بىگۇناھ قامالغۇچى تۆلەم ئېلىشقا ھەقلىق
-«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى
تەپتىش مەھكىمىسىگە پاش قىلىش خەتلىرى كېلىپ تۇرىدۇ. شۇ خەتلەرنىڭ بىرسىدە مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، مەكتەپ كارخانىسىنىڭ باشلىقى خىيانەت قىلىۋالدى، دەپ يېزىلغان ئىدى.
تەپتىشلەر جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى، مۇدىرنى قامىدى، قولغا ئالدى. جىنايەت پاكىتلىرىنى توپلاشقا جىق كۈچىگەن بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولمىدى. گۇماندارنى قاماقتىن بوشىتىپ، كېپىلگە بەردى. شۇنىڭغىچە 204 كۈن ئۆتكەن ئىدى.
گۇماندار دېدى: بىگۇناھ تۇرۇپ قامالدىم، تەپتىش مەھكىمىسى تۆلەم بەرسۇن، ناماقۇل بولسۇن، نام-شەرىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرسۇن.
خاتا قامالمىدىڭ، ھازىرچە ئىسپاتلار يېتەرلىك بولماي قالدى، تۆلەم بېرىلمەيدۇ، دېگەن جاۋابقا ئېرىشتى.
سوت مەھكىمىسىدە جىنايى ئىشلار تۆلىمى دېلولىرىنى قاراپ چىقىدىغان تۆلەم كومىتېتى دەيدىغان بىر كومىتېت بار. ئۇلار ئېيتتى: جىنايەت پاكىتى بولمىغان پۇقرانى قولغا ئالغانلىق جىسمانىي ھوقۇققا چېقىلغانلىقتۇر. 204 كۈن قامالغان گۇماندارنىڭ جىنايەت پاكىتى ھەققىدە پولاتتەك ئىسپات تاپالمىغانلىقنىڭ ئۆزى جىنايەت پاكىتى يوق پۇقرانى خاتا قامىغانلىقتۇر. خاتا قامالغان پۇقرا تۆلەم ئېلىشقا ھەقلىق.
ھەر ئىشنىڭ سورىقى بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، تەپتىش مەھكىمىسى تۆلەمگە بۇيرۇلدى.
پاكىت ئاساسى ۋە قانۇن ئاساسى بولماي تۇرۇپ، قاماش، قولغا ئېلىش كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلغانلىقتۇر. قۇدرەتلىك دۆلەت ماشىنىسى ئالدىدا ئاجىز پۇقرانى چۈمۈلىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. پۇقرانىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى قانۇننىڭ ھېمايىسىدە بولمايدىغان بولسا، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىدىغان بەزى لەنەتگەردى ئادەملەر بىگۇناھ ئادەملەرنى خالىغانچە قاماپ، پۇقرالىق ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، قانۇننىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىشى، ئادالەتنى ئاياغ-ئاستى قىلىش تۇرغانلا گەپ.
ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان.