تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› پەلسەپە ›› بىزگە پەلسەپە نىمىشقا لازىم؟(3)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    بىزگە پەلسەپە نىمىشقا لازىم؟(3)

     



     


    بىزگە پەلسەپە نىمىشقا لازىم؟(3)

    بىز ئەر ئەمەس، مۇسۇلمانمۇ؟

     

    نەدە ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە يوق .بىر يىللاردا شۇنداق بىر يۇمۇر ئاڭلىدىم .شۇ يىللاردا داغىستاننىڭ بىر شەھىرىدە شۇ جايدىكى رۇسلار بىلەن بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۇركۇلۇش بولۇپ جىدەل يوغىناپ بىر-بىرىنى توپلىشىپ كىلىپ ئۇرىدىغان ئەھۋاللار بولۇپتۇ.شۇ شەھەرنىڭ مۇسۇلمانلار توپلاشقانراق جايىدا بىر مەسچىت بار ئىكەن.ئۇ كۇنى تازا دىگەر نامىزى تارقىلىۋاتقان چاغدا بىر توپ ئادەم مېچىتنىڭ ئالدىغا باستۇرۇپ كەپتۇ.ئەمدىلا مىچىتتىن تاراۋاتقان جامائەت دالدىلىنىش ئۇچۇن ئالدىراپ سالدىراپ مىچىتكە كىرىپ كىتىشىپتۇ.بىر توپ كىشىنىڭ مەسچىتنىڭ ئالدىغا باستۇرۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەن ئۆتكەن-كەچكەن  6-7 يەرلىك مۇسۇلمان ياشلىرى يۇگرەپ كېلىپ باسقۇنغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ.ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۇپ تۇرغان مودا كىيىنگەن بىر ئايال كىشى قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ-دە مىچىتكە  يالاڭباشتاقلا كىرىپ –ھەي سىلەرمۇ ئەرمۇ-دەپتۇكەن

    ئىشتاننى ئوشىغىدىن ئاشۇرماي كىيىپ بولىشىغا ساقال قويىۋالغان بىرسى كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ

    _ئاچا ماۋۇ دىگەن تەرەت ئېلىپ كىرىدىغان مىچىت. گەپنى توغرا قىلىڭ بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان، ئەر ئەمەس دەپتۇ.

      ئەلۋەتتە مۇشۇنداق جاۋاپ ھازىرلىغىدا ياشايدىغان قارا يۇمۇرجانلار داغىستاندا ئەمەس بىزدىمۇ كەڭرى .لېكىن بۇ نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟بۇنداق يۇمۇرىستىك نادانلىقنىڭ دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟

     ئىنسانلار جەمىيىتىدە،يۇرۇشى(جورۇق،ئەمەل)،بۇرۇچى،خۇيى،خارەكتېرى دىگەندەك مۇشۇنداق نەرسىلەر بولىدۇ بۇلارنىڭ شەخىس مىقياسىدا مىللىيەتلىشىشى دەرىجىسى، تۇغۇچ،مىجەز،بالا،ئوغۇل،قىز،ئەر،،ئايال دىگەندەك ھايات مەرغۇللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ .جامائەت مىقياسىدا مىللىيەتلىشىشى،يول-يوسۇن،ئەخلاق،مىللەتلەرنى ئۆرە قىلىدۇ.شۇڭا يۇقۇرىدىكى يۇمۇردىكى ئىنكارچىلىق ماھىيەتتە مانا مۇشۇ تىزمىنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ، بىز ئەرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟دىگەن بۇ سۇالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ قانداق بولسا، بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ دەيدىغان سۇالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ شۇنداق بولىدۇ.. كىشىلەر ھەرقانچە نادان بولسىمۇ ئەر-ئايالدىن ئىبارەت ھايۋانىلىققا ئەڭ يېقىن بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن يەنىلا مۇەييەن سەزگۇرلىكتە بولغاچقا بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ دەيدىغان بىمەنە سۇالغا ،بىز ئەرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ دەپ كىرىشسە مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان ئايدىڭلاشتۇرىۋىلالايدۇ.ئەلۋەتتە ئايدىڭلاشماي ،مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەر ۋە ئايالغا ئېنىق ئايرىۋاشلانغان ئەندىزىلىرىدىن خالى ھالدا نوقۇل ئىنسان تەبىىتىدىن ئويلىغاندا ماھىيەتتە بىجىرىم ئەرمۇ ئەمەس،ئايالمۇ ئەمەس،مىللەتمۇ ئەمەس،ئاتالمىش"مۇسۇلمان"گەپتانلارنىڭ دوڭى ،ئىنسانلارنى قايتا ياراتماقچى بولغانلارنىڭ بۆسۇش نۇقتىسى بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ لېكىن ئاقىىۋىتى مەلۇم بىر يىلى قۇمۇلدا يۇز بەرگەن مۇنۇ ۋەقەلىكتىن ئۆزگىچە بولۇپ كەتمەيدۇ.

    بىر يىلى ئاتالمىش بىرنەچچە "تەقۋا" ياشلار كېتىۋىتىپ ،يولدا يېنىدا قىڭراق ساقلاپ يۇرۇيدىغان بىر تەلۋە لۇكچەك بىلەن نىمىسى نىمە بولغان جىدەللىشىپ قاپتۇ.بىرنەچچىسىگە قىڭراق تىگىپتۇ.ئارىدىن بىرسى قاندىغى قانداق بولغان قىڭراق تۇتقان تەلۋىنى ئارقىدىن كىلىپ قۇچاقلىۋاپتۇ.ئەمما شۇ چاغدا قىڭراقچىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ بەك "تەقۋا" قارىم ئۇنى ئۇرماي مۇشتىنى كۆتەرگىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ.پەيت كىتىپتۇ قىڭراقچى ئىككىسىدىن بوشۇنۇپ قىچىپتۇ.جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەينىدىن قىڭراقچىنى قۇچاقلىغان بالا زەردىسى قايناپ؛ تەييار قىلىپ تۇتۇپ بەرسەم  نىمىشقا ئۇرمايسەن دەپتىكەن مۇش كۆتۇرۇپ قويۇپلا تۇرغان قارىم "پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنساننىڭ يۇزىگە ئۇرماڭلار " دەيدىغان ھەدىسى يادىمغا كېلىپ قالدى.دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

    بۇ نىمىدىگەىن تەسىرلىك يۇمۇر-ھە.

    شۇڭا  ئالدى بىلەن ئىنسان،ئەر ياكى ئايال بولۇش لازىملىغىنى،بۇ باسقۇچ ئوڭۇشلۇق بېسىلماي خارەكتېرى يىتىلمىگەن،پىكرى بۇزۇق،تۇيغۇسى كېسەل سۇرىتىي ئىنساننىڭ مۇسۇلمانلىق مەسلىكىنى. "ئىسلامى سۇرەت"نى بىلىپ،بىلمەي قورال-جابدۇق قىلىشى ئەمەس، مۇشۇ باسقۇچنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ كەلگەن ئىنساننىڭ كەلىمە شاھادەت ئېيتقانلىرىنىڭ ئاندىن  مۇسۇلمان بولىدىغانلىغىنى چوقۇم ناھايىتى ياخشى چۇشەنمەك لازىم.كامالەت تاپماق ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى.تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ماۋزۇيىمىز بويىچە  بۇ جەھەتتىكى ئىجتىھاتىڭلارغا ياردىمى بولسۇن ئۇچۇن بۇنىڭغا قوشۇپ داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ< ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق> ناملىق ماقالىسىدىن تۆۋەندىكى ئۇزۇندىنى بەردۇق.پايدىلىنارسىلەر. 

    "يېقىنقى دەۋردە نىمىشقىكىن بۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنى ئېتىراپ قىلمايمىز،دۇنيادا مۇسۇلمان كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار دەيدىغان نادان موللىچاقلار پەيدا بولدى.ھەتتا قەشقەردە  مېھماننى مۇسۇلمانلار،ئۇيغۇرەكلەر دەپ ئىككى خىل چاقىرىدىغانلىغى توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ قۇلاققا كىرىپ تۇردى.  بۇ دەرىجىدە ساپاسىز كىشىلەر بىلەن ئەلۋەتتە مۇنازىرە قىلىپ ئۆلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق،ئەمما بۇ گەپنى قانداق بىر «مۇتەپپەككۇر»نىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىغىنىمۇ تۇزۇك ئىلغا قىلغىلى بولمىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى شىنجاڭدىكى موللىلارنىڭ ئالدى دەپ چاغلايدىغان بىرسىنى تېپىپ گەپتانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قىسقا ۋە ئۇدۇللا تەنبىھ بەردىم.ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۇشۇ مەسلەكتە ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىدىم.ئاندىن ئۇنىڭدىن ناھايىتى ھۆرمەتسىزلىك بىلەن بىر سۇئال سورايمەن سۇئالنىڭ نازاكىتىنىڭ يوقلىغى ماڭا مەلۇم بۇ توغرىدا مۇنازىرلەشمەيمىز.ھەم سۇئالدىكى بىئەدەپسىزلىكتىن ئاچچىقلاشمايمىز.پەقەت سۇئالنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرىلا دەپ شەرت قويدۇم ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كىيىن بىز ئىسلامى رەسمىيەت بويىچە نىكاھلانغانلاردىن بولغان بالىلارنى ھالالدىن بولغان دەيمىز.لاما دېنىغا ئېتىقات قىلىدىغان بىر جۇپ قالماق ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرۇپ- ئادىتى بويىچە توي قىلىدۇ. ئىسلامى چۇشەنچە بويىچە بولغاندا ئۇلاردىن بولغان بالىنى ھارامدىن بولغان دەيمىزمۇ ھالالدىن بولغان دەيمىزمۇ؟ دەپ سورىدىم ئۇ ئېرەڭسىمەيلا نىمە بولسا بولمامدۇ؟ دەپ كۇلۇپ،كاللىنىڭ ئىشى بار دەيمەن يوقىلاڭ گەپنى سورىماي نەق گەپنىلا سورىسىلا دىدى مەن سۇئالىمنى باشلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھۇسالامنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئاشۇ قالماقلاردەك مۇشرىك ئىكەنلىگىنى بىلىلا شۇنداققۇ دەيمەن دىدىم ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى.مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ئۇنداقتا يۇقىرىقى قالماقلارنىڭ بالىسى توغرىسىدىكى سۇئالنى پەيغەمبەر ئەلەيھۇسالامنىڭ تۇغۇلىشىغا قارىتىپ سورىساق بۇنىڭ جاۋابى ئەمدى قانداق بولىدۇ؟ دىدىم ئۇ خېلىبەك قىزاردى. جاۋاپ بېرىشكە قاتتىق قىينالدى.مەن جاۋابىنى دەپ بېرەي ئەلۋەتتە ھەر ئىككىسى قانۇنلۇق ھىساپلىنىدۇ. ئىسلامى چۇشەنچىدە ھەركىم دىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرۇپ ئادىتى بويىچە توي رەسمىيىتىنى بىجەرگەن بولسىلا بۇ نىكاھ قانۇنلۇق، تۇغۇلغان بالىلار ھالال بولىدۇ ئەكسىچە بۇ قالماقلار  ئۇرۇمچىگە ساياھەتكە كېلىپ ئىسلامى رەسمىيەت بويىچە توي قىلسا بالىسى ھالال بولمايدۇ.سىلىنىڭ بۇنىڭغا ھازىر بىرنىمە دىيىشلىرى ھاجەت ئەمەس،كىتاپ كۆرسىلە ئاندىن بىرنىمە دىسىلە دىدىم. ئۇ يەنە ئويلىنىشقا كەتتى بىرنەچچە كۇندىن كىيىن شۇنداق بولىدىكەن دەپ كەلدى. كۆرۇشلىككى ھەر مىللەتنىڭ ئۆرۇپ-ئادىتى ئىسلامى نۇقتئى نەزەردە ئەسلى ئاشۇنداق نوپۇزلۇق نەرسە،ئىسلام ئەھكاملىرىغا مۇخالىپ بولمىسىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ نوپۇزىدىن قالمايدۇ.نىكاھنى تۆت ئادەم ئوقۇپ قويسىلا قالغىنى قىلسىمۇ بولىدىغان،قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس.مۇشۇنداق تۇرسا پەيغەمبەر ئەلەيھۇسالامنىڭلا ئەمەس دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھالاللىقىنى دەلىلەيدىغان مىللىيەتكە نىمىشقا مۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلىسىلەر؟. مىللىيەتكە تىل سېلىشتا بۇنىڭ ئەھلىلىرى بىلەن سۆزلەشمەي كۆرمەي،ئۇنى يامانشىشقا نىمىشقا سەۋىيىسى ۋە خارەكتېرىنىڭ تايىنى يوق شۇنچىۋالا ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىسىلەر؟نىمەڭلەرگە نىمە يەتمەي بۇ ئىسلامى نۇقتىئى نەزەردىن تېنىپ ئامىرىكىنىڭ ھەممىنى يەر شارىلاشتۇرۇش نۇقتئى نەزەزىرىدە گەپ-سۆز قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭلار؟  كاشكى بۇنداق گەپ-سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان گەپتانلار نۇقتىنەزەر ئاسىيلىغىنى ئىلغا قىلالىسا ئىدى ھەر ھالدا خوش بولۇپ قالىتۇق.مۇنچىلىك ساۋادى بار ئىنسان، مەسىلىنىڭ مىللى تۇيغۇدا ئەمەس، بەلكى مىللى تۇيغۇغا ئۇنداق –مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇقۇملارنى ئوبىكىت قىلىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا مىللىيەتنى سۇيى ئىستىمال قىلغان تېتىقسىز ئېرقچىلىق ۋە تەپرىقچىلىقنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىغىنى  ھېس قىلغان بولار ئىدى.سۇنى لېيىتىۋاتقانلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماس ئىدى.جىسمى ھاياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يىمەكنى ھالال ھارام دەپ ئايرىغان يەردە ئۆز تەپەككۇرىگە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇقۇملارنىڭ قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە باريوقلىغىغا،ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن -ئۇيغۇن ئەمەسلىگىگە تەگبىر ئېيتىپ بوغۇزلانغان گۆش بىلەن ئېيتماي بوغۇزلانغان گوشنى ئايرىغاندەك جىددىلىك بىلەن قارىغان بولار ئىدى.   

    راس بىزنىڭ جاماەتچىلىكىمىز،مىللىيىتىمىز مەزلۇم.شۇڭا ئارىمىزدا مىللەتكە قارىماي يول تۇتالايدىغان،ئۇنى كەمسىتىدىغان،مىللەتتىن ھايا قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ مەنپەتىنىڭ قارشىسىدا مېڭىشنى تاللىۋالغان كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىغلىق. ئەقەللىسى ھەر ھېيتتا يۇرتتا ھېيت نامىزى ئوقۇلسۇن ئوقۇلمىسۇن سەئۇدى پالانچى كۇنى ھېيت قىلىدىكەن قىلمايدىكەن دىيىشىپ يۇرت جامائىتىگە قارىماي ئايرىم ھېيت قىلىدىغان، ھەتتا بۇنى دىندارلىق دەپ بىلىپ غادىيىپ يۇرىدىغانلار بار،.ھالبۇكى دىننىڭ يولى بۇ ئەمەس. ھېيتنىڭ قاچان بولىدىغانلىغى ۋە ھېيت نامىزىنىڭ قاچان ئوقىلىدىغانلىغىنى سەۇدى ئەمەس،يۇرت جامائىتى بەلگىلەيدۇ.جاماەت ۋە مىللەتنىڭ مەزلۇملىغى ،نادانلىغى ساڭا بىلىنىشكەن بولسا ئۇنى ئوڭشاش ئۇچۇن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىق ،ئىزدەن،بىلگەنلىرىڭنى تەدبىقلا،بولۇمسىزلىقنى ئوڭشاشنىڭ تەدبىرىنى قىل،لېكىن مىللەتنىڭ ئېتىبارىنى،نوپۇزىنى سۇندۇرۇشنىڭ يولىغا كىرمە.ئۆزۇڭنى كىچىك چاغلاپ بۇنىڭغا جۇرئەت قىلالمىساڭ يەنە بىر ئۆينىڭ گىپىنى قىلىپ،غودۇڭشۇپ يۇرمە،مېجازى ھالدا ئېيتقاندا ئۆزۇڭنى ئەر چاغلىماي ئۇ ئەردىن چىقىپ بۇ ئەرگە تەككەن بولساڭ، بۇرۇنقى ئېرىڭنىڭ يامان گىپىنى قىلما.يېڭى ئېرىڭنىڭ يېنىغا بار ئۆيۇڭنى تۇت. بىر كۇنى مەن مۇشۇنداق ھېيت قىلىدىغان "ئاتالمىش تەقۋا"لارنىڭ بىرسىدىن ناۋادا  شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەپلەر بىر-بىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ قالسا قانداق قىلىسىلەر مىللەنى سېتىپ سەۇدىدىكى ئىماملىرىڭلارنىڭ پاي قەدەملىرىگە ئەگىشەمسىلەر؟ دەپ سورۇدۇم.ئۇ تاڭزىپ مەن مىللەتنى تونىمايمەن دىدى.ھالبۇكى ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ ئەكسىچە دىن مىللەتنى تونۇيتى ،تېخى دىن ئاتالغۇسى قەدىمىيلىك ئېتىبارىدا ئېيتىلغاندا مىللەت دىيىلەتتى.ئەمدى بۇ قانداق مەنتىقە! ئېنىقكى بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ.

    ---koknur.net تورىدىن ئېلىندى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەر , مۇسۇلمان , ئىلغا , ئاشقۇن , ئۇيغۇر , koknur.net
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-7 12:31:39
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1055
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证