تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› «بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!»
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11021
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 43
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!»



    «بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!»

       نىل دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ئەتراپىدا بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەڭ ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار. بۇ يەردە دەل-دەرەخلەر كۆككە تاقاشقان، ئوت-چۆپلەرمۇ ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسكەن. پىل، شىر، بۇغا، تاغىلئات، كەركىدان... دېگەندەك ھايۋانلار ئەركىن قىيغىتىپ ياشايدۇ. رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان گۈل-چېچەكلەر ئادەمگە چاھارباغلارنى ئەسلىتىدۇ. مانا شۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا پېگىم، نېگرو قاتارلىق ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ياشايدۇ. پېگىم ئەرلىرىنىڭ بويى بىر مېتىر 30 سانتېمىتىردىن، ئاياللىرىنىڭ بويى بىر مېتىر 10 سانتېمىتىرىدىن ئاشمايدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى «پاكارلار قەبىلىسى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇلار بۇ ئورمانلىقنى ئانا ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن جان ساقلايدۇ. ئۇلار مىسىردىكى ئەلئېھرامنى بىلمەيدۇ، يەھۇدى، پەلەستىننى بىلمەيدۇ، ترورلۇق ۋە بىن لادېننى بىلمەيدۇ، تەكلىماكاننى ۋە ئۇيغۇرنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن، مەدەنىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان «ھەق-ھوقۇق» دېگەننى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.

       نىل دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش-تەتقىقات بىلەن جىددىي ئىشلەپ چارچىغان ئالىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالدى: ئۇلار سارغىيىپ پىشقان بانانلار بىلەن تولغان بانانلىق باغقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇلار بانانلارنى شېخىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ، يېيىشكە تەرەددۇت قىلىۋىدى، قەيەردىندۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر نېگرو غەزەپ بىلەن ھۆركىرىدى. تىلماچ ئۇنىڭ گېپىنى ئۆرۈدى: ھېلىقى نېگرو: « سىلەرنىڭ بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق، پىگىملارلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق» دېگەن گەپنى تەكرارلايتتى.

       مەدەنىيەتلىك دۇنيا بىلەن ئۇچراشمىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىكى ئادەمنىڭ ئاغزىدىن «ھەق-ھوقۇق» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئالىم ھەيران قالدى، ئەپۇ سورىدى، ھەق تۆلىدى. ئاندىن ھېلىقى نېگرودىن: «نېمىشقا پىگىملارلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق؟» دەپ سورىدى.

    نېگرو مۇنداق بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەردى: بۇرۇنقى زاماندا بىر پىگىم بىلەن بىر نېگرو بۇ ئورمانلىقنى كېزىپ يۈرۈپ، بانانلىققا كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار بانان دېگەننى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. سارغىيىپ پىشقان بانانلاردا زەھەر بار دەپ يېيىشكە پېتىنالماپتۇ. ھېيلىگەر نېگرو پېگىمنى باناننى يەپ تېتىپ بېقىشقا ئۈندەپتۇ. ئاقكۆڭۈل ۋە قورقماس پېگىم باناننى يەپ بېقىپتۇ، تەمى بەك ياخشىكەن دەپتۇ. نېگرو يەنىلا قورقۇپ يېمەپتۇ. كەچ بوپتۇ. گۇمانخور نېگرو بۇ پېگىم كېچىچە ئۆلۈپ قالىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قارىسا، ھېلىقى پېگىم ساپ-ساق تۇرغىدەك. نېگرو شۇندىلا بانان يېيىشكە جۈرئەت قىپتۇ. باناننىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان نېگرو بانان كۆچىتى-بىخلىرىنى ئېلىپ قايتىپتۇ، پېگىم بولسا، پىشقان بانانلارنى ئېلىپ قايتىپتۇ. نېگرو بانان كۆچىتى-بىخلىرىنى پەرۋىش قىلىپ بانانلىق باغ بەرپا قىپتۇ. پېگىم ئېلىپ كەتكەن بانانلارنى يەرگە كۆمۈپ، ئۈنۈپ چىقىشنى كۈتۈپتۇ، ئۈنۈپ چىقماپتۇ، سېسىپ كېتىپتۇ.

       بىر كۈنى پېگىم ھېلىقى نېگرونى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ بانانلىق بېغىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، مەن ئوۋچىلىقىمنى قىلسام بولىدىكەن، دەپ ئويلاپتۇ. قايتىدىغان چاغدا نېگروغا: بانانلارغا ياخشى قارا، مەن نېسىۋەمنى ئالغىلى كېلىمەن، دەپتۇ. نېگرو: نەدىكى نېسىۋەڭ، دەپ سوراپتۇ. پېگىم ھېچ تارتىنماستىن: باناننى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى مەن پېگىم ئەڭ ئاۋال بايقىغان، سەن نېگرو بانان يېيىشنى مەندىن-پېگىمدىن ئۈگەنگەن»، دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، نېگرولار پېگىملارنىڭ بايقاش ھوقۇقىنى-نېگرولارنىڭ بانانلىق باغلىرىدا پېگىملارنىڭلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا بىلدۈرۈپ كەپتۇ.

       ئالىم ئويلىدى: ھەق-ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قانۇننىڭ ئاساسىي نىشانى ئىدى، لېكىن، بەزى مەدەنىيەتلىك ئادەملەر ئۇنى باشقىلارنى ئېزىش، قۇل قىلىش، جازالاشنىڭ قۇرالى قىلىۋاپتۇ.

       گۇيجۇنىڭ تاغلىقلىرىدا گېلاۋ دەيدىغان بىر قەۋىم ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار ئىكەن: ھەر يىلى كۈزدە يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، باشقا مىللەتتىن بولغان پۇقرالارنىڭ ئېتىز-باغلىرىدىن ئوخشىغان زىرائەت، مېۋە-چىۋىلەرنى خالىغانچە ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ زىمىن ئەجداتلىرىمىز ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كەلگەن زىمىن، بۇنداق قىلىشىمىز بۇ يەردىكى زىمىنغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىمىزنى نامايان قىلغانلىق دەپ قارايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق، دەپ قارايدىكەن، ئاغرىنمايدىكەن.

       ئىندىئانلار قارلىق دالىدا  ئوقيا تەگكەن كىيىكنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئىگىسىنى شۇ يەردە نەچچە سائەت، ھەتتا نەچچە كۈن ساقلاشقا رازى ئىكەنكى، ئۇ كىيىكنى ئېلىپ كىتىپ يەۋالمايدىكەن. كىيىكنى ئوۋلىغۇچى كەلگەندە، قائىدە بويىچە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالىدىكەن.

    بەزى قەبىلىلەردە مۇنداق ئادەت بارىكەن: باشقا قەبىلىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرى ياكى بىزەك بويۇملىرى ئۆزىگە يېقىپ قالسا، ئۇلارغا مال-چارۋا ياكى ئاشلىق-تۈلۈك بېرىپ، ئۇنى دوراپ ئوقۇش ياكى ياساش قا ئىجازەت قىلىشنى ئۆتۈنىدىكەن. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار جازاسىنى تارتىدىكەن. باراۋەرلىك ۋە ئادالەت بولغان ئەنە شۇنداق قائىدىلەر ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى قانۇنلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن.

       مانا بۇ-مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرمىگەن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ھەق-ھوقۇق. نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىنسانلاردىن ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چۈشىنىدىغان، ئۇنى جان تىكىپ قوغدايدىغان، ئۆزگىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟ ھۆرلۈك، باراۋەرلىك، ئادالەت، ھەققانىيەتنى نىشان قىلماي، مەلۇم بىر گوروھنىڭ ئىمتىياز دەستىكى بولۇپ قالغان ئاتالمىش «قانۇن»لار ماھىيەتتە قانۇننىڭ نامىغا داغ تەككۈزىدۇ.

    ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بانان , ھوقۇق , ئابلاجان تۇردى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-20 22:04:27
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 557
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证