تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› جون ئادامىس ــــ ئامېرىكا ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    جون ئادامىس ــــ ئامېرىكا ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى

     



      

    جون ئادامىس ــــ ئامېرىكا ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى

    تولۇق ئىسمى: جون ئادامىس

    لەقىمى: دوغىلاق ئەپەندىم، سەمىمىي جون، مۇستەقىل ئاتلاس

    تۇغۇلۇپ ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1975.3.4~1826.7.4

    ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1979.3.4~1801.3.4

    ئائىلە كېلىپ چىقىشى: دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى

    ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (خارۋارد ئىنىستىتۇتى، ئەدەبىيات كەسپى)

    كەسپى: ئادوۋكات

    پارتىيە-گۇرۇھى: فېدېراتسىيە پارتىيىسى

    دىن: خىرىستىيان دىنى ــــ جىنسىي نەزەرىيىچى مەزھىپى

    ۋەزىپىسى: چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچە، مۇئاۋىن پىرىزدېنت

    ئايالى: ئەبىگايىل شىمىس

    پەرزەنتلىرى: ئۈچ ئوغۇل ئىككى قىز

    مەشھۇر ئەسەرلىرى: «دىنىي قائىدە ۋە فېئوداللىق قانۇنىغا باھا»

    ئەقلىيە سۆزلىرى: ئادىمىزات چەكلەنگەن مېۋىنى ئوغۇرلۇقچە يەپ قويۇپ، جەننەتتىن قوغلانغان، مانا بۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ساۋاق، كىشىلەرنىڭ ئانچە بەك ئەھمىيەت  بېرىشىگە ئېرىشەلمەي كەلدى. ئەخلاقنىڭ قايتا ئويلىنىشى، دانالىق بىلەن ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە دىننىڭ ۋەھىمىسى بىلەن كۆز ئالدىمىزدىكى ھەۋىسىمىز، بىر تەرەپلىمە قاراشلار، تەسەۋۋۇرلار، قىزغىنلىق ياكى ئەمەلگە ئاشماس خام-خىياللار ئۆز-ئارا توقۇنۇشقان چاغدا، دۆلەتكە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، دېگىلى بولامدۇ؟

    1. كىچىكىدە ئوۋچىلىقنى ياخشى كۆرۈش، چوڭ بولغاندا خارۋاردتا ئوقۇش

    1975-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ بىرانتېر دېگەن يېرىنىڭ (كېيىنچە بۇ يەر كيۇنسى دەپ ئاتالدى) بىر دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى.

    جون ئادامىس ئەنگىلىيىكلەر پۇشتىدىن بولۇپ، ئەنگىلىيىدىن ئامېرىكىغا تۇنجى بولۇپ بارغان ئەجدادى، ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى ھېنرى ئادامىس بولۇپ، ئۇ كىشى 1640-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتىس دېڭىز رايونىدىكى تاشلىق يەرنى بىرانتېر دېھقانچىلىق مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىدى، كېيىن بۇيەر جون ئادامىسنىڭ يۇرتى بولۇپ قالدى.

    جون ئادامىسنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ جون ئادامىس بولۇپ (1761-1691)، ئۇ كىشى دېھقانچىلىق مەيدان خوجايىنى بولۇشتىن تاشقىرى يەنە خۇرۇم بويۇملار تىككۈچىسىمۇ بولغان بولۇپ، ئىلگىرى يەنە باج ۋەكىلى، مىللىي پولك مەمۇرىي ئەمەلدارى، مەمۇرىي ئىشلار ھەيئىتى ھەيئىتى ۋە چېركاۋ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغانىدى. جون ئادامىسنىڭ ئاپىسى سۇزاننا بورستون ئادامىس (1797-1709) بوستۇندىكى داڭلىق بىر دوختۇرنىڭ قىزى بولۇپ، ئۆزى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئائىلە ئايالى ۋە خىرىستىئان مۇرىتى بولسىمۇ، ئەمما مىجەزى ئىنتايىن ئوسال بولغاچقا، يولدىشى ھەر قېتىم كوچىدىكى نامرات بالىلارنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىدە ئۇ ئايال بىشەملىك قىلىپ بالىلارنى قوغلاپ چىقىراتتى. جون ئادامىسنىڭ يەنە ئىككى ئىنىسى بار بولۇپ، ئۇلار ـــ پېتىر بورستون ئادامىس، ئېلھۇ بورستون ئادامىس. چوڭ ئىنىسى پېتىر كېيىن بىرانتېر مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سىتارشى لېيتنانتى بولدى، كىچىك ئىنىسى ئېلھۇ ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق جېڭىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ پولك كوماندىرى بولدى. جون ئادامىس ئاشۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزدى.

    جون ئادامىس بالا ۋاقىتلىرىدىلا، دادىسى ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ئوقۇشنى ئۆگەتتى، ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئۇنى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە بەردى. ئەمما ئادامىس ئۇيۇنغا بەك ئامراق بولغاچقا، ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار ئىدى. ھەركۈنى مەككتەپتىن چۈشۈپ، سومكىسىنى تاشلاپ قويۇپ، تاپشۇرۇقىنىمۇ ئىشلىمەي سىرتتا بىخارامان ئۇيۇنىنى ئوينايتتى. ئۇ ئۆزى ياسىغان كىچىك كېمىلەرنى كۆلچەكلەرە ياكى كىچىك ئېرىقلاردا ئېقىتىپ ئوينايتتى، لەگلەك ئۇچۇراتتى، تۆمۈر دۈگىلىچەك دۈگىلىتەتتى، تاپانچا ئوينايتتى، مۇشتلىشىپ قوغلىشاتتى. ياز كۈنلىرى سۇ چۆمۈلەيتتى، قىش كۈنلىرى مۇز تېيىلاتتى، ئىشقىلىپ ئوينىغىلى بولىدىغان ئۇيۇننىڭ ھەممىسىنى ئوينايتتى، ئىنتايىن شوخ ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى ئوۋ ئوۋلاش ئىدى. ئۇ ۋاقتى بولسىلا ئورمانغا بېرىپ تىيىن، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنى، ئىشقىلىپ ئەنگىلىيىچە تاماق ئۈستىلىنىڭ ياخشى غىزاسى بولالايدىغان ھەرقانداق ئۇچار قۇشنى ئوۋلايتتى. ئۇ ھەتتا ئوۋ مىلتىقىنى مەكتەپكىمۇ ئېلىپ باراتتى-دە، مەكتەپتىن چۈشۈپلا دالىغا ئوۋ ئوۋلىغىلى كېتەتتى. دەل مانا مۇشۇنداق دالا ھەرىكەتلىرى ئادامىسنىڭ پاكار بويىغا تەمبەللىكنى، جەسۇرلۇقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

    ئادامىس ئەپەندى بېشىدا ئەقىللىق  ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق ئۇيۇنلارنى دەپ، ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، ئىنتايىن سەۋىرچانلىق بىلەن ئوغلىغا ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئادامىس ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋەردى. ئوغلىنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقى بۇ دادىنى ئاخىرى غەزەپكە كەلتۈردى.

    -كەلگۈسىدە سەن زادى قانداقراق ئادەم بولماقچى، ئوغلۇم؟-ئادامىس ئەپەندى ئوغلى ئادامىسقا غەزەپ بىلەن دېدى.

    -دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى بولىمەن!-ئون ياشلىق بالا ئادامىس ھېچ ئىككىلەنمەستىن جاۋاب بەردى.

    -ئەمىسە ساڭا دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى  بولسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي!-دېدى ئادامىس ئەپەندى قەتئىيلىك بىلەن،-ئەتە ئەتىگەندە مەن بىلەن پېننى كېچىلىگە بېرىپ ئىشلىرىمغا ياردەملىشىپ ياۋا ئوتلارنى يۇلغىن!

    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ئاتا-بالا ئىككىسى ئەتىگەندىلا يولغا چىقىپ، كىچىك دەريا يولى بويىدا بىر كۈن ئەمگەك قىلدى. كەچتە ھەمما يېرى پاتقاق بولۇپ كەتكەن، ھېرىپ-چارچىغان ئادامىسنىڭ چىرايىدىن دېھقانچىلىق مەيدانىغا بولغان ئارزۇسىنىڭ بېتچىت بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

    -قانداقراق، جون؟ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئېپى كېلىشىپ قالامدىكەن-يا؟-ئادامىس ئەپەندى ئۆز كۆڭلىدە ئوغلىغا ئىنتايىن ياخشى دەرستىن بىرنى بەردىم دەپ كۆرەڭلىگەندەك سورىدى.

    -مەن ئىنتايىن ياقتۇردۇم، ئادامىس ئەپەندىم،-دېدى كىچىك ئادامىس قەتئىيلىك بىلەن.

    ئۆسمۈر ئادامىس ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئاقسۆڭەكلەر لاتىن تىلى مەكتىپىنى ياقتۇرمايتتى. چۈنكى ئۇ مۇستەملىكە رايونى مەكتىپىنىڭ زېرىكىشلىك مائارىپ تۈزۈلمىسىگە ئۆچ ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ دائىم مەكتەپتىن قاچاتتى، ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا دادىسىغا ياردەملىشىشنى ئوقۇشقا قارىغاندا كۆپ كۆڭۈللۈك دەپ قارايتى. ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا يەر ئاغدۇراتتى، قار تازىلايتتى، سۈت ساتاتتى، ئۇنىڭ دادىسى ئادامىس ئەپەندىمۇ ئىشچانلىق ۋە دۇرۇسلۇقتا ئوغلى جونغا ياخشى ئۈلگە ئىدى.

    ھاۋا ئىسسىق چاغلاردا، ئادامىس ئەپەندى تېرىلغۇ يەرلەردە تىرىشىپ ئەمگەك قىلاتتى، قىشتا بولسا قول ھۈنەرۋەنچىلىق بىلەن خۇرۇم ئاياغ، ئات-ئۇلاغ جابدۇقلىرى قاتارلىق خۇرۇم سودا ماللىرىنى تىكەتتى. ئۇ شەھەرلىك سىياسىي ھەيئەت چاغلىرىدا، بازاردىكى نامراتلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ياشىيالمايۋاتقانلىقنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارايتتى، ھەتتا ئايالىنىڭ دەشنام قىلىشلىرىغا قارىماي، نامرات بالىلارنى ئۆيىگە ئەكىلىپ تۇرغۇزغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئادامىسقا يوشۇرۇن تەسىر قىلغان ئىدى.

    16 ياشقا كىرگەندە، ئادامىس تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردى. ئۇ خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇشنى ئۈمىد قىلاتتى، ئەمما ئۇ مەكتەپكە ئۆتۈش ئۆتەلمەسلىككە بىر نەردە دېيەلمەيتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يوسېف ماش خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھان نازارەتچىلىك مەسئۇلى مېرىن مۇئەللىم بىلەن كونا ئاغىنىلەردىن ئىدى. يوسېف مۇئەللىم مېرىنغا ئادامىسنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى.

    1751-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق ئىمتىھانى باشلاندى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە ئادامىس چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئاق ئاتنى مىنىپ مېرىن مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەپسۇس، ئۇ مۇئەللىم ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئىدى. ئامالنىڭ يوق، ئادامىس بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىغا قاراپ ماڭدى. ئىمتىھان مەيدانىدا، ئۇ ئىنتايىن جىددىيلەشتى، بولۇپمۇ ئىمتىھان قەغىزىدىكى ئېنگىلىز تىلىدىكى ماقالىنى لاتىن تىلىغا ئايلاندۇرۇش سۇئالى، لاتىن تىلىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بۇ بالىنى ئىنتايىن قىينىدى. ئەمما تۇيۇقسىز بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنى تېنىچراق بىر بۇلۇڭغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇ يەردە لۇغەت ئاختۇرسا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە گىراماتىكىغا ئائىر كىتاب كۆرۈپ ماقالىنى تەرجىمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئادامىس خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىندى.

    خارۋاردتا، مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان دەرسلىكلەردىن لاتىن تىلى، گېرىك تىلى، لوگىكا، سىتىلىستىكا، پەلسەپە، مىتافىزىكا، فىزىكا، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە ۋە ئىلاھىيەتشۇناس پەنلىرى بار ئىدى. ئادامىس ماتېماتىكا بىلەن پەلسەپەنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى، خارۋاردتىكى تۆت يىلدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان پوزىتسىيىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى.

    «مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە كىتاب ئوقۇشنى، ئۆگىنىش قىلىشنى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم» ئۇ ئۆز تەرجىمىھالىدا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى شۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى. «دەل شۇنداق قىزىقىش روھى مېنىڭ باشقا ئىشلارغا بولغان ھېرىسمەنلىكىمنى يوق قىلغان ئىدى، ھەتتا قىزلارغا گەپ قىلىدىغانغىمۇ رايىم بارمايتتى»

    ئەينى ۋاقىتتا، ئادامىس يەنە بىر دېكلاماتسىيە قىلىش كۇلۇبىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى يېڭى نەشىردىن چىققان شېئىرلارنى ۋە دىراممىلارنى دېكلاماتسىيە قىلاتتى، دېكلاماتسىيە قىلىش مەلۇم دەرىجىدە سەنئەت ئورۇنلاش قابىلىيىتىنى تەلەپ قىلاتتى، شۇڭا ئادامىسنىڭ قىزغىنلىققا تولغان ئورۇنلاش ماھارىتى كۆپچىلىكنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشلىرىغا ئېرىشەتتى، دەل مانا مۇشۇنداق تالانت ئۇنى ئادوۋكات بولۇش ئىشىكىگە باشلىدى.

    1755-يىلى 7-ئايدا، ئادامىس خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئەدەبىيات كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

     

    1. بوستۇن شەھىرىنىڭ ئادوۋكاتى ـــ ئادىل، دانا

    ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ئادامىس، ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ ۋورسېستېر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا، قانۇن پەنلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ 1758-يىلى 11-ئايدا ماسساچۇسېتس شىتاتى ئادوۋكاتلار جەمئىيىتىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن ئادامىس بوستۇن شەھىرىدە ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن بىرنى قۇرۇپ، رەسمىي ئادوۋكات بولدى.

    ئۇ ئادوۋكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ باشقىلارغا ۋەسىيەتنامە، كېلىشىمنامىلەرنى يېزىپ بەردى ھەمدە ئاھالە ماجرالىرىنى ھەل قىلىپ قابىلىيەتلىك ئادوۋكات بولۇپ قالدى.

    1768-يىلدىن 1769-يىلغىچە ئادامىس ئىنتايىن چوڭ دېلودىن بىرنى تۇتتى، يەنى، باجدىن قېچىپ، ھاراقنى سۇ يولى ئارقىلىق بوستۇن شەھىرىگە ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كىرىش جىنايىتى بىلەن قارىلانغان جون خەنكافنى ئاقلاپ، ئەرزنى قايتۇرغۇزدى، شۇنداق قىلىپ ئۇنڭ ئىشلىرى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قاراپ ماڭدى.

    1770-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر توپ غەزەپلەنگەن بوستۇنلۇقلار، توماس پۇرۇس باشچىلىقىدىكى سەككىز نەپەر ئەنگىلىيە قۇراللىق قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى تىللاپ ھاقارەتلىدى، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئەنگىلىيىلىك ئەمەلدارلارغا قار پومزەكلىرىنى ۋە تاش پارچىلىرىنى ئاتتى، يەنە بەزىلىرى ئۇلارغا كالتەك –توقماقلىرىنى تەڭلەپ ھەيۋە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى.

    -يامان بولساڭ ئوق چىقىرىشمامسەن؟

    كىشىلەر توپى ئارىسىدن بىرى قەستەنگە تەنە قىلىپ شۇنداق دېدى، تۇيۇقسىزلا، بىر ئەنگىلىيىلىك ھەربىي راستىنلا ئوق چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن باشقا ھەربىيلەرمۇ ئوق ئېچىشقا باشلىدى. ئامېرىكىلىقلاردىن ئۈچى ئۆلۈپ، سەككىز ئادەم يارىلاندى. ئىنتايىن تېزلا ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ بىر توپ ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان گۇناھسىز ئامېرىكىلىق خەلقنى قىرغانلىق خەۋىرى بوستۇن شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالدى.

    خەلق ئاممىسىنى تېنچىتىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئەنگىلىيىلىك ھەربىيلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ھەمدە بۇ دېلونى ئىنتايىن ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما، مۇستەملىكە دەۋرىدە ھېچقانداق بىر ئادوۋكات بۇنداق دېلوغا قول تىقىشنى خالىمىدى، ئەمما جون ئادامىس بۇ دېلونى قولىغا ئالدى.

    گەرچە ئادامىسقا، مۇبادا ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئاقلىغۇچى ئادوۋكات بولسا، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بۇ دېلوغا قول تىقتى. چۈنكى ئۇ بۇ ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى، ئۇلارنى دار ئالدىغا ئېلىپ بېرىش پەقەت كەڭ خەلقنىڭ ئۆچ ئېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەتلا ئىكەنلىكىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئادىللىقنى ياقلاش قانۇننىڭ يۈكسەك نوپۇزىنى قوشداشقا ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارايتتى.

    سوتتا ئادامىس بۇ ئەنگىلىيىلىكلەر ئۈچۈن، ئىنتايىن ئاساسلىق، پاكىتلىق سۆزلەر بىلەن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئەنگىلىيىلىكلەر ئۈچۈن ئاقلاش ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن زاستاتىل ئۆمىكىدىكىلەر ئەنگىلىيىلىكلەر ئارىسىدىن ئالتەيلەننى گۇناھسىز، قالغان ئىككىسىنى مەقسەتسىز ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى، بۇ ئىككىيلەنمۇ باش بارمىقىغا جىنايەت مۆھىرى بېسىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.

    جون ئادامىسنىڭ ئاقلىشى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەمما ئۇ ئۆزى پەرەز قىلغىنىدەك بوستۇنلۇقلارنىڭ ھاقارىتىگە قالدى، ئۇلار ئۇنى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قول چوماقچىسى، ھەتتا پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنىمۇ ساتتى دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما ئادامىس بولسا سوتلاش جەريانىدا ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە قارشى تۇرۇپ، بىگۇناھلارنى قوغداش، گۇناھكارلارنى جازالاشتىنمۇ مۇھىم دېگەن كۆز قارىشىنىڭ ئورۇنلۇقىلىقىنى ئۆزى ئىسپاتلاپ چىقتى.

    بۇ مەزگىلدە جون ئادامىس يەنە بىرانتېرنىڭ تاش يول ئوچاستىكا ئەزاسى ۋە شەھەرلىك سىياسىي كومېتىت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، نۇرغۇن تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەر بىلەن تونۇشتى، ئادامىس كېيىن شۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ماسساچۇسېتس مۇستەملىكە رايونىدا جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ قالدى.

    1. ھېسسىياتقا باي، تالانتلىق قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىش

    جون ئادامىسنىڭ بويى پاكار بولۇپ ئارانلا بەش ئېنگىلىزچىسى ئالتە ديۇملا كېلەتتى. ئەمما ئۆزى قاۋۇل، توغرىسىغا يوغان ئىدى. دۈگىلەك يۈزلىرى، كىچىك ئېغىزى، ئەگمە قاشلىرى بىلەن تولىمۇ ئوماق كۆرۈنەتتى. كېيىن ئۇ قورساق سېلىپ سەمىرىپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنى «دوغىلاق ئەپەندىم» دەپ ئاتىدى. گەرچە ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال دەرىجىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئەرلەرگە خاس جەلىپ قىلىش كۈچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىنكاسى ئىنتايى ئىتتىك بولۇپ، ئەقىللىق زېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئۇنىڭدىكى كامچىلىقلارنى بېسىپ، قىزلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى.

    «مەن كىچىكىمدىنلا ھېسسىياتچان ئىدىم،-ئۇ ئۆز تەرجىمىھالىدا مۇشۇنداق يازغان ئىدى،-ئون-ئون بىر ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا ئەتراپىمدىكى خانىم-قىزلار مېنى ئىنتايىن تېزلا ياقتۇرۇپ قالاتتى، مېنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان كەچكى گۇگۇمدىكى دەم ئېلىشلىرىم ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بولاتتى. مەندىكى بۇنداق ھېسسىيات مەن ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ بېسىقىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مەن نىكاھ تۇرمۇشقا قەدەم قويغىچە مېنىڭ ئىنتايىن كۆپ زېھنىمنى ۋە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن ئىدى.»

    «مېنى كۆرۈپ يۈزى قىزىرىپ يەرگە قارىۋالىدىغان خانىم قىزلار يوق ئىدى، ئەمما مەن بىلەن تونۇشقىنىدىن بىزار بولىدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان خانىم قىزلارمۇ ھەم يوق ئىدى.»

    ئادامىسنىڭ ھاياتىدا ھەممەيلەنگە ئايان بىرى بولۇپ، ئادامىس ئۇنىڭ بىلەن تويلاشقان بىر قىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى خەننا كيۇتسى ئىدى. خەننا ئادامىستىن بىر ياش كىچىك  بولۇپ، بۇغداي ئۆڭ، ئەقىللىق قىز ئىدى.

    ئادامىس ئۇ قىزغا ئىنتايىن مەھلىيا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ئۇ تېخى ئەمدىلا ئۆرلەۋاتقان ئادوۋكات بولغاچقا، ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم بىر ئاساس تىكلەپ بولغاندىن ئاندىن تۇرمۇش قۇرۇش نىيىتىدە ئىدى. ئەمما خەننا ئۇنى بارغانسېرى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋېلىۋاتاتتى. ئۇ ھەر قېتىملىق ھەپتە ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش كۈنىنى خەننانىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزەتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ دادىسى ئادامىس ئەپەندى ئوغلىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ توغرىسىدا ھەرخىل مۇنازىرىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ  بوپتۇدەك دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئادامىس گەرچە بۇنداق گەپلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق دەپ ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، خەننانىڭ سېھرىي كۈچىدىن بارغانسېرى ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىدى.

    ئەتىيازنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنى، ئادامىس خەننا بىلەن خەننانىڭ مېھمانخانا ئۆيىدە يالغۇز ئىدى،، مېھىرلىك قاراشلار، سېھرىي كۈچكە تولغان پاراڭلار، ئەتىياز ھاۋاسىنىڭ سۇس ھىدى ئاستىدا، ئادامىس ئۆز كەسپى بىلەن نىكاھقا قىلغان ۋەدىسىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ، بىردەملىك ھېسسىياتنىڭ كەينىدە خەنناغا توي قىلىش تەكلىپىنى قوياي دەپ تىزلىناي دەپ تۇرۇشىغا خەننانىڭ ئىككى دوستى كىرىپ قالدى.

    ئادامىس ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بىردەملىك ھاياجانلىنىشىنى ئويلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھاياجانلىنىشتىن ئۆزىنى چوقۇم توسۇش كېرەكلىكىنى ئويلاپ يەتتى، ئەمما خەننا بولسا بۇنداق زېرىكىشلىك كۈتۈشلەردىن زېرىكىپ 1760-يىلى بېرا لېكسىنغا تەگدى، كېيىن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ ئېبىنزار سىتوللېرغا تەگدى، كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ تۇل قالدى. 1820-يىلى، بۇ ئىككىيلەن مۇھەببەتلىشىپ ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندە قايتا كۆرۈشتى ھەمدە قىزغىن ئەھۋال سوراشتى، كېيىن ئىككىسى شۇ بىر يىلدا ۋاپات بولدى.

    1762-يىلى، ئادامىس ئابىگايىل شىمىس بىلەن تونۇشتى، 1744-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى توغۇلغان ئابىگايىل چارۋىچى ۋېليام شىمىس بىلەن ئېلزابىت كيۇتسىنىڭ ئۈچ قىز پەرزەنتىنىڭ ئوتتۇرانجىسى ئىدى. ئەينى چاغدا، ئادامىس شىمىس ئائىلىسىنىڭ چوڭ قىزى مارىيەنىڭ بوغۇز يولدىشىى بولغان دوستى رىچارد كېرانچ بىلەن بىللە ۋېموسقا بارغاندا، ئىنتايىن تېزلا بۇ ئۇماق، خىجىلچان، كىتاب ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان 17 ياشلىق قىزغا مەپتۇن بولۇپ قالدى. ئادامىس كېيىن ئۇ قىزنىڭ شېئىرغا، پەلسەپە ۋە سىياسىيغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ بۇنچە چوڭقۇرلىقىنى،  بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ بۇنداق كىتابلارنى كۆرۈشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ بەكمۇ ئەجەبلەندى.

    ئەمەلىيەتتە ئادامىس كىچىك چېغىدىن باشلاپلا، شىمىس ئائىلىسىدىكىلەرنى ئوبدان بىلەتتى، پەقەت ئۇ ئۆزىدىن توققۇز ياش كىچىك بۇ قىزغا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىدى، كىچىك چېغىدا، ئابىگايىل ئاغرىقچان بالا بولۇپ، سالامەتلىكى يار بەرمەي مەكتەپكىمۇ بارالمىغان ئىدى، ئەمما ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، بۇ پىرىزدېنت رەپىقىسى ئىنتايىن بىلىملىك ئايال ئىدى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، ئادامىس ئابىگايىلغا توي قىلىش تەكلىپى قويدى، ئابىگايىلمۇ قوشۇلدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن رازى  بولۇشتى، 1764-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 28 ياشلىق ئادامىس بىلەن 19 ياشلىق ئابىگايىل ماسساچۇستېس شىتاتىنىڭ ۋېموس شەھىرىدە كېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىسىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

    تويدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلاپ، ئادامىس ئەنگىلىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلدى، ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق ئايرىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، توختىماي ئۆز-ئارا يېزىشىپ تۇرغان خەتلەر بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادامىسنىڭ ئايالى ئابىگايىل ۋەزىيەت كۆزىتىشكە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتنى كۆزىتىپ يازغان خەتلىرى ئادامىسنى ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.

    ئۆز يۇرتىدا قېلىپ قالغان ئابىگايىل ئەمگەك قىلىشقا ماھىر ئىشچان ئائىلە ئايالى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاياللارنىڭ ئاازادلىقى ئۈچۈنمۇ ھالقىلىق ئىشلارنى قىلغانىدى، 1776-يىلى، ئامېرىكا ئەنگىلىيە خان جەمەتى قانۇنى بايقۇت قىلدى، ئابىگايىلنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كۆزىتىش تالانتى ۋە مۇستەقىل بولغان كۆز قاراشلىرى ئادامىسنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى، ئادامىسنىڭ ئايالى ئادامىسقا كۈندىلىك تۇرمۇش جەھەتتىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ ئاز بولمىغان مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى بەردى، كېيىن ئادامىسنىڭ سىياسىي رەقىبى ئۇنى «ئايال پىرىزدېنت» دەپ مەسخىرىمۇ قىلغان ئىدى.

    بۇ ئەر-ئايال ئىككسىىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى، ھېسسىياتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلار جەمئىي بەش پەرزەنتلىك بولدى، بىرلىكتە 54 يىللىق بەختلىك تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈردى.

     

    1. ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەشكە شۇڭغۇش

    شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ياش ئادوۋكات ئادامىسنىڭ ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن بۇ  قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە شۇڭغىدى.

    ئادوۋكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، ئادامىس يەنە يەرلىك گېزىتخانىلارغا قانۇنچىلىق ۋە ھۆكۈمەت ماقالىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇردى، بولۇپمۇ 1764-يىلى قىشتا ئادامىس ئىنگىراد قانۇنچىلىق كۇلۇبى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن «دىنىي قائىدە ۋە فېئوداللىق قانۇنغا باھا» كىتابى ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ئىنتايىن ھەلقىلغۇچ ۋە كەڭ تەسىر قوزغىدى. بۇ كىتابتا ئۇ ئۆز قارىشىنى شەرھىلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاتالمىش ئەنئەنىسى، پەقەت ئەركىنلىكنىڭ ئەنئەنىسى. ياۋروپالىقلارنىڭ يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىشتىكى مەقسىتى ئەركىنلىك ۋە ھوقۇق ئىزدەش، پىلايموز قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېڭى ئېنگىلاد ئەركىنلىكنىڭ ئاسمىنى بولۇپ كەلدى، دىنىي قائىدە ۋە فېئداللىق قائىدىلەر ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن يوقالدى، ئەنگىلىيە خان جەمەتى پارلامېنتى فېئوداللىق قانۇن ئارقىلىق شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنى ئەمگەك مېۋىلىرىدىن مۇستەسنا قىلماقچى  بولدى.» ئىككىنچى يىلى «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى كۈرەش تازا ئەۋجىگە چىققاندا، كۈرەش قوينىغا شۇڭغۇپ كىرگەن ئادامىس ئاكتىپ تەسىرگە ئۇچراپ، بۇ كىتابىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى ھەمدە «ماركا بېجى قانۇنى»غا بولغان قارشى كۈرەشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى تارىخىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ بەردى.

    «ماركا بېجى قانۇنى»نى ئەنگىلىيە پارلامېنتى 1765-يىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ بارلىق گېزىتى، بىرقەدەر چوڭ بولغان باسما بۇيۇملىرى، كىتابچاقلار، ئاكسىيە، پىراۋا، ئېلان ۋەرەقىسى، تارىخىي كىتاب، قانۇنى ماتېرىياللار ھەمدە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆججەتلەرگە چوقۇم بەلگىلەنگەن ساندىكى ماركا بېجى بېلىتىنى چاپلىشى كېرەك، دېيىلگەنىدى. بۇ قانۇن رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىنى قوزغىدى. سودىگەرلەر، ئادوۋكاتلار، بانكىرلار ۋە يەر ئىگىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن بۇ قانۇنغا قارشى تۇرۇشقا باشلىدى، چۈنكى بۇ قانۇن –تۈزۈم ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزگەن ئىدى.

    بۇ ۋاقىتتا ئادامىس «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەمۇ ئەنگىلىيە قانۇنىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇستەملىكە رايونلىرىدىكى ئەنگىلىيىكلەرمۇ باشقا ئەنگىلىيىكلەرگە ئوخشاش تەڭداش ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارىدى.

    بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا كەلگەن «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى بىر قاتار لايىھە كۈرەشلىرى داۋامىدا، ئادامىس ئىزچىل تۈردە «ۋەكىلسىز باج يىغىشنى رەت قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئۇ يۇرتى بېرانتىرغىمۇ «بىرانتېر شەھىرىنىڭ مەزكۇر ۋەكىلگە بەرگەن يوليۇرۇقى» ناملىق تىزىس تۈزۈپ ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى، بۇنىڭدا: «يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن قانۇن-نىزاملىرى بىزنىڭ ئاساسىي بولغان ھوقۇقىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋېلىشنى مەقسەت قىلماقتا، مۇبادا بۇ قانۇنلار ئىجرا قىلىنىپ قالسا، بىزنىڭ بۇ رايوندىكى بارلىق مال-دۇنيا، نەق پۇلنىڭ ھەممىنى تارتىۋېلىپ، بىزنى كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىش دەرىجىسىگە ئاپىرىدۇ» دەپ يازدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق ئىپادە  بىلدۈردى: «بىز تەڭرىگە سادىقمىز، ئەمما بىز قۇل بولساق بولمايدۇ» ئادامىسنىڭ بۇ سۆزى ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت قانۇنىغا قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئاساسقا ئايلانغانىدى.

    گەرچە ئادامىس بوستۇنلۇق بولمىسىمۇ، بوستۇنلۇقلار «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى قۇرۇلتاي ئاچقاندا، ئۇ تەكلىپ بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ماسساچۇسېتس شىتاتى مۇستەملىكە رايونى باش ئەلچىسى «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى مۇراجىئەتنامە سۇنۇشتىكى ئۈچ ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى.

    1765-يىلى-يىلى 10-ئايدا، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نيۇيوركتا يىغىلىپ، «ماركا بېجى قانۇنى»غا قارشى قۇرۇلتاي ئاچتى، شۇ يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئامالسىز بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇردى.

    بۇ قېتىملىق كۈرەشتە، ئادامىسنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرىغا كەڭ تارقالدى، گەرچە ئادامىس تېخى شىمالىي ئامېرىكا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولۇش تەشەببۇسچىسى  بولمىسىمۇ، ئەمما ياش تالانتلىق ئادوۋكات ۋە سىياسىيشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغانسېرى كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

    جون ئادامىسنىڭ قابىلىيىتى ۋە تەسىر كۈچى ئاستىدا، ئەنگىلىيە مۇستەملىكە يەرلىك دائىرىلىرى ئۇنى دېڭىز ئۈستى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش ئادوۋكاتى قىلىپ تەيىنلىدى، ئادامىس بۇنىڭ ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئۆزىگە تاشلىغان يەمچۈكى ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن تېزلا تونۇپ يەتتى-دە، بۇ خىزمەتنى رەت قىلدى.

    ئادامىس گەرچە ئەنگىليىگە قارشى كۈرەشنى قوللىسىمۇ، ئەمما زومىگەرلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قۇبۇل قىلالمايتتى. مانا  بۇ ئۇنىڭ «بوستۇن پاجىئەسى»دە ئەيىبلەنگەن ھېلىقى نەچچە ئەنگىلىيىلىك ھەربىيلەرگە ئاقلىغۇچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئىدى. 1770-يىلى 6-ئايدا، ئادامىس دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ھەرتەرەپكە چېپىپ يۈرگەندە، بوستۇن پالاتاسى ئۇنى ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىغا قۇبۇل قىلىپ، ئۇنى باش قانۇنىي ئەمەلدار قىلىپ سايلىغان ئىدى.

    ماسساچۇسېتس شىتاتى پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مۇستەملىكە تۈزۈمىگە قارشى ھەرقانداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. دەل شۇ يىلى قىشتا، ئادامىسنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ماسساچۇسېتس مۇستەملىكە پارلامېنتىدىن ئايرىلىپ، سىياسىي تۇرمۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

     

    1. مۇرەسسەگە زەربە بېرىپ، مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىش

    بوستۇندىن قايتىپ چىققان ئادامىس، ئېقىم مەسىلىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەنە ئىنتايىن تېزلا سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ ئاجايىپ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن مۇستەملىكە پارلامېنتى ئۈچۈن بەزى ماقالىلەرنى يېزىپ بەردى ھەمدە ئەنگىلىيە خانىنىڭ ھوقىقىغا كۈرەش ئېلان قىلدى. بوستۇندىكى ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر ئەنگىلىيە كېمىسىدىكى چاينى دېڭىزغا تۆكىۋەتكەندە، ئۇ بۇنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ھەمدە بۇ ۋەقەنى «ئەڭ ئۇلۇغ ۋەقە» دەپ ئاتىغان ئىدى.

    1774-يىلى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىش ھەققىنى ئەنگلىيە خان جەمەتى تارقىتىدىغانلىق ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى، ئادامىس كەينى-كەينىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، «سوتچى خەلقنىڭ چاكىرى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مائاشىنى خەلق تارقىتىشى كېرەك» دېگەننى كۈچەيتتى ھەمدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قارىتا قاتتىق تەنقىد ئېلىپ باردى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، ئادامىس مۇستەملىكە پارلامېنتىدىكى تورى پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دەننېل رېئانود بىلەن ئىنتايىن كەسكىن بولغان مۇنازىرە ئېلىپ باردى رېئانودنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكە رايونىدا ئەڭ چوڭ ئالىي يەرلىك دائىرىدىن ئىككىسى بولماسلىقى كېرەك، ھەمدە ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىكەن، چوقۇم شۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى پارلامېنتقا بوي سۇنۇش كېرەك ئىدى. ئادامىس ئۇنىڭغا قارشى تۇتۇپ، مۇستەملىكە رايونلۇق پارلامېنت بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى يەرلىك ئورگىنىمىز، ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا بىرمۇ ئامېرىكىلىق يوق، شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا قىتئەسى رايونىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دېدى.

    مۇنازىرە داۋامىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى ئۆزىگە تارتتى، 1774-يىلى ئادامىس ماسساچۇسېتس شىتاتى چوڭ قۇرۇقلۇقى پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرى پارلامېنت ۋەكىللىرى يىغىنى ئۈزلۈكسىز بولغان ئالاقىلىشىش ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، 1774-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى فىلادىلفىيىدە تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنت يىغىنىنى ئاچتى ھەمدە بىرلىكتە ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇشنى چارىسىنى ھەل قىلىشتى.

    بۇ ۋاقىتتىكى ئادامىس گەرچە باشقا كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرگە ئوخشاش، پەقەت مۇستەملىكە رايونىنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىلا تەلەپ قىلىپ، ئەنگىلىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئويلاشمىغان ئىدى،  ئەمما ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگىلىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋېتىنى ئۈزۈشتىكى ئاكتىپ قارارى، ھەمدە «ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ دەسلەپكى تۈزۈشىگە قاتنىشىشى بىلەن ئۇ پارلامېنتتىكى ئاز قىسىم رادىكاللار ۋەكىللىرىدىن  بىرى بولۇپ قالدى. ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى بىرلەشمە ھەرىكىتى قارىتا ئادامىس يەنىلا بىر نەرسە كەمچىللىكتەك ھېس قىلىپ، «گالوۋاي» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇستەملىكە بىرلەشمىسىنى چوقۇم بىر ھۆكۈمەت ئاستىغا ئېلىش كېرەك دەپ قارىدى. ئەمما بۇ قارار بىر بېلەت پەرقى بىلەن ئىنكار قىلىندى. يىغىندىن كېيىن ئادامىس بىرانتېرغا قايتىپ، يەنىلا پۈتۈن ئامېرىكا پارلامېنتى قۇرۇش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى.

    1775-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن چاغدا، ئۇرۇش ئاللىقاچان پارتلىغان ئىدى. پارلامېنت ۋەكىللىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادامىس رادىكاللار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل بولغان  بىر پارلامېنت ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئەمما، ۋەكىللەر ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر يەنە ئىككىلىنىپ يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. لوندۇنغا يوللايدىغان تەپسىلىي بىر دوكلات تۈزۈش ئۈچۈن، بىرىنچى پاي ئوقنى قوراللىق ھەربىي قىسىم ياكى شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە خەلقى ئاتامدۇ دېگەننى تالاش-تارتىش قىلىپ جەمئىي ئۈچ كېچە-كۈندۈز ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.

    بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا ئادامىسنىڭ چىداپ تۇرغۇچىلىكى قالمىدى، ئۇنىڭ كەيپىياتى جىددىيلىشىپ، تېرىكتى، ئۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىنىڭ ئىنتايىن ئاستا ھەرىكىتى پۈتۈن ئىنقىلاب ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، دەپ قارىدى.

    ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئادامىس چوڭڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىدا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇزۇن نۇتۇقتىن بىرنى سۆزلىدى، داۋاملىق ئەنگىلىيە خانىغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇۋاتقان شۇ مۇرەسسەچىلەرنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىدى. چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتى ھەربىر مۇستەملىكە رايونىدا مۇستەقىل بولغان ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ماسساچۇسېتس شىتاتى بىرانتېر شەھىرىدىكى مىللىي ئارمىيىنى ئاساس قىلىپ چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى؛ جەنۇب تەرەپتىكى كۆپ قىسىم ۋەكىللەر يېڭى ئېنگىلاندنىڭ رادىكال ھەرىكەتلىرىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبلىك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى جەنۇبى رايون گېنىرالىدىن بىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش شىتاب باشلىقى قىلىشقا توغرا كەلدى، بۇ يېڭى ئېنگىلاد ھەربىي ئارمىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي ئارمىيىسىگە ئايلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى يول ئىدى.

    ئادامىس يەنە كامبىرىج قوماندانلىق مەركىزىگە باردى، ئۇ يەردە، ئۇ ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە قالايمىقان چېچىلغان ھەربىي قىسىمنى كۆردى. 16 مىڭ ئادەم كامبىرىجدىن باشلاپ لوكىسفوردقىچە بولغان 30 نەچچە ئېنگىلىز مىلىلىق جەڭ فىرونتىغا چېچىۋېتىلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ياتاق-تامىقى ناچار بولغاچقا، شۇ تاپتا تۆت مىڭدىن ئوشۇق ئەسكەر ئۈمىدسىزلىككە تولۇپ ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھەرقانداق بىر ئادەم 49 نەپەر پىدائىينى سەپكە قوشالىسا، شۇ كىشى شۇ زاماتلا شىتارشى لېيتنانت ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدىغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان ھەربىي باشلىقلار كەسىپكە لايىق ئەمەس ئىدى. ئادامىس، ئەگەر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سېپى ئەمدى تۈزىتىلمىسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

    ئادامىسنىڭ كۆڭلىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي قىسىم ئالىي قوماندانى، ئەينى ۋاقىتتا كامبىرىج ھەربىي قىسىم قوماندانى ئاتموس ۋوردمۇ ئەمەس، ياكى چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنت رەئىسى جون خەنكاكمۇ ئەمەس، بەلكى ۋېرگىنىيەدىكى جورجى ۋاشىنگىتون ئىدى. چۈنكى ۋاشىنگتوننىڭ ھەربىي ئىشلار تەجرىبىسى ئىنتايىن مول بولۇپلا قالماي، شەخسىي مال-مۈلكىمۇ زور ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى جەنۇب تەرەپنىڭ يېڭى ئېنگىلادقا قارشى كۈرىشىگە بولغان قوللىشىغا ئېرىشىشتە ياردىمى بولاتتى، ۋاشىنگتوننىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە كەلسەك، ئادامىس تېخىمۇ خاتىرجەم ئىدى. ئۇ ۋاشىنگتوننى كەم سۆز ئېغىر بېسىق ئەمما تولىمۇ ئادىل دۇرۇس دەپ بىلەتتى، ئۇنى ئالىيجاناپ كىشى دەپ تونۇيتتى.

    6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىدا ئادامىس ۋاشىنگتوننى چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي قىسىم باش شىتاب باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى، ھەمدە: «ئۇنىڭدا گېنىراللارغا خاس قوماندانلىق سەنئىتى، مۇستەقىل بولغان مۈلكى، يۈكسەك تالانتى ۋە ئىنتايىن كەڭ كۆڭۈل بار،  ئۇ كەلگۈسىدە چوقۇم كەڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللەشنى ھەرقانداق بىر ئادەمگە قارىغاندا ياخشى قىلالايدۇ» دېدى. ئادامىس باشچىلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ۋاشىنگتون ئاخىرى چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي باش شىتابىنىڭ شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى، دەل مانا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىي ئۈچۈن ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.

    چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنت يىغىنى مەزگىلىدە، ئادامىس ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى سەپنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئەينى ۋاقىتتا، چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى ئاچ ئاي ئىدى. ئەگەر بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىدىغان بولسا، 1775-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي قوشۇنىدىكى 19 مىڭ كىشىنىڭ ھەممىسى ھەربىيلىكتىن ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە كېتىپ قالاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاشىنگتون بۇ تارماق قوشۇننىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتتى، بۇنى كۆرگەن ئادامىس پارلامېنت يىغىنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەردى، باشقا رادىكال گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، يىغىندا بۇ قارار ماقۇللىقتىن ئۆتۈپ، ئۈچ ئايلىق ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىلغا ئۇزارتتى، 1976-يىلى 5-ئايدا بولسا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىراقلا ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى.

    يىغىندا ئادامىس يەنە ۋاشىنگتوننىڭ دېڭىز ئارمىيىسى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىدى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 1775-يىلى 10-ئايدا، چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنت يىغىنى جون ئادامىس ۋە سىتېۋىن خوپكىنىس باشچىلىقىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى كومېتىتىنى قۇردى، بەش دانە خۇسۇسىي كېمە تەييارلاپ، ئېساك خوپكىنىسنى تۇنجى نۆۋەتلىك كېمە قوشۇنى قوماندانى ۋە دېڭىز قوشۇنى گېنىرال پولكوۋنىكى قىلىپ تەيىنلىدى، مانا بۇ ئامېرىكا دېڭىز قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ بېشى بولۇپ قالدى.

    1776-يىلى 5-ئايدا، ۋاشىنگتوننىڭ دەۋىتى ئاستىدا، چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتى مەخسۇس ئۇرۇش قىلىشقا قومانانلىق قىلىدىغان ئورگاندىن بىرنى تەسىس قىلدى، ھەمدا بۇنى «ئۇرۇش ۋە ھەربىي قوراللار كومېتىتى» دەپ ئاتىدى. ئادامىس ئۆزى بۇ كومېتىتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. كېيىن ئۇ بۇ كومېتىتتا ئۆزىنىڭ غايەت زور رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى، ۋاشىنگتون رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي قىسىمغا يەتكۈزۈلىدىغان تەمىناتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتاتتى، چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىمۇ داۋاملىشىۋاتاتتى. ئادامىسنىڭ ئوي پىكرى بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى بۇرۇلۇشلارنى قىلدى. ئۇ ئەمدى چوڭ يۈرەكلىك بىلەن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلدى. چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇستەقىللىقنى جاكارلاشقا ئاسايىشلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئادامىس بىر قارارنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلۇق پارلامېنتلارنىڭ بىرلىكتە چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا بوي سۇنۇشىنى تەكىتلەپ، مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنت تەرىپىدىن رەت قىلىۋېتىلدى. ئەمما ئادامىس يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ مۇستەقىل بولغان ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا دەۋەت قىلىش قارارى 1776-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چوڭ قۇرۇقۇق پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

    ئەلۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىدى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋېرگىنىيە ۋەكىلى رىچارد ھېنرى رەسمىي ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىغا «مۇستەملىكە رايونلار ئىتتىپاقى چوقۇم ۋە چوقۇم ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى كېرەك» دېگەن قارارنى سۇندى. بۇ قارار ئادامىس ۋە جېففېرسون قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەمما يەنە بىر قىسىم ۋەكىللەر ئەنگىلىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىش تەشەببۇسىدا بولدى، شۇنىڭلىق بىلەن، مۇنازىرە داۋامىدا ئىككى گۇرۇھ ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ كەتتى، ئاخىرىدا بۇ قارار يەنىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

    بۇ قارارغا بىنائەن شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتى سايلام ئۆتكۈزۈپ ئادامىس ۋە جېففېرسوندىن كېيىنكى بەش ئادەم يېڭى كومېتىتنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى، بۇ كومېتىتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىر بايانات لايىھىسى تۈزۈپ چىقىپ، مۇستەقىللىقنىڭ ئادىللىقىنى ئىسپاتلاش ئىدى.

    گەرچە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى گەرچە جېففېرسون قەلەم تەۋرىتىپ يازغان بولسىمۇ، ئادامىس بىلەن فىرانكىلىن بۇنىڭغا باشتىن ئاياق قاتناشقان ۋە تۈزىتىش كىرگۈزگەن ئىدى. جېففېرسوننىڭ ئەسلەپ بېرىشىگە ئاساسلانغاندا، ئادامىس «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرىدىن بولغان ئىكەن.

    ئادامىس چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى بولغان بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا، ئۇ باشقا رادىكال گۇرۇھدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يىغىننىڭ توغرا قارار چىقىرىشى ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقاردى، ھەمدە شۇنىڭلىق بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق پارلامېنتىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا توغرا رەھبەرلىك قىلدى.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    (داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-27 16:49:06
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 980
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证