نەجىپ فازېل شېئىرلىرى
ئەپۇ قىل
كۆزۈمدە جەۋلەنگەن رەڭدىن، قۇلاق سالغان ئاۋازلاردىن،
ئەپۇ قىل سەندىن خەۋەرسىز ئالغان ھەر نەفەستىن.
ئەقىل
ئەقىل ئەقىل بولسىدى،ئېتى كۆڭۈل بولاردى،
كۆڭۈل كۆڭۈلنى تاپسا ئىدى، ئوتلاق ئەتتىرگۈل تولاردى.
ئاشىق ۋە قورقۇنچ
ئاشىق قورقۇنچقا چۈمبەتتۇر، قورقۇنچ ھەم ئاشىققا پەردە،
ئاللاھتىن نەقەدەر قورقماس، ئىنسان ئۇنى سۆيەرسە.
مېنىڭ نەفسىم
يېتەر رۇھىمغا بىر كېپەن پارچىسى ئەمما،
يەتمەس ئاچ نەفسىمگە ئۆرمەك ۋە ئىپەك.
يوقتۇر چارە سەن سەۋەبلىك چەككەن دەردىمگە،
يىسەم ھەم تۇپراق بىلەن ئارلاش كېپەك.
قۇياش بويلاپ يول ئالسام ھەم كىرمەس يولۇمغا،
تار كەلدى سېغماسمەن دەر ئاسمان-پەلەككە.
قۇيرۇق ئوينىتار، كېيىن خىرىس قىلار ھەركىمگە،
مېنىڭ نەفسىم،مېنىڭ نەفسىم نەقەدەر پەستكەش ئىت!
شەرق-غەرىب
شەرق دەركى غەرىبكە، قۇياشنى ئىستىلاھ قىلساڭدا،
رۇھ ھەقىقىتى مەندىدۇر، ماددا يالغىنى سەندە.
ئەجەل
يېتەرلىك بوغۇشقان كېچە-كۈندۈزۈم ئەجەل بىلەن،
ئاللاھ راھىم ۋە راھمان، ئاللاھ ئەزىز ۋە جەللە...
تۈركچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى