىدى. قاراردا، 27 مىڭ كىۋادرات كېلومېتىرلىق پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىي دۆلىتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرۇلىدۇ، ئېرۇسالىم بولسا خەلقئارالاشتۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ تۈرلۈك قارار پەلەستىنلىكلەر ھەمدە ئەرەب تەرەپلەرنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا ئۇچرىغاچقا، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشقا ئامالسىز قالغانىدى.

    ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيىكلەر ئارىسىدا بەش قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىدى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرتسىز ياردىمىگە تايانغان ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا ئىگە بولۇۋالدى. نەچچە مىليونلىغان پەلەستىنلىك ئەرەبلەر ئۆز دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئۇلار مۇساپىر بولدى. ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئۆزلىرى بېسىۋالغان ئەرەبلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەھۇدىي سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇ يەرلەردە كۆپ قىسىم يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزلىرى بېسىۋالغان يەرلەردىكى ئامما قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىنتايىن زور بولغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش نىيىتىدە بولدى.

     

     

     

    ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىق تەرەققىياتى

       شەرقى پەلەستىن ئىئوردانىيە پادىشاھلىقى بولۇپ ئىسرائىلىيە بىلەن دوستلۇق ئورناتتى. مىسىرمۇ ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلدى. ئىگە-چاقىسىز قالغان پەلەستىنلىكلەر ئامالسىز ئۆزىنىڭ مىللى دۆلىتىنى قۇرۇش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. ۋە مىللىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن، پەلەستىنلىكلەر قوراللىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. 1964-يىلى 5-ئايدا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەش رەسمىي باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى دۆلەت قۇرۇشتىكى كۈرەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تېنچ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىدى.

    1988-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىك كومېتىتىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئالاھىدە يىغىنىدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا 130دىن ئارتۇق دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما ئۆزىنىڭ زېمىنى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، پەلەستىن يەنىلا بىر ھەقىقىي مەنىدىكى دۆلەت ئەمەس ئىدى.

    1991-يىلى 10-ئايدا مادرېتتا ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق يىغىنى چاقىرىلىپ، ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىنتايىن مۈشكۈلاتلىق تېنچلىق سۆھبىتى باشلاندى. بۇ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ 40 نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مەقسىتىدە بولۇشى ئىدى. بۇ قېتىملىق تېنچلىق سۆھبىتى ئوتتۇرا شەرق تېنچلىقنىڭ ئاساسلىق رامكىسىنى قۇرۇپ چىقتى ــــ تېنچلىق سۆھبىتى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ۋە كۆپ تەرەپ سۆھبىتى دەپ ئىككى قاتلامغا بۆلۈنگەن بولۇپ، «زېمىنغا تېنچلىق تېگىشىش»نىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىنى ماقۇللىدى. 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق تېنچلىق سۆھبىتى ـــــ پەلەستىن ئاپتونومىيە «پىرىنسىپ خىتابنامىسى» ۋاشىنگتوندا ئىمزالاندى. كېلىشىمگە ئاساسەن، پەلەستىنلىكلەر ئالدى بىلەن گازا –گېرىچۇ قاتارلىق جايلاردا ئاپتونومىيە يۈرگۈزىدىغان بولۇپ، ۋاقىتلىق مۇددىتى بەش يىل قىلىپ بېكىتىلدى.

    1994-يىلى 5-ئايدىكى ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان گازا-گىرىچۇ ئاپتونومىيىلىك پىرىنسىپ خىتابنامىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمىگە ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى پەلەستىن ئاپتونومىيىنى يولغا قويدى. 1995-يىلى 9-ئايدا پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ يەنە تابا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئالدى-كەينى بولۇپ ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئاساسلىق بولغان يەتتە شەھەردىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ پەلەستىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئايلانما سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

    ئەمما ئىسرائىلىيە 1996-يىلى 6-ئايدا نېتانياھۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن باشلاپ، «زېمىنغا تېنچلىق تېگىشىش» پىرىنسىپىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بۇنىڭ ئورنىغان «بىخەتەرلىككە تېنچلىقنى تېگىشىش» پىرىنسىپىنى دەسسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرى تېنچلىق تەرەققىياتى بىر ئىزىدا توختاپ قالدى. گەرچە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ھېبرون كېلىشىمى» ۋە «خۇۋاي كېلىشىمى»ىنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەينىگە تارتىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئىجرا قىلىنىشقا ئېرىشەلمىدى. 1999-يىلى 5-ئايدا، باراك ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە سايلاندى. «خۇۋاي كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن «شارم ئەل شەيخ مېموراندۇم»ىنى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇن سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى ھەمدە 2000-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئېرۇسالىم ئورنىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە رامكا تۈزۈپ بولۇشقا، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇرۇن بىردەكلىككە كېلىپ بولۇشقا كېلىشتى. ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ مەقسەتلىك كەينىگە تارتىشى بىلەن كېلىشىم شەرتلىرى ياخشى ئەمەلىيلىيشىشىكە ئېرىشەلمىدى. 2000-يىلى 7-ئايدا پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ئامېرىكىنىڭ مارىيلاند شىتاتىدا يۈز كۆرۈشتى، ئېرۇسالىم ئورنى، چېگرا ئايرىش، يەھۇدىيلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىش رايونى، پەلەستىن مۇساپىر خەلقلىرىنىڭ بارارگاھى ھەمدە سۇ مەنبەئەسىنىڭ تەقسىملىنىشى قاتارلىق باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەر سەۋەبلىك بۇ يىغىنمۇ بىردەكلىككە كېلىنمىدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىسرائىلىيە قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ باشلىقى شارون ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەدددەس جايى ئەل ئاقسا مەسچىتىگە مەجبۇرىي باسۇرۇپ كىرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قان-ياشلىق توقۇنۇشنى باشلىۋەتتى. 2001-يىلى 3-ئايدا شارون ھۆكۈمىتىنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى.

     

    ئەرەب ۋە ئىسرائىلىيە زىددىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

    ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنىڭ ئاساسلىق ماھىيىتى زېمىن مەسىلىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ زېمىن تالىشىش كۈرىشى ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۈزۈلمەي ھاسىل  بولۇپ كەلدى.

    1947-يىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن پەلەستىننى بۆلۈپ باشقۇرۇش قارارىدا، ئومۇمىي كۆلىمى 26 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئوشۇق بولغان پەلەستىن زېمىنىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى. 14477 كىۋادرات كېلومېتىرلىق يېرى يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشى ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىلدى، 11655 كىۋادرات كېلومېتىرلىق يېرى بولسا ئەرەبلىكلەرگە پەلەستىننى قۇرۇش ئۈچۈن بېرىلدى، ھەمدە ئېرۇسالىمنى ۋاقتىنچە «خەلقئارالىق شەھەر» قىلىپ بەلگىلەپ، كىمگە قاراشلىقلىقى ئېنىق بولمىدى.

    ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغان ئىككىنچى كۈنى، يەنى 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى پارتلىغان ئەرەب ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىلا، ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە بۆلۈپ بېرىلگەن 6200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرنى يۈتۈۋالدى، ھەمدە غەربىي ئېرۇسالىمنى زورلاپ تارتىۋالدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ پەلەستىنگە بۆلۈپ بېرىلگەن ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بېسىۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي ئېرۇسالىممۇ بار بولۇپ، جەمئىي 5268 كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىن ئىدى. 1967-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن گازا بۆلەكلەرنى ئىگىلىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 6000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق مىسىر غەربىي سىناي ئاراللىرىنى، 1600 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق سۈرىيە گولان ئېگىزلىكىنى، مىسىر تەۋەلىكىدىكى گازا زېمىنىنى بېسىۋالدى، يەنە ئىئوردانىيەنىڭ قولىدىن شەرقىي ئېرۇسالىمنى تارتىۋالدى ھەمدە پۈتكۈل ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلىدى. 1982-يىلىدىكى لىۋان ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن 10-15 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى تار ۋە ئۇزۇن زونا رايونىنى بېسىۋالدى.

    1978-يىلى مىسىر بىلەن ئىسرئاىلىيە تۈزۈشكەن كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە سىناي ئارىلىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەردى. 1974-يىلى، ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىنىڭ بىرقىسمىنىمۇ سۈرىيەگە قايتۇرۇپ بەردى، ئەمما گولان ئېگىزلىكىنىڭ قالغان 700 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنى داۋاملىق بېسىۋېلىپ، 1981-يىلى بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

    يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئۆزى بېسىۋالغان ئەرەب زېمىنلىرىدا يەھۇدىي ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى شىددەت بىلەن كۆپەيتتى. ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ھەمدە گازا زېمىنىدا، ئىسرائىلىيە 200دىن ئارتۇق مۇقىملاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇررۇپ، 10400دىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىينى ئولتۇراقلاشتۇردى. ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار كۆچمەن سىياسىتىنىڭ تۈپكى مەقسىتى، ئۆزلىرى بېسىۋالغان ئەرەب زېمىنىدىكى ئاھالىلەر قۇرۇلمىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىئوردانىيە دەرياسىدىن باشلىنىپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتاشقان چوڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىدى.

    كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت نىڭ 242-، ۋە 338-نومۇرلۇق قارارلىرىغا بوي سۇنۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىنلاردا تىرىلدۈرمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزمەي، 1967-يىلى بېسىۋالغان زېمىنلاردىن چىقىپ كېتىشنى، «زېمىنغا تېنچلىق تېگىشىش»نى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئىسرائىلىيە بۇنىڭ ئەكسىچە، سىناي ئارىلىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ب د ت قارارىنى پۈتۈنلەي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن ھېس قىلىپ، ھازىر پەقەت «تېنچلىققا تېنچلىق تېگىشىش» كېرەك دەپ قارىدى.

    پەلەستىن خەلقى ئۆزلىرى ئېرىشكەن زېمىندا مۇستەقىل بولغان دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ئىسرائىلىيە بولسا غەربىي قىرغاق ۋە گازا رايونىدىكى ۋەكىللەر بىلەن «چەكلىك بولغان ئاپتونومىيە» مەسىلىسىنى مۇنازىرىلىشىش بىلەن بولۇپ كەتتى. سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، لىۋان بولسا ئىسرائىلىيەدىن لىۋاننىڭ جەنۇبىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئىسرائىلىيە باشتىن ئاخىر «سىنىت يەرمۇ بەرمىدى»

     

    ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ بۆلۈپ تىزگىنلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلەتلىرى

    مىلادى 70-يىلىلا، قەدىمقى رىملىقلارنىڭ بۈيۈك قوماندانى ئېرۇسالىمنى بېسىۋېلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس چېركاۋىنى ھالاك قىلغانىدى. مىلادى 135-يىلى، يەھۇدىيلار پەلەستىندىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئۆزىنىڭ 1800 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشلىغان ئىدى. ھەيدەپ چىقىرىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ، يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ زېمىنىغا قايتىپ كېلىشنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.

    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ياۋروپادا كەڭ كۆلەملىك يەھۇدىزىمغا قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىلىكنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. 1881-يىلى، روسىيە گىراژدانى بولغان يەھۇدى دوختۇر پېسكىر «ئۆزىنى ئازاد قىلىش» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كىتاب يەھۇدى تىرىدۈرمىچىلىكىنىڭ باشلىنىش ئېغىزى بولۇپ قالدى. 1896-يىلى، ۋېنگىرىيەلىك يەھۇدىي ئادوۋلات خېسىر «يەھۇدى دۆلىتى» دېگەن كىتابنى چىقىرىپ، يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىلىك ئىدىيىسىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى دەۋردىكى ياۋروپانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئاڭلىغىلى بولىدىغان «يەھۇدىيلار يوقالسۇن!» دېگەن شۇئارلارغا نىسبەتەن، ئۇ كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ھازىر ئەڭ ئاددى بىر ئۇسۇل بىلەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن: بىز ھازىر «چىقىپ كېتىشىمىز» كېرەكمۇ؟ ئەمىسە نەگە بارىمىز؟»، «يەرشارىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىزگە بېرىلىشى كېرەك، بۇنىڭ كۆلىمى بىر مىللەتنىڭ نورمال ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك؛ باشقا ئىشلارنى ئۆزىمىز ھەل قىلىۋالىمىز.»
    خېسىرنىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىدى، ئەمما بۇ مىللەتنىڭ ئائىلىسى زادى قەيەرگە قۇرۇلۇشى كېرەك، بۇ توغرىسىدا يەھۇدىيلار ئارىسىدىمۇ بۆلۈنۈش بولۇپ باققان ئىدى. ئۇلار جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئارگىنتىنانى ئويلاشقان، ھەتتا ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇگاندانىمۇ ئويلاشقان بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا بېلەت تاشلاپ ئىپادىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى. تاكى 1897-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ باسېلدا يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىلىكى ۋەكىللىرىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرغاندىلا، ئاندىن بۇ ئورۇننى ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەدەنىيەتىنىڭ يىلتىزى  بولغان پەلەستىن دەپ بېكىتكەن ئىدى.

    بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا، يەھۇدىيلار «ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولغان ئائىلە (دۆلەت)گە ئىگە بولۇشى» كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «دۇنيا يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىلىك تەشكىلاتى» قۇرۇلدى ھەمدە ھەرىكەتكە كەلدى. ئۇلار يەھۇدىيلارنى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئەرەبلەر ياشاۋاتقان پەلەستىنگە كۆچۈپ بېرىشقا تەشكىللىدى، ھەمدە «يەھۇدىي  فوندى» ۋە «پەلەستىن زېمىنىنى ئېچىش شىركىتى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى قۇردى. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي سەۋەپلىك 1897-يىلى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ماكانىنى تېپىش ئارزۇسى ئەمەلىيلەشكەن بىر يىل دەپ قارالدى ھەمدە پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنى باشلىنىش يىلى دېيىلدى.

     

    «بېلفورت خىتابنامىسى»دىن «پەلەستىن ئاق تاشلىق كىتابى»غىچە

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پەلەستىن ئەنگىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ مانداتلىق تېررىترىيەسىگە ئايلىنىپ قالدى. 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى بېلفورت يەھۇدىي تىرىلدۈرمىچىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روزىھچىلىدقا خەت يېزىپ، «ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھۆكۈمىتى پەلەستىن زېمىنىدا بىر يەھۇدىي مىللىتى دۆلىتى قۇرۇشنى خالايدۇ ھەمدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى چىقىرىدۇ» دېدى. بۇ خەت كېيىن «بېلفورت خىتابنامىسى» دەپ ئاتالدى. يەھۇدىيلار شۇ سەۋەبلىك پەلەستىنگە بولغان چوڭ كۆچمەنلىكىنى باشلىۋەتتى. ئەمما، بۇ قىلمىش پەلەستىن زېمىنىدىكى يەرلىك ئەرەبلەرنىڭ كۈچلۈك قارشلىقىغا ئۇچرىدى، ئۇلار ئېسيان كۆتۈرۈش ۋە ئىش تاشلاش شەكلى ئارقىلىق ئەنگىلىيىگە بېسىم قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىملىق قالايمىقانچىلىق ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناتسېسلارنىڭ زىيانكەشلىكى ئاستىدا، تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قالغان يەھۇدىيلار داۋاملىق پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىۋېرىپ، تاكى 1939-يىلىغىچە داۋاملىشىپ، پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ سانى 445000دىن ئېشىپ كەتتى.

    1936-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئەنگىلىيە پەلەستىندە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر يەھۇدىي دۆلىتى (كۆلىمى كېيىن ب د ت بېكىتىپ بەرگەندىن كىچىك) ۋە بىر ئەرەب دۆلىتى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرەبلەر بۇنى رەت قىلغانىدى. 1936-يىلى 5-ئايدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قارشلىقىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى قوزغاپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىپ، بارغانسېرى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا باشلىدى ھەمدە ئاتالمىش «پەلەستىن ئاق تاشلىق كىتابى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن ئىدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ھەر يىلى پەقەت 15 مىڭ يەھۇدىيلا پەلەستىنگە قۇبۇل قىلىنىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئەرەب يەرلىرىنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدۇ، پەلەستىننى يەرلىك ئەرەبلەر كۆپ بولغان ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىشنىڭ تەييارلىقى قىلىنىدۇ، يەھۇدىيلار مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ قالايمىقانچىلىقى بېسىقتى، ئەمما، ئۆزئارا قارشلىق كەيپىياتتىكى ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش ئەلۋەتتە ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.

    «پەلەستىن ئاق تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلىنغاندا، دەل ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار ناتسېسلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ جان ساقلاۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى جان ئەتكۈدەك بىر زېمىننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان  مەزگىل ئىدى. ناتسېسلارنىڭ قوغلاپ تۇرۇپ قىلغان چوڭ قىرغىنچىلىقىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر يەھۇدىيلار ئۆلگەن بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى 6 مىليونغا يەتكەنىدى، ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ سانىمۇ ساناقلىقلا ئىدى. ئەنگىلىيە گېرمانيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىق سەۋەبى بىلەن، گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كىرىشىگە قوشۇلمىغان ئىدى. شۇ سەۋەب بىلەن يەرلىك يەھۇدىيلار ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئۇرۇشنىڭ سىزىقىغا دەسسەپلا قالغانىدى. گېرمانىيە فاشىزىمىغا بولغان ئورتاق غەزەپ-نەپرەت تۈپەيلىلا، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆزلىرىنى سەل چەكلەپ تۇرۇشقانىدى. ئەمما، ئۇرۇش مەزگىلىدە، يەھۇدىي ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ئەتىرىتى ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ قانۇنسىز ئېقىپ كىرگەن يەھۇدىيلارغا بولغان توشۇش ئەسلىھەلىرىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئەزەلدىن توختىتىپ باقمىغانىدى.

     

    ب د ت نىڭ 181-نومۇرلۇق قاراى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتى

    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ناتسېسلار لاگىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان نەچچە ئون مىڭلىغان پولشا يەھۇدىي مەھبۇسلىرى، ئۆيى يوق مۇساپىرغا ئايلاندى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ماكانىغا قايتىپ بارالمايتتى، چۈنكى شۇ ۋاقىتتا پولشانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇرتىغا  قايتقان يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتقانىدى. بىر نەچچە شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن باشقا، ئۇرۇشنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتقان غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارنى سىغدۇرغىدەك ماجالى يوق ئىدى. ئامېرىكىمۇ ئىشىكىنى ئېچىشنى خالىمىغانىدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارنى ئىككى قولىنى كەڭ يېيىپ ئېچىپ تۇرۇپ قارشى ئالىدىغانلاردىن پەقەر پەلەستىن يەھۇدىيلار رايونىلا بار ئىدى. ئەنگىلىيە يەنە داۋاملىق پەلەستىن ئاق تاشلىق كىتابىدا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، يەھۇدىلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ئەترەتلىرى ئەنگىلىيەنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئىدى. يەھۇدىيلار يوللارنى، كۆۋرۈكلەرنى پارتلىتاتتى، ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنى ئوغۇرلۇقچە قەستلەپ ئۆلتۈرەتتى.

    ئەنگىلىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھېچكىمنى خۇش قىلالمايدىغان ئۇرۇش ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، گېتلىرنىڭ 6 مىليون يەھۇدىيغا زىيانكەشلىك قىلغان جىنايىتى بارغانسېرى ئاشكارىلىنىۋاتاتتى، خەلقئارا جامائەت پىكىرلىرىدە يەھۇدىيغا ئىچ ئاغرىتىلىۋاتاتتى. قۇتۇلدۇرۇلغان شۇ پولشا يەھۇدىيلىرىنى يەنە داۋاملىق يىغىۋىلىش لاگىرىدا تۇرغۇزۇش ئانچە چەك باسمايدىغان ئىش ئىدى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئەينى يىلى ئىتالىيە ئوتتۇرىغا قويغان گرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئىتالىيە ئارقىلىق پەلەستىنگە يۆتكەش قارارىغا قوشۇلمىغانلىقى ئىشلىرىمۇ ھەممەيلەنگە ئاشكارا بولۇشقا باشلاپ، ئەنگىلىيەنى يەھۇدىيلارنى قىرىپ يوقىتىشتىكى قولچوماقچى دۆلەت دېگەن جامائەت غۇلغۇلىسى پەيدا بولدى. خەلقئارلىق جامائەت پىكىرلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئەنگىلىيە پەلەستىندىن قول ئۈزۈشنى قارار قىلدى. 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنگىلىيە پەلەستىندىن ئىبارەت بۇنداق قولنى كۆيدۈرىدىغان بىر پارچە ئوتنى ب د ت غا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    1947-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيىدا 13كە قارشى 33 بېلەتنىڭ قوللىشى ۋە 10 بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن، پەلەستىننى بۆلۈپ تىزگىنلەش قارارى ماقۇللاندى. مانا بۇ ب د ت نىڭ 181-نومۇرلۇق قارارى ئىدى. قاراردا مۇنداق بەلگىلەنگەن ئىدى: ئەنگىلىيە 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى پەلەستىندىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، ھەمدە بۇ يەردىن ئۆز ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ؛ ئىككى ئايدىن كېيىن، پەلەستىن زېمىنىدا ئىككى دۆلەت قۇرۇلىدۇ، يەنى ئەرەب دۆلىتى بىلەن يەھۇدىي دۆلىتى. بۆلۈپ تىزگىنلەش قارارىنىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن، ئەرەب دۆلىتىنىڭ زېمىنى 11203 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن ئەينى ۋاقىتتىكى پەلەستىننىڭ %43ىنى ئىگىلىگەن ئىدى. نوپۇس جەھەتتە ئەرەبلەر 725000، يەھۇدىيلار 10 مىڭ ئادەم ئىدى. يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ زېمىنى 14924 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پەلەستىن زېمىنىنىڭ %57ىنى ئىگىلەيتتى. نوپۇس جەھەتتە ئەرەبلەر 497000 يەھۇدىيلار 598000 ئادەم ئىدى. مەزكۇر قارار يەنە، ئېرۇسالىمنى خەلقئارالىق ئالاھىدە سىياسى ھوقۇققا ئىگە قىلىپ، ب د ت باشقۇرۇدىغان قىلىپ بەلگىلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشچىلار پارتىيىسى ئىكەنلىكىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق يەھۇدىيغا قارشى پوزىتسىيىسىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى، ھەمدە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان دېپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ياردەم بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گىرومىيكو ب د ت يىغىنىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇتۇقتىن بىرنى سۆزلەپ، 181-نومۇرلۇق قارارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ماقۇللىنىشىدا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. ئىلگىرىكى «بېلفورت خىتابنامىسى»دە بولسا يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتى قۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئەنگىلىيە بۇ ۋاقىتتا بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

    ئەينى ۋاقىتتا، پەلەستىن رايونىدىكى ئەرەبلەرنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن ئارتۇق قىسمىنى ئىگىلەيتتى. ئەمما بۆلۈپ تىزگىنلەش قارارىدا ئەرەب دۆلىتىگە پۈتۈن پەلەستىننىڭ ئاران %43ى بۆلۈپ بېرىلدى. ئەرەبلەرنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنى شۇ بولدىكى، ب د ت قارارى بويىچە بۆلۈپ بېرىلگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنى ئۆز ئارا ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر-بىرىگە چېگرىداش ئەمەس ئىدى. نۇرغۇن قىسىملىرى دۆڭلۈك ئېدىرلىقلار ۋە ئۈنۈمسىز يەرلەر ئىدى. يەھۇدىي دۆلىتىگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، يەھۇدىيلار نوپۇسى ئاران 600000 ، ھەتتا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىمىسىمۇ، ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن زېمىن پەلەستىن زېمىنىنىڭ %57ى بولۇپ، كۆپ قىسىم يەرلەر دېڭىز بويى رايونلىرى، مۇنبەت تۇپراقلىق جايلار ئىدى.

    1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تېل ئەۋىف زامانىۋىي سەنئەت مۇزىيخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، يەھۇدىيلار مىغ-مىغ ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، بوي ئېگىزلىكى 1.6مېتىر كېلىدىغان «ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرۇش ئاتىسى» بېن گۇرىيون «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى. بېن گۇرىيۇن ئىسرائىلىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

    ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى خەۋىرى تېلگرامما ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالدى، كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئاكتىپ بولغان ئىنكاسلارنى بىلدۈردى. بېن گۇرىيۇن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ 17 مىنۇتتىن كېيىن، ئامېرىكا ئاق ساراي كاتىپى چارلى روس مۇخبىرلارغا: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلغانلىق بايانات ئامېرىكىلىقلار بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان چاغدىلا پۈتۈلۈپ بولغانىدى. ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ «ئىسرائىلىيە» ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، پىرىزدېنت تىرومېن بايانات ئۈستىدىكى «يەھۇدىي دۆلىتى» دېگەن خەتنى جىجىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئىسرائىلىيە» دەپ يېزىپ قويغانىدى. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     

    دۆلەت قۇرۇپ ئىككىنچى كۈنى ئۇرۇش پارتلىدى

    1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى،  ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ پەلەستىندىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئەرەب بىرلەشمە دۆلەتلىرىدىن مىسىر، ئېراق، لىۋان، سۈرىيە ھەمدە تاشقى ئىئوردانىيە (1950-يىلى ئىئوردانىيە دەپ ئۆزگەرتىلدى)نىڭ ئارمىيىلىرى ئالدى-كەينى بولۇپ پەلەستىنگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرەب بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيىگە نىسبەتەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى، بۇ قېتىملىق ئۇرۇش تارىختا «پەلەستىن ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى.

    كېيىنكى بىرنەچچە قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئەنگىلىيە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىتىراتىگىيىسىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ، كۆرۈنۈشتە پەلەستىن ئۇرۇشىدا ئەرەب تەرەپتە تۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ يېڭى دۆلەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئىسرائىلىيىگە يېتەرلىك مەدەت بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان چېخىسلوۋاكىيە ئىسرائىلىيەنى كۆپ مىقداردا ھاۋا ئارمىيىسى ۋە پاراشوتچىلار ئەترىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە، ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەھۇدىي ئەسكەرلىرى ھەربىي سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ۋە خەتەرگە قارىماستىن، ئۈچ دانە ئېغىر تىپتىكى پارتلاتقۇچ ئايروپىلاننى ھەيدەپ، چېخىسلوۋاكىيەنىڭ ئايرودرومىدا ئايروپىلانلارغا لىق بومبا قاچىلاپ، قاھىرە ۋە دەمەشىقنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇپ كەتتى.

    ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرى بىربىرىگە بولغان گۇمانى تۈپەيلى، ئىچكى قىسىمدا ئىتتىپاقلىشالمىدى، تاشقى ئىئوردانىيەنىڭ پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن مىسىر پادىشاھى فەرۇق ئۆزلىرىنىڭ چوتىنى سوقۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پارتىزانلىرىنىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما پارچە-پۇرات ئۇرۇشلار تاكى 1949-يىلىغىچە داۋاملاشتى. بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن، پەلەستىن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى: ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىنىڭ %78ىنى ئىگىلىۋېلىپ، «بۆلۈپ تىزگىنلەش قارارى» بەلگىلىمىسىدىن 5700 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېشىپ كەتتى؛ ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئىئوردانىيەنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ گازا رايونلىرى مىسىرنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. مىليونلىغان پەلەستىنلىكلەر ئۆز ئانا ماكانىدىن  قوغلاپ چىقىرىلىپ، سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىدى.

    بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ئەتراپتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنى چەكسىز ئىزا ئاھانەتكە قالدۇرۇپ، ھەممىلا يەردە ئىنقىلاپنىڭ پۇرىقى پۇراپ تۇرىدىغان بولدى. 1949-يىلى 3-ئايدا، 8-ئاي ۋە 12-ئايدا، سۈرىيەدە ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ ئۈچ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى. 1951-يىلى 7-ئايدا، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئاتا بالا ئىككىسى پەلەستىنلىك مۇساپىرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇللاھ پادىشاھنىڭ 18 ياشلىق نەۋرىسى ھۈسەيىنگە ئوق تەگكەن بولسىمۇ، ئەمما دادىسىنىڭ ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئېسىپ قويغان مېدالىيون سەۋەبلىك ھايات قېلىپ، 1953-يىلى ئارىسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ئىئوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقىغا پادىشاھ بولدى. 1952-يىلى 7-ئايدا، مىسىر ھەربىيلىرى فەرۇق خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەركىن ئوفېتسىرلار تەشكىلارىنىڭ باشلىقى ناسىر 1956-يىلى 6-ئايدا مىسىر پىرىزدېنتى بولدى.

    بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

    بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى (1948-1949): پەلەستىن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسرائىلىيىلىكلەر بولسا «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» دەپ ئاتايدۇ. 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تاشقى ئىئوردانىيە، ئېراق، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئەسكەر چىقىرىپ ئىسرائىلىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاچتى.

     

    ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى (1956-1957): سۈۋەيىش قانىلى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسرائىلىيىلىكلەر «غەربى سىناي ئۇرۇشى» دەپ ئاتايدۇ. 1956-يىلى 10-ئايدا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىسرائىلىيە دۆلەتلىرى مىسىر جاكارلىغان سۈۋەيىش قانىلى شىركىتنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەنلىكى بىلەن پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىنى چەكلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بىرلىشىپ مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان.

    ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى: (1967): «ئالتە بەش ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى «ئالتىنچى ئاي ئۇرۇشى» دەپ ئاتايدۇ، ئىسرائىلىيىلىكلەر «ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش» دەپ ئاتايدۇ. 1967-يىلى، ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ ئەقەبە قولتۇقىنى پېچەتلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تاڭ سەھەردە مىسىر، سۈرىيە، ئىئوردانىيەغا قارىتا ئوت ئاچقان.

    بەشىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى (1982-يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە): لىۋان ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىسرائىلىيە قوشۇن چىقىرىپ لىۋاننىڭ 14 يېرىنى بېسىۋالغان، لىۋان چېگرا ئىچىدىكى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە لىۋاندىكى سۈرىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشىدۇ.

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پەلەستىن , ئىسرائىلىيە , يەھۇدى , ئەرەب. توقۇنۇشنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-6-21 20:17:01
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1032
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证