پارچىلار
نەجىپ فازىل كىساكۈرەك
سايەلەر
كۆڭلۈم ئۇچسامكەن دەيدۇ، ساماۋى ئالەملەرگە،
ئايىغىم پۇتلىشىدۇ، يەردىكى سايەلەرگە.
ئايال
بىر ئۇپۇقكى، نە مەجنۇن بارالىغان نە پەرھات،
بىر ئۇپۇقكى، ئىلاھى سىرنى ساقلىغان سەراپ.
ھەيرەت
روھىم ئۆز دۇنياسىغا قېچىش ئۈچۈن غەيرەتتە،
يالغان دۇنياغا، ھازىر چۈشكەندەكلا ھەيرەتتە.