تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17222
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 300
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پارسلار



     

    پارس

    پارسلار ئىراندىكى ئاساسى مىللەت بولۇپ كەڭ مەنىدىن پارس تىلىنى ئانا تىل قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، پارىسلار ئىراندا تەخمىنەن 45مىلىيۇن نوپۇسقا ئىگە بولۇپ ئىران نوپۇسىنىڭ تەىمىنەن 60%نى ئىگەللەيدۇ. پارس ئاتالغۇسى يەنە كەڭ مەنىدىن تاجىكىستاندىكى تاجىك ۋە ئافغانىستاندىكى دارى تىللىرىدا سۆزلىشىدىغانلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

        پارىسلارنىڭ تىلى ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى، غەربى ئىران تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارىس ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ. 

    پارسلار دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ  ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدىن 1500-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېران رايونىغا كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى، قەدىمقى پارسلار ئېراننىڭ جەنۇبى يەنى بۈگۈنكى پارس ئۆلكىسىنى بوي سۇندۇرۇش ھەمدە شۇ رايوندىكىلەر بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئېران ئېگىزلىكىگە تارقاتقان. گەرچە يۇنان يەنى ھازىرقى گىرىتسىيە، ئەرەب، مۇڭغۇل، تۈرك قاتارلىق كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى تاكى ئېران ئىسلاملاشقىچە بىر مىنۇتمۇ توختاتمىغان.

    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك شىۋىلەر ھەمدە رايونلارغا خاس ئالاھىدىلىكلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان، 20-ئەسىردىكى ئېران ۋە ئافغان پارس خەلقىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئارقىلىق، كېيىنكى ئوسمان تۈرك، ياۋروپا، كاۋكاز ھەمدە ئەرەب دۇنيالىرى ئاستا-ئاستا مەيدانغا كەلگەن. ئەڭ ئاخىرقى پارس ئىمپىرىيىسى ئافشار خاندانلىقى ھەمدە قاجار خاندانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پارىسلار دۆلەت نامىنى رەسمى ئىران دەپ بېكىتكەن.

    پارسلار بىر خىل قېلىپلىق خەلق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار پارس تىلىنى ئورتاق ئەنئەنىگە ئايلاندۇرالىغان. پارس تىلى ئېران ئېگىزلىكىنىڭ ئورتاق تىلى بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر، مەسىلەن تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر بۇ تىلنى ئىككىنچى تىل دەپ بىلىپ كەلگەن. پارىسلار يەرلىك مەدەنىيتى ناھايىتى كۈچلۈك خەلق بولۇپ، تارىختا ئاتەشپەرەستلىك، مانى دىنى قاتارلىق دىنلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن مەزدەكچىلىك، ئەلەۋىچىلىك ئېقىملىرىنى بەرپا قىلغان 19-ئەسىردە پارىسلار يەنە باھائى دىنىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئۆز مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە رايون مەنپەئىتىنى، مىللى ئەنئەنىلىرىنى جان-جەھلى بىلەن قوغداپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە  ھىندىستاندىكى نەچچە يۈزمىڭ پارسلارنىڭ ئاتەشپەرەستلىككە ئېتىقاد قىلغىنىدىن ۋە چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن باھائى مەزھىبىدىكى بىر مىلىيۇنغا يېقىن پارىسلاردىن  قىسىم خارازالىقلاردىن باشقا، ئېراندىكى كۆپ قىسىم پارسلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. سۈنىي مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىدىغان پارىسلار يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز قىسىم پارسلار خىرسىتىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

    غەربلىكلەر پارىسلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ئايرىسىمۇ، ئەمما پارىسلار ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مىللەتتىن ھالقىپ كەتكەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم پارسلار ئۆزلىرىنى ئېرانلىق دەپ ئاتايدۇ، ھەرگىزمۇ پارس دېمەيدۇ. ئېرانلىق ئاتالغۇسى بىلەن پارس ئاتالغۇسىنىڭ تەڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا نەچچە يۈز يىللار بولغاچقا، ئېرانلىق ئاتالغۇسى تىلى ئوخشىمايدىغان، ئەمما ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. ئىران ئىگىزلىكىمۇ تۈرك، يەھۇدى، ئاسۇرىيان ئەرمەن، ئەرەب مىللەتلىرى تارىختىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ھالقىلىق رايون بولغاچقا پارسلارنى كۆپ خىللاشقان خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ، پارسلىقلارنىڭ بىر مىللەت بولۇپ قۇرۇلىشىغا قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

    يۇنانلىقلار يەنى گىرىتسىيىلىكلەر پارس تىلىنى غەربكە ئېلىپ كىرگەن بولغاچقا، غەربلىكلەرنىڭ ئېراننى پارس دەپ بىلىشى 1935-يىلغىچە داۋاملاشقان، دەل مانا بۇ ئاتالغۇ بولغاچقىلا ھەممە كىشىلەر ئېرانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا پارس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغان بارلىق مىللەتلەرنى پارسلار دەپ ئاتاپ كەلگەن.

    پارسلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى يازما خاتىرىلەر ئاسسىرىيىلىكلەرنىڭ  مىلادىدىن ئىلگىرىكى بايانلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، پارسلار ئۇنىڭدا «پارسۇئاش» ھەمدە «پارسۇئا» دەپ ئاتالغان. پارس ئاتالغۇسىغا يېقىن بۇ نام ئېران تىلىدىكى «پارسۇۋا» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «چېگرا، چەت رايون» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. خەرىتىدە بولسا ئېراننى كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتە پارسۇئاش ۋە پارسۇئا دېگەن ناملار ئىككى جاي نامى بولۇپ، پارسۇئاش دېگەن جاي ئېراننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ نام قەدىمقى پارس تىلىدا پارسا دەپ ئاتالغان.

    ئاچېمېنىد خاندانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ پارس تىلىنى سۆزلەپ، پەھلىۋىي يېزىقىنى قوللانغان. ساسسانىد خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق زامانىسىدا بولسا، پارسلار، مېدىئانىتلار، پارتىئانلار ھەمدە ئېراننىڭ شۇ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى ئېرانلىقلار سالاھىيىتىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلغان. مەيلى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەمدە يەرلىك شىۋىلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئېرانلىقلار ياكى پارسلار دەپ ئاتالغان. ئېللاندلىقلارنىڭ تىلى بولسا ئىسلام دەۋىرلىرىگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخشۇناسى ئىبىن ئەل نادىمى مۇنداق دەپ يازغان: «پەھلىۋىي تىلى، دالىي تىلى، كىرۇز تىلى، پارس تىلى، سۈررىيان تىللىرىنىڭ ھەممىسى ئېرانلىقلارنىڭ تىلى بولغان.» ئابدۇللاھ ئىبنى مۇقەففە، كۇز تىلىنى پارس خانلىرىنىڭ خاس تىلى بولۇپ، «كۇز» ئېللاندنىڭ يەنە بىر  ئاتىلىشى بولسىمۇ، ئەمما كۇزلۇقلارنىڭ بۇ سالاھىيىتى ئاللىبۇرۇن غايىب بولغان، دەپ چۈشەنچە بەرگەن. سىترابونىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى كۇردلارنىڭ ئەجدادى پارسلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان ئىكەن.

    ئىسلامى دەۋرى

    پارسلار دېگەن بۇ سۆز ئىسلام دەۋرلىرىدىمۇ كۆپ خىللاشقان ئېران مىللىتى دېگەن نامنى بىلدۈرۈپ، خارازىم تىلى، گاتابال تىلى، قەدىمقى ئارز تىلى، روككىي تىلى ھەمدە كۇرد تىلىنى بىلىدىغانلار دەپ قارىلىپ كەلگەن.

    پارس دېئالېكتى تارىخشۇناس ئەل مەسۇدى تەرىپىدىن پارس تىلى دەپ ئاتالغان ھەمدە پارس دېئالېكتىنى بىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى پارسلار، ھازىرقى پارس تىلى شۇ پارس دېئالېكتىنىڭ بىر تۈرى دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە پەھلىۋىي يېزىقى، قەدىمقى ئارز تىلى ھەمدە باشقا پارس تىللىرىنى پارس دېئالېكتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ: «پارسلار ماخات تاغ تىزمىلىرى، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، ئاللان، دېربېنت، راي، مازانداران، ماسكات، شابلان، چەرچەن، ھېرات، مالفوي قاتارلىق چوڭ خارازان رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، كىرمان، پارس قاتارلىق يەرلەردە بۇلارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ..... بۇ زېمىنلار ئىلگىرى مۇستەقىل خاندانلىققا قاراشلىق بولغاچقا، ئوخشاش بىر تىلنى ئىشلەتكەن..... گەرچە تىللار ئارا سەل پەرق بولسىمۇ، بۇ تىللار يېزىقتا ھەمدە تۈزۈلۈش قىسمىدا بىردەك بولغان. بۇ تىللار پەھلىۋىي تىلى، ئارز تىلى ھەمدە پارس تىللىرىدىن ئىبارەت بولغان.» دېگەن.

    1935-يىلىدىن ئىلگىرى، «پارس» سۆزى غەربلىكلەرنىڭ ئېراننى ئاتاش نامى بولۇپ كەلگەن، ئەمما ساسساند خاندانلىقى دەۋرىدە (مىلادى 226-يىلىدىن 651-يىلغىچە)، پارسلار ئۆز دۆلىتىنى «ئېران» نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئېران زېمىنىدا ياشاۋاتقان خەلقمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «پارسلار» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى جامىس رامساي ماك دولاند ھەمدە ئەنگىلىيىنىڭ ئېراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى پېرسىي لورايىنلار ئېران ھۆكۈمىتى ۋە ئېرانلىقلارنى، «پارس» ۋە «پارسلار» ناملىرى ئارقىلىق ئاتىغان. 1935-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئېران ئىمپىرىيىسىنىڭ خانى رىزا پەھلىۋىي پەرمان چۈشۈرۈپ، دېپلوماتىيە ئەلچىلىرى تەرەپلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماتېرىياللىرىدا «ئېران» نامى قوللىنىشنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پارسلار» بىلەن «ئېرانلىقلار» ئاتالغۇسى ئېران خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. تارىختا بولسا پارسلار دېگەن بۇ نام ئېران قىسمەن رايونلىرىدىكى ئېرانلىقلارنىلا كۆرسەتكەن.

    ئاساسىي كۆرسەتكۈچ: تاجىك مىللىتى ۋە خازارا مىللىتىنىڭ پارس كىشىلىرى ئېران، گىرۇزىيە، تۈركىيە، ئەرمېنىيە، كاۋكاز، ئەزەربەيجان، ئافغانىستان، ئۆزبەكىستان، پاكىستاننىڭ شىمالىغا تارقاقلاشقان. ئېراندىكى پارسلارغا (شىمالىي پارسلار) ئوخشاش، تاجىكلار (شەرقىي پارسلار)مۇ ئېران مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېراندىن كەلگەن پارسلار ھەمدە باشقا تاجاۋۇزچىلاردىن ئىبارەت. تارىختا قانداشلىقنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن، تاجىكلار بىلەن خوراسان رايونىدىكى پارسلارنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولغان.

    بۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق تارماقلاردا بولسا ئافغانىستانلىقلار بىلەن پاكىستاندىكى قىزىلباشلىقلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن قانداقشلىق مۇناسىۋىتى بار. كاۋكاز، تارتىسلىقلار ئاساسلىقى ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ھەمدە روسىيەنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ساسسانىد خاندانلىقى دەۋرىدە مۇشۇ جايلاردا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان سودىگەرلەر. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدا زوروئاستىرىزم دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پاسسىيلىقلار جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شىمالى قىسمىدىكى كىچىك رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم پارس زوروئاستىرىزم دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئافغانىستاننىڭ خازارا مىللىتى ھەمدە ئايماق مىللىتى كىشىلىرىدە پارسلاشقان مۇڭغۇللار ھەمدە تۈركلەرنىڭ قان سېستىمىسى بار.

    قەدىمقى تارىخى

    پارسلار ئارىئانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئارىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدا ئېرانغا كۆچۈپ كىرگەن. ئارىئانلار، پارسلار ۋە مېدىئالىقلار دەپ ئىككى ئاساسلىق توپقا بۆلۈنگەن، پارس تىلى بىلەن ئېران تىلىمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. ئۇلار ئېران ئېگىزلىكىنىڭ ئاھالىلىكلەر ئولتۇراق رايونىدا ئۆز-ئارا قۇدا-باجا بولۇشقان. مەسىلەن ئېلام. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9-ئەسىردىن باشلاپلا پارسلارغا قارىتا بايان پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار بەزى ماتېرىياللاردا «پارسۇ» دەپ ئاتىلىپ، ئەرمىيە كۆلىنىڭ شەرقى ئەتراپىدا ياشايدۇ، دەپ ئېلىنغان.

    مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە، قەدىمقى پارسلار ئاچېمېنىد خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، ئېران ئېگىزلىكىنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە پارس ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان، پارس ئىمپىرىيىسى كۆپلىگەن خاندانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان بولۇپ، بەزى خاندانلىقلار ئېرانلىقلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان. مەسىلەن، ئاچېمېنىد خانلىقى، رۇلى خانلىقى، ساسسانىد خانلىقى، بۇيىد خانلىقى ھەمدە سامان خانلىقى قاتارلىقلار؛ يەنە بەزى خانلىقلارغا بولسا ئېرانلىقلار ھۆكۈمران بولمىغان، مەسىلەن، سېلېئۇتسىد ئىمپىرىيىسى، ئۇمايود خانلىقى، ئابباس خانلىقى ھەمدە سەلچۇق خانلىقىلار؛

    ئاچېمېنىد خانلىقى ھەمدە ساسسانىد خانلىقى ئېراننىڭ جەنۇبىدىكى پارسلار قۇرغان بولۇپ، رۇلى خانلىقىنى بولسا ئېراننىڭ شىمالىدىكى پارسلار قۇرغان. ئېراندىكى  ئاچېمېنىد خانلىقىدىن قالغان مىخ خەتلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

    ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى

    مىلادى 610-يىلى، ئىسلام دىنى، مۇھەممەد س ئە ۋ تەرىپىدىن قايتا گۈللەنگەن. مىلادىي 632-يىلى، ئەرەب يېرىم ئارىلى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ئەرەبلەر سىرتقا تاجاۋۇزنى باشلىغان. 637-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەرەب ھەربىي قوشۇنى ياردەمگە ئېرىشىپ قەددىسىياھ ئۇرۇشىدا غەلبىگە ئېرىشىپ، پارس ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى تەسىبوننى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە پارسنى ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ تېرېتورىيىسىگە كىرگۈزۈۋەتكەن. پارسلار تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرۈش ــــ ئىسلامىيلىشىشىقا يۈز تۇتقان.

    ھازىرقى دەۋرى

    1925-يىلى، ئېران گۋاردىيە قوشۇنىنىڭ باشلىقى  رىزا خان پەھلىۋىي ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ، قازار خاندىنلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. پارسلارنى ئاساس قىلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

    تىل-يېزىقى

    ئاساسىي كۆرسەتكەچ: پارس تىلى ۋە ئېران تىلى بولۇپ، پارس تىلى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي بولغان تىل ھەمدە تولۇق بولغان مەدەنىيەت ئەئەنىسىگە ئىگە بولغان تىل. ھەممىگە داڭلىق بولغان پارس شائىرلىرىدىن ھەكىم ئۇبۇلقاسىم فردوسى، ھافىز، ئۆمەر ھەييام، ئەتتار نەيشاپۇرى، سائادى، نىزام رۇداكى، رومى، سانائىي قاتارلىقلار بار. پارس تىلى، ئوردو تىى، بېنگال تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەب تىلى ھەمدە باشقا يېقىن بولغان تىللارنى ئىشلەتكۈچىلەر پارس تىلىنى «پارىسى» دەپ ئالغان. ئېراننىڭ شەرقىي رايونلىرىدا يەنە تاجىك تىللىرىمۇ ئىشلىتىلگەن.

    تارىختا، پارس تىلى ئېران تىلى تارمىقىنى كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پارس تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئېران شىمالى تىل تۈركۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئېراننىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى  يەنىلا غەربىي پارس تىللىرىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن بولۇپ، شەرقىي پارس تىلىغا كەلسەك، ئاساسلىقى تاجىك تىلىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاساس قىلغان تاجىكىستان ھەمدە ئافغانىستان كىشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزبەك ئاز سانلىق مىللىتىنىڭ ئاساسلىق تىلى ھېسابلىنىدۇ. روسىيە، گىرۇزىيە، ئەرمىنىيە، پاكىستان، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى (شىنجاڭ)، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئېراق، كۈۋەيت، ئومان ھەمدە ئەزەربەيجانلاردىمۇ ئاز قىسىمدىكى پارس تىلى ئىشلەتكۈچى خەلقلەر بار.

    دىنىي ئېتىقادى

    پارس مەدەنىيىتى مۇنداق ئۈچ خىل ئاساسىي دىننىي ھازىرلىغان: زروئاستىرىزم دىنى، باخائىزم دىنى، ئاۋگۇستىننغا ئۇ خىرىستىئان دىنى مۇرىتى بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مانى دىنى. مازداكىت دىنى قەدىمقى ئېراندىكى يەنە بىر خىل دىنى بولۇپ، ئۇ تۇنجى كوممىنزم ئېدىئولوگىيىسى شەكىللەنگەن دەپ قارالغان. مازداكىت دىنى ھەمدە مانى دىنى زوروئاستىرىزم دىنىنىڭ تارماق دىنى بولۇپ، زورو ئاستىرىزم دىنى مونوتېئىزم (بىر ئىلاھلىق دىن)ىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى دەپ قارالغان.

    سافاۋىد خاندانلىقى باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، سۈنىي مەزھىپى، تابارىستاندىكى زاھىد مەزھىپىدىن باشقا، بۇيىد خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، ھەشاشىن مەزھىپى ھەمدە سارباردارىسلاردىن باشقا، ئېراننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى ئاساسلىق يېتەكچى كۈچ بولۇپ كەلگەن ئىسلام دىنى مەزھىپى ئىدى.

    توققۇز ئەسىر مابەينىدە، گەرچە سۈنىي مەزھىپى ئاساسىي يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان سۈنىي مەزھەپ مۇرىدلىرى يەنىلا شىئە مەزھىپى، شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ تارماق مەزھەپلىرىدىن 12 ئىمام مەزھىپى، ئىسمايىل مەزھىپى ھەمدە زاھىد مەزھەپلىرىگە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇ دەۋرلەردە، شىئە مەزھىپى ئېراقنىڭ قەدىمىي شەھىرى كۇفاھ، باغدات، ناجاف ھەمدە ئەل ھىلال شەھەرلىرىدە ئەۋج ئالغان. شىئە مەزھىپى تابارىستان، قوم، كاشان، ئەۋاج، سەبزېۋەر شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق دىنىي مەزھەپكە ئايلانغان. نۇرغۇنلىغان رايونلاردا، شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنىي مەزھىپى بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان.

    سافاۋىد خاندانلىقى دەۋرلىرىدىن بۇرۇنقى پارس ئىلىمدارلىرى ھەمدە ئالىملىرىدىن ئىبىن سىنا، جەبىر، سەلمان ئەل پارىسى، فارابى ھەمدە نەسىرىدىن ئەل تۈسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار ئىدى. نۇرغۇنلىغان سۈنىي مەزھەپ مۇسۇلمانى بولغان ئالىملارمۇ پارسلاردىن ياكى پارس قان سېستىمىسىدىن بولۇپ، بۇلار ئەبۇ داۋۇد، ھەكىم ئەل نىشابۇرى، ئەل تابارانى، ئەل غەززەلى، مۇھەممەد ئەل بۇخارى، ئەل تىرمىدھى، ئەل نەسائى ھەمدە پەخرىدىن ئەل رازى قاتارىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. سۈنئىي مەزھىپى ھەنەفىلەر دىنىي قانۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ ھەنەفەلەرمۇ پارس قان سېستىمىسىغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

    ئېران تۇنجى شىئە مەزھىپى ھۆكۈمرانلىقى سافاۋىد خاندانلىقى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۆز زېمىنىدا ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنىڭ دىنىي قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلغان ھەمدە مەزكۇر مەھزەپنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى قوللىغان. ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنىڭ ئىمام ئاخۇنى «دۆلەت تۈزۈلمىسى نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ھازىر بولسا، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىلەر مەزھىپى ئالغان. ئېراننىڭ جەنۇبى ھەمدە كۇردلار ئارىسىدا شافى مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان سۈننىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئاز قىسىمدىكى ئىسمايىل مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان مۇسۇلمانلار بولسا ھەرقايسى جايلارغا چېچىلىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردىكى كىشىلەر بولسا شىئە مەزھىپىنىڭ سۇفى مەزھىپىگە ئىشىنىدۇ. زوروئاستىرىزم دىنى (ئاتەشپەرەسلىك دىن)، خىرىستىئان دىنى، يەھۇدىي دىنى ھەمدە باخائىزم دىنىنىڭ ھەرقايسى مۇرىتلىتى ئۆزلىرىگە خاس كىچىك ئامما توپى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، باخائىزم دىنى ئېراندىكى بۇ ئاز قىسىم دىنلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چوڭ دىن ھېسابلىنىدۇ. بەزى پارسلار ھەتتا دەھرىي (ئىلاھسىزشۇناشلار) ۋە بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرىدىن.

    مەدەنىيەت

    ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ: ئېران مەدەنىيىتىدە پارس فىلىملىرى پارس مەدەنىيىتىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. پارس فىلىملىرى ئاز بولمىغان خەلقئارا ئالقىشلارغا ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولغان. مەسىلەن، «جەننەتنىڭ ئوغلى» ۋە «گىلاس تەمى» قاتارلىقلار. بۇ فىلىملەر پارس مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە فېلولوگىيە ئەھلۋالىنىڭ چوڭقۇر كارتىنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

    ئەدەبىيات-سەنئىتى

    پارسنىڭ سەنئەت مىراسلىرى بىر خىللا بولۇپ قالماي، شەرق ۋە غەرب ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پارس سەنئىتىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ يەرلىك جايلارنىڭ ئېللاند مەدەنىيىتىنى ئەندىز قىلغان بولۇپ، ئىككى دەريا مەدەنىيىتى ھەمدە گىرىتسىيە (يۇنان) مەدەنىيىتى ئاساس قىلغان. پارس ئوتتۇرىدا تۇرۇش ئەۋزەللىكى بىلەن غەرب ۋە شەرىنىڭ سەنئىتى ۋە بىناكارلىقىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ، يۇنان رىمنىڭ تەسىرى بىلەن ھىندىستان ۋە جۇڭگونىڭ نەزىرىيىسى، تېخنىكىسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. پارس مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز، ئاناتولىيە، ئېراق ھەمدە ھازىرقى ئېرانغىچە يېتىپ كەلگەن. مانا بۇ كەڭ رايونلار پارس مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق مەركىزى بولۇپ قالغان.

    ھەيكەلچىلىك

    پارسلارنىڭ سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى ئاچېمېنىد خاندانلىقى دەۋرلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئەينى سەۋردە كۆپ قىسىم مۇھىم ئەربابلارنىڭ ھەيكەللىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە سىياسىي ۋە دىنىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، پارس ئۆلمەس ئارمىيىسى (ئىمپىرىيە ئارمىيىسى) ئىككى دەريا مەدەنىيىتى ھەمدە قەدىمقى بابىلۇن تەسىرلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ۋەكىل خاراكتېرلىكى كۈچلۈك بولغان يەرلىك سەنئەتلەردىن پارس خەرىتىسى بار. پار سەنئىتىگە جۇڭگو سەنئىتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك رەسساملار ھەرخىل تىپتىكى سەنئەت شەكىللىرىنى قوللىنىشقا ماھىر بولغاچقا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى، سافاۋىد خاندانلىقى ھەمد موغال ئىمپىرىيىسى دەۋرلىرىدىكى خان جەمەتى ئوردا ئىچى ھەيكەللىرى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ.

    مۇزىكا-سازى

    پارس مۇزىكىسىنىڭ تارىخى سافاۋىد خاندانلىقىدىن  باشلانغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن. پارس مۇزىكىسىنىڭ قەدەمم قەدەم ئۆزگۈرۈپ پىششىقلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا كەلگەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى رايونلىرى مۇزىكا ئۇسلۇبى پارسنىڭ مىللىي مۇزىكىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ مۇزىكا بۈگۈنكى ئېران ئەتراپىنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگەن كەلگەندە، ئەنئەنىۋىي مۇزىكا ئېران ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زۇۋاللىققا يۈز تۇتقان، ئېران سەرگەردانلىرى ۋە بەزى قارشى پىكىردىكى كىشىلەر مۇزىكىغا نىسبەتەن غەرب تەرەپنىڭ روك مۇزىكىسىغ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئورۇنلىغان مۇزىكىلاردا ئېران ئۇسلۇبىدىكى پارس كوچا ئۇسسۇلىنىڭ پۇرىقىنى تاپقىلى بولىدۇ.

     

    قۇرۇلۇش-بىناكارلىقى

    پارسلارنىڭ بىناكارچىلىققا قوشقان تۆھپىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پارسپورس قەدىمىي يادىكارلىقلىرى ئەڭ قەدىمقى پارس بىناكارچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدۇ، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خاتىرە بىناكارچىلىقلاردىن بولسا ئۆمەر ھەييام مەقبەرىسى تەسەۋۋۇرغا باي كۆپ خىللاشقا پارس ئەنئەنىسىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئېراننىڭ بەزى شەھەرلىرىدە پارس بىنكارچىلىق ئۇسلۇبلىرى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەسىلەن، قۇزەيۋىن ئۆلكىسىنىڭ قاراگەن قوش مۇنارى ھەمدە ئىسپاھاننىڭ شاھ مەسچىدى  بۇلارغا ۋەكىل بولالايدۇ. پارس بىناكارچىلىقىنىڭ تەسىرى ئېراننىڭ جۇغراپىيىلىك چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، مەسىلەن، سەمەرقەنتنىڭ بى بى خانىم مەسچىدى، بۇخارانىڭ سامان خاننىنىڭ مەقبەرىسى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمىدىكى جام ئەرزان مۇنارلىرىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلام بىناكارلىقى پارسلار قۇرغان ئاساستىن تەرەققىي قىلىپ چىققان بولۇپ، ئاگورانىڭ تاج مەھىلى ھەمدە ئىستانبۇلدىكى سۇدان ئەھمەدى مەسچىدلىرىدىن پارس بىناكارلىق تېخنىكىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

     

    گىلىمى

    ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ: پارس گىلىمىنى گېرمانىيە سەنئەت تەقرىزچىسى گوتتىفىرەد سەمپېر «گىلەمنىڭ ئەسلى مەنىسى زامان ئايرىمىسىدۇر» دەپ باھا بەرگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گىلەمنىڭ توقۇلىشى قەدىمقى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان تەرەققىياتىنىڭ بىر خىل تېخنىكىلىق سەنئىتى دېيىشكە بولىدۇ. پارس گىلىمى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، ھەمدە بۇ مەدەنيەتنىڭ ئورنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مىلادىدىن ئىلگىرى بەشىنچى ئەسىردىلا، تالالارنى گىرەلەشتۈرۈپ توقۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىيىم تىكىش ئېراندىن باشلانغان. مەشھۇر يۇنان گېنىرالى زېمىس توكلىس پارستا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىمۇ پارس گىلىمىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ خاندانلىقنىڭ شاھىنىڭ سۆزلىرى قىممەتلىك پارس گىلىمىگە ئوخشاشلا نەپىس بولۇپ، ئۇنداق گۈزەل نۇسخىلار پەقەت گىلەمنى ئاچقاندىلا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، يېپىپ قويسا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ.»

     

    باغ-بوستانلىرى

    پارس بوستانلىقىنىڭ لايىھىلىنىشى ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى گۈزەللىكنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇنى ئەنگىلىيىلىكلەر جەننەت دەپ ئاتىغان. پارس بوستانلىقلىرى قەدىمدىن تارتىپلا مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام دەۋرلىرىدە پارس بوستانلىقلىرى تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان. ئەرەپ ھۆكۈمرانلىرى پارسلارنىڭ باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەل ئەندەلۇس ۋە قەشقەرىيلەردە باغ سالغان. «مىڭ بىر كېچە»دىكى ھەمدە ئۆمەر ھەييامنىڭ نەزمىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن باغ-بوستانلار بولسا تېخىمۇ مەشھۇر بولغان پارس باغ بوستانلىقىنىڭ نەمۇنىسى بولالايدۇ.

     

    خانىم-قىزلىرى

    پارس ئاياللىرى تارىختا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان. گەرچە بۇ روللار ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، شەھرىزاد ئاياللادىكى ئەقىل-پاراسەتكە ۋەكىللىك قىلغان، چىمەن بانۇنىڭ گۈزەل ھۆسنى بولسا تاجمەھەل مەقبەرىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. قەدىمقى ئېسىل نەسەبىلىك ئاياللار نۇرغۇنلىغان ھوقۇقلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 20-ئەسىردىن ئىلگىرى، پارس ئاياللىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولالمىغان. ئېران پارلامېنتى ئاياللارنى قانۇن تۈزۈش ھەيئەت ئەزا قىلىشنى ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ نىسبىتى غەرب دۆلەتلەرنىڭ ئۆلچىمىگە تەڭلىشەي دېگەن. ئېران سابىق ئايال پىرىزدېنتى مەسۇمە ئەبتەكەر غەرب ئاخباراتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، مۇھەممەد ھاتەمى دەۋىرلىرىدىكى ئايال سىياسىيونلارغا ئېسىل ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.

    يۇسران تەرجىمىسى

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پارس , ئىران , ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى , ئىران تىللىرى ئائىلىسى , غەربى ئىران تىللىرى تۈركۈمى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-18 13:49:32
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 697
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证