تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گىلانلار



     

    گىلانلار

    گېلان مىللىتى غەربىي ئاسىيا ئېران مىللەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، تەخمىنەن تۆت مىليون نوپۇسقا ئىگە (2011-يىلىدىكى سىتاتېستىكا) .

       گىلانلار ئاساسلىقى كاسپى(ھازار) دېڭىزىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئىرانغا قاراشلىق گىلان ئۆلكىسىدە ۋە خوشنا ئۆلكە مازاندىرانننىڭ گىلانغا تۇتاش رايونلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھىندى ياۋروپا تىل-سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى غەربى ئىران تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە  گېلان تىلىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئىران ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان گىلانلار پارس تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدۇ. گىلان تىلى ئىران تىللىرىنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ ئەمما پارىس تىلىنىڭ شىۋىسى ياكى دىئالىكتى ئەمەس. ساپ گىلان تىلىنى ئىرانلىق پارىسلار ئاساسەن چۈشەنمەيدۇ. 

       گىلانلارنىڭ تارىخى ئاساسەن خوشنا مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ پارىسلارنىڭ تارىخى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن، ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ، تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە نىسبەتەن يەرلىك ئاپتونومىيەگە ئىگە بولۇپ پارىسلارنىڭ تەسىرىدىن يىراقلاشقان بولسىمۇ 15-ئەسىردىن كېيىن ئاساسەن پارىسلار بىلەن تىل-يېزىق ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىدا بىرلىكتە ياشاپ كەلمەكتە. گىلانلار 9-ئەسىرلەردە شىئە زەئىد مەزھىبىگە  ئېتىقاد قىلغان، 15-ئەسىردىن كېيىن ئىراننىڭ تەسىرىدە ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىەە ئۆتكەن. ئىرانلىقلارغا ئوخشاش ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر، كۆپ قىسىم خەلق يەنىلا تاش، دەرەخلەرنى مۇقەددەس دەپ قارايدىدىغان بولغاچقا، گىلانلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقانداق بىركەنتنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، تاغ باغرى ئېغىزىدا، يول ئاچاللىرىدا مۇقەددەس تاش، مۇقەددەس دەرەخلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

      گىلانلار زاگروس تاغ باغرىدىكى تارىخى ئۇزۇن قەدىمى مىللەت بولۇپ، مازاندىرانلار، كۇردلار ۋە شىمالدىكى تالىشىلىقلارغا قانداشلىق كېلىدۇ. گىلان زىمىنى قىشتا ئىللىق يازدا سالقىن بولۇپ باغۋەنچىلىك ناھايىتى تەرەققى قىلغان، ئانار ۋە ياڭاق ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك يىمەك-ئىچمەكلەر گىلاننىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ھىسابلىنىدۇ. گىلانلارنىڭ كۆپچىلىكى يېزا-ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دەريا-دېڭىز ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تاغدا ئولتۇراقلاشقانلىرى بولسا قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاساسلىق زىرائەتلىرى شال، بۇغداي، ئارپا، كەندىر، شېكەر قۇمۇشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چاي دەرىخى يېتىشتۈرۈش، ئاپلېسىن ئۆستۈرۈش، قوي، ئات ۋە سۇ كالىسى بورداقچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. پىلە باقىدۇ، ھەسەل ھەرىسى باقىدۇ، ياغاچ كۆمۈرمۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئەنئەنىۋىي تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە ئامبار ئۆيلەر ئېگىز كۆتۈرمىلەرنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ، ئۆينىڭ ئۈستى شال ياكى قۇمۇش بىلەن يېپىلىدۇ. ئەرلىرى ئۇزۇن يەكتەك، كەڭ تامبال كىيىپ بېشىغا باشلىق ئارتىپ يۈرىدۇ؛ ئاياللىرى ئىنتايىن رەڭلىق بولغان كىچىك قاتلاقلىق كەڭ قىسقا كۆينەك كىيىدۇ، ئۈستىگە ئۇزۇن يەڭلىك قىسقا چاپان ۋە ئاق كوپتا كىيىدۇ. سىرتقا چىققاندا تۇتۇق رەڭلىك شارۋار ۋە قارا ئابايى كىيىدۇ، يۈزىنى ياپمايدۇ، نىكاھ ئىشىدا ئەركىن بولۇپ، بىر ئەر بىر ئاياللىق تۈزۈم ئومۇملاشقان. ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئوخشاشلا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

     

    يۇسران تەرجىمىسى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گىلان , ئىران , ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى , ئىران تىللىرى ئائىلىسى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-18 17:26:38
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 438
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证