تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusran
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 16975
    gulyara606@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 288
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-12-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يامغۇرلۇق بۇلۇت

                                           يامغۇرلۇق بۇلۇت

    بەزى چاغلاردا قولۇمنى بىر سوزساملا، بۇلۇتلارنى تۇتۇۋالالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

    يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، مەن ھەركۈنى خىزمەت  ئىشى بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەھەر سىرتىغا بارىمەن. ئادەتتە تاڭ سەھەردە ئۆيدىن چىقىمەن، ئۇ، قۇياش نۇرى يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىناچاقلاردىنمۇ ئۆتۈپ بولالمىغان چاغ بولغاچقا، ئاجىز كوچا چىراغلىرى ئاپتوبۇس ئەينەكلىرىدىن تېشىپ ئۆتۈپ، بېشىمنىڭ چوققىسىدا ئاجىز نۇر چەمبىرەكلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

    بەك سەھەر بولغاچقا، ئاپتوبۇسقا چىقىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز. شۇڭا مەن قىينالمايلا دېرىزە تەرەپتىكى ئورۇندىن بىرنى تېپىپ ئولتۇرالايمەن. قىسقا يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ بېلەتچىسى ئەسنەپ تۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ بېلەتنىڭ پۇلىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، پاختا رەختتىن تىكىلگەن قاتلاق دېرىزە پەردىسىنى چۈشۈرۈپلا ئۇيقۇغا كېتىمەن.

    ئەمما مەن ھەر دائىم يېرىم يولدا ئويغىنىپ كېتىمەن، ئاپتوبۇس تۆمۈر يول بۆلىكىدىن سىلكىنىپ ئۆتكەندە، خۇددى بىرەيلەن كېلىپ نەچچىنى تۈرتىۋەتكەندەك بولۇپ، دېرىزىگە كەينى-كەينىدىن نەچچىنى ئۈسۈۋالىمەن-دە، گاڭگىرىغىنىمچە ئويغىنىپ كېتىمەن.

    شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە مەن ئۆزۈمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى دەماللىققا ئاڭقىرالماي قالىمەن، ياكى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا غۇدۇڭشۇپ قويىمەن.

    تۆمۈر يول بۆلىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا، شەھەردىن يىراقلىشىپ جىمجىتلىققا تولغان شەھەر سىرتىغا چىققاندا، كۆرگىدەك مەنزىرىنىڭ تايىنى يوق، شۇڭا ئاسماندىكى بۇلۇتقا بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ قارايمەن.

    ئەتىياز كۈنلىرىدە ئادەتتە ئاسماندا ھېچقانچە بۇلۇت بولمايدۇ، پەقەت شاماللىق كۈنلەردىلا ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق چاغلاردا بۇلۇتلار ئاسماندا خۇددى ھېلىلا يۇيۇپ قويۇلغان ئاق رەڭلىك قوزىلىقلاردەك توپلىشىپ يۈرۈيدۇ، شامال بولسا  مۇلايىم قامچىدەك ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ھەيدەيدۇ.

    شۇڭلاشقا، مەن ھەردائىم بىر سەكرىسەملا، يا قولۇمنى كۈچەپرەك سوزساملا ئۇلارنى تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

    مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ ئۇششاق ئىشى جىق، زېرىكىشلىك بىر خىزمەت. قۇرۇلۇش تۈرى ئىش باشلىغاندىن كېيىنكى ھەربىر باسقۇچنىڭ ماتېرىيالىنى تۈزىمەن، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تەستىقلىتىمەن، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھەر قايسى مەسئۇللىرىنى بىر-بىرلەپ ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزغاندىلا، بۇ قۇرۇلۇش لايەقەتلىك بولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، قۇرۇلۇشتا راستىنلا بىرەر بىر نۇقسان ۋە ياكى سۈپەت جەھەتتە بەزىبىر مەسىلىلەر بولسىمۇ، مەن ھەرقايسى رەھبەرلەرنى ئىمزا قويۇشقا بىرئاماللارنى قىلىپ قايىل قىلىپ قويغۇزىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بەزىدە ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپمۇ قالىمەن، ئەمما، بۇ راستلا مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىم، خىزمىتىمنىڭ بىر قىسمى.

     بىر خىزمەت بىناسىدىن يەنە بىر خىزمەت بىناسىغا ئالمىشىپ چىقىپ جەريانىدا، ھەر قېتىم پەلەمپەيدىن چۈشۈپ-چىقىش جەريانىدا ئۆزۈمنى ھازىرلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك، ئۇدۇل ئىككى چىشىمنى سۇندۇرىۋالىدىغاندەك، شۇنداقتىمۇ قان ئېقىۋاتقان ئاغزىمنى تۇتقىنىمچە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىغا ئىككى پۈكلىنىپ تازىم قىلىپ تۇرۇپ ئىمزا قۇيۇشقا يالۋۇرىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

    مۇبادا، راستلا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇلار ماڭا ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالارمۇ؟

    ئەمما مەن تەلىيىمگە بىرەر قېتىممۇ يىقىلىپ كېتىپ باقمىدىم. شۇڭا ھەر بىر ھەيۋەتلىك خىزمەت بىناسىنىڭ ئەينەكلىك ئىشىكىدىن چىقىپلا، بېشىمنى ئېگىز قىلىپ ئاسمانغا قاراپ ئۇھسىنىپ قويىمەن.

    بەزىدە ھەقىقەتەن بەكلا، بەكلا چارىسىز قالغاندەك، كۈچ-قۇدرەتسىز بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ يەنە ئۆزۈمدىن، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىم كېرەك، دەپ سورايمەن.

    ئىلگىرى، تېلىۋېزىيە فىلىملىرىدىكى باش پېرسوناژلارنىڭ ئېغىر زەربىلەرگە دۇچار بولغاندا، يول ياقىسىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلكىلىك ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئېغىر ياردەمچىسىز كۈنگە قالغانلىقىغا ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم. مۇشۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ دەپ ئويلاپ، بۇ كىشىنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئىنتايىن ئاجىز ئىكەن، نېمىدىگەن چىدىماس، مۇشۇنداق قىلىپ خىجىل بولمامدىغاندۇ، دەپ كەتكەن ئىدىم.

    ئەمما مەن كەينى-كەينىدىن سوغۇق مۇئامىلىلەرگە، سىلكىشلەرگە، بىزارلىق چىرايلارغا ھەتتا ماتېرىياللىرىمنى كۈچەپ يەرگە ئېتىپ تۇرۇپ: «نېمە نەرسىلەر بۇ!» دېيىشلەرگە، ھەتتا قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «تولا بېشىمنى ئاغرىتماي نەگە بارسىڭىز بېرىپ، كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭە!» دېگەن سەتلەشلەرگە يولۇقۇپ، يەرگە ئىڭىشىپ تۇرۇپ چېچىلىپ كەتكەن ماتېرىياللىرىمنى يىغىۋاتقىنىمدا، راستلا تەڭرىگە شۇنداق نالە قىلىپ تۇرۇپ يىغلىغۇم كېلىدۇ.

    تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، ئۇ كىشىلەر ھەر قېتىم، مېنىڭ ھۆججەت- ماتېرىياللىرىمنى ئالدىمغا بىزارلىق بىلەن ئىتتىرىپ قويۇپ، قايتا بىر تۈزۈتۈپ كېلىڭ دېگىنىدە، كەينىمگە تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىم ئىختىيارسىز مۇشتقا تۈگۈلۈپ كەتسىمۇ، ئەمما چىرايىمدىكى قېتىپ قالغان كۈلكىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن: «ماقۇل» دەيمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرەپ يەنە ھەددىدىن ئېشىپ ئاغزىنى بۇزمىغانلا يېرى قالغان، ئەمما قالغان سەت گەپنىڭ ھەممىسىنى ياپتا قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭ چېلەكتە لىق كېسلاتا ئېلىپ كېلىپ ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قارىتىپ چېچىۋەتكۈم، ئاندىن قاقاھلاپ كۈلگىنىمچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكۈم، ئۇ ئايپاڭباشنى بىر ئۆمۈر ھەسرەت-نادامەتتە ئۆتكۈزگۈم كېلىدۇ.

    مەن دەل مانا مۇشۇنداق خىيالىمدىكى ھەرخىل ۋەھشىي بولغان ئۆچ ئېلىشلارنىڭ بىردەملىك خوشاللىقى بىلەنلا، يىقىلىپ چۈشمەي ھازىرغىچە ياخشى تۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئاندىن بولسا ئۆزۈمنى توختىماي: «كۆرگەنسەن، سەن تېخى خېلى كەينىدە، ئەمما سەن چوقۇم ئەڭ ياخشىسى ئەڭ ئالدىنقىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىڭ كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ساڭا ئۇنداق خالىغانچە ۋارقىراپ-جاقىرالمايدۇ.» دەپ ئاگاھلاندۇرىمەن.

    شۇنداق، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن مۇشۇنداق ئويلايمەن.

     

    مەن راستىنلا شۇ بۇلۇتلارنى تۇتۇپ باققان.

    ئىلگىرى مەن تۇرغان جايدا، ئاسمان-پەلەككە تاقاشقان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بىر سەيلە-ساياھەت باغچىسى بار ئىدى. شۇ كۈنى بىز بۇ باغچىغا سەيلە قىلغىلى كەلگەن ئىدۇق، ئەمما يېرىم يولدا يامغۇر يېغىپ كەتتى، قاتتىق ياغقان بۇ يامغۇرنى كۆرۈپ ماشىنا ئەمدىلا توختىشىغا، يامغۇرمۇ توساتتىن توختاپ، قۇياشنىڭ كۈلۈپ تۇرغان يۈزى ئالدىمىزدا نامايەن بولدى.

    مەن ھاياجانلانغان كەيپىياتىم بىلەن ئاياغ ئاستىمدىكى پاتقاقلىق يولنى دەسسەپ تۇرۇپ، شېغىل تاش ياتقۇزۇلغان تاغ يولىنى بويلاپ ئاستا ئۈستىگە ماڭدىم. يېرىم يولدا بىر بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ كېتىپ بارغان ئىككى تال يىلاننىڭ كۆز ئالدىمدىلا چېغىر يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپمۇ، يەنە داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم.

    شۇنداق قىلىپ، مەن تاغ چوققىسىغا چىقتىم، ھەم بۇلۇتلارنى تۇتالىدىم.

    ئەمما مەن ئىنتايىن ئىتتىكلىك بىلەن بۇ بۇلۇتلارنى مىجىقلاپ تۇتماقچى بولغىنىمدا، قولۇمغا ھېچنىمە ئۇرۇلمىدى، پەقەت سوغۇق سۇ تامچىلىرى ئالقىنىمنى بېلەكلىرىمنى نەملەشتۈرگەندەكلا بولدى. مەن يەنە ئالدىغىراق ماڭدىم، بۇلۇتلارنىڭ قاتلىمىغا كىرگەندەك ئىدىم، چۈنكى بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرى سوغۇق، مۇزدەك نەملىكنى ھېس قىلىۋاتاتتى، كۆز ئالدىممۇ تۇمان توسۇۋالغاندەك غۇۋالاشقان بولۇپ، چەكسىز كەڭ ئاق رەڭلىك بىپايانلىقنىلا كۆرۈۋاتاتتىم. بۇلار مەن ھەركغنى سەھەرلىكى كۆرىدىغان تۇماندىن ھېچ پەرقى يوقتەك ئىدى.

    بۇلار بەلكىم بەك ئېگىزدا تۇرغاچقىلا بۇلۇت دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن.

    ئىلگىرى تاغدىن پەستە تۇرۇپ، يامغۇردىن كېيىنكى تۈركۈم-تۈركۈم بۇلۇتلارنىڭ تاغ چوققىسىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆرەتتىم. مۇبادا مەن ھازىر تاغ ئېتىكىدە بولغان بولسام، بۇلۇتلاردىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرغان ئۆزۈمنى كۆرەلەر بولغىيمىتىم، ۋە ياكى ھازىر تۆۋەندە تۇرۇپ ماڭا قاراۋاتقان كىشىلەر مېنىڭ بېشىمنىلا كۆرۈپ، مېنى بۇلۇتلار ئۈستىدە سەيلە قىلىۋاتقانمىدۇر دەپ ئويلاۋاتقانمىدۇر، دېگەن ئويلار خىيالىمدىن كەچتى.

    مەنمۇ بۇلۇتلاردا ساياھەت قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما بۇلۇتنىڭ ئۆزىنى تۇتقىنىمدا بولسا، ئۇنىڭ زىچلىقىنىڭ ئىنتايىن شالاڭ ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ ھاۋادا لەيلىيەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش بولۇتلار ئۈستىدە تۇرالىشىمىزنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتىم.

    خۇددى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان چۈشكە ئوخشاش! ئەمما، مەن بۇلۇتنى راستلا تۇتۇپ باققان تۇرسام!

     

    ئۇ كۈنى مەن ئىنتايىن تەستە ئايرىم كۆرۈشكىلى بولىدىغان مۇدىرنى چاقىرىپ چىقىپ، بىللە تاماق يىدىم، ئۇ بۇرۇن مېنى نەچچە قېتىم چىرايلىقچە رەت قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدىغان بەك مۇھىم ئىش بولغاچقا، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۇ كىشىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، شۇ كۈنى مىڭ بىر تەسلىكتە ئۇ كىشىنى ماقۇل كەلتۈردۈم.

    تاماق يېدۇق دەپ، ئاغىنىلەر بىلەن بىللە كىرىدىغان ئاشخانىغا باشلىغىلى بولاتتىمۇ دەيسىز، ئۇ قېتىملىق زىياپەتنى شەھىرىمىزدىكى داڭلىق مېھمانساراينىڭ ئېسىل زىياپەت زالىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، زىياپەت ئارىلىقىدا ئۆزۈم بىلىدىغان ھەممە خوشامەتلىك سۆز-ئىبارىلەرنى قىلىپ، رەھبەرگە ھاراق تۇتتۇم، ھاراق نەچچە قېتىم مۇشۇنداق خوشامەتلىك بېقىشلار ئارىسىدا ئايلانغاندىن كېيىن، باشلىقنىڭ چىرايى ئاخىرى ئېچىلدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئالدىن تەييارلىۋالغان سوۋغىتىمنى باشلىققا ئاستا شۇڭغۇتتۇم، باشلىق ياسالما تۈزۈتتىن كېيىن، ئۇ نەرسىنى قۇبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا مەن بۇ ئىشتا سەل ئۈمىد باردەك ھېس قىلدىم-دە، ئۇ رەھبەر ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن ئىچىشىشنى باشلىۋەتتىم. شۇ خوشالچىلىقتا كۆپ ئىچىپ قويۇپتىمەن.

    تازىلىق ئۆيىدە ياندۇرۇپ تاس قالدىم ئاشقازىنىمنىمۇ قوشۇپ ياندۇرۇۋەتكىلى. شۇنداقتىمۇ يۈزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ، يۈزلىرىمنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ، ئۇ كىشى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىنى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدۇم. ئۇ مۇدىر باشلىق ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، مەن ئۇ كىشىنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ: «ئەمىسە، ھېلىقى ئىش سىلىگە قاراشلىق قالدى!» دېدىم. مۇدىر چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ: «ھىم» دېدى-دە، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنىڭ ياپتى. مەن ماشىنىنىڭ دېرىزىسىگە قاراپ قولۇمنى لىڭشىتتىم، ھەتتا ماشىنا مېڭىپ خېلى بىر يەرگە بارغۇچە قولۇمنى چۈشۈرگۈم كەلمەي شۇنداق تۇردۇم. ئاندىن يول بويىدىكى سىمونت ئورۇندۇقتا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ قالدىم.

    ئەمما ئىككىنچى كۈنى، زور ئىشەنچ بىلەن مەيدەمگە شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ، ماتېرىياللىرىمنى ئېلىپ ئۇ كىشىنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزغىلى بارغىنىمدا، ئۇ كىشى مېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك بىر تۈستە قۇبۇل قىلدى ھەمدە ئىنتايىن سوغۇق بىر تەلەپپۇزدا: «بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى-دە، يىغىن زالىغا كىرىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. يىغىن زالىنىڭ ھەيۋەتلىك ئىشىكى «پاق» قىلىپ يېپىلغاندىلا، ئۆزۈمنى چۈش كۆرگەندەك ھېس قىلدىم.

    ئۇ كۈنى مەن شۇ يىغىن زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، ئاق رەڭلىق تامغا قاراپ تۇرۇۋاتقىنىمدا، بۇ دۇنيادىن راستلا چاتاق چىققاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

    كېيىن بىر خىزمەتچى خادىم مېنىڭ يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، ئىنتايىن دوستانە بولمىغان بىر تەلەپپۇزدا: «ئۇ يەردە تۇرسىڭىز بولمايدۇ، بۇ، سىز تۇرىدىغان يەر ئەمەس. خىزمىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەي بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭ!» دېدى.

    مەن نەزىرىمنى ئىنتايىن ئاستا سۈرئەتتە ئۇنىڭ يۈزىگە ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن بىرنى كۈلۈپ قوياي دېدىميۇ، ئەمما پەقەتلا كۈلەلمىدىم.

     

    مانا بۇ ئىشلارغىمۇ يەتتە يىل بولۇپتۇ. ھازىر كىشىلەر مېنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر مېنىڭ كەسىپ ئۆزگەرتىشىمگە تەبرىك تىلەش مۇئامىلىلىرىنى تۇتىدۇ، ئەمما راستلا شۇنداق ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەر باركىن، ئۇلار قۇلاق تۈۋىمدە: «ۋوي، قانچە پارچە كىتاب يازدىڭ؟ نەشىر قىلدۇرغانلىرىڭ بولسا بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى»، «يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئادەممۇ خىزمەت قىلامدۇ؟ ئۆيۈڭدە ئارام ئالساڭ بولمامدۇ؟»، «سىزچە مۇشۇ يېزىقچىلىق قىلىش توغرا ئىشمۇ؟»، «ئۆزىڭىز يازغان نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتى بار، دەپ قارامسىز؟»، «جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلەمسىز مۇشۇنداق قىلىپ؟»، «ھەي، مۇشۇ يېزىقچىلىق قىلىمەن دېگەن كىشىلەر قورسىقى تويۇپ قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قالغانلارمىكىن، دەيمەن جۇمۇ».... دېيىشىدۇ.

    مەن دائىم مۇنداق ئويلايمەن، بەلكىم بۇ دۇنيادىكى بەزى ئىشلارغا بىزنىڭ ھەقىقەتەن ئامالىمىز يوق، چارىسىز بولۇشىمىز مۇمكىن، خۇددى مۇشۇ ئەھمىيىتى بار ياكى ئەھمىيىتى يوق دېگەندەك ئېغۋالارغا ئوخشاش، ئۇلار قەلبىمىزگە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلىپ كەتكەن بولىدىكەن. مەيلى نەچچىلىك ۋاقىت ئۆتسۇن، مەيلى ئىنسانىيەتتە قانچىلىك ئۆزگۈرۈش بولسۇن، ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ كەيپىياتنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايدىكەن، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا تېرىلغان شۇ ئۇرۇق، بىخ ئۇرۇپ يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولىدىكەن.

    مۇنداق ئېغۋالارغا قارىتا مېنىڭ پوزىتسىيەم:  ئىشىڭنى قىل!

     

    ھېلىقى كۈنى مەن شۇنداق قىلىپ ئۇ مۇدىر بىلەن قايتا كۆرۈشەلمىدىم، ھېلىقى مۇز چىراي خادىمنىڭ سىلكىشلىرى ئارىسىدا ئېغىر بەدىنىمنى تەسلىك بىلەن كۆتۈرۈپ، پەلەمپەيدىن چۈشتۈم، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يوغان ئەينەكلىك دەرۋازىسىنى تەسلىك بىلەن ئىتتىرىپ، سوغۇق شامال بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم، قارىغاندا يەنە يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلاتتى.

    ئاسماندا تۈركۈم-تۈركۈم يامغۇرلۇق قارا بۇلۇتلار ئۆز-ئارا قوشۇلىۋاتاتتى. خۇددى كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قاتتىق بىر قارا يامغۇر ياغدۇرىدىغاندەك قىلاتتى. خۇددى ئىچىگە يىغىلىپ قالغان بارلىق دەردلىرىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا بىراقلا تۆكمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.

    كېيىن، مېنىڭ باشلىقىم دېرىكتور ئەپەندى، ھېلىقى مۇدىر باشلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم بىللە تاماق يېدى، ئاندىن ئىككەيلەن مۆرىدىلىشىپ تۇرۇپ، بىر داڭلىق يۇيۇنۇش مەركىزىگە كىرىپ كەتتى. باشلىقىم ئىمزا قويۇلغان ھۆججەتنى ئالدىمغا كۈچ بىلەن تاشلاپ، مېنىڭدە ئىش بېجىرىش قابىلىيىتى دېگەن نەرسىنىڭ يوقلىقىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەندە، مەن راستلا بۇ دۇنيانىڭ قەيىرىدىن، ئىشقىلىپ بىر يېرىدىن چاتاق چىققاندەك ھېس قىلدىم.

    ئۇ كۈنى مەن ئىشخانىدا تاڭ يورۇغىچە خىزمەت قىلىپ، ھېلىقى ئۆزگەرتىپ كېلىڭ دېگەن نەرسىلەرنى بىر-بىرلەپ ئۆزگەرتتىم. تاڭ سەھەردە سۈكۈتكە تولغان ئىشخانىدا پەقەت پىرېنتېر ماشىنىسىنىڭ جىرت-جىرت قىلغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. شۇ پەيتتە مەن ئۆزۈمنى ماكان، زامان چەكلىمىسى يوق بىريەردە تۇرۇرۇۋاتقاندەك، ئشىخانىدىكى «مەن»نىڭ ھەقىقىي ئۆزۈم ئەمەستەك ھېس قىلدىم.

    خۇددى، قۇياش ئاستىدا تۇرۇپمۇ سايىسى چىقمىغان ئادەمدەك تەشۋىشلىنىپ كەتتىم.

    مەن راستلا باشقىلارغا يەتمەمدىم؟ مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىغاندىمەن؟  مەن ئىزچىل ھالدا ئۆزۈمدىن مۇشۇنداق سوراپ كېلىۋاتىمەن. خۇددى ئاسمان-پەلەك جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىدەك، ھەردائىم ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەلدىم. مەن مانا مۇشۇنداق توختاۋسىز ئۆزۈمنى ئەيىبلەشلەر ئارقىسىدا، بۇنىڭ جاۋابىغا تۇيۇقسىز ئېرىشىپ قالدىم. ئەسلى بۇ ئەسلىنى يوقاتقان دۇنيادا، پەقەت تىرىشىشلا كۇپايە قىلمايدىكەن.

    ئىشلارنى بۇنچە ئېنىق چۈشىنەلىگەن ئۆزۈم، ھەقىچان ھەقىقىي مەن ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ ياكى ئۆزۈم كەمسىتىدىغان «مەن»نىڭ قارشى تەرىپىگە مېڭىۋېرىپ، چىرىكلىككە تولغان شۇ كىشىلىك مۇناسىۋەت دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كېتىۋاتقاندا مېنى بىرەرسى تارتىۋالمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟

     

    يامغۇر تامچىشقا باشلىدى. توك-توك قىلىپ يەرگە چۈشۈپ، ئاخىرى سۇ ئېقىنلىرىنى ھاسىل قىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار مەن-سەن دېيىشمەي بىرلىشىپ كېتىپ، يەنە بىر قېتىملىق قۇياش نۇرىنىڭ ئۇلارنى ئېگىز ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈشتى. ئاسماندا ئۇلار يەنە شۇنداق ئىنتايىن ئاستا-ئاستا يىغىلىپ، يەنە بىر يامغۇرغا تەشنا يەرلەرگە سىڭىشنى ئارزۇ قىلىشتى.

    ئەمما كېيىن تۇيۇقسىزلا قار يېغىپ كەتتى، بىزنىڭ بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى كىشىلەردەكلا ئۆزگىرىشچان. 5-ئاي بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، قار ياغقۇسى كەلسە يېغىۋېرىدۇ. ئەمما سوغۇق ھاۋا ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ ھەم ئىلگىرىكىدەك قاتتىق بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن قىشلىق قېلىن چاپىنىمنى كىيىۋالدىم.

    مەن تىترەپ-مۇزلاپ تۇرۇپ، ھېلىقى باشلىقنىڭ يېنىغا ھۆججەتكە ئىمزا قويغۇزغىلى بارغان چاغدا، ئاسماندا ئىككى قاتا ئايالدەك بولۇپ قالغان قارا بولۇتلار، ئىنتايىن ئاستا ھەر تەرەپلەرگە سۈرۈلۈپ كېتىپ باراتتى. مەن ئۇ بۇلۇتلارنى يامغۇرلۇق قارا بۇلۇت دەپ ئاتاشتىن باشقا، مۇۋاپىقراق سۆز تاپالمىدىم.

     ــــــــ ئەسلىدە ئۇ بۇلۇتلار تېخىمۇ سوغۇق، تېخىمۇ قاتتىق نەرسىلەر ياغدۇرالايدىكەن، ئۇلار پەقەت پەردازلىنىپلا گۈزەل ھېسلارغا تولغاندەك كۆرۈنىۋالىدىكەن.

    دەل ئەنە شۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇرلار مېنىڭ دۇنيايىمدا ئاز-ئازدىن توپلىنىپ، ئۆزىدىكى ئاتالمىش ئاق رەڭ بىلەن، مېنىڭ بىغۇبار ئاق رەڭلىك مەزگىلىمنى يۇتۇپ تاشلاپ، ماڭا چەكسىز كەتكەن قارلىق دالىدا، ھاياتلىقنىڭ قىروۋلىرىنى تېتىتقۇزىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يۈرۈگۈمدە مەڭگۈ ئۆتۈپ كەتمەيدىغان، تاڭ ئاتمايدىغان قىشنىڭ سوغۇق كېچىسى ساقلىنىپ قالىدىكەن. بۇ سوغۇق جان-جېنىدىن ئۆتىدىكەن. دۇنيا بىر مۇز ئۆڭكۈرىگە ئوخشاش، ساڭا ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق، سېنىڭ غەلبە قىلىشتىن بۇرۇنقى جەريانىڭغا ھېچكىمنى قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدىكەن.

    مەن يەنە بىر قېتىم قايتۇرۇپ بېرىلگەن شۇ ماتېرىيال-ھۆججەتلەرنى قۇچاقلاپ، ماشىنا ساقلاۋاتقىنىمدا، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىنمۇ ئېگىزلىكتىكى يولىدا ھۆكىرەپ مېڭىۋاتقان پويىزنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، ئاسماندا يەنىلا ھەممە يەرلەردە قاناتلىرىنى كېرىپ يامغۇرلۇق قارا بولۇپ تۇراتتى.

    پويىز شۇنداق گۈرۈلدىگىنىچە كۆز ئالدىمدىن يۈتتى، شۇ پەيتتە پويىزنىڭ مېنىمۇ بىللە شۇ بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدىم.

    (گۈليارە تۇرسۇن خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2012-4-20 13:41:38
    تەھرىر : yusran
    باھا : 0 كۆزىتىش : 184
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证