فرانسىيە پرېزىدېنت نامزاتى-فرانسىۋا ئولەند
فرانسۇزچە : François Hollande
خەنزۇچە - 弗朗索瓦·奥朗德
فرانسىيەنىڭ سىياسىي ئەربابى، 2012-يىللىق فرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتى فرانسىۋا ئولەند (فرانسوز تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىندى، ئېنگىلىز تىلىدا فرانسىۋا ھوللەند) 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى فرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى روئېن (Rouen) شەھىرىدە دوختۇر ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1968-يىلى فرانسىۋا ئولەندنىڭ ئائىلىسى پارىژغا كۆچۈپ كەلگەن. پارىژ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان، كېيىن يەنە فرانسوز دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنىستىتۇغا كىرىپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە نەتىجىسى يەتتىنچى بولغان.
1979-يىلى، 25 ياشلىق فرانسىۋا ئولەند فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە رەسىمىي كىرگەن، 1981-يىلى فرانسىۋا مىتتېراند (Franois Mitterrand) پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندا، فرانسىۋا ئولەند پرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى بولغان. 1988-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.
1993-يىلى ئۇدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان، 1997-يىلى قايتا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. فرانسىۋا ئولەند 1997-يىلدىن 2008-يىلغىچە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان. سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ 2007-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتى سېگولەنە خويال (Ségolène Royal) بىلەن 25 يىل ئۆي تۇتقان بولۇپ، 4 بالىلىق بولغان. 2007-يىلى ئايرىلىپ كەتكەن.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، فرانسىۋا ئولەند پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى سايلامدا غەلبە قىلىپ، 2012-يىللىق فرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتى بولغان. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، فرانسىيە بىرىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا فرانسىۋا ئولەند %28.63 بېلەتكە ئېرىشىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ھازىرقى پرېزىدېنت نىكولاس ساركوزىي (%27.18 بېلەتكە ئېرىشكەن) بىلەن بىرگە ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشقا كىرگەن.