تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› گۇناھكار بولساممۇ، قىينىما!
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11042
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 44
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گۇناھكار بولساممۇ، قىينىما!



    گۇناھكار بولساممۇ، قىينىما!

    --«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى

     

    ئۇ قاتىللىققا چېتىلىپ قامالدى. سوراق قىلغاندا توك كالتىكى ياقتى، دۇمبالىدى، قوۋۇرغىسى سۇندى. ئۆيى كۆيدۈرۈلدى، خوتۇن-بالىسى تالادا قالدى. گۇناھكار بولساممۇ، قىينىماي، مېنى ئېتىۋېتىڭلار، دەپ ۋارقىرايدىغان بولۇپ قالدى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئانا بۇنىڭغا چىدىمىدى. ئەرز قىلدى. كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى ئېيتتى: «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ۋەھشىي، رەھىمسىز، ھاقارەتلىك جازاغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى بەلگىلەنگەن. جاۋابكارنىڭ شۇ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىغان. بۇ تاجىكىستاندا بولغان ئىش.

    ......

    ئۇ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ قامالدى. دەسلەپ ساقچىخانىدا سوراق قىلىندى، كېيىن ج خ قاماقخانىسىغا يۆتكەلدى. ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى قالمىدى، سۇ سورىدى، ئازابلىق ئىڭرىدى. كېچىلەپ سوراق قىلىندى، رېزىنكە كالتەك تېگىپ تۇردى. ئەتىسى ئۆلۈپ كەتتى.

    ......

    ئۇ ئىككى قىز روھىي كېسەل. ئۇلار ساناتورىيەدە بېقىلىدۇ. ئۇلار قورامىغا يەتتى. ساناتورىيە دوختۇرى باشلىققا ئېيتتى: ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىنى ئېلىۋەتمىسەك، ئاۋارىچىلىق كۆپ. باشلىق ماقۇل بولدى. دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئىككى قىزنىڭ بالىياتقۇسىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتتى. ئىش ئاشكارا بولدى. جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جازالاندى.

    ......

    ۋەھشىي، رەھىمسىز، ھاقارەتلىك جازا ياكى مۇئامىلە بىراۋنى مەلۇم ئۇچۇر-ئاخبارات بېرىشكە ياكى ئىقرار قىلىشقا قىستاپ ۋە ياكى ئىنسانىي مۇئامىلە قىلماي، روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتە ئازابلايدىغان قىلمىشتۇر.

    خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىدا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك ۋە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى، پۇقرانىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى قوغدىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بەزى جىنايەتكار ئادەملەر ئەمەل-مەنسەپ ۋە پايدا-مەنپەئەتنىڭ ۋەسۋەسىسىدە يەنىلا قانۇن بىلەن ئوينىشىپ، ۋەھشىي جازالارنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماقتا.

    ۋەھشىي جازا قەدىمدە بولغان. كونا جەمئىيەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار  ھايۋان ئورنىدا كۆرۈلگەن. دارغا ئېسىش، لىپەكنى ئېلىۋېتىش، بۇرۇن-قۇلاقتىن تۆمۈر زەنجىر ئۆتكۈزۈش، ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قۇرىتىۋېتىش، تۈۋرۈككە باغلاپ كۆيدۈرۈش، قىيما-چىيما قىلىۋېتىش، بېشىنى يانچىش، قايناۋاتقان قازانغا تاشلاش، باشنى چەمبىرەك بىلەن قىسىش، تىرىك كۆمۈش، يىڭنە سانچىش، تېرىسىنى شۈلۈش قاتارلىق ۋەھشىي جازالار يۈرگۈزۈلگەن.

    ھازىرقى مەدەنىيەتلىك دۇنيادا يەنە بەزى ئەللەردە سوراقتا قىيناش، ئىتقا تالىتىش، ئېسىپ قويۇش، قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ كويزا سېلىش، تاماكا يېقىش، توك كالتىكى يېقىش، يالىڭاچلاپ سوراق قىلىش، ئوقوغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش، كېسەللەرنى خورلاش، داۋالاش-دورا سىناق ئوبېكتى قىلىش قاتارلىق رەھىمسىز جازا ۋە مۇئامىلىلەر ھازىرمۇ تۈگەپ كەتمەپتۇ. قانۇن مۇكەممەل، ئاخبارات ئەركىن، تۈزۈلمە دېموكراتىك، ئەدلىيە مۇستەقىل بولغان ئەللەردە يوق ياكى ئاز بولسا، ئەكسىچە بولغان ئەللەردە كۆپ ئۇچرايدىكەن.


     

     

    كادىرلىق قاتىللىقنىڭ قالقىنى ئەمەس

     

    ئامانلىق ئەھۋالى ئوسال يېزا-كەنتلەرنى تۈزەش قارار قىلىندى. ئورۇنباسار بازار باشلىقى ساقچى، ياردەمچى خادىملارنى باشلاپ، كەنت زۇمىگىرىنى تۇتۇپ كېلىشكە ئاتلاندى. تاپانچا ئېلىۋېلىشنى تاپىلىدى.

    كەنت زۇمىگىرىنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى، قارشىلىق قىلدى، توپلاشقانلار كادىرلارنى ئۇرۇپ كەتتى. كەنت زۇمىگىرى قاچتى. ئات، دەپ بۇيرۇدى. ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇردى، قېچىۋەردى. ئات، دېدى، ئاتتى. ئوق تەگدى، يىقىلدى، ئۆلدى. بۇ ئارال ئۆلكە -خەينەندە بولغان ئىش.

    قاتىل، دەپ ئەيىبلەندى، سوتلاندى. قۇرالنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن، قاتىللىق قىلغان،  دېدى. ئۆلۈم جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن، دەپ ھۆكۈم قىلدى.

    نارازى بولدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلدىم، قۇرال ئىشلىتىشىم قانۇنلۇق، دېدى. نارازىلىق ئەرز رەت قىلىندى.

    قۇراللىق جىنايەتنى توسۇش ياكى ھايات ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قۇرال ئىشلەتسە بولىدۇ، ھە دېگەندىلا ئوق چىقىرىشقا بولمايدۇ. قىلمىشى جىنايەت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئادەملەرگە ئوق ئېتىش قۇرالنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەنلىك. ياشاش-ئالىي ھوقۇق. قۇرالنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ جانغا زامىن بولغاندا، ئەمەلدارلىق ياكى ساقچىلىق قاتىللىقنىڭ قالقىنى بولالمايدۇ.

    شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، بىرەر ئەمەل-مەنسەپ ياكى دەستەككە ئىگە بولۇپ قالسا، غوجائاكىسىدىن باشقىسى كۆزىگە قۇرۇت-قوڭغۇزدەك قەدىرسىز كۆرۈنىدۇ، ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەيدۇ. جىمى ئەسكىلىكنى قىلىدۇ، پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىدۇ. بىر كۈنلەر كەلگەندە ئەمەل-مەنسەپ ياكى دەستەكنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

     

     

    تەنقىت قىلغانغا تويغۇزۇش

     

    ئۇ-بىر پۇقرا، بىر مۇخبىر، بىر زىيالى. ماقالە يازدى، گېزىتلەردە ئېلان قىلدى. دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى مۇستەبىتلىكنى، زالىملىقنى يازدى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ يارامسىزلىقىنى يازدى، ئاۋام-پۇقرانىڭ ئىلاجىسىزلىقىنى، دېموكراتىيە-ھۆرلۈككە، باراۋەرلىك-ئادالەتكە ئىنتىلىشىنى يازدى. ئەلنىڭ بەختسىزلىكىگە ئەلباشى جاۋابكار، دەپ يازدى.

    دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى چاقىرتىپ نەچچە سائەت سوراق قىلدى، قويۇپ بەردى. ئۇ يەنە يازدى. نەچچە كۈن ئۆتتى، 20 قۇراللىق ساقچى ئۇنى تۇتۇپ كەتتى. نەچچە سائەتلەپ سوراق قىلدى. يالغۇز قامىدى، ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى. نېمە گۇناھى بارلىقىنى دېمىدى. ئۆلۈپ كەتسەم ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى يوق، دەپ تىلخەت بېرىشكە قىستىدى. ئەرز قىلدى. 40 كۈندىن كېيىن كېپىلگە بېرىلدى. ئەلباشىغا تۆھمەت قىلىش گۇمانى بىلەن قامالغانلىقىنى شۇ چاغدىلا بىلدى. بۇ ئانگولادا بولغان ئىش.

    كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: قولغا ئېلىش ۋە قاماش قانۇنلۇق ۋە زۆرۈر بولۇشى شەرت. بىر مۇخبىرنى ( ئۇ خەتەرلىك جىنايەتچى بولمىسا) 20 قۇراللىق ساقچى بېرىپ تۇتۇپ كېلىش، نەچچە ئون كۈن يالغۇز قاماش، ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلەش، ھۆكۈمەتنى تەنقىت قىلغان پۇقراغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىش «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى»گە ئېغىر خىلاپ.

    جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقى، كەلسە-كەلمەس قولغا ئېلىنماسلىق ھوقۇقى خەلقئارا قانۇن ۋە دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي ھوقۇقلاردۇر. ئەنە شۇ ھوقۇقلارغا زوراۋانلارچە چېقىلىش ئەھۋاللىرى ھەرقايسى ئەللەردە پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.

     

    ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پۇقرالىق , ھوقۇقى , ھېكايىلەر , ئابلاجان تۇردى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-9 15:33:18
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 358
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证