تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› باراك ئوباما-ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    باراك ئوباما-ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى



      

    ئامېرىكا 44-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى باراك ئوباما

     

    تولۇق ئىسمى: باراك ھۈسىيىن ئوباما

    توغۇلغان ۋاقتى: 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى

    ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 2009-يىلى1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۈگۈنگىچە

    كېلىپ چىقىشى: خىزمەتچى

    ئوقۇش تارىخى: دوكتۇر (چېكاگو ئۇنۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى)

    كەسپى: ئادوۋكاتلىق

    پارتىيە-گۇرۇھى: دېموكراتلار پارتىيىسى

    دىنىي ئېتىقادى: بىرلەشمە خىرىستىئان دىنى جەمئىيىتى (يېڭى دىن)

    ۋەزىپىسى: فدراتىپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى

    رەپىقىسى: مايشېل راۋئون روبىنسون

    پەرزەنتى: ئىككى قىز (مارىيا، ساشا)

    ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «دادامنىڭ غايىسى» (1995)، «قورقماس ئارزۇ» (20069، «بىز ئىسلاھاتقا ئىشىنىمىز» (2008)؛

    ھېكمەتلىك سۆزى: مۇبادا سىز ماڭغان يول توغرا بولسا، ھەمدە سىز داۋاملىق شۇ يولدا مېڭىپ كېتەلىسىڭىز، سىز ھامان غەلبە قىلىسىز!

    بۈگۈن بىز مىسلىسىز كۈرەشكە يۈز تۇتماقتىمىز، ھەممە نەرسىلەر شۇنچىلىك ناتونۇش، ئەمما، بىزنىڭ غەلبىگە بولغان قىممەت قارىشىمىز ئەزەلدىن ئۆزگۈرۈپ قالغىنى يوق ــــ سەمىمىي، ئىجتىھاتچان، باتۇر، ئادىل، كەڭ قورساق، تىرىشچان، سادىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرمىز.

    بىز كۈرەشكە يۈز تۇتقىنىمىزدا، بوشاڭلىق قىلمىدۇق، چېكىنمىدۇق. بىز تەڭرىنىڭ مېھرىبانلىقى ئاستىدا يىراقلارغا كۆز تىكتۇق، بىز ئەركىلىكنىڭ يوللىرىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، بىزنىڭ روھىمىز مەڭگۈ پارلاق نۇر چېچىپ تۇرغۇسى!

     

    بىرىنچى: ئافرىقا ئەۋلادى   مۇرەككەپ ئائىلە

    باراك ئوباما ئافرىقا قارا تەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، دادىسى كېنىيەلىك ئىدى. ئوبامانىڭ بوۋىسى ھۈسىيىن ئوباما كېنىيەدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئوبامانىڭ دادىسى باراك ھۈسىيىن ئوباما (ئوباما بىلەن ئوبامانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئوخشاش ئىسىم بولۇپ، بۇ يازمىمىمىزدا ئوبامانىڭ دادىسىنى چوڭ ئوباما دەپ ئالىمىز)مۇ ئەنە شۇ يەردە تۇغۇلغان ئىدى. ئوباما جەمەتى كېنىيەنىڭ لۇئو مىللىتىدىن بولۇپ، بۇ مىللەت شۇ يەردىكى كىكۇيۇ مىللىتىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مىللەت ئىدى. ئوباما ھاۋايدا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، سىنىپ مەسئۇلى بىر قېتىم ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ سورىغان: «سېنىڭ داداڭ قايسى قەبىلىدىن؟» شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئوباما تەمتىرىگىنىدىن لۇئو مىللىتىدىن دەيمەن دەپ، تەمتىرەپ گاچىلىشىپ «لۇ..لۇ...لۇ...» دەپ گېپىنى تۈگەتمەستىنلا سىنىپتىكى بالىلار ئۇنى دوراپ «لۇ...لۇ» دېيىشكە باشلىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئۇششاق بۈدرە چاچلىرىنى سىيلاشقا ئۇرۇنۇپ ئۇنىڭغا مۇزىيخانىدىكى ئەۋرىشكىلەردەك قىزىقىپ قارىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئىسمىمۇ كىشىلەرگە قىززىق تۇيۇلغان. ئوبامانىڭ ئىسمىدىكى «باراك» سۆزى كىسۋاھىل تىلىدا «بەركەتلىك» دېگەن مەنىدە، «ھۈسىيىن» بولسا ئەرەب تىلىدا «گۈزەل» دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقىلار دائىم ئۇنى شۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئاتىۋالغان. ئوباما كېيىن ئۆز تەرجىمىھالىدا، دائىم باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن «نەدىن كەلگەن كۈلكىلىك ئىسىم بۇ؟» دەپ سورايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. گەرچە ئوباما بۇنداق سۇئال سوراشلارغا كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئىرق مەسىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغاندەك قىلاتتى.

    ھەقىقەتەنمۇ، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى كەسىپ ھايات ۋە سىياسىي ھايات مۇساپىلىرىدا، ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئوباماغا ئاز بولمىغان گاڭگىراش ۋە توسقۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئەلۋەتتە يەنە بەزى چاغلاردا ئۇنىڭغا مەلۇم خىلدىكى ئەۋزەللىكنى ئېلىپ كەلدى. ئوباما ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئافرىقىلىقنىڭ ئەۋلادى بولۇش ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى قىيناپ قويغانىدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە پىرىزدېنتلىق سايلىمى رىقابىتىدە بولسا، ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى كەڭ سايلىغۇچىلارنىڭ غۇلغۇلا تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. تېخىمۇ ئالاھىدە بولغىنى، ئوبامانىڭ ئاپىسى ساپ ئاق تەنلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا شەكلىدىكى مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلىقى سەۋەبلىك بەزىلەر ئۇنى سايلام رىقابىتىدا «تېرىسى قارا ئاق تەنلىك، تېرىسىدىن باشقا ھىچنىمىسى قارا ئەمەس» دەپ ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قارا تەنلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمىدىكى «ھۈسىيىن» سۆزىنىڭ ئىسلامىي خاراكتېرىمۇ  ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.

    ئوبامانىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككى ئوخشىمىغان ئېرىقتىن بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، ئوبامانىڭ دادا بىر ئانا باشقا ۋە ئانا بىر دادا باشقا قېرىنداشلىرىمۇ كۆپ ئىدى.

    ئوبامانىڭ دادىسى چوڭ ئوباما ئۈچ قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئوبامانىڭ ئۆز ئاپىسى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىككىنچى ئايالى ئىدى. چوڭ ئوبامانىڭ تۇنجى ئايالى كېگىرا بولسا يەرلىك كېنىيىلىك بولۇپ، ئۇ چوڭ ئوباما بىلەن بىللە ئۈچ پەرزەنتلىك بولغانىدى. 23 ياشقا كىرگەندە، چوڭ ئوباما ئامېرىكا ھاۋايغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئايالىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھاۋايدا ئوبامانىڭ ئاپىسى ئەنگى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇ ئايالى بىلەن رەسمىي ئاجراشقان. دادىسىنىڭ كېنىيىدىكى نىكاھ ئىشىنى ئوباما دەسلەپتە بىلمىگەنىدى. ئوبامانىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئاكىسى داۋىد 20 ياشتىن ئاشقاندا بىر قېتىملىق موتوسېكىلىت ۋەقەسىدە قازا قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئوباما ئۇنۋېرسىتېتنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەنىدى. ئوبامانىڭ دادا بىر ئانا باشقا ھەدىسى ئوما ئىلگىرى گېرمانىيىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئوباما جەمئىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا، ئۇلار ئامېرىكىدا ئۇچراشقان ئىدى. ھەدە-ئىنى ئىككىيلەن بىر كۆرۈشۈپلا يېقىن بولۇپ كەتكەن، خۇددى كىچىكىدىن باشلاپ بىللە چوڭ بولغاندەك پاراڭلاشقانىدى. ئوباما ھەدىسى ئومانىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنىڭ يەنە روي ئىسىملىك دادا بىر ئانا باشقا ئاكىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. ئۇلار دادىسى بىلەن ئاپىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەممىسى دادىسى تەرەپتە قالغان ئىدى، چۈنكى چوڭ ئوباما كېنىيىدىكى خېلى داڭلىق بايلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرغانغا قارىغاندا دادىسىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    رەسىمدە ئوبامانىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى

    چوڭ ئوباما ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ دۆلىتىگە قايتىدىغان چاغدا، ئوبامانىڭ ئاپىسى ئەنگې بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، چوڭ ئوباما يەنە بىر رۇس ئىسىملىك ئاق تەنلىك قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان ئىدى. بۇ ئايال ئوباما ۋە ئۇنىڭ دادا بىر ئانا باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بولۇپ قالغانىدى. ئوبامانىڭ دادىسى بىلەن بۇ ئايال يەنە ئۈچ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، ئۇلار بونارد، ماك ۋە جورجىلار ئىدى. بونارد ئۆزىنىڭ بىر ئوبامادەك ئاكىسى بولغانلىقىدىن چوڭقۇر خۇرسەن بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى  ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ماك بىلەن ئوباما ئىككىسى بىر-بىرسىگە ئوخشاپ قالاتتى، ئوبامانىڭ 1988-يىلدىكى يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرىدە، ئەينى ۋاقىتتا سىتانفوردتا ئوقۇۋاتقان ماك كېنىيىگە قايتىپ يازلىق تەتىل قىلىۋاتقان ئىدى. ئەمما، ئۇ ئىككىسىنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقمىدى. ماك دادىسى چوڭ ئوباماغا نىسبەتەن ھېچقانداق ياخشى كۆز قاراشتا ئەمەس بولۇپ، دائىملا ئۆزىنىڭ ئافرىقىلىقنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى قىسقارتىش تاللىشىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ماكنىڭ ئىنىسى جورجىنى ئوباما كىنىيىدىكى مەكتەپ مەيدانىدا كۆرۈپ بۇ ئۇكىسىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى، دادىسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

    ئوبامانىڭ ئۆز ئانىسى ئەنگېمۇ كېيىن باشقا بىر ئادەمگە ياتلىق بولغانىدى. ئۇ كىشى ھىندونىزىيىلىك بولۇپ ئىسمى رورو ئىدى. ئۇ ئىككىسى ھاۋايدىكى ئۇنۋېرسىتېتتا تونۇشۇپ قالغانىدى. ئىككى يىل ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار توي قىلىپ، رورو ئوبامانىڭ ئۆگەي دادىسى بولۇپ قالغانىدى. توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھىندونىزىيىلىك بۇ دادا دۆلىتىگە قايتماقچى بولدى، ئوباما بىلەن ئاپىسى ئىككىيلەنمۇ روروغا ئەگىشىپ ھېندونوزىيىگە كەلدى. ئۇ چاغدا ئوباما 4 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ تۇرمۇش يېڭىلىققا ۋە  غىدىقلاشلارغا تولغان ئىدى. ئەمما رورونىڭ كىشىلىك ئەخلاقىنى ئوبامانىڭ ئۆز دادىسىغا پەقەتلا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. رورو بىلەن ئەنگېنىڭ بىرقىزى بار بولۇپ، ئىسمى مايا ئىدى. بۇ ئوبامانىڭ بىردىنبىر ئانا بىر دادا باشقا قېرىندىشى ئىدى. مايا ئاپىسى بىلەن دادىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئاپىسى ئەنگې بىلەن بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئوباما بىلەن بىللە ياشىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئىدى.

    چوڭلار ئىچىدىن بولسا، ئوباما مومىسى سارانى شۇ قېتىملىق يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرىدە پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈپ باققانىدى. ئوباما پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، مومىسى ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇنى تەبرىكلىگەنىدى.

    بۇنداق سېلىشتۇرۇشلارغا قارىغاندا ئوبامانىڭ ئاپىسى تەرەپتىكى مومىسى ۋە بوۋىسى بىلەن تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئىدى. 4 ياشقا كىرگەندى ھىندونۇزىيىگە كېتىشتىن ئاۋۋال، ئۇ ئاپىسى ۋە ئاوا تەرەپ مومىسى ۋە بوۋىسى بىلەن بىرلىكتە ھاۋايىدا بىللە تۇرغان ئىدى. ئۇ ئون ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، ھاۋايدا شۇ موما-بوۋىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇرغانىدى. ئۇنىڭ بۇ بوۋا-مومىلىرى ئىلگىرى تېكساس شىتاتىدا تۇرغان بولۇپ، كېيىن سېئاتىل قاتارلىق جايلاردىمۇ تۇرغانىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بوۋىسى ئارمىيەگە قاتناشقان بولۇپ، ئوبامانىڭ ئاپىسى دەل بوۋىسى ھەربىيلىكتە تۇرغان شۇ گازارمىدا تۇغۇلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئوبامانىڭ مومىسى بومباردىمانچى ئايروپىلانىغا سىم سەپلەش خىزمىتى قىلاتتى. كېيىن ئوبامانىڭ بوۋىسى بارتون گېنىرالغا ئەگىشىپ فىرانسىيىگە ئۇرۇشقا بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇرۇش ئاخىرلاشقانىدى. دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، «سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى»گە ئاساسەن، ئوبامانىڭ بوۋىسى ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنىدى. ئاندىن بوۋىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلەش مەقسىتىدە ھاۋايغا كەلگەنىدى.

    ئوباما ۋە ئاپىسى

    ئۇنىڭ ئاپا تەرەپ بوۋا مومىسى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەتمۇ بەك چوڭقۇر ئىدى. ئوبامانىڭ قەلبىدىكى دادىسىنىڭ قاۋۇل ئوبرازىنى، دەل مۇشۇ بوۋىسى بىلەن مومىسى قالدۇرغان بولۇپ، ئوبامانىڭ كۈرەشلىك ھاياتىمۇ بۇنىڭ ئىچىدىن ئاز بولمىغان بىلىملەرگە ئېرىشكەنىدى. ئوباما بالىلىق چاغلىرىدا، ئۇنىڭ بوۋىسى ئوبامانىڭ دادىسى رولىنى ئۆتىگەن بولغاچقا، ئوبامادا ئەزەلدىن دادا مېھرى كەم  بولۇپ باققان ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مومىسى بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئوباماغا بولغان كۆيۈنۈشىمۇ ئەڭ كۆپ ئىدى. 2008-يىلى 10-ئايدا، سايلام رىقابىتى بىلەن ئالدىراش بولغان ئوباما 86 ياشقا كىرگەن مومىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئېغىر ئاغرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، 23-،23-ئۆكتەبىردىكى سايلام رىقابىتى نۇتۇق سۆزلەش يىغىلىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇرپ، ھاۋايغا مومىسىنى يوقلاش ئۈچۈن كەتكەنىدى. 11-ئاينىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ مومىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما موماي تىنىقى بار ۋاقىتلىرىدىلا، ئۆزىنىڭ بېلىتىنى پوچتا ئارقىلىق تاشلىغان ئىدى.

    ئوبامانىڭ ئاتا تەرەپ توققانلىرى ئارىسىدا، بىر نەچچە تاغا ۋە ھاممىلىرى بار ئىدى. زېتۇن ھاممىسى بولسا چوڭ ئوبامانىڭ دادا بىر ئانا باشقا ھەدىسى بولۇپ، ئۇ ئوباما يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرىدە كېنىيىگە كەلگەندە ئايدرومغا ئالدىغا چىققان ئىدى. سارا ھاممىسى ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەبلىك ئوبامانى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشمىغان ئىدى. ئوباما زېتۇن ھاممىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا سارا ھاممىسى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ چوڭلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇنچە قويۇق ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئوباما سايلام رىقابىتىنىڭ ھالقىلىق كۈنلىرىگە كەلگەندە، ئاخباراتچىلار ئۇنىڭ ھېتۇن ھاممىسىنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، بۇ ئىش سەۋەبلىك ئوباما قارا كېتىشكە ئازلا قالغانىدى. كېيىن ئوباما ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ ھاممىسى زېتون بىلەن خېلى ئۇزۇن مەزگىلنىڭ ياقى ھېچقانداق ئالاقىدە بولۇپ باقمىغانلىقى، ھەمدە ئۇ ھاممىسىنىڭ بوستۇندا تۇرىدىغانلىقىدىنمۇ ھېچقانداق خەۋىرىنىڭ يوقلىقى ئىسپاتلانغانىدى.

      كېسىپ ئېيتقاندا، ئوبامانى ئافرىقىلىقنىڭ ئەۋلادى دېسەك پەقەت يېرىم توغرا دېگەنلا بولىمىز. ئوبامانىڭ ئاپا تەرەپ تۇققانلىرىنىڭ ھەممىسى ساپ ئاق تەنلىك بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك داڭلىق جەمەتلەر بىلەن قانداشلىقى  بار. ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى بىراد پېت بىلەن يىراق نەۋرە تۇغقانلىق مۇناسىۋېتى بار؛ ئۇ سابىق پىرىزدېنت دېك چېننىينىڭ جىيەنى. ئوبامانىڭ يەنە ئامېرىكا تارىخىدىكى خېلى كۆپ سابىق پىرىزدېنتلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە جامىس مېدىسۇن، خاررى  دۇرمۇن، يوھانسون ۋە گېلاردى فورتلار بار. ئۇ يەنە كىچىك بوش جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى كېلىدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق باش ۋەزىرى ۋېستون سوزېر، ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ داڭلىق گېنىرالى روبېرت بىلەنمۇ قانداشلىقى بار.

    يىغىپ ئېيتقاندا، ئوبامانىڭ ئوخشىمىغان ئېرقلاردىكى تۇغقانلىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋاللىرىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. ئەمما مۇشۇ خىل كېلىپ چىقىش ۋە جەمەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە ئوباما ئىنتايىن ئاز ئۇچرىغانىدى. دادا تەرەپ جەمەت، ئەجدادى ھەمدە دادا بىر ئانا باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرلىرى ئاكتىپ تەسىر بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ روھىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن ياخشى بولغان ئۈلگىلىك رول ئوينىغانىدى.

     

    ئىككىنچى: ئۇلۇغ ئاتا   مېھرىبان ئانا

    ئوبامانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس بولۇپ چىقىشى ھەمدە ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا ئولتۇرۇشىنىڭ ئەلۋەتتە كېلىش سەۋەبى بار. شۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشىمىزغا توغرا كەلدى.

    ئوبامانىڭ دادىسى چوڭ ئوباما ئىزچىل ھالدا ئوبامانىڭ بوۋىسى تەرىپىدىن تۇغما ئەقىللىق بالا دەپ قارىلىپ كەلگەچكە، دادىسى چوڭ ئوبامانى شۇ يەرلىك ئەڭ ياخشى مەكتەپكە بەرگەنىدى. چوڭ ئوبامادا ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق يوشۇرۇن تالانت بار بولغاچقا، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا بىرىنچى بولاتتى. ئەمما، نۇرغۇنلىغان كىچىك بالىلارغا ئوخشاش چوڭ ئوبامامۇ شوخلۇق، كەپسىزلىكتىمۇ داڭق چىقارغانىدى. مۇئەللىملىرى بىلەن تاكاللىشاتتى، بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ-مۇشلىشاتتى. ئاخىرى ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق زىددىيەتلىك رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىپ بولالماي، ئۇنى كېنىيەدىكى بۇ داڭلىق مەكتەپتىن چىقىرىۋىتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خاتىرىسىدە چوڭ ئوباما ھېلىھەم مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنغانلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن چوڭ ئوبامانىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئوت بىلەن ئوينىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

    ئوقۇشسىز قالغان چوڭ ئوباما ئامالسىز  جەمئىيەتكە قەدەم قويدى-دە، كېنىيەنىڭ دېڭىز بويى شەھىرىگە بېرىپ دۇكان مۇلازىمەتچىسى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ھاكاۋۇر ئۆزىگە ئىشىنىش خفراكتېرى ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىغانىدى. مەيلى قانداق سورۇن بولسۇن، ئۇ خوجايىننىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق  بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ قالسىلا، ئۇ شۇ زاماتلا گەپ ياندۇرۇپ خوجايىنىنى ئەيىبلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرى شۇ يەردىنمۇ قوغلىنىۋېتىلدى. گەرچە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتمايدىغان، كىشى قەلبىنى چۈشەنمەيدىغانراق ئادەم بولسىمۇ، ئەمما نورمال ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا چوڭ ئوباما ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە ئەقىللىق ئىدى. ئۆزى قەيسەر ۋە دۇرۇس بولۇپ، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشتا مەيلى قانداق قۇربانلىق بېرىشىدىن قەتئىينەزەر باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇراتتى. گەرچە نەچچە قېتىم خوجايىنى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، چوڭ ئوبامانىڭ يەنە داۋاملىق ياخشى خىزمەت تېپىشى ئاسانغا چۈشمەيتتى، شۇڭا ئۇ ئاخىرى تاپاۋىتى ئىنتايىن ئاز بولغان قارا ئىشلارنى تېپىپ ئىشلىدى، ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلىگۈسىز قاراڭغۇ ئىدى.

    بەختكە يارىشا بولغىنى، 20-ئەسىرنىڭ 50-،60-يىللىرىدىكى كېنىيەدە، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ياشلار دۆلەتتىن چىقىپ ئىلىم ئېلىشقا يۈزلەنگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈشنى نىيەت قىلغانىدى. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەسىرى ئاستىدا، چوڭ ئوباما ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە بىرەر قۇر ئويلىشىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئوقۇش ئارقىلىق پالاق كەلگۈسى يارىتىشنى مەقسەت قىلدى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسىنى تولۇقلاپ، ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومىنى ئالغاندىن كېيىن، ئامىېرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ھەمدە ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتلىق چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ، چوڭ ئوباما ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ ھاۋايغا كەلدى.

    چوڭ ئوباما ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادىي ئۆلچەم كەسپىنى ئوقۇغان بولۇپ، تىل دەرىسىدە روس تىلىنى تاللىغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ بۇ ئۇنۋېرسىتېتتا روس تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان ئەنگې بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇ چاغدىكى ئەنگى ئاران 18 ياشتا بولۇپ، چوڭ ئوبامانىڭ قاملاشقان قەددى-قامىتى، مۇۋاپىق سۆزلىرى بۇ كىچىك ئاق تەنلىك قىزنىڭ كۆڭلىنى مەھلىيا قىلىۋالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار مۇھەببەت دەرياسىغا شۇڭغۇدى. توي قىلىدىغان چاغدىمۇ ئۇلار ئەنگېنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرەپتىن ھېچقانداق توسقۇنلۇق قىلىشلارغا ئۇچرىمىدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىت ھاۋاينىڭ ئەمدىلا ئامېرىكىنىڭ 50-چى شىتاتى بولغان چېغى بولۇپ، ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن بولغاچقا، ئىرق ئايرىمچىلىق باشقا شىتاتلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز ئىدى. تەبىئيكى، ئەنگېمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىرق كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ھېسسىياتىدا چوڭ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىرىق كەمسىتىش چوڭ ئوباما بىلەن ئەنگې ئىككىسىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق مەسىلە بولۇپ ھېسابلانمىدى. ئەمما چوڭ ئوبامانىڭ دادىسى بۇ نىكاھ ئىشىغا سەل ئىككىلىنىپ قالدى. بۇ ھەرگىزمۇ چوڭ ئوبامانىڭ كېنىيىدىكى ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەمەس، چۈنكى كېنىيەدە ئەرلەر بىر نەچچە ئاياللىق بولسا بولۇشتىن سىرت نىكاھتىن ئاجرىشىش ئاسان ئىدى. چوڭ ئوبامانىڭ دادىسى ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ ئوخشىماسلىقلار بولغانلىقى سەۋەبتىن، بۇ توينىڭ ياخشى ئاخىرلاشمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەنىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ دادا ئوغلى چوڭ ئوبامادەك ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان ئوغلىنىڭ ۋەتىنى كېنىيىگە قايتىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ دادىنىڭ قارشى تۇرۇشى بۇ ئىكى ياشنىڭ توي ئىشىنى توسۇپ قالالمىدى. 1960-يىلى، چوڭ ئوباما بىلەن ئەنگر ھاۋايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككىنچى يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسى تۇغۇلدى. مانا بۇ بالا ئوباما ئىدى.

    تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. چوڭ ئوباما دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى قارار قىلدى. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇنۋېرسىتېت ھەممىگە مەشھۇر بولغان خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتلىق چاقىرىقى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى تەمىنلىگەن ئوقۇش پۇلى پۈتۈن بىر ئائىلىلىكنىڭ چىقىمىغا يەتمەيتتى. يەنە بىر ئۇنۋېرسىتېت ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ياتاق ۋە خىزمەت بېرەتتى. چوڭ ئوباما ئىككى ئارىلىقتا قىيىن تاللاشتا قالدى. ئاخىرى، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تۆت يىل ئاۋۋال چىقارغان قارارىغا ئوخشاش قارار چىقاردى. ئۇ ئايالى ۋە بالىسىنى ھاۋايغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز خارۋاردقا ماڭدى. ئۇ چاغدا ئوباما ئاران ئىككى ياشتا ئىدى.

    ئىككى ئارىلىقتىكى ۋاقىتتا ئەنگې ئۆزىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ ئوبامانىڭ نىكاھ ئىشىدا قايتىدىن ئويلاندى، ئەينى ۋاقىتتا كېنىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى دائىملا بولۇپ تۇراتتى. ئەنگېنىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ چوڭ ئوباما بىلەن بىللە كېنىيەگە بېرىپ ئۇ يەردە جاپا چېكىشىنى خالىمايتتى، ئەنگېمۇ بارغانسېرى ئۆزىنىڭ بۇ نىكاھ تۇرمۇشىغا ئۆز ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا باشلىدى. 1965-يىلى، چوڭ ئوباما ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ تەرەققىي قىلىش قارارىغا كەلدى، ئەنگې بولسا ئاجرىشىش تەكلىپىنى قويدى.

    ئوباما ئىككى يېشىدىن باشلاپ دادىسى يوق تۇرمۇشتا چوڭ بولۇشقا باشلىدى، ئۇ ھەم دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. دادىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ھېكايىدەكلا بولۇپ، بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بوۋا-مومىسى ۋە ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايتتى. ئوبامانىڭ ئىرق كەمسىتىش ئېلىپ كېلىدىغان ئازاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئوباماغا دادىسىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەپ بېرەتتى. دادىسىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئاپىسىنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى ئوباماغا دادىسىنى يېنىدىكىدەكلا ھېس قىلدۇراتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ «ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن» دادا ئوبامانىڭ قەلبىدە مەبۇدىگە ئايلىنىشقا باشلاپ، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان باتۇر بىر جەڭچىگە ئايلاندى.

    چوڭ ئوباما ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، كېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت بۆلىمىگە كىرىپ ئىشلىدى. ئەمما ئۇ كىكۇيۇ كىشىلىرىنىڭ لۇئو كىشىلىرىنىڭ زېمىنىگە ۋە خىزمەت ئىشلەش پۇرسەتلىرىنى ئىگەللىۋالغانلىقىغا قارىتا ئوچۇق ئاشكارا پىكىر بىلدۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى، گەرچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئادالەت ۋە كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. خىزمەتتىن ھەيدەلگەن چوڭ ئوباما ئۆيىدە بىكار يۈرۈو، ھاراقتىن دەردىنى ئالدى. ئۈچىنچى ئايالى رۇسى ئۇنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىدىن چىدىغۇچىلىكى قالماي، بىر قېتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى. چوڭ ئوبامانىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى يارىسى بىر يىلدا ئاران ساقايدى، كېيىن چوڭ ئوباما يەنە ھۆكۈمەت ئورگىنىغا قايتىدىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ جاھىل مىجەزى يەنىلا شۇ پېتى قالدى.

    1971-يىلى ئوباما 11 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ دادىسى چوڭ ئوباما ئامېرىكىغا كېلىپ روژېستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى بولدى، ئۇنىڭ ئاپىسى ئەنگې دادا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىق ھېسسىياتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئوغلىغا كېنىيەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ماتېرىياللارنى، ھەمدە لوئۇ مىللىتىنىڭ بەزى يەرلىك سۆزلىرىنى ئۆگەتتى. دادىسى كەلگەن شۇ كۈنى، ئوبامانىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئۇنىڭ ئۆيىگە بالدۇرراق قايتىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەمما ئوباما دادىسىنىڭ قاپقارا تېرىسىنى ھەمدە پۇتىنى ئوراپ تۇرغان ئاپئاق داكىلارنى كۆرگەندە، قەلبىدىكى ئوبرازى بىلەن ئوخشىمايدىغاندەك ھېس قىلدى. دادىسىنى قانداقلا قارىسىدۇ ئۆزىنىڭ دوستلىرى ئالدىدا ماختىنىدىغان دادىسىغا ئوخشىتالماي قالدى.

    دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوباما سىنىپ مەسئۇلىنىڭ دادىسىنى سىنىپقا  بېرىپ لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. ئىلگىرى ئوباما ھەر دائىم سىنىپىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا دادىسىنى تىلغا ئېلىپ ماختىناتتى، ھەتتا رەسىم سىزغان چاغدىمۇ دادىسىنى گېگانت ئادەمدەك قىلىپ سىزاتتى. ئەمدى ئۇ ئىشلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالاي دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئوباما ئەنسىزلىككە چۈشتى ھەتتا ئۇيقۇنىمۇ ياخشى ئۇخلىيالماي قالدى. ئەمما ئەمەلىيەت بۇ ئەنسىزچىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. چوڭ ئوباما ئىنسانىيەتنىڭ ئافرىقىدىن باشلانغانلىقىدىن تارتىپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى سانسىزلىغان ھايۋاناتلارنى تىلغا ئالدى. لۇئو مىللىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن تارتىپ، مەدەنىيەت ۋە كېنىيە مىللىتىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى سۆزلىدى. ئىنتايىن راۋان پاساھەتلىك سۆزلىرى ۋە چوڭقۇر كەڭ بىلىم دائىرىسى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى. باشقا سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ كەلگەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوباماغا: «سېنىڭ ئىنتايىن قالتىس داداڭ بار ئىكەن» دېدى. ساۋاقداشلىرىمۇ: «داداڭ بەك قالتىسكەن» دېيىشتى.

    ئوباما بىلەن دادىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇ قېتىملىق لېكسىيەدىن كېيىن چوڭقۇرلىشىپ كەتتى، ئوباما دادىسىنىڭ داۋاملىق ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نىشانى ۋە بىلىم بۇلىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ چاغدا، ئۇ بۇنداق بىر دادىنىڭ ئۆز ھاياتىدا كام بولسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئەمما چوڭ ئوباما ھامان قايتىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ كېنىيەگە مەنسۈپ ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوباما كېنىيەگە بېرىپ ھاياتىدىكى بۇ مۇھىم ئىنساننى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈپ كېلىشكە ئاتلانغاندا، دادىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئۆزى ۋە باشقا ئىنسانلاردىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى بىلىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېچىنىش بولۇپ قالدى.

    ئوبامانىڭ ئاپىسى ئىككىنچى يولدىشى رورو بىلەن ئالىي مەكتەپتە تونۇشقان ئىدى. ئوباما تۆت ياشقا كىرگەن يىلى، رورو ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىدىغان بولۇپ، ئەنگې بىلەن ئوبامانىمۇ بىللە ھېندونوزىيىگە ئېلىپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئۆگەي دادىسى دائىم ئوبامانى ئۆزىنىڭ ئوغلى دەيتتى، ئوبامامۇ مۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق قارش پىكىردە ئەمەس ئىدى. ھىندونوزىيىدە، ئوباما ئوخشاشلا ئاتا مېھرىدىن كامچىل بولۇپ باقمىدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان يېڭى دوستلارنى، يېڭى شەيئىلەرنى كۆردى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ھىندونوزىيىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، ئەنگې بۇنداق مۇھىتتا سەمىمىيلىك ۋە قەيسەرلىك پىرىنسىپىلا بىر لاياقەتلىك دادا ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرت دەپ بىلەتتى. ئەمما رورودا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر يوق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەنگې ئوبامانى ئاكتىپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەركۈنى سائەت تۆت بىلەنلا ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئېنگىلىس تىلىنى مەشىق قىلغۇزاتتى. ئۇ ئوباماغا ئامېرىكىنىڭ خەلق ھوقۇقى ھەرىكەتلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئوبامانىڭ مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلاتتى. گەرچە نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ ئامىېرىكىدىكى ھالى ئىنتايىن پەس بولسىمۇ، ئەمما ئەنگې ئوباماغا ھامان كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى ھەمدە ئۇنى ئۆز دادىسىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ كىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى ۋە شۇ ئارقىلىق ئوغلىنىڭ دادىسىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

    1971-يىلى، ئەنگې ئوباما ۋە ئوبامانىڭ ئانا بىر دادا باشقا سىڭلىشى مايانى ئېلىپ ھاۋايغا قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئەنگې ئاللىنبۇرۇن رورو بىلەن ئاجرىشىپ بولغان بولۇپ، چوڭ ئوبامامۇ ھاۋايغا كەلگەن ئىدى. دەل مانا شۇ قېتىملىق جەم بولۇشتا، چوڭ ئوباما ئەنگې بىلەن قايتا يارىشىۋېلىش تەكلىپىنى قويدى. ئەمما ئەنگې بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئەنگې بۇ ئىككى بالا بىلەن ئوبامانىڭ مەكتىپى بىلەن بىر كوچا پەرق قىلىدىغان يەردىكى كىچىك ئۆيدە ئولتۇردى، ئەنگېمۇ مەكتەپكە قايتىپ ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىنى داۋاملىق ئۆگىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگې ۋە ئىككى بالىسى ئازغىنە ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئاشلىق بېلىتىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

    بۇ ئارىلىقتا ئەنگې مەكتەپ تاپشۇرغان ئېتىزلىق تۈرى تاپشۇرۇقىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، ھىندونوزىيىگە بارىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ مايانى ئېلىۋېلىپ، ئوبامانى ئۆيگە قويۇپ قويدى.

    ئاپىسى ھىندونوزىيىگە كەتكەن بۇ مەزگىلدە، ئوباما تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. بۇ جەرياندا ئۇ كەينى-كەينىدىن نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يېتىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېرق رەڭگىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىغا، ھەرقانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر بۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئەنگې ھىندونوزىيىدىن قايتىپ كەلدى ھەمدە ئوبامادىكى پىسخىكا ئۆزگۈرۈشنى ۋاقتىدا بايقاپ قالدى. ئوباما ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇسى يوقلىقىنى ئېيتقاندا، ئاپىسى قەتئىي قارشى تۇردى. ئاپىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئوباما قايتىدىن روھلىنىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە چىقتى.

    شۇنىڭدىن كېيىن ئوباما بىلەن ئاپىسى يەنە ئىككى يەردە ئايرىلىپ تۇرۇش تۇرمۇشىنى باشلىدى. 1995-يىلى 11-ئايدا ئوباما شىتات پارلامېنت ئەزالىق سايلىمى ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئاپىسى تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتتى. سايلام رىقابىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبى بىلەن، ئاپىسى سەكراتتىكى ۋاقىتتىمۇ قايتىپ كۆرەلمەسلىكى، ئوبامانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىش بولۇپ قالدى.

     

    ئۈچىنچىدىن: كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادە تىكلەپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەش

    ئوبامانىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمۇ تېنچ ئۆتمىگەن ئىدى. ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە دادىسى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئانا-بالا ئىككيلەننى ھاۋايغا تاشلاپ قويغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوباما ھايات تۇرۇۋاتقان دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقمىدى. تۆت ياشقا كىرگەندە بولسا، ئاپىسى ئۆگەي دادىسىغا ئەگىشىپ ھىندونوزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىگە كەلدى. ئائىلە ئەھۋالىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكى سەۋەبلىك، ئوباما خەلقئارالىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالماي، ئامالسىز يەرلىك مەكتەپلەردە ئوقۇدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئوبامانىڭ ئۇلۇغۋار غايىلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئۇ بىرىنچى يىللىق چېغىدىلا «مېنىڭ پىرىزدېنت بولغۇم بار» ناملىق ماقالە يازغان بولۇپ، ئۈچىنچى يىللىققا چىقىپ يازغان: «مېنىڭ چۈشۈم: چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىمەن» دېگەن ماقالىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ پىرىزدېنت بولۇش غايىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى.

    ئوبامانىڭ بىلىمگە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئېسىل مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپىسى ئەنگې ئۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ سىرتتىن ئوقۇش پەنلىرىگە تىزىملىتىپ، ئۇنىمۇ دادىسىغا ئوخشاش ۋاستىلىك ئۇسۇل بىلەن بىلىمگە ئىگە قىلىش ئويىدا بولدى. ئەمما، ھىندونوزىيىنىڭ ئەينى چاغدىكى ۋەزىيىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئوباما ئون ياشقا كىرگەن چاغدا ئۆزى يالغۇز ھاۋايغا قايتىپ كەتتى. ئۇ سىرتتىن تاللاپ ئوقۇغان پەنلەرنى تۈگەتكەن بولغاچقا، ئامېرىكىدا شۇنىڭ داۋامىنى ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ خوجايىنى شۇ يەرلىك داڭلىق مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئوباما ئوقۇشقا قۇبۇللاش ئۇقتۇرۇشىغا ئېرىشەلىدى.

    ئوباما مەكتەپتە ئىنتايىن تىرىشىپ ئۆگىنەتتى، نەتىجىلىرى ئەلا ئىدى. ئەمما ئىرق مەسىلىسى ئۇنى قىينايتتى. مانا شۇنداق ئەھۋال ئوبامانىڭ ئىرق ئىززەت-غورۇرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇ دائىم قارا تەنلىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينايتتى، كىنو كۆرەتتى.

    ئۇنىڭ بارلىق قارا تەنلىك دوستلىرى ئىچىدە گېس ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ئوباما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن ئىدى. گېس ياپونىيەلىك  بىلەن ئافرىقىلىقنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئوباماغا ئوخشاش قارا تېرىسى بار ئىدى. ھەمدە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ نېگىر سالاھىيىتىگە زىددىيەتلىك مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمما گېسنىڭ ئەھۋالى ئوبامانىڭككىگە پەقەتلا ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە بولغان كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمايتتى. گېسنىڭ قارىشىچە، ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرنى پەس كۆرۈشى پۈتۈن ئاق تەنلىك ئىرقلاردىكى مەسىلە دەپ قاراتتى. بۇ خىل كەيپىيتات ئاستا-ئاستا ئوباماغىمۇ تەسىر قىلىشقا باشلىدى. ئوباما تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا مۇھەببەت جەھەتتە ئىنتايىن ھېسسىياتچان بولۇپ، ئۇ ئارىلاشقان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك بولۇپلا قالماي، مەكتەپتىكى ئەڭ چىرايلىق قىزلار ئىدى. ئەمما ئوباما بولسا ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل ئارىلىشىپلا ئۇلار بىلەن كارى  بولمايتتى. ھېچبىر سەۋەپسىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتەتتى. بۇنى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ھېسسىيات، مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت بىر خىل «ئۆچ ئېلىش» خاراكتېرى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقتى ۋە پۇلىنى ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشكە ئىسراپ قىلاتتى. ئۇنىڭ دوستى گېس كېيىن زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۈرمىگە كىردى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىچىك چېغىدىكى دوستىنىڭ پىرىزدېتنلىق سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوباماغا تەھدىت سېلىپ ماڭا پۇل بەر، بولمىسا بۇرۇنقى ئىشلارغا يالغاننى قوشۇپ سېنىڭ نامىڭنى سېسىتىمەن، دېدى.

    ئىرق مەسىلىسىنىڭ قىينىشى ئاستىدا، ئوبامانىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇسىمۇ كەلمەي قالدى. كېيىن ئاپىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، 1979-يىلى پۈتۈن سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ لوس ئانژېلىسنىڭ غەرب ئەللىرى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. شۇنىڭ بىلەن  ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنۋېرسىتېت ھاياتى  باشلىدى. مەكتەپتە، ئوبامانىڭ كىشىلىك چەمبىرىكى يەنىلا شۇ قارا تەنلىكلەر بىلەن چەكلەندى. ئىككىنچى يىلىغا چىققاندا، ئوباما ئافرىقا ئىرقىنىڭ كەمسىتىلىشى بىلەن ئامېرىكا تارىخى سېلىشتۇرما قىلىنىغان بىر پەننى تاللاپ ئۆگىنىپ، شۇ ناملىق دىراممىلاردا رول ئېلىشقا قاتناشتى. شۇ داۋامىدا ئۇ نەچچە قېتىملاپ ساۋاقداشلىرىنىڭ «يېتەرلىك قارا ئەمەس» دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. بۇ باشقا قارا تەنلىكلەرنىڭ ئوبامانى قارا تەنلىكلەردە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىققا تولۇق ئىگە ئەمەس دەپ مەسخىرە قىلغىنى ئىدى.

    ئوبامانىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندا، غەرب پەنلىرى ئىنىستىتۇتى بىلەن كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتتى. ئوباما بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇ نيۇيوكتىكى قارا تەنلىكلەر رايونىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان  بولسىمۇ، ئەمما ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

    نيۇيورك، ئوبامانىڭ ئۆز مەكتىپىدىكى چېكاگولۇق ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاندەك ئۇنداق رومانتىك گۈزەل شەھەر ئەمەس ئىدى. ئۆيدىن ئايرىلغان بۇ مەزگىللەردە، ئوباما ئۆز ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى ئۆگەندى. ھەمدە ئاستا-ئاستا ئۆز كەسپىگە كۆڭۈل قويۇشقا باشلىدى. تاماكا چېكىشتىن باشقا  بارلىق ناچار ئىللەتلىرىنى تاشللىدى. يەنە تېخى كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادەتنىمۇ يېتىشتۈردى. بەزىدە توپ مەيدانىغا بېرىپ توپ ئوينىسا، بەزىدە نۇتۇق ئاڭلىدى. گەرچە ئۇ ئالىي  مەكتەپتە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نيۇيوركتىكى ھەقىقىي مەۋقۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىرق كەمسىتىشنى ئۇنىڭغا شۇ يەرلىك نېگىرلارنىڭ ئىنتايىن ئاددى تۇرمۇشى ھېس قىلغۇزدى. تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، ئۇ ئاللىبۇرۇنلا ئىلگىرىكى ئىرادىسىزلىكىدىن چېكىنىپ چىقىپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئەمەلىيەتچان، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىغانىدى.

     

    تۆتىنچىدىن  جەمئىيەت مۇلازىمىتى  خارۋاردتىكى بىلىم ئاشۇرۇش

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا، ئوباما جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆزىنىڭ تۇنجى كەسپى قىلىپ تاللىدى. ئۇ مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قارا تەنلىق داھىيلارغا خەت يازغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جاۋاب خېتىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئامالسىز بىر ئۇچۇر شىركىتىدە ئىشلەپ تۇرۇپ، مائاشى ئارقىلىق ئوقۇش پۇلى قەرزىنى قايتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ شىركەتتە، ئوباما بىردىنبىر شىركەت تەتقىقات ياردەمچىسى بولالىغان قارا تەنلىك بولۇپ، شىركەتتىكى قارا تەنلىك كاتىپ، قوغدىغۇچى ۋە ئىشىك باقارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى. كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن ئۇنىڭغا يەنە مائاش قوشۇپ بېرىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسى ۋە كاتىپى بار بولدى. ئەمما نەچچە ئايدىن كېيىن، ئوباما خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، يەنىلا جەمئىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئىزدىدى.

    ئوبامانىڭ جەمئىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى تاللىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ئارقىلىق قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتىدىكى شۇ دوستلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-غورۇرىنى قايتا تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىدا ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئەڭ كىچىك ئىشتىن قولمۇ-قول قىلىدىغان بولسا، ھەربىر كىشىنىڭ قول تىقىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە قىزغىنلىقى ئارقىسىدا كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇنداق ئاساسقا ئۆزىنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى قوشۇلۇپ، ئىككى خىل ئىرقلىقلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە مۇناسىۋەت ئالاقىسى شەكىللەندۈرەلەيتتى. توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئۆز ئارا سىڭىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى.

    ئوباما پىلانلىغان «بۇ باشتىن باشلاش» ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاساستىن باشلاش ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتى يۈزلىنىۋاتقان بىر قەدەر چوڭ قىيىنچىلىقنىڭ قىسمەن سەۋەبلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتىدە «مۇلازىمەت ۋاكۇمى» مەۋجۇت بولغانلىقىدا ئىدى. بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى ئاكتىپچانلىقى يوق ئىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جەمئىيەت، مەھەللىلەرنىڭ ئاھالىلىرى (قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىكلەر)نىڭ بىرىكىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ھازىرچە ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. ئوبامانىڭ جەمئىيەت مۇلازىمىتى پىلانى «ۋاكۇئۇملۇق بەلباغ»نى قارىغا ئالغان بولۇپ، مۇشۇنداق «ئاممىلاشقان، ئاساسى بولغان» ھەتتا «ئۆزى يالغۇز كۈرەش قىلىدىغان» ئۇسۇل ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتى مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى تارتىش ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە جەمئىيەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر جەمئىيىتىدىكى ئاممىلار ئارىسىدا مۇناسىۋەت پەيدا قىلىش ئىدى.

    چېكاگو ئەينى ۋاقىتتىكى ئىرق مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان جاي بولۇپ، قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتى ۋە ئاق تەنلىكلەر جەمئىيىتىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بۆلۈنۈشلەر مەۋجۈت ئىدى، ھەمدە بۇ ۋەزىيەت بارغانسىېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىدى. ئوباما تېخى ئەمدىلا سايلانغان شەھەر باشلىقى ھارۇد ۋاشىنگتونغا خەت يېزىپ، مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار خىزمەت تېپىش ئويىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا سىياسىيونلارغا ئوخشاش بۇ شەھەر باشلىقىمۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ ۋاقىتتا، گېلاردى كېرمان ئىسىملىك بىر كىشى پەيدا بولدى. گلاردى بىر يەھۇدىيلىك بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق چېكاگونىڭ قىسمەن نامرات رايونلىرىدىكى ئاممىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاق تەنلىك بولۇشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان قارا تەنلىكلەر رايونىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشى، ھەمدە بىردىنلا ئىشەنچ تىكلىشى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ قالغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇ قارا تەنلىكلەر چېركاۋىغا، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئارىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆزىگە شۇنداق بىر ياردەمچى ئىزدەۋاتقانىدى. گېلاردى ئوباماغا، ھۆكۈمەت ئىرق مەسىلىسىدە تامغا مىنىۋېلىش پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئويى بارلارغا ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئوباما قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتى خىزمىتىگە چۆكۈپ كىرىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    جەمئىيەت مۇلازىمىتىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئوبامانى ئاز بولمىغان تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نامراتلارغا ياردەم بېرىشىنىڭ چوقۇم قانۇنىي قورالغا ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئەنە شۇ قانۇنىي قورال ئاقىلىق شۇ كىشىلەرنى ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا چىقىرىشنىڭ ۋەزىيەت تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، قانۇن پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش ئويىغا كەلدى.

    1988-يىلى، ئوباما دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىغا ئېرىشىپ، دادىسى بىلەن مەكتەپداش بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ تۆت  يىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاچقا، 27 ياشلىق ئوباما سىنىپىدىكىلەردىن چوڭ ئىدى. ئەمما بۇ ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن پىكىرداش بولۇشىغا توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلەلمىدى. ئوباما يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپتە ئۆلچەم قويۇپ، ھەركۈنى كۈتۈپخانىدا نەچچە سائەتتىن ئۆگىنىش قىلدى. ئۇ يەنە داۋاملىق ئىرق كەمسىتىشكە قارشى مەكتەپ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، نەچچىلىگەن ماقالىلىرى نوپۇزلۇق تەھرىرلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەركىنلىك گۇرۇھى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىدا باش مۇھەررىردىن بىرى كام ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوباما بۇ ئورۇنغا چىقىشنى تەلەپ قىلدى، كونسىرۋاتىپلار گۇرۇھىمۇ ئوباما تەرەپتە تۇردى. نەتىجىدە، ئوباما بۇ ئورۇنغا ئاسانلا چىقتى.

    ئوباما «خارۋارد قانۇنچىلىق تەقرىزچىلىكى»دىكى تۇنجى قارا تەنلىك باش مۇھەررىر بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشنى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش دەپ قارىدى. شۇ يەرلىك بىر داڭلىق نەشىرىيات ئۆزلىرى ئوبامانىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەرجىمىھال خاراكتېرىدىكى كىتاب چىقىرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى؛ ھەرقايسى داڭلىق ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بەس-بەستە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ  ئوبامانىڭ ئۇلار بىلەن قوشۇلۇپ ئىتتىپاقداش بولۇشىنى تەلەپ قىلشىتى. بۇ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئوباما ماينېر ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاللىدى. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار بولۇپ، بىرى، ماينېر ئادوۋكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى چېكاگودا بولۇپ، ئوباما ھەر قېتىم ئۇ يەرگە بارغىنىدا مايشېل بىلەن كۆرۈشەلەيتتى؛ ئىككىنچىدىن ماينېر ئادوۋكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئىرق كەمسىتىش ۋە خەلق ھوقۇقى جەھەتتىكى نامىمۇ ياخشى بولۇپ، ئۆزلىرى بىلەن بىر يولدا ئىدى.

    1991-يىلى، ئوباما خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى كەسپىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ، قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

    ئوباما ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دەماللىقققا ماينېر ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ ئىشقا چۈشمىدى. ئەكسىچە بىر تۈرلۈك دېموكراتىك سايلام تىزىملاش پىلانىغا قول سالدى. مەزكۇر پىلاننىڭ ئالدىن پەرەز قىلىنغان ۋاقتى ئالتە ئاي بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەزەلدىن بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ باقمىغان ئاممىلارنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ جەريانىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىش ھەمدە سايلىغۇچى ئاممىلارنى 1992-يىللىق ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىدى. ئوباما مەزكۇر تۈرنىڭ ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ قىسمەن ئەسلىھەلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، سايلىغۇچى ئاممىلاردىن 150 مىڭ كىشىنى تىزىملاشنى پىلانلىغان ئىدى. ئوباما بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن قالتىس ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كېلىنتوننى ئىللىنوئىس شىتاتىدىكى چوڭ سايلامدا چوڭ بوشنى يېڭىپ چىقىشىغا ياردەمدە بولدى. چوڭ سايلام بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ  بارغان پارلامېنتنىڭ ئۆزگەرتىپ سايلاش رىقابىتى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كالور موسلى بۇرائىنمۇ سايلامدا غەلبە قىلغانىدى ھەمدە تارىختىكى تۇنجى ئافرىقا ئەۋلادىدىن بولغان ئايال فېدراتسىيە پالاتا ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقى ئوباغا ئىنتايىن زور تەسىر قىلغانىدى.

    سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش پىلانىنى ئورۇنلىغاندىن باشقا، ئوباما يەنە كەچلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ چېكاگو ئۇنۋېرسىتېتىدا قانۇن پەنلىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. ئەينى ۋاقىتتا يېڭىلا خارۋاردقا كەلگەن ئوبامانىڭ كىچىككىنە تەسىرى بولسىمۇ، «خارۋارد قانۇنىي تەرىزچىلىكى»نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى بىراقلا مەكتەپنىڭ ئىچى-تېشىغا پۇر كەتكەنىدى. بۇ چېكاگو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسىسسورى مايكېل مېكىننارغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئوبامانىڭ چېكاگوغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مايكېل ئوباما ئۈچۈن چېكاگو ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىشتىن سىرتقى قانۇن پەنلىرى دەرىس ئۆتۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر دانە كومپيوتېر ۋە بىر دانە ئىشخانا سەپلەپ بەرگەنىدى. كەچلىكى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ئوباما مۇشۇ كومپيوتېردا خېلى كەچكىچە خىزمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يازغان تەرجىمىھالى «دادامدىن كەلگەن غايە» دېگەن داڭلىق كىتابى بار.

    سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش پىلانى، چېكاگو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىكلىرى ۋە تەرجىمىھال يېزىش قاتارلىق ئۈچ خىل خىزمەت ئوبامانىڭ ھەممە ۋاقىتلىرىنى پاك-پاكىز ئىگىلەپ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئايالى مايشېلنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆز تەسىرىمۇ بار ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككىيلەن ئاللىبۇرۇن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغاندىن بولۇپ، مايشېل ئوبامانىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. 1992-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئوباما ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم مىنۇتلارنى كۈتۈۋالدى: ئىنتايىن داغدۇغىلىق چېكاگو چېركاۋىدا، ئوباما ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان باستىر گېرمايانىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا، ئوباما بىلەن مايشېل ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولدى.

     

     بەشىنچىدىن: پالاتا ئەزالىقىغا سايلىنىش

    كەسىپ ۋە ئائىلىدىكى قوش ھوسۇل ئوبامانى ھەرگىزمۇ قانائەتلەندۈرۈپ قويمىدى، ماينېر ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ خىزمەتلىرى گەرچە ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ نېمىلا دېمىگەن بىلەن پەقەت بىر قىسىم نامراتلارغىلا ياردەم قىلالايتتى، ئىنتايىن كىچىك دائىرىدىكى كىشىلەرگىلا تەسىر كۆرسىتەلەيتتى. ئوبامانىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى بولسا ئىنتايىن كەڭ  بولغان سەھنە ئىدى. كالور بىرايئىن پالاتا ئەزاسىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشى ئوبامانىڭ يىراققا سوزۇلغان غايىسىدە بىخلىنىش ھاسىل قىلغانىدى.

    1995-يىلى، پۇرسەت كەلدى. ئىللىنوئىس شىتاتى پالاتا ئەزاسى ئەيلىس پائورمۇ فېدراتسىيە پارلامېنت ئەزالىقى سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقى تۈپەيلى، 13-رايونلۇق شىتات پالاتا ئەزالىق ئورنى قۇرۇق قالدى، ئوباما ھېچ ئىككىلەنمەستىن بۇ ئورۇننى نىشانلىدى. نۇرغۇنلىغان تەرەپلەردە سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ بىردەك بولۇشى سەۋەبلىك پائورمۇ ئوبامانىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى سايلىمىغا قاتنىشىشىغا دەسلەپتىلا قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولدى، ئەمما ئىشلاردا كومىدىيىلىك ئۆزگۈرۈش بولدى. پائورمونىڭ پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىغا قاتنىشىشى ئىنتايىن ئۇتۇقسىز بولۇپ، غەلبە قىلىشتا قىلچە ئۈمىد يوق ئىدى. ئامالسىزلىقتىن ئۇ بېشىدىكى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ نىشانىنى شىتاتلىق پالاتا ئەزالىقىنى داۋاملىق ئۆتەشكە قاراتتى. بۇ ئۆزگۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار ئوبامانى بۇ قېتىملىق سايلامدىن ۋاز كېچىشىشى، پائورمۇغا يول بېرىشى كېرەك دەپ قارىدى. ئەمما ئوبامانىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇيۇندا كىمنىڭ يېڭىشى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئوبامانىڭ يەنە سايلامدا داۋاملىق تۇرۇش قارارى، ئىللىنوئىس شىتاتىدىكى داڭلىق سىياسىيونلارنىڭ كۆڭلىدە ۋەزىيەتنى چاغلىيالماسلىق دەپ بىلىنگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پائورمۇ تەرەپتە تۇرۇپ ئوباماغا قارشى شۇئار توۋلىدى. پائورمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خاھىش توپلاش ئىمزا قويدۇرۇش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنى قوزغىماقچى بولدى. ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىمزاسىغا ئېرىشتى. ئوباما بۇنىڭ ئىچىدىكى مەقسەتنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، پائورمۇنىڭ بۇ ئىمزالارغا ئازراق ھىيلە ئىشلەتكەنلىكىنى سېزىپ قالدى ھەمدە ئىمزالارنى قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى. كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كېيىن، ئىش ھەقىقەتەنمۇ ئوباما ئويلىغاندەك بولدى، ئەسلىدە پائورمو ئېرىشكەن ئىمزا 100 گىمۇ يەتمەيتتى. پائورمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، سايلامدىن ئامالسىز چېكىنىپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئوباما دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزات قىلىپ كۆرسىتىشى بىلەن سايلامدا جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىدىن كەلگەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلىپ، 13-سايلام رايونىدىكى پالاتا ئەزالىق ئورنىغا كومىدىيىلەرچە چىقىپ قالدى. بۇ ئوبامانىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

    ئوباما كومىدىيىلىك ھالدا بىر ماگناتقا ئېرىشكەندىن بولسىمۇ، بۇ كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمىدى، ھەتتا قىسمەن قارا تەنلىك ئەزالارمۇ بۇ غەلبىنىڭ كىشىنى قايىل قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوباما مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، بىر قېتىملىق پۈتۈن شىتات ئارا ئايلىنىپ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، پائالىيەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ ئۆزىنى كىشىلەرگە تونۇتتى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سايلاملارغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ئاممىۋىي ئاساس سالدى. بۇ قېتىملىق ئايلانما نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە، ئوباما تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشلەرگە ئېرىشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىللىنىئوس شىتاتىنىڭ چەت رايونلىرىدىكى ئاق تەنلىك ئوتتۇرا بۇرژۇئالىرىغا قارىتا ئىنتايىن قارشى ئېلىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بۇ كىشىلەر تېرە رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئوبامانى چەتكە قاقمىدى، ئەكسىچە ئۇنى ئىنتايىن يېقىن كۆردى. ھەتتا خەلق ھوقۇقى ھەرىكەتلىرى مەزگىلىدە ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان ئاق تەنلىكلەر رايونلىرىدىمۇ، ئوباما قىلچىلىك كەمسىتىشكە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىمىدى. ئوباما ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە رېئاللىق ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بۇ ئورۇنغا سايلىنىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئوباما پالاتا خىزمەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى نامايەن قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىللىنوئىس شىتاتى كېڭەش پالاتاسىدا جمھۇرىيەت پارتىيىسى كۆپ سانلىقلارنى ئىگىلەيتتى، شۇڭلاشقا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پالاتا ئەزالىرى ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان مەلۇم قانۇن تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قالسا، كۆپ سانلىقلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايتتى. ئەمما ئوباما بۇلاردىن مۇستەسنا ئىدى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پالاتا ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىللىنوئىس شىتاتى كېڭەش پالاتاسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ قىزغىن قانۇن تۈزۈش رولىنى ئوينايتتى. ئۆزىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىق  ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئوباما ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 14 پالاتا لايىھىسىنىڭ قانۇن تۈزۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان 60 تۈرلۈك لايىھەنىڭ ئىچىدىكى 11 تۈرىنى قانۇن قىلىپ تۈزۈپ چىقتى، ھەمدە قانۇن تۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى.

    1999-يىلى ئوبامانىڭ تۇنجى پەرزەنتى مارىيا دۇنياغا كەلدى. ئائىلە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئوبامانىڭ سىياسىي يۈكىمۇ ئېشىپ باردى. مەلۇم مەزگىللىك سىياسىي كاپىتال جۇغلىغاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان نىشانغا قاراپ يۈرۈشنى ئويلىدى. ئەڭ دەسلەپتە، ئۇ نىشانىنى چېكاگو شەھەر باشلىقلىق ئورنىغا تىكتى، ئەمما تەپسىلىي ئويلاشقاندىن كېيىن، ئۇ بوبىي راش بىلەن فېدراتسىيە پالاتا ئەزالىقىنىڭ دېموكراتىك پارتىيە نامزاتىنى تالىشىشنى توغرا تاپتى. راشمۇ ئوبامادەك قارا تەنلىك بولۇپ، ئىلگىرى ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ قارا يىلپىز پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ئىدى. ئىلگىرى ئۇ قارا يىلپىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىدە «قورال ئېلىپ ئۆزىنى قوغداش لايىھىسى»گە قارىتا ئاشكارا قوللاش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما بۇ قانۇن لايىھىسى ئەڭ ئاخىرىدا بىر خاتالىق بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ تېنچلىقىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇقتا تۇرسۇن، جەمئىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان شۈبھىسى ئاستىدا راشنىڭ فدراتسىيە پالاتا ئەزاسى بولۇش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئوباما دەل مۇشۇ بىر تەرەپنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. ئەمما، مۇشۇ بىر تەرەپ بىلەنلا راشنى مەغلۇب قىلىمەن دېيىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. راش نېمىلا دېمىگەن  بىلەن كونا سىياسىيون ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپلا، راش مىللىي ھوقۇق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان چاغلىرىدا، ئوباما تېخى خەت تونۇمايتتى

    راش تەۋە بولغان دۆلەت كېڭىشى سايلام رايونىدا قارا تەنلىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە ئېنىق  بولغان بىر تەرەپلىمىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر، ئوبامادەك ئاق تەنلىكلەرنىڭ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغان، گەپ-سۆزلىرى سىپايە بولغان قارا تەنلىكنىڭ «يېتەرلىك قارا بولماسلىقى» سەۋەبلىك بۇ شىتاتتىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تولۇق ۋەكىللىك قىلالماسلىقىدىن گۇمانلاندى، يەنە بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ئىنتايىن قۇيۇق بولغان ئاق تەنلىك كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك، قارا تەنلىكلەرنى  ئورىغا ئىتتىرىپ تاشلاش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىدىن ئاشكارا شۈبھىلەندى. بۇ خىل كەيپىيات ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ھەتتا تېلىۋېزىيە تەشۋىقاتى ئىشلەشكە يېتەرلىك ئىقتىساد تېپىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى. مۇشۇنداق ئۆز ئارا سېلىشتۇرما ئاستىدا، راش مەزكۇر رايوندىكى قارا تەنلىكلەر ئارىسىدا ئىنتايىن يۇقىرى ئىناۋەتنى ساقلاپ كەلدى، سايلام ۋەزىيىتى ئوباماغا نىسبەتەن بارغانسېرى پايدىسىز بولماقتا ئدىى.

    ئوباما قاندق قىلىپ سايلام رىقابىتى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئويلاۋاتقاندا، كومىدىيىلىك ئىشتىن يەنە بىرسى يۈز بەردى ــــ راشنىڭ ئوغلى تاپانچىلىك ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلدى. قېرىغاندا ئوغلىدىن ئايرىلىش ئازابى راشنى ھالسىزلاندۇردى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا كىممۇ ئۇنى ئەيىبلەشكە كۆڭلى ئۇنىسۇن دەيسىز؟ «قورال ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش قانۇن لايىھىسى»گە ئائىت تالاش تارتىشلارمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن جىمىققان بولدى. ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى خىزمىتى ئىنتايىن قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئوباما قىزى مارىيانىڭ ئاغرىپ قېلىشى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان قانۇن لايىھىسىگە بېلەت تاشلاشتىن مەھرۇن قالدى. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ نامى «بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسى» بولۇپ، شىتات باشلىقى جورجى رۇيان باش بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئاساسلىقى قورال چەكلەشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئەزەلدىن تارتىپلا قورال چەكلەشنى ئۆزىنىڭ سىياسىي نىزامى قىلىپ كەلگەن ئوباما بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشنى كەتكۈزۈپ قويدى، مەيلى قانداقلا سەۋەب بولسۇن، بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئاممىنىڭ قۇبۇل قىلىشى تەس ئىدى.

    بىر قاتار ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئوباما كېيىنكى تەرجىمىھالىدا بۇ قېتىملىق ئويلىنىشى تەپسىلىي بولمىغان سايلام توغۇرلۇق ئانچە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق ئازابلىق مەغلۇبىيەت ئۇنىڭغا ھەممىلا ئىشنىڭ پىلاندىكىدەك  بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.

    بۇ قېتىملىق سايلام رىقابىتىدە ئىقتىسادىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى ئوباما ئامالسىز ئۆزىنىڭ شەخسىي پۇلىنى ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ۋە بىر قاتار قەرزلەرگە بوغۇلۇپ قالدى. بۇ قەرزلەرنى قاچان تۆلەپ بولۇشى تېخىچە بىر نامەلۇم سان ئىدى. شۇ يىلى، ئوبامانىڭ ئىككىنچى قىزى ساشا تۇغۇلدى، ئائىلە مەسئۇلىيىتى ئوبامانى يىراق غايىسىنى ۋاقتىنچە بىر ياققا قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلىپ، پۈتۈن زېھنىنى ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە قاراتتى.

    راش بىلەن بولغان بىر قېتىملىق تۇتۇشۇش ئوبامانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىرىتىپلا قويماستىن، ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئوبرازىنىمۇ خۇنۇكلەشتۈردى. بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى ئۆزىنى چاغلىمايدىغان دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئوباما تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن ئوڭشاش قارارىغا كەلدى. ئاستا-ئاستا، ئىلگىرى ئوبامانى ئەيىبلىگەن پالاتا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا مەنمەنچى يىگىتتىن بىرسىنىڭ ئازلىغانلىقىنى، ئەمما تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىشلارنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدىغان ياش پالاتا ئەزاسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئوبامانىڭ شىتات كېڭەش پالاتاسىدىكى سەككىز يىللىق نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ جەمئىي 280 تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىنىڭ قانۇن تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرىنى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۈستىگە ئالالمايدىغان ۋەزىپىلەردىن ئىدى.

    2002-يىلى، تېپىلمايدىغان بىر پۇرسەت ئوبامانىڭ ئالدىغا كەلدى. مەزكۇر شىتاتنىڭ فېدراتسىيە پالاتا ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن بولغن پېتىر، فسجېلاد دۆلەت كېڭىشىدە خىزمەت ئۆتەش ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، 2004-يىللىق داۋاملىق سايلىنىشى ئىنتايىن شۈبھە ئىچىدە ئىدى. بۇ ئوبامانى يەنە بىر قېتىم ئۈمىدكە ئىگە قىلدى. ئوبامانى جەلپ قىلغان يەنە بىر تەرىپى بۇ ۋاقىتتا دۆلەت كېڭىشىدىكى ئىككى پالاتانىڭ ئىككىلىسى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ئىدى. مۇبادا دېموكراتلار پارتىيىسى ئارىسىدا نوپۇز تىكلەش، ھۆرمەتكە ئېرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىكى ئەزالىرىنىڭ ماگناتقا ئېرىشىشىگە زەربە بېرىش ئىدى. ئوباما ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغا ئېيتتى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ پىكرىنى قوللىدى. سايلامغا قاتنىشىش ئىقتىسادىنى توپلاش ئۈچۈن، ئايال مايشېل ئىككىلىسىنىڭ زېمىن كىنىشكىسىنى رەنىگە قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، سايلام مۇتەخەسىسسى داۋېد ئاكسېلونىڭ قوشۇلۇشى يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىش بولۇپ، ئوبامانى تېخىمۇ غەيرەتكە ئىگە قىلدى.

    بۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر ئارقا كۆرۈنۈش شۇكى «9.11» ۋەقەسىنىڭ تەسىرى ئىدى. 2001-يىلدىكى «9.11» تىرورچىلىق ھۇجۇمى پۈتكۈل ئامېرىكىنىڭ تەقدىرىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش ياسىدى، ھەمدە ئوباماغا نىسبەتەنمۇ سەلبى تەسىر ئېلىپ كەلگەنىدى. باراك ھۈسىيىن ئوباما بۇ ئىسىمنى بىرلا ئاڭلىغان كىشى بۇ ئىسىمدىكى قۇيۇق ئىسلامى پۇراقنى ھېس  قىلالايتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق مەزمۇنلاغا گۇمانلىنىش ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىدى. بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئېراققا بولغان تىرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى بولسا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىلا ئىدى. ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدا ئۇرۇشنىڭ گېپى چىقىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا ئىسلام پۇرىقىغا ئىگە  ئوباما بولسا ئۇرۇشقا قارشى تەرەپتە تۇردى. ئۇ چېكاگودىكى 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى يىغىلىشتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، بۇنداقلا ئۇرۇش باشلاشنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. بوشنىڭ قۇترىتىشى ۋە يەل بېرىشى ئارقىسىدا، سادام تىرورىنىزمنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىسمىغا ئايلىنىپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېنىقلا بولغان تەھدىت بولۇپ قالغانىدى. بۇ خىل مۇھىت ئاستىدا خەلق خاھىشىغا قارشى تەرەپنى تاللاش پوزىتسىيىسى، ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتىگە بولسۇن ياكى ئۇنىڭ شەخسىتىگە بولسۇن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.

    دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئوباما بىلەن بىرلىكتە سايلامغا قاتناشقان كىشىلەردىن يەتتىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئىگە بولغىنى بۇلايىر خاۋئېر ئىدى. خاۋئېر ئىنتايىن باي سودىگەر بولۇپ، ئاساسىي پۇختا ئىدى. ئوبامانىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ئەۋزەللىكى بار ئىدى. ئۇنىڭ جەمئىيەت مۇلازىمىتىدىكى ئەستايىدىل خاتىرىلىرى ۋە شىتات پالاتاسىدىكى ئەلا ئىپادىسى ئۇنىڭ تالانتىنى ۋە ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. قارا تەنلىكلەر كۆز ئالدىدىكى ئاق تەنلىك قان سېستىمىسىدىن بولغان بۇ ياشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبراز ۋەكىلى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدى-دە، ئىلگىرىكى گۇمانلىرى نەلەرگىدۇر غايىب بولۇپ كەتتى. ئاق تەنلىكلەرگە نىسبەتەن بولسا، ئوباما بىر ئەنئەنىۋىي بولغان قارا تەنلىك ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ تەربىيىسى ئالغان بىر زامانىۋىي قارا تەنلىك ئىدى. «خارۋارد قانۇن تەرىزچىلىكى»دىكى ئىشلارمۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۆۈپ يۈرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا رىقابەتچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا، ئوبامانىڭ سايلام ئۆمىكى ئۆزىنىڭ رولىنى ئىنتايىن ياخشى جارى قىلدۇردى. ئاكسېلونىڭ تېلىۋېزور ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى، ئوبامانىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «شۇنداق، بىز قىلالايمىز!» بىردىنلا ھەممە كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشتىكى شۇئارغا ئايلىنىپ قالدى. ئوباماغا ئەگەشكۈچىلەر  «شۇنداق، بىز  قىلالايمىز!» شۇئارىنىڭ ئامېرىكا خۇنۈكلەشكەن سىياسىتىگە ساپ ھاۋالىق شامال ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئەمەلىي بولغان ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. گەرچە بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ۋەزىيەت ئوباماغا ئىنتايىن پايدىلىق  بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا نۇرغۇلىغان كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى. %95 قارا تەنلىكلەر ئوباما تەرەپتە تۇرغان بولۇپ، ئوباما %53 قوللاش بېلىتى بىلەن شۇنچىلىك رىقابەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىققانىدى.

    شامال يۆنىلىشىنى توغرىلانغان ئوباما دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى چوڭلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يوھان كېرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئوباما 2004-يىللىق دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى ھەمدە قۇرۇلتايدا «قارشى تۇرغۇسىز ئارزۇ» ناملىق نۇتۇقىنى سۆزلىدى. بۇ ئوباماغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىدى. ئاساسىي كۆز قاراش نۇتۇقى مەزكۇر پارتىيىنى، مەزكۇر پارتىيىنىڭ پىرىزدېنت نامزاتىنى، مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتتىكى ئاممىلارغا يەركۈزىدىغان سىياسىي ئېڭى ۋە تەدبىر چارىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئىنتايىن يۈكسەك شان-شەرەپ ئىدى. 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، 5000دىن ئارتۇق ۋەكىللەرنىڭ ئالدىدا، ئوباما ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگىچە سۆزلىدى. نۇتۇقى ئىنتايىن پاساھەتلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قىزغىن چاۋاكلىرىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا ئىدىئولوگىيىسىنىڭ قۇتۇپلىنىشى، پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىگە نىسبەتەن، ئوباما نۇتىقىدا مۇنداق دېدى:

    «بۇ يەردە ئەركىنلىك مەزھىپىدىكى ئامېرىكا بىلەن بىر كونسېرۋاتىپلار مەزھىپىدىكى ئامېرىكا مەۋجۈت ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قوشقا شىتاتى ئاۋام خەلقىنىڭ دۆلىتىلا مەۋجۈت. ئېراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغۇچىلار ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر، ئېراق ئۇرۇشىنى قوللىغۇچىلارمۇ ھەم ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر. بىز ئوخشاش بىر مىللەتمىز. بارلىق كىشىلەر يۇلتۇزلۇق شۇ بايرىقىمىزغا سادىقتۇر. بارلىق كىشىلەرئامېرىكا قوشما شىتاتىغا سادىق كىشىلەردۇر. .....ئۈمىد تەڭرىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسىدۇر. بۇ مىللەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر. بىز ھازىر مىسلىسىز  بولغان كەلگۈسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قەتئىي تۇرۇۋاتماقتىمىز، تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئەتىنى كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتماقتىمىز.»

    بۇ خىل ئۈمىدكە تولغان ئاكتىپ روھىي ھالەت نەق مەيداندىكى بارلىق ئاڭلىغۇچىلارنى تەسىررلەندۈردى، تېلىۋېزور ئالدىدىكى بارلىق ئامېرىكىلىقلارنى تەسىرلەندۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 17 مىنۇتلۇق نۇتۇق ئوبامانى دۇنياغا تونۇتتى، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئەڭ داڭلىق سىياسىي چولپانغا ئايلاندۇردى، شۇنىڭدىن كېيىنلا ئوباما مەملىكەتلىك سىياسىي سەھنىگە قاراپ ئاتلاندى.

    ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوباما %70 لىك بېلەت بىلەن فېدراتسىيە پالاتا ئەزالىقىغا سايلاندى.

    پالارا ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئوباما ئىللىتوئىس شىتاتىدا 40 قېتىملىق يىغىلىشقا قاتناشتى ۋە ئۇيۇشتۇردى. شۇ ئارقىلىق خەلق كۆڭلىنى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا لايىق تەدبىر قوللاندى. دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپ قېتىم باشقا دۆلەتلەرگە باردى، مەسىلەن، روسىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئېراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىغا باردى. ئەمما فدراتسىيە كېڭەش پالاتاسىدا، ئوباما قانۇن تۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشمىدى.

     

    ئالتىنچى: پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا داڭق چىقىرىش

    2004-يىللىق دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئوباما ھەممە كۆزىنى تىككەن يېڭى سىياسىي چولپان بولۇپ قالدى، ئاخبارات ساھەسىدىكى سىياسىي مۇخبىرلار ئۇنىڭ پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇقەررەرلا ئىش دەپ قارىدى. 2005-يىلى 11-ئايدا، ئوباما قەسەم بېرىپ فېدراتسىيە ئالىي پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئەتراپىدىكى چىملىقتا ئاستا سەيلە قىلىشتى. ئالتە ياشلىق مارىيا دادىسىدىن ئەمدى پىرىزدېنت بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئوباما بۇ ئىش توغرىسىدا قىلچە ئويلىنىپ باقمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ پالاتا ئەزاسى تارىخىدىكى بەشىنچى نەپەر قارا تەنلىك پالاتا ئەزاسى ئىدى. بۇ غەلبىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىدى، ئوباما بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي بۇنىڭدىن چوڭ سايلاملارغا يېتىشمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    كونىلارنىڭ «پۇرسەت ئادەم يارىتىدۇ» دېگىنى توغرا بولسا كېرەك. ئوباما ئاخىرىدا يەنىلا پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى ھەم سايلامدا ئۇتۇق قازاندى. بۇنى ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋەزىيىتىنىڭ ئۇنىڭغا تەمىنلىگەن پۇرسىتىدىن دەپ بىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بوشنىڭ تۇنجى ۋەزىپە مۇددىتىدا ئامېىرىكىنىڭ ۋەزىيىتى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن يىراق بولدى دېيىلسە، ئۇ چاغدا ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتىدا بولسا، بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ناچارلاشتى: دۆلەت سىرتىدا ئىككى قېتىملىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا مۇپتىلا بولدى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تېنچلىقى شىمالىي كورىيە، ئېران يادرو مەسىلىلىرىدىكى ئىلگىرىلەش زور بولمىدى. بىر تەرەپنىڭ پىكرى قارشىلىققا ئۇچراپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ياخشى رەھبەرلىك قىلىشقا ئېرىشمىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا، ئاۋامنىڭ بوشقا بولغان ئىشەنچىسى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، ھەييە سىياسىيشۇناس ۋە خەلقنىڭ ئاھۇ زارىغا ئايلىنىپ قالاي دېدى. دۆلەت ئىچى سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ دەل جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن  بولغان بوشنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «باشلىقنى ئالماشتۇرۇش» كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوشنىڭ سىياسىي نەتىجىسى ئاللىبۇرۇنلا جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ بېلەتكە ئېرىشىشىدىكى زەھىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان كېلىنتون مەزگىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋە ئەلا بولغان تەرەققىياتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئامما ئەلۋەتتە دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بىرىنىڭ بۇ ئورۇنغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. دېمەك ۋەزىيەت دېموكراتلار پارتىيىسىگە پايدىلىق بولۇپ، ئوباما دەل مۇشۇ دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى يېڭى بىر داڭلىق چولپان ئىدى.

    ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىسلاھات چوقۇم  يېڭىچە بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا، سايلىغۇچىلار يېڭى بىر چىراينى، يېڭى شەخسنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەنەئنىۋىي سىياسىيشۇناسلارغا ئوخشىمايدىغان يېڭى نەرسىلەرنى، ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى ئىلگىرىلەش ۋە ھاياتىي كۈچنى كۆرۈشنى تېخىمۇ بەك ئارزۇ قىلىدۇ. ئېنىقكى، ئوباما بۇ تەرەپلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇ ئافرىقىلىقنىڭ ئەۋلادى، چىرايى ئەلۋەتتە يېپيېڭى بىر شەخس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاپىسى ساپ بولغان ئاق تەنلىك، بۇ ئېلمېنتلار ئۇنى ئېرق جەھەتتە يېتەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ يېڭى زامانننىڭ كىشىلىرىدىن بىرى، نۇرغۇنلىغان تەرەپلەردە كونا بىر ئەۋلادلاردىن روشەن پەرققە ئىگە. بەزىبىر كونكېرت مەسىلىلەر ئۈستىدە، ئۇ يەنە ئالاھىدە بولغان خاسلىققا ئىگە. مەسىلەن، ئېراق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىلا شەخسىي خاھىش نۇتۇقىدا ئۇ ئاللىبۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئېراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بولغان. ھەتتا ئۇنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىنىڭ قىسقا بولۇشىمۇ ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى ھېسابلىناتتى. ئاتالمىش «ئاق ۋاراق قەغەزگە گۈزەل رەسىملەرنى سىزىش ئاسان» دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئوبامانىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن پاكىز، سىياسىي تەسىرىمۇ ياخشى.  بۇ سىياسىي قازاندا تولا قايناپ ئىسلىشىپ كەتكەن ئۇ كىشىلەردىن ئەلۋەتتە كىشىنى ئازادە ھېس قىلدۇراتتى. يەنە، ئوبامانىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان سېھرىي كۈچىمۇ، كىشىنى قايىل قىلىدىغان رەھبەرلىك سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارمۇ، ئوبامانىڭ پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشسىلا غەلبە قازىنايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

    ئەمما پايدىسىز ئامىللارمۇ ھەم بار ئىدى. ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، مۇبادا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشىگە ئېرىشەلمەي قالسا، باشقىلارنى دېيىشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك پارتىيە ئىچىدىكى چوڭلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن ئىدى؛ ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ھىلارى كېلىنتون ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرۇپلا قالماستىن، پارتىيە ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت زەنجىرى بار ئىدى. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، مۇبادا پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىپلا قېلىپ، شۇ پېشكەلچىلىكتە مەغلۇپ بولۇپلا قالسا، يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇش ئىنتايىن تەسكە چۈشەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىق سەۋەبىدىن، كېيىنچە ئالدىرىماي قاتناشسىمۇ ھەم كېچىكمەيتتى.

    ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋەزىيەت بارغانسىرى ئوباماغا پايدىلىق بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئالدى بىلەن ئاخبارات ساھەسىنىڭ رىغبەتلەشدۈرۈشى، گەرچە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ئوبامانىڭ پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىشىغا نىسبەتەن ئالدى-كەينى ئىككى خىل پىكرى بولسىمۇ، ئەمما قايسىلا پىكىردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوبامانى مەركەز قىلىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى قوزغىيالايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبامانىڭ بەزىبىر بىلىپ-بىلمەي ئېلىپ بارغان بەزى ھەرىكەتلىرى ئاممىنىڭ ئاچقان يېرىگە بارغان ئىدى.  مەسىلەن، 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇ ئىككى داڭلىق سايلام رىقابىتى مۇتەخەسىسلىرىنى يېنىغا تارتىشى ئاخبارات ساھەسىنىڭ تېخىمۇ بەك قىزىقىشىنى تارتتى. 2006-يىلى 9-ئايدا، لوۋا شىتاتىنىڭ پالاتا ئەزاسى تام ھارگېننىڭ تەكلىپ بىلەن ئوباما ئەنئەنىۋىي بولغان يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە قاتناشتى. لوۋا شىتاتى دۆلەت پىرىزدېنت سايلىمىنىڭ ئالدىن سايلام ئېلىپ بېرىشتىكى بىرىنچى بېكەت بولغانلىقى سەۋەبلىك، تەكلىپكە قاتناشقان سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي كۈچى بولغان سايلام نامزاتلىرىدىن ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئوبامانىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا بولغان گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

    2006-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۆزىنىڭ «قورقماس ئارزۇ» ناملىق كىتابىنىڭ تەسۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشقاندام ئوباما ئۆزىنىڭ پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن سايلامغا قاتنىشىشنى ئويلاۋاتىمەن.» ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق ئىپادىلىدى: «بۇ پەقەت بىر ئىنتىلىش خاراكتېرىدىكى ئويلىنىش، قالغانلىرىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئالدىرىماي تەپسىلىي ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.» بۇ قېتىملىق ئىپادە بىلدۈرۈش گەرچە بەك ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئوبامانىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «سايلام رىقابىتىگە قاتناشمايمەن» دېگەن ئىپادىسىدىن كەڭتاشاراق ئىدى.

    2006-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا سىملىق تېلىۋېزىيە ئاگېنتلىقى تورى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قېتىملىق پارتىيە ئىچى خەلق ئىرادىسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇنىڭ نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ھېلارىنى قوللىغۇچىلار %33 بولۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا بولدى، ئوباما بولسا %15 ماگناتقا ئېرىشكەنىدى. گەرچە ئېدۋاردىس بىلەن گورىنىڭ ئېرىشكەن سانىمۇ %14كە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما گورى بىلەن ئېدۋاردىس ئۆزىنىڭ پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭلىق بىلەن بۇ قېتىملىق پارتىيە ئىچى سايلام رىقابىتى ئوبېكتىلىرى ئىنتايىن ئېنىقلاشقان بولۇپ، ئوباما بىلەن ھېلارى ئىدى.

    2006-يىلى 12-ئايدا، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى نوپۇزلۇق شەخس، ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ فدراتسىيە پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد كېننىدى، ۋاشىنگتوندىكى تۇرالغۇسىغا فېدراتسىيە پالاراسىنىڭ ساغلاملىق ۋە مائارىپ كومىتېتى ئەزالىرىنى زىياپەتكە چاقرىدى. زىياپەتتە، كېننىدى ھېلارى بىلەن ئوبامانى بولسا ئۆزىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە ئولتۇرغۇزدى. بۇ كېننىدىنىڭ ئۇلارنىڭ ۋەزنىگە ئوخشاش قارىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇن

    ئۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپنى رىقابەتچىسى دەپ بىلىپ، ئاستىرتتىن كۈچ سىنىشىشقا باشلىدى. بىر قېتىم، بۇ ئىككىيلەن پارلامېنتتىكى بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا ئۆز-ئارا سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى، ئوباما كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ھېلارىغا تېگىشىپ قويدى، نەتىجىدە ھېلارى مەقسەتلىكمۇ ياكى تاساددىپىيلىقمۇ، ئىشقىلىپ ئوباماغا قاراپمۇ  قويماي ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى ئۆمىكى مۇنداق بىر ئېلان سۆزى لايىھىلىدى: «ئاپاڭلارغا مەن ئوبامانى قوللايمەن دېمەڭلار» بۇ ئېلان سۆزى ئېنىقكى ھېلارىغا قارىتىلغان ئىدى، چۈنكى «ئاپا» ھېلارىنىڭ ئەينى يىللاردا ئاق سارايدىكى لەقىمى بولۇپ، بۇنى كېيىنچە ھېلارىنىڭ ئۆلمەس چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنى ئاتاشتىكى بىر خىل نام قىلىۋالغان ئىدى.

    ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ بىر نىيەتتە قول تۇتۇشىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بار ئىدى. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئوبامادىن ھېلارىغا بولغان تەسىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ماختىشىنى ئازراقمۇ يوشۇرۇپ قالمىغان ھالدا: «ئۇ بىر ئايال قەھرىمان، ئەقىللىق، كەسكىن، ھەتتا مەنمۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنداق بىر رىقابەت مەنچە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك  بولىدۇ» دېدى. ھېلارى بولسا ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئوبامانى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئالاتتى، ئۇنى تىلغا ئالغان تەقدىردىمۇ، مۇنداقلا دەپ قوياتتى. سىياسىي ساھەدىكى پىشقەدەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئوبامانى كۆپ تىلغا ئېلىشى ئوبامانىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىنى شۇنچە ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇپ، ئوباماغا نىسبەتەن بىر تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. 10-ئاي مەزگىللىرىدە، ھېلارى ئىنتايىن تۇيۇقسىز سورالغان «ئوبامانىڭ نامزات سايلىمىغا قاتنىشىشىغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سۇئالغا ئىنتايىن ئاددى قىلىپ «ياخشىغۇ!» دەپلا جاۋاپ قىلغانىدى. ئەمما دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كونىلىرى بولۇپ شۈپىتى بىلەن، ھېلارى ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى كۆرسىتىپ ـــ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق پارلامېنت يىغىنىنىڭ خەۋىرىدە ئوباما بىلەن يەنە بىر يېڭى نامزاتنى خەۋەتنىڭ باش بېتىگە چىقارغانىدى.

    2006-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ، ئوباما ئېچىلىش مۇراسىمى ئالاھىدە مېھمىنى  بولۇش سالاھىيتى بىلەن يىراق مۇساپىلىق تارقىتىلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن داڭلىق بولغان «دۈشەنبە كۈنى كەچلىك زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى»نىڭ چېكاگو ئېيىق كوماندىسى ساھىپخان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن لۇيىس قوي كوماندىسىنى كۈتۈۋالغان نەق مەيدان مۇسابىقىسىغا ئىشتىراك قىلدى. تارقىتىلىش باشلانغان ھامان، ئوباما ئېكراندا كۆرۈندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدا سالاپەتلىك ھالدا ئولتۇرۇپ: «بۈگۈن مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ بىر گۇمانىڭلارغا، ئامېرىكىلىقللارنىڭ كاللىسىدا ئۇزۇندىن بېرى چۈشىنەلمەي كېلىۋاتقان بىر مەسىلىگە، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان  بىر گۇمانغا يەنى ــــ زادى قانداق 2008-يىلى ئامېرىكىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىللەيدۇ ـــ دېگەن سۇئالغان ئېنىق جاۋاب بەرمەكچىمەن.....» دېگەن باشلىنىش نۇتۇقى بىلەنلا پۈتۈن مەيدان قىقاس-چۇقانغا تولدى. «بۈگۈن، بارلىق گۇمان قىلىشلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرلىشىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ يۇرتى چېكاگو خەلقىگە، پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىگە ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇنى جاكارلايمەنكى، مېنىڭ، تەييارلىقىم پۈتتى.» ئوباما شۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىنى توختىتىۋالدى، ئاندىن ئۇ چېكاگو كوماندىسىنىڭ ئېيىق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شەپكىسىنى كىيدى-دە، «چېكاگو ئېيىق كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلمىسا قايتمايدىغان شان-شەرىپىنى كۆرۈشكە تەييارلىنىپ بولدۇم» دېدى.

    2007-يىلى يېڭى يىل باشلىنىشىدا، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئوباماغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن خەۋەرلەرنى بېرىشكە باشلىدى. بۇ ئالدىنقى ئەسرىدىكى كېننىدى زامانىدىن بۇيانقى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىر سىياسىي شەخىسنى مۇشۇنچىۋالا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەۋەر قىلىشى ئىدى. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئەسلىدە ھېلارىنىڭ ئېراقنى زىيارەت قىلىشىنى خەۋەر قىلماقچى ئىدى، ئەمما كېيىن ئوباما توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتتى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئوباماغا بولغان قىزغىنلىقىدىن كەڭ ئامما قەلبىدىكى ئوبامانى كۆرۈۋېلىش ئەلۋەتتە تەس ئەمەس ئىدى.

    2007-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ كونا شىتات بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، ئىللىنوئىس شىتاتى فېدراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى 45 ياشلىق ئوباما 2008-يىللىق ئامېرىكا پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان ئورۇن بولۇپ، 1858-يىلى دەل مۇشۇ يەردە، ئابراھام لېنكىن ئىنتايىن داڭلىق بولغان نۇتقى «بىر بۆلۈنگەن ئائىلە» دېگەن نۇتىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بارلىق كىشىلەرگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «يېرىمى ئەركىنلىك، يېرىمى قۇللۇق بولغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمرى ھەرگىزمۇ  ئۇزۇنغا بارمايدۇ!» دېگەن ئىدى. بۇ مەشھۇر نۇتۇق لېنكىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتلىق سايلىمىدا سۆزلىگەن  نۇتقى  بولۇپ، بۇ يەنە بىر مەنىدىن قۇللۇق بىلەن قىلغان كۈرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بۇ 45 ياشلىق دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى ئۆزىنىڭ پارلامېنت ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچى نۆۋىتىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، ئالدىراپ بۇ دۆلەتكە رەھبەر بولۇشقا، ھەتتا پۈتكۈل دۇنياغا باش بولۇشقا چۈشكەن ئدىى. «مېنىڭ تەرەبباللىقىمنى ۋە قاپ يۈرەكلىكىمنى كەچۈرۈڭلار، ئۇلۇغ پىرىزدېنت لېنكىن نۇتۇق سۆزلىگەن جايدا مەن ئۆزۈمنىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىمنى جاكارلاپ قالدىم.» ئوباما تۈمەنلىگەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق دېدى: «ئاق سارايغان تۇتىشىدىغان يولغا نىسبەتەن بىلىدىغانلىرىمنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئەمما مۇنداق بىر ئىشقا مەن چەكسىز ئىشىنىمەن، ئۇ بولسىمۇ بىز چوقۇم ئۆزگۈرىشىمىز كېرەك!»

    شۇنداق قىلىپ كالېندار ئىنتايىن تېزلا 200-يىلىغا ئۆرۈلدى. ئامېرىكا پىرىزدېنتىنىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزات كۆرسىتىلىشى ئىنتايىن كەسكىن نۇقتىغا كەلدى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلام نامزاتلىرى ئىچىدە ئوباما بىلەن ھېلارىلا قېلىپ قالدى. دەسلەپتە، ھېلارى ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەھۋاللاردا ئۆزگۈرۈش بولۇپ، تارازىنىڭ ئوباما تەرىپى ئېغىر كەلدى. ئوباما ھەرقايسى شىتاتلاردا كۆپلىگەن قوللاشلارغا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئەسلىدە ھېلارىنىڭ بېلەت ئىسكىلاتى بولۇپ كېلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ۋەكىللەرمۇ ئەمدىلىكتە ئوبامانى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قوللاشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئارىسىدا ھېلارىنىڭ دوستلىرىمۇ بار ئىدى. يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ فېدراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى دولاند پېئېر ھېلارىنىڭ ياخشى دوستى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: باراك ئوباما بىزنىڭ دۆلىتىمىز تەقەززا بولۇۋاتقان ئۈمىدنى ۋە كېرەك بولغان ئۆزگۈرۈشنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.» دېدى. پېيئېرنىڭ مەزكۇر باياناتى ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە كەڭ خەلقنىڭ كۆڭۈل سادالىرىغا ۋەكىللىك قىلدى.

    ئوباما دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلدى.

    جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ نامزاتىمۇ كەينىدىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇ ئارىزونا شىتاتى فېدراتسىيە پارلامېتنت ئەزاسى يوھان مايكېر ئىدى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قىزغىنلىقىغا قارىغاندا، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سەل سۇس كەيپىياتتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. كېيىن، ئىككى پارتىيىنىڭ سايلام نامزاتلىرى سايلام رىقابىتىدىكى ھەمراھلىرىنى تاللاپ چىقتى: مايكېر ياشراق كەلگەن ئالياسكىنىڭ گۈزەل شىتات باشلىقى سارا پېرىننى تاللىدى. ئوباما بولسا ياشقا چوڭراق كەلگەن، ھەربىي ئىشلار دېپلوماتىيە تەجرىبىسىگە ئىگە جون بادىننى تاللىدى.

    2008-يىللىق سايلام رىقابىتى باشقىچىلا قىزغىن بولغان بولسىمۇ، ئۇنچە كەسكىن ئەمەس ئىدى. مۇبادا كىشىنى ئاسان ئىپادە بىلدۈرگىلى قويمايدىغان بۇ ۋەھىمىلىك سۆز، ئىرق مەسىلىسى بولمىغان بولسا، بۇ قېتىملىق سايلامنى ھېچقانداق پۇتاقسىز سايلام دېيىشكە بولاتتى. ئىقتىسادىي كىرزىس ئېغىرلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەش چېكىنىشى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىگە ھېچقانداق بىر پۇرسەت قويمىغانىدى. گەرچە سىياسىي پارتىيە ئامىللىرىنىڭ رولى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى دەسلەپتە ھېچقانداق چوڭ پەرق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا  بۇ پەرق چوڭىيىپ كەتتى. مايكېر ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي بېلەت مەنبەلىرىنىمۇ تۇتۇپ قالالمىدى. ئوباما بولسا باشتىن ئاخىر بېلەت دۆۋىسىگە ئالىنىپ كەلدى.

    2008-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكىدا چوڭ سايلامغا بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈلدى. ئەڭ ئاخىرى، باراك ئوباما 145:297 نەتىجە بىلەن بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ غەلبىسىگە ئېرىشتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى بولدى.

    يەتتىنچى: ئېغىر ۋەزىپە يىراق يول

    ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كاندىدات پىرىزدېنت  بولۇپ قالدى. سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئۈمىد كۈتتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم شەخسلىرى كەينى-كەينىدىن سۆھبەت ئېلان قىلىپ ئۆزىلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئوباما بىلەن بالدۇرراق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىشتى. كىشىلەر ئوبامانىڭ دۇنياغا باشقىچە بىر ئامېرىكىنى ئېلىپ كېلىشىنى، ئوباما رەھبەرلىك قىلغان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇنىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئوباماغا نىسبەتەن بولسا، كابېنت تەشكىللاش ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئەڭ مۇھىم ئىدى.

    ئوباما كاندىدات مەزگىللىرىدە، ئامېرىكىدا خۇددى ئىككى پىرىزدېنت پەيدا بولۇپ قالغاندەك بولۇپ، ئوبامانىڭ ئابرۇيى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بوشنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى چىقىپ كەتتى. ئەمما، بۇ جەرياندا، بىرلىرى ئوبامادىن مۇھىم بولغان سىياسەت تەدبىرلىرى توغۇرلۇق سۇئال سوراپ قالغاندا، ئۇ ھەر دائىم، ھازىرقى پىرىزدېنتنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بوشنىڭ ھۆرمىتىنى يېتەرلىك قىلدى. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئوباما ئەر-ئايال بوشنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئاق سارايغا كەلدى. ئوباما بوش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي كىرزىس ۋە ئىككى مەيدان ئۇرۇشتىن غەلبىلىك ئۆتۈپ كېتىشى توغرىسىدا بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككىلا تەرەپنىڭ سۆھبەتتىكى پوزىتسىيىلىرى ئىنتايىن جايىدا بولسىمۇ، سىياسىي بۆلۈنۈشى ئىنتايىن روشەن ئىدى.

    ئەلۋەتتە، ئوبامامۇ ئۆزىنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئىچكى ۋە سىرتقى سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. دېپلوماتىيە جەھەتتە، ئۇ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېراقتىن ھەربىي قوشۇنىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا بولسا ھەربىي كۈچىنى زورايتىپ تالىبانلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى؛ شىمالىي كورىيە، ئېران يادرو مەسىلىلىرىدە، يۈز تۇرانە سۆزلىشىشنى تەشەببۇس  قىلىدىغانلىقىنى؛ ياۋروپاغا نىسبەتەن ھەمكارلىشىپ دوستلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.... ئىچكى سىياسەت جەھەتتە بولسا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتە، ئۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بوش ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان «شەھەر قۇتقۇزۇش» يولىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي بەنزىسى خېلى  بۇرۇنلار ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ بۇ سىياسەتنىڭ كونكېرت مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. ئىلگىرىكى كاندىدات پىرىزدېنتلار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا ئالدىراشلا خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىيشىگە دەخلى قىلىپ قوياتتى. مۇشۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، ئوبامانى ئاز تېپىلىدىغان خىزمەتكە ئالدىنئالا قول تىقىدىغان كاندىدات پىرىزدېنت دەپ ئېيتىشقا بولاتتى. بۇ ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھامانلا ھەممە ياقتا قانات يايىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ خىل يېڭىچە سىياسىي ئۇسلۇب ئوبامانىڭ ئىسلاھات روھىنى نامايەن قىلىپ، ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۈمىد شاملىرىنى ياقتى.

    2009-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئوباما ئائىلىدىكىلىرى بىلەن پىرىزدېنتلارغىلا خاس بولغان «ئوباما تېز ماشىنىسى»غا ئولتۇرۇپ، فىلادېلفىيە شەھىرىدىن ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى لېنكىننىڭ ئەندىزە قىلغان  بولۇپ، لېنكىن پويىزغا ئولتۇرۇپ فىلادېلفىيەدىن يولغا چىققان ئىدى، ھەمدە 12 كۈندە ۋاشىنگتونغا كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇساپىدە ئۇ 100 مەيداندىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلىگەنىدى. «ئوباما تېز ماشىنىسى»ۋىلمىنگتوندا توختاپ، ئۇ يەردىكى مۇئاۋىن پىرىزدېنت بەيدىن ئەر-ئايالنى ھەمراھ قىلىپ پويىزغا ئولتۇردى. پويىز نەچچە سائەت بۇرۇنلا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئوبامانىڭ ئۆز قوللىغۇچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى ـــ لېنكىنغا ئوخشاش ئۇ پويىزنىڭ ئاخىرقى ۋاگونى ئۈستىدە تۇرغانىدى.

    بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە، ئوباما ئايرىم-ئايرىم ھالدا لېنكىن قەبرىسى ۋە كوللېج ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىككى مەيدان نۇتۇق سۆزلىدى،  ئالدىنقى قېتىملىق نۇتقى روشەنكى پىرىزدېنت ئابراھام لېنكىننى ئەسلەش ئۈچۈن بولدى. كېيىنكى بىر مەيدانى بولسا ماركىن لۇتىر كىڭنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بولدى. بۇ ئىككىيلەن ئوخشاش ھالدا قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئولۇغ كىشىلەر بولۇپ، ئوبامانىڭ ئۈلگىلىرىدىن ئىدى.

    1-ئاينىڭ 20-كۈنى يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن 8:45 دە، ئوباما «پىرىزدېنتلار چېركاۋى» دەپ ئاتالغان يوھان ئىلاھىيەتشۇناس چېركاۋىدا ئۆز ئالدىغا دۇئا تىلاۋەت قىلدى. سائەت 10دا، ئوباما پىرىزدېنت بوش بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاق سارايغا قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بوش ئوباماغا ھەمراھ بولۇپ دۆلەت پارلامېنت بىناسىنىڭ غەربىي يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاراپ ماڭدى. 11:30دا، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. 12دە، ئوباما ئايالى مايشېل ۋە ئىككى قىزىنىڭ ھەمراھ بولۇشى بىلەن، ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى يوھان روبىسنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا، سول قولىنى لېنكىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمىدە ئىشلەتكەن «ئىنجىل»نىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈردى. رىياسەتچىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن قەسەم سۆزى قىلدى. قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئوباما ئائىلىدىكىلىرىنى سۆيۈپ قويدى ھەمدە مۇئاۋىن پىرىزدېنت بەيدىن بىلەن قۇچاقلىشىپ تەبرىكلەشتى. بۇ ۋاقىتتا، خەلق مەيدانىدا 21 دانە ھۆرمەت سالىيوتى ئېتىلدى، نەق مەيداندىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشى قىقاس-چۇقان سېلىپ قىزغىن تەبرىكلەشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوباما ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقىنى سۆزلىدى ۋە شۇنىڭلىق بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئاياقلاشتى. 12:45دە، ئوباما بوشنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇراسىم نەق مەيدانىدىن  ئايرىلدى.

    چۈشلۈك غىزادىن كېيىن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 14:30دا، تەبرىكلەش نامايىشى باشلاندى. ئوباما ۋە ئائىلىدىكىلىرى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ پېنسىلۋانىيە چوڭ كوچىسىنى بويلاپ ئاق سارايغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئائىلە  بويىچە ئاق ساراينىڭ كۆرۈش مۇنبىرىگە چىقىپ، نامايىشنى كۆزدىن كەچۈردى. سائەت 20دە، تۇنجى مەيدان تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋاشىنگتون يىغىن مەركىزىدە باشلىنىپ، ئوباما ئالدى بىلەن سۆز قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن بىر مەيدان تانسا ئوينىدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئون مەيدان تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئوباما بىلەن ئايالى ئون قېتىم ئۇسسۇل ئويناپ ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.

    ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقىنى ئوقۇرمەنلەر ئاسانلا تېپىپ ۋاقىپلىنالايدۇ، بىز بۇ يەردە ئۇ نۇتۇقنى تىلغا ئالماي، ئاخبارات ساھەسى ۋە بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئوبامانىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پىرىزدېنتلار ئىچىدىكى ئەڭ قالتىسلىرىدىن بىرى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ نۇتىقىغا تەشنا بولۇشى نۆۋەتتىكى ھالقىلىق پەيتلەردە كىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۈمىدلەندۈرەلەيدۇ. ئەمما كىشىلەر نۇتۇق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ نۇتۇقنىڭ ئادەتتىكدەك بىر نۇتۇق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ بىر پارچە نۇتۇقىدا كىشىلەر ئېسىدە تۇتۇۋالغۇدەك نەچچە جۈملە سۆز يوق، كېننىدى ۋە روزۋېلىتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقلىرىدەك كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ئۇزۇن مەزگىلگىچە قېلىپ قالغۇدەك ئۇنداق پاساھەتلىك جۈملىلەر يوق. ئوباما نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا ئەتەي لېكىنكىننىڭ سۆزلەش ھالىتىنى ۋە ئاھاڭ تەلەپپۇزىنى دورىغان بولسىمۇ، ئەمما لېنكىننىڭكىدىن خېلىلا يىراقتا قالدى. ئەمما سۆز قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ كىچىك قىزى ساشا  دادىسىغا قارىتىپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ قويد،  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا  بولىدۇكى، قىزىنىڭ قەلبىدە بۇ دادا ئەڭ قالتىس دادا ئىدى.

    1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئوباما ئۆزىنىڭ ئاق سارايدىكى ئېللىپىس شەكىلدىكى ئىشخانىسىدا تۇنجى كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ كۈندىكى تۇنجى خىزمەت، دەل ئاق ساراي مەسلىھەتچىلىرىگە چەكلىمە بەلگىلەپ، «ئوچۇق-ئاشكارا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش»نىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى؛ ھەمدە ئاق سارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇئاشىنى توڭلىتىپ، ئۇلارنى خەلق بىلەن بىللە كەمىرىنى چىڭىتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەربىي قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئېراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانى تاپشۇرۇشنى تاپىلىدى. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشتى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە بىرئەلچىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

    ئەمما، خىزمەت يۈرۈشتۈرۈشكە ئەگىشىپلا قىيىنچىلىق ۋە ھەرخىل گۇمانلارمۇ ئەگىشىپ كەلدى.

    ئالدى بىلەن، ئىچكى كابېنتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەردىن ھېلىتىنلا قالايمىقان خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە، ئوبامانىڭ ئىچكى كابېنت ئۆمىكى  بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئۆمىكى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىنتايىن ماختىشىغا سازاۋەر بولغانىدى. ھەمدە كىشىلەرنىڭ چوڭ ئۈمىدلىرى باغلانغانىدى. ئەمما ئىنتايىن تېزلا مەسىلىلەر كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. باشلىنىشىدىلا، ھېلارىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇشقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش گۇمانى بولۇپ، بۇنىڭدىنكى سەۋەپ كېلىنتوننىڭ فوندى مەسىلىسى ئىدى. بۇ قېتىملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىش، كېلىنتون فوندىنىڭ كېيىن بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت سىرتىنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلماسلىقى بىلەن ئىجرا قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، سەھىيە نازارىتىنىڭ باشلىقى تام دالىش قاتارلىق نامزاتلارنىڭ باج ئوغۇرلاش قاتارلىق مەسىلىلىرى بىلەن نامزاتلىقتىن قالدۇرۇلدى. ئوباما ئەسلىدە پارتىيە پۇرىقى ئۇنچە كۈچلۈك بولمىغان ئىچكى كابېنت قۇرۇشنى ئويلاپ، بىر نەچچە جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما سودا نازارىتىگە كۆرسىتىلگەن جۇمھۇىيەت پارتىيە ئەزاسى گاد گېرىگ يەنىلا شۇ پارتىيە مەسىلىسى تۈپەيلى نامزاتلىقتىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇ مەسىىلەر پاك بولغان ئىناق ھۆكۈمەت قۇرۇش نىشانىغا سايە تاشلاپ قويدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېپلوماتىيە تەرەپمۇ ئوباماغا ئىنتايىن قاتتىق سىناقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئېراق، ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيەتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇملىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، تالىبانلار  مۇئەييەن كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى قوزغىدى. «ئەلقائىد» ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان «سايە قوشۇنى» بولۇپ تەشكىللەندى. ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنىچ ئىلگىرىلىشى ئوباما پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى شۇ ئۇرۇش ۋەجىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ كەتكەن بولۇپ، خاماسنىڭ پەلەستىندىكى نوپۇزىنىڭ ئېشىشىغا ۋە لىكۇد گۇرۇھىنىڭ ئىسرائىلىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېنچلىقنىڭ تەرەققىياتىدا ھېچقانداق يورۇقلۇق قالمىغان ئىدى. لى مىڭ فۇ ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە بولغان سىياسىتى بىلەن كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە توقۇنۇشى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىپ، دېڭىز ئۇرۇشى تېگىپلا كەتسە پارتلايدىغاندەك تۇراتتى. ياۋوپا دۆلەتلىرىمۇ دەسلەپتىكى ئارزۇ-ئارمانغا تولغان ھالىتىدىن گۇمانغا چۈشكەن بولۇپ، ئوبامانىڭ يارىشىش كېلىشىم سىياسەتلىرىمۇ سىناققا دۇچار بولغان ئىدى.

    ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئىقتىسادىي مەسىلە ئىدى. ئوباما كاندىدات مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۆمىكى ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىساد پىلانى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەڭ كۈچىگەن خىزمەت بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىقتىسادىي پىلانى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچراپ، ئاخىرىدا ئورتاق قاراشقا كەلگەن ئىقتىسادىي سومما ئەسلىدىكىدىن خېلىلا ئازلىدى. پارلامېنتتا، بۇ ئىقتىسادىي پىلان تېخىمۇ چوڭ زەربىگە ئۇچراپ، قارار چىقىرىش ئارقىغا سۈرۈلىۋەردى. ئەڭ ئاخىرىدا 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاۋام پالاتاسى بىلەن پارلامېنت بۇ لايىھىنى ماقۇللىدى.

    ئەلۋەتتە، ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا يېڭىلىقنىمۇ، رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى.

    ئالدى بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىشنى بىر تەرەپلىك تىركىشىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان دېپلوماتىيە سىياسەتلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ئوباما ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى. كېلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىش مەسىلىسىدە، ئوباما ھۆكۈمىتى «پايتەخت كېلىشىمنامە»لىرىگە قوشۇلۇشنى خالىدى. شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە، ئوباما ھۆكۈمىتى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كۈچ چىقاردى ھەمدە شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چەتكە قاقمىدى. ئېرانغا قارىتا، ئوباما ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، بۇ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇندى. ياۋروپانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش پىلانىدا، ئامېرىكىمۇ روسىيە بىلەن بىرلىكتە ماسلىشىش قارارىدا بولدى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، باشقا پىرىزدېنتلارغا ئوخشاش تەختكە چىقىپلا جۇڭگوغا دۈشمەنلىك نەزەرىيىسى بىلەن قارىماي، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋېتىدە ئاكتىپ ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

    دۆلەت ئىچى سىياسىتى جەھەتتە، «ئوچۇق-ئاشكارا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» پىكرى دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشقان بولۇپ، بۇ ئىچكى سىياسەت ئىسلاھاتىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولاتتى. ئاق ساراي ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى توڭلىتىش ھەرىكىتى بولسا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ مايىل قىلدى. ۋال كوچىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئەمەلدارى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ يىل ئاخىرىدا يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئوباما بۇنداق قىلمىشنى «نومۇسسىزلىق» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇ ئەمەلدارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈردى. ئوباما دۆلەت كېڭىشىنىڭ يېڭى بولغان ئىقتىسادىي پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا كۈچ چىقاردى ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر ئايغا توشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلدى.

    كۆزگە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى، يەنىلا ئوبامانىڭ ئۆزىگە خاس جەلپكارلىقى ئىدى. ئۇنىڭ قاملاشقان قامىتى، پاساھەتلىك ئورۇنلۇق سۆزلىرى، ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرىلەش روھى، رومانتىك نىكاھ مۇھەببىتى، دەۋرگە ماسلاشقان تۇرمۇش شەكلى كشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلاتتى. مۇبادا، 2009-يىللىق ئەتىيازدا ئەڭ مودا ئەپەندىم بىلەن ئەڭ مودا خانىمنى سايلاپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ئېنىقكى، ئوباما بىلەن ئۇنىڭ خانىمى بۇ نامغا شۈبھىسىز ئېرىشكەن بولاتتى.

    مانا ئەمدى ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا ئوباما قايتىدىن ئاتلانماقتا. قېنى، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىق ئورنىغا يەنە بىر ئوباما چىقامدۇ-يوق؟ ھەممىمىز بىرلىكتە دىققەت قىلىپ باقايلى!

    گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا , پىرىزدېنت , باراك ئوباما
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-23 14:33:49
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1125
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证