تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئامېرىكا 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جون فېتىزگراد كېننىدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېرىكا 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جون فېتىزگراد كېننىدى

     

     

    ئامېرىكا 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جون فېتىزگراد كېننىدى

     

    تولۇق ئىسمى: جون فېتىزگراد كېننىدى

    ئاتىلىشى: جېك

    توغۇلغان ۋاقتى: 1917-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

    ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى

    ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1961-يىلى1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    كېلىپ چىقىشى: كاپىتالىست

    ئوقۇش تارىخى: ماگېستىر (خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنۋېرسىتېتى)

    كەسپى: ھەربىي (سىتارشى لېيتنانت)

    پارتىيە-گۇرۇھى: دېموكراتلار پارتىيىسى

    دىنىي ئېتىقادى: رىم كاتولىك دىنى

    ۋەزىپىسى: دۆلەت كېڭەش پالاتا ئەزاسى

    رەپىقىسى: جەككيۇلاين رى بوۋېر

    پەرزەنتى: بىر ئوغۇل، بىر قىز

    ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «قەھرىمانلار تەزكىرىسى» (1952)، «باتۇرلار ئوبرازى» (1956)

    ھېكمەتلىك سۆزى: ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۇنيا تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، سانى چەكلىك بولغان شۇ بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرى، ئەركىنلىك زاۋانلىققا يۈز تۇتقاندا. ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.

    ۋەتەننىڭ سەن ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سورىماي، ئۆزۈڭنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن نېمە ئىش  قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭ ئۈستىدە ئويلان..

    بىزنىڭ ئەركىنلىكنى قوغدىغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە بولغان ئېتىقاد، شۇنداقلا باشقىلارغا بەرگەن بىردىنبىر ۋەدىمىزدۇر.

    جون كېننىدى ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى. ئۇ ماسساچۇسېتس شىتاتىدىكى بىر باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئىنتايىن ياخشى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. 1946-يىلى، 28 ياشلىق جېك (جوننىڭ ئەركىلەتمە ئاتىلىشى) دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلىنىپ كىرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئىككى نۆۋەت پالاتا ئەزالىق ۋەزىپىسىدە بولغان. 1952-يىلى، ئۇ ماسساچۇسېتىس شىتاتىدىن ئامېرىكا پارلامېنتىغا سايلىنىپ كىرگەن. 1953-يىلى، ئۇ بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەككيۇلاين رى بوۋېر بىلەن توي قىلغان ھەمدە ئىككى بالىلىق بولغان؛ 1961-يىلى، كېننىدى ئەڭ ياش ئامېرىكا پىرىزدېنتى بولۇپ سايلانغان؛ ئەمما بەختكە قارشى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 1037 كۈن بولغاندا، قەستلەشكە ئۇچراپ، ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. گەرچە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىرى ئامېرىكا خەلقىنى ئىلگىرىلەش يولىغا قاراپ باشلاپ ماڭغان.

    بىرىنچى: ئەقىللىق خۇشچاقچاق بىرىنچى ئەۋلاد تالانت ئىگىسى

    جون كېننىدى ئامېرىكا پىرىزدېنتلىرى ئىچىدىكى 20-ئەسىردە تۇغۇلغانلىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى بېلەت سايلىمى ئارقىلىق پىرىزدېنتلىققا سايلانغان ئەڭ ياش پىرىزدېنت، شۇنداقلا پىرىزدېنتلار ئىچىدە ئەڭ ياش ۋاپات بولغانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىنتايىن غايىلىك ياش بولۇپ، بوي-تۇرقى ئىنتايىن قاملاشقان، ئۆزى رومانتىكراق تۈشكە ئىگە، ئەمەلىي ئىشتىن ئەمەلىي  تەجرىبىگە ئىگە بولالايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئىنتايىن ئۇلۇغ ناتىق بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىلان سوقۇشقىمۇ ئۇستا ئىدى؛ ئۇ ئىنتايىن سەمىمىي، ئوچۇق بولۇپ، «رېئال سىياسىيون» ئىدى. ئۇ ئۆز خەلقىگە ئىنتايىن يۈكسەك بولغان كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بۇ بىر قاتار تەسەۋۋۇرلارنى قەدەممۇ-قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى؛ ئۇ ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭلا ياخشى باھاسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنىڭ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.

    جون كېننىدىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئالتە فۇد بىر ديۇم كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى 175 قاداق ئەتراپىدا كونترول قىلاتتى، دەل مانا مۇشۇ بوي-بەست ئۆلچىمى ئۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كۈلرەڭ بولۇپ، چاچلىرى سۇس قوڭۇر ئىدى. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئۈستى-بېشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم كىيىم يەڭگۈشلەيدىغان بولۇپ، ئىچىدىن تارتىپ سىرتقىچە ھەممىنى ئالماشتۇرۇپ چىقاتتى. ئادەتتە بىر كۈندە تۆت قېتىم كۆينەك ئالماشتۇرۇپ چىقىدىغان بولۇپ، كىيىم ئىشكاپى ئۇنىڭغا يادا ئىدى. بىر قېتىملىق سايلام رىقابىتى پائالىيىتىدە، ئۇنىڭ ياردەمچىسى سورېنسېنغا بىر دانە گالىستۈك لازىم بولۇپ قالغاندا، داۋېد ۋوسېف ئۇنىڭغا كېننىدىنىڭ بىر دانە گالىستۈكىنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن، داۋىد بۇ گالىستۈكنى كېننىدىنىڭ ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىغا ھۆددە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېننىدىنىڭ ئۆيگە كىرىپلا دېگەن تۇنجى سۆزى: سىز تاقىغان گالىستۈك مېنىڭكىمۇ؟» دەپ سورىغان. كېننىدى شەكپە كىيىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، شەپكە كىيسە ئۆزىگە ماسلاشمايدۇ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ قارىشى ئۇ پىرىزدېنتلىققا چىققاندىن كېيىن، دوپپىچىلىق ساھەسىگە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. كەڭ خەلق ئۆزلىرىنىڭ شەپكە كىيىشنى ياقتۇرمايدىغان پىرىزدېنتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، باش كىيىملەرنىڭ سېتىلىشىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ كېننىدى يەنىلا ھەرخىل شەكىلدىكى يۇمغاك سوكنى شەپكە كىيىۋېلىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ، ھەتتا ۋاپات  بولغانغا قەدەر شۇنداق ئۆتكەن، ئۇ كۈنى كېننىدى تېكساس شىتاتىغا بىر مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن باغان بولۇپ، فورت ۋورتتا بىر كاۋبوي رەختتىن تىكىلگەن  بىر شىلەپىنى قۇبۇل قىلغان، بۇ ۋاقىتتا تېكساس شىتاتى خەلقى ئۇنى شەپكىنى بىر كىيىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ قەتتىيلىك بىلەن رەت قىلغان.

    كېننىدى تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ دۈمبىسى يارىلانغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا زەيتۇن توپ، گولىف توپ ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ھەركۈنى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسى، ئاق ساراينىڭ چېنىقىش ئۆيى، ھەتتا ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئىچىدىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. بىر قېتىم، ئۇ ئۆز  قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ «سەمىرىپ كېتىۋاتقانلىقى»غا ئىنتايىن ئىچىنىڭ پۇشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى بەش قاداقتىن ئورۇقلاشقا بۇيرىغان. كېننىدى يېمەكلىككە بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە «گۆش بىلەن كەرەپشە يېيىشنىلا ياخشى كۆرەتتى.». ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ تاماق يېگەندە خۇددى بىرى ئالدىدىكى تاماقنى تارتىپ كېتىدىغاندەك ئىتتىك يەيدىكەن. ئۇ ھاراق كۆتۈرەلەلمەيدىغان بولۇپ، ئاندا-ساندىدا بىرەر رومكا ئىچىپ قويسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىچمەيدىكەن.

    كېننىدى باشقىلارنىڭ قولىنى ئۆزىنىڭ مۆرىسىگە ئارتىۋېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، كونا سىياسىيونلارنىڭ ئۆز قولىنى يېنىدىكى ئادەمنىڭ مۆرىسىگە ئارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ دوستانىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئادىتىنى ئىنتايىن ياقتۇرمىغان. گەرچە ئۇ باشقا ھەرقانداق بىر سىياسيونغا ئوخشاش ئاۋامنىڭ ئالدىدا دوستانە قول ئېلىشىشنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، بۇ قول ئېلىشىشنىڭ بىر سېكونتتىن ئارتۇق بولۇپ كېتىشى ئۇنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.

    كېننىدى كىنو كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىچكى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن فىلىملارنى ئالاھىدە سۆيۈپ كۆرگەن. ۋىسكونسىن شىتاتىدا ئۇ ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاق ساقىلى سۈپىتىدە تەكىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ بېشىغا ئىندىئانلارنىڭ ياغلىقىنى چىگىپ شۇنداق دېگەن: «كىنوخانىغا كىرىپ ئىندىئان بىلەن پادىچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام، مەن ئۇلار بىلەن قېرىنداشتەك كۆرۈشىمەن.» مۇبادا ئۇ بىرەر فىلىمنى ياقتۇرمىغان بولسا، ئۇ بۇ فىلىم ئۈستىدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى ياقتۇرماي، يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا: «كېتەيلى!» دەپلا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردىن كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. كېننىدىنىڭ بىر قاراپلا ھەممىنى بىلەلەيدىغان قابىلىيىتى ئۇنىڭ ھەمراھلىنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ مىنۇتىغا 2000غا يېقىن خەتنى ئوقىيالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %95 مەزمۇنىنى ئېسىدە تۇتالايدىكەن. ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەندە 15 مىنۇت ئىچىدىلا تۆت پارچە گېزىتنى ئوقۇپ بولىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ گزىتنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىر ماقالىنىڭ ئىچىدىكى بىر تەپسىلاتنى مۇزاكىرە قىلىشقا كاللىسىدا تەييارلىق قىلىپ بولىدىكەن. ئۇ خەت ئوقۇشتا ئاستا، چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەردىن بىزار بولۇپ، ئۇنداق كىشىلەرگە دائىم: «مەن سىلەرنى ئوقۇڭلار دېدىم، سىلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىڭلار دېمىدىم.» دېگەن.

    ئىشقىلىپ كېننىدى كۆرۈپ باققانلا ئادەملەردە، ئۇنىڭ قىززىقچىلىقى ئىنتايىن چوڭقۇ تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى مەسىخىرە قىلىپ چاقچاق قىلىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى بىرى ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قەھرىمان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەن ئۇرۇش قەھرىمانى بولۇشنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىدىم، چۈنكى مېنىڭ ئۇرۇش كېمەم سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەنىدى.» ئۇ شۇ قېتىملىق جەڭنى «بىر قېتىملىق قىزىقارلىق سەرگۈزەشتە» دەپ بىلگەن. كېننىدى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن ياش كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم يېنىدىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئەمدىلا پارلامېنتقا كىرگەن ۋاقتىدا يۈز بەرگەن قىزىق ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەن. بىر قېتىم، بىر كىشى ئۇنى لېفىت باشقۇرىدىغان بالا دەپ تونۇپ قالغان؛ يەنە نەچچە قېتىم بەزى كىشىلەر ئۇنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان خىزمەتچى دەپ قالغان؛ ھەتتا ئۇ پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىم دۆلەت مەجلىسخانىسىدىكى تېلىفوننى ئىشلەتمەكچى بولغىنىدا، بىر  قوغداش خادىمى كېننىدىدەك ياش پارلامېنت ئەزاسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئۇنى توسقان ھەمدە: «كەچۈرۈڭ، ئەپەندىم، بۇ تېلىفونلار پارلامېنت ئەزالىرىلا ئىشلىتىشقا بولىدىغان مەخسۇس تېلىفون» دېگەن. ئەمما كېننىدىنىڭ بۇنداق چاقچاقلىرىنىڭ كىشىلەرنى خورلاپ قويىدىغان يەنە بىر تەرىپىمۇ بولۇپ، ئۇ دوستلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىنى ھەر دائىم ئوڭايسىز ئەھۋالغان چۈشۈرۈپ قويغان. مەيلى خىزمەت ياكى ئارام ئېلىشتا بولسۇن، كېننىدى باشقىلارنى يېڭىپ چۈشۈشنى ياقتۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، بەزىدە زەيتۇن توپ ئوينىغان چاغلاردا، ئۇ مۇسابىقىگە پۈتۈن كۈچىنى چىقارمىغان كىشىلەرگە ئىنتايىن خاپا بولغان.

    كۆپچىلىكلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، كېننىدى بىر كاتولىك دىنى مۇرىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دىنغا بولغان ئېتىقادى ئەزەلدىن ئۇنچە ئىخلاس بولۇپ باقمىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆۋە قىلىشقا تىرىشقان. پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ پوپنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن قورققاچقا، بۇ گۇناھلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى ھەققىدە تۆۋە قىلغان. ئۇ ئۆز  كۆڭلىدىكىنى پوپنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئالاھىدە قوغداش ئەترىتىدىكى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىرلىكتە چېركاۋغا بارغان ھەمدە ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا تىزىلىپ تۆۋە قىلغاندىمۇ، كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر بۇلۇڭغا كىرىۋالغان. بىر قېتىم، بۇنداق خەتەرلىك پىلاننىڭ ھامان مەغلىب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇ ئەمدىلا تۆۋە قىلىش ئۆيىگە قەدەم ئېلىشىغا، پوپ: «خەيرلىك كەچ، پىرىزدېنت ئەپەندىم!» دېگەن. كېننىدى بۇنىڭغا پەقەت: «خەيرلىك كەچ، پوپ!» دەپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەن.

    كېننىدى ئائىلىسى ئىنتايىن باي ئائىلە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىنى-سىڭىللىرى پۇلنى ھېچقانچە بىلىپ كەتمىگەن. بىر كۈنى كەچتە، كېننىدىنىڭ دادىسى يوسېف كېننىدى ئائىلە جەمەتىنىڭ مال-دۇنياسىنى  تىلغا ئېلىپ: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئائىلە قانداق بولۇپ كېتەر. ..... ھەممىسىلا پۇلنى سۇدەك خەجلەيدۇ، ئىقتىساد قىلىشنى بىلمەيدۇ. مەن ئۆلۈپ كەتسەم مۇشۇنداق قىلساڭلار بۇ ئائىلە نېمە بولۇپ كېتەر؟» دېگەن، ئاندىن ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېننىدىنىڭ سىڭلىسىنى ئەيىبلەپ كەتكەن. سىڭلىسى يىغلىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. سىڭلىسى سەل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە، كېننىدى بېشىنى كۆتۈرۈپ، سىڭلىسىغا قاراپ: «بولدى سىڭلىم، ئەنسىرىمە، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل، دادامنى تېخىمۇ كۈچ چىقىرىپ ئىشلەتسەك بولىدىغۇ!» دېگەن. بۇنى ئاڭلىغان ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتكەن، ھەتتا كېننىدىنىڭ دادىسىمۇ كۈلۈپ كەتكەن. كېننىدى ئادەتتە يېنىدا ئەزەلدىن نەق پۇل ئېلىپ يۈرمەيدىغان بولۇپ، دائىم دوستلىرىدىن «قەرز» ئالغان. مەسىلەن، ئاشخانىدا تاماق يەپ پۇل تۆلىگەندە، ماشىنا توختىتىش ھەققى تۆلىگەندە، ھەتتا چېركاۋغا قىلىدىغان ئىئانىنىمۇ ئۇ باشقىلاردىن ئۆتنە ئالغان. بۇنىڭ بۇنداق قىلمىشىغا ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمۇ ئاچچىقلانغان، چۈنكى ئائىلىسى ئىنتايىن باي كېننىدى دائىم كىشىلەردىن ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان.

    كېننىدى، لېندىن جونسون ۋە ستېۋارت سايمىڭتونلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1960-يىلدىكى پىرىزدېنت سايلام نامزاتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىققا سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىر كۈنى، كېننىدى بىر چۈش كۆرگەن، ئۇ چۈشىدە تەڭرىنىڭ قولىنى ئۇنىڭ مۆرىسىگە قويۇپ: «ئالدىرىما، سەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1960-يىللىق پىرىزدېنت سايلام نامزاتى بولىسەن، ھەمدە سەن پىرىزدېنتلىققا سايلىنىسەن.» دېگەن. ئۇ بۇ چۈشىنى سايمىڭتونغا ئېيتىپ  بەرگەندە، سايمىڭتون ئىنتايىن ھەيران قېلىپ: «مەنمۇ مۇشۇنداق چۈش كۆرگەن» دېگەن. ئۇ ئىككىسى بۇ چۈشنى بىرلىكتە جونسونغا ئېيتىپ بەرگەندە، جونسون: «قىززىق! مېنىڭ ھەجەپ ئىككىڭگە بۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرغىنىم ئېسىمدە يوققۇ!» دېگەن. بەلكىم، تەڭرى ياش كېننىدىغا بەكرەك ئامراق بولسا كېرەك، ئۇنىڭ چۈشى ئۇزۇن ئۆتمەيلا رېئاللىققا ئايلانغان.

    دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلباشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوغلى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بۇ يىگىتنىڭ 1960-يىللىق سايلامدا ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنىغا ھەيران قالغان ھەم قىززىققان. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى كىشى ـــ غەربىي گېرمانىيىلىك كانراد ئادىناۋېر بىلەن جۇڭگولۇق جياڭ جيې شىلار ئوچۇق ئاشكارا ھالدا نېكسوننى ماختاپ، كېننىدىغا قارشى تۇرغان؛ روسىيە رەھبىرى خىروششوۋ  بۇ ئىككى نامزاتنىڭ ھېچقايسىسىدىن رازى ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنى «بىر جۈپ ئۆتۈك، سول پېيى ياخشىمىدۇ؟ ئوڭ پېيى؟» دەپ مەسخىرە قىلغان. شۇنداقتىمۇ، 1961-يىلىغا كەلگەندە، مەيلى دوستانە، مەيلى قارشى پوزىتسىيىدىكى ۋە ياكى بىتەرەپ ھالدىكى رەھبەرلەر بولسۇن، كېننىدىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگۈرۈش بولغان. خېروشوف كېننىدىنىڭ ئوچۇق-يورۇق، تۈز، يۇمۇرىستىك خاراكتېرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە كېننىدىدا ئېزىنخاۋېردەك كەڭ قورساقلىق كەم بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەس ئىكەن. فىرانسىيىلىك چارلىس كېننىدىنىڭ «قىزغىن ۋە باتۇرلۇقى» ھۆرمىتىدىن قەدەھ كۆتۈرگەن.

     

    ئىككىنچى: كۆزگە كۆرۈنگەن باي ئائىلە پەرزەنتى

    1917-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، جون كېننىدى ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ بىرۇكلېن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بۇرۇكلېن بوستۇن شەھىرىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى كىچىك بازار بولۇپ، كېننىدىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئىلگىرى ئەنە شۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار توپلاشقان رايونلاردىكى تۆت ئەتراپى كۈلرەڭ شۇ ئۆيلەردە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مال-دۇنياسى كېيىنرەك ھەممىگە تونۇلغان. كېننىدىنىڭ ئەجدادى ئېرلاندىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن تېزلا ئامېرىكا بايلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي ساھەدىمۇ بەلگىلىك نوپۇزى  بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپا تەرەپ بوۋىسى ئىلگىرى بوستۇن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. دادىسى بولسا ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۈيۈك بېرتانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. بىر تۈركۈم ئېرلاندىيىلىكلەر بوستۇن شەھىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلغان مەزگىللەردە، كېننىدىنىڭ بوۋىسى ۋە ئانا تەرەپ بوۋىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مۇھىم كىشىلىرىدىن بولغان. كېننىدىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا، ئۇنىڭ دادىسى يوسېف كېننىدى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپىدىكى باشقۇرغۇچىدى بولۇپ كەلگەن. سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ چوتى سوقۇلىۋاتقاندا، كېننىدى بىر دوستىغا: «مەن دادامنىڭ مېنىڭ كەينىمدىن قاراپ تۇرغانلىقىنىمۇ ھېس قىلالايمەن» دېگەن. پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھەركۈنى ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم دادىسى بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇرغان. كېننىدىنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولالىغان ئادەم ئۇنىڭ دادىسىدىن باشقا ئۇنىڭ ئاكىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئاكىسى جوي توغۇرلۇق بىر قېتىم مۇنداق دېگەن: «جوي بىزنىڭ ئائىلىنىڭ چولپىنى، ئۇ نېمىلا ئىش قىلسا قالغانلىرىمىزغا قارىغاندا ياخشى قىلىدۇ»

    كېننىدى بالىلىق ۋاقىتلىرىدا تېنى ئاجىز بولۇپ تولا ئاغرىپ قالاتتى، ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى بۇنداق تولا كېسەل بولۇش ئۇنىڭ كېيىنكى سىياسىي ھاياتىدا ھەر ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشقا تۈرتكىلىك سەۋەب بولۇپ قالغانىدى. بۇ خىل خاھىش مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بالىلارنى ھەرگىزمۇ ئىككىنچى بولۇپ قېلىش ئۈچۈن تەربىيلىمەيتتى. ئۇلارنى ھەر دائىم بىرىنچىلىكنى ئېلىشقا تىرىشىش ئۈچۈن ئىزدەندۈرەتتى، بىر قېتىم، جوي كىننىدى (كېننىدىنىڭ دادىسىنىڭ ئاتىلىشى) ئوغۇللىرىنىڭ قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولالماي ئىككىنچى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تاماق يېيىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغانىدى.

    كېننىدى ئائىلىسىدە جەمئىي توققۇز بالا بولۇپ، بالىلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرتىپى: جوي جوندىن ئىككى ياش چوڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن بەش سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئىنىسى بوب بىلەن تېيىد بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنىڭ چوڭ بىلەن ئىككىنچىسىنىڭ «چوڭاملىق»نى تالىشىشى ئىنتايىن نورمال ئىش بولغاچقا، بۇ ئىككىيلەن دائىم ئۆيدە مۇشلىشىپ ئۇكىلىرىنىمۇ قورقىتىۋېتەتتى، ئىنتايىن قاۋۇل كەلگەن جوي ئىنىسى جوننى ئۇرۇن باش-بۇنىنى يېرىۋېتەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇنداق ئىشلارغا ھېچكىمنىڭ ئارىلاشتۇرمايتتى، چۈنكى دادىسى بەدىنى ئاجىز جوننىڭ ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىر قېتىم، بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ۋېلسىپىت مىنىپ بىر-بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالدى، ھېچقايسىسى بىر-بىرىگە يول قويۇشنى خالىماي، ئاخىرى بىر-بىرىگە ۋېلسىپىت بىلەنلا ئۇرۇلۇپ سوقۇشتى. ئاكىسى جوي ھېچقانداق يارىلانمىدى، ئەمما جون بولسا 28 يىپ بىلەن يارىسىنى تىكتى. بۇ كەچۈرمىشلەر كېننىدىنى كېيىنچە سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغاندا، مەيلى بوشلۇق مۇسابىقىسى، سىياسىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئايىقى ئۈزۈلمەس تەشۋىقاتلار بولسۇن، ئۇ ئەزەلدىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىققا رىغبەتلەندۈردى.

    جون كېننىدىنىڭ دادىسى  رىقابەتكە باي ئەمەلىيەتچى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھەممىگە داڭلىق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىسلىقى تەسۋىرلەنگەن شۇنداق ھېكايىلەرنى ئاڭلاشنى ياقتۇراتتى. ئۇ 25 ياش ۋاقتىدا شەرقىي بوستۇندىكى بىر بانكىنى كونترول قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەر-مۈلۈك، ھوللىۋود ۋە ئاكسىيە بازارلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغلىك پۇل-مۇئامىلە ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇڭلاشقا ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە بەردى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى كىچىك كېننىدىمۇ كوننېكتىكۇت شىتاتىنىڭ چويت مەكتىپىكە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە تەييارلىقتا ئوقۇشقا بەردى. گەرچە كېننىدىنىڭ سىنىپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ياخشى شۇنداقلا بالىلار تەرىپىدىن «غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى» دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرۈش نەتىجىسى سىنىپنىڭ كەينى قاتارىغا تىزىلىپ قالدى. قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللايدىغان ۋاقىتتا، كېننىدى دەرستە ئەلا ئاكىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللىماي پرىنسېتون ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللىدى. 1935-يىلى، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، سېرىق چېچەك چىقىپ قېلىپ، مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇ قايتىدىن ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئائىلىسىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاكىسى ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتېت خارۋاردقا بېرىشنى تاللىدى. ئالىي مەكتەپنى باشتىكى ئىككى يىلىدا، كېننىدىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇراھال سەۋىيىنى ساقلاپ كەلدى. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ۋاقتىنى تەنتەربىيىگە سەرپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇنىڭ دۈمبىسى زەيتۇن توپ تېگىپ يارىلانغانغا قەدەر شۇنداق قىلدى. كېننىدى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمى بىر مەۋسۈم ئوقۇشتىن توختاپ، ياۋروپاغا ساياھەتكە باردى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ، بۇ ياش كېننىدىنى نۇرغۇنلىغان سىياسيونلار ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئەربابلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. خارۋاردقا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ بۇ قېتىملىق ساياھىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسى ـــــ ئەنگىلىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش ھارپىسى ناملىق دوكلاتىنى يازدى. بۇ ئىلمىي ماقالە ئوقۇش پۈتتۈرۈشتە ئەلا باھالىنىپلا قالماي، «ئەنگىلىيە نېمە ئۈچۈن ئۇيقۇدا» دېگەن كىتاپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىنتايىن بازارلىق كىتاپ بولۇپ قالدى. گەرچە كېننىدى يېزىقچىلىق خاھىشى تەرەپتىرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خارۋاردنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا سىتانفورد تەتقىقات مەكتىپىگە بېرىپ بىر مەزگىل بىلىم ئاشۇردى.

    1941-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش بوسۇغۇسىدا ئىدى، كېننىدى ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، دېڭىز ئارمىيىسىگە تىزىمغا ئالدۇردى. 1943-يىلى، بۇ ياش سىتارشى لېيتنانت قوماندانلىق قىلغان 109 نومۇرلۇق ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي تېنىچ ئوكياندا ياپونىيە ئۇرۇش كېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلىنىپ، ئۇ ئارقىچىلاپ تامغا سوقۇلغاندا، زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىدە يارىلانغان دۈمبىسى قاتتىق ئاغرىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ھايات قالغان ئون نەچچە ئەسكەرنى يىغىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئارالغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئىنتايىن ھەزىل-قىززىق گەپ-چاقچاقلىرى بىلەن ئەسكەرلەرنى ھايات قېلىشقا رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەرنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ قىرغاققا چىقاردى. شۇ ئارالدا نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا، كېننىدى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قۇتۇلدۇرۋېلىندى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئىنتايىن قىس  بولۇپ، بۇ قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشتە ئۇلارنىڭ قەيسەر ئىرادىلىرى ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى.

    كېننىدىنىڭ باتۇر ئىش ئىزلىرى ئۇنى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوردىنىغا ۋە سۆسۈن كۆزلۈك مېدالىغا ئېرىشتۈردى ھەمدە ئۇلار كېننىدىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دوختۇرخانىسىغا داۋالىنىشقا ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ ۋە تەربىيىچى كوماندېر بولۇپ ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدىكى تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىللەردە، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئايروپىلان بىلەن ياۋروپا ھاۋا بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. مانا رېئاللىق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلىگەن ئىدى. گەرچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خېرسىت گېزىتىدە مۇخبىرلىق خىزمىتىنى تاپقان بولسىمۇ، ھەمدە ئۆزىڭ كەلگۈسىدە بىر يازغۇچى بولىدىغانلىقىنى توختىماي تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭدىن سىياسىي ساھەگە كىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. دادىسى ئۇنىڭغا: «سېنىڭ ئاكاڭ ئالەمدىن ئۆتتى، پارلامېنت ئەزالىق سايلىمىغا قاتنىشىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ، سەن خالىمىساڭمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك» دېدى.

    1946-يىلى، كېننىدى بوستۇن رايونى دۆلەت ئاۋام پالاتاسى ئەزالىق سايلام رىقابىتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى سايلىمىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى سىياسىي سايلام رىقابەت پائالىيتىنى باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ بىر تارتىنچاق ئاجىز پالاتا ئەزا سايلام نامزاتى ئىدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ، بۇ 28 ياشلىق نامزات ئەقلى-پاراسىتى توشۇپ تۇرغان ھالدا، بۇ بىر قاتار رايونلاردىكى ئىشچىلار ئارىسىدا سەييارە نۇتۇق سۆزلىدى، ھەمدە ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى. شۇ يىلى 11-ئايدا، ئۇ ئىنتايىن ئاسانلا غەلبىگە ئېرىشتى.

    1947-يىلى 1-ئايدا، كېننىدى ئاۋام پالاتاسىغا كىردى. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا بەرگەن تەسىرى: قارىماققا 19 ياشتەك كۆرىنىدىغان 29 ياشلىق يىگىت، كاكى رەختلىك ئىشتان كىيگەن، كۆينىگىنى ئىشتىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن بىر قاملاشقان يىگىت ئىدى. شۇنداقتىمۇ، كېننىدىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن بۇلار مۇھىم ئەمەس بولۇپ، ،ئۇلار ئۇدا ئىككى قېتىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە كېننىدىنى سايلىغانىدى. ئاۋام پالاتاسىدىكى ئالتە يىل ۋاقىت ئىچىدە، پالاتا ئەزاسى كېننىدى ئۆزىنى سايلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشتى، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئەرزان باھالىق ئۆي ئىجارە بېرىشكە بېلەت تاشلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «تافىت-خاتلى قانۇنى»غا قارشى تۇردى، شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشتى.

    1952-يىلى، پالاتا ئەزاسى كېننىدى ئۆزىدە ئاللىقاچان شىتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىدىكى ھېنرى كابوت روچقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان سالاھىيەت شەكىللىنىپ بولدى دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قانات يايدۇرۇلغان سايلام رىقابەتلىرىدە، ئۇ ماسساچۇسېتس شىتاتى تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەجرىبىلىك كىشى بىلەن رىقابەتلىشىشى كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەيرەتتە قالدۇردى. ئۇنىڭ دادىسى بۇ سايلام رىقابەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ بولغان ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان «بوستۇن پوچتا گېزىتى»نى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق «سودا قەرز سوممىسى بىلەن يۆلىدى. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ۇجۇمھۇرىيەتلەت پارتىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان گېزىت بىراقلا كېننىدى تەرەپكە ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، گەرچە ئېزىنخاۋېر 200 مىڭ بېلەت ئارتۇق  بولۇش نەتىجىسى بىلەن بۇ شىتاتنىڭ شىتات باشلىقلىقىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كېننىدى جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىنىڭ ئېقىمىغا قارشى تۇرۇپ، 70 مىڭ بېلەتلىك پەرق بىلەن روچنى مەغلۇب قىلدى. شۇنداق قىلىپ، كېننىدى 35 ياش ۋاقتىدىلا ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىغا ئەزا بولدى. قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.

    بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېننىدى ئىجتىمائىي دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان نيۇيورك ئاكسىيىسىنىڭ ۋاستىچىسىنىڭ قىزى جەككيۇلاين رى بوۋېر بىلەن تونۇشۇپ قالدى. جەككيۇلاين رى بوۋېر 1929-يىلى سېھرىي كۈچكە باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن  بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن ئىدى. سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىدىن خالىي بولغان يۇقىىرى تەبىقىنىڭ ئېسىل سۈپەي مۇھىتىدا، ئۇ ئاستا-ئاستا چوڭ بولغان ئىدى. جېج (جەككۇلايىننىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى) تەبىئىي تالانتلىق سىياسىيون بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن گۈزەل ۋە ئەقىللىق ئىدى. ئۇنىڭ ھەممىنى مەھلىيا قىلىدىغان جەلپ قىلىش كۈچى ئۇنىڭدىكى تەبىئي بولغان سىياسىي مەبلەغ ئىدى. 23 ياشلىق جېج ئىلگىرى ۋاسسار ۋە پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، كېننىدى بىلەن تونۇشقان چاغدا ۋاشىنگتوندىكى بىر گېزىتخانىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ۋە ھەيۋە قىلىشقا ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى كېننىدىغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى نەچچە قېتىم ئويلىغاندى، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ ئىككىيلەن ۋاشىنگتوندىكى بىر قېتىملىق كىچىك تىپتىكى زىياپەتتە  تونۇشتى. بۇ ئىككىيلەننىڭ قىزغىن مۇھەببىتى كېننىدىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ پالاتا ئەزالىقىغا سايلىنىش رىقابىتىگە بېرىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خەت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردى.

    1953-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، كېننىدى بىلەن جېج ئىككىيلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئۇ يىلى كېننىدى 36 ياش، جېج 24 ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ 10 يىللىق ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدا، ئۆز-ئارا مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولسىمۇ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئىككىيلەن ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. بىرىنچى نۆۋەتلىك پالاتا ئەزالىقىنى ئۆتىگەن ۋاقىتتا، پالاتانىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان كېننىدى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى رەتتىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ، پالاتا زالىنىڭ مەركىزىدىكى «پىشقەدەملەر» ئورنىدا ئولتۇرغان كارل ھېتىننىڭ يېنىغا كەلدى، ھەمدە ھېيتىندىن، بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە مۇبادا پارلامېنتتا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، قانداق ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىشىشى مۇمكىن دەپ سورىدى. ھېيتىن ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئىلگىرىكى يېڭى ئەزالار سۆز قىلمايتتى» دېدى. ئەمما، كېننىدى ئۆزىنىڭ خىزمەتنى سۆيۈش ۋە خىزمەت قىلىپ قالسا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدىغان روھىغا تايىنىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى.

     

    ئۈچىنچى ياش پىرىزدېنت

    1954-يىلى، كېننىدىنىڭ دۈمبىسىدىكى يارا بارغانسېرى يامانلىشىپ، ھاسىغا تايانمىسا ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ ئازابلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك بولغان ئۇمۇرتقا ئۇلاش ئوپىراتسىيىسى قىلغۇزۇش قارارىغا كەلدى. ئىككى قېتىملىق ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، ئۇ بارا-بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. كارىۋاتتا يېتىپ داۋالانغان بۇ مەزگىللەردە، ئۇ نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى كۆردى، ھەمدە ئىلگىرىكى شۇ قورقماس مەردانە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا كىتاب يېزىشقا باشلىدى. بۇ كىتابنىڭ نامى «قەھرىمانلار تەزكىرىسى» ئىدى. 1956-يىلى مەزكۇر كىتاب نەشىردىن چىققاندا ھېچقانچە تەسىر قوزغىمىغان بولسىمۇ، 1956-يىلىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىش يىغىنىدا، كېننىدى كەڭ كۆلەملىك ئەتىۋارلاشقا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك تەسىرى كۈچكە ئىگە ئەڭ ياش رەھبەر دەپ قارالدى. ئۇ ئۆزىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان پالاتا ئەزاسى ئاسپېدېس كاۋپېر بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا كاۋپېرنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن بۇ رىقابەت ئاياقلاشتى. كېننىدى ئىنتايىن تېزلا كەڭ قورساقلىق بىلەن يېزىلغان ئۆتۈنۈپ يول بېرىش باياناتى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن پارلاق بولۇشقا باشلانغانلىقدىن دېرەك بېرەتتى. 1960-يىللى پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ 1958-يىللىق پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەش سايلىمىغا قاتناشتى. ئۇ كېچە-كۈندۈز سايلام رىقابىتى ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ ماسساچۇستېس تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت 875مىڭ دانە قوللاش بېلەت بىلەن غەلبىگە ئېرىشتى.

    1960-يىلى، كېننىدى پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىش قارارىغا كەلدى. ئۇ پىرىزدېنتلىق ئورنىغا قاراپ تىرىشىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت سايلام نامزاتلىقى ئارىسىدا مۇنداق ئىككى جەھەتتە توسقۇنلۇق مەۋجۇت ئىدى. بىرى كاتۇلىك دىنى مەسىلىسى بولۇپ، كېننىدىغا ئەزەلدىن بىر كاتولىك دىنى مۇرىتىنىڭ ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلانمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئامېرىكىدىكى دىنىي مۇخلىسلار ئىچىدە خىرسىتىئان دىنى  مۇرىتلىرى ھەرقانداق بىر يېڭى دىن مۇرىتلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تارىخىدا ھېچقايسىسى پىرىزدېنت 43 يېشىدا تەختكە چىقمىغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ ئايان ئىدىكى، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى بەزىلەر ئۈچۈن ئىشەنمەسلىك بولسىمۇ، ئەمما دەل بۇ تەرەپ ئۇنى باشقا سىياسيونلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى بەلگىلىك سادىق قوللىغۇچىلارغا ئىگە قىلالايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاتولىك دىنى مۇخلىسى ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ دىنىي بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قارىشىغا تاقابىل تۇرالايتتى. دېگەندەك دەسلەپكى بىر قاتار سايلاملاردا ئۇ غەلبە قىلدى. ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك بىر ھۇجۇم غەربىي ئارىزونا شىتاتىدىكى بولغان بولۇپ، بۇ شىتاتتىكى %95 ئاھالە يېڭى دىن مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. يەنە بىر مۇنازىرە قىلىدىغان يەر كېننىدىنىڭ ھېسابسىز بايلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان دادىسى بولۇپ، دىرومىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن پاپاغا قارشى تۇرمايمەن، ئەمما مەن ئاتا پادىشاھلارغا قارشى چىقىمەن» بەزى مۇخبىرلار كېننىدى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنى ئېتوت قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېغىرىغا تەگكەنىدى. ئېتوتتا ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ بۇ پارلامېنت ئەزاسى ئادەتتە «مېنىڭ كۆڭلۈم دادامغا تەۋە» ۋە «ھېساۋاتىمنى دادامغا تاپشۇرىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتى. كېننىدى بۇنىڭغا نىسبەتەن قارشى پىكىردە بولماي، بۇنى كۈلۈپلا چاقچاققا ئايلاندۇرغانىدى. ئۇ ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھېلىلا بىر تېلگرامما تاپشۇرۇۋالدىم، مېنىڭ مەرد دادام ئەۋەتكەن ئىكەن. تېلىگراممىنىڭ مەزمۇنى، سۆيۈملۈك ئوغلۇم، پۇل خەجلەپ قوللاش بېلىتى سېتىۋېلىشتا چوقۇم تېجەشلىك  بولغىن، سايلاشقا يەتكۈدەك بولسىلا بولدى، مېنىڭ پۇلۇم بىلەن سېتىۋالغان بېلەتلىرىڭ بىلەن باشقىلارنى بېسىۋالساڭ مېنى نەسلىك باسىدۇ.» مەيلى كىشىلەرنىڭ قانداق دېيىشىدىن قەتئىينەزەر كېننىدى دادىسىنىڭ بىر مۇتەئەسسىپ ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ دادىسىغا نىسبەتەن باشتىن ئاخىرى پەرزەنتلىك مۇھەببەت ۋە ساداقەت بار ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئۇتۇقى ئارقىلىق ئوغلىغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرەلىگەنلىكىدىن، سىياسىي ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىشقا ياردەم قىلغانلىقىدىن مىننەتدار ئىدى.

    كېننىدىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولدى. ئۇنىڭ ياشلىقى ۋە زېھنى-قۇۋۋىتىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنى جەلپ قىلىشى ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەرنى يېپىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىنتايىن ئوڭايلا بارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نامزات سايلىمىدىلا غەلبىگە ئېرىشتى. پارتىيە ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە جەنۇب تەرەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كېننىدى ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ رەھبىرى لېندىن جونسوننى ئۆزىنىڭ سايلام ھەمكارلاشقۇچىسى قىلىپ تاللىدى. نامزاتلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن،  لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا 80 مىڭ ئاڭلىغۇچىنىڭ ئالدىدا بۇيرۇق ئالغاندىكى نۇتۇقىنى سۆزلىدى: «بۈگۈن بىز يېڭى بىر چېگرانىڭ يېقىسىدا تۇرماقتىمىز، چېگرىنىڭ ئۇ يېقى ئەزەلدىن ئىزدىلىنىپ باقمىغان تېخنىكا ۋە بوشلۇق زېمىنى؛ ھەل قىلىنىشقا ئېرىشمىگەن تېنچلىق ۋە ئۇرۇش مەسىلىسى؛ يېڭىپ چىقىلمىغان نۇرغۇن بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ جاۋاپسىز قالغان نامراتلىق ۋە باشقا مەسىلىلەر....» ئۇ بارلىق تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ، تېخىمۇ كەسكىن بولغان سايلام رىقابىتىگە يۈزلىنىش ئالدىدا ئىدى.

    كېننىدى بىلەن جونسونغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسى مۇئاۋىن پىرىزدېنت رىچارد نېكسون ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق  باش ئەلچى ھېنرى كابوت روچنى تاللىدى. نېكسون سايلام رىقابىتىدە ئۆزىنى دائىم كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئېزىنخاۋېر بىلەن بىللە قويۇش غەرىزىدە بولۇپ كەلدى شۇنداقلا كىشىلەرنى كېننىدىنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىگە گۇمانلىنىشقا قايمۇقتۇردى. ئۇلارنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان شۇئارى « تەجرىبە بەك مۇھىم» بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نېكسون بىلەن كېننىدىنىڭ ئوخشاش بىر يىلدا دۆلەت پارلامېنتىغا كىرگەنلىكىگە، ھەتتا نېكسوننىڭ 43 ياشلىق كېننىدىدىن پەقەت تۆت ياشلا چوڭلىقىغا دىققەت قىلمىغانىدى.

    جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىگە قارىتا، كېننىدىنىڭ «ئەڭگۈشتەر»ى بولسا، بىر ۋەزخانلىق رولىنى ئېلىشلا ئىدى. ئۇ 40 مىڭ مىلدىن ئارتۇق يول مېڭىپ، 43 شىتاتتا 360 قېتىمدىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلىدى. بەزى كۈنلىرى بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ھەم شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ھەم غەرب دېڭىز بويلىرىدىمۇ نۇتۇق سۆزلەيتتى. ئۇ پات-پاتلا نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەيتتى، ئۇنىڭ سايلىغۇچىلارغا بەرگەن تەسىرى ئۇ ھەم كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەرخىل مەسىلىلەرنى چۈشىنەلەيدىغان ئادەتتىكى ئادەم، ھەم ئۇرۇش ۋە تېنچلىققا چېتىلىدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قابىلىيىتى يېتىدىغان، شۇنداقلا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن ئامېېرىكا خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرخىل قارارلارنى چىقىرالايدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ سايلام ئۆمىكىنىڭ باش قاتۇرۇپ چىقارغان تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئېسىل جەمەتتىن كېلىپ چىققان، بىر كۈنمۇ جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ باقمىغان بۇ ياش نامزات كەڭ خەلق ئارىسىدا نامراتلارنىڭ يېقىن دوستى، دېگەن تەسىرگە ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما قىلغاندا، كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ھەم ئالىي مەكتەپتە قانۇن كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن ئىزچىل ھالدا ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ھايات يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نېكسون بولسا كىشىلەرگە ئىنتايىن چوڭچى، بايۋەتچىدەك تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مانا بۇ كىشىلەرنىڭ تا ھازىرغىچە چۈشىنەلمەيۋاتقان بىر نۇقتا ئىدى.

    1960-يىللىق چوڭ سايلامدا، ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىككى پارتىيەنىڭ پىرىزدېنت نامزاتلىرى تېلىۋېزور ئالدىدا روبىرو ئولتۇرۇپ، نەچچە تۈمەنلىگەن خەلق ئالدىدا سايلام رىقابىتى مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلدى. ئەينى چاغدا، ئۆلچەملىك ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادى، مەدەنىىيەت ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كېننىدى بىلەن غەربىي جەنۇب قىسىمدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىساد رايونلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان  نېكسون تېلىۋېزور ئېكرانىدا ئىنتايىن روشەن بولغان سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان ئىدى. كېننىدى ئۆزىنىڭ سايلام رىقابىتى مەسلىھەتچىسىنىڭ يېتەكلىشىدە، تېلىۋېزور مۇنازىرىسىدىكى ھەرخىل ئەھۋاللارغا تەپسىلىي پىلان ۋە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەرىكەتكىچە خېلى كۈچ سەرپ قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېلىۋېزوردىكى مۇنازىرىدە ئۇ چېھرىدىن نۇر چاچقان ھالدا ئىنتايىن ئازادە  ئولتۇردى. ئەمما نېكسون بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشەنگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپمۇ قويمىغاچقا، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرمىگەنىدى. شۇڭلاشقا تېلىۋېزوردا مۇنازىرىلەشكەندە، ئۇنىڭ يۈزىگە ئىشلەتكەن ئۇپا قېنىق رەڭلىك بولۇپ كەتكەن ھەمدە بۇنىڭغا چىراغنىڭ نورمال يورۇتۇلمىغانلىقى قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆز ئەتراپى قاپقارا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يۈزىدىكى بۇ ئالامەتلەر كىشىلەرگە ئۇنى ساقال ئالمىغىنىغا نەچچە كۈن بولغان ئادەمدەك، كۆپ تەرچىقىدىغان بىرى سودا ئېلانلىرىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىنى دەپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان كىشىدەك ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ھالدا ئولتۇراتتى. بۇ خىل سورۇننى ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى سىياسىتى توغۇرلۇق مۇنازىرىلىشىۋاتىدۇ دېگەندىن كۆرە، كىشىلىك جەلپ قىلىش كۈچى جەھەتتە كۈچ سىنىشىۋاتىدۇ دېگەن تۈزۈك ئىدى. ئامېرىكىلىقلار شۇ سەۋەبلىك بۇ قېتىملىق يۈزتۇرانە سۆھبەتنى «گۈزەللىكنى تالىشىش» مۇسابىقىسى دەپ ئاتىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، كېننىدىنى «بەك ياش ھەم تەجرىبىسى كامچىل» شۇڭا پىرىزدېنت بولسا مۇۋاپىق ئەمەس دېگەن گەپ سۆزلەرنىڭ ھېچقانچە قايىل قىلىش كۈچى قالمىدى. ئەكسىچە كىشىلەر كىمنىڭ پىرىزدېنت بولۇشىغا نىسبەتەن تېلىۋېزىيە مۇنازىرىسىدىلا ئېنىق بولۇپ بولدى، دېيىشتى. ھەتتا نېكسون ئۆزىمۇ بۇ قېتىملىق مۇنازىرىنى ئىنتايىن مەغلۇبىيەتلىك بولدى دەپ قاراپ، كۆزىدىن ياش ئاققۇزدى. تېلىۋېزىيە نۇتۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نېكسون ماشىنىغا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئايالنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا ئۆزىنى تاشلاپلا دېرىزىنىڭ سىرتىغا تىكىلگىنىچە قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدى.

    1960-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، چوڭ سايلام كۈنى ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇ كۈنى، كېننىدى بوستۇن شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىكتە تېلىۋېزور كۆردى. كەچتە، سايلام نەتىجىسى تېخى ئېنىق بولمىغان ۋاقىتلاردا، ئۇ لېندىننىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرۇۋالدى. تېلىفوندا لېندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئاڭلىسام سىلەر ئوخېئودا ئۇتتۇرۇپسىلەر، بىز پېنسىلۋانىيەدە ئۇتتۇق» بۇ كېننىدىغا ئۆزىنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەندەك بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە شۇنداق سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ، سەھەر سائەت تۆت بولغاندا ئاندىن ئۇخلىدى.

    ئىككىنچى كۈنى چىڭقى چۈش ۋاقتىدا، نېكسون بىلەن ئېزىنخاۋېرنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەم ئەدەب يۈزىسىدىنلا ئەۋەتىلگەن تېلىگراممىسىنى كېننىدى ئاخىرى تاپشۇرۇۋالدى. كېننىدى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كىچىك بېلەت پەرقى بىلەن بۇ سايلامدا غەلبە قىلغان ئىدى. 69 مىليونغا يېقىن ئومۇمىي بېلەت ئىچىدە، ئىككى كىشىنىڭ ئېرىشكەن بېلەت پەرقى 120 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى. مەيلى قانداقلا بولسۇن، كېننىدىنىڭ غەلبە قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ رايون، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىرق مەسىلىلىرى بىلەن چېتىشلىق ئىدى. نەچچە مىليونلىغان ھېچقانداق پارتىيىگە تەۋە ئەمەس خەلقلەر ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە ئېڭىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ھېچقانداق بېسىمغا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز بېلەتلىرىنى تاشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جون كېننىدىنى ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلىدى.

     

    تۆتىنچى: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش

    1961-يىلى، جون كېننىدى ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى بولۇپ قالدى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى كۈنىدە، ۋاشىنگتون تۇيۇقسىزلا كەلگەن ئاپئاق قاردىن لىباس كىيدى. تېمپىراتورىمۇ بىراقلا 20 فايگنېيت تېمپىراتورا تۆۋەنلەپ كەتتى. گەرچە ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق 3000دىن ئارتۇق ھەربىيلەر 700 دانە قار تازىلاش ماشىنىسى ۋە قارا ماشىنىلار بىلەن كېچىلەپ تازىلاپ قارلارنى سەككىز ئېنگىلىز چىسىچىلىك دۆۋىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممىلە يېرىدە قاتناش توسۇلۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغان كىشىلەر يوللاردا ئاغزىلىرىدىن ھور چىقىرىشىپ تۇراتتى.

    چۈش سائەت 12دە، 43 ياشلىق كېننىدى باش سوتچى ئېر ۋولنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمىنى بەردى. ئۇكىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېنىق گەپ-سۆزلىرى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمىنى نەچچە قېتىم ئوقۇدى. ئۇ پەلتويىنى سېلىۋېتىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقىنى سۆزلىگەن چاغدا، پەستە مۇزلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن كۆپچىلىك ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چەكچەيتتى. ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقى كىشىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل نۇتۇق بولدى دەپ قارالغان بولۇپ، نۇتۇقتىكى ئون نەچچە جۈملە مۇپەسسەل ئىبارىلەر كېيىنچە دائىم ئىشلىتىلىدىغان كونا سىياسىي گەپلەردىن بولۇپ قالدى. نۇتۇق سۆزىدە، كېننىدى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىغە، «ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلىرى» ھوقۇققا ئىگە بولدى، دەپ بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىڭلاردىن ماڭا نېمە قىلىپ بەردى دەپ سورىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلاردىن مەن ۋەتىنىم ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەردىن دەپ سوراڭلار.» ئۇ نۇتۇقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا «خالايمەن» ئىبارىلىرىنى «قىلالايمەن» دېگەن سۆزلەرگە ئالماشتۇردى.

    كېننىدىنىڭ ئامېرىكا پىرىزدېنتى بولۇشى بىلەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كېننىدىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش زىياپىتىدە، كېننىدىنىڭ ئايالى جېق ئىنتايىن گۈزەل ياسانغان ئىدى. ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، چېچىنى قويۇپ بەرگەنىدى، كېيىنچە ئامېرىكىنىڭ خانىم-قىزلىرى ئۇنىڭ بۇ ئۇسلۇبىنى مودا قىلىۋەتتى. جېجنىڭ قەدەملىرى يەنىلا شۇنداق نەپىس ۋە قەتئىي ئىدى. ئامېرىكا خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەلىكىسىنى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقانىدى.

    ئاق سارايغا كىرگەندىن كېيىنمۇ، جېج (كېننىدىنىڭ ئايالىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى) ئۈزلۈكسىز ھالدا ئامېرىكىنىڭ «بىرىنچى خانىمى»لىق سۈپىتىنى ئەلالاشتۇردى. ئۇ ئاق ساراينىڭ ئىچىنىمۇ رېمونت قىلىپ، ئۆز قولى ئارقىلىق 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا سېلىنغان پېتى تۇرغان ئاق سارايدا ئۆزگۈرۈش قىلدى. ئۇ باشقىلار بەرگەن ئىئانە، ئاسار ئەتىقە ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، باج پۇلىدىن بىر سېنىتمۇ ئىشلەتمىگەنىدى. ئۇ 56 مىليون خەلقنى تېلىۋېزور ئارقىلىق ئاق ساراينى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئاساسلىق بولغان ئۈچ تېلىۋزىيە تورىنىمۇ ئىشقا سالغان ئىدى. ئاق ساراينى قايتىدىن رېمونت قىلىپ ئوڭشاشتا، جېج جەمئىي ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى. ئۇ يەنە دۆلەت مۇراسىمىنىڭ رەئىسلەر ئورنى ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكى مۇنتىزىم بولغان ئۇزۇن ئۈستەللىك ئورۇننى ئالتە ياكى سەككىز ئادەم بىر ئۈستەللىك مۇنتىزىمسىز ئەركىن بولغان ئورۇن شەكلى قىلدى. ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن مۇراسىملاردا، دائىملا بەزىبىر سەنئەتچىلەرنى تەكلىپ قىلاتتى، مەيلى ئۇلار مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانسۇن، ئەدەبىياتچى ياكى رەسسام ۋە ياكى ھەيكەلتاراش بولسۇن، ئۇ ئوخشاشلا تەكلىپ قىلاتتى.

    مۇبادا، جېجنى «بىرىنچى خانىملىق» سۈپىتى بىلەن مەملىكەت ئىچى شۇنداقلا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى كارولىن بىلەن «جون-جون»مۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ئىككى بالا ئىنتايىن ئوماق، چىرايلىق بولۇپلا قالماي، سۆز-ھەرىكەتلىرىمۇ بەك قائىدىلىك ئىدى. مۇخبىرلار ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردىن خەۋەر بەرگەندە، ھامان ھەيران قالارلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيتتى. بىر قېتىم مۇخبىرلار كورولىندىن دادىسىنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «دادام ئايىقىنى، پايپىقىنى سېلىۋېتىپ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ھېچ ئىش قىلمىدى» دېگەن.

    ئەلۋەتتە كۈنلەر بۇنداق تېنچ ئۆتىۋەرمەيدۇ. كېننىدى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان چاغدىلا ئۆزىنىڭ ھامان بوران چاپقۇنغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. ئۇ خىلدىكى تەبىئي بولمىغان ساختا تېنچلىق ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق بو ئورگاننى قامال قىلىۋالغان بولۇپ، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى پايدىسىز ۋەزىيەت ھەمدە «ئەركىن دۇنيا»نىڭ ئىچىدىكى تالاش-تارتىش ئۇنى بىئارام قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭدا بۇ كىرزىسلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى چېكىندۈرۈش ئويى ئەزەلدىن بولۇپ باققان ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتى ۋاشىنگتون ۋە ئامېرىكا خەلقىگە غايەت زور ئۈمىد ۋە ھېچنىمىگە قارىماي ئالغا باسىدىغان قەيسەر روھ بېغىشلىغانىدى. ئۇ ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان تەقرىزچىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ كەيپىياتىدىن ھوزۇلانغانىدى. ئۇ ھەممە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ نىشان ۋە يېتەكچى پىرىنسىپ بەلگىلەپ چىقسىمۇ، ئۇنىڭ پىلانلىرى ھەر دائىم يولغا قويۇلۇپ ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇنلا، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋالاللار تەرىپدىن ئۆزگۈرۈپ  كېتەتتى. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «خەرىتە ئالدىدا ئولتۇرۇپ نېمە ئىش قىلىشلارنى مەسلىھەتلىشىش، بۇ ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانغا قارىغاندا خېلىلا ئاسان.»

    ئۇ بىر تەرەپتىن ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىدىكى قەتئىي ئىشەنچنى ساقلىدى. شۇنداقلا ئۆزىدىكى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتنىمۇ يوقىتىپ قويمىدى. ئۇ ماك ئارتورنىڭ ئۆزىنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى دائىم تىلغا ئېلىپ چاقچاق قىلاتتى: «باشقا توخۇلار ئارام ئېلىش ئۈچۈن كاتىكىگە قايتسا، سەن شۇ كاتىكىڭدىن چىقمايدىكەنسەن!» كېننىدى توخۇ كاتىكى دېگەندەك گەپلەرگە ئانچە ئېرەن قىلمايتتى، ئەكسىچە بۇ گەپتىن كۆرەڭلەپ كېتەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئىنتايىن مەنىلىك ئىش دەپ بىلەتتى؛ توختىماي كەلگەن جىددى تېلگراممىلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ يامان خەۋەرلەرگە كۆنۈپ كەتكەن شۇنداقلا يەنە ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ھالدا: «يەنە نېمە ئىش يۈز بەردى؟» ئۇ ئايىقى ئۈزۈلمەس كىرزىسلارنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيتتى: «ھىم، بولدى. بىز يەنىلا بىزدىن كېيىنكى بىچارە ئاداشقا قانداقراق ئېغىر يۈكلەرنى قويۇپ قويۇش توغرىسىدا ئويلىشايلى.»

    كېننىدى تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئۆسۈش نىسبىتى %3 كىمۇ يەتمەيتتى، ئەمما ئۇ تەختكە چىققان نەچچە يىل ئىچىدىلا ئامېرىكا ئۆز تارىخىدا بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، داۋاملىشىشى ئەڭ ئۇزۇن، قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەزگىلىنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ مەزگىلدە، تاۋار ۋە ئەمگەك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېشىشى ئىلگىرىكى سەككىز يىلنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. 1963-يىلنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سوممىسى يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ يېڭى رېكورت ياراتتى. بۇنىڭ ئېشىش نىسبىتى %16 بولۇپ، ئىككى مىليون 750 مىڭ كىشىنى ئىش ئورنىغا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك كىرىمىمۇ تارىختىكى يېڭى ئۆسۈش رېكورتىنى ياراتتى؛ ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىكار تۇرۇپ قېلىشىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا يېرىمى ئازايدى. 70 مىليون كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشتەك يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. 1963-يىلى «يۈز بېرىشى ئالدىن پەرەز قىلىنغان» ئىقتىسادىي چېكىنىشتىنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئايان قىلىدىغنا بارلىق كۆرسەتكۈچلەر تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. كېننىدىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئامېرىكا ئىقتىسادى گۈللىنىش يولىغا قاراپ ماڭدى. بۇ ئۇنى دۆلەت ئىچىگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

    1961-يىلى، كېننىدى پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرۇپ، دۆلەت پارلامېنتىغا سۇنغان تۇنجى دۆلەت ئەھۋالى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، بىۋاستىلا «چېكىنىش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنىدى. ئەمما بۇ سۆز پۈتكۈل سايلام رىقابىتى جەريانىدا ھەممە ئۆزىنى چەتكە ئالغان سۆز ئىدى. بۇ دوكلاتتا ئىقتىسادنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئىنتايىن قاراڭشۇ قىلىپ سۈرەتلىگەن، ھەمدە ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ، بۇنداق چېكىنىشنىڭ ئۆزلىگىدىن يوقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ دۆلەت پارلامنېتىغا ئىشسىزلارغا تارقىتىلىدىغان ۋاقىتلىق تەمىناتنى ئاشۇرۇش قاتارلىق يەتتە مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنىي لايىھىنى سۇندى، ھەمدە بۇنىڭغا زۆرۈر بولغان ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىقتىسادى مەبلەغ سالدى. ئەمما، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىدى دەماللىققا قانۇن تۇرغۇزۇش ياكى مەبلەغ ئاجرىتىشنى ساقلاپ تۇرالمىغاچقا، بۇ يەتتە تۈرلۈك تەدبىر ئەڭ دەسلىپىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتالمىدى.

    كېننىدى ماتېماتىكىنى  پەقەتلا ياقتۇرمىسىمۇ، ئەمما ئۇ نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھېسابلاشنى ئۆگەندى. ئۇ ھەرخىل سايلامدىكى ئېرىشكەن بېلەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ھېسابلىدى، چۈنكى ئۇ چوقۇم ئىككى پارلامېنتتا ئەڭ يۇقىرى بېلەتكە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى، شۇنداق بولغاندىلا 1960-يىلى بايقۇت قىلىنغان بەزى قانۇن لايىھىلىرىنى ماقۇللىيالايتتى. بۇ قانۇن لايىھىلەر، ئولتۇراق ئۆي، مائارىپ، ئەڭ تۆۋەن چەكلىك مۇئاش سوممىسى، پۇقرالار ھوقۇىى ھەمدە داۋالىنىش جەھەتتىكى ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كۆپ قېتىملىق مەغلۇب بولۇشلارغا يولۇققانلىقى سەۋەبلىك، كېننىدى بىلەن دۆلەت پارلامېنتى ئارىىسدا ئۆز-ئارا گۇمانلىنىش پەيدا بولۇپ قالغانىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك بولۇپ قالغانلىقى، ھەرگىزمۇ پەقەت بېلەت سانى ۋە ئىدىيە تونۇشىدىكىلا مەسىلە ئەمەس بولۇپ، بۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى بۆلۈم ئارىسىدىكى ئىككى ئوخشىمىغان سىياسيشۇناسلار ئارىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ئاۋام پالاتاسىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىمۇ كېننىدىدىن 10 ياش چوڭ بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئەزالار كېننىدىنى پەقەت بۇ قانۇن تۈزۈش ئورگىنىدىكى بىر قەدەرياش، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى قىسقا ئەزا دەپلا بىلەتتى. ئۇلار ئارىسىدىكى تالاشلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ ئەزالار پىرىزدېنتنىڭ پىلانلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ھېچقانداق ھېتىرقىمايتتى. كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى ئارىسىدىكى بۇنداق دە-تالاش كۈنسېرى ئېشىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان قانۇن لايىھىلىرىنىڭ سۈرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە كۆپچىلىكنى چارچاتقان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئوسال بىر قېتىملىقى بولسا 84 ياشلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى مەبلەغ ئاجرىتىش كوممىتېتىنىڭ رەئىسى ھەيدىن ۋە 83 ياشلىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى مەبلەغ ئاجرىتىش كومېتىتىنىڭ رەئىسى كېننون ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش بولۇپ، بۇ ئىككىيلەن كىم ئىككى پالاتا ئارىسىدىكى بىرلەشمە يىغىننى چاقىرىدۇ ھەمدە قاچان، قەيەردە چاقىرىلىدۇ، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا جاڭجاڭلىشىپ توختىمىغانىدى. شۇ سەۋەبلىك كېننىدىنىڭ 1962-يىلدىكى خام چوت دوكلاتى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق بېسىلىپ قالغانىدى. كېننىدى نۇرغۇن قېتىملاپ بۇلار ئارىسىدىكى بۇنداق جېدەل-ماجرانى تۈگىتىپ، ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا  ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسىز بولۇپ چىققانىدى. ئۇ بۇ توغۇرلۇق مۇنداق دېگەنىدى: «مۇبادا بارلىق مەمۇرىي ئەمەلدارلار 70 يېشىدىلا پېنسىيىەە چقققان بولسا، دۇنيا قانداق گۈزەل بولۇپ كېتەر ئىدى-ھە؟»

    كېننىدى ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلغان پىلانىنىڭ بېلەت سانىنىڭ كام بولۇپ قېلىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، شۇ سەۋەبلىك كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيەنى ئۆزىنى ئىرادىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قايىل قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قانۇن تۈزۈش خىزمىتىنى قانۇن تۈزۈش ئورگىنىنىڭ ئۆز ئالدىغا قىلىشىغا تاشلاپ قويىشىغا  قارشى تۇرۇشى بىلەن، ئۇلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇن تۈزۈش پىلانىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈپ چىقتى ھەمدە ئامما ۋە شەخسىلەرنىڭ ئۇنىڭ قانۇن تۈزۈش پىلانىغا بېسىم بېرىشىنى قوللىدى. ئۇ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بەزى بىر قىسىم ئىككىلەمچى قانۇن لايىھىلىرىنى رەت قىلىپ، لازىم ئەمەس مەبلەغلەرنى ئاجرىتىلىشىنى توسۇپ قالدى. ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىغان ئاشۇ چەكلىمە خاراكتېرلىك تۈزىتىش لايىھىلىرىگە پىسەنت قىلمىدى ھەمدە ماقۇللىقتىن ئۆتمەيدىغان قانۇن لايىھىلىرىگە ۋاقتىنچە مەمۇرىي ھەرىكەت قوللاندى. مەيلى قانچىلىك توسالغۇلارغا يولۇقسۇن، ئۇ قەتئىي ۋاز كەچمىدى. بىر تۈرلۈك ئارىلاشما قانۇن لايىھىسى مەغلۇب بولسا، ئۇ ئارىلاشما قانۇن لايىھىسىدىكى ھەر بىر قانۇن لايىھىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇندى. مۇبادا  مۇشۇنداق ئايرىملىرىمۇ ئۆتمىسە، ئۇ يەنە بىرلەشمە قانۇن لايىھىسىنى باشقىچە ئۇسۇللىرىنى قوللاندى. ئۇنىڭ توختىماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇلىغان يېڭى قانۇنلار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى سودا كېلىشىمى، يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپنى، داۋالىنىش ياردىمى قانۇن لايىھىسىنى، باجنى كېمەيتىش ھەمدە ئىقتىسادنى قوزغىتىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كېتىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىدى.

    ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مال باھاسىمۇ دائىم ئۆرلەپ كېتەتتى. كېننىدىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، بوشلۇق ئېچىش ۋە چېكىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن سوممىسىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك، پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىشىنىڭ بىشارىتىدەك شۇنداق غايەت زور خام چوت ھېساباتىدا قىزىل رەقەم كۆرۈنگەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، ئۇ پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەش ۋە ئىقتىسادىي كاساتلىشىشقا يۈز تۇتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەھۋاللاردا ئەينى ۋاقىتلاردا ھېچقانداق ئۈلگە  مىساللىرى يوق ئىدى. كېننىدى، مال باھاسىنىڭ توختىماي ئۆسۈشىدەك بۇنداق كىشىنى غەمگە سالىدىغان مەسىلىگە نىسبەتەن، چوقۇم توغرا يۈزلىنىش كېرەكلىنى تونۇپ يەتتى. پىرىزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى ئابرۇيى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئىككى تەرەپنىڭ چىقارغان قارارلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، بىر قاتار ئىقتىسادىي ياردەمچى پىرىنسىپلارنى بەلگىلىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى مۇشۇ ياردەمچى پىرىنسىپلار يول قويغان دائىردە ئىچىدە باھا بەلگىلەشكە ۋە كوللېكتىپ باھا بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا «پۈتۈن مەملىكەت مەنپەئەتىنىڭ ئاكتىپ ھىمايىچىسى بولۇشى كېرەك» دەپ بىلەتتى. شۇ سەۋەبلىك، كاپىتالىستلار بىلەن ئىشچىلار ئىككىلا تەرەپ ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلاتتى.

    ئىرق مەسىلىسى ئەزەلدىنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان مەسىلە ئىدى. كېننىدى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان دەسلەپكى ئىككى يىلدا، ئۇمۇ ھەر دائىم ئۆزىنىڭ سايلىنىشتىن ئىلگىرى نېگىرلارغا تەڭ ھوقۇق بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كەينىگە سۆرەپ كەلگەنىدى. ئۇ نامزاتلىققا سايلانغان چاغدا مۇنداق دەپ قارىغانىدى:  پىرىزدېنت بولغان ئادەم «قولىنى بىر شىلتىسىلا» فدراتسىيە ئولتۇراق ئۆي مەسىلىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكىگە خاتىمە بېرەلەيدۇ، دەپ ئويلىغانىدى، مانا ئەمدى ئۇ ئۆزى پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرۇپ 22 ئاي بولغاندىلا، «قولىنى ئاران شىلتىيالىدى.»

    تارىخ سەۋەبلىك، ئۇزۇندىن بېرى، قارا تەنلىكلەر ئامېرىكا سايلىمىدا ھەرخىل توسقۇنلۇق ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. قارا تەنلىك ئاھالىلەر تىزىملىتىش بېكەتلىرىگە بېرىپ سايلىغۇچىلىققا تىزىملاتماقچى بولسىمۇ، باشقىلار تەرىپىدىن، تىزىملىتىش خاتا بولۇپ قالدى، تىزىملىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياكى تىزىملاتقۇچى مەۋجۈت ئەمەس دېگەندەك سەۋەبلەر ۋە ياكى ئۇلاردىن نەق مەيداندا ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى يادلاپ بېرىش، ياكى شىتات قانۇنىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان نىزاملىرىنى چۈشەندۈرۈش دېگەندەك ھەرخىل ئىرق كەمسىتىش ۋە ئىرىق ئايرىمىچىلىقى قارا تەنلىكلەرنىڭ غەزىپىنى ۋە قارشلىقىنى قوزغىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە، قارا تەنلىكلەرنىڭ بۇ خىل كۈرىشى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە چىقتى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا، 1963-يىلى 6-ئايدا، كېننىدى دۆلەت پارلامېنتىغا يېڭى بىر خىل پۇقرالىق ھوقۇقى قانۇن لايىھىسىنى سۇندى.ئۇنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسى ۋە ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇلاپ سۆزلىگەن نۇتقى كىشىلەر تەرىپىدىن «ئىككىنچى قېتىملىق ئەركىنلىك خىتابنامىسى» دەپ ئاتالدى. ئېچىنارلىقى، ئۇنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا قانۇن بولۇپ تۈزۈلدى. ئەمما، يېڭى «پۇقرالار ھوقۇقى» ھەقىقەتەنمۇ قارا تەنلىكلەرگە قانۇنىي جەھەتتىن كۆپلىگەن تەڭپۇڭلۇقلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئامېرىكا دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئالدىغا چوڭ بىر قەدەم ئالغۇزغان ئىدى.

     

    بەشىنچى: كۇبا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى، ۋېيتنامغا قوشۇن چىقىرىش

    كېننىدىنىڭ دېپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسلۇبى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىر تەكلىپ لايىھىسىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى بىلەن دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈز تۇتىشى ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم پەرق بار» دېپلوماتىيە ئىشلىرى ئەلمىساقتىنلا دۆلەت ئىچى ئىشلىرىغا قارىغاندا كېننىدىنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇراتتى. پىرىزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆزى ۋە دۆلىتىنى ئەڭ يېڭى تەرەقققىياتلارغا، ماكان ئىزدىنىش، بىرلىك بازارلار، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت، پەن-تېخنىكىلىق ئىسلاھات ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيە دۆلەت گۇرۇھلىرى ئىچىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرگە يېتىشتۇرۇپ ماڭغۇزۇش مەقسىتىدە بولدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ بوشلۇق ئېچىشى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. 1961-يىلى 5-ئايدا، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئوربىتا ئايلىنىپ ئۇچىشىنىڭ بىر ئايغا يەتمىگەن سەپىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كېننىدى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئۇلاپلا «ئاپوللو پىلانى»نى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. 1970-يىلى بىر نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارىغا بېرىپ، يەنە بىخەتەر يەر يۈزىگە قايتىپ كەلدى. دېپلوماتىيە جەھەتتە كېننىدىنىڭ تەشەببۇسى قايىل قىلارلىق، تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە رەھبەر بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ دۆلىتى بىر خەۋپتىن يەنە بىر خەۋپكە كىرىپ تۇراتتى.

    ئەڭ ئالدى بىلەن يۈز بەرگەن ئاۋارىچىلىق بولسا چوشقا قولتۇقى ۋەقەسى. 1961-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن، مەشىق قىلدۇرۇلغان، قوراللاندۇرۇلغان، ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە قوماندانلىق قىلىنغان كۇبا لۈكچەكلىرى قىسمى، كۇبانىڭ چوشقا ئارىلىدا كاستىرونىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ تارمار قىلىندى. بۇ ۋەقە، گەرچە ئامېرىكا ئىنتايىن كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ بىر ئىشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ ئۆزىنى تارتىپ چىقىرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك زەربە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى جاي ئاممىلىرى ۋە دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ۋە ئالدامچىلىقىنى ئەيىبلىگەن چاغدا، كېننىدى ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىنى، يۇمۇرستىكلىكىنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە بۇ قېتىملىق كىرزىس خاراكتېرىدىكى بۇ خىل چوشقا قولتۇقى  تاجاۋۇز پىلانىنى ئالدىنقى قېتىملىق ھۆكۈمەر پىلانلاپ ۋە تەشكىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما كېننىدى بۇ قېتىملىق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىدى. دەل ئۇنىڭ بۇ ۋەقەدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ كەسپىي ئەمەلدارلار ۋە ئاۋام خەلقنىڭ بىردەك ماختىشىغا ساۋازاۋەر بولدى، پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالدى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز قارىشىنى ۋە ئەيىبلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارىلىشىنى توسۇپ قالدى. ئەمما، بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئۇنى بىر قېتىملىق ساۋاق تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ بولسىمۇ ھەربىي ئىشلار «مۇتەخەسىس»لىرىگە مەڭگۈ  ئىشەنمەسلىك كېرەك.

    كېننىدى پىرىزدېنتىقنى ئۆتىگەن مەزگىللەر ھەقىقىي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دېگەندە تۈزۈلگەن ھەربىي ۋە دېپلوماتىيە كېلىشىمنامىلىرى، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىنى تۆت دۆلەت بىرلىشىپ باشقۇرۇشىغا قارىتا، ھەمدە بېرلىن شەھىرىنى ئەسلىدىكى غەربىي گېرمانىيەگە 100 ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى ئەسلىدىكى روسىيە ئارمىيىسى كونتروللىرقىدىكى شەرقىي گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىگە قالدۇرۇش قاتارلىق كېلىشىملەر ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، 1948-يىلى، بۇ شەھەر ئاستا-ئاستا سوۋېت ئىتتىپاقى كونتروللىقىدىكى شەرقىي بېرلىن ۋە غەرب تەرەپتىكى غەربىي گىرمانىيەگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل جەريانىدا، شەرقىي بېرلىن ۋە شەرقىي بېرلىن بىلەن غەربىي بېرلىن سېلىشتۇرمىدىكى قىسمەن رايونلار كۈنسېرى ئايرىلىشقا قاراپ  يۈزلەندى. كېيىن، 1958-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى توغرىسىدا كېلىشىمنامە ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ خىل بۆلۈنۈشنىڭ مەڭگۈ قانۇنلاشتۇرماقچى، ھەمدە غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شەرقىيي گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولدى. بۇ تەلەپ ۋە 1960-يىلدىكى پارىژ باش رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ پارچىلىنىشى شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، بېرلىن ۋە گېرمانىيە بولسا روسىيە ئەمەلدارى، يىغىن رەئىسىلىرىنىڭ ئېزىنخاۋېر بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىدىغان ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىسى ئىدى. كېننىدى بولسا روسىيەگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن  بولغاچقا، بۇ يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى.

    1961-يىلى 6-ئايدا، كېننىدى بىلەن روسىيە رەھبەرلىرىدىن نىكىتا خىروششوفلار ۋېينادا دېپلوماتىيە سىتىراتىگىيىسى يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ باشلىنىشىدىكى كەيپىياتى دوستانە ۋە ئىناق ئىدى. كۆرۈشۈشتىلا، خىروششوف ئۆزىنىڭ كېننىدىنىڭ نېكسوننى يېڭىشىغا كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك، ئۆزىنىڭ سايلامدىن بۇرۇن، 1960-يىلى 5-ئايدا روسىيە ئاسمىنىدىن ئېتىپ چۈشۈرگەن ئامېرىكىلىق ئەسكەرنى قويۇپ بەرگەن بولسا، كېننىدىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ بېلەتتىن  مەھېۇم قالىدىغانلىقىنى دېدى. كېننىدى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆتۈنگەن ئاھاڭدا مۇنداق دېدى: «ھەرگىزمۇ بۇ ئىشنى سىرتقا دەپ سالماڭ، مۇبادا سىز بۇنى كۆپچىلىككە ئېيتسىڭىز، نېكسونغا قارىغاندا مېنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز، مەن راستلا دۆلىتىمدە تۈگىشىمەن.» شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىككىيلەن ئامېرىكا-روسىيە مۇناسىۋىتى ۋە بېرلىن مەسىلىسىنى مەسلىھەتلەشكەندە، كەيپىيات بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى، سۆھبەتمۇ بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.

    ۋېينادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، روسىيە-ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتتى. خىروششوف غەرب ئىتتىپاقداشلىرى دۆلىتىنى شۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا نىيەت باغلىغاندەك  قىلاتتى. ئۇ بۇ يىل يىل ئاخىرىنى بېرلىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە 10-ئايدا روسىيە ھەربىي خىراجىتى خام چوتىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كېننىدىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆرسەتكەن ئىنكاسى ئىنتايىن زىددىيەتلىك  بولدى، ئۇ بىر تەرەپتىن، دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىدىكى زاپاس ئەسكەرلەرنى بېرلىنغا ياردەمگە بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى جەڭگىۋار نۇتۇقلىرى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى تېخىمۇ بەك كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەرىپىدە تۇرۇپ، «رەسمىي ۋە رەسمىي بولمىغان يىغىن»نىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    شۇنداق قىلىپ 8-ئاي كەلدى. ئىنتايىن ئېگىز، تىكەنلىرى بار تۆمۈر سىم ۋە ئارىلاشما لاي توپىدىن تۈزۈلگەن توسالغۇ جىسىم ـــ بېرلىن تېمى غەربىي ۋە شەرقىي بېرلىن ئارىسىدا چوقچايغىنىچە پەيدا بولدى. روسىيىلىكلەر يەنە بىر قاتار يادرو تەجرىبىلىرىنى بىر ھەسسە كۆپەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كېننىدىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ يادرو تەتقىقاتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي خىراجىتى شىددەت بىلەن كۆپەيدى. بېرلىن مەسىلىسىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتى شۇ سەۋەبلىك تېنچ بولمىغان پەسىيىشكە ئېرىشتى.

    بېرلىن تېمىنىڭ سايىسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەستىنلا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگىنى كۇبانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى بولدى. ئالدىنقى قېتىملىق چوشقا قولتىقىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى سەۋەبلىك، روسىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۇباغا ئېلىپ كىرگەنىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەتنى ئەلۋەتتە ئەقىللىق كىتابخانىلار ئۆزلىرى ھېس قىلالايدۇ.

    1962-يىلى 10-ئايدا، كېننىدى ئەۋەتكەن ئېگىزلىكتە كۆزىتىش ماشىنىسى كۇبانى كۆزىتىش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۇبادا تەسىس قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنىڭ سۈرىتىنى تارتتى. سۈرەتتىكى قۇرۇلما كۆرسەتتىكى، مۇبادا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سەپلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا خىروششوف بىر دانە ياي بىلەن ئامېرىكىنىڭ 48 شىتاتى ۋە كانادانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بومبىنىڭ مۇساپىسى ئىچىگە ئالالايتتى. شۇنداق بولغاندا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش باشلىنىپ كېتەتتى.

     يادرو ئۇرۇشىنىڭ تەھدىتىگە نىسبەتەن، كېننىدى ئىنتايىن ئەستايىدىل ۋە سوغۇققانلىق پوزىتسىيىدە بولدى. ئۇ چوشقا قولتىقى ۋەقەسىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ھەربىي تەرەپ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ پىرىزدېنت ئۆمىكى بىلەن تارىختا ياكى خەلقئارا قانۇندا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان مىسلىسىز بىر ئۇسۇلنى ئىجاد قىلدى: ئارال دۆلىتى بولغان كۇباغا قارىتا قىسمەن دېڭىز يولى پېچەتلەش، كۇباغا بارىدىغان بارلىق پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش، ھەمدە ئايرىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنداق جىددىي ۋەزىيەت بىر ھەپتە داۋاملاشتى. كېننىدى شەخسەن ئۆزى تەكشۈرۈش پاراخوتلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، دېڭىزدا بەك يىراققا بېرىپ توسۇشلارنى چەكلەش ئارقىلىق، روسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بار پاراخوتلارنى بۇرنىنىڭ يېنىغىچە ئېلىپ كېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇ روسىيە رەھبەرلىرىنى بۇ قېتىملىق مەخپىي بولغان، دۇنيا تېنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىردى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن، كېننىدى ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ئىنسانىيەتنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتتى. ئۇ روسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاتموسفېرا قاتلىمىدىلا قېلىپ قالىدىغان، بوشلۇق ۋە سۇ ئىچىدە ئېلىپ  بارالايدىغان تەجرىبىلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىنى ئىمزالىدى. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىملىق قوراللىق كونترول قىلىنغان توختام ئىدى.

    كۇبا ئىلگىرى كېننىدىنىڭ ئەڭ مەغلۇبىيەتلىك يېرى بولسا، مانا ئەمدى كېننىدىنىڭ ئەڭ غەلبىلىك بىر نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئۇ بىرىنچى قېتىملىق ئېغىر ئىبرەت ئارقىلىق ئىككىنچى قېتىملىق تەھدىتنى چىرايلىق ھەل قىلدى. كۇبا كىرزىسى ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىنىش چارىسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن «دۇنياۋىي ھوقۇق» ئورنىنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت يادرولاشقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن، ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

    كېننىدىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسەتلىرىددە بىر خىل پىلانى «تېنچلىق قوشۇن»ى قۇرۇش  بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان غايىپەرەس ئامېرىكىلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەد قىلاتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىقلىرى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «تەرەققىي قىلمىغان» دۆلەتلەرگە «خىزمەت قىلىشقا» ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە قىلغان بۇ ياردىمى ئەسلىدە ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتىنلا باشلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا، كونگو، لائوس ۋە ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىلىگە چىقىپ قالغان ئىدى.

    كونگو، سابىق بىلگىيە تەرىپىدىن 80 يىلغا يېقىن مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىن، 1960-يىلى يازدا مۇستەقىللىقى تېخى مۇستەھكەم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا، پەقەت قۇرۇق نامدىكى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن بۇ دۆلەتنىڭ، ئىچكى ۋەزىيىتى يەنىلا شۇنداق تۇراقسىز ۋە قالايمىقان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، كونگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپ قىلىشى ئاستىدا، ب د ت بۇ ئىشقا ئارىلاشقان ئىدى. ئەمما، كېننىدى ۋەزىپىگە چىقىدىغان چاغدا، كونگو دۆلىتى ب د ت ھەربىي قىسمىنىڭ كونگوغا ياردەم بېرىش مەقسىتى بىلەن ئۇلاردىكى كەمبەغەللىك ۋە ئاچارچىلىقنى مەسخىرە قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلاغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق كەسكىن ۋەزىيىتى يەنە شەكىللەندى. بىر قېتىملىق جىددىي ھاۋا يولى مال يەتكۈزۈشتە، ئامېرىكا گۈرۈچ، كۆممەقوناق، سۈت پاراشوكى ھەمدە باشقا يېمەكلىكلەرنى توشۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئايروپىلان، كاماز ماشىنا ھەمدە تانكىلارنىمۇ ئېلىپ باردى. كېننىدىنىڭ كونگوغا قارىتا ئېلىپ بارغان سىياسىتىنى مەقسىتى كونگونى كوممىنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدى. ب د ت نىڭ يېڭى ھۇجۇمى ئاستىدا، بېلگىيە بىلەن كونگو ئۆزئارا ئىتتىپاقلاشتى. كونگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىمۇ تېنچلاندى.

    لائوس توقۇنۇشىنىڭ تىراگىدىيىلىك يېرى شۇكى، بۇ دۆلەت بارلىق سوممىسى ۋە تىرىشچانلىقىنى ھىندىستاندىن ئىبارەت ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان قالاق رايوننىڭ ئارقىدا قالغان ئىقتىسادىي مەسىلىسىدىن يۆتكەپ كەتكەنىدى. كېننىدى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى نەچچە يىلدا، ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم سومىلىرىمۇ ئۆزئارا رىقابەتلىك بولۇپ، مۇقىم  بولمىغان گۇرۇھ-مەزھەپلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسىدىتىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغاچقا، كۆپ ساندىكى لائوس كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغانىدى. كېننىدى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، لائوسنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكا نىسبەتەن داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقان ئىدى. كېننىدى، ئېزىنخاۋېر ھۆكۈمىتىنىڭ لائوس مەسىلىسى ئۈستىدە ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، لائوسنى غەربكە بېقىنىدىغان ئالدىنقى قاراۋۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسىنىڭ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ئايان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، كېننىدى تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، بىتەرەپ بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. لائوس بىتەرەپ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئامېرىكىنى ئاسىيا قۇرۇقلىقى ئۇرۇشىغا قارىتا ۋەدە بېرىشتىن ساقلاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لائوس ئاھالىسىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پۇرسىتى بەردى.

    ۋېيتنام مەسىلىسى كونگو ۋە لائوس مەسىلىلىرىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر مەسىلە ئىدى. ۋېيتنام بولسا مەركىزى ھۆكۈمىت كونتروللىقىدىكى، ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان، مەھسۇلاتلىرى نىسبەتەن مول بولغان دۆلەت. شۇنداقتىمۇ، جەنۇبىي ۋېيتنام بىلەن شىمالىي ۋېيتنامنىڭ ئارسىدىكى ئۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. كېننىدى ئەسلىدە  ۋېيتنام مەسىلىسىدە لوئوسقا تۇتقاندەك مۇئامىلىدە بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئامېرىكىغا بېقىنىۋاتقان ۋېيتنام ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولالمايتتى، ۋېيتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي ۋېيتنام بۇ ئۇرۇشتا ئاللىبۇرۇن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ بولغانىدى. ئۇلار شىمالدىلا ئەمەس بەلكى جەنۇب تەرەپتىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئامىل ھېسابلىنىۋاتاتتى. كېننىدى تەختكە چىققان ھامانلا بۇ ئىشقا تېزلىك بىلەن تۇتۇش قىلدى. ئۇ پىدائىي ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى، ھاۋا ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش قىسمى ۋە تىك ئۇچار قىسمى، ھەربىي قىسىم مەسلىھەتچىلىرىنى، ھەربىي ئوفېتسىرلار ھەمدە ئالاھىدە قىسىم جەڭچىلىرىنى ئەۋەتىپ، جەنۇبىي ۋېيتنام ئارمىيىسىنىڭ پىدائىي قىسىملىرىغا رەھبەرلىك ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن ئەۋەتتى. شۇنداقلا ياردەم قىسىملارنىڭ كۆلىمىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى. كېننىدى فىرانسىيىلىكلەر مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ۋېيتنامدا ئامېرىكىنىڭ نوپۇزىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى بولدى. كېننىدى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېيتنامدا قوشۇن كۆپەيتىشى، ۋېيتناملىقلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭغا قارىتا، كېننىدى مۇئاۋىن پىرىزدېنتنى ۋېيتنامغا زىيارەتكە ئەۋەتىپ، ۋېيتنامغا نىسبەتەن قوللىشىنى بىلدۈرۈش كېرەك، دەپ ئويلىدى. زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇ جونسونغا تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەنسىرىمەڭ، لېندىن، مۇبادا سىز بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپ قالسىڭىز، مەن بىلەن سام تېكساس شىتاتىدا مىسلىسىز  بولغان تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز.»

    ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش داۋامىدا، ئامېرىكىلىقلار ھېچقانداق بىر مەنپەئەتكە ئىگە بولالمىدى، ئەكسىچە بۇ ئۇرۇشقا ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى غايەت زور بەدەللەرنى تۆلىدى. كېيىن بىرلىرى بۇنىڭغا باھا بېرىپ، ۋېيتنام ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى سەۋەبلىك، كېننىدى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى، دېدى. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قاراشلار پەقەت بىر خىل پەرەز، ئەمما بۇ ئۇنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    كېننىدىنىڭ قىسقىغىنە پىرىزدېنتلىق ھاياتىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشى بىردەك بولمىدى. شۇنداقتىمۇ، قىزىقارلىق بىر خىل ئەھۋال شۇكى، خەلق رايىنى سىناش سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرى، دەل چوشقا قولتۇقى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، دېگەندىن كېيىن كۆرۈنگەن بولۇپ، ئامېرىكا خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىق شارائىتتا قېلىپ قالغان پىرىزدېنتىغا ياردەم قىلغان. %82 كىشى ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ماختىغان. بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن، ھېچكىممۇ كېننىدىدىن بەكرەك ھەيرەتتە قالمىغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئاھ تەڭرىم، ئېزىنخاۋېر ئوخشاشلا قاملاشمىغان. مەن ئىشنى ياخشى قىلالمىغانسېرى، مېنى قوللايدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى!» دېگەن. ئۇنىڭ  مۇشۇ سۆزىنى ئىسپاتلىغاندەك ، ئۇ ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئەمدىلا ئۆزىنىڭ زور ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغىنىدا، ئۇ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانىدى.

     

    ئالتىنچى: قەستكە ئۇچراش

    1963-يىلى، كېننىدى ئۆزىنىڭ پىرىزدېنتلىق ھەيۋىسىنى تېزلىتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئامېرىكا قارا تەنلىكلەرگە بەرگەن ۋەدىسى مۇشۇ يىلدا، ئۇنىڭ «يېڭى پۇقرالار قانۇنى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردىمۇ، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قوللاندى، ئۇ باج تاپشۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە ئامما پاراۋانلىقى مەسىلىلىرىدە چوڭ نېفىت شىركەتلىرى بىلەن ھەمدە باشقا شىركەتلەر بىلەن كۈچ سىنىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پىلانى، داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش سايلام رىقابىتىدە كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ قارىشىنى بىراقلا ئېلان قىلىش، ھەمدە ئۆزىنىڭ سايلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قەدەر ئىلغار ۋە جانلىق بولغان پارلامېنت تاللاش ئىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىگە ئۆزى پىرىزدېنتلىققا قايتا سايلانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ۋەدىسىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشنىمۇ ئېيتقان ئىدى. بەلكىم، كېننىدى ھايات بولغان بولسا، ئامېرىكا ۋېيتنام ئۇرۇشىنى بالدۇرلا تۈگىتىپ، يېڭى بىر ئىقتىسادىي گۈللىنىش باشقۇچىغا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

    11-ئايدا، كېننىدى داۋاملىق سايلىنىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تەييارلىق پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى ئۆكتىچى مەزھەپلىرىنىڭ ئۇۋىسى بولغان ــ تېكساس شىتاتىغا كەلدى، ئۇنىڭ مەقسىتى پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى بۆلۈنۈشنى ئوڭشاش ئىدى. دېموكراتلار پارتىيىسى ئىچىدىدىكى بىردەكلىكنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، كېننىدى ئايالىنى ئېلىپ چوڭ كاماس ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئەڭ ئالدىدا ئۆمەكنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ماڭدى. ئۇلار داللاس شەھىرىنىڭ قىقان-چۇقانلارغا تولغان كوچىلىرىدىن ئالدىرىماي ئۆتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭ كەينىدىن تاپانچىدا ئوق چىقاردى. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش يولىدا، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ ئولتۇردى. ئەمما ئۇنىڭ بوينى ۋە باش تەرىپىگە ئوق تەگكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ نەچچە سائەتكە بارمايلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. ئوق چىقارغۇچىنىڭ كىم بولۇشىغا قارىتا، تا ھازىرغا قەدەر كىشىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا بولۇپ كەلمەكتە.

    كېننىدى ۋاپات  بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت قاتتىق قايغۇغا چۆمدى. بۇ خىل ئازاب ھالىتىنى پەقەت لىنكىن ۋاپات بولغاندىكى شۇ كارتىنىلار بىلەنلا سېلىشتۇرۇش  مۇمكىن. ھەممىدىن بەك ئازابلانغىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئايالى جېج بولدى. مۇئاۋىن پىرىزدېنت جونسون، كېننىدىنىڭ جەسسىدىنى ۋاشىنگتونغا يۆتكەش سەپىرىدە، ئايروپىلاندىلا پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرۇش قەسىمىنى بەردى. بۇ ۋاقىتتا جېجمۇ نەق مەيداندا بولۇپ، ئۇ كېننىدىنىڭ قېنى تېگىپ كەتكەن شۇ كۆينىكىنى كىيىۋالغانىدى. ئۇنىڭغا قارىغان كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ قاتىلغا  بولغان قاتتىق غەزىپىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

    كېننىدىنىڭ جەسسىدى ئارلىڭتون دۆلەتلىك قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ قەبرىسى بىر توپ ئۆچمەس مەشئەللەر بىلەن بەلگە قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ يەرگە دەپنە قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىلگىرى دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قوراللىق ھەربىي قىسىمنىڭ شىتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇنچە ئۆتىگەن پىرىزدېنت  بولغانلىقى ئۈچۈن بولدى. پۈتۈن دۇنيا ئۇنى ئەسلەش ئۈچۈن نەچچە يۈزلىگەن خاتىرىلەش سورۇنى ۋە خاتىرە سارىيى سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كاتتا بولغىنى، فىلورىدا شىتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىدىكى جون كېننىدى ئالەم مەركىزى؛ كانادانىڭ يۇكون تاغ تىزمىسىنىڭ بىر چوققىسى ـــ كېننىدى تېغى؛ ئەنگىلىيە قەدىمىي شەھىرى لاننىمىدتىكى غايەت زور خاتىرە سارىيى؛ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جون كېننىدى سىياسىي ئىنىستىتۇتى ۋە كۈتۈبخانىسى؛ ھەمدە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى جون كېننىدى ئويۇن قويۇش مەركىزى قاتارلىقلار.

    كېننىدى ئوبرازىنىڭ شەرەپلىك ياكى شەرەپلىك ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ قىسقىغىنە پىرىزدېنتلىق ھاياتى نەتىجىلىرى ۋە خاتالىقلىرى توغرىسىدا تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھەرخىل دە تالاشلار  بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما رېئاللىقنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن كەلگەندە، كېننىدىنىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ھېچقانداق چوڭ تەسىر ئېلىپ كەلمىدى. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياش پىرىزدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېننىدىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ھاياتى كۈچى، سېھرى كۈچى ھەمدە ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك «ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنى قايىل قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل پەزىلىتى ـ قەيسەرلىك»نىڭ ئۈلگىسى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە يۇمۇرىستىكلىكى ھەمدە كۈلۈپلا تۇرىدىغان مېھرى ئىسىسق چىرايى، كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈگە قالىدىكەن.

    كىشىلەرنىڭ مەيلى كېننىدىنى قانداقلا تەرىپلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا پىرىزدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ۋەزىپىگە يېڭى ئۇسلۇب، ھاياتى كۈچ ۋە ئەقىل-پاراسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىللەردە، ئامېرىكا خەلقى مىسلىسىز دەرىجىدە پىرىزدېنت ئائىلىسى تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى. ئۇنىڭ ياشلىققا تولغان ئەقىل پاراسەتلىك رەھبەرلىكى ئامېىكىنى ئېزىنخاۋېر پىرىزدېنتلىقى دەۋرىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك «ئۇيقۇدىكى بىر دەۋر» لىكتىن ئويغاتتى. ئۇ ھەربىر ئامېرىكىلىقنى قوزغىدى ھەمدە ئۇلارنى ئەڭ روھلۇق بىر دەۋرگە باشلاپ كىرىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. كېننىدى ئاق سارايدا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى قۇبۇل قىلدى، قەدىمقى مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلاندى ھەمدە شېكىسپىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇدى. رەسسام تەكلىپ قىلىپ، ماسساچۇستېس شىتاتىنىڭ سۇ مەنزىرىسىنى بىر تام رەسىمى قىلىپ سىزدۇردى. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەدىنىيەت تۇرمۇشىنى قايتىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى.

    كېننىدى تەختكە چىققاندا، ئامېرىكا جىددىي كىرزىس ھالىتىدە تۇرغان ئىدى. ئۇ پىرىزدېنتلىقنى ئۆتىگەن مىڭدىن ئارتۇق كۈن ئىچىدە، ئۇ ئاق ساراينى كۈچ بىلەن ئۆزگەرتتى، پىرىزدېنتلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتت، شۇنداقلا قايتىدىنبىر قىسىم ئۆلىمالارنى، پىروفېسېسسورلارنى، ئاقىل زاتلارنى، ئۆزىنىڭ يېڭى ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەر شارىلاشقان سىتىراتىگىيىسى ۋە مۇھىم ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە ياردەملىشىشكە چاقىرغان.

    دۆلەت ئىچىدە، ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى پولات-تۆمۈر زەردار كارخانىلىرىنىڭ باھا ئۆستۈرۈشىنى بېسىپ، قىزىل رەقەملىك خامچوتنى ئەمەلدە يۈرگۈزدى. ئۇ قانۇن بەلگىلەپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىشسىزلىقنى كېمەيتىش، قالاق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، باج قانۇنىنى ئىسلاھات قىلىش، شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مائارىپ ئىشلىرىنى  قوللاش ھەمدە ياشانغانلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق بەلگىلىمە نىزاملارنى يولغا قويدى. ئۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى بىردىنلا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. خەلقئارادا، ئارمىيە خىراجىتى خامچوتىنى يۇقىرى دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو ھەربىي ھازىرلىقلىرى جەھەتتىكى تەييارلىقىنى ئاشۇردى. 1962-يىلىدىكى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرزىسىدىمۇ، ئۇ خىروششوفنىڭ «تەھدىت»ىگە تاقابىل تۇرۇپ، بۇ قېتىملىق تىركىشىشتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېننىدى «يېڭى چېگرا ئاچقۇچى» سالاھىيىتى بىلەن ئاق سارايغا كىردى. جاپالىق مۇھىتلاردا ئىزدىنىپ، ئاخىرى بۇ مۇرەككەپ كۈرەشلەردە قەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلى گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرى ئامېرىكا سىياسىتى تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولدى.

    كېننىدى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە نيۇيوركتىكى ئىلگىرى ئۇلار تۇرمۇش كەچۈرگەن ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ تۇردى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ئۇ ئىنتايىن ئازاب ئىچىدە قالدى. ئۇنىڭ تۇغقانلىرى جېجنىڭ بۇ قەدەر ئازابلىنىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. ئەمما ئاستا-ئاستا ئۇ بۇنداق غايەت زور ئازاب ئىچىدىن قايتا جاسارەتكە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يەنە بالىلىرى بار ئىدى. كېننىدىنىڭ ئىنىسى بوب كېننىدى جېجقا بەك كۆپ ياردەمدە بولدى، ھەمدە بالىلارنىڭ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا مەسئۇلىيەتنى ئۆتەشكە باشلىدى. 1968-يىلىغا كەلگەندە بوبمۇ كېننىدىغا ئوخشاشلا قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، جېج كېننىدى ئائىلىسىنىڭ تېنچلىققا ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوب ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، گىرىتسىيە دېڭىز تىرانسىپورت پادىشاھى، مىلياردنېر ئوناسىس بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەر كېننىدى ئائىلىسى ۋە بارلىق ئاۋام خەلقنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇردى.

    گەرچە نۇرغۇنلىغان سۆز-چۆچەكلەر بولسىمۇ، جېج يەنىلا 1968-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوناسىس بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي مۇراسىمى گىرىتسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى قائىدىسى بويىچە، گىرىتسىيە دېڭىز بويى رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. تويدىن كېيىن، جېج بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرى يەنىلا نيۇيوركتىكى ئۆيدە تۇرىۋەردى، ئوناسىس بەزىلىرى شۇ يەردە، ھېيت-بايراملاردا گىرىتسىيەدە تۇدى. 1975-يىلى، ئوناسىس كېسەل سەۋەبىدىن گىرىتسىيىدە ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ ۋاقىتتا جېج بولسا بالىلىرى بىلەن نيۇيوركتىكى ئۆيدە ئىدى. يولدىشىنىڭ ئاخىرى مىنۇتلىرىدا ئۇنىڭ يېنىدا بولماسلىقى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يەنە بىر سۆز تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

    ئەمما بالىلارغا نىسبەتەن، جېج باشتىن-ئاخىرى ئىنتايىن لايەقەتلىك بىر ئاپا بولۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ ئىلگىرى پىرىزدېنت رەپىقىسى ۋاقىتلىرىدىمۇ بالىلار بىلەن دائىم بىللە تۇراتتى، يولدىشىنى تېنچ تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى بىر مۇخبىرغا ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن: «مۇبادا مەن مۇشۇ ئىشنىمۇ ياخشى قىلالماي، باشقا ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلىۋەتسەممۇ، بالىلىرىم ۋە يولدىشىمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان بولىمەن، مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلىرىم بىلەن يولدىشىم ئەڭ مۇھىم.» دېگەنىدى. جېجنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ بالىلىرى ئىزچىل تۈردە ياخشى مائارىپ تەربىيىسىدە بولۇپ كەلدى. ئۇلار مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، تۇرمۇش پوزىتسىيىسى كەسكىن پۇقرالاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئارىسىدىمۇ زىددىيەتلەر مەۋجۇت ئىدى. ئەمما ھەر قېتىم شۇنداق زىددىيەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، جېجنىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن زالىم ئىدى. 1986-يىلى جېج ئىنژېنىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەھۇدى ئېدۋېن سېكراسبوگقا توي قىلدى. تويدىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزى كارولىن كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىڭ ئىنىسى كىچىك جون نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مانخاتتان يەرلىك تەپتىشىدە ياردەمچى تەپتىش بولۇش ئىدى.

    بالىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلدى. جېج نيۇيوركتىكى بىر نەشىرىيات شىركىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ يەنىلا كونا ساتىرىچىنىڭ يېنىغا بېرىپ چېچىنى ياسىتاتتى، دائىملا ئالىي مېھمانخانىلاردا چۈشلۈك تاماق يەيتتى. ئەمما، ئۇ تۇرمۇشىنىڭ باشقا تەرەپلىرىدە ئامال بار باشقا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش، قەھۋەلىرىنى ئۆزى دەملەشنى، خەت ئۇرۇش ماشىنكىسىدا ئۆزىنىڭ ماقالىلىرىنى ئۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى ھەمدە شۇنداق قىلاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇ شىركەتنىڭ تېز تاماقخانىسىغا كېلىپ غىزالىناتتى. ئۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش قىلاتتى. ئۇ ئۆزى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمايتتى. بەلكىم، ئۇنىڭ قەلبىگە پەقەت شۇ جون كېننىدىلا ھەقىقىي تەسىر قىلالىسا كېرەك.

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-31 18:36:53
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 769
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证