قاچانمۇ ئېچىلارسىھرىڭنىڭ كۆزى
ئايال
بىر قارىسا سۇلىرى سۈزۈك
ئىچىپ قانماس كۆلگە ئوخشايسەن.
بىر قارىسا لەۋلىرى چاك- چاك
چاڭقاپ ياتقان چۆلگە ئوخشايسەن.
ئايال
بىر قارىسا مېھىر دەرياسى
بولۇپ ئاقساڭ دولقۇنلار ياساپ
كۆكلەيدۇ قۇرۇپ قاق بولغان تەنلەر.
بىر قارىسا زىمىستان قىشتەك
كەلسەڭ ئەپتىڭدىن قارلار ئۇچۇرۇپ
سۇلۇپ تۈگەيدۇ باغۇ- چىمەنلەر.
ئايال
بىر قارىسا ئاۋازى تۈزۈك
بۇلبۇلىغا ئوخشاپ سەھەرنىڭ
ئۈلۈكلەرنى چىللاپ سەپەرگە
روھ ئۆيىنى چىلايسەن نۇرغا.
بىر قارىسا تارىسى ئۈزۈك
بىر تىيىنغا ئەرزىمەس ئەپتى
ئوخشاپ كىتىسەن ئەبجەخ دۇتارغا.
ئايال
بىر قارىسا سۇمبۇل چېچىڭنى
يىگىتلەرنىڭ تاشلاپ بوينىغا
ئاسىسەن ئۇلارنى ھىجران دارىغا.
بىر قارىسا بۇلۇپ چاڭگا باش،
ئۇرۇلسىمۇ نۇمۇسىڭ يەرگە،
يايراپ كىتىسەن مايمۇن خورىغا.
ئايال
بىر قارىسا جاھاندا يوقتەك
تىمتاسلىققا كىتىسەن چۈكۈپ،
تىكىپ يىراق ئۆتمۈشىڭگە كۆز.
بىر قارىسا چىقىپ ئۆزىڭدىن
ئالقىنىڭغا ئېلىپ دۇنيانى
غۇلىتىسەن ئىگىز تاغلارنى،
كۈلدۈرىسەن پەيلى زاغلارنى
چۆل قىلىسەن يېشىل باغلارنى
قىلىپ قۇيۇپ قىلدەك خاتا سۆز.
ئايال
بەزىدە كۈندەك بېقىشلىرىڭدىن
مۇھەببەت سۇنۇپ ساڭا كۆيگەنگە
چۆمدۈرۈپ ۋىسالغا ئىتىسەن باغ- باغ.
بەزى يىلاندەك چېقىشلىرىڭدىن
تۇيۇندۇرۇپ جاننى زەھەرگە
تۇغۇسەن يۈرەككە ساقايماس بىر داغ.
ئايال
چۈشەنمەك بولۇپ قەلبىڭدىن سىنى،
دېڭىزىڭدا ئۈزگەن قېيىقلار،
يەتمەي تۇرۇپ كۈتكەن ۋىسالغا
غەرىق قىلدى ئۆزىنى ئۆزى.
چۆكۈپ مەنمۇ قاينىمىغا روھىڭنىڭ
ئۆلۈپ نەچچە، تىرىلدىم نەچچە،
قاچانمۇ ئېچىلارسىھرىڭنىڭ كۆزى...