مۇسۇلمانە قىز
مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت
سۆزلەرنى يۇتتۇم
ئەي مۆئمىنە قىز
كۆرمەپتىكەنمەن
ئايەتلەر ئېچىلغان لەۋلىرىڭنى
تېمىپ چۈشكەن دۇرلىرىڭنى.. .
بىلمەپتىمەن قارماقلىرىم دات
ئوكيانلاردا بېلىقلىرىڭنى
سەزمەپتىمەن باغلىرىمغا يات
تىنىقلىرىڭنى.
سۆزلەرنى يۇتتۇم
قۇمغا تۆكتۈم تولۇملىرىمنى
كەچۈرۋەتكىن مۇسۇلمانە قىز
سەنسىز ياشاپ يېرىقلىرىمنى
دان بولالماي تېرىقلىرىمنى.
سۆزلەرنى يۇتتۇم
ئەي مۆئمىنە قىز
سېغىناتتىم ھىجاب- تونۇڭنى
تەلمۈرەتتىم ماڭار يولۇڭنى
نىچۈن بۇقۇلداپ كەتتىكىن كەپتەر؟
نىچۈن ئۈنۈم يەتمىدى پەسلەر؟
مەن بىلدىم
كۈيلىرىڭگە ئۈن بولالمىدىم
رەقبلەرگە سۈر بولالمىدىم
نىچۈن تولۇن ئاينى يالمار بۇلۇتلەر؟
نىچۈن مەن بىلەن مۇڭلار يۇلتۇزلەر؟
مەن بىلدىم
مۇسۇلمان قىزغا مۇسۇلمان بىر ئەر!
يامغۇر ياغقان ناخۇش گەۋدەمدىن
كۆكرىكىمىنىڭ ئۇدۇلىدىن
بىر يۈرەكنىڭ ئۇھسىنىشىنى
ئەمدى كىم بىلەر؟
بۇقۇلدېغىنە كەپتەر!
سىنىڭمۇ ئەمدى جۈپتۈڭ بولمىدى
كىملەرنىڭ بەختىنى سوققان لاچىنلەر
قار ياغقان كىچىدە
تۆت كۆز بوينىقىم
ئانىسىنى ئىزدەپ ئىڭرايدۇ
ئىھ، تەقدىر مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭچۇ؟
كۆزىدىن ئاجرىسا نىمە بولۇر ئۆزۈك؟
قاناتى يۇلۇنسا نىمە بولۇر قۇشلار؟!
مۇسۇلمانە قىز
سەن ئەمدىلا يولغا ئۇلاشقان
سەن ئەمدىلا نۇرغا ئۇلاشقان
ئاناڭ ئېيتار بولغىيدى:قىزىم-
سىزنىڭ بەختىڭىز
بىر ئىمانلىق ئەرگە تەگسىڭىز...
كۆلبەڭ ئىچرە يانارمىكىن شام؟
مەن بىلدىم
تەقۋادارنىڭ دەردىمۇ تۇزلۇق
تەقۋادارنىڭ بەختىمۇ تۇزلۇق
كىملەرنىڭ تەختى يۇرۇغان دەيمەن
كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتكەن بىرئايدىن ...