مازاندارانلار
مازاندارانلار-ئېراندىكى مىللەتلىرىنىڭ بىرى. ئاھالىسى تۆت مىليون 600 مىڭ بولۇپ (2011-يىلدىكى سىتاتېسكا)، ئاساسلىقى ئىراننىڭ زاگروس تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كاسپى دېڭىزىغا تۇتاش تاغ باغردىكى مازانداران ئۆلكىسى ۋە خوشنا رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان.
مازاندارانلارنىڭ ئىرقى، تىلى-يېزىقى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى پارسلار بىلەن ئىنتايىن ئوخشاشسىمۇ تەلەپپۇز پەرقى بەك چوڭ بولۇپ پارىسلار بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. مازاندىرانلار بىلەن گىلانلارنىڭ تىلى ناھايىتى يېقىن بولۇپ ئاساسەن ئۆز تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.
تۈزلەڭلىك ۋە تۆۋەن يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان مازاندارانلار ئاساسلىقى شال، كۆممىقوناق، سىتروس ئۆسۈملۈكلىرى (ماندارىن، لىمون، ئاپلېسىن قاتارلىقلار)، كېۋەز، زىغىر ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تاغلىق ئاھالىلەر بولسا كۆپ ھاللاردا ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۆچكە، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوشۇمچە كىچىك پارچە يەر ئېچىپ، ئاساسلىقى بۇغداي بىلەن ئارپا تېرىيدۇ.
ئەسلىدە مازاندارالار ئەڭ دەسلەپتە قەبىلە ئىلاھىي ۋە زوروئاستىرىزم (ئاتەشپەرەسلىك)غا ئېتىقاد قىلغان. 11-ئەسىردىن كېيىن، ئىسلام دىنى مازانداران رايونلىرىدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ %90 ئاھالىسى شىئە مەزھىپىگە كىرگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىدىكىلەر ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىسى، مەسىلەن، ئۆلۈم-يېتىم، توي مەرىكىلىرى، مال-دۇنيا ۋارىسچىلىق ئىشلىرى، دىنىي بايراملارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مازانداراندا كونا قائىدىلەر ۋە يەرلىك ئەنئەنىۋى دىنلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ھوڭقۇر بولۇپ 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن «ئىسلام ئاساسىي قانۇن»ىنى يولغا قويۇلۇپ، چوڭ-كىچىك بازارلارنىڭ ھەممىسىدە دىنىي مەكتەپلەر تەسىس قىلىنىپ خۇراپاتلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەر بولسا دىنى ساۋاق دەرىسىنى كۈچەيتكەن. ھۆكۈمەت مەخسۇس دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ مازاندارا رايونىنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ.
يۇسران تەرجىمىسى