تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئامېرىكا 3-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى توماس جېففىرسون
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېرىكا 3-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى توماس جېففىرسون



     

    ئامېرىكا 3-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى توماس جېففىرسون

     

    تولۇق ئىسمى: توماس جېففىرسون

    ئاتىلىشى: ئۇزۇن پۇت تام

    توغۇلغان ۋاقتى: 1743-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ~ 1826-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى

    ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1801-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ~ 1809-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

    كېلىپ چىقىشى: ئېكىنزارلىق خوجايىنى

    ئوقۇش تارىخى: ئۇنۋېرسىتېت (ۋېليام-مارىي ئۇنۋېرسىتېتى، پەلسەپە، ئەدەبىيات)

    كەسپى: ئادوۋكات، مەمۇرىي خادىم

    پارتىيە-گۇرۇھى: دېموكراتلار پارتىيىسى (قۇرغۇچىسى)

    دىنىي ئېتىقادى: يىگانە ئىلاھ دىنى

    ۋەزىپىسى: ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى، مۇئاۋىن پىرىزدېنت

    رەپىقىسى: ماشا ۋېرىس سىكىرتون

    پەرزەنتى: ئۈچ ئوغۇل، ئۈچ قىز

    ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»، «ۋېرگىنىيە خاتىرىلىرى»، «كېنتاكى قارار لايىھىسى»، «ئەنگىلىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا ھوقۇق ئومۇمىي بايانى»، «پەن-تېخنىكا دېسسىرتاتسىيىسى»

    ھېكمەتلىك سۆزى: ئىنسانلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك بەختى ئۇزۇن مەزگىل تارتىۋېلىندى. ھازىر، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ تېنچلىق ۋە ئەمىنلىك ئىچىدە بۇ بەختتىن قانداق بەھىرلىنىشىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى: ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ئىنسانلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كېتىدىغان تولۇق ئەقىلگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇنىڭ كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى، ھەربىر جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇنىڭ يەنىلا ئىنسانىيەت ھوقۇقىنىڭ بىردىنبىر ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك.

     

    بىرىنچى ئېسىل نەسەپ ئائىلىدىكى ئەلا تەربىيە

    توماس جېففېرسون 1743-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئالپا مارزا ناھىيىسىنىڭ بىر ئېكىنزارلىق خوجايىنى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئەنگىلىيە ۋالىستىن كەلگەن كۆچمەنلەردىن ئىدى، توماس جېففىرسوننىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىمۇ كىچىك توماس جېففىرسون بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئوغلى پېتىر جېففىرسون بولسا توماس جېففىرسوننىڭ دادىسى ئىدى. پېتىر جېففىرسون رىۋايەت خاراكتېرىنى ئالغان شەخس  بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىز بويلىرى، قامەتلىك گەۋدىسى، پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ قۇۋۋىتى بار ئىدى. گەرچە ئۇ رەسمى مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەر ئۆلچەش ئىلمىغا ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، ئىلگىرى ۋېرگىنىيە ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ۋېرگىنىيەنىڭ يەرلىك خەرىتىسىنى سىزغان ئىدى. ئۆز ئېكىنزارلىقنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يۈرۈشتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇ 5000 ئاكىرلىق تاماكا ئېكىنزارلىقىنىڭ خوجايىنى بولغان ئىدى. ئۇ يەنە يەر ئۆلچەش ۋە سىزىش تېخنىكىسىنىڭ ماھىرلىقى بىلەن بىر زىيالى سانىلىپلا قالماي، يەنە ئەخلاق جەھەتتە دۇرۇس، ئۆزى سالماق بولغاچقا، شۇ يەرلىك كىشىلەر قەلبىدىكى ئورتاق مەبۇدىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ھەم شۇ يەرلىك ئامانلىق سوتچى ئەمەلدارى ھەم ئۆلكە ھاكىمى ئىدى. ئۇ 1775-يىلى ۋېرگىنىيە پارلامېنتىغا سايلىنىپ كىرگەنىدى. سىياسىي جەھەتتە، پېتىر ۋېگ تەرەپدارلىرىدىن بولۇپ، مەلۇم خىلدىكى دېموكراتىك ئىدىيە ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرگە چىن پۈتەتتى ھەمدە ئۇنى ئۆز ئەمەلىدە كۆرسىتەتتى. ئۇ ئىندىئانلار چېگرىسى بىلەن كېسىشكەن رايونلارنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان چاغلاردا، ئەزەلدىن قوراللىق كۈچ ۋە زوراۋانلىق ۋاستىلەرنى ئىشىلەتمىگەن، ئەكسىچە ئىندىئانلار بىلەن ئىنتايىن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئىندىنئانلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئەمىنلىكىنى ھىمايە قىلغان ئىدى.

    ئەگەر جېففىرسوننىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي يېڭى دۇنيانىڭ كەلگۈسى بىلەن باغلىدى دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىلگىرىكى كونا دۇنيا بىلەن ئۈزۈپ بولغىلى بولمايدىغان مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى جېننى راندوف جېففىرسون ۋېرگىنىيەنىڭ ئەڭ قەدىمقى ھەم ئەڭ نوپۇزلۇق راندوف ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئەسلى شوتلاندىيە مىللىتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسى ۋېرگىنىيەدىكى ئىنتايىن چوڭ بىر ئېكىنزارلىقىنىڭ خوجايىنى، دادىسى بولسا ئەنگىلىيە ئاقسۆڭەك جەمەتى ئەسان راندوف ئىدى. ئاپا تەرەپ ئائىلە جەمەتى سەۋەبلىك، كىچىك جېففىرسونمۇ ۋېرگىنىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزالىقىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇنلىغان داڭدار شەخسلەر بىلەن تونۇشتى، ئەمما ئۇ دادىسىغا ئوخشاش ئۆز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ غەلبە قازانغان كىشىلەرگە چوقۇناتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىك كېلىپ چىقىشىدىن پەخىرلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇ خىل ھېسسىياتتىن  بىزارلىق ھېس قىلىپ، ھەرقانداق  بىر سورۇندا ئاپىسىنى تىلغا ئالمايتتى.

    جېففىرسون ئىككى ياشقا كىرگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ۋېليام راندوف بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ كىشى بۇ ئائىلىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ئۇ كىشىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، جېففىرسون بىر ئائىلىلىك راندوفنىڭ تاكىرھا ناملىق ئۇ قورۇقىغا كۆچۈپ باردى، ھەمدە تاغىسىغا ۋاكالىتەن ئېتىز ئىشلىرىنى باشقۇردى، رادوفنىڭ تۆت بالىسىنى تەربىيىلىدى. ئۇلار ئۇ قورۇقتا يەتتە يىل تۇردى. بۇ قېتىملىق ئۆي كۆچۈش پېتىرنىڭ ئۆز دوستىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى سەۋەبلىك بولۇپ، جېففىرسون ئۇ يەردى ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىنى ئۆتكۈزدى.

    جېففىرسوننىڭ باي ۋە مەرتىۋىلىك ئائىلىسىلا بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنتايىن ئەلا مائارىپ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان ئىدى. دادىسى پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، توماس بەش ياش ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىش، كىتاب ئوقۇشنى ئۆگەتكەن ئىدى، ھەمدە ئوغلىغا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە ئۆزىنىڭ ھالال كۈچىگە تايىنىش روھىنى سىڭدۈرگەن ئىدى. ئوغلىغا توختىماستىن كىتاپ ئوقۇشىنى، خەت يېزىشنى، ھېسابات خاتىرىلەشنى ۋە خىزمەت قىلىشنى ئۆگىتەتتى. كېيىن توماس ۋېليامىسبۇرگقا ئوقۇشقا بارغان چاغدىمۇ، ئۇ يەردىكى ئەيشى-ئىشرەتلىك، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرمىغانىدى، ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاب قىلىشنى ئېسىدىن چىقارمايتتى.

    1752-يىلى، پېتىر ئائىلىسى يەنە قايتىدىن شادۋېلغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، توماسنىڭ دادىسى ئۇنى يەنە شۇ يەردە قالدۇرۇپ، ئۇنى دوۋېر مىسسىئونېرلار مەكتىپىدە لاتىن تىلى، گىرىك تىكى ھەمدە فىرانسوز تىلى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. 1757-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا 14 ياشلىق توماس جېففىرسون شاۋېلغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ جامىس مورېر ناملىق داڭلىق ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇدى، ئۇ بۇ يەردە كىلاسسىك مائارىپ، گىرىك تىلى، لاتىن تىلى، تارىخ، ئەدەبىيەت، جۇغراپىيە ۋە تەبىئىي پەنلەرنى سېستىمىلىق ئۆگەندى.

    1760-يىلى، 17 ياشلىق جېففىرسون ۋېليامىسبۇرگدىكى ۋېليام-مارىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ بۇ يەردە پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات پەنلىرىنى داۋاملىق ئۆگىنىش جەريانىدا، قەدىمقى گىرىك تىلى، رىم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئەنگىلىيە، فىرانسىيە داڭلىق پەيلاسوپلىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇدى. جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىشكە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئىلىم ئىگەللەش روھى، جېففىرسوننى قەدىمقى ۋە 18-ئەسىردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئىگە بولدى. قانۇن ۋە سىياسىي پەلسەپە ئىلىملىرىگە بولغان قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، ئۇنى يەنە ئەينى دەۋردىكى ياۋروپادا بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان «تەبىئي ھەق» ئىلمىنىڭ ئىدىيە تەسىرىگىمۇ ئۇچراتتى. مانا بۇ جېففىرسون دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم  بولغان مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسىسسورى ۋېليام سىمور ئىلگىرى ئۇنىڭغا ماتىماتىكىدىن دەرس بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ناتۇرال تارىخ، پىسخولوگىيە، ئەخلاق پەلسەپىسى ھەمدە باشقا تەبىئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەيتتى. جېففىرسون دەل مانا بۇ پىروففېسېسسور ئەڭ ئەتىۋارلايدىغان ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. پىروففېسېسسور سىمور  جېففىرسونغا كەڭ كۆلەمدىكى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى سىڭدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ ئەركىن تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى قوزغاتتى. جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جېففىرسون يەنە بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتىنىشىپ تۇردى، ئۇ ھەر كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلىق يول مېڭىش، يۈگرەشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ يەنە ئات مىنىشنىمۇ ئىنتايىن ياقتۇراتتى. ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا ئۇ گۈل بېسىلغان جىلىتكە كىيەتتى ۋە پۇتىغا يىپەك پايپاق تارتىپ، بېلىكىگە چۆرىسىگە نەقىش ئىشلەنگەن شىلەپىسىنى قىستۇرۇۋالاتتى، ئەمما بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا بۇنداق قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقىمغا مەستانە بولۇپ قېلىشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قالغانلىقىغا ئىنتايىن ئۆكۈنگەن ئىدى. ھوزۇر-ھالاۋەتتىن يەتكۈچە بەھىرلىنىش شامىلى كۆتۈرۈلگەن ۋېليامىسبۇرۇگ جەمئىيىتىدە، باي ئائىلە پەرزەنتلىرى توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىش، ئات بەيگە قىلىش ھەمدە مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق تۇرمۇش شارائىتلىرىدە، جېففىرسون قېتىرقىنىپ دەرس ئۆگەندى، ئۆزىنى قەيسەر ئىرادىلىك، ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان ياش قىلىپ تاۋلاپ چىقتى. 1762-يىلى، جېففىرسون ئۇنۋېرسىتېت بەلگىلىگەن بارلىق پەنلەرنى تاماملاپ، ئەلا نەتىجى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى.

    ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جېففىرسون قانۇن ئۆگىنىشنى قارار قىلىپ، پىروففېسېسسور سىمورنىڭ دوستى جوج ۋېسسېكىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە قانۇن ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. ۋېسسېكىس ۋېرگىنىيىدىكى ئىلىملىك ئادوسكات ۋە قانۇن ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، جېففىرسون  بۇ ئوقۇتقۇچىسىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى دادىسى دەپ قاراپ يېقىن كۆرەتتى.

    قانۇن پىرىنسىپلىرىگە ئائىت كىتابلارنى كۆرۈش ھەمدە كۆپلەپ ئەمەلىي دېلو مىساللىرىنى چۈشۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جېففىرسون ھەرخىل ھەر تىپتىكى داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تەتقىق قىلدى. چۈنكى ئۇ قانۇن ھەرگىزمۇ بىر يەككە-يېگانە پەن ئەمەس، ئۇ بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن چېتىشلىق دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، تارىخ، سىياسىي، ئېتىكا، ئەدەبىيات ھەمدە ئىلىم-پەن ساھەلىرىگىچە تۇتىشاتتى. ئۇ يەنە فىرانسوز تىلى، ئىتالىيان تىلى ئۆگىنەتتى.  مۇداپىئە ئۇكۇلى سېلىش تىپىدىكى ھەرخىل تىپتىكى نۇرغۇنلىغان پەن-تېخنىكىلىق كىتابلارغىمۇ ئىنتايىن قىزىقاتتى. بىر قېتىم، جېففىرسون ئۆزىگە چېچەككە قارشى تۇرۇش ۋاكسىنىسىنى ئەملەپمۇ باققان ئىدى. توپلاپ كىتاب كۆرۈش ۋە كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشى جېففىرسوننى ئەينى دەۋر شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ بىلىملىك ياش قىلىپ چىقىپ، كېيىنكى ئىنقىلابىي ئىدىيە داھىيە بولۇشىغا ئىنتايىن مۇستەھكەم مەدەنىي بىلىم ئاساسى سالغان ئىدى.

     

    ئىككىنچى ئېكىنزارلىق ئارقىلىق تۇرمۇش قامداپ، ئادوۋكاتلىقنى كەسىپ قىلىش

    جېففىرسون قانۇننى ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆگىنىپ چىقىپ، 1767-يىلى، بەش يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋېرگىنىيىدە ئادوۋكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. جېففىرسون ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن بىرنى قۇرۇپ، تاكى 1774-يىلىغىچە ئىزچىل تۈردە ئادوۋكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئۇتۇقلارنى قازاندى. يەتتە يىللىق ئادوۋكاتلىق ھاياتىدا، جېففىرسون مىڭدىن ئارتۇق دىنىي دېلوغا قول تىقتى. ئۇنىڭغا دېلو ئىشلەتكۈچىلەردىن ۋېرگىنىيەنىڭ ئاساسلىق كاتتا ئائىلىلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ بار ئىدى. دېلو سوتىدىكى ئاقلاشتا ئۇ ئۆزىنىڭ كەڭ بىلىمى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ئىدى. ئالاھىدە ماختاشقا تېگىشلىكى 1770-يىلى ئاق ۋە قارا تەنلىكتىن بولغان شالغۇت ئىرق سەيلور ھوۋېرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئادوۋكات بولدى. ئۇ ئاقلىغۇچى ئادوۋكات بولۇش جەريانىدا «تەبىئىي ھەق»، «ئىنسانىي ئەركىنلىك»، «بارلىق كىشىلەر تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر»، دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتكىنىدە، پۈتۈن سوت ئەھلى چەكسىز ھەيران قېلىپ، بۇ سۆزلەرنى خەتەرلىك بىر ئىلىم بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان، شۇ سەۋەبلىك بۇ قېتىملىق سوت جېففىرسوننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلاشقان ئىدى. جېففىرسون بىر خىل مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بۇ قۇلدىن ھېچقانداق ئاقلاش ھەققى ئالمىغان ئىدى.

    جېففىرسون ئادوۋكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغىمۇ كۆپلەپ ۋاقىت سەرپ قىلغانىدى. ئۇ دادىسىدىن خېلى زور كۆلەمدىكى يەرگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەسپى كىرىمى پەقەت تۇرمۇشنىڭ قالدى-كەتتىلىرىگىلا ئاران يېتەتتى، ئاساسلىق كىرىمى بولسا يەنىلا شۇ يەردىن كىرەتتى. باشقا ھەرقانداق بىر كەسىپلەرگە ئوخشاش، جېففىرسون ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى كۈزىتەتتى ھەمدە مەخسۇس بىر قوللانما تۇتۇپ، تېمپىراتورا، ھاۋا دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلارنى خاتىرىلەپ ماڭاتتى.

    جېففىرسون ئادوۋكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، شاتۋېلغا يېقىن بىر تاغدا ئولتۇراق ئۆي سېلىشقا باشلىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇرالغۇسى بولغان، يەنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر  مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن مونتېكارلو قورۇسى ئىدى. جېففىرسون قۇرۇلۇش ئىلمىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى كۆردى ھەمدە ئۆزى قۇرۇلۇش چېرتيۇژىنى سىزىپ، بۇ قورۇنى كىلاسسىك ئۇسۇلدا لايىھىلىدى. بۇ قورۇنىڭ نەپىس لايىھىلىنىشى ئۇنىڭ «يۈكسەك قۇرۇلۇش ئىنژېنىرى» دېگەن شەرەپلىك نامىغا ئاجايىپ ماس كەلگەن ئىدى. 1770-يىلى 2-ئايدا، جېففىرسوننىڭ شادۋېلدىكى قورۇسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئۆي-بىساتلار كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىلىكلەر مونتىكارلودىكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى.

     

    ئۈچىنچى چىن سۆيگۈ ئىچىدە تۇل ئايالنى ئەمرىگە ئېلىش

    ئۆگىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىك بىلەن ھېسسىياتقا بولغان ئىنتىلىشتىكى رازىمەنلىك، بىر ياش يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەرگىزمۇ زىددىيەت بولۇپ ھېسابلانمىغىنىدەك، جېففىرسونمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمىغانىدى. ئۇ مۇھەببەت ئىستەش جەھەتتە، بەزى ۋاقىتلاردا خۇددى كىتاب ئوقۇغانغا ئوخشاش ئەستايىدىل ئىدى. ئۇنىڭ بويى ئالتە فۇد ئىككى ديۇم كېلەتتى، بەدىنى ئورۇق بولغان چىڭ، كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا ئۇنى باشقىلار «ئۇزۇن پۇت تام» دەپ ئاتايتتى. جېففىرسوننىڭ قىزىلغا مايىل يۈزلىرىدە سېرىق سەپكۈنلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر خىل ئەقىل-پاراسەت، ئاقكۆڭۈللۈك ھەمدە ئاكتىپ روھىي ھالەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قىزغۇچ قوڭۇر چاچلىرى كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى، سۇس قوڭۇر كۆزلىرىدە بولسا ھەرخىل مەنەلەر يالتىراپ تۇراتتى. گەرچە ئۇنىڭ چىرايى ئادەتتىكىدىن باشقىچە ئالاھىدە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋېرگىنىيە ئەربابلىرىنىڭ سالاپەتلىك ئوبرازىغا بەكلە قىزىقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ پوزىتسىيىلىرى دائىم ئادەتتىكىدىن باشقىچىراق سالاپەتلىك، ئىلمىي، ئوچۇق-يورۇق ھەم سەمىمىي ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزلار ئالدىدا ھەددىدىن ئارتۇق خىجىلچان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ مۇھەببەتنىڭ دەسلەپكى جەڭلىرىدە دائىم مەغلۇب بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىدى.

    1762-يىلى، جېففىرسون تۇنجى مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىدى. رېبىكا ۋېرگىنىيە كېڭەش يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇيىس بوۋېرنىڭ قىزى بولۇپ، ئۆزى چىرايلىق، ئوچۇق-يورۇق، كەپسىز قىز ئىدى، ئەمما ئۇ قىزدا مەدەنىيەت ساپە تۆۋەن بولغاچقا، تۇرمۇشتا غايىسى يوق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ياش يىگىتلەر ئۇ قىزنى ساراڭلارچە قوغلاشقان ئىدى، جېففىرسونمۇ ئۇ قىزغا ئامراق بولغاچقا، بۇ مۇھەببەت دېڭىزىدىن ئۆزىنى پەقەتلە تارتالمىدى. بۇ خېنىم ئۇنىڭغا قارا قەغەزدىن كېسىلگەن يانچە سۈرىتىنى بەرگەن بولۇپ، جېففىرسون ئۇ رەسىمنى سائەت قېپىغا سېلىۋېلىپ ھەردائىم يېنىدىن ئايرىمايتتى. ھەر كۈنى ئىختىيارسىز ئۇ رەسىمگە نەچچە رەت قارايتتى. ئەمما جېففىرسوننىڭ بۇ قەدەر مۇھەببەتلىك سۆيگۈسى قىزنىڭ يۈرىگىنى ئۇتالمىدى، ئۇ قىز ئۇنىڭغا بەكلا سوغۇق مۇئامىلىدە ئىدى. 1769-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا، بىر پائالىيەت زالىدا جېففىرسون بىلەن ئۇ قىز ئۇسۇل ئوينىدى، جېففىرسون غەيرىتىنى يىغىپ ئۇ قىزغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان بولسىمۇ، مەغلۇب بولدى. شۇ ئىشتىن كېيىن جېففىرسون دوستى جون پەيىجقا خەت يېزىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا مەن پۈتۈن جۈرئىتىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا بىر نەچچە جۈملە گەپ قىلدىم، گەپلىرىمنىڭ باش-ئايىقى يوق ئىدى، ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقاتتى، ئېنىقكى مېنىڭ تەپەككۈرۈمدە قالايمىقانلىشىش يۈز بېرىۋاتقان ئىدى» شۇنىڭدىن كېيىن رۇبىكا جېففىرسوندىن بىراقلا بەل قويۇۋەتتى.

    مۇھەببەتتە زەربە يېگەن جېففىرسون «رازى بولۇشنى بىلگەن كىشى خۇشالدۇر» دېگەن كەيپىيات ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئازابنى يەڭدى ھەمدە دوستلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق ھېسسىيات جەھەتتىكى بۇ خىل بوشلۇقنى  يەڭدى. شۇ ئارقىلىق ئارىلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بولغان روبىكانىڭ تويىغا نىسبەتەن ئۇ ئىنتايىن سوغۇققان ئەدەبلىك مۇئامىلىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سەۋەبلىك ئۇ قاتتىق بىر ئاغرىدى.

    جېففىرسون تويدىن ئىلگىرى ھېسسىيات جەھەتتە مۇنداق بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنىدى، يەنى يېقىن دوستى جون ھوكنىڭ ئايالى ئېلزابىت مورغا سۆيگۈ تەكلىپى قويغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا جېففىرسون 25 ياش بولۇپ، ئەقلى-ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان بويتاق ئىدى. ئەمما ھوك بولسا ھەر دائىم ئئۇ يەر بۇ يەرلەرگە كوماندىروپكىغا كېتىپ تۆت ئايغىچىمۇ ئۆيگە كېلەلمەيتتى، شۇڭا ئۇ جېففىرسوندىن ئايالى ۋە قىزىدىن ئەھۋال ئېلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەنىدى. بۇ مەزگىلدە، جېففىرسون موردىن مۇھەببەت تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مورنىڭ ئىنتايىن تېزلىك بىلەن كەسكىن رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ئىش شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندە، جېففىرسون پىرىزدېنتلىققا سايلانغان شۇنداقلا سىياسىي دۈشمەن سۈپىتىدە بۆھتان چاپلانغان ۋاقىتتا، ھوك بۇ ئىشنى پاش قىلىپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى. ھەمدە جېففىرسونغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇنى ئايالىنىڭ ھۇجرىسىغا ئوغۇرلۇقچە كىرگەن دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئىش ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندا، جېففىرسون ئۆزىنىڭ ئىككى نەپەر ئىچكى كابېنت ئەزاسىغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنىڭ بىر ئەيىبىگە قايىلمەن، يەنى ياش، بويتاق مەزگىللىرىمدە، ياش، چىرايلىق بىر خانىمغا مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلغانىدىم. مەن ئۇنىڭ توغرا ئىش ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن. مانا بۇ مەن ئەيىبلەنگەن جىنايەتلەر ئىچىدە بىردىنبىر ئاساسقا ئىگە بولغىنى.»

    بۇ جېففىرسوننىڭ ھايات يولىدىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي بولغان ئوربېتىدىن چەتنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ماشا ۋېرىس بىلەن بولغان نىكاھى ھەمدە نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئۇنىڭ مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولالايدۇ.

    ماشا ۋېرىس سىكىردون ياش تۇل ئايال بولۇپ، جېففىرسوندىن ئالتە ياش كىچىك ئىدى. ئۇ ئېسىلزادە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى جون ۋېرىس داڭلىق ئادوۋكات ئىدى. ماشا كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ياخشى مائارىپ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئىنتايىن ساپالىق بولۇپلا قالماي، ئۆزىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭ بويلىرى ئېگىز، قامىتى زىلۋا ئىدى. تېرىسى سۈزۈك بولۇپ، بىر جۈپ قوڭۇر كۆزلىرىدىن ھېسسىياتقا باي ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. جېففىرسوننىڭ يۈرىگىنى ئەڭ دەسلەپتە مايىل قىلغىنى ماشانىڭ مۇزىكىغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بولدى. جېففىرسون ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىدە، ئۇ كىچىك ئىسكىرۇپكا بىلەن ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى، بەزىدە ئىككىيلەن تەڭ ئېيتىپ كېتەتتى.

    جېففىرسون ئىنتايىن خىجىلچانلىق بىلەن ماشاغا سۆيگۈ تەكلىپى قويغاندا، ماشا رەت قىلغانلىقىنى بەك ئېنىق ئىپادىلىمىدى شۇنداقلا دەرھاللا ماقۇلمۇ دېمىدى. شۇنىڭ بىلەن جېففىرسون ماشانى قوغلىشىشقا باشلىدى ھەمدە ئەڭ  ئاخىرىدا ماشانى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشتى. ماشا بىلەن تونۇشۇپ بىر يىلدىن كېيىن، جېففىرسون بىر دوستىغا تۈزلا قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھەربىر بەختىيارلىق تۇرمۇش لايىھىلىرىم ئىچىدە، ماشا ھەر دائىم ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇندىكى ئاساسلىق پېرسوناژ بولۇپ تۇرىدۇ، مۇبادا بۇ لايىھىلىرىمدە ماشا بولماي قالسا، ئۇ چاغدا بۇمۇ مېنىڭ لايىھەم بولماي قالىدۇ.» 1771-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ماشا جېففىرسون بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلدى. توي مەرىكىسى 1772-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋېليامىسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتتى، ماشا خۇددى قانداق قىلىپ ئەركىن، شوخ، ئۇماق ئايال بولۇشنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى، ئەلۋەتتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆيۈنەتتى. ئۇلار بىرلىكتە ئۆتكەن ئون يىلدا، ئائىلە ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئۇلار جەمئىي ئالتە پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىسى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، بىرى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتتى، پەقەت ئىككىسىلا قاتارغا قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تويدىن كېيىنكى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن، ماشانىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، قىزى ئۈچۈن مىراس قالدۇرۇپ قويغان مال-دۇنيا بىلەن جېففىرسوننىڭ مال-مۈلكى ئىككى ھەسسە قاتلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋېرگىنىيەدىكى ئەڭ چوڭ يەر خوجايىنى بولۇپ قالدى.

    تۆتىنچى ئەنگىلىيەگە قارشى تۇرۇشقا ئاتلىنىش

    جېففىرسوننىڭ يۇرتى غەربىي قىسىم چېگراغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا چېگرا خەلقىنىڭ قاقاسلىق ئىچىدە مەدەنىيەت قېزىشتىكى كۈرەشلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، غەربى قىسىم كۆچمەنلىرىنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر بولغان دېموكراتىك تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇ ئىزچىل تۈردە، ئىنسانلار مەيلى ئۆتمۈش، ياكى ھازىر ۋە مەيلى كەلگۈسىدە بولسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىشقا قادىر، دەپ قارايتتى. 1765-يىلى، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ «ماركا بېجى قانۇنى»نى تارتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇستەملىكە رايون خەلقىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئەستايىدىللىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىۋاتقان جېففىرسونمۇ، «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپلىق بىلەن شۇڭغۇدى. بىر ئادوۋكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېففىرسون قانۇننى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى بىر خىل كەسىپ دەپ قاراپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جەمئىيەت ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قورال دەپ بىلدى. خەلق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 1766-يىلى 3-ئايدا «ماركا بېجى قانۇنى»نى بايقۇت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 1767-يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتى يەنە قايتىدىن ئاتالمىش «توئۇنسېندىيە لايىھىسى»نى ماقۇللاپ، شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ قارشلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى.

    1768-يىلى، جېففىرسون ناھىيىلىك تەرتىپ ساقلاش سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە ئارپا مارزا ناھىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋېرگىنىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. جېففىرسوننىڭ سىياسىي ھاياتى باشلىنىش ھارپىلىرى، دەل مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرىشىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۇقىرى پەللىسىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. «توئۇنسېندىيە لايىھىسى» ناملىق زورلاپ باش ئېلىش لايىھىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئاكتىپ دېموكراتلار مەزھىپىدىكى سەيمېر ئادامىس قاتارلىق بىر نەچچە كىشىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، ماسساچۇستېس پارلامېنتى بىر پارچە «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىپ، مۇستەملىكە رايونلىرىنى « توئۇنسېندىيە لايىھىسى»گە قارشى بىردەك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشكە چاقىردى. 1769-يىلى، ۋېرگىنىيە پارلامېنتىمۇ مەزكۇر لايىھىگە قارشى قارار ئېلان قىلدى ھەمدە مۇنداق دەپ بايانات ئېلان قىلدى: مۇستەملىكە رايونلىرىدىن باج يىغىش قانۇنىغا ئىگە بولغىنى، مۇستەملىكە رايون پارلامېنتى، ھەرگىزمۇ ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئەمەس. مۇستەملىكە رايونى ۋالىيسى پوتېتو مەزكۇر پارلامېنتلارنى مەجبۇرىي چاچماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزىنىڭ يىغىنلىرىنى لېرى مېھمانخانىسىنىڭ ئاپوللو چوڭ زالىغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرىۋېرىپ، ئاتالمىش «تارقىتىۋېتىلگەن پارلامېنت» بولدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆت كىشى يادرولۇق شەخس بولغان بولۇپ ـــ جورجى ۋاشىنگتون، توماس جېففىرسون، پاترېك ھېنرى ۋە رىچارد ھېنرى لى قاتارلىقلار ئىدى. بۇ تۆت كىشى مەخپى باش قوشۇپ، «تارقىتىۋېتىلگەن پارلامېنت»قا «ئېمپورت قىلىنمايدىغان كېلىشىم»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلدى. 26 ياشلىق ياش پارلامېنت ئەزاسى جېففىرسون ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كېلىشىم ئۈستىگە ئىمزا قويدى. بۇ «كېلىشىم»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، « توئۇنسېندىيە لايىھىسى» بايقۇت قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئىمزا قويغۇچىلار ئەنگىلىيىدىن ئېمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن بىرىمۇ سېتىۋېلىشقا بولمايتتى. مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ بىردەك قارشلىقى سەۋەبلىك، ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئامالسىز كىشىنى بىزار قىلىدىغان بۇ باج يىغىش لايىھىسىنى بايقۇت قىلدى.

    « توئۇنسېندىيە لايىھىسى» گەرچە بايقۇت قىلىنغان بولسىمۇ، چاي بېجى يەنىلا ساقلاپ قېلىندى. بۇ ئەنگىلىيە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىغا بولغان باج يىغىش ھوقۇقىنى يەنىلا ساقلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، شىمالى ئامېرىكا مۇستەملىكە رايونى بىلەن ئەنگىلىيە مېتروپولىيىسىنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە ئىدى. بۇ قېتىملىق بوران-چاپقۇنلۇق ئېلىشىشتا، جېففىرسون باشتىن-ئاخىر ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇشنى باش سېپىدا بولۇپ كەلدى. پارلامېنت ھەر قېتىملىق قارار تېزىسى تۈزۈش ۋە ماتېرىيال يېزىشقا دۇچ كەلگەندە، جېففىرسوننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يېزىقچىلىق تالانتى نامايەن بولۇپ، ئۇنى پارلامېنتتىكى مۇھىم شەخسكە ئايلاندۇرۇپ باراتتى.

    1773-يىلى باھاردا، ئەنگىلىيەنىڭ «گاسىب ناملىق» ھەربىي پاراخوتى پىروۋىدېنىزغا يېقىن جايدا ئوت ئېلىپ كۆيۈشكە باشلىدى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىر ئالاھىدە سوت تەشكىل قىلىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە «ئىش تېرىغۇچى»نى ئەنگىلىيىگە ئاپىرىپ سوتلايمىز، دەپ چالۋاقىدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈرلۈك قىلىشى مۇستەملىكە رايون خەلقلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، ۋېرگىنىيە پارلامېنتىمۇ بۇنىڭغا قارىتا قارشلىق بىلدۈردى. جېففىرسون بۇ زور مەسىلىگە ئىنتايىن ئەتراپلىق دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارىدى. ئۇلار ۋېيامىسبۇرگدا بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىن چاقىردى. يىغىنغا قاتناشقانلاردىن جېففىرسوندىن باشقا يەنە پاترېك ھېنرى، رىچارد ھېنرى لى ھەمدە جېففىرسوننىڭ ئىنىسى، دوستلىرىدىن دابون كارلار قاتارلىق ئاكتىپلارمۇ بار ئىدى. جېففىرسون مۇنداق دەپ قارايتتى: «كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭ جىددى تەدبىر شۇكى، باشقا بارلىق مۇستەملىكە رايونلىرىنىمۇ، ئەنگىلىيىنىڭ ھەرقايسى ھوقۇق تەلەپلىرىگە قارشى تۇرۇشنىڭ، بىز كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇشى كېرەك» ئۇلار ۋېرگىنىيەنىڭ «ئالاقە كومېتىتى» قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇستەملىكە رايونلىرى ئارىسىدىكى زىچ ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا سىياسىي پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەنگىلىيىگە قارشى ھەرىكەتلەردە بىردەك بولۇشقا قولايلىق يارىتىش ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ئەنگىلىيەنى مۇستەملىكە رايونلىرىدا قانۇنسىز قۇرغان تەكشۈرۈش سوت مەھكىمىلىرى قاتارلىق بىر قاتار قاراتلىرىنى ئەيىبلىدى. «ئالاقە كومىتېتى»نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشى، ئەنگىلىيىگە قارشى ئامما ھەرىكىتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈردى.

    «بوستۇن چاي تۆكۈلۈش ۋەقەسى»دىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە پارلامېنتى 1774-يىلىدا ئالدى-كەينى بولۇپ، «بەش خىل يول قويماسلىق پەرمانى»نى ماقۇللاپ، بىر قارار يۇقىرى بېسىملىق ۋاستىلەرنى قوللاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولسا بوستۇن پورتىنى پېچەتلەش پەرمانى ئىدى. بۇ پەرمان پۈتكۈل مۇستەملىكە خەلقىنى بىراقلا غەزەپلەندۈردى. جېففىرسون بۇ ئىنقىلابنى بوستۇندىن پۈتكۈل شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىلار ئارىسىغىچە كېڭەيتكەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ قالدى. جېففىرسون ۋېرگىنىيە پارلامېنتىغا، پەرمان ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى، «ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈنى، خورلۇق كۈنى ۋە دۇئا-تىلاۋەت كۈنى» قىلىپ بېكىتىشنى جاكارلاش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپ پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللاندى، چۈنكى ئۇلار، پەقەت دىنىي-ئېتىقاد شەكلىنى قوللانغاندىلا، كىشىلەرنى ئۆم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. مەزكۇر قارار سەۋەبلىك، ۋېرگىنىيە پارلامېنتى يەنە بىر قېتىم مۇستەملىكە ۋالىسى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلدى. ئەمما، ۋېرگىنىيە خەلقى بۇنىڭلىق بىلەن تىز پۈكۈپ قالمىدى، ئۇلار دەرھاللا ئۆزىلىرىنىڭ پارلامېنت ۋەكىلىنى سايلام چىقتى، جېففىرسون يەنە بىر قېتىم ۋەكىل بولۇپ سايلىنىپ، قارشلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلدى. ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتىمۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

    1774-يىلدىكى جېففىرسوننىڭ ۋېرگىنىيە پارلامېنتىدىكى قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى، «ئەنگىلىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا شىتاتلىرىنىڭ ھوقۇق بايانى» ناملىق كىتابنى نەشىردىن چىقىرىشى بولدى. بۇ كىتاب ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان  كىچىك قوللانما بولۇپ، گۈزەل سۆزلەر ۋە ئاممىباب تىللار ئارقىلىق، ئەنگىلىيە مېتروپولىيەسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە رايونلىرىدىكى ھەرقانداق بىر نوپۇز-ھوقۇقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ مۇستەملىكە رايونلىرى خەلقلىرى ئەركىن خەلق، تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئاساسلىنىش، ھەرگىزمۇ خوجايىنىنىڭ بەرگىنىگە ئاساسلانماسلىق كېرەك، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ھوقۇققا ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايتتى. جېففىرسون ئەنگىلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان، مۇستەملىكە رايونلىرىدىكى ھەرقانداق بىر ئەركىنلىكنى بوغۇدىغان چەكلىمە قانۇن لايىھىلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى؛ ئەنگىلىيە پادىشاھىنى، مۇستەملىكە رايونلار پارلامېتلىرىنىڭ ماقۇللىغان ھەرخىل قانۇنلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىقىدا ئەيىبلىدى؛ ئۇ مېتروپولىيە دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلىمىلىكى بولماسلىقى، مۇستەملىكە رايونلىرىغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتمەسلىكى كېرەك دەپ قارايتتى.

    جېففىرسون 7-ئايدىكى تومۇز ئىسسىققا قارىماي بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتى، يېزىپ چىققاندىن كېيىن ماقالىنى ئېلىپ ۋېليامىسبۇرگدىكى يىغىنغا كېلىۋاتقان يولدا، تولغاق بولۇپ قېلىپ مورتېكارلوغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ماقالىنى ئىككى نۇسخا كۆچۈرۈپ، بىرى ئارقىلىق ۋېليامىسبۇرگقا ئەۋەتتى، يەنە بىرىنى پاتۇن رادوفقا سوۋغا قىلدى يەنە بىرىنى بولسا پاترېك ھېنرى لى غا سوۋغا قىلدى. رادوف يىغىندا بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئۆتتى، بىر قىسىم ئەزالار جېففىرسوننىڭ بۇ ئىجادىيىتىنى ماختاشقان بولسىمۇ، ئەمما «تۈكنى يېتىشىغا سىلايدىغانلار» يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. «ئەنگىلىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا شىتاتلىرىنىڭ ھوقۇق بايانى» پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانمىدى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا قويغان تەلەپ سىلىق سىپايە ئېيتىلغان ئېتىرازنامە بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، جېففىرسوننىڭ مەزكۇر قوللانمىسى فىلادىلفىيە ۋە ئەنگىلىيەدە ئاشكارا نەشىر قىلىنىشقا ئېرىشىپ، كەينى-كەينىدىن نەشىردىن چىقىپ، ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغىدى. جېففىرسون كېيىن مەزكۇر ماقالە توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «ئەگەر مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار دېيىلسە، ئۇ ئالاھىدىلىك دەل ئۇنىڭ بىزنىڭ ھەقىقىي مەيدانىمىزدا قەيسەرلىك بىلەن تۇرغانلىقى دېيىش كېرەك.»

    1775-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ۋېرگىنىيەنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى رېچموندتا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاكتىپ بولغان دېموكراتلار گۇرۇھىدىن پاترېك ھېنرى ئۆزىنىڭ داڭلىق نۇتۇقى «ئەركىنلىك بولمىسا، ئۆلۈشكە رازى»نى سۆزلەپ، ئەنگىلىيەگە قوراللىق قارشلىق بىلدۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جېففىرسون يىغىندا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا نۇتۇقىنى سۆزلەپ، تەپسىلىي، چوڭقۇر ۋە قىزغىن سۆزلىرى بىلەن ھېنرىنى قوللىدى. دەل مانا مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا، جېففىرسون ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلىنىپ سايلاندى.

     

    بەشىنچى خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ داڭقى تارقىلىش

    1775-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، لېكسىنتوننىڭ ئوق ئاۋازى، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرۈشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. خەلق ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ۋەزىيىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق يىغىنى فىلورىنسىيە شەھىرىدە ئېچىلدى. ياش جېففىرسون ۋە جورجى ۋاشىنگتون، بىنجامىن فىرانكلىن قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتى، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا رادىكاللار بىلەن كونسېرۋاتىلار كەسكىن بولغان مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى. جېففىرسون كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ھەققىدىكى خىتابنامىنىڭ تېزىسىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ ماقالە كومېتىتقا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، پېنسىلۋانىيە ۋەكىلى جون دېككىنسون ماقالىدىكى تەلەپپۇز ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ كەتكەن دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇ يەنە قايتىدىن تېزىس تۈزۈشكە باشلىدى. دېككىنسون جېففىرسون ماقالىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئابزاسنىلا ئېلىپ قېلىپ، كەسكىن، قاتتىق قىلىپ ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ تاشلىدى. يىغىن ئاخىرى بۇ ئىككىيلەن بىرلىشىپ يېزىپ چىققان «قورالنى قولغا ئېلىشتىكى سەۋەب ۋە ئۇنىڭ زۆرۈرلىكىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ماقۇللىدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى:

    بىز قىلىۋاتقان ئىشلار ھەققانىي ئىشلار، بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز ئەڭ مۇكەممەلدۇر. بىزنىڭ ئىچكى مەنبەيىمىز ئىنتايىن تولۇق، ھەمدە مۇبادا شۇنداق بىر زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، سىرتقى ياردەمگە ئېرىشىشىمىزمۇ شۈبھىسىزدۇر. ..... بىز دۈشمەنلەر قولىمىزغا ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان قوراللىرىمىزدىن پايدىلىنىپ.... ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدايمىز. ئاۋام خەلقنىڭ دىلى بىر، ئۆلۈمنى ئىراددە قىلغان ھۆرلەردۇر، ئۇلار تىرىك ياشاپ قۇل بولۇشنى خالىمايدۇ.

    مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى تەسىس قىلدى ھەمدە جورجى ۋاشىنگتوننى چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بوستۇن ئەتراپىدا قانغا مىلىنىپ جەڭ قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر مىللىي ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن چوڭ مەدەت بولدى، ھەمدە بەزى چوڭ غەلبىلەرگە ئېرىشتى.

    بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، ئەنگىلىيە پادىشاھى جورجى 3 يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، «ئېسيان كۆتۈرۈۋاتقان مۇستەملىكە رايونلىرىغا چوقۇم قوراللىق كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى نوس 1775-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى پارلامېنتقا بىر تۈرلۈك «نوس تېنچلىق قارارى» تەكلىپ بەرگەن ۋاقىتتا، ئەنگىلىيە توپلاشقا قارار قىلغان مۇۋاپىق ساندىكى مۇداپىئەلىنىش خىراجىتىنى قوشۇمچە قىلغانىدى. ئەنگىلىيە بۇ ئارقىلىق مۇستەملىكە رايونلىرى خەلقىنىڭ غەزىپىنى پەسلەشنى مەقسەت قىلىپ، «چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنى مەڭگۈلۈك ئۇخلىتىۋەتمەكچى بولغانىدى.» بۇ ۋاقىتتا جېففىرسون قاراردىكى ئاتالمىش «تېنچلىق»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، مۇستەملىكە رايونلىرى خەلقىگە ۋاكالىتەن «نوس تېنچلىق قارارى»غا لايىق جاۋاب قايتۇردى. مانا بۇ «نوسقا جاۋاب كىتابى» بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق نەزەرىيە كېيىن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»گە كىرگۈزۈلدى.

    1776-يىلى 1-ئايدا توماس پېئىننىڭ «ئومۇمىي ساۋات»ى نەشىردىن چىقتى، پېئىن مۇستەملىكە خەلقلىرىنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن قوللىرىغا قورال ئېلىپ جەڭ قىلىشقا ئوچۇق ئاشكارە دەۋەت قىلدى، بۇ كىچىك كىتابچە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالغان كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، «مۇستەقىللىق»نى مۇستەملىكە رايون خەلقلىرىنىڭ بىردەك شۇئارىغا ئايلاندۇردى. ئەينى ۋاقىتتا جېففىرسون تەكشۈرگەن جايلاردىكى جامائەت پىكرى شۇنى چۈشەندۈردىكى: ۋېرگىنىيە شىمالى قىسمىدىكى ناھىيە خەلقلىرىنىڭ %90 مۇستەقىللىقنى قوللايتتى.

    1776-يىلى 5-ئايدا، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى جون ئادامىسنىڭ قارارىنى ماقۇللىدى: بارلىق مۇستەملىكە رايونلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا چاقىردى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋېرگىنىيە ۋەكىلى رېچارد ھېنرى لى قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، «بۇ مۇستەملىكە رايون بىرلەشمىلىرى، ئىنتايىن ھەقلىق يوسۇندا ئەركىن بولغان دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكى» توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. كەسكىن مۇنازىرىلەردىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇرۇقلۇق قۇرۇلتىيى بۇ تەكلىپ پىكىرنى ماقۇللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ تېزىسىنى تۈزۈش كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، بەش نامزاتنى سايلاپ چىقتى: جېففىرسون، جون ئادامىس، بىنجامىن فىرانكىلىن، روج شېرمان ھەمدە روبېرت لېۋېنتۇس. بۇ كومېتىت رەسمىي تۈردىكى بىر خىتابنامە تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، «بىزنى مۇشۇنداق بىر چوڭ قارارغا كېلىشكە مەجبۇر قىلغان ھەرخىل سەۋەبلەرنى مىسالغا كەلتۈرەتتى.» توماس جېففىرسون كومىتېتنىڭ بىردەك قارارى بىلەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ تىزىسىنى دەسلەپتە تۈزۈپ چىققۇچىسى بولدى.

    6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولغان تەخمىنەن يېرىم ئايدەك ۋاقىت ئىچىدە، جېففىرسون پۈتۈنلەي باش چۆكۈرۈپ تىزىس تۈزدى ۋە خىتابنامىنى تۈزۈتۈش خىزمەتلىرى بىلەن بولدى، ئۇ ئەزەلدىن بۇنچىۋالا قېتىرقىنىپ ئىنچىكىلىك بىلەن سۆز قۇراشتۇرۇپ، جۈملە تۈزۈپ باقمىغانىدى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جېففىرسون قەلبى ئىنتايىن چەكسىز ئازابقا تولغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ يۈكسەك ئەسەرنى يېزىپ چىققانىدى. ئەينى ۋاقىت، ئۇنىڭ ئاپىسى تېخى ئەمدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئالدىدىلا بولسا بىر بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئامراق ئايالى ماشا ئاغرىقتا ياتقان ۋاقىت ئىدى.

    «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ تېزىسى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇقلۇق يىغىنىغا سۇنۇلدى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بولغان ئىككى كۈنلۈك جىددىي مۇنازىرىدىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى يىغىن ماقۇللىقىدىن رەسمىي ئۆتتى. بۇ قارارنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ 13-شىتات ئورتاق خىتابنامىسى» ئىدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى بولۇپ بېكىتىلدى.

    «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئامېرىكا مۇستەقىلىقى ئۈچۈن ئاقلاش رولى بار ئىدى. ئۇ ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ چوڭ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان:

    بىرىنچى. چوڭ ئالدىنقى شەرت: ئىنسانىيەت ئارىسىدا ھۆكۈمەت قۇرۇش مەقسىتى، خەلقنىڭ ئايرىپ تاشلاشقا بولمايدىغان تەبىئي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر، مۇبادا ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىغا دەخلى قىلسا، بۇ ھۆكۈمەتمۇ چوقۇم خەلق تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، كىچىك ئالدىنقى شەرت: ئەنگىلىيە پادىشاھى شۇنچە يىلدىن بۇيان شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ئىزچىل دەخلى قىلىپ كەلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ زوراۋان ھۆكۈمىتىنى شىمالىي ئامېرىكا خەلقىگە زورلاپ تېڭىش مەقسىتىمۇ يوق ئەمەس.

    ئۈچىنچى، يەكۈن: شۇ سەۋەبلىك، شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ، ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە ھاكىمىيىنى ئاغدۇرۇپ، مۇستەقىللىقنى روياپقا چىقىرىشى ئىنتايىن ئەقىلگە مۇۋاپىق.

    «خىتابنامە»نىڭ بىرىنچى قىسمىدا، جېففىرسون چوڭ ئالدىنقى شەرت قىلىپ ئالغان ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىلمىگە مۇنداق دەپ چۈشەندۈۈرۈش بەردى:

    بىز، بۇ ھەققىقەتلەرنى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايمىز: كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۇغۇلىشىدىنلا باپباراۋەر، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ «ياراتقۇچى»سى تەرىپىدىن تارتىۋالغىلى، ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغەن بىر خىل ھوقۇق ئاتا قىلىنغان. بۇنى ئىچىدە ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلار بار. مۇشۇ ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنلا، ئىنسانىيەت ئارىسىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلغان، بۇ ھۆكۈمەتلەر ھوقۇقىنىڭ مۇۋاپىقلىقى بولسا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ قوشۇلۇشىغامۇناسىۋەتلىك. مۇبادا ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ھۆكۈمەت بۇ ھوقۇقلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھۆكۈمەتكە ئايلىنىپ قالسا، خەلقنىڭ بۇنى ئۆزگەرتىش ياكى يوق قىلىۋېتىش ھوقۇقى بار. يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بولسا شۇنداق پىرىنسىپنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇشى، شۇنداق شەكىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قۇرۇپ چىقىشى ھەمدە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەختيارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن تەشكىل قىلىنىشى كېرەك.

    مانا بۇ نەچچە ئابزاس بايانلار ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئەركىنلىكىنىڭ نىزامنامىسى بولۇپ كەلمەكتە. «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» بولسا ئامېرىكا كاپىتالىستىك سىنىپىنىڭ مىللەتلەر مۇستەقىللقى ۋە دېموكراتىك ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى تۇنجى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ قالدى، ماركىس بۇنى «تۇنجى قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دەپ ئاتىدى. مەزكۇر خىتابنامە جېففىرسونغا يۈكسەك نوپۇز ئاتا قىلدى، نەچچە كۈن ئىچىدىلا، جېففىرسون ئىدىيىسىنىڭ نېگىزلىرى سىڭگەن مەزكۇر «خىتابنامە» پۈتكۈل مۇستەملىكە رايونلىرىغا تارقالدى، كەڭ مۇستەملىكە ئاممىسى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئوقۇشتى، تارقىتىشتى ھەمدە قۇبۇل قىلىشتى، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن قىلغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ بايرىقى قىلدى.

    «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» رەسمىي ھالدا پۈتكۈل دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

     

    ئالتىنچى: شىتات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، فىرانسىيىگە ئەلچىلىككە بېرىش

    جېففىرسون پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ تېزىسىنى تۈزۈۋاتقاندا، ۋېرگىنىيەدە قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭىچە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان ھۆكۈمەت قانۇنىنىڭ تېزىسى تۈزۈلدى. 33 ياشلىق جېففىرسون «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنىنىڭ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، 1776-يىلى 10-ئايدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئايدا، جېففىرسون قۇرۇقلۇق يىغىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ ۋېرگىنىيەنىڭ قانۇن تۈزۈش ئورگىنىغا كەلدى ھەمدە مەزكۇر شىتاتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە ياردەملىشىپ ئانا يۇرتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۆلەت ئۈچۈن تۈزگەن ئالىي غايىسىگە ماسلاشتۇرۇشنى ئويلىدى. شۇ سەۋەبلىك، ئۇ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ئۇنى فىرانسىيىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىش تەكلىپىنىمۇ چىرايلىقچە رەت قىلدى.

    مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتى جەھەتتە ھەرقايسى شىتات ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت بولۇپ قۇرۇلدى، جففىرسون ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىتات دائىرىسى ئىچىدىلا قالدى. جېففىرسون ۋېرگىنىيەنىڭ قانۇن تۈزۈش ئورگىنىدىكى خىزمەتلىرىلا ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈچ يىلغا باردى ـــــ 1776-يىلى 10-ئايدا پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن باشلاپ، 1779-يىلى 6-ئايدا شىتات باشلىقى  بولغانغا قەدەر داۋاملاشتى. ئۇ پۈتۈن قان-تەرى ئارقىلىق ۋېرگىنىيەنىڭ ئاساسى قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى.

    1776-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋېرگىنىيە پارلامېنتى «قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىدى ھەمدە جېففىسون رەئىسلىكىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش كومېتىتىنى سايلاپ چىقتى. مۇنازىرە ئارقىلىق يەنە جېففىرسون ئوتتۇرىغا قويغان كونا قانۇن لايىھىسى ئاساسىدا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش، قىسمەن ئىسلاھ قىلىش پىرىنسىپ تەكلىپىنىمۇ ماقۇللىدى.

    قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش جەريانىدا، گەرچە كۆپ قىسىم قانۇن لايىھىلىرى، قانۇن نىزاملىرى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما جېففىرسون مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  بىر قاتار دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى، بۇ قانۇنلارنى پۇتاپ، يېڭىدىن قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1779-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى پارلامېنتتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدىكى دوكلاتىنى ئوقۇپ، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

    «ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئاساسى قانۇن، مەلۇم نۇقتىدىن جېففىرسوننىڭ كىشلىك ھوقۇق ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر  ئۇتۇق، ۋېرگىنىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان جېففىرسون تېزىس تۈزگەن «چەكلىك ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى بايقۇت قىلىش قانۇن قانۇن-نىزامى» بولۇپ، بۇ قانۇن-نىزام چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى بايقۇت قىلىپ، مال-مۈلۈك ئىگىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى بارلىق پەرزەنتلىرىگە ئادىل تەقسىم قىلالايدىغان بولدى. بۇنداق بولغاندا چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ يەرلىرى نەچچە ئەۋلاد ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئاستا-ئاستا بۆلۈنۈپ ئايرىلىپ كېتەتتى. جېففىرسوننىڭ ۋېرگىنىيەگە قوشقان يەنە بىر چوڭ تۆھپىسى شۇكى، ئۇ «ۋېرگىنىيە دىنىي ئەركىنلىك قانۇن-نىزامى»نى تۈزۈپ، ئەنگىلىيىنىڭ دۆلەت دىنىنى شىتات دىنى قىلىپ بەلگىلەيدىغان تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەلقنى دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، كۈتۈپخانا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىتات قارمىقىدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى قۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ھەقسىز قىلىش ئۇقتۇرۇشىمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جېففىرسون يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن شىتات جىنايى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى جىنايى قانۇنىدا، قاتىللىق جىنايىتى بىلەن دۆلەتكە خائىنلىق قىلىش جىنايىتىدىن باشقا ھەرقانداق جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بايقۇت قىلدى. گەرچە ئۇ دۆلەت پارلامېنت ماقۇللىقىدىن، داۋاملىق قۇللارنى سېتىۋېلىشنى چەكلەشكە ئائىت لايىھىسىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى يوق قىلىۋېتىش ئارزۇسى روياپقا چىقمىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، جېففىرسوننىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ۋېرگىنىيە بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئالدى-كەينى بولۇپ، ۋاكالىتەن ئىجارىگە بېرىش، چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە چەكلىك ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈملىرىنى بىكار قىلىپ، سىياسىي بىلەن دىن ئايرىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە قۇل سودىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

    ۋېرگىنيەدىكى چاغلىرىدا، جېففىرسون يەنە خېلى كۆپ ۋاقتىنى مونتاكېرلودىكى قۇرۇلۇش ئۈچۈن سەرپ قىلدى. ئۇ بۇ قورۇنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىدى، قورۇنىڭ بېغىنى راۋاج ئالدۇرۇپ، زەيتۇن دەرىخى قاتارلىق دەرەخلەرنى سىناق قىلىپ تىكىپ يېتىشتۈردى. جېففىرسون پەقەت بىر ئارخېتېكتور ۋە ئاگرونوم بولۇپلا قالماي، يەنە بىر ئىلمىي كەشپىياتچى ئىدى. جېففىرسون تۆت تەرەپلىك ئايلانما يېمەكلىك تاختىسى، ئايلانما ئورۇندۇق ۋە بىر خىل ئىسلاھ قىلىنغان ساپان چىشى ئىجاد قىلغان ئىدى. سائەت، ھور ماشىنىسى قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىشنى بىلەتتى. ئۇ يەنە بىر قىسىم قىممەتلىك كىتاب ۋە ئاستورونومىيىلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغان بولۇپ، دائىم ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى كۆزىتەتتى.

    بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە، جېففىرسون يەنە ئائىلە خۇشاللىقىدىن يەتكۈدەك بەھىرلەندى. پارلامېنت يىغىنى ئېچىلغان مەزگىللەردە، ئۇنىڭ ئايالى ۋېليامىسبۇرگقا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇردى، يىغىندىن ئارامغا چىققان ۋاقىتلاردا بولسا، ئۇ خىزمەتلەرنى مونتېكارلوغا ئېلىپ كېلىپ ئىشلىدى. 1775-يىلى، ماشا بىر ئوغۇل يەڭگىدى، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇشقىمۇ ئۈلگەرمەستىلا، بۇ بالا بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. 1778-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى قىزى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى مارىيا بولۇپ، ئەركىلەتمە ئىسمى پورلى ئىدى. پەرزەنتلەر بۇ ئائىلە ئۈچۈن يېڭى خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ماشانىڭمۇ مۇقىم قىلىدىغان خىزمىتى بار بولۇپ، ئۇ ئائىلىنىڭ بارلىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالىغا، ھەمدە ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. جېففىرسون ئائىلىدە بولغان مەزگىللىرىدە ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ ئانچە-مۇنچە قارىشاتتى. ھەر كۈنى ئۇلار بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمەتلەردىن ھېرىپ-چارچىغاندا، يولدىشى ئولتۇرۇپ ئىسكىرۇپكا چالاتتى، ئايالى بولسا باس ئىسكىرۇپكا چالاتتى، پۈتۈن ئائىلە مۇزىكىنىڭ گۈزەل مىلودىيىلىرىگە چۆمەتتى.

    1779-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، جېففىرسون سىرتقا ئۆزىنىڭ پېنسىيىگە چىقىش خاھىشىنى بىلدۈرۈپ، 36 ياشلىق ئۇ دۆلەت خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، كىتابلار دۆۋىسىگە چۆكتى-دە، «پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ پەيزى»دىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ۋاقىتتا شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تېخى ئاخىرلاشمىغانىدى، دۆلەت جېففىرسونغا ئوخشاش بىر قاتار قابىلىيەتلىك خادىملارغا مۇھتاج ئىدى. ۋاشىنگتون جېففىرسوننىڭ دۆلەت ئىشلىرىدىن ئالدىراپ ئىستىپا سوراپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي قىزىقىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنىشىنى بىلدۈردى. ئېدموند پېندېر بولسا ئۇنى بىۋاستە تەنقىد قىلىپ: «سىز بەك گۆدەكلىك قىلىۋاتىسىز، دۆلەت خىزمىتىدىن مۇنداقلا ئىستىپا سوراپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاددى بەختىنىلا ئويلاشسىڭىز بولمايتتى، سىز ھېچ بولمىغاندا ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىنى ۋە قانۇن تۈزۈشنىڭ مۇھىملىق پىرىنسىپىنى يېڭى بىر گۈللەنگەن ئەۋلادلارغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن پېنسىيىگە چىقسىڭىز بولاتتى.» دېدى. شۇ سەۋەب بىلەن جېففىرسون سىياسىي ساھەگە يېڭىباشتىن كىرىپ كەلدى، دوستلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن شىتات باشلىقى سايلىمىغا قاتناشتى ھەمدە شىتات باشلىقلىقىغا سايلاندى. 1779-يىلى ئۇ پاترېك ھېنرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ۋېرگىنىيە شىتاتىغا باشلىق بولدى.

    شىتات باشلىقىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ باش-ئاخىرى يوق ئىدى. ئۇ قانۇن ئېلان قىلاتتى ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلاتتى. چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇراتتى، ئىندىئانلار مەسىلىسىنى ھال قىلاتتى، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى ھەمدە ئۇلارنى ئالماشتۇراتتى. رەندىلەش زاۋۇتى قۇرۇش، قوغۇشۇن كانى ئېچىش قاتارلىق ئاممىۋىي ئىشلانى باشقۇراتتى، سودا ئالاقىسى ۋە باج يىغىش ئىشلىرىنى باشقۇراتتى، مەبلەغنىڭ كىرىپ –چىقىشىنى نازارەت قىلاتتى، مىللىي ئەسكەرلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلاتتى، دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇراتتى، قورغانلارغا كۆز قۇلاق بولاتتى ھەمدە ئارمىيىنى تەمىنلەيتتى. ئىلگىرىكى مۇستەملىكە ھاكىمىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق خاھىشىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، ۋېرگىنىيە ئاساسى قانۇنى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىغا نىسبەتەن قاتتىق چەكلەش ئېلىپ باردى، شۇڭلاشقا شىتات باشلىقى بولغان جېففىرسوننىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ھوقۇقلىرى چەكلەشكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېموكراتىيەنى ۋە قانۇن تۈزۈمنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئۇرۇش دەۋرىدىكى شىتات باشلىقىنىڭ جاپالىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى: پۈتۈن شىتاتنىڭ كۈچى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەنگىلىيەگە بولغان قارشى كۈرىشىنى قوللىدى. بىر يىلدىن كېيىن، جېففىرسوننىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك شىتات باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ۋېرگىنىيە پارلامېنتى جېففىرسوننى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋېرگىنىيە شىتات باشلىقلىقىغا داۋاملىق سايلىدى.

    جېففىرسوننىڭ شىتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋىتىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، ۋېرگىنىيەدە كىرزىس يۈز بەردى ـــ دۈشمەنلەر كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىردى. جېففىرسون ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چاغدا، ئۇرۇشنىڭ ھەممىسى جەنۇب تەرەپتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۈشمەنلەر بېسىپ كىرىشتىن تەخمىنەن 20 كۈن ئىلگىرى، ۋاشىنگتون جېففىرسونغا خەت يېزىپ، دۈشمەننىڭ بېسىپ كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمما جېففىرسون بۇنىڭغا ئانچە ئېرەنشىمىگەنىدى ھەمدە دۈشمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرىشىگە قارىتا ھېچقانداق بىر لايىھە تۈزمىگەنىدى. گېنىرال گېرىنىسبورو ۋە گايتىس ئىككىيلەن كارولىناغا بېسىپ كىرگەن دۈشمەنلەرنى ياردەمچى قوشۇننى كۆپەيتىش ئارقىلىق چېكىندۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەندە جېففىرسون پەقەت ئاز بىر قىسىم قوشۇننىلا چىقىرىشقا قوشۇلدى.

    دۈشمەن تەرەپ ۋېرگنىيەگە جەمئىي ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى، بىر قېتىم خائىن بېننىدىكىت ئارنولد ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر قېتىم  بولسا كورۋاللىشنىڭ ئادەملىرى ھۇجۇم قىلىپ كىردى. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا،رېچموندتا ھېچقانداق بىر مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، جېففىرسون بارلىق ئومۇم ئىگىلىكىدىكى مال-مۈلۈك، قورال-ياراغ ۋە ئارخىپلارنى باشقا ياققا يۆتكەش بۇيرۇقى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايالى ۋە قىزلىرىنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇردى، دۈشمەن ئارمىيىسى شەھەر سىرتىغىلا كېلىپ قالغان چاغدىلا، جېففىرسون ئاندىن ئۆزى يالغۇز رېچموندتىن ئايرىلدى. ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىپ كىرىشتىن ئاۋۋال، جېففىرسون ئاكتىپ ھالدا ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، شىمال تەرەپتىن قورال-ياراغ سېتىۋالدى ھەمدە دۆلەت ئەر ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تارتىپ، ئۇلارنى ئەمگەكچىلەر سالاھىيىتى بىلەن جامائەت ئەمگەكلىرىگە سالدى. 1781-يىلى 5-ئايدا، كورۋاللىسلار تالتوننى جېففىرسون ۋە ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى، ئىشتىن ئاۋۋال خەۋەر تاپقان جېففىرسون ئۇلارنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.

    1781-يىلى 6-ئايدا، جېففىرسوننىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشتى، گەرچە شىتات ئاساسى قانۇنىدا بىر كىشىنىڭ شىتات باشلىقلىق ئورنىدا ئۇدا نۆۋەت ئولتۇرسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما جېففىرسون بۇ ۋەزىپىدىن ئىستىپا بەردى. جېففىرسون ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇرۇش ۋاقتىدىكى مەغلۇبىيەت سەۋەبلىك، ئۇ ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئىزا-ئاھانەتلەرگە دۇچار بولدى. شىتات قانۇن تۈزۈش پالاتاسى كۆپ سانلىق بېلەت بىلەن ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، جېففىرسوننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قىلمىشىنى قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش لايىھىسىنى ماقۇللىدى. گەرچە مەخسۇس بىر كومېتىت ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوقلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما جېففىرسونغا بولغان زەربە سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈۋەتكەن ئىدى.

    ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئىزا-ئاھانەتلىك كەچمىشى ئۇنىڭدا سىياسىي تۇرمۇشقا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. 1781-يىلدىن 1783-يىلغىچە، جېففىرسون ئىزچىل ھالدا مونتېكارلودىن سىرتقا چىقمىدى، ئۇ بۇ يەردە يەنە داۋاملىق ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئارخىكتورلىقى ۋە ئاگرانوملۇق پائالىيەتلىرىبىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە ۋېرگنىيەگە مۇناسىۋەتلىك نەچچە يىللىق ماتېرىياللارنى يىغىپ، بىر كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. 1785-يىلى ئۇ بۇ «ۋېرگنىيە خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابىنى فىرانسىيىدە تۇنجى بولۇپ نەشىردىن چىقاردى. بۇ كىتاب ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان تەبىئىي ئىلملەر كىتابى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئىنتايىن يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەنىدى. جېففىرسون بۇ كىتابتا ئۆز يۇرتى ۋېرگىنىيەنىڭ جۇغراپىيىسى، ھاۋا كېلىماتى، ئېنىرگىيە مەنبەسى، ئىندىئانلار ، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، دېھقانچىلىقى، ئىقتىسادى، سىياسىتى ھەمدە باشقا نۇرغۇنلىغان ئەھۋاللىرى توغۇرلۇق ئىنچىكە تەپسىلاتلار يېزىلغان ئىدى. «سىياسى ۋە سىياسىي ھاكىمىيىتى» دېگەن بابىدا، جېففىرسون ئەركىنلىك ۋە تېنچلىق قارىشىنى ھىمايە قىلدى ھەمدە قارا تەنلىكلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق قامچىلاپ، بۇ تۈزۈمنى سىياسى ۋە ئەخلاقتىكى غايەت زور ئاپەت دەپ قارىدى. بۇ كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىشى جېففىرسوننى يازغۇچىلىق شۆھرىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

    1781-يىلى باش قىش، جېففىرسون قايتىدىن فېدراتسىيە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى، ئەمما ئۇ بۇ ۋەزىپىنى رەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئاساسلىق ۋە مۇھىم سەۋەب ئۇنىڭ ئامراق ئايالى ماشانىڭ سالامەتلىكىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. ئايالى كېسەلگە مۇپتىلا بولغان مەزگىلدە، جېففىرسون ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى كېتىپ باقمىدى، ئۇ ئىنتايىن كۆيۈمچانلىق ۋە ئەتراپلىق ھالدا ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ماشا ئېغىر سەكراتتا ياتقان تۆت ئاي داۋامىدا، ئۇ ئىزچىل ھالدا ئايالىنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدى. 1782-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتەم ماشا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. جېففىرسون ئىنتايىن ئازابتا قېلىپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئۇ ئازاب ئىچىدە ياشىدى، بارلىق بېرىپ-كېلىشلەردىن قول ئۈزدى، بىر پارچىمۇ خەت يازمىدى. ئۇنىڭ قىزى كېيىن بۇ توغرىسىدا ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «دادا، ئۈچ ھەپتىگىچە ھويلىغىمۇ چىقمىدى، مەنمۇ دادامنىڭ يېنىدىن پەقەتلا نېرى كەتمىدىم، ئۇ كېچە-كۈندۈز توختىماي دېگۈدەك ئۇياق-بۇياققا  ماڭاتتى، پەقەت ھېرىپ ھالىدىن كېتەي دېگەندىلا ئاپامغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ئەكەلگەن كىچىك كارىۋېتىغا ئۆزىنى تاشلايتتى... ئۇ ئۆيدىن ئاخىرى چىققان كۈنىلا، ئات مىنگىلى كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىقلا ئات مىنىپ دەريا بويلىرىغا باراتتى، ھەر قېتىمدا ئوخشىمىغان يوللار بىلەن باراتتى. ئەمما ھەر قېتىمدا قۇيۇق ئورمانلىقتىن ئۆتەتتى. بۇ ئازاب ئىچىدىكى ئەسلىمىلەر ئىچىدە، مەن ئۇنىڭ دائىملىق ھەمراھى ئىدى، شۇنداقلا مەن دادامنىڭ ئازاب ئىچىدە بۇقۇلداپ يىغلىغانلىرىنىڭ شاھىدى بولغانىدىم..» جېففىرسون شۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا ئۆيلەنمىدى.

    ئامراق ئايالىنىڭ ئۆلۈمى جېففىرسوننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك گۈزەل چۈشىنى نابۇت قىلىپ، ئۇنى ئاخىرى سىياسىي سەھنىگە باشلاپ چىقتى. 1782-يىلى 11-ئايدا، جېففىرسون چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ئۇنى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق پۈتۈن ھوقۇقلۇق ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىشىگە قوشۇلدى، ھەمدە فىرانسىيىگە ئەنگىلىيە بىلەن بولغان كېڭىشىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتلانماقچى بولدى، ئەمما 1783-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، ئەنگىلىيە ئامېرىكا كېلىشىمى تۈزۈلۈپ چىقىپ بولغاچقا، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ئۇنى داۋاملىق ئەلچىلىككە ئەۋەتمىدى. 6-ئايدا، جېففىرسون ۋېرگىنىيە ۋەكىلى بولۇپ، فېدراتسىيە پارلامېنت ئەزالىق سايلىمىغا قاتناشتى.

    1783-يىلدىن 1784-يىلغىچە بولغان دۆلەت پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلىدە، جېففىرسون مەركىزىي مەمۇرىي ئورگانلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن  نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ: «ئىتتىپاق زەنجىرى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ كۈچىنى باغلاپ تۇرمىسا، بىزنىڭ فېدراتسيىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز چارىسىز بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جېففىرسون مالىيەنى باشقۇرۇش ۋە تەرتىپكە سېلىش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئۇ دۆلەت پارلامېنتىغا «فېدراتسىيە دۆلىتى ئۈچۈن بىرلىك ھەمدە پۇل قۇيۇش خاتىرىسى توغرىسىدا» تەكلىپى سۇندى، ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت كېيىن پۇل چېكىدا ئونلۇق سېستىمىنى يولغا قويدى، شۇ سەۋەبلىك جېففىرسون «ئامېرىكا دوللىرى ئاتىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «1784-يىللىق يەر-زېمىن قانۇن پەرمان» تېزىسى تۈزۈپ چىقتى، گەرچە بۇ پەرمان ئەمەلىي يۈرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 1787-يىلى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن مەشھۇر «غەربىي شىمال پەرمانى» دەل مۇشۇ پەرمان ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى.

    1784-يىلى 5-ئايدا دۆلەت پارلامېنتى جېففىرسوننى فىرانسىيىگە ئەلچىلىككە ئېلىۋەتتى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، جېففىرسون قىزىنى ئېلىپ بوستۇن پورتىدىكى بىر پاراخوتقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تېنچ ئوكياننى توغرىسىغا كېسىش سەپىرىنى باشلىدى. فىرانسىيىگە بارغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر دېپلومات ئەمەلدارى سۈپىتىدە، بېنجامىن فىرانكلىن ۋە جون ئادامىسقا ھەمكارلىشىپ، فىرانسىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىق سۆھبىتى ئېلىپ باردى. 1785-يىلى، فېرانكلىن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، جېففىرسون ئۇنىڭ ئورنىدا ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

    جېففىرسون، فىرانسىيە ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئەسلىدىنلا بولغان ئىتتىپاقدىشى، ئەنگىلىيە بولسا تەبىئىيلا ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ قارايتتى، دەل مانا شۇنداق نۇقتىئىينەزەر جېففىرسوننىڭ دېپلومات خاھىشىنى بەلگىلىگەنىدى. فىرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېففىرسوننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكا فىرانسىيە سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىدى. سودا سۆھبەتلىرىدە، جېففىرسون فىرانسىيىنى رېئال بولغان يول قويغۇزدى ھەمدە 1788-يىلى فىرانسىيە بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر كونسۇل شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامە فىرانسىيە كونسۇلىنىڭ ھوقۇقىنى سەل تۆۋەنلەتتى، ھەمدە فىرانسىيە كونسۇلى چوقۇم ئامېرىكا قانۇنىغا بويسۇنىدىغان بولدى-دە، ئۆزلىرىنىڭ تېرىتورىيىدىن تاشقىرىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ھوقۇقى تەڭداش بولدى.

    بۇ مەزگىلدە، جېففىرسون ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىلمى جەھەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشى جەھەتتە، مول نەتىجىگە ئىگە بولدى. ئۇ ئېسىل نەسىللىك ئۆسۈملۈكلەر، ھەيكەللەر، بىناكارلىق مودىللىرى ھەمدە م ۇناسىۋەتلىك تەبىئىي ئىلىم ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۆز دۆلىتىگە ئەۋەتتى. يەنە، ئۇنىڭ «ۋېرگىنىيە خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابى فىرانسىيىدە نەشىردىن چىقىپ، نۇرغۇنلىغان فىرانسىيىلىكلەرنىڭ ئامېرىكىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى.

    بۇ جەرياندا، جېففىرسون يەنە بىر قېتىملىق ھېسسىيات كۈرىشىنى بېشىدىن كەچۈردى، يەنى ئەنگىلىيىلىك ئايال رەسسام مارىيا كوسۋىي بىلەن تونۇشۇپ قالدى، مارىيانىڭ ياش گۈزەل چىرايى، ئەقىللىق چېچەنلىكى، مۇزىكىغا بولغان ھېرىسمەنلىكى، 43 ياشلىق جېففىرسوننى يەنە بىر قېتىم مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇتتى. 1786-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جېففىرسون بىلەن مارىيا ئىككىسى گۈزەل دەريا بويىدا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندا، جېففىرسون بىر كىچىك توساقتىن ئاتلايمەن، دەپ يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئوڭ قول بېغىشى سۇنۇپ كەتتى، كېيىن ئۇزۇن داۋالانغان بولسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى بولماي، پەقەت قەلەم تۇتقىلى بولىدىغانچىلىكلا ساقىيالىدى.

    بۇ مۇھەببەتلىك تۇرمۇش ئىككى ئايغا داۋاملاشقان چاغدا، مارىيا تۇيۇقسىزلا يولدىشى بىلەن بىرلىكتە پارىژدىن لوندۇنغا كېتىپ قالدى. جېففىرسون مارىيا كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازدى، خېتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ھېسسياتى ۋە ئەقلى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر توغرىسىدا ئازابلىق سۆز ئاچتى. مارىيانىڭ پارىژدىن ئايرىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، جېففىرسون بۇ قېتىملىق بۇ ئايىقى چىقماس مۇھەببەتنى زورلاپ ئاخىرلاشتۇردى.

    جېففىرسوننىڭ فىرانسىيىدىكى ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، فىرانسىيىدە ئاسمان-زېمىننى زىلزىلغا سالىدىغان چوڭ بىر ئىنقىلاب تاۋلىنىۋاتاتتى. جېففىرسون  ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ قېتىملىق ئىنقىلابقا يۈز تۇتتى. ئىنقىلاب باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ بىر ياقتىن فىرانسىيە زور ئىنقىلابى ئۈچۈن خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىنقىلابنىڭ تەرتىپلىك ۋە تېنچ ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ چوڭ كاپىتالىستىك سىنىپنىڭ ئەركىنلىك گۇرۇھىغا ئىنتايىن مۇلايىم بىر نەسىھەتنى قىلدى، يەنى ئۇلارنى بەك ئىتتىك مېڭىپ كەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى. جېففىرسون فىرانسىيە كەڭ خەلقىنىڭ ئامېرىكا ئەندىزىسىدىكى فېدراتسىيىلىك سىياسىي تۈزۈلمىسىگە بولغان تەقەززاسىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇلار چەكلىك  بولغان خانىق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇ لافايېتكە، پادىشاھنى خەلققە بىر ھوقۇق ئاساسى قانۇن بېرىش تەكلىپى بەردى، ھەتتا ئۆزى بۇ ئون نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوقۇق ئاساسى قانۇن تېزىسىنى تۈزۈپ بەردى. جېففىرسون گەرچە فىرانسىيە ئىنقىلابىنى داۋاملىشىشىنى بىغەرەزلىك دەپ ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىرى، ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى ئىنقىلاب روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، دەپ قارايتتى.

    1787-يىلى، ئامېرىكىلىقلار پېنسىلۋانىيە شەھىرىدە ئاساسى قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئېچىپ، «فېدراتسىيە ماددىسى»نى بايقۇت قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنى»نى تۈزۈپ چىقىپ «فېدراتسىيە ماددىسى»نىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. جېففىرسون بۇ ۋاقىتتا يىراق ياۋروپادا بولۇپ، بۇ يىغىنغا بىۋاستە قاتنىشالمىغان  بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فېدراتسىيەنىڭ قانۇن تۈزۈش ئىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. جېففىرسون  بۇ فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرگەندە، پەقەتلا ياقتۇرمىدى. ئەمما كېيىن، جېففىرسوننىڭ پوزىتسىيىىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، بۇ ئاساسىي قانۇننى قوللاشقا باشلىدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جېففىرسون يەنە بۇ قانۇننىڭ كەمچىلىكلىرىنىمۇ كۆردى. ئۇ كارىنتونغا يازغان خېتىدە، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ جىددىي ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇنداق ئىككى لايىھەم بار: بىرى ھوقۇق قانۇن لايىھىسى، بۇنى ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدۇ.... ئىككىنچىسى زۆرۈر بولغان ئايلانما پىرىنسىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ پالاتا ۋە پىرىزدېنتنىڭ ئايلانما تۈزۈمى، ئالدى بىلەن پىرىزدېنت ئايلانما تۈزۈمى.» گەرچە جېففىرسون يىراق چەت ئەلدە بولسىمۇ، پېنسىلۋانىيە يىغىنىغا يېقىندىن باش قوشۇپ تۇردى. 1789-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە، يېڭى ئاساسى قانۇننى ئاساس قىلغان ۋاشىنگتون باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، جامىس مېدسون يېڭى ھۆكۈمەتنى پۇختىلاش مەقسىتىدە، ئاساسى قانۇنغا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر ئارقىلىق، بىرىنچى قېتىملىق دۆلەت كېڭەش يىغىنىدا «ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» ئالدىنقى ئون تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن لايىھە سۈپىتىدە ئاساسى قانۇنغا تولۇقلىما بولدى. جېففىرسون ئاساسى قانۇننىڭ پىرىزدېنتلىقنى چەكسىز ئۆتەش ئىشىدا ئىزچىل ھالدا غەمكىن يۈرەتتى. كېيىن ئۇ ئۆزى ئىككى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىقنى ئۆتىگەندىن كېيىن، پىرىزدېنتلىق ئايلانما تۈزۈمنى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر ئەمەلىي مىسال قىلىپ بېكىتتى.

    يەتتىنچى: دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا ئۆسۈش

    پارىژدا بەش يىل تۇرغاندىن كېيىن، 1788-يىلى، دۆلەت پارلامېتىغا دەم ئېلىپ كېلىش ئىلتىماسىنى سۇندى. 1789-يىلى 8-ئايدا، ئۇ دېپلومات مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇنى دۆلەتكە قايتىش توغرىسىدا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 1789-يىلى 9-ئايدا، جېففىرسون ئىككى قىزى ۋە ئىككى ئۆي خىزمەتكارىنى ئېلىپ دۆلەتكە قايتتى. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، جېففىرسون پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋېرگىنىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى. ئەمدىلا دۆلەتكە قايتىپ تۇرغان جېففىرسون، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا تەيىنلەنگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. گەرچە بۇ ۋاقىتتىكى جېففىرسون ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇشنى خالىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، 1790-يىلى 2-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

    جېففىرسون دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، .ۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا مالىيە-ئىقتىساد مىنىستىرلىكى، فېدراتسىيە پارتىيە رەھبىرى ئالىكساندىر ھامىلتون ئوتتۇرىسىدا ئېغىر دەرىجىدە سىياسىي ئىختىلاپ پەيدا بولدى.

    ئالدى بىلەن، جېففىرسون ھامىلتوننىڭ خەلقتىن غەزەپلىنىدىغان ئىدىيىسىدىن ئىنتايىن نارازى ئىدى، ھامېلتون يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار مەيدانىدا تۇرۇپ، كەل ئاممىنى «چوڭ يالماۋۇز» دەپ بىلەتتى؛ جېففىرسون بولسا ئىزچىل ھالدا خەلققە ئىچ ئاغرىتىپ، خەلققە ئىشىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىئاسى ھەربىر ئاممىنى ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش دەپ بىلەتتى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىقتىساد تەرەپتە، ھامېلتون بىر دۆلەت بانكىسى قۇرۇش، ھەمدە ئۇنى سودىگەرلەر بىلەن فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مەنپەئەت ئالاقىسى قىلىشتىكى قورال قىلىش ئارقىلىق، سودا بىلەن سانائەتنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا توختىماي جار سالاتتى. ئەمما جېففىرسون بولسا، دۆلەت بانكىسى قۇرۇش خەلقنى شۇ سەۋەبلىك يېزا-ئىگىلىكنى تاشلاپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قويىدۇ، ئۇ پەقەت سودا ۋە مالىيە ئىشلىرى بۇرژۇئازلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ دېھقانچىلىق گۇرۇھىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدۇ، دۆلەت بانكىسى فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولغان ھوقۇقىنى سودا جەھەتتە ئەمەلىي كۈچى زور بولغان گۇرۇھلارغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنى ھالاك قىلىدۇ، دەپ قارايتتى. جېففىرسون، ئاساسى قانۇن ئەزەلدىن فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىگە دۆلەت بانكىسى قۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن ئەمەس، شۇڭا بۇنداق قىلىشقا قوشۇلماسلىق كېرەك، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ھامېلتون بولسا ئاساسى قانۇندىكى بەزى ئېنىق بولمىغان ماددىلارغا ئېسىلىۋېلىپ، ئۆزى خالىغانچە چۈشەنچىلەرنى بەردى ھەمدە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بانكىسى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. 1791-يىلى ۋاشىنگتون دۆلەت بانكىسى قۇرۇش جەھەتتىكى لايىھىنى ئىمزالاپ، فېدراتسىيە دۆلىتىنىڭ بانكىسىنى تۇنجى قۇردى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قەرزنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە، ھامېلتون، فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى، ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ ئۇرۇش قەرزىنى ئۆزى تۆلەيدۇ، ھەمدە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق فېدراتسىيە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. جېففىرسون ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قارشى تۇردى، چۈنكى ۋېرگىنىيە ۋە جەنۇب تەرەپتىكى نۇرغۇنلىغان شىتاتلار ئۇرۇشتىكى قەرزلىرىنى تۆلەپ بولغان ياكى كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇپ بولغان ئىدى، ئەمما شىمال تەرەپتىكى شىتاتلار بولسا بۇ قەرزنى قايتۇرۇشنى خالىمىغانىدى، ئەڭ ئاخىرىدا، مۇرەسسەچىلىك خاراكتېرىدىكى بىر ئامال بۇ تالىشىشنى ھەل قىلدى.

    بۇ مەيدان تالىشىش ئاساسلىقى ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تالىشىش شەكلىنى ئالغان بولۇپ، ھامېلتوننى قوللايدىغانلار «فېدراتسىيە خەۋەرلىرى» بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق باش مۇھەررىرى جون فېننو ئىدى، جېففېرسوننى قوللايدىغانلار بولسا «دۆلەت خەۋەرلىرى» بولۇپ، بۇنىڭ باش مۇھەررىرى فېلىپ فرىك ئىدى. ئىككىيلەننىڭ تالىشىش كۈرىشى پىرىزدېنت ۋاشىنگتوننىڭ بېشىنى قاتۇردى، ئۇ ئامال بار ئىككىسىنى ياراشتۇرۇش ئويىدا بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككىيلەن ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ياراشتۇرغۇسىز ئىدى.

    1792-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا، ۋاشىنگتون داۋاملىق پىرىزدېنتلىققا سايلاندى. چوڭ سايلامدا، ھامېلتون باشچىلىقىدىكى فېدراتسىيە پارتىيىسى ۋە جېففىرسون باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى رەسمىي شەكىللەندى. كەسكىن رىقابەتلەردىن كېيىن، فېدراتسىيە پارتىيىسىنىڭ سايلام نامزاتى ئادامىس مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا چىقتى، ئەمما دۆلەت پارلامېنت سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسى كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشتى.

     بۇ ۋاقىتتا فىرانسىيە ئىنقىلابىي كۈنسېرى چوڭقۇرلاۋاتقان بولۇپ، ئەڭ رادىكاللاردىن بولغان ياكوبىن پارتيىسى تەختكە چىققان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فىرانسىيە ئىنقىلابىغا بولغان پوزىتسىيىسى جەھەتتە مۇنازىرە ئېلىپ باردى. ھامېلتون فىرانسىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇرۇپ، فىرانسىيىگە ياردەم بېرىشنى رەت قىلدى، ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن ئىتتىپاقداش  بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. جېففىرسون بولسا فىرانسىيە ئىقىلابىغا ھېسداشلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيىگە ياردەم قولىنى سوزۇشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە ئەنگىلىيىگە قارشى تۇردى. ئامېرىكا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە فىرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلىپ، فىرانسىيىنىڭ سىرتقا بولغان ئۇرۇشىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللانشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامېلتون پىرىزدېنت ۋاشىنگتوننى ئۆزلىرىنىڭ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشقا كۈشكۈرتتى. جېففىرسون بولسا پىرىزدېنتنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ھەمدە ئاساسى قانۇننىڭ روھىغىمۇ ماس ئەمەس، دەپ قارىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، جېففىرسون يەنىلا ھامېلتوننىڭ تەشەببۇسىغا بويسۇنۇپ، بىتەرەپ بولۇش سىياسىتىگە قوشۇلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەقسىتىگىمۇ يېتىپ، ئامېرىكىنى فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىغۇزدى. فىرانسىيە پۇقراسى ئېدمون چارلىس گېن ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلىپ، فىرانسىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

    1790-يىلدىن 1793-يىلغىچە، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىياسى كۈرەش جېففىرسوننى ھاردۇرۇپ قويدى، ئۇ پىرىزدېنت ۋاشىنگتونغا ئىستىپا سوراش ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى. پىرىزدېنت ۋاشىنگتوننىڭ ئۇنى ئېلىپ قېلىش توغرىسىدىكى قايتا-قايتا تەكلىپى ئاستىدا، ئۇ 1793-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپىدە قالدى. 1794-يىلى 1-ئايدا، ئۇ پېنسىلۋانىيەدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتى مونتاكېرلوغا كەتتى.

    جېففىرسون سىياسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ قورۇسىنى قايتىدىن رېمونت قىلىشقا، ئېكىنزارلىق ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا باشلىدى ھەمدە پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، ئۇنىڭ ئېكىنزارلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى پۈتۈن شىتات بويىچە بىرىنچى سەۋىيىگە يەتتى. بۇ ۋاقىتتىكى جېففىرسون ئاللىبۇرۇن 50 ياشتىن ئۆتكەن، ئورۇق، چاچلىرى ئالا ئاقارغان بىر دېھقانغا ئوخشىغانىدى. ئۇ ئائىلىدىكى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن خۇشاللىق تاپاتتى. ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنىڭ قالمىغانلىقىغا ئىنشەتتى، شۇڭا ئۇ ھەرقانداق بىر سىياسى پائالىيەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلاتتى، ھەتتا گېزىت ئوقۇغۇسىمۇ كەلمەيتتى.

    1796-يىلدىكى چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى، ۋاشىنگتون ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىقنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ۋاقىتتا فېدراتسىيە پارتىيىسىنىڭ سايلام نامزاتى سۈپىتىدە جېففىرسون پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بولدى. جېففىرسوننىڭ دوستلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە جېففىرسوننى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتناشتۇرۇشنى خالايتتى. 1796-يىلى 2-ئايدا، جامىس مېدسون رەسمىي ھالدا جېففىرسوننىڭ پىرىزدېنت نامزات سالاھىيىتىنى قۇبۇل قىلىشىنى ئۆتۈندى. 1797-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسى مۇنداق بولدى: ئادامىس 71 بېلەتكە، جېففىرسون 68 بېلەتكە ئېرىشكەنىدى. ئادامىس شۇنداق قىلىپ پىرىزدېنتلىققا، جېففىرسون مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا سايلاندى.

    1797-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، جېففىرسون ئالىي پالاتا بىناسىغا كىرىپ، مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىقتا ئولتۇرۇش قەسىمىنى بەردى، ھەمدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى، بۇ چاغدىكى جېففىرسون 54 ياشتا ئىدى.

    «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنى» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇئاۋىن پىرىزدېنت پارلامېنتنى باشقۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ھوقۇقلىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى. جېففىرسون ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، «پارلامېنت قوللانمىسى»نى تۈزۈپ، ئۇ تۈزگەن نۇرغۇنلىغان پارلامېنتقا ئائىت تەرتىپ-نىزاملار ئىزچىل ھالدا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارلامېنتتا يۈرگۈزۈلۈپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، جېففىرسون يەنە ساپان چىشىنى كەشىپ قىلىشىغا ئائىت ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ھەمدە 1797-يىلى مەخسۇس پەلسەپە ئىلمى ۋە تەبىئىي ئىلىملەرگە مەسئۇل بولىدىغان «ئامېرىكا پەلسەپە ئۇيۇشمىسى»غا ئۇيۇشما باشلىقى بولدى.

    ئادامىسنىڭ ئىچكى كابېنتى ھامېلتون تەرەپ كىشىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، بۇ كابېنت دائىم فىرانسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىمىز دەپ جار سالاتتى. كابېنتنىڭ دۈشمىنىنى دەل جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى كىشىلىرى دەپ بىلەتتى. 1798-يىلى 7-ئايدا، فېدراتسىيە پارتىيىسى كۆپ سانلىقلار ئاز سانلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىدە «چەت ئەللىك مۇھاجىرلار قانۇنى» بىلەن «ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش قانۇنى»نى ماقۇللىدى. بۇ بېسىش خاراكتېرىدىكى قانۇنلار، ئاساسى قانۇندىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالدىنقى ئون تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانغا باراۋەر ئىدى.

    مۇئاۋىن پىرىزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېففىرسون ئامما ئالدىدا سىياسىغا بەك ئارىلاشماسلىق ئوبرازىنى ساقلاپ تۇراتتى، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېففىرسون پەردە ئارقىسىدا جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى ئەزالىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. 1798-يىلى، جورجى نېگرا ۋە جامىس مېدسوننىڭ ياردىمى ئاستىدا، جېففىرسون «كېنتۇككى قارار لايىھىسى»نىڭ تېزىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كېنتۇككى قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ بىردەك ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋېرگىنىيە پارلامېنتى جېففىرسون تۈزگەن مۇشۇ خىلدىكى «ۋېرگىنىيە قارار لايىھىسى»نىمۇ ماقۇللىدى. بۇ ئىككى ھۆججەت فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ھوقۇقىنى نابۇت قىلغانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئەيىبلىدى. شىتات ھوقۇقى نەزىرىيىسىنى قايتىدىن قاراپ چىقتى ھەمدە شىتات ھوقۇقى ئارقىلىق ئۆزلىرى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىغان قانۇنغا قارشى تۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن جېففىرسون توختىماستىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ كۈرەش ئىدىيىسىگە مەدەت بېرىپ، فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى دېموكراتىيەنى بېسىش ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، كۈچ توپلاۋاتقان مەزگىلدە، 1800-يىلدىكى چوڭ سايلام يېتىپ كەلدى.

    1800-يىلى، دېموكراتلار پارتىيىسى توماس جېففىرسون بىلەن نيۇيوركتىكى ھالۇن بورنى پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا نامزاتلىققا كۆرسەتتى. جون ئادامىس ۋە جەنۇبىي كارو؛ىنادىكى رىچارد پېنكىن گېنىرال فېدراتسىيە پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا سايلاندى.

    فېدراتسىيە پارتىيىسى بايلار بىلەن زىيالىيلارنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سايلام رىقابىتى باشلىنىشىغىلا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىغا بولغان ھۇجۇمىنى باشلىدى. ئۇلار جېففىرسوننى غەيرىي دىن مۇرىتى دەپ ئەيىبلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسى ئېقىمى ئاللىبۇرۇنلا نەسەپ-مىللەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان فېدراتسىيە پارتىيىسىدىن، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىغا ئۆتۈپ بولغانىدى. بۇ قېتىملىق سايلامدا جېففىرسون گەرچە ئامما بىلەن ئۇچراشمىغان بولسىمۇ، ئەمما جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى ئۇ ئالدىنئالا پىلانلاۋاتقان ئىدى. جېففىرسوننىڭ ياردەمچىلىرى ئاساسلىقى مېدسون بىلەن جامىس مېرلو بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە جېففىرسون ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ھەرقايسى رايونلاردىكى ھالقىلىق شەخسلەرمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جېففىرسوننىڭ ئەقىل-پاراسەت ئامبىرى ئىدى. ئۇلار گېزىت قاتارلىق تەشۋىقات قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئادامىس ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسراپچىلىقىغا زەربە بەردى. جېففىرسون ئاساسلىقى خەت-چەك ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ تۇردى.

     

    سەككىزىنچى: پىرىزدېنتلىققا سايلىنىپ، تېروتورىيەنى كېڭەيتىش

    1800-يىلى 11-ئايدىكى سايلام نەتىجىسى مۇنداق بولدى: جېففىرسون 73 بېلەت بىلەن 63 بېلەتنى يېڭىپ، ئادامىسنى مەغلۇب قىلدى. ئەمما جېففىرسون ئادامىسنىڭ سايلام نامزات ھەمراھى ئارون بور بىلەن تەڭ بېلەتكە ئېرىشىپ قالدى. فېدراتسىيە پارتىيىسى بور ئارقىلىق جېففىرسونغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى.

    فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى تەڭ بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، سايلامنى ئاۋام پالاتاسى ئارقىلىق داۋاملىق ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلىمى 1801-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلدى. سايلام باشلىنىشىدا 16 شىتات ئىچىدىكى سەككىز شىتات جېففىرسوننى قوللىغان ئىدى، ئالتە شىتات بورنى قوللىدى. باشقا ئىككى شىتاتنىڭ بېلىتى ئىناۋەتسىز بولغانىدى. بۇ سەۋەبلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچىدە پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلدى. بۇنداق بولغاندا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى يەنىلا ئوخشاشلا %50 تىن ئېشىپ كەتكەن بولاتتى. ئەينى ۋاقىتتا زىمىستان سوغۇق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرى شىۋىرغانغا قارىماي بېلەت تاشلاشقا باردى. جېففىرسونغا بېلەت تاشلىماقچى بولغان بىر پالاتا ئەزاسى تېخى نوسىلكا ئارقىلىق  كۆتۈرۈپ ئەكىرىلگەنىدى. ئىككى  تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ھېچقانچە سېلىشتۇرما بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئاۋام پالاتا ئۇدا 35 قېتىملىق نامسىز بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە بۇئىشنىڭ بىر ئۇچى چىقمايۋاتاتتى. ھامېلتون گەرچە جېففىرسون بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بورغا تېخىمۇ ئۆچ ئىدى. سايلامدىكى ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە، ھامېلتون كېچىچە جىددى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ۋېرمونت شىتاتىنىڭ بىر بېلىتىنى  بورنىڭ نامىدىن جېففىرسونغا يۆتكەشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا مارىلاند شىتاتىمۇ ۋېرمونت شىتابىنى دوراپ بېلىتىنى جېففىرسونغا تاشلىدى، شۇنداق قىلىپ، جېففىرسون پىرىزدېنتلىققا، بور بولسا مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا سايلاندى.

    1801-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە، بىر توپ دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، جېففىرسون ئۆيىدىن دۆلەت كېڭەش بىناسىغا كېلىپ، پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا باش سوت ئەمەلدارى جون مېرشىل رىياسەتچىلىك قىلدى. جېففىرسون قەسەم  بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقىنى سۆزلىدى. نۇتۇقتا، جېففىرسون پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى ھەمدە نۇرغۇنلىغان كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىدا بولىدىغان، دېموكراتىيە ھوقۇق بىلەن ھۆكۈمەتنى غۇلىتىدۇ، دېگەن خاتا ئۇقۇمىغا چۈشەنچە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ خاھىشى غەلبىگە ئېرىشىدۇ، ئەمما تەڭ ھوقۇققا ئىگە ئاز بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا قانۇننىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.» جېففىرسون فېدراتسىيىدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنى نېيتراللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلدى. ئۇبۇ بىر پارچە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇق سۆزىنىمۇ ئۈچ قېتىم تېزىس تۈزۈپ يازغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ نۇتۇقى ئۆزىنىڭ تېنچ پوزىتسىيىسىگە ۋەكىللىك قىلدى ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ روھىمۇ سىڭدۈرۈلگەنىدى.

    ئۇنىڭدىن كېيىن جېففىرسون ئۆزىنىڭ ئىچكى كابېنتىنى تەشكىللەشكە باشلىدى. جامىس مېدسوننى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا، ئېبورت گالتېنى مالىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كۈچلۈك ياردەمچىلىرىنىمۇ مۇۋاپىق ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. جېففىرسون قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلار بولسا جېففىرسونغا ئىنتايىن سادىق ئىدى، شۇنداق قىلىپ بىر-بىرى بىلەن ماشلاشقان بىر كابېنت شەكىللەنگەن ئىدى.

    ئۇ چاغلار، خەلقئارا ۋەزىيەت نىسبەتەن تېنچ ۋاقىتلار ھېسابلانغاچقا، پايدىلىق بولغان دۇنيا ۋەزىيىتى، جېففىرسوننى دۆلەت ئىچىدە باجنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ھەرخىل ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. جېففىرسون دۆلەت پارلامېنتىغا دوكلات ئەۋەتىپ، كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئۇنداق باج قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى غەربلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. جېففىرسون بىلەن ئۇنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئېبورت گالتېغا دۆلەت قەرزى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى. شۇڭا جېففىرسون تەختكە چىققاندىن باشلاپلا، ئاكتىپ ۋاستىلەر ئارقىلىق ھەربىي تەمىنات چىقىمىنى كېمەيتىپ، كىرىم-چىقىمنى تەڭشىدى. ھەمدە دۆلەت قەرزىنى كېمەيتتى. شۇ ئارقىلىق ھامېلتون تۈزگەن قەرز ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش چارە-تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتتى، شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىمۇ ئىنتايىن چوڭ ئىلگىرىلەش بولدى.

    جون ئادامىس ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، بەزىبىر تەپتىش-ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن بولۇپ، فېدراتسىيە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا فېدراتسىيە پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر ئارقىلىق جېففىرسون سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىنى توسىيالايتتى. جېففىرسون ئالدى بىلەن ئادامىس ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا فېدراتسىيە پارتىيىسىدىن بولغان 105 ئەمەلدارنى ۋەزىپىدىن قالدۇردى ھەمدە ئادامىستەستىقلىغان 1801-يىلدىكى قانۇن لايىھىسى ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان سوت مەھكىمىلىرىنىمۇ بايقۇت قىلدى. ئەمما مەشھۇر ماربۇرىي ئەرز شىكايەت دېلوسىدا، ئەڭ ئالىي باش سوتچى مارشىل جېففىرسوننىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، بۇ قېتىملىق «سېرىك سوتچى»نى يوقىتىشتىكى تىرىشچانلىقنى يوققا چىقاردى.

    جېففىرسون پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن چاغدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقى بولسا، فىرانسىيەدىن لۇئىسىئاننانى سېتىۋالغانلىقى بولدى. لۇئىسىئاننانىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شىمالدا كانادا چېگرىسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا مېكسىكا قولتۇقىغىچە، شەرقتە مىسسىسىپى دەرياسىدىن باشلىنىپ غەربتە روككى تېغىغىچە تۇتىشاتتى. بۇ زېمىن 1782-يىلدىنباشلاپ ئىسپانىيەنىڭ قولىدا ئىدى. 1800-يىلى 10-ئايدا، ناپالىئون ئىسپانىيەدىن بۇ لائىسىئاننا يېنىدىكى فىلورىدانى ئېلىۋالغان ئىدى. جېففىرسون بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئەندىشىدە قالدى. چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت زېمىنىنىڭ سەككىزدىن ئۈچ قىسنى يېڭى ئورلېئان ئارقىلىق بازار ئاچاتتى، مىسسىسىپى دەريا ئېغىزى ئىسپانىيەدىن ئىبارەت بۇ ئاجىز دۆلەتنىڭ قولىدىكى ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى دەريا بويى ئەتراپىدىكى سۇ يولى يۈرۈشىگە ھېچقانچە تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيتتى. مۇبادا يېڭى ئورلېئان فىرانسىيىلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، ئامېرىكىنىڭ سودىسىنى مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئىچىگىلا قاماپ قوياتتى.

    ئەنگىلىيەنىڭ بۇ ئىشقا قول تىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 1802-يىلى لۇئىسىئاننا فىرانسىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىك خەۋىرىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، جېففىرسون جىددى ھالدا جامىس مېرونى ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيىدىكى باش ئەلچىسى روبېرت لېۋېنىستونغا ياردەمدە بولۇپ، فىرانسىيە بىلەن لۇئىسىئاننانى سېتىۋېلىشنى كېڭىشىشكە ئەۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيە-ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىپ، ئۇرۇش قىلىش ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسە بولۇپ، ناپالىئون ئۇرۇش قىلىشقا خىراجەت توپلاۋاتقان ئىدى. فىرانسىيە گەرچە ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە رايونىنى قوغداشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇ زېمىننىڭ قاراپ تۇرۇپ ئەنگىلىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامال يوق لۇئىسىئاننانى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇڭلاشقا مېرو پارىژغا يېتىپ بېرىشتىن بىركۈن ئىلگىرىلا، فىرانسىيە دېپلوماتىيە ئەمەلدارى تارېران لېۋىستونغا ناپالىئون پەقەت يېڭى ئورلېئانلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل لۇئىسىئاننانى ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىق تەكلىپىنى بەرگەنىدى. بۇنىڭ باھاسى 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. 6-ئايدا، بۇ كېلىشىمنىڭ تېزىسى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزۈلدى. بۇ زېمىنغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جېففىرسون بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسى قانۇن روھىغا ماس كېلىدىغان ياكى كەلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدى. جېففىرسوننىڭ ئويىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كېلىشىم تېزىسىنى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ تۈزۈتىشىگە تاپشۇرۇش ھەمدە تۈزىتىش لايىھىسى سۈپىتىدە ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈپ، بۇ ئېلىم-سېتىمنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەريانى ئىنتايىن ئۇزۇن مەزگىللىك جەريان ئىدى. فىرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىدىن، ناپالىئوننىڭ بۇ كېلىشىم تېزىسىغا نىسبەتەن پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇبادا ۋاقىت سوۇلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۆز ۋەدىسىدىن يېنىۋالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدا، جېففىرسوننىڭ كاللىسىغا  ئاساسى قانۇننى تولۇقلاش ئويى كەلدى-دە، پارلامېنتقا ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ تېزىسنى كۆرۈپ چىقىشنى تاپشۇردى. ھەمدە بۇ سودىنى تەستىقلىدى. 1803-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا بايرىقى يېڭى ئورلېئان ئاسمىنىدا لەپىلدىدى.

    جېففىرسون پىرىزدېنت بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئازدىن ئاز كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشى ئاددى ۋە ئىختىيارى بولۇپ، ھەتتا بىر قېتىملىق چوڭ ئۇقۇشماسلىقنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئدىى. 1803-يىلى 12-ئايدا، ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى ۋە ئۇنىڭ ئايالى مېرى ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەندە، جېففىرسون ئاددى كىيىم-كېچەك ۋە ساپما كەش بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ئاق سارايدىكى بىر قېتىملىق تەسمىي كەچلىك زىياپەتتىمۇ، ئۇ ئەر-ئايال ئىككىيلەنگە ھېچكىم ھەمراھ بولۇپ زالغا كىرمىگەچكە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ۋە ئۇنىڭ ئايالى باشقا مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇن تالىشىپ ئولتۇرۇشقا توغرا كەلدى. بۇ خىل مېھمان كۈتۈش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن، ئۇلار بۇنى ئۆزلىرى ۋە ئۆز دۆلىتىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلىپ، شۇ سەۋەبلىك بىر قېتىملىق دېپلومات كۈرىشى باشلاندى. جېففىرسون بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدە، ھەممە كىشى باراۋەر، مەيلى ۋەزىپىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ياكى چەت ئەللىك ياكى دۆلەت ئىچىدىن بولسۇن، ئار-ئايال مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.» ئۇ، ئاددى كىيىنىش بىلەن كونا قائىدە-يوسۇنلار بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقنى دېموكراتىك ئورتاق جەمئىيىتىنىڭ ئادىتى دەپ قارايتتى. ئۇ سىياسىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلىرىدا، نۇرغۇنلىغان چاكىنا قائىدە-يوسۇنلارنى بايقۇت قىلغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى زىياپەتتىكى مەنسەپ دەرىجە ئايرىلمىسى ئىدى.

    1804-يىلى يەنە بىر قېتىملىق پىرىزدېنتلىق سايلىمى كېلىش ھارپىسىدا، ئامېرىكىدا ئاسايىشلىق ۋە بەخت سائادەتلىك خەلق بەرپا بولغان بولۇپ، جېففىرسوننىڭ ئابرويى كۆككە يەتكەن ئىدى. لۇئىسئاننانىڭ سېتىۋېلىنىشى ھەمدە جېففىرسوننىڭ ئاق سارايدىكى باراۋەرلىك پوزىتسىيىلىرى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشى ئۈچۈن مەملىكەت مىقياسىلىق قوللاش ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

    جېففىرسون يەنە بىر قېتىم جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى تەرىپىدىن پىرىزدېنتلىق سايلام نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. ئىلگىرى ئۇدا ئالتە نۆۋەت نيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان جورجى كېلىنتون بورنىڭ ئورنىغا چىقىپ، مۇئاۋىن پىرىزدېنت نامزاتى بولدى. فېدراتسىيە پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرىزدېنت نامزاتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چارلىش پېكىن ۋە رۇفىس كىڭ ئىدى. دەل مانا شۇ ۋاقىتتا، 61 ياشلىق جېففىرسون يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى قىزى مارىيا كېسەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

    1800-يىلىدىكىدەك دۆلەتنىڭ  مېڭىسىنى قوچۇيدىغان قاتمال ۋەزىيەتنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەت 12-نومۇرلۇق ئاساسى قانۇن تۈزىتىش لايىھىسىنى ماقۇللىدى: پىرىزدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرىزدېنت سايلىمىنى چوقۇم ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ تۈزۈم 1804-يىلىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە. سايلام نەتىجىسىدە جېففىرسون 162 بېلەت بىلەن 14 بېلەتكە ئېرىشكەن پېكىننى چوڭ پەرق بىلەن يېڭىپ چىقىپ، يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا پىرىزدېنتى بولدى. جورجى كېلىنتون بولسا مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا سايلاندى.

    ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، جېففىرسون دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن بىرىنچى نۆۋەتلىككە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغان مەسىلىلەرگە يولۇقتى. ياۋروپا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە  ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى سەۋەبلىك، ئارىدا قالغان ئامېرىكىنىڭ ھالىمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا ئىدى. ئۆتۈشمە ئۇرۇشلاردا ئىككىلا تەررەپ ئارىدىكى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى پەقەتلا ئويلاشمايتتى. ئەنگىلىيە دېڭىزنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىگە ئايلانغان ئىدى. ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ھەرۋاقىت ئامېرىكا كېمىلىرىگە بۆسۈپ چىقىپ، ئامېرىكىلىق ماتروسلارنى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تۇتۇپ كېتەتتى. گەرچە بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە قېتىم قارشلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيە بۇ سىياسىتىنى پەقەتلا ئۆزگەرتمىدى.

    1807-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «چېزاپېيك ناملىق» ھەربىي پاراخوتى ئەنگىلىيە «يىلپىز ناملىق» ھەربىي پاراخوتىنىڭ يولسىزلارچە ئاقتۇرۇشىنى رەت قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن بومباردىمان قىلىشقا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ قارشلىقىنى قوزغىدى. جېففىرسونغا ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت بۇ دېڭىز ئۈستى جاھانگىرى بىلەن ئېلىشىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقى ئايان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ پەقەت لوندۇن تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ كەچۈرۈم سورىشى ۋە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ نارازىلىق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان چاغدا، جېففىرسون ئىقتىسادىي بېسىم ۋاستىسى ئارقىلىق ئەنگىلىيىنى ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا قىلغان پاراكەندىچىلىكىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاشنى قارار قىلدى. جېففىرسوننىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى «يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىدى ۋە دەرھاللا ئامېرىكىنىڭ بارلىق چىقىپ-كىرىۋاتقان پاراخوتلىرىنىڭ يۈرۈشىنى، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر پورتقا توختىشىنى چەكلىدى. ئۇلارنى پەقەت دۆلەت تەۋەلىكى دېڭىز رايونلىرىدا يۈرۈشىگە يول قويۇلدى.

    ئەمما «يۈرۈشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئامېرىكا ئۆزىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. «يۈرۈشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» يېڭى ئېنگىلاد رايونلىرىدىكى فېدراتسىيە پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشلىقىغىلا ئۇچراپ قالماستىن، باشقا رايون خەلقلىرىنىڭمۇ كەڭ كۆلەملىك چەكلىشىگە ئۇچرىدى. ئەتكەسچىلىك سودىلىرى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرى ۋە شىمالى ئامېرىكا قىتئەسى چېگرىلىرىدا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. جېففىرسون خىزمەتتىن ئايرىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، يەنى 1809-يىكى 3-ئايدا ئامالسىز «يۈرۈشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى»نى ئەمەلدىن قالدۇردى.

    1808-يىلدىكى چوڭ سايلامدا، جېففىرسون يەنە بىر قېتىم پىرىزدېنت سايلام نامزاتلىقىغا سايلاندى. ئەمما جېففىرسون ئاللىقاچان پېنسىيىگە چىقىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدى. 1809-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇ جامىس مېدسوننىڭ پىرىزدېنتلىق قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن رەسمى ئىستىپا بەردى.

     

    توققۇزىنچى: مونتېكارلو

    1809-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، جېففىرسون ئاق سارايدىن، ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن مۇساپىلىق يول ئازابىنى تارتىپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مونتېكارلوغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 66 ياشلىق جېففىرسون ئۆزىنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغان ھاياتىنى باشلىدى، ئۇ  ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 17 يىلىدا ئۇ ئىزچىل ھالدا مۇشۇ مونتېكارلودا ئۆتكۈزدى.

    جېففىرسون ئاخىرى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋە ئائىلە خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھوقۇقنىڭ كىشەنىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر خىل ئازادىلىق ھېس قىلدىم، بۇ ھەرقانداق بىر كىشەندىن قۇتۇلغان كىشى ھېس قىلالمايدىغان بىر خىل ئازادىلىك.....» ئۇ مونتېكارلوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ قىزى ماشا بالىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مونتېكارلوغا قايتىپ كەلدى ھەمدە ئۇ يەردىكى ئىشلارنى دەرھاللا قولىغا ئالدى. ماشا 1809-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ مونتېكارلودىكى ئىشلارنى قولىغا ئالغاندا ئۇ ئاللىبۇرۇنلا سەككىز پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، جېففىرسون ئىلگىرى جىمجىت تۇرمۇشتا ياشايمەن دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر يېنىدا ئالتە نەپەر 13 ياشتىن كىچىك بار ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنداق مۇھىتنىمۇ ياقتۇرۇپ قالغانىدى. 1812-يىلى ئۇ جون ئادامىسقا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن نەۋرىلىرىمنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى يېقىندا مېنىڭ مەرتىۋەمنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈۋەتتى، مەن ئۇلۇغ بوۋا بولدۇم.» ئۇ نەۋرىلىرىنىڭ، چەۋرىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ بىر «بۈزرۈكۋار» ئىدى.

    بۇ ۋاقىتتا جېففىرسون جون ئادامىس بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. 1790-يىلىدىكى سىياسىي قاراشتىكى بۆلۈنمىچىلىكتە، 1800-يىلدىكى سايلامدا بۇ ئىككىيلەن دوستلۇقى پۈتۈنلەت ئۈزۈلگەن ئىدى. ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق دوستى بولغان بېنجامىن راشنىڭ ياراشتۇرىشى بىلەن، بۇ ئىككىيلەن ئۆز ئارا ئەپۇ قىلىشتى ھەمدە 1811-يىلى روژدېستىۋا بايرىمى كۈنىدىن باشلاپ خەت ئالاقىسى قىلىشقا باشلىدى. ئادامىسنىڭ جېففىرسونغا يازغان تۇنجى خېتىدىكى ئىمزا بولسا «سېنىڭ دوستۇڭ ۋە قۇلۇڭ جون ئادامىس» ئىدى. جېففىرسون جاۋاب خەتتە ئادامىستىن «ئۆزىنى كۆپ ئويلاشنى ۋە ئاسراشنى» ئۆتۈندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ ئىككى نەپەر ئامېرىكا سادىق پىرىزدېنتلىرى ئىزچىل ھالدا خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇردى. شۇ ئارقىلىق ئۆتمۈشنى، سىياسىي قاراشلىرىنى، ئۆزلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدىكى ئەھۋال ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەڭ قىزىقىشىنى ئەسلىشىپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار سىياسى نەزەرىيلەر ۋە پەلسەپەلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى ئوقۇغان كىتابلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئائىلە ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىشىپ تۇردى.

    جېففىرسون ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىقتىسادىنى ھالاك قىلغان ۋاقىتتا ۋاشىنگتوندىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇ پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىلا بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى 11 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز تۆلىگەنىدى. قەرز تۇرمۇشى جېففىرسوننىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئۇنى دائىم قىيناپ تۇرىدىغان تۇرمۇش مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، جېففىرسون ئىلگىرى بىر قىسىم يەرلىرىنى ساتقانىدى ھەمدە قىزى ماشاغا ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. «مەن ھەر قانداق ئىشقا چىدايمەن، ئەمما سىزنىڭ بۇنچە ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ قەرز ئىشى توغۇرلۇق قىينىلىپ يۈرۈشىڭىزنى كۆرۈشنى خالىمەيمەن، سىزنىڭ شۇنچى يىللار ياقى كۆنۈپ قالغان زۆرۈر بولغان ئازادە تۇرمۇشتىن بەھىرلىنەلمەسلىكىڭىزنى كۆرۈشنىمۇ ھەم خالىمايمەن.» ماشا دادىسىغا يازغان خېتىدە يەنە مۇنداق دېدى: «نەچچە مىليونلۇق مال-مۈلۈكمۇ سىزنىڭ بىر يىل تاتقان ئازابىڭىز ۋە خاپىچىلىقىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ.»

    جېففىرسون بۇ ۋاقىتتىكى كىرىمى چىقىمىنى ھەرگىزمۇ قامدىيالمايتتى. بۇ قەرز بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئېكىنزارلىقىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ مىخ ياساش زاۋۇۇتى ۋە تۈگمەن زاۋۇتىنىڭمۇ ھېچقانچە بىر پايدىسى يوقئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئۈچىنچى كەسىپى بولۇپ ـــ ئائىلە توقۇمچىلىق كەسپى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت دانە ئېگىرىش ماشىنىسى جېففىرسوننىڭ گېپى بويىچى ئېيتقاندا «تېخى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە رولىنى كۆرسەتمىگەنىدى.» قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگىلىيىلىكلەر 1812-يىلىدىكى ئۇرۇشتا دۆلەت پارلامېنت كىتابخانىسى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، جېففىرسون ئۆزىنىڭ شەخسىي كىتابخانىسىنى ھۆكۈمەتكە سېتىپ بەرمەكچى بولدى. بۇ 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ئىلگىرى ئۇنىڭ 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى خەجلىگەنىدى. ئەمدى جان تۇمشۇققا كەلگەندە بۇ كىتابلارغا ئاران 23500 ئامېرىكا دوللىرى باھا قويۇلدى. شۇنداقتىمۇ  بۇ پۇللار جېففىرسوننىڭ قەرزىنىڭ يېرىمىگە ئاران يېتەتتى.

    1812-يىلى، ئەنگىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى تەھدىتى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغاندا، جامىس مەيدېسون جېففىرسوننى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. 68 ياشقا كىرىپ قالغان جېففىرسون يېشىنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ بۇنى رەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا، ئۇ گەرچە سىياسى جەھەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى بىۋاستە جارى قىلدۇرۇپ باقمىغان  بولسىمۇ، ئەمما ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتىنى قۇرۇش جەريانىدا باشتىن-ئاخىرى رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى.

    1816-يىلدىن باشلاپ، جېففىرسون مەكتەپ قۇرۇش جەھەتتە ئۆزىنىڭ ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەكسىيەتچى تەرەپ بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىتات پارلامېنتىدا قوللاشقا ئېرىشتى. تۇنجى كومىتېت ئىنتايىن ئاجىز پەرق بىلەن ئۇنىڭ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، شىتات پارلامېنتى مەكتەپ قۇرۇشنى تەستىقلىدى. شۇنداقتىمۇ، شىتات ھەر يىلى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاران 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلا ئاجرىتاتتى. بۇ ئەلۋەتتە يەتمەيتتى. جېففىرسون  مەكتەپ ئىشلىرى كومېتىتىغا قاتنىشىپ، چارلوتتېسۋىلنى مەكتەپ ئورنى قىلىپ بېكىتتى، مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنى لايىھىلىدى. ئوقۇتۇش خادىملىرىنى تاللاشقا ياردەملەشتى، ئۇ تېخى بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى مەكتەپ مۇدىرلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئالدى. ئۇ مەزگىللەردە، ئۇ ھەر كۈنى سىنىپلارنىڭ دەرس سېتكىسىنى تۈزۈش، ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىنىڭ تېزىسىنى تۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلىش كومېتىتىنىڭ تەستىقلىشىغا تاپشۇردى.

    1825-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇش باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەكتەپتە  ئاران 30 دەك ئوقۇغۇچىلا بار ئىدى. ئوقۇش باشلاپ نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، جېففىرسون مۇنداق دەپ يازغانىدى: «مەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيىلەيدىغان بىر مەكتەپنى قۇرۇش ۋە ئۇنى يۆلەش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى پەردىلىرىنى چۈشۈردۈم. مەن مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەركىنلىكى، ئابرۇيى ۋە بەختى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان تەسىر كۆرسىتەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئۇ مەكتەپ ئىشلىرىغا ئىزچىل ھالدا شۇنداق ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيى قالغۇچى كومېتىت يىغىنىغا قاتناشتى.

    جېففىرسوننىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان چاغدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ياردەم قولىنى سۇندى: كىشىلەر ئۇنىڭغا جەمئىي 16 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلدى، ئەمما بۇ پۇل كېچىكىپ قالغانىدى. جېففىرسوننىڭ سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلىشىپ، پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئىدى.

    6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇ ۋاشىنگتون ئاممىسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك سەۋەبى بىلەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ 50 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە بارالمايدىغانلىقىدىن ئۆزرە سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلغىنىغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتى ئىدى.

    دەل مانا شۇ كۈنى، جېففىرسون ئۆزىنىڭ دوختۇرىنى يەنى مەكتەپ ئاناتومىيە ۋە مېدىتسىنا پىروفېسېسسورى روبلى دوكتۇرنى چاقىرىپ كەلدى. دوكتۇر جېففىرسوننىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ مونتېكارلودا قېلىپ قالدى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى جېففىرسون ھۇشىدىن كەتتى. كېيىن نەچچە قېتىم ھۇشىغا كېلىپ، بۈگۈن 7-ئاينىڭ 4-كۈنىمۇ دەپ سورىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنگىچە ياشىيالىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈش سائەت 12دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، توماس جېففىرسون ئالەمدىن ئۆتتى.

    600 نەچچە مىل يىراقلىقتىكى ماسساچۇسېتىس شىتاتىدىكى جون ئادامىشمۇ بۇنىڭدىن نەچچە سائەت كېيىنلا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئىككىيلەن بىرلىكتە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ تېزىسىنى تۈزگەنىدى ھەمدە ئىككىلىسى ئامېرىكا پىرىزدېنتى بولغان ۋېرگىنىيەلىكلەر ئىدى. ئۇلار ئوخشاش بىركۈندە بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. «ئىنتايىن غەلىتە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تاسادىپىيلىك»

    جېففىرسون مونتېكارلودىكى تاغ باغرىغا، ئايالىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇ بۇنىڭمۇ لايىھىسىنى تۈزۈپ قويغان بولۇپ، قەبرە بېشىغا نەقىشلەنمىگەن تۆت چاسا تاشنى قويۇشنى، ھەمدە بۇ تاشقا ئۆزى يازغان بۇ سۆزلەردىن باشقا ھېچقانداق بىر خەت قوشۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلغانىدى.

    توماس جېففىرسون

    ئامېرىكا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ۋە ۋېرگىنىيە دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى

    ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئاتىسى

    بۇ يەرگە دەپنە قىلىندى

    ئۇ بۇنىڭغا چۈشەنچە  بېرىپ مۇنداق دەپ يېزىپ  قويغانىدى: «چۈنكى، ياشىغانلىقىمنىڭ ئىزناسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەن كىشىلەرنىڭ مۇشۇلارنىلا ئېسىدە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-6-13 18:25:31
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 386
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证