ھىجران يېشى
توي ناغرىسى...
ئىچ-ئىچىمگە ئۇرماقتا پىچاق.
باغرىمنى تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئوق
دەشتىمنى گۈللەرگە تولدۇردى ئاپئاق.
شىرىن كىچىلەردىن تىككەن قۇراقلار،
ئاۋازسىز يىرتىلغان سازلارنىڭ تىنى.
قىزنىڭ كۆز يېشىدىن ئاققان تەبەسسۇم،
ئۇنىڭغا بىكىرەك غۇرۇرنىڭ قېنى.
بىز گۈللەرگە يانمۇ-يان مېڭىپ،
بەرىق ئۇرۇپ ئايلانغىنىمىز يېشىل ئارمانغا
قالدى ئەسلەردە
مەغلۇپ ئۆتمۈشنىڭ ئاق بېتى بولۇپ.
ئابدۇللا ئېيتقان ھىجران ناخشىسى
كۆزۈمدىن دەريادەك ئاقتى تولغۇنۇپ.
چىلىق-چىلىق قۇرىغان تەردىن
تۈنۈگۈن باشلانغان چۆچەك ئىچىدىن
قايتتىم مەن
ئەڭ ئاخىرقى ئۆزۈم سۆيگەن ئۈلۈمگە.
ئىچىگە لىقمۇ-لىق ئاي تولغان كېلىن
چىقىۋالدى نوھسىز كىمىگە.
تەقدىرىمنى
گۈل ئۈنمىگەن جاڭگالدىن ئىزلەپ
شۈكرى دىدىم ئاھىمنى سۆزلەپ
تەنھا قالمىغان يارسىز قەبرىگە.