ئوت ياققۇچى
تۈرمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەن بالا بوۋىسىدىن سورىدى:
__ نېمىشقا تۈرمىدە شۇنچە كۆپ جىنايەتچى بار؟
__ چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بىر ئوت بار،__دېدى بوۋىسى
__ قانداق ئوت بار؟ __سورىدى بالا ئەجەپلىنىپ.
__ جىنايەت ئوتى بار.
__ ئۇنداقتا ئۇلاردىكى جىنايەت ئوتىنى كىم ياققان؟
__ ئەمەلىيەتتە، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئەنە ئاشۇنداق چوغ بولىدۇ. ئۇنى لاۋۇلدىتىدىغىنى ئادەتتە ئوت ياققۇچى كىشى،__ دېدى بوۋاي، كۆپنى كۆرگەن بوۋاينىڭ چېھرىدىن ئەقىل-پاراسەت نۇرلىرى يېغىپ تۇراتتى.
__ قانداق كىشىلەر ئوت ياققۇچى كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ؟
__ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ تونۇيدىغان ياكى ئۇنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئوت ياققۇچى بولۇش ئېھتىمالى بار.
__ نېمە ئۈچۈن؟
__ بالام، ئەگەر ئاتا-ئانىسى دائىم ئۇلارنى ئۇرسا، ئوقۇتقۇچىسى دائىم ئۇلارنى ئەيىبلىسە ۋە جازالىسا، ساۋاقداشلىرى ھەمىشە ئۇنى بوزەك قىلسا، دوستلىرى دائىم ئۇلارنى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش، ھەتتا بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئۈندىسە، كىشىلەر ئۇلارنى نەزىرىگە ئىلىپمۇ قويمىسا... بۇ خىل قامچىلاش، ئەيىبلەش، ئېزىقتۇرۇش، ئاچ كۆزلۈك ۋە رەھىمسىزلىكتەك《ئوت ياققۇچى》لار ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك، غەزەپ - نەپرەت، ئاچكۆزلۈك، ھەسەت، ئازاب ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش يالقۇنلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى جىنايەت ئوتلىرى لاۋۇلداپ يانىدۇ.
بالا خىيالغا پاتتى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ بوۋىسىدىن سورىدى:
_ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا جىنايەت ئوتلىرىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ؟
_ ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. سەن پەقەت ئۇلارنىڭ جىنايەت ئوتلىرىنى ئازايتىپ، ئاق كۆڭۈللۈك ئوتىنى ياندۇررالايسەن. چۈنكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا جىنايەت ئوتى بولغاندىن سىرت، يەنە پاكلىق ئوتىمۇ مەۋجۇت. پاكلىق ئوتى تىنچلىق، خۇشاللىق، ئۈمۈد، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە مۇھەببەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پاكلىق ئوتى ھامان جىنايەت ئوتىدىن غالىب كېلىدۇ.
بواي سەل تۇرۇۋېلىپ، سۆزىنى داۋام قىلدى:
_ ساۋاقدىشىڭ جىمنى مىسالغا ئالايلى، سەن ئۇنىڭ پاكار، ۋىجىكلىكىنى دەپلا ئۇنى بوزەك قىلساڭ بولمايدۇ، ئەكسىچە باشقا ساۋاقداشلار ئۇنى بوزەك قىلغاندا ئۇنى قوغدا، ئۇنىڭغا ياردەم بەر.
_ چۈشەندىم بوۋا. مەن جىمنىڭ پاكلىق ئوتىنى ئاۋۇتۇپ، ئۇنى 《پاكلىق》 ئوتىنى ياندۇرىدىغان كىشىلەردىن قىلىشىم كېرەك.
بوۋاي رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى. ئەمما، بالا قانداقتۇر بىرەر مەسىلىنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇڭا ئۇ قايتىلاپ سورىدى:
_ بوۋا، باشقىلار مېنى بوزەك قىلسا، قانداق قىلىمەن؟
بۇ قېتىم بوۋىسى جاۋاب بەرمىدى. ئۇنى ئەتراپتىكى قۇرۇق ئوت - چۆپلەرنى يىغىپ ئوت ياقتى، ئاندىن ئوتۇن تېرىپ كەلدى.
_ بالام، بۇ ئوتۇننى سېنى بوزەك قىلغان كىشىلەرگە ئوخشىتايلى،_ بوۋاي قولىدىكى ئوتۇننى گۈلخانغا تاشلىدى، ئاندىن بارغاچە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ئوتنى پەسەيتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭ كېرەك؟
بالا ئويلىنىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئابايىقى ئوتۇننى تارتىپ چىقىرىپ، بىر ياققا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوت پەسەيدى.
بوۋاي ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:
__ يارايسەن، ئوغلۇم. سېنى بوزەك قىلغان ئاشۇ كىشىلەر دەل ئوت ياققۇچى كىشىلەردۇر. ھالبۇكى ئوتۇننى قويغۇچى كىشى يەنىلا دەل ئۆزۈڭ.
مەنبەسى_تەرمىلەر 2012-يىلى4-سان