قامالغانلارمۇ ئىنسان
-«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى
بەزىلەر جىنايەت سادىر قىلىپ قامىلىدۇ، بەزىلەر جىنايەت گۇمانى بىلەن قامىلىدۇ، روھىي كېسەل بىلەن ياكى زەھەر چېكىپ قامىلىدىغانلارمۇ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە قامىلىدىغانلارمۇ بار.
قامالغۇچى جىنايەتكار بولسا، جىنايىتىگە چۇشلۇق جازا بېرىش ھەقلىق، لېكىن، قامالغانلارمۇ ئىنسان، قاماقتا تۇرغاندا قوغداشقا تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش كېرەك. ھۆكۈم قىلىنغانلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىنمىغانلارنى ئايرىم قاماش، قورامىغا يەتكەنلەر بىلەن قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئايرىم قاماش، قامالغۇچىنى كەمسىتمەسلىك، ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش، قاماقخانا شارائىتى ئىنسانپەرۋەرلىك تەلىپىگە لايىق بولۇش، قەبىھ جازاغا ئۇچرىماسلىق، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىقلار قامالغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىدۇر.
ھەرقايسى ئەللەردە قامالغۇچىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان ئىشلار تۈگەپ كەتكىنى يوق.
يىراق بىر ئەلدە قامالغان ئۈچ مەھبۇس ئەرز سۇندى. دەسلەپتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشتى، كېيىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى، لېكىن ئالتە يىلدىن بېرى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار تۈرمىسىدە ياتتۇق، بىز قامالغان كامىر تار، قاراڭغۇ ھەم زەي، ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ. كامىردا تەرەت تۇڭى قويۇلغان بولۇپ، 16 سائەتتە بىر قۇرۇقدىلىدۇ، كامىرنىڭ ئىچىنى سېسىقچىلىق، بۈرگە-چۇسا، چاشقانلار بېسىپ كەتكەن.
كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئېيتتى: قامالغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان، تېگىشلىك تۆلەم بېرىلىشى، قاماق شارائىتى ياخشىلىنىشى كېرەك.
ئۇ 15 يېشىدا قامالدى، قورامىغا يەتكەنلەر بىلەن بىرگە قامالدى، بوزەك قىلىندى، خورلاندى، تاياق يېدى. ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە قاماشنى تەلەپ قىلدى، تەلىپى ئېتىبارسىز قالدۇرۇلدى. بۇنداق قىلىش ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر بىلەن قورامىغا يەتكەن جىنايەتچىلەرنى ئايرىم قاماش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىدى. بۇ يامايكا دېگەن ئەلدە بولغان ئىش.
گۇاڭجۇ شەھىرىدە كىملىكىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرمىگەنلەرنى يىغىپ تەكشۈرىدىغان بىر ئىش بار ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يەردە بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئىدى. كىملىكىنى ئالماي بازارغا چىقىپ، تەكشۈرگۈچىلەرگە ئۇچراپ قالدى. يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئاغىنە-بۇرادەرلىرى كەلدى، گۇۋاھلىق ئەسقاتمىدى. ئۇ نارازى بولدى. مېنى نېمىشقا يىغىۋالىسىلەر دېدىمۇ ياكى باشقا گەپ قىلدىمۇ، ئىش قىلىپ، باشقۇرغۇچىلارنى خاپا قىلىپ قويدى. تاياق-توقماق، مۇشت-پەشۋا يېغىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە تىنىقتىن قالدى. ئۇ ئەمدىلا 20 نەچچە ياشقا كىرگەن، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان يىگىت ئىدى، يۇرتداشلىرى يۇرتىمىزدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەپ پەخىرلىدىغان ئالىي مەلۇماتلىق ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى سۈن جىگاڭ بولۇپ، تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى «سۈنجىگاڭ ۋەقەسى» دەپ ئاتاشتى.
باش جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. بۇ ۋەقە بەزى قانۇنشۇناسلارنى ئويغاتتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە تەكلىپ سۇنۇشتى. قامالغان ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىش قەبىھ جىنايەت بولۇپلا قالماي، كىملىكىنى ئېلىپ يۈرمىگەن ئادەمنى يىغىۋېلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنىڭ ئۆزىلا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان «رەزىل قانۇن» ئىدى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يىگىتنىڭ ئۆلۈمى قانۇنچىلىق تارىخىغا پۈتۈلدى.
ئابلاجان تۇردى