تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى (راست ئىش)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 339
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 25
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى (راست ئىش)

     

     

    بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى (راست ئىش)

     

    بۇرۇن تاكسىلارنىڭ ئارىسىدىن قارا ماشىنىلارنى تاللاپ توساپ قوياتتۇق، مانا ئەمدى قارا ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن تاكسىنى ئاران-ئاران توسىيالايدىغان بولدۇق. ئەتىگەندە ئىشقا ئالدىرىغاندا، تاكسى بولامدۇ، قارا ماشىنا بولامدۇ، توختىغىنىغا خۇش بولۇپ چىقىۋېرىمەن، باھانى ئىشقىلىپ بەك ئېشىپ كەتمىسىلا تالاشماي بېرىمەن. نەچچە قېتىم كەينى كوزۇپكۇلۇق ماشىنىغىمۇ چىقىۋەرگەن مەن. ھەي شۇ خىزمەت  بولمامدۇ؟ ئۆيۈم خىزمەت ئورنۇمدىن خېلىلا يىراق، ئەمما... ھەي بىچارە ئاپام شۇڭا دائىم مېنى:

    -سەن ئەتىگەن 6 دە ئورنۇڭدىن تۇرساڭمۇ، يېرىم كېچە ئۈچتە تۇرساڭمۇ ئوخشاش كېچىكىسەن!-دەيدۇ.

    قارىغاندا شۇنداق ئوخشايمەن، تاكسى، قارا ماشىنىغا چىقىپمۇ كېچىكىپ قالىمەن، بۇنى مەندىنلا كۆرسىڭىز بولمايدۇ، نەچچە يىل بۇرۇن سالغان تاشقى ئايلانما يونى مانا ئەمدى  بىردەمدىلا خەلققە بەخت ياغدۇرىمىز، دەپ چېقىپ ئوڭشىماقچى  بولىۋاتىدۇ، بىزگە بەخت بولاتتىمۇ بۇ؟ ئاپتوبۇس ماڭغىلى بولمايدىغان يولنى بۇ ياساپ، ئۇ چېقىپ تۆھپە كۆرسىتىپ يۈرۈپ. كېلىن قىز نېما قىلىۋاتىدۇ؟ دېسە، سۆكۈپ تىكىۋاتىدۇ، دېگەندەك بىر ئىشلا.

    شۇنداق  قىلىپمۇ بۈگۈن يول بويىدا تۇرۇۋېلىپ، بوينۇمنى غازنىڭ بوينىدەك سوزۇپ ئۇياق-بۇياقلارغا ئىلتىجا قىلىۋاتقىنىمدا، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمدا بىر سېرىق رەڭلىك تاكسى توختىدى. «خۇدا بەرسە، پەيغەمبىرىمىز غىڭ قىلالماپتۇ» دېگەندەك، ماڭا ئوخشاش تاكسى توسۇۋاتقانلارنىڭ ماڭا ھەسەت ھەۋەس ئارىلاش قاراشلىرىغا پەرۋا قىلماي، تاكسىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچتىم.

    -ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

    تاكسىغا چىقىپ ئەمدىلا ئىشىكنى يېپىشىمغا قۇلىقىمغا ئۇرۇلغان بۇ يېقىملىق سالامدىن مەڭدەپ ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ غوپۇرغا قارىدىم. 30 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئۇيغۇر يىگىت ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى، «يائاللاھ، ماۋۇ مەركىزى شەھەردە ھېلىغۇ تاكسىكەن، بومبا ساقاللىقلارنىڭ قارا ماشىنىسىغا چىقسىمۇ بۇنداق سالامنىڭ ئورنىغا «15 كوي بېرىسىز جۇمۇ» دېگەن گەپ چىقىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمما ئەتىگەندىلا قانداق تاكسىغا چىقىپ قالدىم مەن»

    -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خاپا  بولماي شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا ئاپىرىپ قويامسىز؟-دېدىم مەنمۇ دەرھاللا ئۇيغۇر قىزى تۈسۈم بىلەن مۇلايىمغىنە.

    «باشقا كۈنلىرى قارا ماشىنا شوپۇرلىرى بىلەن باھا توغۇرلۇق قىزىرىشىپ قوپاللىشىپ كەتكەن ئەلپازىمنى كۆرگەن بولسىڭىز، بۈگۈنكى مەن بىلەن سېلىشتۇرۇپ ياندۇرۇپ سالاتتىڭىز، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىزنى نەچچىنى كاچاتلىۋېتەتتىڭىز. ئەلۋەتتىدە، كىمگە ياخشى گەپ ياراشمايدۇ دەيسىز، ھەممە ئادەم ياخشى، سىلىق گەپ ئالدىدا ئەسلى تەبىئىيتىمىزگە يانىمىزغۇ؟»

    -ماقۇل، رادىيو تۇرىۋەرسۇنمۇ يا باشقا قانالغا يۆتكەيمۇ؟-دېدى.

    -بولدى تۇرۇۋەرسۇن، رەھمەت،

    بىزنىڭ مەھەللىدىن 500 مېتىر ماڭغاندىن كېيىنلا بىرىنچى بۆلۈملۈك ماشىنا توسۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. مەن كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى سوراپلا ئۇزۇنراق ئىشتىن بىرنى قىلىمەن. شۇڭا بۈگۈنمۇ ئېلكىتابنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا، يېنىمىزدا ئوخشاش بىر تاكسىدىن، يەنى شۇنداق سېرىق تاكسىدىن  بىرسى كېلىپ توختىدى، بۇنداق يېرىمى سېرىق تاكسىلار بىز تەرەپلەردە ئاز بولغاچقا، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئەمما تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى مەن چىققان تاكسىنىڭ شوپۇرى بىلەن بۇ تاكسىنىڭ بېشىغا سېرىققا مايىل گاز شارپىنى يۆگەپ قارا كۆزەينەكنى ياراشتۇرۇپ تاقىۋالغان ئۇيغۇر قىز ئىككىسى پاراڭلىشىۋاتاتتى:

    -بەك ئەتىگەن چىقىپ كېتىپسىز بۈگۈن؟ مەڭ مانى!

    ياندىكى تاكسىنىڭ قىز شوپۇرى شۇنداق دەپلا بۇ يىگىتكە ئەپچىل تاماق قاچىسىنى سۇنۇپ بەردى.

    -تۈنۈگۈن بەك چارچاپ چاپسىز قارىسام، شۇڭا ئويغاتمايلا چىقىپ كەتكەنىدىم،- يىگىتمۇ شۇنداق دېدى.

    ئاڭغىچە ماشىنىلا لۆمۈلدەپ مېڭىشقا باشلىدى، ئۇلار چىرايلىق خوشلاشقاندىن كېيىن بىز ياندىكى ئايلانما يولغا، ئۇ قىز ئۇدۇل كېتىپ قالدى.

    تاشقى ئايلانما يولغا چىققاندىن كېيىن، كۈن نۇرى كۆزىنى چېقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، شوپۇر يىگىت ئالدىدىكى تاختىنى چۈشۈرۈپ قويدى، كۆزۈمگە بىر پارچە رەسىم كۆرۈندى. رەسىمدە ئىككى سېرىق تاكسى، بىر جۈپ ئاق كىيىملىك قىز-ئوغۇل، يەنى بايىقى ياغلىقلىق قىز بىلەن بۇ شوپۇر يىگىت كەڭ كەتكەن دالادا كۈلۈپ تۇراتتى. شۇندىلا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەر-ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سورىدىم:

    -ئەسلىدە بايىقى قىز ئايالىڭىز ئىكەندە؟ مەن ئەزەلدىن تاكسى ھەيدەيدىغان ئەر-ئاياللارنى ئۇچرىتىپ باقماپتىكەنمەن، بولۇپمۇ ئايالىڭىزدەك چىرايلىق، ئىمانلىق ئايال تاكسى شوپۇرلىرىنى!

    سەل ھاياجانلانغان بولسام كېرەك، ئالدىغا ئېڭىشىپ تۇرۇپ كۈچەپ سۆزلىدىم.

    -ھاھاھا.... شۈكرى، بەك بەختلىك ياشاۋاتىمىز. بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەيمۇ سىزگە، قارىسام ئوقۇغان قىزدەك قىلىپ تۇرىسىز!

    كۈلۈپ قويدۇم، يىگىتنىڭ تەلەپپۇزىدىن بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى ئادەتتىكىدەكك ئەمەس ئىدى.

    -ماقۇل، بۇ ماشىنا توسۇقچىلىقىدا سۆزلەپ بەرسىڭىزمۇ بولغۇدەك.

    ماشىنىلا ئايلانما يولدىمۇ شۇنداق ئاستا مېڭىۋاتاتتى. «كۆۋرۈكنىڭ ئۈستى بۇنداق، ئاستى قانچىلىكتۇ؟»

    -مەن بۇ يىل 33 ياشقا كىردىم، ئۆزۈم سانجىلىق. سانجى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، بىر شىركەتتە مالىيە ئىشلىرىنى ئىشلىدىم. 8 يىل ئىشلەپ، چارچاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى-بۇنى قىلىپ، تاكسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم كۈندۈزى ئۆزۈم ھەيدەپ، كېچىلىككە ئادەم ياللىدىم، گەرچە بۇ تاكساۋاتلىق قىلىش ئەركىن ئىش بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىڭىز مۇشۇنچىلىك يەرگىلا قامىلىپ قالىدىكەن دەڭە،-دەپ ئىككى قولى بىلەن ماشىنىنىڭ ئىچىنى كۆرسىتىپ قويۇپ،- گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.-بېشىدا ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن، كېيىنچە يېشىمنى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەتراپىمدىكى جۈپ-جۈپلەرگە قاراپ ھەۋىسىم كېلىدىغان  بولۇپ قالدى، دېمەيسىز. ئاشىق-مەشۇق كۈنى دېگەن كۈننى ئولاپمۇ قويمايتتىم، شۇ يىلى ئاشىق-مەشۇق بايرىمىدا بىر جۈپ قىز-ئوغۇلنى شەھەر سىرتىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا ئاچىقىپ قويغۇچە، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، ئامراقلىقىنى ، كۆيۈنۈشىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ قالدى.

    2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، بىر كۈن دەم ئېلىپ ئۆيۈمدە يېقىن  بىر ئاغىنەمنى ساقلىدىم، ئەمما خېلى ساقلىساممۇ كەلمىدى، بىر ۋاقىتتا تېلىفونۇمغا ناتۇنۇش نومۇر كەلدى، ئالسام دوختۇرخانىدىن كەپتۇ، سىزنىڭ پالانچىنى تونۇمسىز دەيدۇ، ھەئە دەپلا دوختۇرخانىغا چاپتىم، ئەسلىدە ئۇ ئاغىنەم ئەتىگەندە ئۆيىدىن چىققىچە تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپتۇ، شۇ يەردىلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ يانچۇقىنى ئاقتۇرسا مېنىڭ ئىسىم كارتوچكان چىققاندىن كېيىن ماڭا تېلىفون قىپتۇ، ئۇ ئاغىنەممۇ ماڭا ئوىشاش بويتاق دەڭە، شۇڭا بىررەر ئىش چىقىپ قالسا، چوڭلارنى چۆچۆتمەيلى دەپ بىر-بىرىمىزنىڭ ئىسىم كارتوچكىمىزنى پورتىمالدىن ئايرىمايمىز، مۇشۇنداق ئىش بولۇپ قالسا جىددى چاقىرتىدىغانغا! بۇ ئىش بىلەن ئادەمگە ھەمراھ بولمىسا زادى بولمايدىكەن، بولۇپمۇ بىر ئەر ھەقىقىي ئەر بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن، شۇندىلا مۇكەممەل ئەر  بولىدىكەن دەڭە! شۇنداق قىلىپ مەن ئىككى يىل ئىچىدە چوقۇم بويتاقلىقتىن قۇتۇلىمەن دەپ ۋەدە قىلدىم، بىر ئىش قىلسام بەك كىرىشىپ قالىمەن، شۇڭا بۇ ئىشقىمۇ ئالاھىدە مۇئامىلە تۇتۇپ كەتتىم، ئەتراپىمدىكىلەر ھەرخىل قىزلارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن مىجەزىمىز ئەپ كەلمىدى، بەزىلىرى بىلەن تۇرمۇش سەۋىيىمىز توغرا كەلمىدى دېگەندەك. شۇنىڭ بىلەن مەن رەسمىي بولغان يوللار بىلەن مېڭىپ باقاي دەپ، لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىغا تىزىملاتتىم، ئۇلار يا ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى يا بولمىسا ئاجرىشىپ كېتىپمۇ بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن ئىشى پاكىز تۈگىمىگەنلەرنى تونۇشتۇردى. ھەتتا يولدىشى تۈگۈپ كېتىپ، يەنىلا قىينىئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتقانلارنى تونۇشتۇردى. ئەمدى سىڭلىم، قاراڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ھىندىستان كىنولىرىدەك بولمىغاندىن كېيىن، ئامال يوق ئۇنداق مۇرەككەپ ئىشلارنى قىلغۇم كەلمىدى.

    2011-يىلى 1-ئاي ۋاقىتتا، بىر چەت ئەللىكنى ئايرۇدرومغا ئېلىپ باردىم، ئۇ كىشى ماشىنىدىن چۈشتى، كەينىدىن مەنمۇ چۈشۈپ، ئارقا ساندۇقتىكى يۈكىنى ئېلىپ بەردىم، دەل شۇ چاغدا، ياندا مېنىڭكىگە ئوخشاش تاكسى ماشىنا شوپۇرى بىر قىزنىڭمۇ ماشىنا ئارقا ساندۇقىدىن يۈك ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك چاپىنى، ئۇزۇن چاچلىرىنى ئۆرۈپ بېشىغا مۇنداقلا ئارتىۋالغان شارپىسى كۆزۈمگە ئوت بولۇپ كۆرۈندى، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ سالدىم، ئۇمۇ ئەدەب يۈزىسىدىن ماڭا كۈلۈپ قويدى-دە، ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. ئاپلا، دەپ ئارقىدىن قاراپلا قالدىم.

    شۇ چاغدا، ئۇ قىزنى توي قىلغانمىدۇ، مۇھىمى مېنىڭ توي قىلمىغانلىقىمنى، مۇشۇ تاپتا بىر لايىق ئىزدەۋاتقانلىقىمنى شۇ قىز  بىلەمدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ پۇچۇلىنىپ كەتتىم، دەڭە! خەقنىڭ پىشانىسىگە يېزىپ قويمايدىكەن، ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ پىشانەمگە يېزىقلىق بولمىغاندىن كېيىن، خەق قانداق بىلەتتى.

    شۇ كۈنى كەچتە، شۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان مەنزىرىنى ئويلاپلا ياتتىم، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ كاللامغا تۇيۇقسىزلا مۇنداق خىيال كېلىپ قالدى. ئەگەر مەن تاكسىرىمغا شۇنداق بىر لايىق ئىزدەش ئېلانى چاپلىۋالسام، قانداق بولار دەپ ئويلىدىم.

    -ھاھاھا.... شۇنداقمۇ قىلىپ يۈرمىگەنسىز ھە  ئاكا؟-دېدىم مەن تۆمۈر رىشاتكىنىڭ كەينىدىكى مەھبۇستەك بېشىمنى تىرەپ تۇرۇپ كۈلۈپ كېتىپ.

    -ۋاي ئۇكام، شۇ يىلى چاغاندىن كېيىنلا مەن شۇنداق ئېلاندىن بىرنى چاپلىۋالدىم. ماشىنام باشقا تاكسىلاردىن ئانچە پەرق قىلمىسىمۇ، پاكىز، پارقىراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا رەڭلىك لايىق ئىزدەش ئېلانىم چاپلاقلىق: ئەسقەر، تاكسى شوپۇرى ۋە تاكسى ئىگىسى، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتلىق،  سەمىمىي، ھېسسىياتقا باي يىگىت، سىز بىلەن بىرلىكتە بىر ئائىلە قۇرۇشنى خالايدۇ، سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ... شۇنداق ئويى بارلار، ***** نومۇرغا تېلىفون قىلىڭلاار.

    مۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، مەن ئادەتتىكى تاكسى شوپۇرىلا ئەمەس، تاكسىنىڭ ئىگىسىمۇ بولغاندىن كېيىن، ئايلىق تاپاۋىتىممۇ ياخشى دەڭە، ئۆيمۇ تەييار بولغاندىن كېيىن، ماڭا تېلىفون قىلىپ ئالاقە ئورنىتىشنى خالايدىغانلار ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى، بۇ باشقا ئۇسۇل بىلەن لايىق تاللىغاندىن كۆپ راست ئىش ئىكەن دەڭە. ئۆزۈم كۆرۈشۈپ باققان قىشلار 203 بوپتۇ. ئەمما كۆڭلۈمگە ياققۇدەك بىرى يوق، كۆڭلۈمگە ھېلىقى قىز بەك ئورنىۋالدىمۇ ئىشقىلىپ بىلەلمەي يۈرگەن كۈنلەر، 5-ئاينىڭ بىر كۈنى، غۇلجىدىن بىر نومۇر كېلىپ قالدى. تېلىفوننى ئالسام، ئىنتايىن تايلىق بىر ئاۋاز،  ئەسسالامۇئەلەيكۈم، دەپ سالام قىلدى. كۆڭلۈم بىردىنلا سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇ قىزمۇ مەندەك ئۆزىگە لايىق تاپالماي يۈرگەن تاكسى شوپۇرى ئىكەن. شۇنىڭ  بىلەن ئۇمۇ مەندەك ئېلان چاپلاشنى ئويلىشىپتۇ، سىزمۇ چاپلاڭ، ئاينۇر دېدىم، ھە راست ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاينۇر ئىدى.

    ئۇ قىزمۇ ماڭا ئوخشاش ئادەتتە شوخ، ئوچۇق-يورۇق بولسىمۇ، مۇھەببەت ئىشىگە كەلگەندە پاسسىپراق، تارتىنچاق ئىكەن. شۇڭا ئىككىمىز ئىككى شەھەردە ئىكەنلىكىمىزگە باقماي گېپىمىز تۈگىمەيتتى، تېلىفونىمىزنى باتارىيىسى قالماي ئۆزلىكىدىن ئېتىلىپ قالغۇچە سۆزلىشەتتۇق. ئۇ قىزمۇ ماڭا ئوخشاش كۈندىكى نەچچە يۈز كوي پۇلنىڭ مەرىدىن كېچەلمەي، ئۆزىنىڭ تاكسىسىنى ئۆزى ھەيدەپ كېچىسى باشقىلارغا ھەيدىتىپ، مۇھەببەتلىشىدىغانغا ۋاقتى يوق چوڭ بولۇپ  كېتىپتىكەن. شۇڭا مەن ئۇ قىزغا دائىم، ئەنسىرىمەڭ، ئىگىمىز ھەممىمىزنى جۈپ ياراتقان، ھېچكىم يالغۇز ئەمەس دەپ تەسەللىي قىلاتتىم.

    ئۇ قىزغا يەنە ئۆزۈمنىڭ بەزى ئاماللىرىنىمۇ ئۆگىتىپ قويدۇم، مەسىلەن، ماشىنىغا ئېلان چاپلانغان ئىكەن، بىز ماشىنىنى چوقۇم ئۆزىمىزگە لايىق ئادەملار بار جايلارغا ئاپىرىشىمىز كېرەك ئىكەن، مەسىلەن مەكتەپلەرگە، شىركەتلەر بار يەرگە ئاپارساق، بىردەمدىلا شۇنىڭغا لايىق ئادەملەردىن تېلىفون كېلىدىكەن. ئۆزىمىز مۇنداق ئەستايىدىل ئويلىۋېلىپ، تېلىفون قىلىدىغانلار ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان كىچىك قىزلار بولسا ئاچچىقىڭىز كېلىپ قالىدىكەن دەڭە!»

    ئۈۈمچىدە ماشىنا توسۇلۇش ئەمەس، ماشىنا توختىتىش مەيدانى بولۇپ كېتىدۇ ئەتىگەندە. مېڭىپ بارغان بولساممۇ، خېلى يەرگە باراتتىم دەپ ئويلا كېتىدىغان مەن، ئەمدى ماۋۇ شوپۇر ئاكاشنىڭ ھېكايىسىگە قىزىقىپ، ئاپلا، ھېكايە تۈگىگىچە بارىدىغان يېرىمگە بېرىپ قالسام، قانداق قىلارمەن، دەپ ئويلاپ كېتىۋاتاتتىم.

    -«شۇنداق قىلىپ مەن بىلەن ئۇ قىز ئىككىمىز ئاپتونۇمىزنىڭ ئىككى شەھىرىدە ئىككى ئېلاننى چاپلاپ، مۇشۇنداق قىزىل، يېشىل چىراغ ئارا مېڭىپ كەتتۇق، بىر ياقتىن خىزمەت قىلىمىز، بىرياقتىن ھەمراھىمىزنى ئىزدەيمىز. بەزىدە چارچاپ قالسام، ماشىنىنى چەترەك يەرگە تارتىپ، چىملىقلاردا ئاسمانغا قاراپ يېتىپ كېتىمەن.

    شۇ يىلى 9-ئايدا ئاينۇر ئۈرۈمچىگە ھەدىسىنى يوقلاش ئۈچۈن كېلىدىغان بولدى، ئېلان چاپلاپ يېرىم يىلغىچە ئىككىلىمىز تېخىچە بىرەر كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپالمىغاچقا، بۇ قېتىم پۇرسەت بولسا كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدۇق، ئەمما ئۆكتەبىرلىك مېنىڭ جىددى بىر ئىشىم چىقىپ قېلىپ مەن غۇلجىغا كېتىپ قالدىم، كۆرگەنسىز، ماۋۇ تەقدىرنى! بوپتۇلا كېيىنچە كۆرۈشەمىز يەنە، دەپ ئۇلاپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىمدە، سايرامدا ماشىنامنىڭ چاقىنى تاش كېسىۋېتىپ نەچچە سائەت ھايال بولۇپ قالدىم، ئەمدى ماشىنىنى سۈرتۈپ ماڭاي دېيىشىمگە، مەن ھېلىقى چاغدا ئايرودرومدا ئۇچراتقان قىز، تاكسىدىن چۈشۈۋاتمامدۇ؟ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ بۇ دەپ قالدىم. توۋا، يەنە شۇنداق قىزىل چاپان كىيىۋالغان ئۇ قىزنى بېشىدىكى شارپىسى كۆزەينىكى بىلەن قوشۇپلا تونۇۋالدىم.

    ئەمما قىزلارغا ئەزەلدىن ئاكتىپلىق بىلەن گەپ قىلىپ باقمىغاچقا، قانداق گەپ ئېچىشىمنى بىلەلمەي، ئاران كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمەي دەپ ئاينۇرغا تېلىفون قىلدىم، ئۇ كىرا ئېلىپ شىخوغا كەتكەن، بۈگۈن ماڭىدىغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ نومۇرىنى بېسىپ بولۇپ، ئۇ قىزنىڭ ماشىنىسىغا شۇنداق قارىسام ھېلىقى ئېلان چاپلاقلىق تۇرمامدۇ، يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېدى.

    -ھاھا، ۋاي توۋا، شۇ قىز ئاينۇر شۇكەندە ئەسلى،-دېدىم مەن ھاياجانلىنىپ.

    -ۋاي ئۇنى بىر دېمەڭ، مېنىڭ جىددىيلەشكىنىم. شۇنداق بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۇمۇ يىراقتىن مېنىڭ ماشىنامغا قاراپ تۇرۇپتۇ، ئالدىغا باردىم. ئىززا تارتقىنىمدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئەمما ئۇ كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن، مەنمۇ شۇ چاغدا سىزنى كۆرگەن ئىدىم،دېدى.»

    ھېكايىنىڭ پەيزە يېرىگە كەلگەنسېرى، بارىدىغان يېرىممۇ يېقىنلىشىۋاتاتتى.

    -شۇنداق قىلىپ....

    -شۇنداق قىلىپ، ئىككىمىز ئايرودرومدا كۆرۈشۈپ، 9 ئايدىن كېيىن ھەقىقىي تونۇشۇپتۇق. ئىگىمىز ئىشىمىزنى شۇنداق ئاسان قىلدى، ئۇكام. ئۇنى نىكارىمغا ئېلىپلا قايتىپ كەلدۇق. ئىككى تاكسىرىمىز  بار، كۈندۈزى ئىككىمىز ئىككىكسىنى ھەيدەيمىز، كېچىسى باشقىلار ھەيدەيدۇ، بىر چىرايلىق ئۆتىۋاتىمىز مانا!

    -كۆز تەگمىسۇن ئاكا. بەك بەختلىك ئىكەنسىلەر،-دېدىم ماشىنىدىن چۈشۈۋېتىپ.

    -ماقۇل ئەمىسە، بەندىە ئالدىرىمىسۇن، دېگەن ئەمەسمۇ ئۇكام، ماقۇل ئەمىسە ئامان بولۇڭ ئۇكام.

    شۇنداق قىلىپ بۇ تاكسىچى  ئاكىمىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى سىلەرگىمۇ سۆزلەپ بەردىم. بەخت بەكمۇ ئاددى ئىش. ئاددىيلىقنىڭ ئۆزى بەخت.

    (گۈليارە تۇرسۇن)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-23 13:37:06
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1964
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证