نە ئۈچۈن خاتاغا يول قويدۇق گۈلۈم،
بار تۇرۇپ گۇناھكار بولماسقىمۇ يول.
چۈشۈم نە، ئوڭۈمدا -كۈپكۈندۈزدىمۇ
سىقماق بوپ گېلىمدىن سوزۇلار بىر قول.
ئۇنتۇلماق ئۈچۈن نام قويساقمۇ ئاڭا:
«بۇ تەقدىر قوشمىغان بىر جۇپ ئىشى»دەپ.
«ئۆلمەكتىن تىرىلمەك بار»نى ئويلىسام،
بىر تۇنۇش قاباھەت كېلەر دېۋەيلەپ.
رىشتەمىز باغلانغان بولسا ھەق ئۈچۈن،
ئېيت، نېچۈن ھەق رىزا ئىشتىن بىز يىراق.
نەپسىمىز بىزگە گۈل كۆرسەتكەن تىكەن،
تولدۇرۇپ يىرىڭغا تۇرار دىلنى ساق.
ئىمانسىز ھاياتلىق ئۇ- ئۆلۈم ئىكەن،
تۆبىدىن قايتىلاپ ھېس قىلدىم ئۇنى.
گۇناھتىن يانايلى، پۇرسەت بىر تىنىق،
ئاھ ئەمەل قىلغۇچە بىزنى تۇتقۇنى...
مەڭگۈلۈك سائادەت تۇرسىمۇ كۈتۈپ،
دۇنيالىق بىر چىشلەم نان، دەپ ياشاپتۇق.
كەڭ ئېچىپ دۇنياغا باغرىمىزنى ھەم،
كۆز يۇمۇپ جەننەتكە، دىلنى تاقاپتۇق...
ئالەملەر رەببىگە تەۋەككۇل قىلىپ،
ياشايلى نەپسىنى پاكلاپ يا كېچىپ،
ئوچۇق كۆز يۇمۇلسا، ئاچساق ئۆزگە ھال
قالۇرمىز ئۇ چاغدا بەكمۇ كېچىكىپ.
نىھايەت، كەچمىش بوپ قالسۇن مەئسىيەت،
ھەق يولدا ماڭايلى ئېپ سابىت قەدەم...
كۆڭۈللەر «راھمان ھەم رەھىم» دەپ تىنسۇن،
ئىشقىنى ئۆزىگە قىلىپ مۇجەسسەم...
نە ئۈچۈن خاتاغا يول قويدۇق گۈلۈم،
بار تۇرۇپ گۇناھكار بولماسقىمۇ يول.
چۈشۈم نە، ئوڭۈمدا -كۈپكۈندۈزدىمۇ
سىقماق بوپ گېلىمدىن سوزۇلار بىر قول.
ئۇنتۇلماق ئۈچۈن نام قويساقمۇ ئاڭا:
«بۇ تەقدىر قوشمىغان بىر جۇپ ئىشى»دەپ.
«ئۆلمەكتىن تىرىلمەك بار»نى ئويلىسام،
بىر تۇنۇش قاباھەت كېلەر دېۋەيلەپ.
رىشتەمىز باغلانغان بولسا ھەق ئۈچۈن،
ئېيت، نېچۈن ھەق رىزا ئىشتىن بىز يىراق.
نەپسىمىز بىزگە گۈل كۆرسەتكەن تىكەن،
تولدۇرۇپ يىرىڭغا تۇرار دىلنى ساق.
ئىمانسىز ھاياتلىق ئۇ- ئۆلۈم ئىكەن،
تۆبىدىن قايتىلاپ ھېس قىلدىم ئۇنى.
گۇناھتىن يانايلى، پۇرسەت بىر تىنىق،
ئاھ ئەمەل قىلغۇچە بىزنى تۇتقۇنى...
مەڭگۈلۈك سائادەت تۇرسىمۇ كۈتۈپ،
دۇنيالىق بىر چىشلەم نان، دەپ ياشاپتۇق.
كەڭ ئېچىپ دۇنياغا باغرىمىزنى ھەم،
كۆز يۇمۇپ جەننەتكە، دىلنى تاقاپتۇق...
ئالەملەر رەببىگە تەۋەككۇل قىلىپ،
ياشايلى نەپسىنى پاكلاپ يا كېچىپ،
ئوچۇق كۆز يۇمۇلسا، ئاچساق ئۆزگە ھال
قالۇرمىز ئۇ چاغدا بەكمۇ كېچىكىپ.
نىھايەت، كەچمىش بوپ قالسۇن مەئسىيەت،
ھەق يولدا ماڭايلى ئېپ سابىت قەدەم...
كۆڭۈللەر «راھمان ھەم رەھىم» دەپ تىنسۇن،
ئىشقىنى ئۆزىگە قىلىپ مۇجەسسەم...
2010-يىل 8-ئىيون
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
نە ئۈچۈن خاتاغا يول قويدۇق گۈلۈم،
بار تۇرۇپ گۇناھكار بولماسقىمۇ يول.
چۈشۈم نە، ئوڭۈمدا -كۈپكۈندۈزدىمۇ
سىقماق بوپ گېلىمدىن سوزۇلار بىر قول.
ئۇنتۇلماق ئۈچۈن نام قويساقمۇ ئاڭا:
«بۇ تەقدىر قوشمىغان بىر جۇپ ئىشى»دەپ.
«ئۆلمەكتىن تىرىلمەك بار»نى ئويلىسام،
بىر تۇنۇش قاباھەت كېلەر دېۋەيلەپ.
رىشتەمىز باغلانغان بولسا ھەق ئۈچۈن،
ئېيت، نېچۈن ھەق رىزا ئىشتىن بىز يىراق.
نەپسىمىز بىزگە گۈل كۆرسەتكەن تىكەن،
تولدۇرۇپ يىرىڭغا تۇرار دىلنى ساق.
ئىمانسىز ھاياتلىق ئۇ- ئۆلۈم ئىكەن،
تۆبىدىن قايتىلاپ ھېس قىلدىم ئۇنى.
گۇناھتىن يانايلى، پۇرسەت بىر تىنىق،
ئاھ ئەمەل قىلغۇچە بىزنى تۇتقۇنى...
مەڭگۈلۈك سائادەت تۇرسىمۇ كۈتۈپ،
دۇنيالىق بىر چىشلەم نان، دەپ ياشاپتۇق.
كەڭ ئېچىپ دۇنياغا باغرىمىزنى ھەم،
كۆز يۇمۇپ جەننەتكە، دىلنى تاقاپتۇق...
ئالەملەر رەببىگە تەۋەككۇل قىلىپ،
ياشايلى نەپسىنى پاكلاپ يا كېچىپ،
ئوچۇق كۆز يۇمۇلسا، ئاچساق ئۆزگە ھال
قالۇرمىز ئۇ چاغدا بەكمۇ كېچىكىپ.
نىھايەت، كەچمىش بوپ قالسۇن مەئسىيەت،
ھەق يولدا ماڭايلى ئېپ سابىت قەدەم...
كۆڭۈللەر «راھمان ھەم رەھىم» دەپ تىنسۇن،
ئىشقىنى ئۆزىگە قىلىپ مۇجەسسەم...