تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13137
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى



     

     

    يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ  كىشىلىكى  ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى

     

    1958 - يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاتۇشنىڭ شورۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان ۋە 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى 54  يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆرمەت قازانغان ۋە سۆيگۈ بىلەن ئەسلەنگەن، قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مەنىۋىي ئۇل سېلىشقا تىرىشقان تالانتلىق پېداگوك، پىكرى ئۆتكۈر مۇتەپەككۇر ۋە تونۇلغان قۇتادغۇبىلىگشۇناستۇر. 

    باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يۇرتى ئاتۇشتا تاماملىغان ۋە 1978- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئېتىقادلىق، دۇرۇست، ئىشەنچلىك، پەزىلەتلىك، تىرىشچان، ۋەتەنسۆيەر، مىللىي ئەنئەنىگە سادىق، مىللىي ھاياتنى خۇسۇسىي ھاياتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر بىر شەخستۇر.  ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن 30 يىللىق ھاياتىئىككى دەۋرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنجى دەۋر 1983- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا  ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتكەن ھەمدە تالانتلىق پېداگوك سۈپىتىدە تونۇلغان. ئۇنىڭ مۇنبەردىكى ھاياتى بەك قىسقا داۋام قىلغان بولسىمۇ، بۇ جەرياندا ئۇ مول بىلىمى، ئىلغار مېتوتى،  ھېسياتلىق نۇتۇقلىرى، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى، بولۇپمۇ غۇرۇرغا تولغان ئوتلۇق قەلبى ئارقىلىق نەچچە مىڭ ياشنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئۇستازىغا ۋە قەلبىدىكى ئۆرنەك شەخسكە ئايلانغان. كەسپىي ساھەسىدە ھەممىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالىنىپ،  ئوردۇن بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئوقۇتۇش ھاياتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. تەتقىقاتىنى دېداكتىك (تەربىيىۋىي) يۆنىلىشتىن باشلىغان.

     يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى 1996- يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان 16 يىللىق تارىختۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۈرۈمچىدە ياشاپ، بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقات ساھەسىنى كېڭەيتىپ، دىققىتىنى كلاسسىك ئەسەرلەر، ئائىلە تەربىيەسى،  مائارىپ، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قاراتتى. چۈشەنچە ۋە پىكىرلىرىنى يەنە ھەر خىل سورۇنلاردا، سەھنىلەردە ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتنىڭ مەنىۋىي يېتەكچىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ دەۋر ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق مەزگىلىدۇر، شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن، سۆيگۈ ۋە ھۆرمىتىنى قازانغان دەۋرىدۇر.

     ھاياتىنى ئۈگىنىش ۋە ئىزدىنىش بىلەن، بىلگەنلىرىنىمۇ باشقىلارغا بىلدۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ھازىرغا قەدەر ‹‹ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا››، ‹‹ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت››، ‹‹بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن››، ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى››، ‹‹مەدەنىيەت كارۋانلىرى››، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››(رومان)، ‹‹11- ئەسىر ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيەسى››، ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى››، ‹‹ھاياتلىق ۋە نومۇس››، ‹‹ئادەمىيلىك مىزانلىرى››، ‹‹قائىدە – يوسۇنلىرىمىز›› قاتارلىق 20 پارچىدىن كۆپرەك كىتاب  نەشر قىلدۇرغان ۋە ‹‹بۇلاق››، ‹‹مىراس››، ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنسىتىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى››، ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› قاتارلىق تۈرلۈك گېزىت- ژۇرناللاردا ‹‹ ‹قۇرئان كەرىم› دىكى ئەخلاقىي دەۋەتلەر›› قاتارلىق 110 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلغان. بۇ ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ھاكىمىيەت ئىدىيەسى، پەلسەپىسى، ئېتنوگرافىيەسى، ئەدەبىياتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاقى، پەن-مائارىپى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى ۋە يات مەدەنىيەت ئالدىدىكى پوزىتسىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل تېمىلار  قولغا ئېلىنغان.  ئەسەرلىرى ئومۇمەن تارىخ، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە باغلانغان  بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋىي ئاساسلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، ھەر ساھەدىكى يېتەكچى شەخسلەرگەخىتاپ قىلىش، مىللەتنىڭ روھىنى قايتا يارىتىشتەك ئىنقىلاپچىللىق  مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. شۇڭا، ئەسەرلىرى ئەسلىتىش، ئويلاندۇرۇش، ئىبرەت ئېلىش، ئۆزىنى تونۇش، تەربىيەلەش، بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا يېڭى بىر دەۋر يارىتىشتەك ئىدىيە بىلەن تولغان. مەسىلەن:

              بىرىنچى، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ  ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن بۇ ساھەدە يېڭى بىر يول ئاچقان شەخسكە ئايلاندى. 80- يىللاردا بىر تۈركۈم شائىر ۋە ئالىملار ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم مۇھىتىغا، يەنى تار دائىرىدىكى زىيالىلار قاتلىمىغا تەقدىم قىلغان بولسا، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بۇ ئەسەرنى نەسرىيلەشتۈرۈش، رومانلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا شەرھىي يېزىش ئارقىلىق  ئۇنى  يېڭى بىر سۈپەتكە ئىگە قىلدى ۋە  بۇ ئەسەرنى تار مۇھىتتىن ھالقىتىپ مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان كەڭ خەلق ئاممىسى چۈشىنەلەيدىغان بىر ئەسەرگە ئايلاندۇردى. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك  بولغىنى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بۇ ئەسەرنى ياش- ئۆسمۈرلەر دۇنياسىغىمۇ ئېلىپ كىرىپ، ئەسەرنىڭ  تارقىلىش ۋە ئۆزلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ  قىممەت قاراش ۋە مىللىي غايە تىكلەشتىكى ئەڭ مۇھىم مەنبەسى سۈپىتىدە تونۇتتى.

              ئىككىنچى، 2001- يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى›› دېگەن ئەسىرى ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئىچىدە تىڭىرقاپ قالغان، مىللىي تەربىيەدە كىرېزىسكە پاتقان، تارىخىي ۋە مىللىي ئەنئەنىدىن ياتلىشىش ھادىسىسىگە دۇچ كەلگەن  ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە مۇھىم بىر قوللانمىغا ئايلاندى. بۇ ئەسەردە ھەم ئەنئەنىگە سادىق ھەم زامانىۋىي چۈشەنچىگە ئىگە ئەۋلادلارنى يارىتىشنىڭ مەنىۋىي ئاساسلىرى كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇل ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.

           ئۈچىنچى،  يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ  «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تەتقىقاتى كەڭ دائىرىلىك ۋە سىستېمىلىقتۇر.  ئۇ بۇ گىگانىت ئەسەر  ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ خاقانىيە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرىنى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ   مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا ئاتاپ يازغان  ئىككى مىليون خەتلىك  « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› كە شەرھى» دېگەن قۇرال كىتابى ئېنسىكلوپېدىيەلىك ماھىيەتكە ئىگە كاتتا ئەسەردۇر. پات ئارىدا نەشرىدىن چىقىدىغان بۇ ئەسەر ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىدا ۋە ئۇيغۇر ئىدىيە - مەدەنىيەت  تەتقىقاتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ زور نەتىجىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلىرى ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىك ھاياتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات  نەتىجىلىرى مەخسۇس ۋە ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ بىر تېمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، كىلەچەكتە ‹‹تۇغلۇقشۇناسلىق›› تىن ئىبارەت يېڭى بىر تەتقىقات ساھەسى مەيدانغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامى، روھى ۋە ئىدىيەسىنى تېخىمۇ پارلىتىدۇ.

     ئۇيغۇر مەدەنىيتى تەتقىقاتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق ۋە بۈيۈك پېداكارلىق كۆرسەتكەن، مىللىي غايە ۋە ھەق –ناھەق مەسىلىسىدە كەسكىن ۋە مۇرەسسەسىز  مەيداندا تۇرغان  يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ بىردىنبىر غايىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە ئىلغار بىر مىللەتكە ئايلىنىشىغا  كۈچ قوشوش ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆمۈر بويىداۋراڭسىز ياشاپ، مىللەتنىڭ ئابرۇيى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، بارلىقىنى مىللىي ئىستىقبالغا ئاتىدى. ئۇ ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بېغىشلاش ئۈچۈن ياشىغان ئۇلۇغ شەخستۇر. ئۇ ئارىمىزدىن ئايرىلدى، ئەبەدىيلىك ھاياتقا كۆچتى. ئۇنىڭ ئەزىز روھى بىز ئۈچۈن ئۆرنەك بىر ئىنسان سۈپىتىدە قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالدى. بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇرماقتىمىز. بىز بۇ قايغۇنى پەقەت ئۇنىڭ كىشىلىكى ۋە روھىنى قوغداش يولى بىلەنلا تۈگىتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز ۋە مەرھۇمغا ئاللادىن رەھمەت تىلەيمىز. ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئاللاغا دۇئا قىلىمىز. تارىخ تۆھپىكارلارنى ئۇنۇتمايدۇ! مىللەت ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى قەدىرلەيدۇ!  ئۇيغۇر مىللىتى سۈيۈملۈك پەرزەنتى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى مەڭگۈ  ئەسلەيدۇ!

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق , كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-6-20 20:00:19
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 617
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证