تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11021
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 43
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ياشاش-ئالىي ھوقۇق



     

    ياشاش-ئالىي ھوقۇق

     

       ئىككى شېرىكى بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلدى، ماشىنا بۇلىدى. بۇلاڭچىلىق قىلىۋېتىپ ئوق چىقاردى، ئادەم ئۆلمىدى. تۇتۇلدى، سوت قىلىندى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. نارازى بولدى. ئالىي سوت نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلدى. ئەمدى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ، مىلتىق بىلەن ئاتامدۇ، دارغا ئاسامدۇ ياكى چاپامدۇ، ئىش قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ.

       ب د ت دېيىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بارلىقىنى بىلدى. ب د ت نىڭ قۇرۇلتىيىدا «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغاننى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى، دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاپپارات بارلىقىنىمۇ بىلدى. شەخسلەر ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، ئەرز سۇندى. «بۇلاڭچىلىق قىلىۋېتىپ ئوق ئاتتىم، ئادەم ئۆلتۈرمىدىم، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى، مەن قايىل ئەمەس، قاتىللىق قىلغان بۇلاڭچىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەكتى»، دېدى. ئەرزى قوبۇل قىلىندى.

       ئەرزىيەتچى زامبىيەلىك ئىدى، زامبىيە ھۆكۈمىتى جاۋاب قايتۇردى: بۇيەردە قۇراللىق بۇلاڭچىلىق بىر ئاپەت، بۇلاڭچىلىق قىلغاندا قۇرال ئىشلەتكەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش قانۇنىمىزدا بەلگىلەنگەن، ھۆكۈمنى لاياقەتلىك سوت چىقارغان، دېدى.

       كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: «ئەھدىنامە»دە ئەڭ ئېغىر جىنايەتكىلا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن، ئەرزىيەتچى بۇلاڭچىلىق قىلغاندا ئوق چىقارغان، ئادەم ئۆلمىگەن، يارىلانمىغان. جازا ئۆلچەشتە بۇنى ئويلىشىش زۆرۈر ئىدى، قاتىللىق قىلغان بۇلاڭچىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىدى، سوت قانۇن بويىچە جازا ئۆلچىگەندە بۇ تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. ئەرزىيەتچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش «ئەھدىنامە»دىكى ھاياتلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت ماددىسىغا خىلاپ.

     

     

       بىگۇناھ پۇقرانى تۇتقۇن قىلدى. تۇتقۇن قىلغۇچىلار يوشۇرۇنىدىغان ئۆي مەلۇم بولدى، ساقچىلار ئوقتەك بېرىپ ئۆينى ئاختۇردى، ئادەم تېپىلمىدى. ئۆيگە يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇردى. يەتتە ئادەم كەلدى، ئارىسىدا بىرى ئايال ئىدى، ئىشىكتىن كىرىپلا ئوققا تۇتۇلدى.

       ئايالنىڭ ئېرى ئەرز قىلدى. ساقچىلار يوللۇق قوغداندۇق، ئاۋال بىزگە ئوق چىقاردى، دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى. يالغانچىلىق ئاقمىدى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئوق چىقارمىغانلىقى ئېنىقلاندى. شۇنداقتىمۇ ساقچىلار گۇناھسىز، دېيىلدى، تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى توسۇش ۋە تۇتۇشتا ساقچىلار ئوق چىقارسا بولىدۇ، دېيىشتى. بۇ ئىش كولومبىيەدە بولغان ئىش ئىدى.

       كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: ھاياتلىق ئەڭ ئالىي ھوقۇق، ئىنساننى ھاياتىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ساقچىلار ئاگاھلاندۇرمىغان، تەسلىم بولۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن، تۇتقۇق قىلغۇچى دەپ گۇمانلانغان يەتتە ئادەمنى قەستەنمۇ-قەستەن ئېتىۋەتكەن، دۆلەت ھەرقانچە چوڭ خەتەرگە يولۇققان، جىددى ھالەت يۈرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ پۇقرانى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ باھانىسى بولماسلىقى كېرەك. ئەرزىيەتچىگە ئايالىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۆلەم بېرىلىشى كېرەك.

     

       مۇئەللىپ زامبىيەگە، كولومبىيەگە بارمىغان، بۇ ئىشلارنى كۆزى بىلەن كۆرمىگەن، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىمىغان، كىتابلاردىنلا ئوقۇغان. بەزىلەر ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىدۇ. بۇنداق ئىشلار مۇئەللىپنىڭ ئەتراپىدا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ:

       پالتا-پىچاقلارنى ئېلىپ بازارغا باردى، بازارچىلارغا پالتا چاپتى، پىچاق تىقتى، بىرمۇنچە ئادەم ئۆلدى-يارىلاندى، ئۇلار ئۆز تىرىكچىلىكىنى قىلىۋاتقان ئاۋام-پۇقرا ئىدى. ساقچىلار كەلدى، ئوق ئالدىدا پالتا-پىچاق كارغا كەلمىدى، ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ئۆلمىگىنى تۇتۇلدى، سوت قىلىنىپ ئېتىلدى.

       سۇ تالىشىپ ئۇرۇشتى، كەتمەن بىلەن چانىدى، ئۆلدى.

       خوتۇنى يامانلاپ كەتتى، ئارقىسىدىن بېرىپ، قېيىنئانىسى بىلەن تۇتۇشتى، خوتۇننىمۇ، ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈردى.

    ئادەملەر توپىنى ماشىنا بىلەن سوقتى، موتسېكىلتنى پارتلاتتى، بىر مۇنچە ئادەم ئۆلدى...

       «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان». ياشاش-ئالىي ھوقۇق. ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقانلار چۈشىنەرمۇ؟...

    ئابلاجان تۇردى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ياشاش , ئالىي , ھوقۇق , ئابلاجان تۇردى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-22 15:41:42
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 415
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证