تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11032
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 43
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر



    پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر


    ئابلاجان تۇردى


     

    «ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى»

     

           قاتىل دەپ ئەيىپلەندى، سوتلاندى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنى سوت بېكىتىپ بەردى. ئادۋۇكات جاۋابكارنى سوتتا كۆردى. جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئادۋۇكات ۋاكالىتەن نارازىلىق ئەرز سۇندى، نارازىلىق ئەرزنى جاۋابكار كۆرۈپ باقمىدى. 2- سوتتا باشقا ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلدى، ئىناۋەتسىز دېدى. سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئادۋۇكاتنى بېكىتىپ بەردى. نارازىلىق ئەرز رەت قىلىندى. بۇ ترىنىداد ۋە توباگودا بولغان ئىش.
    كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتىغا ئەرز سۇندى. ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى، دېدى. ھەيئەتلەر دېيىشتى: ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان دېلولاردا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىش شەرت. جاۋابكار سوت بېكىتكەن ئادۋۇكاتنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. جاۋابكار ئۆزى تاللىغان ئادۋۇكاتنى سوتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى چەكلەنگەن. ئادىل سوتلىماي تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان، بۇ-جاۋابكارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق.
    جاۋابكار ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدۇ، ئاقلىغۇچى ئاقلىسىمۇ بولىدۇ. ئاقلىنىش ھوقۇقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن، دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدىمۇ بەلگىلەنگەن.
    جانباقتى ئادۋۇكاتلارمۇ بار، پاكىتقا كۆز يۇمىدۇ، قانۇننى كۆرەلمەيدۇ، ھەقنى سۆزلىمەيدۇ. ئاقلىغۇچىمۇ بولىدۇ، سوتتىن بۇرۇن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشەمدۇ-كۆرۈشمەمدۇ، پاكىتقا، قانۇنغا قاراپ ئاقلامدۇ ياكى سوتچىنىڭ، يەنە بىرسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئاقلامدۇ، ئىشقىلىپ ئاقلايدۇ. ئۆزىنى سودىيە، ئادۋۇكات ساناپ يۈرگەن ئەركەكلەر ئاقلاش ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئاشماي، جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا، ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويسا بولىدۇ.
     

     

    ھامىلدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى يوق

     
    زەھەر ئېلىپ-سېتىش بىلەن مال-دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلەر كۆپ، تەلىيى تەتۈر كېلىپ، ئېتىلىپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ.
    ئۇ شۇ يولغا قانداق مېڭىپ قالغان، بۇ نامەلۇم. ئاخىرى تۇتۇلدى. زەھەر-خرويىن ئېلىپ-سېتىۋاتقاندا تۇتۇلدى. ساتقان زەھەر ئاز ئەمەس، 717 گىرام.
    تۇتۇلۇپ ئەتىسى قاماقخانىدىن قاچتى. تۆت ئاي ئۆتكەندە يەنە تۇتۇلدى. بۇ قېتىم ھامىلدار بولۇپ كەلدى. ھامىلە چۈشۈرىۋېتىلدى. يەنە قاچتى، يەتتە يىلدىن كېيىن يەنە تۇتۇلدى.
    سوتقا ئەيىبلەندى. سوتلاندى. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. نارازىلىق ئەرز سۇندى.  «قامالغاندا ھامىلدار ئىدىم، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايتتى»، دېدى.
    يۇقۇرى سوت ھۆكۈم چىقاردى: سوت قىلىنغاندا ھامىلىدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. قامالغان ۋاقتمۇ سوت قىلىنغان ۋاقتقا تەۋە بولىدۇ. قامالغان مەزگىلدە مەيلى بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن ياكى ھامىلىنى چۈشۈرىۋەتسۇن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرى يوللۇق. ئەسلى ھۆكۈم كۈچتىن قالدى، جاۋابكار مۇددەتسىز قامالسۇن. بۇ شەنشى دېگەن يەردە بولغان ئىش.
    سوت قىلغاندا ھامىلدار ئەمەس، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان غوجاملار يەنە بىلىپ قويسا بولىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغاندا قورامىغا يەتمىگەن (18 گە كىرمىگەن)لەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى يوق. سوت قىلغاندا 18 گە توشۇپ بوپتۇ، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ يۈرۈشمىسۇن يەنە.

     

    «سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار»

    ئۇ ئادەتتىكى كىتابپۇرۇش ئىدى. سېتىۋاتقان كىتابلار ئارىسىدىن چەكلەنگەن كىتابلارنى تېپىۋېلىشتى. شۇ كىتابلاردا پادىشاھنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى گەپلەر بارمىش. كىتابپۇرۇش تۇتۇلدى، ئەيىبلەندى، سوتلاندى.
    گۇناھسىز مەن، دېدى. نۇرغۇن سۇئال سورالدى، لام-جىم دېمىدى. سودىيە غەزەپلەندى، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. جازا چوڭ مەيداندا ئىجرا قىلىندى. كۆرۈپ تۇرغان ئاۋام: ئادىل سوت شۇنداق بولامدۇ؟ سۈكۈت قىلىش قانۇندا چەكلەنمىگەن، سۈكۈت قىلىش گۇناھ ئەمەس، دېيىشتى. بۇ 300 يىللار ئىلگىرى ئەنگىلىيەدە بولغان ئىش.
    كۆپ ئىنقىلاپلار بولدى. سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى قانۇنلاشتى. ساقچىلار ئادەم تۇتقاندا: «سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار» دەيدىغان بولدى. سوراقتا قىيناش، ئىقرارغا قىستاش نۇرغۇن ئەللەردە چەكلەندى.
    ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت بولغان ئەللەردە ئەركىن، بەختلىك ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇنداق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، بەزى يەرلەردە يەنىلا ئوقۇلىۋاتىدۇ...


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پۇقرالىق , ھوقۇقى , ھېكايىلەر , ئابلاجان تۇردى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-27 9:40:35
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 374
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证