قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر
-«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى
بۈگۈن باراۋەرلىك ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلەيمىز.
مەلۇم خەلق بانكىسى خادىم قوبۇل قىلماقچى بولۇپ، ئېلان چىقىرىپتۇ. ئېلاندا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى تەپسىلىي يېزىپتۇ. شۇ شەرتلەرنىڭ بىرى قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.68 مېتىردىن پاكار بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.
ئېلاننى كۆرگەن بىر يىگىت: بانكىنىڭ بۇنداق شەرت قويۇشى بوي ئىگىزلىكى يۇقۇرىدىكى شەرتكە چۈشمەيدىغانلارنى كەمسىتكەنلىك، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئورۇنلىشىشتىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق، دەپ ئويلاپتۇ-دە، سوت مەھكمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، بانكىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنغا خىلاپ، دەپ بېكىتىپ، يۇقۇرىدىكى ئېلاننى تارقىتىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىپتۇ.
سوت مەھكمىسى بۇ دەۋانى مەمۇرىي دەۋامۇ ئەمەسكەن، ھەق تەلەپ دەۋاسىمۇ ئەمەسكەن، دەپ قوبۇل قىلماپتۇ. لېكىن، مەسىلە يەنىلا ھەل بوپتۇ: بانكا بوي ئىگىزلىكى شەرتىنى نامۇۋاپىق بولۇپ قاپتۇ، دەپ بىكار قىلىۋېتىپتۇ.
مەلۇم زاۋۇت ۋەيران بوپتۇ. زاۋۇتتا 20 يىلدەك ئىشلىگەن يەتتە ئايالغا: ئىشتىن چېكىنىپ، ئۆيۈڭلارغا قايتىسىلەر، تېگىشلىك تەمىنات بېرىلىدۇ ، دەپ ئۇقتۇرۇلۇپتۇ. ئۆزى بىلەن ئەھۋالى ئوخشاش ئەر ئىشچىلارنىڭ قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقىنى، تەمىناتىنىڭمۇ پەرقلىق بولغانلىقىنى بىلگەن ئايال ئىشچىلار ئەرز سۇنۇپ، ئەر ئىشچىلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپى سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپتۇ.
بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۆلۈپ كەتكەن بىر دېھقاننىڭ تۆلىمىگە 100 مىڭ يۈەن بېرىلىپتۇ. قالغان ئىككىسى شەھەرلىك ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم تۆلىمىگە 300 مىڭ يۈەندىن بېرىلىپتۇ. دېھقاننىڭ ۋارىسلىرى ئەرز قىپتۇ، بىزگىمۇ 300 مىڭ يۈەن بەرسۇن، دەپتۇ. سوراقچىلار ئېيتىپتۇ: يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئوخشىمايدۇ. (ھازىر بۇ ئەھۋالدا ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى: بىر ھادىسىدە قازا قىلغانلار مەيلى دېھقان ياكى شەھەرلىك بولسۇن، تۆلەم ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن، باشقا-باشقا ھادىسىدە قازا قىلغان ياكى مېيىپ بولغان بولسا، تۆلەم بېرىشتە يەنىلا نوپۇس پەرقىگە قارايدۇ)
باراۋەرلىك ھوقۇقى ئادەملەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە باراۋەر ئورۇندا تۇرۇش، باراۋەر مۇئامىلىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىدۇر. باراۋەرلىك ھوقۇقى ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولۇشنى، قانۇندا باراۋەر قوغدىلىشنى، باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇشنى، ئوخشاش بىر پۇرسەتتىن باراۋەر پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزىلەر ئىمتىيازغا ئىگە بولىۋېلىپ، باشقىلارنى باراۋەر پۇرسەت ۋە مۇئامىلىدىن مەھرۇم قىلسا، ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ.
ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان.قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەردۇر. پۇقرالار مىللىتى، ئىرقى، رەڭگى، جىنسى، كەسپى، دىنى، تىلى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، سىياسىي قارىشى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى، ئولتۇراقلاشقان ۋاقتى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، سىياسىي تارىخى، ئىجتىمائىي ئورنى، سىياسىي ئورنى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن باراۋەر بەھرىمان بولىدۇ، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىدۇ.
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ئىززەت-ھۆرمىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باراۋەر ۋە تەۋرەنمەس ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش دۇنياۋى ئەركىنلىك، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسىدۇر.
ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان