28
ئەي!!ئەتىلەردىكى باھارلىرىم ..ئەي!!«قان رەڭلىك جىلغا»نىڭ نامراتلىققا تولغان ئاۋازلىرىدا سەھرىمگە قونغان كىپىنەك .!بەزمىلىرىمدىكى زەر تارلار سەھەرلىرىمنى كويلەۋاتقاندا مەن دېڭىزدا ئىدىم .خىتاپلىرىڭدىكى «زىمىن قارا ئادەملىرىڭگە» دىيالوگى بىلەن ئاسماندىن ئورۇن ئىلىپ يەنە باھارلىرىمغا قايتىپ كەلدىم .
خىلۋەتلىرىمدىكى سەپەردە قەبرىستانلىققا بارىدىغان يول ئىچىدىن باھارلىرىمغا ئىھتىرام ئىيتىۋاتقاندا دوڭلۇكنىڭ ئاستىدىكى بۇلاق بويىدا سەۋىرلەرنى ھەمرا قىلىپ، چوچەك ئوقىۋاتقان بوۋاينىڭ «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ مىنى گۇزەل تۇيغۇ بوشىگىدە ئۇيقۇغا بەنىت قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنەمسەن ؟
تاڭ سەھەردە توغراقلىرىمدىنمۇ قىرىپ كەتكەن بوۋاينىڭ چوچەكلىرى ئاخىرلاشتى .ئۇنىڭ خىياللىرى موماينىڭ خۇلىقلىرىغا چۇشكەندە نىمە ئۇچۇن قاقاقلاپ كۇلىۋاتقانلىغىغا ھەيران قالدىم .يۇرۇمدىغاندۇ ؟!مومويىمنىڭ ئىچكى دۇنياسى ...خىياللىرىمۇ –يە؟!!!
ئەكىسچە تۇن پەردىسى زىمىنغا يىيىلغاندا دوڭنىڭ يانتۇلىغىغا جايلاشقان بۇلاق بويىدا موماي يوق .بوۋاينىڭ سۇيگۇدىن ئوز شەكلىنى ئىزلەۋاتقاندىكى خىياللىرى قەبرىستانلىقتا ئاخىرلاشقاندا ماڭلىيىغا ئىقىپ چۇشكەن ئىككى تامچە ياشقا قانداق شىپىرلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىغىنى بىلەلەيدىغان بوۋاينىڭ قەدەملىرى سەپەرلىرىنىڭ قايەردە ئىكەنلىگىنى بىلىشتىن يىراقلاپ كەتكەن .قايتىپ كەت !!بوۋا كېچىلىرىڭنىڭ سۇيگۇ پەرىدىلىرىگە .
مۇبادا سۇيگۇڭدىكى قەدەملەر سىنى قۇشلارغا ئىلىپ بارغاندا باھارغا كىرىپ كىلىسەن .باھاردا قىزىل گۇللەر بار ،نەرىكەس گۇللىرى بار .ئەتىر گۇللەر بار .ياسىمەن گۇللىرى بار
ئەي !!كىچىلىرىم !!!،كېچە ،قاراڭغۇلۇق ،...بوۋاينىڭ كېچە ئىچىدىكى خىياللىرى چاڭ توزاڭ ،تۇپراق ،قەبرىگە يىيىلغاندا ھەر كۇنلىرىدىكى زامانغا قايتىلانغان چۇشلىرى موماينى سىغىنىشقا يىقىنلاشتى .بوۋاينىڭ ھەقىقەتلىرىدىكى مۇھەببەت نىدالىرى ئىچىدە ئاھ ئۇرىۋاتقان خىياللار لەۋلەر ئۇستىدىكى سىغىنىش تەرىپىدىن قايتا ئەسلىنىۋاتقاندا دۇنيا ئۇنىڭ كەپىسىگە كىرىپ كەلدى-«بۇ يەردە سۇيگۇگە مۇھتاج بولۇپ ئولتۇرغان مەھبۇسنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى ئۇچۇن ئۇنىڭغا بوشلۇقنى ھەدىيە قىلدىم ».
مۇبادا چۇشلىرىڭدىكى قەدەملەر بىلەن بۇلاق بۇيىغا بىرىپ قالساڭ مەڭگۇلۇكنىڭ بىر پارچىسى بول .مەڭگۇلۇكتە چوچەك بار .قەسىدىلەر بار ،لىرىكىلار بار .مۇھەببەت بار .
ئۆلۇم ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقان موماينىڭ كۇلكىلىرىنى سىغىندىڭمۇ بوۋا ؟سۇيگۇ ھەققىدىكى دەرىتلەرنىڭ ساڭا بولغان پىچىرلىشىنى چۇ؟سۇيگۇدىكى نىجاتلىق بۇلاق بويىدا ئەمەس ،بوۋا .قەلبىڭدىكى سىغىنىشنىڭ 5-پەسلىگە كىرىپ كەلگەنلىگىنى سەزگىنىڭدە سۇيگۇدىكى يوللار سەندىن ئوتىدۇ.سەن بۇ يولدىكى مەھبۇسقا ئايلىنىسەن .
مۇبادا ئۇ يوللارنىڭ زاماندا ئاخىرلىشىدىغانلىغىنى سەزگەن بولساڭمۇ ئۇ يوللاردىكى لىرىكىلار سىنى ئىككى يولنىڭ دوقمىشىدا سەزگەندە ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇغۇلغان نەۋرەڭ نۇرغا ئايلىنىپ قەسىدىلىرى بىلەن ساڭا ھەمدۇ –سانا ئوقىۋاتقاندا موماينىڭ جىھرىدىكى كۇلكىگە نىمە دەپ ئىسىم قويماقچى بولىۋاتىسەن ؟
ئەتىلەردىكى باھارلىرىڭ سىنى چىللايدۇ بوۋا.ھازىرلىقلىرىڭدىكى كۇلكىلەر بىلەن، چۇشلىرىڭدە موماينى كەپەڭگە چىللا .سىنىڭدە سۇيگۇدىن باشقا ھېچنەرسە يوق .سىنى سۇيگەن موماينىڭ ياشلىرىنى ،كۇلكىلىرىنى ،نازلىرىنى يەنىلا سىغىنىۋاتامسەن ؟چۇنكى موماي سەن ئۇچۇن ھايات قۇلۋىقى .سەن بۇ قۇلۋاقدىكى سەپەردە پالاق ئۇرغۇچى .سۇيگۇدە كۇتكۇچى ئەمەس ،كۇتىلىۋالغۇچى .
رايھان گۇللىرىدەك ئىچىلىۋاتقان قەلبىڭ ئۇچۇن دوڭلۇكنىڭ يانتۇلىغىغا جايلاشقان بۇلاق بويىدىكى كىپىنەكلەر تۇمەنتالنىڭ ساھىللىرىدا كەچكى تۇن قوينىغا سىڭىپ كىتىۋاتقاندا كەپەڭگە قايتىپ كەتكىن . دۇنيا كەپەڭگە كىرىپ كەلدى-سەن ئۇچۇن ھەدىيەلەنگەن بۇشلۇق ئۇچۇن لىرىكا پۇتكىن .ئەتىلەردىكى تولغان ئاي ئۇچۇن قەلبىڭدە غەليان قىلغان تۇيغۇلار ئەۋجىدىكى لىرىكېلارنى .
1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﯩﺘﺘﻪ ﻳﯩﺰﯨﻠﺪﻯ .2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺯﯗﺗﯘﺵ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﺪﻯ .2012-يىلى 4-ئايدا يەكەندە يەنە تۇزۇتۇش ئىلىپ بىرىلدى
ئاپتۇرنىڭ نەشىرگە تەييارلىغان «باھارىستان »ناملىق توپلىمىدىن ئىلىندى