تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەپەككۈر مىۋىلىرى ›› ئاياللارنىڭ تارىخ ۋە ئىسلامدىكى ئورنى 1
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئاياللارنىڭ تارىخ ۋە ئىسلامدىكى ئورنى 1



     

    ئاياللارنىڭ تارىخ ۋە ئىسلامدىكى ئورنى 1

    فىرانسىيە پەيلاسوپى ھېنرى بېرگسون ئۆزىنىڭ «ئەخلاق ۋە دىننىڭ ئىككى كېلىش مەنبەسى» ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە، تارىخنىڭ ھەرىكىتى خۇددى قۇلۇلىنىڭ ئۆمۈلىشىگە ئوخشاش، ئۇنى ئىتتىكلىتىمىز دېسەك، ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ ئاستىلاشقا باشلايدۇ، دەپ قارىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ ئىككى خىل رادىكال يەنى ئاخىرقى چەك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا، مىللەت، پارتىيە ۋە ھەرخىل خاھىشلاردا مەۋجۇت. ئاياللار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يېرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارغا بولغان ئۇسۇللارمۇ بۇ خىل قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. مۇبادا تەتقىقاتچى شەخسلەر تارىختىكى ئاياللارنىڭ قىسمىتىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، بۈگۈنكى غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەشۋىقات قىلىۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىشنى خالىسا، ئۇنداقتا ئۇلار چوقۇم ئاياللار، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورنىغا نىسبەتەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

    ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ئۆتمۈشتە كۆتۈرۈلۈپ-پەسىيىپ تۇرغان. مۇبادا ئاياللارنىڭ تارىختىكى ئىزلىرىنى ئىزدىمەكچى بولسا، بىز ئۇلارنى قۇللۇق ۋە فېئوداللىق مەزگىللەردىن ۋە ياكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈملىرىدىن بايقايمىز. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئاياللارنىڭ ئۆتمۈشتە بېشىدىن كەچۈرگەن شۇ گۈللەنگەن دەۋرلىرىنىڭمۇ ئىناتىن سۇسلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۆتمشتىكى كۆپ قىسىم دەۋرلەردە، ئاياللاردا  بولۇشقا تىگىشلىك ئورۇن ۋە ئىززەت-غورۇر تارتىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئەمگەك قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. جاپالىق خىزمەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى بولغان ھوقۇقلىرىدىنمۇ بەھرىمان بولالمىغانىدى. ئاياللار ئائىلە خوجىلىق ئىشلىرىدىمۇ سۆز قىلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان مۈلكىمۇ يوق ئىدى. كۆپ سانلىق ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقلىرىمۇ تارتىۋېلىنغان بولۇپ، بەزى جەمئىيەتلەردە، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي يولدىشىغا تايانسىمۇ، ئەمما يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاياللىرىنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقى يوق بولاتتى.

    قەدىمقى يۇنان مەدەنىيەت دەۋرلىرىدىمۇ مۇشۇنداق بولۇپ، يۇنان پەيلاسوپى سوقرات، ئاياللار بىلەن بىللە ياشاش بىر خىل ئازاب-ئوقۇبەت ۋە چېنىقىش، ئاياللارنى بازارلادىكى تاۋارلاردەك ئېتىپ-سېلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. قەدىمقى ھىندىستاندا، ئاياللار بىلەن دېۋانىلەرنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوق ئىدى. بۇددا دىنىدا بولسا ئاياللارنى مەلۇم نۇقتىدىن ھايۋان دەپ قارايتتى. ئاياللارغا ئىشەنمەسلىك ھىندىستاندا ئەۋج ئالغان چىنا دىنىنىڭ بىر قانۇنى ئىدى. ھىندىستان براخمان دىنىدىمۇ ئاياللارنى جەمئىيەتتىن سۈرگۈن قىلىنىدىغانلار ۋە ھوقۇقى يوق پەسكەش پۇقرالار دەپ بىلەتتى.

    ئەمما باشقا بىر تەرەپتىن مەلۇم نۇقتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا سومۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مىلادىدىن 5000 يىل ئىلگىرى، سومۇرلار تىگىرىت دەرياسى بىلەن موغرات دەرياسىدىن ئىبارەت  بۇ ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى مېسوپوتامىئان تۈزلەڭلىكىدە ياشاپ، بۇ زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتىنى ياراتقان ئىدى. سومۇرلار ئارىسىدا، ئاياللارنىڭ ئېرىدىن ئايرىلىپمۇ تۇرىدىغان ھوقۇقى  بولۇپ ئۆز ئالدىغا سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇلىنالىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ قۇل ياكى ھۆر  بولۇشىنى بەلگىلىيەلىگەن. ئاياللارنىڭ ئىچىدىن ئايال پادىشاھلارمۇ چىققان، مەسىلەن، شۇرۇب ئادام ئايال پادىشاھلىققا ئولتۇرۇپ، بۇ ئىككى دەريا ۋادىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، سومۇر ئەرلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئۆز ئاياللىرىنى سېتىۋېتىش ياكى ئايالىنى قەرزگە تۇتۇپ بېرىشتەك ھوقۇقلىرى  بولغان ئىدى.

    مىسىر دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى نېل دەريا ۋادىلىرى بولۇپ، بۇ يەردىمۇ ئاياللار مالاي ئورنىدىلا ئائىلە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئارىلاشتۇرۇلغان. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ۋېليام دۇراۋنات، ئەينى دەۋردىكى مىسىر ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەھۋالى ئوخشاش مەزگىلدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى دەپ قارىدى.

    قەدىمكى ئېراندا ئاياللار بىر ئۇيۇنچۇق دەپ قارىلىپ، ھېچقانداق ھوقۇققا ئىگە بولمىغان. مەيلى قايسىلا تەرەپتىن بولسۇن، ئۇ چوقۇم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گېپىنى شەرتسىز ئاڭلىشى كېرەك بولۇپ، بۇ ئائىلە باشلىقى يەنىلا دادىسى، يولدىشى ياكى شۇلار كۆرسەتكەن ئەر كىشىلەر ئىدى.

    قەدىمقى جۇڭگو مەدەنىيىت ۋە مەرىپىتىدە، ئانىسى ئوغۇلنى ئەزىزلەپ قىزىنى پەس كۆرەتتى. چۈنكى ئوغۇللار ئەمگەك قىلىش جەھەتتە قىزلاردىن كۈچلۈك بولۇپ، زۆرۈرىتى بولغاندا ئۇلار يەنە ئۇرۇشقىمۇ قاتنىشالايتتى. ۋېليام بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى، قەدىمقى جۇڭگودا قىزلار خۇددى ئېغىر يۈكتەك ئائىلىسىگە زور بېسىم ئېلىپ كېلەتتى. بەزىبىر جاپالىق رايونلاردا، مۇبادا بىر ئائىلە بىر قانچە نەپەر قىز بالىلىق بولغان بولسا، بۇ ئائىلە يېڭىلا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنى سوغۇق كېچىلىرى تالاغا قويۇپ قوياتتى ياكى ئۇلارنى يىرتقۇچلارغا تاشلاپ بېرەتتى.

    ۋېليام ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى. جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامانىدا، مۇبادا ئاياللار يولدىشىدىن ئايرىلىپ  قالسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يولدىشىغا ھەمراھ بولاتتى، كىشىلەرمۇ ئۇلارنى بىللە يەرلىككە قوياتتى. جۇڭگو يازغۇچىسى پەن خانىم جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان، ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرى ئارىسىدا، ئاياللارنىڭ ئورنى ئەڭ تۆۋەن ئىدى. بىز ئىنتايىن ئاجىز بولساقمۇ، يەنىلا ھەرخىل ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلاتتۇق.

    ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىكى بەزىبىر قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاياللانىڭ ئىززىتى، كىشىلىك غورۇرى ۋە ھوقۇقى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى يەھۇدىي دىنىنىڭ دىنىي كىتابلىرىدا، ئىنسانىيەت بېكىتكەن بەزى قانۇنلار ئىلاھ كۆرسەتكەن شۇ قانۇنلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشى دەپ يېزىلغانىدى. يەھۇدىي مىللىتى ئاياللارنى بالايى-ئاپەت ۋە بالا قازانىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى. ئاياللارنىڭ رولى ئىچىدە كىشىلەر بىردىنبىر ئېتىراپ قىلىدىغىنى ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇش ئىدى. يەھۇدىي دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدە، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي ئىلاھى ــــ يەھۋانىڭ ئون تۈرلۈك كۆرسەتمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئاياللارنى تۆت پۇتلۇق ھايۋان ۋە كۆچمە مۈلۈك قاتارىدا تىلغا ئالغان.

    خىرىستىئان دىنىدا، گەرچە ئەيسا ھەممە كىشىلەرنى ئوخشاش كۆرگەن بولسىمۇ، ھەمدە ئۇلارغا چەكسىز مېھرى-مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىرىستىئان مۇرىتلىرى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئېسىدە تۇتماي، ئاياللارنى بەختسىزلىك، رەزىللىكنىڭ مەنبەسى، ئەرلەرنىڭ مالىيى، ئەرلەر ئاياللاردىكى نەسلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك دەپ  بىلدى. خىرىستىئان دىنى قانۇنىنى تۈزگۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى. ئاياللار چوقۇم ئەرلىرىگە  بويسۇنۇشى كېرەك، خۇددى ئۇلارنىڭ ئايال مالايلىرىدەك بويسۇنۇشى كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا، تارىختا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار شۇنى چۈشەندۈرىدىكى، ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى مەدەنىيەت ۋە ئىلگىرىكى ھەرزامان ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇمەن ياخشى بولمىغان.

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاياللارر , تارىخ , ئىسلام
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-28 13:18:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 311
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证