تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11094
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 48
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    باشلىق ساندۇقتىن چىققاندا



     

    باشلىق ساندۇقتىن چىققاندا

    -«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى

     

    بۈگۈن سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلەيمىز.

    قورامىغا يەتكەن ھەربىر  پۇقرا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپىي، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. سىز بىراۋنى سايلىسڭىزمۇ، سايلىمىسڭىزمۇ بولىدۇ، باشقا بىراۋنى سايلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى سايلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن، دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانماقچى بولسىڭىز، 45 ياشقا توشقان بولۇشىڭىز كېرەك.

    جۇڭگودا ھەر دەرىجىلىك رەئىسلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار  بىۋاستە سايلانمىغىنى بىلەن، بىۋاستە سايلىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس: كەنتنىڭ باشلىقلىرىنى دېھقانلار بىۋاسىتە سايلايدۇ. كەنتتىكى سايلىغۇچىلارنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، كەنت باشلىقىنى قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتسە، كەنت باشلىقى قالدۇرىۋېتىلىدۇ.ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس كەنت باشلىقىنى بېكىتىپ بەرسە، ئەۋەتىپ بەرسە، ئالماشتۇرۇۋەتسە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. بىز دەۋاتقان دېموكراتىيە مانا شۇ. چەتئەلنىڭ ئەلباشلىرى دۆلىتىمىزگە كەلگەندە ئالايىتەن كەنتلەردىكى سايلاملىرىمىزنى كۆرۈپ كېتەرمىش.

    سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرمۇ ئاز ئەمەس.

    بەزىلەر ۋەكىللەرنى «شەكىللەر» دەپ ھەجۋىي قىلىشىدىكەن. يەنە بەزىلەر ۋەكىل بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن، سايلىغۇچىلارغا پۇل بېرىپ سېتىۋالىدىكەن. بىرەيلەن رايونلۇق خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانماقچى بولۇپ، ھەر بىر سايلىغۇچىغا 50 يۈەندىن پۇل بېرىپ، سايلىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ ئىش پاش بولۇپ، سايلام ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىنىپتۇ، سايلانغان «ۋەكىل»مۇ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپتۇ.

     

    كەنتتە سايلام بوپتۇ. بىر ئايالغا سايلام بېلىتى بېرىلمەي قاپتۇ. ئۇ ئايالنىڭ دادىسى كەنت باشلىقى نامزاتىنىڭ بىرى ئىكەن. ئايال سايلام بېلىتىنى تولۇقلاپ ئېلىپ، بېلەت تاشلىماقچى بولغاندا، ياندا تۇرغان بازار باشلىقى ئۇنىڭ بېلىتىنى تارتىپ ئېلىپ يىرتىپ تاشلاپتۇ. ئايال سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سايلاش ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىپتۇ. يەنە بىر كەنتتە كەنت باشلىقىلىق رىقابىتىگە چۈشكەن بىرسى ئېرىشكەن ئاۋاز سانى يەنە بىرسىدىن ئازراق بولۇپ قالغانلىقىنى پەملەپ، بېلەت ساندۇقىنى بۇلاپ كېتىپ، رىقابەتچىسىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويۇپتۇ، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپتۇ.

     

    مەلۇم يېزىدا يېزا باشلىقى سايلىمى بوپتۇ. ھاكىمبەگ ئويلىمىغان بىر ئىش بوپتۇ: ھاكىمبەگلەر كۆرسەتكەن نامزات سايلانماي، باشقا بىرەيلەن يېزا باشلىقى بولۇپ سايلىنىپتۇ. ئۇنى دېھقانلار «ساندۇقتىن چىققان يېزا باشلىقى» دەپ ئاتىشىپتۇ. نەچچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەي، ناھىيىلىك پارتكوم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ساندۇقتىن چىققان يېزا باشلىقى»نى قالدۇرۇپ، يېڭىدىن يېزا باشلىقى تەيىنلەپتۇ. سايلىغۇچىلار بۇنداق قىلىش سايلاش ھوقۇقىمىزغا چېقىلغانلىق دەپتۇ. «ساندۇقتىن چىققان يېزا باشلىقى» خەلق سايلىغان قانۇنلۇق باشلىقمەن دەپ، شۇ يېزىدا باشلىقلىقىنى قىلىۋېرىپتۇ. ناھىيەدىن ئەۋەتكەن يېزا باشلىقىمۇ باشلىقلىقىنى قىلىۋېرىپتۇ. بىر يېزىدا ئىككى يېزا باشلىقى بىرەر يىلدىن كۆپرەك ئىشلەپتۇ.

     

    سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى كىچىك ھوقۇق ئەمەس، ئۇ پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغانلىقى، ھاكىمىيەتكە قاتناشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. سايلىغۇچىلار ئۆز ئىرادىسى بويىچە سايلاپ چىققان باشقۇرغۇچىنى خالىغانچە قالدۇرىۋېتىش، ئالماشتۇرىۋېتىش سايلىغۇچىنىڭ سايلاش ھوقۇقىغا، سايلانغۇچىنىڭ سايلىنىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق. باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلغان، مەسئۇلىيىتىنى بىجانىدىل ئادا قىلمىغان ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل قالپىقىنى سايلىغۇچىلار ئېلىپ تاشلىيالايدىغان بولسا، باشلىق ساندۇقتىن چىققاندا، سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، خەلق، خەلق دېگەن گەپ، ئېغىزدىلا دەپ قويۇلغان بولماستىن، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ.

    ھەممە ئادەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىش ياكى ئۆزى ئەركىن تاللىغان ۋەكىلى ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.ھەممە ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا باراۋەر پۇرسەت بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.خەلقنىڭ ئىرادىسى-ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى، بۇ ئىرادە قەرەللىك ۋە ھەقىقىي سايلام بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك، سايلام ئومۇميۈزلۈك ۋە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئاساسلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئەركىن ئاۋاز بېرىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.زورلاش، ئالداش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىش بىلەن بولغان سايلامنى ھەقىقىي سايلام دېگىلى بولمايدۇ.

     

    ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سايلاش , سايلىنىش , ھوقۇقى , ئابلاجان تۇردى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-31 17:53:17
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 577
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证