تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› ئاياللارنىڭ تارىخ ۋە ئىسلامدىكى ئورنى 2
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئاياللارنىڭ تارىخ ۋە ئىسلامدىكى ئورنى 2



      

    ئاياللارنىڭ تارىخ ۋە ئىسلامدىكى ئورنى 2

    ئىسلام دىنى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەردە بىر خىل قالاق ئادەت ساقلانغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قىزلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىش ئىدى. قىسمەن تارىخشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ناچار ئادەت خىرا پادىشاھى نۇرمان بېن مەزېر زامانىسىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، نۇرمان ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، تامىم قەبىلىسى بەلگىلەنگەن باج سوممىسىنى تاپشۇرمىغان سەۋەبلىك، نورمان شاھ بۇ قەبىلىنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. نەتىجىدە تامىم مىللىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان قىز-ئاياللىرى، بالىلىرى ئەسىرگە چۈشكەن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، تامىم مىللىتى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى گاسس ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەر نۇرمان شاھلىقىغا بېرىپ ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بارغان. نۇرمان شاھ ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ بەرسە بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەركىنلىكنى شۇ ئەسىرلەرگە بەرگەن. يەنى قايتقۇسى بارلارنىڭ قايتسا بولىدىغانلىقى، قېلىپ قېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ قېلىپ قالسا تامامەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ ئارىسىدىن قەبىلە باشلىقى گاسسنىڭ قىزى ئۆز قەبىلىسىگە قايتىپ كېتىشنى خالىمىغان. بۇ ئىشتىن كېيىن، گاسس ئۆز قىزىنى چوقۇم تىرىك كۆمۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلغان ھەم شۇ سەۋەبلىك ئون نەچچە قىز تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ خىل ئىنسانپەرۋەرلىككە ياتمايدىغان، ئىپلاس قىلمىش ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قىسمەن قەبىلىلەردە ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىپ ئادەت بولۇپ كەتكەن ئىكەن.

    لىۋان يازغۇچىسى جەۋداد ئەلى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەبلەر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى تىرىك كۆمۈۋېتىش پەقەت ئەرەبلەر ئارىسىدىلا بولۇپ قالماي، باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ بۇ خىل ناچار ئادەت بولغان. مىسىر، يۇنان، رۇمىنىيە ۋە ئاۋستىرالىيەلەرنىڭ قىسمەن قەبىلىلىرىدىمۇ، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇ خىل ئادەت پەيدا بولۇپ قالغان.

    قىسمەن قەبىلە ۋە مىللەتلەر خۇددى فىنىكىيىلىكلەر ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان تەڭرىسىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىنى نەزىرلىك قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ تەبىئەتكە چوقۇنغان. ھەمدە ماۋرۇچ ئىسىملىك بىر مەبۇدىنى يورۇقلۇق ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاتەش ئىلاھىنىڭ جورىسى بار دەپ بىلىپ، ئاتەش ئىلاھىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۇلار قىز-ئاياللارنى قۇربانلىق قىلغان. ماۋلۇچ ئىلاھىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنى تىرىك ھالدا كۆمۈۋەتكەن.

    قۇرئان كەرىمدە قىزلارنى ئۆلتۈرۈشتەك بۇ خىل ۋەھشىي قىلمىش ئىنتايىن تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، قۇرئاندا جاھالەت دەۋرى قىز-چوكانلىرىنىڭ قانداق ئازابلارغا ئۇچرىغانلىقى يېزىلغان. قۇرئاننىڭ 16-سۈرىسىنىڭ 58- ۋە 59-ئايەتلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرلىرى ئايالىنىڭ قىز پەرزەنت يەڭگىگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى تۈرۈلىدۇ، ھەمدە بۇ ئىشتىن ئىنتايىن نارازى بولىدۇ،  ئۇلار بۇ شۇم خەۋەر تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشمەيدۇ. ئۇلار كۆپ ئويلىنىپ، ئۇلارنى ھاقارەتكە چىداپ ئېلىپ قېلىش كېرەكمۇ، ياكى ئۇلارنى تىرىكلا يەرگە كۆمۈۋېتىش كېرەكمۇ دەيدۇ، ھەقىقەتەنمۇ، ئۇلارنىڭ قارارى قەبىھ ئىدى.

    قۇرئاندا مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈش ئىنتايىن قالاق ۋە قەبىھ قىلمىش، كائىناتنى ياراتقان تەڭرى ئاخىرەت كۈنى بۇ قىلمىشلاردىن ئادىل سوراق ئالىدۇ. قۇرئاننىڭ 81-پارىسىنىڭ 89-ئايىتىدە تەڭرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشقا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىگەن. بۇ سۈرىلەردە قەبىھلەرچە كۆمۈۋېتىلگەن شۇ قىزلاردىن: سەن نېمە گۇناھىڭغا تىرىك كۆمۈۋېتىلدىڭ؟ دەپ سورالغان.

    دەل شۇ بىز ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك: ئىلگىرىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا پەس كۆرۈش پوزىتسىيىدە بولغان. جاھالەت دەۋرلىرىدە، ئاياللارنىڭ قىز پەرزەنت يەڭگىشى، بىر خىل نومۇس ئىش، بالا-قازايىلىق ئىش دەپ قارىلىپ، ھېچكىممۇ قىز پەرزەنت كۆرۈشنى خالىمىغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ دەۋرلەردە، كۆپ خىل ئىلاھقا تاۋاپ قىلىدىغانلارنىڭ بىر خۇراپاتلىقى بولۇپ، ئۇلار ھۆر پەرىلەرنى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قىزى دەپ بىلىۋېلىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلار ھەققىدە نەزىر قىلىش ئارقىلىق ئۆز گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلماقچى بولغان. قىسمەن تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، جاھالەت دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائى ئاڭ، مۇھىتلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ناچار بولغان ئىقتىسادىي شارائىت ياكى قەبىلىلەر ئارا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن.

    ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى مۇھەممەد س ە ۋ نىڭ يېنىدىكى ھەمراھى ئىبىن ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەن: مۇبادا بىر كىشى نادان مىللەتنىڭ قانچىلىك قالاق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ ئۆي ھايۋانلىرى توغرىسىدىكى سۈرىلەرنى ئايەتلىرىنى ئوقۇسۇن.

    جاھالەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرلەر ئۈچۈن، يامان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئۈچۈن بولۇپ، بۇ يەردە ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى ئاشكارا ئايرىپ قارىغان. ئۇلار تېخى ئۆزىچە بۇنداق قارارنى تەڭرى تەرىپىدىن نازىل بولغان دەپ جۆيلىگەن.

    يۇسران تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-29 13:34:07
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 230
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证