تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› تەبىئى پەن ئالىملىرى ›› تېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ كەشپىياتچىسى يۇجىن پولىي ئالەمدىن ئۆتتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    naprat
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    naprat2009@gmail.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ كەشپىياتچىسى يۇجىن پولىي ئالەمدىن ئۆتتى



      

    تېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ كەشپىياتچىسى يۇجىن پولىي ئالەمدىن ئۆتتى

     

    تەيۋەن رادىئو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېلېۋىزورنىڭ سىمسىز تىزگىنىكىنى كەشپ قىلغۇچى يۇجىن پولىي (Eugene Polley) ئامېرىكا ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چىكاكو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    يۇجىن پولىي 1915-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا چىكاكو شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. چىكاكو شەھەر ئىنىستۇتى ۋە ئىللىنوئىس تېخنىك ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرمەيلا توختاپ قالغان. 1935-يىلى زېنىس ئېلكترون (Zenith Electronics) شېركىتىگە ياللىنىپ مال ساقلاش خىزمىتىنى قىلغان. كېيىن شېركەتنىڭ تېخنىك ئېنژىنېرى بولغان، ئاساسلىق تۆھپىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىگە رادار لاھىيلەش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    1955-يىلى، ئۇ «يالتراق ئاپتوماتلاشقان قۇرۇلما» غا سىمسىز تىزگىنەك كەشپ قىلغان، بۇ تىزگىنەك قول چىقراغقا ئوخشايدىغان بولۇپ، تېلېۋىزورغا توغرىلاپ تۇرۇپ ئاچقىلى، ئېتىپ تاشلىغىلى ۋە قانال يۆتكىگىلى بولىدىغان نۇر تارقىتىدۇ. يۇجىن پوللىي ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بۇ كەشپىياتىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئىپتىدائىي تىزگىنەكنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى.

    بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ماشىنا سىمسىز رادىئو كونۇپكىسى ۋە VCD ئىچىدىكى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

    ئۇ زېنىس ئېلكترون شېركىتىدە ئاساسلىقى مەھسۇلات ۋە تېخنىكا تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئەڭ ئاخىرى بۇ شېركەتنىڭ قۇرۇلۇش تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئايلانغان. 1982-يىلى شېركەتكە 47 يىل تۆھپە قوشقان يۇجىن پولىي پېنسىيەگە چىققان.

    ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا ئامېرىكىنىڭ 18 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىكشەن.

    تېلېۋىزىيە سىمسىز تىزگىنىكى تەرەققىياتىغا باشلامچى بولغانلىقتىن، يۇجىن پولىي بىلەن تېلېۋىزىيە سىمسىز تىزگىنىكىنىڭ يەنە بىر كەشپىياتچىسى روبېرت ئالدېر (Robert Adler) تېخنولوگىيە قۇرۇلۇش ئەمىي مۇكاپاتى (Technology & Engineering Emmy Award) غا ئېرىشكەن.

    2009-يىلى، ماشىنا ئېلىكترون قۇرۇلىشى جەمئىيىتى يۇجىن پولىيغا IEEE ئىستىمالچىلار ئېلىكترون مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ئېلىكتورن ئەسلىھەلىرىنىڭ سىمسىز تىزگىنەك تېخنىكىسىغا قوشقان تۆھپىسىنى تارتۇقلىغان.

     زېنىس ئىلكترون شېركىتى يۇجىن پولىينىڭ 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چىكاكو شەھىرى ئەتراپىدىكى Advocate Good Samaritan  دوختۇرخانىسدا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

    (نەپرەت تەييارلىدى)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-26 9:31:21
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 652
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证