تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› ئامېرىكىدا كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 0
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    mir512@126.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېرىكىدا كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟



    ئامېرىكىدا كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟

     

    ئامېرىكىدا كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟ پارلامېنت، ئاق ساراي ياكى ئالىي سوت مەھكىمىسى؟

    ئامېرىكىدا مەيلى قانداق ئىش بولۇشتىن، كىمگە چېتىلىشتىن قەتئىينەزەر، قانۇنغا چېتىلغان، پۇقرالىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلا ئىش بولسا، ئاخىرىدا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ.

    بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكىدا بولغان ئىش.

    پرېزىدېنت سايلىمى ھالقىلىق پەيتكە كەلگەن چاغلار ئىدى. بىر كۈنى تۈن تەڭ بولغاندا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش شتابىغا بەش ئەركەك يوشۇرۇن كىرىپ، مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىۋاتاتتى. قاراۋۇل ئۇلارنىڭ شەپىسىنى سېزىپ قالدى. نەق مەيداندا قولغا چۈشتى. پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى كىم؟ داۋاملىق پرېزىدېنت بولىمەن دەپ رىقابەتلىشىۋاتقان نىكسون(جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن)غا چېتىلامدۇ-يوق؟ تۇتۇلغانلار لام-جىم دېمەي سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالدى. بۇ ئىشنى تاراتقۇلار ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى.

    رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن پرېزىدېنت نىكسونغا چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ، ئاقساراي مەجلىسخانىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    مەسلىھەتچىلەر كۆپباش قاتۇردى. ئۈنئالغۇ لېنتىسىگە ئاساسەن خاتىرىگە ئېلىنىپ، قىسمەن مەزمۇنلىرى قىسقارتىلغان يازما خاتىرە ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلدى. ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. سوت مەھكىمىسى يەنە چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ، ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ ئەسلىسىنى سوتقا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. نىكسوننىڭ ئادۋوكاتى: پرېزىدىنېتنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھوقۇقى بار، دەپ تۇرىۋالدى. دەۋا ئالىي سوت مەھكىمىسىگىچە باردى.

    ئالىي سودىيە ئېيتتى: پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق ئەمەس، ھۆرلۈك-باراۋەرلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر. ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىدۇر. ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پرېزىدېنتنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىشىدىنمۇ مۇھىم.شۇنداق قىلىپ، نىكسوننىڭ نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىندى.

    دېڭىز ساھىلىدا دەم ئېلىۋاتقان نىكسون بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆپ ئويلاندى. جاھىللىق قىلىۋەرسە، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا ئەدلىيە ئادىللىقىغا دەخلى قىلىش جىنايىتى بېكىتىپ قويالايتتى، داۋاملىق پرېزىدېنت بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، تۈرمىگە كىرىپ قالاتتى. ئەتىسى بايانات ئېلان قىلدى: «بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئوخشاش، سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمەن ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىمەن»

    نىكسون 64 دانە ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش شتابىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىش ۋەقەسىگە نىكسوننىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىر ئايدىن كېيىن، نىكسون پرېزىدېنتلىقتىن ئىستىپا بەردى. ئىستىپا بەرمىسە، ئەيىبلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.

    نىكسون ھۆرمەتكە سازاۋەر پرېزىدېنت ئىدى، لېكىن، قانۇن ھوقۇقنى چەكلەيدىغان، قانۇن ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئامېرىكىدا ئۇ قانۇنغا چېقىلغانلىقتىن، ئوسال ئەھۋالغا قېلىپ، سىياسىي ھاياتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

    ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا , ئالىي سوت , قانۇن , ئابلاجان تۇردى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-5-3 23:47:12
    تەھرىر : admiral
    باھا : 1 كۆزىتىش : 1770
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证