ئانا-گۈل ئانا-ھىلال
مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت
ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە ئاناڭلارنى ۋەسىيەت قىلىدۇ
- ھەدىستىن.
پارلايدۇ بىر ئۈمىد شەمئى كۆزۈڭدىن،
ھىكمەتنى تىڭلىدىم ئاددى سۆزۈڭدىن.
ئاقارغان چاچلىرىڭ
يول-يول قورۇقتىن
سىيپىسام ئىزىڭنى سەن بىر گۈل ئىدىڭ.
مەن ئاداسىغا يەتمەي سۆيگۈڭنىڭ
پىشقان ياپراقلارنى كۆردۈم بېغىڭدىن...
نىمە دەيتتىم؟ نىمىمۇ دەيتتىم؟
ماڭىلا ئاتالغان يۇلتۇز چاقنىشى
يۈرىكىڭنىڭ نۇر ھالقىسىدىن
بالاڭ ئۆچۈن سۈزۈك كۆز يېشى.
ئاينى ئۈزگەن بولسام ئاسماندىن،
جاينى تۈزگەن بولسام رىزۋاندىن
ئانام
ئانام
پىشانەمگە سۆيگەن دۇئادىن.
كىچىلەردە تۈنەپ ھىلال ئاي
ئەللەي كۈيى ياۋشىغان يىغا
تىپىچەكلەپ يۇمران يۇلتۇزۇڭ
نۇرلار ئىمىپ چۆككەن باغرىڭغا.
خۇۋلۇق نىمە؟ رىيازەت نىمە؟
يۇغۇرۇلدۇڭ بىرلا ئوقۇمغا...
نىمە دەيتتىم؟ نىمىمۇ دەيتتىم؟
ئاقارغان چاچلىرىڭ، يول-يول قورۇققا.
يىغلىمايدۇ بالاڭ ئەمدى دەپ
لەۋلىرىمنى چىشلەپ ئوزۇنغا...
2007.10