تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› ھەزرىتى مۇھەممەدكە ئائىت بىردەرس
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yaris
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 31
    yaris@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-5-25 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھەزرىتى مۇھەممەدكە ئائىت بىردەرس

     


     ھەزرىتى مۇھەممەدكە ئائىت بىر دەرس

    تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن

     

    تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى تەلىم ۋە تەربىيە قۇرۇلىنىڭ 2008- يىلى 12- ئاينىڭ 25-كۈنى قوبۇل قىلغان 258 نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ۋە 2008-2009- ئوقۇش يىلىدىن ئىتىبارەن بەش يىللىق مۇددەت بىلەن ئوقۇتۇلىدىغان «دىن كۈلتۈرى ۋە ئەخلاق بىلىمى»(12) دېگەن بىر دەرس كىتابى تۈركىيەدە ئوقۇغۇچىلارغا دىن تەربىيەسى بىرىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ بىرىدۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ دىن قارىشى ۋە ئېتىقادى باشقا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنگە خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي نوقتىدىن قاراشتا باشقا مۇسۇلمان ئەللەرگە ئۆرنەك بولىدىغان تەرەپلىرى كۆپ. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن بۇ كىتاپنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىن بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ۋە چۈشىنىش ئەھۋالى بىلەن تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ دىن بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ۋە چۈشىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەلبەتتە بۇنداق بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدە بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەرمۇ بار. بۇ ئايرىم بىر تەتقىقات تىمىسىدۇر. تولۇقسىز ئوتتۇرا 2- يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن، دىن بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ياخشى بىر دەرسلىك بولغان ۋە جەمئىي 126 بەتتىن تەشكىل تاپقان بۇ كىتاپنىڭ 3- بېتىگە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە ئىستىقلال مارىشى، 4- بىتىگە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ياشلارغا قىلغان خىتابى بىرىلگەن، 5 - بىتىگە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ يانچە ھالەتتە تارتىلغان رەڭلىك رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. 6-، 7-، 8- بەتلەرگە دەرسلىكنىڭ مۇندەرىجىسى بىرىلگەن. 9-بەتتىن 122-بەتكىچە دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر قىستۇرۇلغان ھالدا بىرىلگەن. يەنى دەرسنىڭ مەزمۇنى 1- ئېتىقاد(دۇنيا ھاياتى ۋە ئاخىرەت)، 2- ئىبادەت(دىنلاردا ئىبادەت)، 3- ھەزرىتى مۇھەممەد(ھەزرىتى مۇھەممەدنى چۈشىنىش)، 4- ۋەھىي ۋە ئەقىل (ئىسلام چۈشەنچىسىدە تەسەۋۋۇپىي شەرھىيلەر)، 5- ئەخلاق ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى(تۆۋبە ۋە كەچۈرۈش)، 6- دىن ۋە لائىكلىك(ئاتاتۈرك ۋە دىن مائارىپى)، 7- دىن، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت(مەۋجۇت دىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى) قاتارلىق يەتتە چوڭ مەزمۇندىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر مەزمۇن يەنە نۇرغۇن كىچىك تېمىلار بويىچە چۈشەندۈرۈلگەن.

      دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى ئەقىلگە، مەنتىقىگە ۋە پەنگە ئۇيغۇن تەرزدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىسلامىيەتنىڭ ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە بۇ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھەققىدىكى ئەقىدىسى ياخشى شەرھىيلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلامىيەتنىڭ ۋىجدانغا ھۆرمەت كۆرسىتىش، تىنچلىق، ئەخلاقىي مۇكەممەللىك، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەپلىك ھەر بىر ئىنساننىڭ بىر ئېتىقاد ئىگىسى بولۇشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 123-، 124-، 125- بەتتە دەرسلىكنىڭ سۆزلۈكى، يەنى دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى قىستۇرۇلغان. 126- بەتتە دەرسلىكنىڭ تۈزۈشتە پايدىلىنىلغان مەنبەلەر سۈپىتىدە 40 كىتاپنىڭ تىزىملىكى(«قۇرئان»، ھەدىسلەر ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى) بىرىلگەن. تۆۋەندە بۇ دەرسلىكنىڭ 3- چوڭ تېمىسىنى «ھەزرىتى مۇھەممەدكە ئائىت بىر دەرس» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. كېيىنچە دەرسلىكنىڭ باشقا تېمىلارنىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمىز. ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا بەزى ئىسىملار تۈركىيەدە قوللىنىلىۋاتقان شەكلى بويىچە ئېلىندى. مەسىلەن، «ھەزرىتى مۇھەممەد»، «پەيغەمبەر ئەپەندىمىز» قاتارلىق. ھەر قانداق بىر مەسىلىدىكىگە ئوخشاش بۇ تېمىنىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىدراك، بىلىم ۋە ئىتىقادنى ئۇل قىلغان ھالدا چۈشىنىپ تەھلىل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

       تۆۋەندە بىرىلگىنى دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ ئەينى تەرجىمىسى :

     

    ئۈگىنىش ساھەسى: ھەزرىتى مۇھەممەد

    3- دەرس ھەزرىتى مۇھەممەدنى چۈشىنىش

    دەرسىمىزنى باشلايمىز

    1- ھەدىس ۋە سۈننەت ئۇقۇملىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈڭلار.

    2- ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئۈچنى تېپىپ دەپتىرىڭلارغا خاتىرىلەڭلار.

    3- ئاساسلىق ھەدىس مەنبەلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتۇرىنىڭ كىملىكىنى ئۈگىنىپ دەپتىرىڭلارغا خاتىرىلەڭلار.

    1- ھەدىس ۋە سۈننەت «ھەدىس» ۋە «سۈننەت» ئۇقۇملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى ھەققىدە ساۋاقدىشىڭلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىڭلار. ھەدىس – سۆز سۈپىتىدە «سۆز»، «خەۋەر»، «نەقىل كەلتۈرۈش»، «تەبلىغ قىلىش» «بىلدۈرۈش» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. دىنىي بىر ئاتالغۇ سۈپىتىدە بولسا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ مۇسۇلمانلارغا بىلىم بىرىش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش ۋە نەسىھەت قىلىش مەقسىتىدە سۆزلىگەن ئومۇمىي پىرىنسىپ ماھىيىتىدىكى سۆزلىرى «ھەدىس» دەپ ئاتىلىدۇ. سۈننەت – سۆز سۈپىتىدە «مېڭىشقا تىگىشلىك يول»، «ئادەت»، «ھەرىكەت»، «قانۇن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. دىنىي بىر ئاتالغۇ سۈپىتىدە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى، ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇن دەپ تەستىقلىغان ئىشلىرى «سۈننەت» دەپ ئاتلىدۇ. مۇھاكىمە ھەدىسلەردىن ئۆرنەكلەر «ئۇلۇغ ئاللاھ بەزى پەھرىزلەرنى بۇيرىدى. ئۇلارنى تولۇق بىجا كەلتۈرۈڭلار. بىرمۇنچە چەك بىكىتتى، بۇ چەكتىن ئاشماڭلار. بەزى نەرسىلەرنى ھارام قىلدى، ئۇلارنى يىمەڭلار...» - مۇھيىددىن نەۋېۋى، «قېرق ھەدىس»، 96- بەت. «ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى قوشنىسىغا زۇلۇم قىلمىسۇن. ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى مىھماننى ئىززەتلىسۇن. ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى يا خەيرلىك سۆز قىلسۇن يا جىم تۇرسۇن.» - بۇخارى، «ئەدەپ»، 44- ھەدىس «كىچىكلىرىمىزگە ئىچ ئاغرىتمىغان، چوڭلىرىمىزغا ھۆرمەت كۆرسەتمىگەنلەر بىزدىن ئەمەستۇر.» - تىرمىزى، «بىرر»، 15- ھەدىس

    يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردىن قانداق چۈشەنچىگە كىلىسىز؟ ساۋاقداشلىرىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تەيىن قىلىڭلار. ئوتتۇرىغا قويغان چۈشەنچەڭلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتتىكى ئەھمىتى ھەققىدە سىنىپتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈڭلار.

    ئىسلام ئالىملىرى سۈننەتنى «قەۋلى سۈننەت»، «ئەمەلىي سۈننەت» ۋە «تەقرىرى سۈننەت» دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىدۇ. قەۋلى سۈننەت –- سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ بىر تېمىنى چۈشەندۈرۈش ياكى مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت بىرىش مەقسىتىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىدۇر. «ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكىدۇر» ، «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈڭلار، نەپرىتىنى قوزغىماڭلار» دېگەن ھەدىسلەر قەۋلى سۈننەتكە ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. ئەمەلىي سۈننەت -– ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۈگىتىش مەقسىتىدە قىلغان ھەرىكەتلىرىدۇر. مەسىلەن، پەيغەمبىرىمىز تەرەتنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى مۇسۇلمانلارغا ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈگەتكەن. نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى ساھابىلەرگە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۈگەتكەن ۋە ئۇلارغا «مەن نامازنى قانداق ئۇقسام سىلەرمۇ شۇنداق ئۇقۇڭلار» دېگەن.باشقا بىر ھەدىسىدىمۇ «ھەجنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى مەندىن ئۈگىنىڭلار» دەپ بۇيرىغان.

    مىلادى 632- يىلى ھەج قىلغان ۋاقتىدا بۇ ئىبادەتنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى مۇسۇلمانلارغا تەپسىلى كۆرسەتكەن. تەقرىرى سۈننەت -- ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ساھابىلەرنىڭ قىلغان بىر ئىشىنى ياكى سۆزلىگەن بىر سۆزىنى ئۇيغۇن دەپ تەستىقلىغانلىقىدۇر. مەسىلەن، ساھابىلەردىن بىرى سەپەر جەرىيانىدا سۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇغان. ئاندىن كېيىن تېخى ناماز ۋاقتى ئۆتمەيلا سۇ تاپقان، لېكىن نامىزىنى قايتا ئوقۇمىغان. سەپىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەھۋالنى ھەزرىتى مۇھەممەدكە چۈشەندۈرگەن ۋە سۇ تېپىلغاندىن كېيىن نامازنى قايتا ئوقۇشنىڭ لازىم ياكى لازىم ئەمەسلىكىنى سورىغان. پەيمغەمبىرىمىزمۇ ئۇنىڭغا «ناماز تامامدۇر» دەپ ئۇنىڭ قىلغىنىنى تەستىقلىغان.

    2- ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك ۋە ئالەمشۇمۇل دائىرىسى

    «يەرلىك» ۋە «ئالەمشۇمۇل» دېگەن ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلىنىڭلار. سىزچە بىر ھەرىكەتنىڭ يەرلىك ياكى ئالەمشۇمۇل بولۇشىنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ چۈشەنچىڭىزنى دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇڭ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئاخىرىقى پەيغەمبىرىدۇر. ئۇ ئىنسانلارغا ھەم دىنىمىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۈگەتكەن ھەمدە تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆرنەك بولغان. «قۇرئان كەرىم»دىمۇ مۇنداق بۇيرۇلغان: «....رەسۇلىللاھ سىلەر ئۈچۈن، ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغانلار ئۈچۈن گۈزەل بىر ئۆرنەكتۇر.» مۇھاكىمە سىزچە ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئۆرنەك قىلماقچى بولغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ چۈشەنچىڭىزنى سىنىپتا ئوتتۇرىغا قويۇڭ. پەيغەمبەر ئەپەندىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئومۇمەن ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنجى، ئىنسان سۈپىتىدە قىلغان ھەرىكەتلىرى-- ئۇنىڭ تاماق يىيىشى، سۇ ئىچىشى، ئۇخلىشى، ئارام ئېلىشى، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرگە ئۆرنەك بولىدۇ. ئىككىنجى، ئۆزى ياشاۋاتقان ۋە مەنسۇپ بولغان جەمئىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە قىلغان ھەرىكەتلىرى -- يىگەن تاماقلىرى، كىيىم كىيگەن كىيىملىرى، ئۆيىدە ئىشلەتكەن سايمانلىرى، تاماق يىگەندە قوللانغان نەرسىلىرى بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرگە ئۆرنەك بولىدۇ. ئۈچىنجى، ئىسلام دىنىنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى بولغان دىنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرى -– پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى، سۈننىتى مۇشۇ مەزمۇن دائىرىسىدە باھالىدىغان ھەرىكەتلەردۇر. مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزمنى ئۆرنەك قىلىشى، لېكىن ئۆرنەك قىلغاندا ئاڭلىق بولۇشى، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ يەرلىك ۋە ئالەمشۇمۇل دائىرىسىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە قىلغان ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە قىلغانلىرى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك دائىرىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ دىنىي جەھەتتىن بىر باغلىغۇچىلىق تەرىپى يوق. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ھەر قانداق بىر ئىنسانغا ئوخشاش تاماق يىگەن، كىيىم كىيگەن، ئۇخلىغان، ئارام ئالغان، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان نەرسىلەرنى قوللانغان، ئۆزىنى يىتۈشتۈرگەن رايوننىڭ ئىقلىم شارائىتىغا، ئۆرپ – ئادىتىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە كىيىنگەن. شۇ رايوندا يىتۈشتۈرۈلگەن مىۋىلەرنى يىگەن. شۇڭا، ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئۆرنەك قىلىش دېگەنلىك ئۇنىڭ يىگەنلىرىنى يىيىش، كىيگەنلىرىنى كىيىش، قوللانغان نەرسىلىرىنىڭ ئەينىسى قوللىنىش دەپ چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك. پەيغەمبىرىمىزنى ئۆرنەك قىلىش ئۇنىڭ دىنىي ھاياتىنى ۋە ئەخلاقى ئوبرازىنى ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئەكىس ئەتتۈرۈشتۇر. يەنى ئىبادەت قىلغاندا ھەزرىتى پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئەستائىدىل بولۇش، ئۇنىڭدەك دۇرۇست، ئىشچان، پاكىز، ئىشەنچىلىك، ياردەمسۈيەر، كەمتەر، پىداكار، ئادىل ۋە كەڭ قوساق بولۇشتۇر.

    مۇھاكىمە: ھەزرىتى پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىش ئۇنىڭغا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىگە ئايلىنىشنى شەرت قىلىدۇ. ئىزاھ ھەزرىتى پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىش ئۇنىڭدەك جۆر، ئۇنىڭدەك ئاتا، ئۇنىڭدەك قوشنا، ئۇنىڭدەك ۋەتەنداش، ئۇنىڭدەك دۆلەت ئادىمى، ئۇنىڭدەك دوست، ئۇنىڭدەك قۇل، ئۇنىڭدەك تۇغقان بولۇشتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھتائالا پەيغەمبەر ئەپەندىمىز ئۈچۈن مۇنداق بۇيرىغان: «سەن ئەلبەتتە بۈيۈك بىر ئەخلاققا ئىگىسەن.»

    3-دىننى چۈشىنىشتە سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى

    ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق بۇيرىغان.« ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەنلەرنى بايان قىلىپ بىرىشىڭ ئۈچۈن ۋە تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىشى ئۈچۈن ساڭا بۇ قۇرئاننى چۈشۈردۇق.» يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭلار. بۇ ئايەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قايسى ۋەزىپىسىدىن سۆز ئېچىلغان. چۈشەنچەڭلارنى ساۋاقداشلىرىڭلار بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇڭلار. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى «قۇرئان كەرىم»دۇر. شۇ سەۋەپلىك بىز دىنىمىزنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال «قۇرئان»غا مۇراجىئەت قىلىمىز. ئېتىقاد ئاساسلىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، قايسى ئىبادەتلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئەمەل قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە ياساقلىرىنى مۇقەددەس كىتابىمىزدىن ئۈگىنىمىز. ئەمما، «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئىككىنجى بىر مەنبەگە ئىھتىياجىمىز باردۇر. ئۇ بولسا ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدۇر. ئىسلام دىنىنى توغرا ئۈگىنىش ۋە چۈشىنىشتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ئورنى بار. سۈننەت بەزىدە «قۇرئان كەرىم»دە بار بولغان خۇسۇسلارنى تەكرارلايدۇ ۋە ئۇنى كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، «قۇرئان»›دا دىنىمىزنىڭ ئىمان ئاساسلىرى بىلدۈرۈلگەن. ھەزرىتى پەيغەمبەرمۇ ئۆزىدىن «ئىمان دېگەن نىمە» دەپ سورىغانلارنىڭ بىرىگە «ئىمان ئاللاغا، پەرىشتىلەرگە، كىتاپلارغا، پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە، قازا ۋە تەقدىرگە ئىشىنىشىڭدۇر» دەپ جاۋاپ بەرگەن. «قۇرئان»دا ناماز ، روزا، ھەج ۋە زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەر ئەمىر قىلىنغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ بىر ھەدىسىدە «ئىسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان. يەنى كەلىمە شەھادەت كەلتۈرۈش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، زاكات بىرىش» دەپ بۇيرۇپ بۇ ئىبدەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. مۇھاكىمە «پەيغەمبەر سىلەرگە نىمىنى بەرسە شۇنى ئېلىڭلار، نىمىنى چەكلىسە ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىڭلار. ئاللاغا قارشى چىقىشتىن ساقلىنىڭلار.» «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا ئاللاغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرىسە(بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۈزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.» يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىنىمىزدىكى رولى ھەققىدە نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؟ ھەزرىتى مۇھەممەد ھەر خىل ۋەقەلەرگە قارىتا بەزىدە پەرقلىق پوزىتسىيەدە بولغان. سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ قارىشىڭىزنى ساۋاقداشلار بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇڭ. ھەزرىتى پەيغەمبەر مۇنداق بۇيرىغان: «ماڭا ئىتائەت قىلىش ئاللاغا ئىتائەت قىلىشتۇر. ماڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش ئاللاغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتۈر.» بۇ ھەدىسنىڭ بەرگەن خۇش خەۋىرىنى سىنىپىڭلاردا مۇھاكىمە قىلىڭلار. سۈننەت «قۇرئان»دا ماھىيەت سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن خۇسۇسلارنى ياكى تولۇق چۈشىنىلمىگەن ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم»دە ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج ئەمىر قىلىنغان. لېكىن بۇ ئىبادەتلەرنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى بىلىم بىرىلمىگەن. نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى، روزىنىڭ قانداق تۇتۇلىدىغانلىقى، زاكاتنىڭ قانداق ماللاردىن قانچىلىك نىسبەتتە بىرىلىدىغانلىقى ، ھەجنىڭ قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە باشقا تېمىلار ھەزرىتى پەيغەمبەر تەرىپىدىن تەپسىلى كۆرسىتىلگەن. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىگە كۆرە سۈننەت «قۇرئان كەرىم»دە بىلدۈرۈلمىگەن تېمىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى ھۆكۈمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، يىرىتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشىنى يىيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈمىگە باغلانغان. مانا بۇلار دىنىمىزنى چۈشىنىش ۋە ئۈگىنىشتە سۈننەتنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

    4- ھەزرىتى مۇھەممەدنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

    بىر كۈنى بىر كىشى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەپەندىمىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : «دوستۇم تىترىمە! مەن پادىشاھ ئەمەس، قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى قۇرۇق نان يىگەن بىر تۇل ئايالنىڭ ئوغلىمەن.»

    يۇقىرىدكى ھەدىستىن قانداق خۇش خەۋەرنى بىلىشكە بولىدۇ؟ ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پىكىرلىشىڭ. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم بىر ئورنى بار. ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھ ئەۋەتكەن ئاخىرىقى پەيغەمبەردۇر. ئۇ ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈپ ئۈگەتكەن، «قۇرئان كەرىم»نى بايان قىلغان، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان. شۇ سەۋەپلىك، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇنى ياخشى بىلىشى ۋە توغرا چۈشىنىشى كېرەك. ھەزرىتى پەيغەمبەرنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنسانى ۋە پەيغەمبەرلىك تەرىپىنى ياخشى بىلىش كېرەك. «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ ھەر ئىككىلى تەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملەرنى بىرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەممىمىزگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر. بىر ئانا ۋە بىر ئاتىدىن دۇنياغا كەلگەن ، ئۆيلىنىپ بالىلىق بولغان، قېرىپ ئەجىلى توشقاندا ۋاپات بولغان. سائادەتلىك بىر ھاياتقا ئىرىشكەندە سۆيۈنگەن، كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا مەيۈسلەنگەن. ئۇمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىشلىگەن، چارچىغان، ئارام ئالغان ۋە ئۇخلىغان. شۇ سەۋەپلىك ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئىنسان ئۈستى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە كۆرۈش توغرا ئەمەس. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۆزىگە ئىنسان ئۈستى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بېغىشلىنىشىنى توغرا تاپمىغان. «خىرىستىئانلارنىڭ ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگىنىدەك، مېنى ماختاشتا چەكتىن ئاشماڭلار. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلىمەن. سىلەرمۇ مېنى ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى دەڭلار.» ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىنسانى تەرىپى بىلەن بىرلىكتە يەنە پەيغەمبەرلىك تەرىپىمۇ بار. شۇ سەۋەپلىك ئۇنى ئادەتتىكى بىر ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈش توغرا ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان بىر ئەلچىدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشۈرۈپ، ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «...ئى ئىنسانلار مەن زىمىننىڭ ۋە ئاسمانلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىمەن.» مۇھاكىمىلەر «ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنغان. كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئارزۇ قىلسا ياخشى ئىش قىلسۇن، پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشتا ھىچ نەرسىنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمىسۇن» دەپ بۇيرۇلغان. ھەزرىتى مۇھەممەد يۈكسەك ئەخلاقىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بىر ئىنساندۇر ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر ئۆرنەكتۇر. «قۇرئان كەرىم»دىكى بىر ئايەتتە «سەن ئەلبەتتە بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دېگەن ئىپادە بار. ھەزرىتى پەيغەمبەرمۇ «مەن پەقەت ئەخلاقى گۈزەللىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دەپ ئېيتقان. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ بىزلەر ئۈچۈن ئۆرنەك بولغانلىقىنى مۇنداق بىلدۈرگەن: «....رەسۇلىللاھ سىلەر ئۈچۈن، ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغانلار ئۈچۈن گۈزەل بىر ئۆرنەكتۇر.» بىز ھەزرىتى مۇھەممەدنى توغرا چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا توغرا باھا بىرىشىمىز كېرەك. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللانغان بىر ئەلچى، ۋەھىي ئالغان بىر پەيغەمبەر ۋە بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆرنەك بولغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەپەندىمىزنى ناھايىتى سۆيىشىمىز، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز ۋە سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. «ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە مېنىڭ يېنىمدا ئاللاھنىڭ غەزىنىلىرى بار دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە مەن بىر پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن...» «ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھنى سۆيسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار. ئاللاھمۇ سىلەرنى سۆيسۈن ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلسۇن.» «مۇھەممەد ...ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر.» يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن ھەزرىتى مۇھەممەدنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ساۋاقداشلىرىڭلار بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار.

    5- ئاساسلىق ھەدىس مەنبەلىرى

    ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ سۈننىتى ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنجى مۇھىم مۇھىم مەنبەسى بولغانلىقتىن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى بىلىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. بەزى ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىز ھايات چېغىدىلا ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى خاتىرىلەشكە باشلىغان. ۋەقەلەرگە بولغان پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ خاتىرە قالدۇرغان. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىراق، مىسىر، سۈرىيە قاتارلىق ئەللەرگە بېرىپ يەرلەشكەن، بىر قىسمى بولسا ئالەمدىن ئۆتكەن. نەتىجىدە ھەدىسلەرنى بىلىدىغانلارنىڭ سانى ئازايغان. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ جۇغراپىيەلىك ساھەسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن سانى كۆپەيگەن مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئۈگىنىشنى ئارزۇ قىلغان. بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامىدىن ھەدىسلەرنى ئويدۇرۇشقا باشلىغان. مانا بۇ ئامىللار ھەدىسلەرنى توپلاپ كىتاپ قىلىش زۆرۈرىيىتىنى پەيدا قىلغان. ھىجرىيە 2- ئەسىردىن ئېتىبارەن مۇسۇلمان ئالىملار ھەدىسلەرنى توپلاپ بۇ تېمىدا ئەسەر يېزىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ پەيغەمبىرىمىزگە ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ھەدىسلەرنى بىكىتىش ئۈچۈن ھەدىس ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھىجىرىيە 2- ۋە 3- ئەسىرىدىن ئېتىبارەن ئىسلام دۇنياسىدا نۇرغۇن ھەدىس كىتاپلىرى يېزىلدى. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى «كۇتۇبى سىتتە» دېگەن نام بىلەن مەلۇم بولغان ئالتە كىتاپتۇر. «كۇتۇبى سىتتە» تۈۋەندىكى كىتاپلاردىن تەشكىل تاپقان؛ «سەھىھۇلبۇخارىي» -- مۇھەممەد ئىبن ئىسمائىل ئەل-بۇخارىي (869-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ كىتاپ ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس مەنبەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئىمام بۇخارىي بۇ ئەسىرىنى 16 يىلدا 600 مىڭ ھەدىستىن تاللاپ تۈزۈپ چىققان. ئۇ «سەھىھۇلبۇخارىي»نى يازغاندا ناھايىتى ئەستائىدىل بولغان. پەيغەمبىرىمىزگە ئائىت ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا ئازراقلا گۇمان پەيدا بولغان ھەدىسلەرنى ئەسىرىگە كىرگۈزمىگەن. تېمىلار بويىچە تۈزۈلگەن «سەھىھۇل بۇخارىي»دە 7397 ھەدىس بار. «سەھىھۇلمۇسلىم»-- مۇسلىم ئىبن ھەججاج ئەل قۇشەيرى(875- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ئەسەر ئىسلام دۇنياسىدا «سەھىھۇلبۇخارىي»دىن كېيىنكى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قوبۇل قىلىنغان ھەدىس كىتابىدۇر. «سەھىھۇلمۇسلىم»دە ھەدىسلەر تېمىلار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان. ئىمام مۇسلىم ئەسىرىگە 300 مىڭ ھەدىستىن ئەستائىدىل تاللاش ئارقىلىق 3033 ھەدىسنى ئالغان.

    «سۇنەنى -ئەبۇ داۋۇد»-- ئەبۇ داۋۇد سىجىستانى (888-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ئەسەردىمۇ ھەدىسلەر تېمىلار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان. ئەبۇ داۋۇد ئەسىرىدە 500 مىڭ ھەدىستىن تاللانغان 4800 ھەدىسكە ئورۇن بەرگەن. «سۇنەنى-تىرمىزى» -- مۇھەممەد ئىبن ئىسا تىرمىزى(892- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) يازغان بۇ ئەسەردە ھەدىسلەر تېمىلار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان. «سۇنەنى –تىرمىزى»دا 3962 ھەدىس بار. «سۇنەنى-ئىبن ماجە» -- مۇھەممەد ئىبن ماجە(886- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) يازغان بۇ ئەسەرمۇ تېمىلار بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەسەردە 4341 ھەدىس بار.

    «سۇنەنى –نەسائىي» --ئاپتورى ئەبۇ ئابدۇراھمان ئەھمەد بىن شۇئەيب ئەننەسائىي»(916- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) دۇر. بۇ كىتاپمۇ «كۇتۇبى سىتتە»دىكى باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاش تېمىلار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان. «كۇتۇبى سىتتە»دىن باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنغان ھەدىس كىتاپلىرى ئەھمەد ئىبن ھەنبەل(767- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ «مۇسنەد» دېگەن كىتابى بىلەن مالىك ئىبن ئەنەس(795- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ «مۇۋەتتا» دېگەن ئەسىرىدۇر. مۇھاكىمە «ئىمام بۇخارىي ھەرقانداق بىر ھەدىسنى ئەسىرىگە كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تەرەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان. بولۇپمۇ ئاللاغا ئىلتىىجا قىلىپ مەنىۋىي ئىشارەت ئىزدىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەدىسنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە ھۆكۈم قىلغان. «شۇ شەكىلدە مەن ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىدىن ئازراق گۇمان قىلغان ھەر قانداق بىر ھەدىسنى ‹سەھىھۇلبۇخارىي›غا ئالمىدىم دېگەن.»

    يۇقىرىدىكى مەلۇماتتىن قانداق قانداق بىر خۇش خەۋەر تېپىشقا بولىدۇ؟ ساۋاقداشلىرىڭلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىڭلار.

    باھالاش مەشقلىرى

    1- سۈننەت قانچىگە ئايرىلىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىڭ.

    2- پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك ۋە ئالەمشۇمۇل دائىرىسى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىڭ.

    3- «قۇرئان» بىزگە ھەزرىتى مۇھەممەدنى قانداق تۇنۇشتۇرىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بىرىڭ.

    4- ھەزرىتى پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈشەندۈرۈڭ.

    5- سۈننەتنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى نىمە؟ مىسال بىلەن بايان قىلىڭ.

    6- تۈۋەندىكى بوش ئورۇننى مۇۋاپىق سۆز بىلەن تولدۇرۇڭ.

    پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانلارغا بىلىم بىرىش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش ۋە نەسىھەت قىلىش مەقسىتىدە سۆزلىگەن ئومۇمىي پىرىنسىپ ماھىيىتىدىكى سۆزلىرى ----- دەپ ئاتىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى، ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇن دەپ تەستىقلىغان ئىشلىرى----- دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ مەشھۇر بولغان ۋە قوبۇل قىلىنغان ئالتە ھەدىس كىتابى ---------دەپ ئاتىلىدۇ.

    7- تۈۋەندىكى بىلىملەردىن توغرا بولغىنىنىڭ ئالدىغا(D) خاتا بولغىنىنىڭ ئالدىغا (H) ھەرىپىنى يېزىڭ.

    ( ) ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىدىن بىرىنجىسى «قۇرئان»، ئىككىنجىسى بولسا سۈننەتتۇر.

    ( )ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ كىيگەن كىيىمى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل دائىرىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

    ( ) ئىبادەتلەرنىڭ قانداق، قاچان ۋە نىمە ئۈچۈن قىلىنىدىغانلىقىنى «قۇرئان»دىن تولۇق ھالدا تاپالايمىز.

    ( ) پەيغەمبىرىمىزنى باشقا ئىنسانلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي كەلگەن بىر پەيغەمبەر بولغانلىقىدۇر.

    ( ) ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ئۈگىنىشىمىز ۋە تەدبىقلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيىتكە ئىگە.

    8- تۈۋەندىكىلەرنىڭ قايسىسىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك دائىرىسىگە مەنسۇپ دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    A .ئىبادەت قىلىشتا قىزغىن ۋە ئەستائىدىل بولۇشى

    B. ئۆيىدە ئىشلەتكەن نەرسىلەر

    C. پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىشى

    D. ئادىل بولۇشى

    E. دۇرۇست ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشى

    تۈۋەندىكىلەرنىڭ قايسىسى خاتا

    A. تىرمىزى --«سۇنەن»

    B. ئەبۇ داۋۇد --«سۇنەن»

    C. بۇخارىي --«سەھىھۇل بۇخارىي»

    D. مالىك ئىبن ئەنەس --«سەھىھۇلمۇسلىم»

    E . ئەھمەد ئىبن ھەنبەل --«مۇسنەد»



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تۈركىيە , ئىسلام دىنى , مۇھەممەد پەيغەمبەر.
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-25 16:40:09
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 474
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证