تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13177
    327658864@qq.com

    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئېنىرتسىيە (ھېكايە)

     

    ئېنىرتسىيە (ھېكايە)

     

    -ئاداش،-دېدى ئېھسان تەكرار دەرىسىدە بېلىكى بىلەن پارتىدىشى خالزاتنى نوقۇپ،- ياندىكى سىنىپتا بىر قىز باكەن قارا...،- ئۇ مۇشۇنداق دەپ خالزاتنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغانىدى، ئەمما ئۇ يەنە مەغلۇب بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئېھسان گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا ئېيتتى،-ئۇ قىز بالىنى بىرسى ئۆلتۈرۋەتكەن ئوخشايدۇ!

    -ھە؟ ۋاي نېمە دەيدىغانسەن؟ راستمۇ يا؟

    ئەسلىدە دەرسلىك كىتابقا قاراپ مۈگدەپ ئولتۇرغان خالزات دىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئېھسان، ھەممىلا ئىشقا ئېرەن قىلمايدىغان خالزاتنى بۇ ئىشقىمۇ ئۇنچە ھەيران قالمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ خالزاتقا قاراپ ئەتراپتىكىلەرنى ئىما قىلىپ قويدى. خالزاتمۇ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاستا ئورنىدا ئولتۇرۇۋالدى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا ساقچى ئىدارىسىدىن نەچچە ساقچى ئەھۋال تەكشۈرۈشكە كېلىپ، ئىككى قاتلىنىدىغان قەغەزگە ھەممىسىنىڭ قول ئىزىنى ئالدى ھەمدە قەغەز ئاستىغا ئىسىملىرىنى ئېنىق قىلىپ يازغۇزدى. خالزات قولىنى بېسىپ بولۇپ، بېشىنى پەسكە ساڭگىلاتقىنىچە ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، ئېھسانغا:

    -سەل جىددىيلىشىپ قالدىم،-دېدى.

    ئېھسان جاۋاب قىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، ئالدىدا ئولتۇرىدىغان قىز ئوقۇغۇچى كەينىگە قاراپ گەپ قىستۇردى:

    -سەن نېمىگە جىددىيلىشىتىڭ؟ ئادەمنى سەن ئۆلتۈرمىسەڭ-يا؟ ئۇ قىزچۇ، مەكتەپنىڭ گۈلى ئىدى، مۇھەببەت ئۈچۈن قاتىللىق قىلدىمىكىنە بىرەرسى-يا؟

    خالزات ئېھساننىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى:

    -قىزلارنىڭ ئىچى نېمىدىگەن تار، ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئادەمنىمۇ بوش قويىۋەتمەي، كۆرەلمەسلىك  قىلىدىكىنا؟

    ئۇ دۇنيادىكى ئادەم. ئېھساننىڭ تەپەككۈرى بۇ سىپايە گەپتىن پۇتلاشقاندەك بولۇپ، كەلگەن يېرىدە توختاپلا قالدى. بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى سىنىپتىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. مەكتەپ مۇدىرى يەنىلا شۇ يەردە پەستە ئولتۇرۇپ ئاغزىغا كەلگىنى بويىچە تەھلىل قىلىۋاتقان بالىلارغا قاراپ، باشقا ئارتۇق گەپ قىلغۇسىمۇ كەلمىگەن بولسا كېرەك، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئىش بېجىرىۋاتقانلارنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى.

    ئېھساننىڭ ئېسىدە ئىدى، نەچچە كۈن بۇرۇنقى دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكىدا، ئۇ ھېلىقى قىز بىلەن تاسادىپىي يۈزلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ كۈنى تەنھەرىكەتتىن قايتقان ئادەم دېڭىزى ئىچىدە، كىمدۇربىرى ئېھساننى ئىتتىرىۋەتتى، ئېھسان ئۆزىنى تۇتالمايلا ئالدىدا كېتىپ بارغان بىر قىزغا كەينىدىن ئېسىلىپ قالدى. ئۇ قىز دەل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شۇ قىز ئىدى. ئۇ قىز ئادەتتە ئىنتايىن كەمسۆز ۋە سوغۇق يۈرەتتى، بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئىدى. ئۇلار تېخى ئۇ قىزنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ «جەمئىيەت ئەزىمەتلىرى»دىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، نۇرغۇن ئوغۇللار ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۇ قىزغا ئالدىراپ گەپ قىلالمايتتى. ئەسلىدە ئېھساننى سوقۇۋەتكەن بالىمۇ، شۇ قىزنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئېھسان ئۇ كۈنى قىزدىن قايتا-قايتىلاپ كەچۈرۈم سورىدى، ئۇ قىزمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن كەمدىن كەم كۆرگىلى بولىدىغان كۈلكىسى بىلەن: «ھېچقىسى يوق» دېگەن ئىدى.

    كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ دېلودا ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەش بولمىدى، شۇڭا ئەتراپتىكىلەرمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ قېلىشقا باشلىدى. ھازىرقى زاماننىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە بىر مەكتەپدىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى، كورىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق مازغاپ تېلىۋېزىيە فىلىملىرى ۋە ياكى ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىملىرىدەك مۇنازىرە قىلىش كۈچىگە ئىگە بولمىسا كېرەك.

    ئەمما ئېھسان نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۆزىمۇ بىلەستىن بۇ قىزنى ئەسلەپ قالاتتى. ئۇ ھەتتا ئۆز خىيالىدا ئۆزى بىلەن شۇ قىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت كارتىنىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ ئۈلگۈردى: «تەنھەرىكەت مەيدانىدىكى شۇ قېتىملىق كىچىككىنە بىر ۋەقە ئارقىلىق، ئۇ قىز ئېھسانغا كۆيۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بۇنى ئوغۇل دوستىغا دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلماقچى بولدى. ئاچچىقىدىن ئەقلىنى يوقاتقان ئۇ «جەمئىيەت داشقىلى» ئۇ قىزنى ئۆلتۈرۈپ  قويدى.» بۇنىڭدىن باشقا ئېھسان ھەتتا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنى تۇيۇقسىزلا ئىزدەپ كېلىپ:

    -سەن ئېھسانمۇ؟ بىز بىلەن ساقچى ئىدارىسىغا ماڭ، ئۆلگۈچىنىڭ يېنىدىن بىر پارچە سۆيگۈ خېتى چىقتى، ساڭا يېزىلغان ئىكەن.... دېيىشلىرىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتى.

    بۇلارنىڭ يۈز بېرىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    ئەمەلىيەتتە، بۇ مەكتەپتە ئېھسان خالزات بىلەن تونۇشۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق دوستى يوق ئىدى. ئېھسان دەل، ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ئەسكى ئوقۇغۇچى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسكى ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ ئەدەبلىك، دەرسلەردە بولۇپلا قالماي، توپنىمۇ ياخشى ئوينايتتى. چىرايىمۇ ئىشقىلىپ خېلى بولۇپ قوياتتى. ئەمما ئۇ ئادەتتە يالغۇز يۈرگەچكە، نېمىلا ئىش قىلسا ئۆزى يالغۇز قىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە، باشقىلار ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئامالسىز قالاتتى. ھەتتا سىنىپلار ئارا پوتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىمۇ، سىنىپتىكى ئوغۇللار ئۇنى ئارىسىغا ئالماي ئويناۋېرەتتى. شۇڭا ئۇ توپ مەيدانىدا باشقا سىنىپنىڭ بالىلىرى كاملاپ قالغاندا، ئۆزلىكىدىن ئۇلارغا قوشۇلاتتى.

    نۇرغۇنلىغان چاغلاردا، ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزىگە ئۆچ بولۇپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئۆچ بولۇپ قېلىشمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇ ئۇنداق ھېسسىياتنى ئېغىزىدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتى. پەقەت خىيالىدا ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېنىق ھېس قىلاتتى، ئۇنىڭ تۇرمىشىدا بىر قانداق ئىشلار يۈز بېرىدىغاندەكلا قىلاتتى، ئەمما ئۇ ئىشلار يۈز بەرمەي ئېھساننى تېرىكتۈرۋاتقاندەك ئىدى.

    دەل ئەنە شۇنداق تېرىكىش تۇيغۇسى ئۇنى بەزىبىر قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى. مەسىلەن، مەكتەپتىكى مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى مەيداندا گىمناستىكا ئويناۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئاسمانغا قاراپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ۋارقىرىغۇسى كېلەتتى. ياكى ساۋاقداشلىرى باشلىرىنى چۆكۈرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىمتىھان بېرىۋاتقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز قەلەم تەۋرىتىشتىن توختاپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ قەلىمىدىن چىققان زېرىكىشلىك شىرت-شىرت ئاۋازلارغا قۇلاق سېلىپ، قولىدىكى ئىمتىھان قەغەزنى يىرتىپ-يىرتىپ، پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈسى، سىنىپتىن قېچىپ چىقىپ كەتكۈسى كېلەتتى. ۋە ياكى پۈتۈن كۈن دەرس تاشلاپ تورخانىدا ئۇيۇن ئوينىغۇسى كېلىپ قالاتتى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ باقمىدى. بۇ خىياللار خۇددى قۇرۇق ئوتۇنغا ئوخشاش ئېھساننىڭ مېڭىسىگە دۆۋىلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر سەرەڭگە كاملىق قىلىۋاتاتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچىلا كۈچكە ئىگە بولالىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق ئىدى، يەنە بىر قارىماققا مۇقەررەرلىكتەكمۇ قىلاتتى.

    ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەييارلىق قوڭغۇرىقى چېلىندى، ئوقۇغۇچىلار كارىدورنىڭ ھەر يەرلىرىدىن ئۆز سىنىپلىرىغا قاراپ مېڭىشتى. ئېھسان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلىرىنى يىغىپ، دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن بۇ تاپشۇرۇقلارنى ماتېماتىكا مۇئەللىمىنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىۋېتىشنى ئويلاپ، ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان كارىدوردا ئۇياق-بۇياقتىن تەستە قىسىلىپ، قولىدىكى دەپتەرلەرنى يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلاردىن قاچۇرۇپ ماڭسىمۇ، ئۇدۇلىدىن ئۇچقاندەك كەلگەن خالزات بىرنى سوقۇپلا ئۇنى ئوڭدىسىغىلا ئۇچۇرۇۋەتتى.

    يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ھەربىر ئىشنىڭ كەينىدە تولىمۇ كۆپ تاسادىپىيلىقلار بولىدۇ. خۇددى، مۇبادا خالزات باشقا يىللىقنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۇرۇشمىغان بولسا، ھەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يىراقتا تۇرغان ئەخلاق مۇدىرى بۇلارنى كۆرۈپ قالمىغان بولسا، ھەم ئۇ مۇدىر بۇلارنىڭ ئارىسىدىن خالزاتنى قوغلىمىغان بولسا، خالزاتمۇ كىشىلەر ئارىسدىن تاللاپ تۇرۇپ ئېھساننى سوقۇۋەتمىگەن ھەمدە يەرگە چېچىلىپ كەتكەن دەپتەرلەرنى يىغىشىپ بەرمەي، ئۆز يولىغا كېتىۋەرگەن بولسا، ئېھسانمۇ ئادەتتىكىدىن ھالقىغان شۇ ئىشلارنى قىلىپ باقىدىغانغا پۇرسەت تاپالماي قالغان بولاتتى.

    خالزات زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، يەرگە چېچىلىپ كەتكەن ماتېماتىكا تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى يىغىشىپ بېرىۋاتقاندا، ئېھسان ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يۈگۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. بۇ بىرخىل مېۋە پىشىپ يەرگە چۈشكەندىكى تۇيغۇ ئىدى. ئۇ قەلبىنىڭ مەلۇم يەرلىرىدىكى بىر جۈپ تۈگمىنىڭ جايى-جايىغا چۈشۈپ پاس قىلىپ ئىتىلگەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىدى.

    ئۇ چاغدا، كارىدور ئىنتايىن مالىماڭ ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش دېگۈدەك كىيىم كىيىۋالغاچقا، ئەخلاق مۇدىرى ئۆز كۆڭلىدە قوغلاۋاتقان ئۇ ئوقۇغۇچىنى خالزات دەپ ئويلايتتى. خالزاتنى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ بىرسىنى سوقۇپ قويدى، ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دەپتەرلەرنى تېرىشىپ بەرمەكچى بولدىيۇ، ئەمما لېكىن يەنە كەينىدىن مۇدىرنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېسىگە سېلىپ داۋاملىق قاچتى دەپ بىلەتتى. ئۇ بۇ جەرياندىكى توختاشنى ۋە ئالمىشىشنى پەقەتلا سەزمىگەن ئىدى.

    ئېھسان شۇ يۈرگۈرۈگىنىچە سىنىپقا كىرىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل بېرىپ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالدى. ئەخلاق مۇدىرى سايىدەك ئەگىشىپ كەلدى ھەمدە سىنىپ ئىشىكىنىڭ دېرىزىسىنى توختىماي چېكىشكە باشلىدى. ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن ئەمدى مەن بىر كۆرەي، يەنە نەگە قاچالايسەنكىن؟ دېگەندەك كىنايە چىقىپ تۇراتتى. ئامالنىڭ يوقىدىن ئېھسان ئەخلاق مۇدىرىنىڭ قادىلىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قۇتۇلالماي، كارىدورغا چىقتى، ئۇ ئەمدىلا سىنىپنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ كەينىگە ئۆرۈلۈشىگە ئەخلاق مۇدىرى ئۇنىڭ قۇلىقىنى قاتتىق سوزۇپ تۇتۇۋالدى. ئۇ كىشى دائىملىق باشلىق تەلەپپۇزى بىلەن ئۇنىڭدىن زەردە بىلەن سورىدى:

    -ئۇرۇشۇشقا يامانتىڭغۇ سەن؟ ئۇرۇشە، يەنە سوقۇشە! بەك قېچىۋاتمامتىڭ؟ ساڭا دەپ قوياي مەن ئەزەلدىن ئوقۇغۇچىلارغا قول تەككۈزۈپ باقمىغان ئىدىم، قارىغاندا سەن مېنىڭ بۇ قائىدىنى بۇزۇشۇمغا سەۋەبچى بولۇپ قالغۇدەكسەن؟ بۈگۈن مۇشۇ يەردە بىر كۈن تۇرىسەن. ئازراق ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويمىسام مېنى قۇرۇق ھەيكەل دەپ قالغان ئوخشايسەن! قالغىنىنى سىنىپ مەسئۇلۇڭ بىلەن دېيىشىمەن، شۇ چاغدا يەنە كۆرىسەن!

    ئەخلاق مۇدىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا ئالايدى، ئاندىن كەينىگە بۇرلۇپ كېتىپ قالدى. ھە راست، كېتىشتىن بۇرۇن ئېھساننىڭ كۆتىگە كۈچەپ بىرنى تەپتى.

    ئەخلاق مۇدىرىنىڭ نالا قاققان ئاياغ تىۋىشى جىمجىت كارىدوردا تاقىلدىغان ئاۋازىنىڭ يىراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، كارىدور تىمتاسلىققا چۆمدى. خالزات كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن ئاستا مېڭىپ كەلدى، ئۇ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى ئېھساننىڭ ئورنىدا ماتېماتىكا ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ قويغان ئىدى.

    خالزات ئېھساننىڭ ئالدىغا كېلىپ قەدىمىنى ئاستىلىتىپ توختىدى، ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، خىجالەتتىن ھىجىيىپ قويدى، ئېھسانمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرىدى. خالزات ئېھساننىڭ مۆرىسىنى قېقىپ قويدى-دە، سىنىپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن غىپپىدە كىرىپ كەتتى. دەرس ئوقۇتقۇچىسى خالزاتقا قاراپ ئالىيىپ قويدىيۇم گەپ قىلمىدى. ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار سىنىپنىڭ ناچار ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېغىز ئۇپرىتىشنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغۇ! شۇنداق قىلىپ، خالزاتنىڭ ئالدىدىكى ئورۇن يېرىم كۈن بوش قالدى، چۈنكى ئېھسان كارىدوردا ئىدى.

    سۆزلىسەك قىززىق، گەرچە بۇ ئىككىسى بىر سىنىپتا بولسىمۇ، ھەتتا ئالدى-كەينى ئولتۇرسىمۇ ئەزەلدىن بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدى. خالزات ئېھساندەك بىر ساۋاقدىشىنىڭ بارلىقىغا تېخى بۈگۈن دىققەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئالدىدىكى بوش پارتىغا قاراپ بېشىنى بوش لىڭشىتىپ قويدى، لەۋلىرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى ـــــ ئاجايىپ بالىكەن بۇ!

    خالزات دەرسلىك كىتابىنى ئالدىغا تىكلىدى-دە، يانچۇقىدىن ئېم پ 3ىنى ئېلىپ قۇلىقىغا سالدى، ئەمما تۇيۇقسىزلا بىر ئىش يادىغا كەلگەندەك سىملىرى بىلەن ئۇ تىڭشۇغۇچىنى چىڭ يۆگىدى-دە، ئارقا ئىشىك تەرەپتە ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىغا ئېتىپ بېرىپ، كارىدورغا چىقاتىپ بېرىشنى شەرەت قىلدى.

    ئېھسان ئاستا بېرىپ ئېم پ 3نى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن سوغۇق تامغا دۈمبىسىنى يېقىپ تۇرغان ئېھساننىڭ قەلبى ئىللىغاندەك بولدى-دە، مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

    شۇ ئىشتىن كېيىن يەنە بىر قېتىملىق ئورۇن تەڭشەشتە بۇ ئىككىسى پارتىداش بولۇپ قالدى. ئېھسان خالزاتتىن شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نېمە ئۈچۈن يەنە تاپشۇرۇق دەپتەرنى تېرىشىپ بەرگەنلىكىنى سورىمىدى، خالزاتمۇ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈچۈن ئۇ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقىنى سورىمىدى.

    خالزاتنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇ تەنتەربىيىدە پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئىدى، ئۆزىمۇ بەستلىك، مىجەزىمۇ ئوچۇق بالا بولغاچقا، ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ كاللىسى ئاددى، قارام، بىر ئىشلاردا كېيىنلىكنى ئويلىمايدىغان بولسىمۇ، ساۋاقداشلىرى ئۇنى ياقتۇراتتى. ئۇ ساقچى-قاراقچى فىلىملىرىنى كۆرۈشكە، ئۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەرنى دوراشقا بەك قىزىقاتتى، شۇڭلاشقا دائىم باشقىلار بىلەن قاش-كۆز يېرىشىپ قالاتتى.

    ئېھسانمۇ خالزاتنىڭ تەسىرىدا ئاستا-ئاستا ئېچىلىشقا باشلىدى، بۇرۇنقىدەك بۇرۇقتۇم كۆرۈنمەيدىغان بولدى. ئۇ يەنىلا پات-پات خالزات بىلەن ئالمىشىپ، بۇرۇنقى ئويۇنىنى ئويناپ قوياتتى.

    ئايلىق ئىمتىھانلاردا خالزات ماتېماتىكا ئىمتىھان قەغىزىگە ئىسمىنى يازاي دەپ تۇرۇشىغىلا، ئېھسان ئۇنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى ئاستا ئالدىغا تارتىپ ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىنى خالزاتقا سۈرۈپ قويدى. خالزات ئۇ ئىمتىھان قەغىزىدە ئېھساننىڭ ئىسمىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى، بۇنى كۆرۈپ ئېھسان:

    -سەن مەن بول، مەن سەن بولاي ھە!

    بۇنى ئاڭلىغان خالزات بېشىنى پەس قىلىپ دېدى:

    -ساراڭ بولما! ماتېماتىكىدا قانداقلىقىمنى ئوبدان بىلىسەنغۇ؟ بۇنداق قىلساڭ چانىمىز.

    ئەمما ئېھسان بۇنىڭغا ئېرەن قىلماي ئالدىدىكى ئىمتىھان قەغەزگە خازاتنىڭ ئىسمىنى يازدى-دە، ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن سۇئال ئىشلەشكە چۈشۈپ كەتتى.

    خالزات ئاۋازىنى تېخىمۇ پەس قىلىپ ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ دېدى:

    -مېنىڭ ئىسمىم يېزىقلىق ئىمتىھان قەغەزنى سېنىڭ ئىشلەۋاتقىنىڭنى مۇئەللىم كۆرۈپ قالىدىغان بولسا، ئىشنىڭ چوڭى چىقىدۇ!

    ئېھسان قەلىمنى توختاتمىدى، بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپ قويمىدى.

    ئۇ قېتىملىق ماتېماتىكا ئايلىق سىناق ئىمتىھانىدا ئېھسان ئىنتايىن تۆۋەن نومۇر ئالدى، چۈنكى ئۇ ئىمتىھان قەغەزنى خالزات ئىشلىگەن-دە! ئاران 61 نومۇر. خالزات بولسا 89 نومۇر ئالدى.ئېھسان بۇنى كۆرۈپ:

    -مەن تېخى نەچچە سۇئالنى قەستەن خاتا ئىشلىگەنتىم، بولمىسا مۇئەللىم ئېنىقلا بىلىپ قالاتتى ئىككىمىزنىڭ ئىمتىھان قەغەز ئالماشتۇرغىنىمىزنى، ئۇ چاغدا بۇ ئۇيۇن قىزىماي قالاتتى-دە!-دېدى.

    بۇنداق ئۇيۇنلارنى ئېھسان «ئۆگىنىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش» دەپ قارىدى، خالزاتمۇ بۇنىڭغا يارىشا پات-پات مۇئەللىملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ تۇردى، ئەلۋەتتە ئېھسانمۇ مۇئەللىملەرنىڭ ھەرخىل تەنقىدلىرىدىن مۇستەسنا قالمىدى، ئۇ ھەر قېتىم ئۆگىنىش نەتىجىسى توغۇرلۇق مۇئەللىملەردىن تەنقىد ئاڭلىغاندا، بېشىنى پەس قىلىپ كۈلكىسىنى زورلاپ بېسىپ تۇراتتى.

    ئۇلار يەنە ئىككىسىنىڭ بىر مەھەللىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بايقاپ تېخىمۇ ھەيران قېلىشتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، بۇ ئىككىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قېتىممۇ مەھەللىدە ئۇچرىشىپ قېلىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭمۇ ھېچ ھەيران قالغۇچىلىكى يوققۇ؟ بىر بىنا، بىر كارىدوردا ھەتتا بىر قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان خوشنىلارمۇ يىللاپ-ئايلاپ كۆرۈشمەي قالىدىغۇ!

    بەلكىم ئۇچرىشىپ باققانمۇ بولغۇيتتى، پەقەت دىققەت قىلمىغانلا يېرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە، بىرسى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن  ئۇ كىشىنى دائىم ئۇچرىتىپ قېلىۋاتقاندەك، ئەمما ئۇ كىشىنى تونۇماستىن بۇرۇن دۇنيادا بۇنداق كىشى يوقتەك ھېس قىلىدۇ.

    ھازىر، خالزات توپ ئوينىغىلى بارسا، ئېنىقلا ئېھساننى چاقىرىۋالىدۇ، ئۇلار ھەركۈنى مەكتەپتىن چۈشۈپ بىردەم توپ ئوينايدۇ، ئاندىن بىرلىكتە ئۆيگە قايتىدۇ.

    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىركۈنى، خالزار ئېھسانغا دېدى:

    -مەن بىر موتوسېكىلىت ئالدىم، ئەمدى ئىككىمىز مەكتەپكە شۇنى مىنىپ بارىمىز!

    ئەمما ئۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى ھېچقانداق سەۋەبسىز، ھېچقانداق بىشارەتسىز يۈز بەردى. بەلكىم قاتناش ۋەقەسىنىڭ ھەممىسىلا بىشارەتسىز يۈز بېرىشى مۇمكىن.

    ئۇ كۈنى ئېھسان خالزاتنى موتوسېكىلىتىنى مىنىپ، خالزاتقا بىر نەرسە ئالماقچى بولغان ئىدى.

    شۇنداق قىلىپ كوچىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. ئۇ  شۇ ياتقىنىچە ئىككى سوتكا ھۇشسىز ياتتى، ئۇ ھۇشىغا كەلگەن چاغدا، يېنىدىكى سېستىرا قىزدىن:

    -ھېلىقى موتوسېكىلىت قانداق بولدى؟-دەپ سورىدى.

    ئۇ سېستىرا قىز ئاڭقىرالمىغاندەك قىلىپ بېشىنى يېنىك چايقاپ قويدى، ئۇنىڭ ئۇ چايقىشىدا ئۆزۈڭنىڭ جېنى بىلەن قالماي، يەنە موتوسېكىلىت دەيسەنغۇ، دېگەن مەنە چىقىپ تۇراتتى.

    ئېھساننىڭ تەلىيىگە يارىشا خېلى ئەسلىگە كەلدى. ئاپىسى ئۇنىڭ ھالىدىن ئىنتايىن ياخشى خەۋەر ئالدى، ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ پات-پات كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ئەمما خالزات بىر قېتىممۇ كېلىپ قويمىدى. ئېھسان، بەلكىم ئۇ خىجىل بولۇۋاتقاندۇ، ماڭا نەرسە ئەكىلىپ بېرىمەن دەپ شۇنداق بولدى، دەپ مېنى كۆرۈشتىن قېچىۋاتقاندۇ دەپ ئويلىدى، ئەمەلىيەتتە ئېھسان بۇنى ھەرگىزمۇ خالزاتتىن كۆرمەيتتى. ئۇ كۈنى خالزات تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغاچقا، ئېھساننى لازىملىق نەرسىنى ئېلىپ كېلىشقا بۇيرىغان ئىدى.

    ئېھساننى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئۆزىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشى بىلەن ھېلىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنىڭ دېلوسىدا ئىلگىرىلەش بولغانىدى.

    ئېھساننى سوقۇۋېتىپ قېچىپ كەتكەن ھېلىقى شوپۇر ئەسلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شۇ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى ئىدى، ساقچىلار ئۇنى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك قولغا ئېلىپ سوراق قىلغاندا، ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر نەتىجىگە ئېرىشىپ قالدى. ئۇ دەل ھېلىقى قىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىدى.

    ئېھسان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا دەماللىققا نەپەس ئالالماي قالغاندەك بولدى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە بۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىنىڭ ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈيقەست ئىكەنلىكى ئايان بولغاندەك بولدى.

    راستلا مەن ئويلىغاندەكمىدۇ؟ ئۇ قىز تەنتەربىيە مەيدانىدىكى شۇ كىچىككىنە ئىش سەۋەبلىك مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئوغۇل دوستىغا: «مەن ئېھسان دېگەن بىر بالىنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتەيلى» دېگىنىدە، ئوغۇل دوستى ئاچچىقىدا ئۇ قىزنى بوغۇپ ئۆتۈرۈپ قويغانمىدۇ؟ ئاندىن تېخىمۇ ئەقلىنى يوقىتىپ ھەممە ئاچچىقىنى مەندىن چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانمىدۇ؟ راست مۇشۇنداقمىدۇ؟

    دوختۇرخاندىكى بىر چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى، ھەممە نەرسە قۇياش نۇرىدىكى ئۇششاق زەررىچىلەردەك جخمجىت ئىدى. ئېھساننىڭ ئاپىسى ياندىكى كارىۋاتتا ئۇخلاپ قالغانىدى.

    ئېھسان ئېغىر بېشىنى ئاستا چايقاپ قويدى، ئاچچىقىدا كۈلۈمسرىگەندەكمۇ قىلدى، ئۇ ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشۇنى ئۆلۈك سۇدەك، ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش يوق دەپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى خېلى قىززىتىپ قويۇۋاتاتتى، ئۇ ئىلگىرىكى ئۆزىنى بۇرۇقتۇم قىلىپ قويغان شۇ جىمجىت، تېنچ تۇرمۇشىنى سېغىندى.

    بۇرۇن ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھېچقانداق بىر ئىش تاسادىپىي بولمايدۇ، خۇددى ئۇنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە يولىقىشىمۇ شۇنداق.

    ھېلىقى قاتىلنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن قىز دوستىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن، دېگىنىگە چىدىماي، قىز دوستىنىڭ گېلىنى  بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندە بولسا، قىز دوستى ئاللىقاچان جان ئۈزۈپ بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز دوستىنىڭ جەسىتىنى مەكتەپنىڭ كەينىدىكى كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ئىدى.

    ئەمما ئۇنىڭ ھېچكىم  بىلمىدى، دەپ قىلغان ئىشىنى، خالزات ئويلىمىغان يەردىن سۈرەتكە تارتىۋالغان ئىدى.

    خالزات بۇ رەسىملەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭدىن 50 مىڭ يۈەن پۇل ئالغان، ھەمدە ئۇ پۇلغا موتوسېكىلىت ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ كېيىن بىرسىنىڭ ئۆزىگە سايىدەك ئەگىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى سەزگەندىلا، بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى.

    ئۆزىگە بىرسىنىڭ ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئۇ ئەلۋەتتە ساقچىلارغا ئېيتالمايتتى، چۈنكى ئۇمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە يېتىپ كېلىۋاتقان خەۋپنى ئېنىق سېزىشكە باشلىدى، ئۇ ئۆلۈمنىڭ مۇزدەك ھىدىنى پۇرىغاندەك قىلدى.

    ئۇ ئىختىيارسىز ئېھساننىڭ «ئالمىشىش» ئۇيۇنىنى ئەسكە ئالدى، توغرىسى ئېھساننى ئويلىدى.

    ئېھسان دوختۇرخانىدا يېرىم ئاي يېتىپ قايتىپ چىقتى. ئۇ مەكتەپكە قايتىپ ئىلگىرىكىدەك تەرتىپكە چۈشۈپ كەتكەن، جىمجىت تۇرمۇشىنى باشلىدى، ئەمما ئەمدى ئۇ بۇرۇنقىدەك ھاياجانلانمايدىغان بولۇپ قالدى. خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۆتتى. خالزاتنىڭ ئورنى ئىزچىل بوش ئىدى. ئۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تەربىيىلەش ئورنىدىن چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن باشقا بىر شەھەرگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالاقىسى مەڭگۈلۈككە ئۈزۈلگەن بولدى.

    ھېلىقى قاتىل بولسا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئېھسان ئۆمۈرلۈك قاماققا قامالغىنى ئۇ قاتىللا بولۇپ قالماستىن، يەنە باشقا بىر «مەن»نىڭمۇ بارلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتى.

    نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئېھسان خالزاتنى ئەپۇ قىلىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. مەيلى قانداقلا بىر مۇناسىۋەت بولسۇن، مەيلى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، سۆيگۈ ۋە ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولسۇن، ھەممىسى ئاستا-ئاستا سۈپەت ئۆزگۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ تۈسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەندە، بىز ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنى ئەيىبلەشكە ياكى قارشى تەرەپتىن نەپرەتلىنىشكە ئالدىرىماسلىقىمىز كېرەك ئىكەن. بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرىشىمىز كېرەك ئىكەن. شۇندىلا بىز ھەرقانداق بىر نەتىجىنى شۇ ئىشقا قاتناشقان كىشىلەر بىرلىكتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، ھېچكىمنىڭ ئاپئاق  ئەمەسلىكىنى بايقايدىكەنمىز.

    ئېھسان خالزات ئىككىسى تونۇشقا شۇ كۈنىنى يەنە ئەسلىدى.

    شۇنداق كۈنلەر ھامان بولىدۇ. بىز بىرسىنى ياكى بىرەر ئىشنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئاچچىق كۈلۈمسىرىگىنىمىزچە بېشىمىزنى چايقاپ قويىمىز، ھەمدە ئۆزىمىزگە: ئامال يوق، كىم مېنى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالسۇن دەپتىكەن، دەيمىز. خۇددى ئېھسان خالزاتنى ئۇچرىتىپ قالغىنىدەك.

    ئېھسان قەلبى ئارقىلىق ئاستا نىدا قىلدى: خالزات، مەن ئاللىبۇرۇنلا قەلبىمدىكى ھېلىقى «مەن»نى ئازاد قىلىۋەتتىم. سېنىمۇ ئاللىقاچان ئەپۇ قىلىۋەتتىم. سەنچۇ؟ سېنى ھېلىھەم ئىلگىرىكىدەك ئېچىلىپ كۈلۈپ يۈرسىكەن، شۇنەچچە يىللار ئىلگىرىكى مەن ئۇچراتقان خالزاتتەك ماڭا قاراپ يۈگۈرەپ كەلسىكەن دەيمەن.

    (گۈليارە تۇرسۇن)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-21 13:33:06
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 654
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证