تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› كۇردلار زادى كىم؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كۇردلار زادى كىم؟



      

    كۇردلار

    غەربىي ئاسىيا كۇردلار رايونى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھىندى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. ئاساسلىقى زاگروس تاغ تىزمىلىرى بىلەن تورۇس تاغ تىزمىلىرى رايونىغا جايلاشقان: شەرق تەرەپتە ئېراندىكى كىرمانشاھخاندىن، غەربتە تۈركىيىنىڭ موغرات دەرياسىغىچە؛ شىمالدا ئەمېنىيەدىن، جەنۇبتا ئېراقنىڭ كىركۇكقىچە بولۇپ، يىراق بولغاندا سۈرىيىنىڭ ھالابقىچە تۇتىشىدۇ. ئايرىم ھالدا %45ى تۈركىيىدە، %31.2ى ئېراندا، %22.4ى ئېراقتا، %4.9ى سۈرىيىگە تارقالغان بولۇپ، يەنە ئاز قىسىملىرى لىۋان، ئافغانىستان، ئىئوردانىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان. كۇردلار ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇسى ئەرەب، تۈركىيە ۋە پارسلاردىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مىللەت.

    كۇردلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

    كۇردلار ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا ئەڭ قەدىمىي بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى مېدېلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن.  ئۇلار 2000 يىللاردىن بېرى كۇردستان تاغ رايونلىرىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. كۇرد تىلىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، كۇرد تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە بولۇپ، جەنۇب-شىمال تەرەپ بولۇپ ئىككى يەرلىك شىۋىگە بۆلىنىدۇ. ئېراقتىكى كۇردلارنىڭ يېزىقى ئەرەب ھەرپلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى كۇردلارنىڭ يېزىقى بولسا لاتىن ھەرىپىنى ئاساس قىلىدۇ، روسىيەدىكى كۇردلار بولسا سىلاۋيان ھەرىپىنى ئاساس قىلىدۇ. گەرچە ئىككى خىل يېزىلىش شەكلى ئوخشاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت بۆلۈنۈپ تۇرغان سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت تىلى ئىشلىتىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە بولغان. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى سۈنىي مەزھەپكە كىرىدۇ، ئاز قىسىملىرى بولسا شىئە مەزھىپىگە ئىشىنىدۇ. يېقىندىن بۇيان بۇلار ئۆز دۆلىتىنى  يەنى كۇردستاننى قايتىدىن قۇرۇش تەلىپى كۈچىيىپ قالغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم تۇتۇشۇپ قالماقتا.

     

    تارىخى

    كۇردلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى تارىخى ئەھۋالىغا نىسبەتەن، بىزنىڭ چۈشەنچىمىز ئىنتايىن ئاز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ بۇ ئېگىزلىكتە ياشاۋاتقانلىقىغا نەچچە مىڭ يىللار بولغىنىغا قارىغاندا، كۇردلاردىن ئىبارەت بۇ نامنىڭ مىلادى 7-ئەسىردە پەيدا بولغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىزمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس.

    ئەرب ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا، كۇردلار فېئوداللىق خانلىق قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر، مۇڭغۇللار نەچچە قېتىم كۇردستانغا ھۇجۇم قىلغان. كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇرغان رايون كۇردستان دەپ ئاتالغان. بۇ رايونلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى ئەسلىدە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. 12-ئەسىر زامانلىرىدا، سەلچۇق سۇلتانى سازار كۇردستان ئۆلكىسىنى دەسلەپتە قۇرغان ئىدى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 17-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە، فىئوداللىق تۈزۈمى بارغانسېرى شەكىللەنگەن. 19-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ، كۇردلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا ئىچىدە ئۆزىنىڭ يېرىم ئاپتونومىيىلىك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، تۈركىيە ۋە ئېران ئارىسىدىكى ئارىلىق زوناغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى سەۋەبلىك، كۇردلار نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1920-يىلى ئىمزالانغان «سەۋرېس كېلىشىمنامىسى»دە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولغان كۇردستان قۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىمنامە ماقۇللىنىشتىن ئۆتمىگەن. 1923-يىلى «لائۇسان كېلىشىمنامىسى» «سەۋرېس كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئورنىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىمنامىدە كۇردلار ۋە كۇردستان توغۇرلۇق ھېچقانداق توختالمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇيەر-بۇ يەرلەردە قىسقا قوراللىق توقۇنۇشلار بولغان بولۇپ، 1931~1932-يىللىرى ۋە 1944~1945-يىللىرى ئېراندىكى كۇردستاندا كەسكىن بولغان ئىنقىلاپ يۈز بەرگەن. تۈركىيەدىكى كۇردلار  بولسا ھۆكۈمەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش غەرىزىدە  بولۇپ، كۇردلارنى «تاغلىق تۈركىيەلىكلەر» دەپ ئاتىغان. ئېراندىكى كۇردلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئاسسىمىلاتسىيەلەشتۈرۈش بېسىمىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئېران شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئامالسىز چىشىنى چىشلىگەن. ئېراقتىكى كۇردلار ئۇچرىغان مەدەنىيەت بېسىملىرى ئانچە ئېغىر بولمىغان. 1958-يىلى ئېراق خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت كۇردلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئارزۇلىرىنى قاندۇرالمىغان. 1970-يىلى يېڭىدىن گۈللەنگەن پارتىيە ھۆكۈمىتى ئېراقتىكى كۇردلارنىڭ چەكلىك بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغان. 1988-يىلى ئېراقتىكى كۇردلار ئېراقنىڭ قۇراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان كۇردلار ئامالسىز ئېراقتىن ئايرىلغان.

     

    ئېراقتىكى كۇردلار توپلاشقان رايونلار

    ئېراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى كۇردلار رايونىدا ئاساسلىقى كۇرد دېموكراتىك پارتىيىسى ۋە كۇردستان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھەربىي قوراللىق تەشكىلاتلار  بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر رايوننى كونترول قىلىش مەقسىتىدە كۈرەش قىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان. 1980-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئېران-ئېراق ئۇرۇشى ۋە 1991-يىلىدىكى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە، ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېراقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېراق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. 1991-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كۇردلارنى قوغداش باھانىسىدە، ئېراق زېمىنىنىڭ شىمالىي 36 گىرادۇسلۇق يېرىدىن شىمالغا سوزۇلغان 4.4 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يېرىگىچە بولغان زېمىندا «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇپ، ئېراق ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ياكى ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى توستى. ئېراق ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبلىك شىمالدىكى كۇردلار رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويدى.

    ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، «كۇردلار خەلق پارتىيىسى» بىلەن «كۇرد سۆيەر پارتىيىسى» ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش كېلىشىمى تۈزدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئېراقنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتتە ئازراق ياخشىلىنىش  بولدى. ئەمما 1994-يىلىدىن بۇيان، بۇ ئىككى گۇرۇھ ھوقۇق ئايرىلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇشتى. 1992-يىلى 5-ئايدا، «كۇرد مىللىي پارتىيىسى» بىلەن «كۇرد سۆيەر پارتىيىسى» تارىختىكى تۇنجى سايلام ئۆتكۈزۈپ، شۇ يىلى 6-ئايدا پارلامېنت، 7-ئايدا ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، ئېراق مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. 2001-يىلى 1-ئايدا، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان توقۇنۇش ھەربىي كۈچلىرىنى ئازايتىش ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، قاتناش قولايلىقى يارىتىپ بېرىشتەك بىر قاتار كېلىشىمنامىلەرنى ئىمزالىدى ھەمدە بىخەتەرلىك ھەمكەرلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرلەشمە بايانەت ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 11-ئايدا، سادام كۇردلارنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشىغا قوشۇلدى. «سادامنى يىقىتىش» ھەرىكىتىدىن  بۇيان، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە كۇردلار ئارقىلىق سادامنى يىقىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلدى.

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۇردستان تۈركىيە، ئېراق، ئېران، سۈرىيە، لىۋان، ئەزەربەيجان ۋە ئەمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلارنىڭ سانى ئېراقلىقلارنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان  بولۇپ، ئېراقتىكى سانى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلار ئىزچىل تۈردا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە بولۇپ كەلدى.

    گەرچە دۇنيادا ئۇزۇن مەزگىل ئالاھىدە زېمىندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، كۇردلار بىر مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدى، ئەمما ئۇلار ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ھەربىي ئىشلار ماھىرلىقىغا ئىگە مىللەت ئىدى. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ھەربىي قوشۇنلار ئارىسىدا ئۇتۇق قازانغان ياللانما ئەسكەر ياكى كەسپى ھەربىي-ئوفېتسىرلاردىن بولۇپ قالدى. غەرب ئەللىرىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كۇرد مىللىتىدىن بولغان سالاددىن، كۇردلارنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى شان-شۆھرىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى. ئەنئەنىۋىي بولغان كۇرد جەمئىيىتى قەبىلىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئەڭ ئالىي داھىيلەر شەيىخ ياكى ئاگا دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھېلىھەم ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ھاكىمىيەت ھوقۇقىغا ئىگە. ئەكسىچە قەبىلىسىز كۇردلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشى ئىنتايىن تېز بولغانىدى.

     

    مەدەنىيەت

    ئۇلار دۆلەت ئاتلىغان مىللەت ۋە تىل-يېزىق گۇرۇھى بولۇپ، ئاناتولىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تارنوس تاغ تىزمىلىرىدا، ئېراننىڭ شىمالىدىكى زاركوس تاغ بېقىنلىرىدا، ئېراقنىڭ شىمالى ۋە يان خوشنا رايونلىرىدا ياشايدۇ. كۆپ ساندىك كۇردلار ئېران، ئېراق ۋە تۈركىيەگە يېقىن رايونلاردا ياشايدۇ. كۇرد تىلى پارس تىلى بىلەن پاشتو تىلىنىڭ غەربىي ئېران تىلىغا يېقىن كېلىدىغان تىل. ئەنئەنىۋىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلار تۇرمۇشىنى كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كوي ۋە ئۆچكە باقىدۇ، ھەمدە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. تاغلىق رايونلارغا ئورۇنلاشقان كۇردلار بولسا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوي،  كالا، ئۆچكە ۋە ئات باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە گىلەم توقۇش، ياغاچچىلىق، تېرىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ تۈزلەڭلىكتىكى كۇردلار بولسا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، بۇغداي، شال، كۆممۈقوناق، ئارپا، كەندىر ۋە كېۋەز تېرىيدۇ ھەمدە باغۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، قاتتىق بېكىتىلگەن دۆلەت چېگرىسى چارۋىلارنىڭ پەسىللىك ئالمىشىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، كۇردلارنىڭ ھەممىسىسنى يەر تېرىشقا مەجبۇر قىلدى. بەزىلىرى بولسا زامانىۋىي كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ كۇرد مىللىتىنى كۆپ قېتىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى سەۋەبلىك، چارۋىچىلىقتىن ۋاز كېچىدىغانلار شۇنچە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئېران، ئېراقنىڭ نېفىت سانائىتى گۈللەنگەندىن تارتىپ، كۇردلار ئارىسىدا نېفىت ئىشچىلىرىمۇ پەيدا بولدى. ئەمما مەيلى چارۋىچى ياكى مۇقىم ئاھالىلەر بولسۇن، كۇردلار يەنىلا كۆپ قەبىلىلەشكەن تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، قەبىلە  باشلىقى شەيخ تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. يەر-زېمىنغا ئاقسۆڭەك ئېسىلزادىلەر ئالدى بىلەن ئېرىشىپ، ئۇنى باشقا ئاھالىلەرگە ئىجارىگە بېرەتتى. كۆپلىگەن شەيخلەر چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، كۆپ تەربىيە ئالمىغان ئىدى. كۇرد ئاياللىرى يۈزىگە چۈمبەل تارتمەيدىغان بولۇپ، مېھمانلار بىلەن ئازادە پاراڭ قىلىشىپ، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگىمۇ قاتنىشالايدۇ.

     

    كۆپ قىسىم كۇردلار سۈنىي مەزھىپىگە كىرىدۇ

    ئۇلاردا سىرلىق بولغان، باشقىچى بىر يەرلىك دىنىي خاسلىقلار بار. كۇردلار كۆپرەك ئۆز مىللىتى ئىچىدە قۇدىلىشىدۇ. شەھەردىن باشقا رايونلاردا توۇ قىلىش يېشى ئوغۇللارنىڭ 20 ياش، قىزلارنىڭ 12 ياش قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. ئائىلىلەر ئاتا-ئانا ۋە ئوغۇل-قىزلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئىسلام دىنى قانۇنى يولغا قويىدىغان بىر ئەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇش تۈزۈمى ھېلىھەم ئەمەلىيلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەمما تۈركىيە قانۇنىدا بۇ چەكلەنگەن. كۇرد ئايال-قىزلىرى (ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئېران ۋە تۈركىيە ئايال-قىزلىرىغا قارىغاندا جۇشقۇنراق كېلىدۇ) كۇرد ئەرلىرىگە ئوخشاش، شەھەرلەردە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ۋە خىزمەت قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولالايدۇ.

     

    كۇردلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى

    بۇ كۆپ خىل ئامىللاردىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن يېڭى بىر خىل ھادىسە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيەلىكلەر ئېلىپ كىرگەن مال-دۇنيا ئېڭى، قەدىمقى كۇردستان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنغانىدى. مەسىلەن، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە روسىيە بۇ ئۈچ دۆلەت پارس قولتۇقى رايونلىرى مەنپەئەتىدىكى تەسىر كۈچى. بۇ ئامىللار ۋە باشقا ئامىللار، قىسمەن ئۇقۇمۇشلۇق كۇردلار تەرەققىي قىلدۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، كۇردلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى شەكىللىندۈرگەن.

     

    تارىختىك كۇردلار تىلى

    تارىختىكى كۇردلار پارس يېزىقى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى ياكى كۇرد يېزىقى ئارقىلىق شېئىر يېزىپ، ھېكايە توپلىغان، نۇرغۇنلىغان تارىخىي كىتابلارنى يىغقان. شائىر فۇزۇلىنىڭ شېئىرلىرىمۇ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. 1897-يىلى پەيدا بولغان بىرىنچى نۇسخىدىكى كۇرد يېزىقىدىكى گېزىت ئارانلا 1902-يىلىغىچە نەشىردىن چىقالىغان. 1908-يىلى ئىستانبولدا قايتا بېسىلغان. ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇنجى كۇرد سىياسىي كۇلۇبى ۋە ئۇلارغا مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان؛ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ گېزىت قاھىرەدە قايتىدىن بېسىلغان.

    يۇسران تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-23 19:46:08
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1708
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证