تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭلار ›› شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىران زالى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىران زالى



     شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىران زالى

    2000 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ ئېران كۆرگەزمىخانىسىدا بىر نەچچە خىل ئۆزگىچە بولغان نۇقتىلار كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ، ئىراننىڭ چوڭقۇر ۋە مول بىلىمى ۋە سەلتەنەتلىك مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ كۆرگەزمىخانا كەلگەن مېھمانلارغا ئېراننىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى ئىنتايىن جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ئىران كۆرگەزمىخانىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەربىر ساياھەتچى، ئىراندىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ھەم زامانىۋىي بولغان ئوتتۇرا شەرق نېفىت دۆلىتىنى ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ.

    ئىران كۆرگەزمىخانىسىدا، قەدىمقى يىپەك يولى ئىنتايىن نەپىس رەسىم بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ توختىماستىن ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ رەسىمنىڭ ئالدىدا تۇرسا كىشىنى خۇددى نەچچە ئەسىر ئاۋۋالقى بىپايان قۇملۇقتا كېرىپ بارغان كارۋانلارنىڭ كولدۇرمىسىنى ۋە قۇملۇقتا ماڭغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرەتتى، ھەمدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان غايىبانە مەنزىرىنى كۆرگەندەك تەسەۋۋۇرلارغا چۆمدۈرەتتى.

    2000 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ ئىران كۆرگەزمىخانىسى ئىچىدىن، كەڭ زىيارەتچىلەر تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىك ۋە مول تېرەن مەزمۇنلارنى ھېس قىلالايدۇ.

    1. ئايلانما چەمبىرەك شەكىللىك ئىسپاھانچى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل ئوبرازى، كائىنات كىشىلىرىنى بۇ دۇنيانى ياراتقان تەڭرىسىگە ئىبادەت قىلىۋاتقانغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
    2. ئەنئەنىۋىي كىچىك كۆلچەكنىڭ ئىچىدىكى سۈزۈك سۇ پاكلىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ سىمارى ئىدى.
    3. زالنىڭ تورۇسىغا نەقىشلەنگەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئەينەك ۋە نۇر دەستىلىرىنىڭ زالنىڭ سىرتىدىن ئىچىگە چۈشۈپ تۇرىشى يورۇقلۇق ۋە سۆيگۈگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
    4. ھەرخىل كىيىملەرنى كىيگەن ۋە ھەر خىل شەكىللەردىكى ئىران چېگرا جەڭچىلىرى ئىران خەلقىنىڭ يىللار مابەينى ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.
    5. تۆتتىن بىرىچىلىك چوڭلۇقتىكى يەر شارى گىلوبوسى ئىران مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلغانىدى.
    6. ئەنئەنىۋىي بولغان ئىران مۇزىكىلىرىنىڭ ئورۇندىلىشى ئىران جەمئىيىتىنى دوستانىلىكىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
    7. ئىسپاھان 33 كۆۋرۈكلۈك مودىلى ئىرانلىقلارنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتى ۋە قانۇن بەلگىلەش جەھەتتىكى يۈكسەك قابىلىيىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
    8. يىپەك يولى ناملىق چوڭ رەسىمى ئىران ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۇنياسىغا ۋە مىللەت ھالقىشىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
    9. كەلگۈسىدىكى ئالتە ئاي جەريانىدا بارلىق زىيارەتچىلەر قولمۇقول ھالدا شايەت زور گىلەمنى توقۇپ چىقىشى، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئەتىنى بىرلىكتە يارىتىپ چىقىشىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
    10.  ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان ئىران داڭلىق شائىرى سادىنىڭ «ئىنسانلار خۇددى ئاكا-ئۇكا، ئوخشاش ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان» دېگەن ئابىدىسى، دۇنيادىكى 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەمدە 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىنتايىن تەڭداش ھالدا قاتناشقان 2010-يىللىق شاڭخەي خەلقئارالىق كۆرگەزمىسىگە ۋەكىللىك قىلغانىدى.

    ھەركۈنى ئىران كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ زىيارەت قىلىدىغانلاردىن جۇڭگولۇق ۋە باشقا دۆلەتلىك ساياھەتچىلەردىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان ئىرانلىق ساياھەتچىلەرمۇ بار.

    شاڭخەي خەلقئارالىق كۆرگەزمىسىنىڭ ئىران زالى ـــ شەھەر-تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ.

    دەرۋەرقە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆرگەزمىدىكى سەھنىسى ئىسلامىي نەزەرىيىلەرنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۈزەل بىر شەھەرنىڭ ئاساسى، بۇ گۈزەل شەھەر ئىسلام يولىدىن ئىابرەت مەدەنىيەت روھىنى بويلاپ ئۆزىنىڭ ئاداققى نىشانىغا بارىدۇ.

    ئەبۇسەئىد ئەبۇشىر مۇنداق دەپ قارىغان. ئەرلەر بازارلاردا، سودىلاردا ۋە نىكاھ تۇرمۇشىدا ياشىشى كېرەك.

    بۇ خىل شەھەر ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىش شارائىتىگە ئىگە  بولۇپ، ئۇ يەردە قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ نۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كىشىلەر قەلبىدە بولسا ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت ياراتقان تەڭرىسىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.

    يۇقىرىقى بۇ خىل نۇقتىنەزەر ئىسلام ئىران بىناكارلىقىدىكى مەدىنىيەت دۇردانىلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تەڭرىنىڭ كائىناتنى ۋە ئىنسانىيەتنى ياراتقانلىقىغا ھەمدە ئىنسانىيەتكە روھ ۋە ئەقىل ئاتا قىلغانلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ بولسا ئۆز ئەقلىدىن پايدىلىنىپ مەسچىت، ئىسپاھان، كاشان، پارسنىڭ تارىخى بىناكارلىقىنى ياراتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى ئىران باغچىلىقىنىڭ سېلىنىشى.

    بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىلگەن ئېلمېنتلاردىن سۇ، تۇپراق، رەڭ ۋە نۇر بار بولۇپ، رەسىمدە بۇ ئېلمېنىتلارنىڭ قايتىلىنىپ ئىشلىتىلىشى تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان رەھمىتىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. سۇ ئاققاندەك كۆرۈنۈش ۋە شۇنداق ئاڭلىنىش بولسا ھاياتلىقنىڭ، تۇپراق بولسا ئىنسانىيەتنىڭ ۋە يارىتىلىشنىڭ سىمىۋولى. نۇر بولسا ئەڭ ئالىي مەرتىۋېلىك خۇسۇسىيەتنىڭ ۋەكىلى، رەڭ بولسا ھەر خىل يارىتىلىشلارنىڭ ۋەكىلى ئىكەن. بۇ كىشىلەرنى پەقەت ئۇ دۇنيادىكى جەننەتتىلا مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن.

    بوشلۇق لايىھىلىنىشى

    خەلقئارالىق  كۆرگەزمىنىڭ ئىران زالى ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى خىل بوشلۇقتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك.

    ئىچكى بوشلۇق:

    1. ئىران بىر كۆرۈنۈشى
    2. بۈگۈن ۋە ئۆتمۈش ئارىسىدىكى زەنجىرسىمان تۇتىشىشى
    3. ئىران باغچىسى ۋە سۈيى
    4. بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىران
    5. تۈنۈگۈننىڭ بۈگۈنگە بەرگەن ئىبرىتى
    6. مەدەنىيەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بازىرى
    7. ئىران گاسترونومى
    8. ئەزا ئالىي مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش زالى
    9. ئۇچۇر كۆرگەزمە سەھنىسى
    10.  ماددى جىسىم ھەمدە ئوبراز كۆرگەزمە سەھنىسى

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شاڭخەي , ئىران ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-29 19:54:10
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 583
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证